يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1340|ئىنكاس: 42

ئاينۇرى:گۈزەل قاراماي

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
گۈزەل قاراماي

11.jpg


تۇرنىسا رەھىم ئاينۇرى


سېلىمنىڭ سۆيگۈسى بىخلىغان ماكان،
سېلىمنىڭ ئىزىدىن كۆكلىگەن ئورمان،
باغرىڭ بىر مۆجىزە، قۇرىماس زەر كان،
سېھىرلىك جاھان سەن، گۈزەل قاراماي.

ئەزمەتنىڭ ئەجرىدىن قۇرۇلغان شەھەر،
ئىشچاننىڭ تەرىدە گۈللىگەن شەھەر.
ئاھ بۈگۈن قوينىدا گۈل-چىمەن شەھەر.
مېھىرلىك ئانام سەن، گۈزەل قاراماي.

ئاسمانغا تاقاشقان ھەيۋەت بىنالار،
شاۋقۇنلاپ ئاقماقتا كۈمۈش دەريالار،
قوينىڭغا يىغىلغان ئاقىل، دانالار،
سۆيۈملۈك ماكان سەن، گۈزەل قاراماي.

بۇلدۇقلاپ تۇرىدۇ نېفىتلىك بۇلاق،
گۈلزارغا ئايلاندى چىلانرەڭ تۇپراق،
ياشايمىز شادىمان، بەختىيار، ئىناق،
مېھرىبان ئانام سەن، گۈزەل قاراماي.

تورلاشقان باغرىڭدا ئاسفالېت يوللار،
مېھرىڭدە چىگىلگەن ناتونۇش دىللار.
شەنىڭگە مەدھىيە ئوقۇيدۇ يىللار،
يېتىلگەن قىران سەن، گۈزەل قاراماي.

باغچىدەك گۈزەلدۇر مەھەللەڭ سېنىڭ،
ئىپتىخار، غورۇردىن ئۇرغۇيدۇ قېنىڭ،
داۋانلار ئاشقاندا ئىگىلمەس بىلىڭ،
ئەزىمەت ئوغلان سەن گۈزەل قاراماي.

تاۋلانغان ئۇزۇن يىل يۇلغۇن روھىدا،
چۆللەرنى بوستان قىپ ئىشچان قولىدا،
كۈرەشكە ئاتلاندىڭ بېيىش يولىدا،
تۈگۈمەس ئارمان سەن، گۈزەل قاراماي.

چۆللەرنىڭ كۆكسىدە ئېچىلغان گۈلسەن،
ئىناقلىق ئۆملۈكتىن ياڭرىغان كۈيسەن.
تۆت پەسىل باھاردەك ئىللىق سەن ۋەتەن،
باغرى كەڭ، ئەزىزان گۈزەل قاراماي.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-1-15 11:14:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپ ئىسىل بېزەپسىزغۇ ! قارماينى كۆرگەندەك بولدۇم

ۋاقتى: 2014-1-15 11:15:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارماي شەھىرى ھەقىقەتەنمۇ  چىرايلىق  ، سىزمۇ ياخشى تەسۋىرلەپسىز

ۋاقتى: 2014-1-15 13:29:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىقىپتۇ، ھارمىغايسىز سىڭلىم...

ۋاقتى: 2014-1-15 15:11:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئېسىل سۇرەتتەك چىقىپتۇ بۇ شېئىر،
قارىماي ھۆسنىنى بىزەپ تۇرغاندەك.
شۇ گۈزەل شەھەرنىڭ بوستانلىرىدا،
تۇلۇنئاي نۇرلىرى كۈلۈپ تۇرغاندەك...!

ياقتى...تىتىملىق چىقىپتۇ...تەشەككۈر...!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-15 15:25:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازمىللىرىمنى ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ ئوقۇغان يەنە ئىنكاسلىرى بىلەن ئاينۇرىغا مەدەت بەرگەن ئەزىزلەرگە رەھمەت.

ۋاقتى: 2014-1-15 18:51:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىمايغا بارغۇم كەلدى شېئىرىڭىزنى ئوقۇپ ھەدە.
ئىلھاملىرىڭىز قانات قاقسۇن!

ۋاقتى: 2014-1-15 19:14:09 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‏باغرىڭ كەڭ ئەزىزان گۈزەل قارىماي،
‏قوينۇڭدا  كۆكلىدىم ئەي ئانا يۇرتۇم.
‏چۆللەرنىڭ كانىدا ئالتۇن قازىمەن ،
تاۋلاندىم سەندە مەن كۈلۈپ ‏چوڭ بولدۇم      ،
‏   

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-15 23:07:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەرگىيە يوللىغان ۋاقتى  2014-1-15 18:51
قارىمايغا بارغۇم كەلدى شېئىرىڭىزنى ئوقۇپ ھەدە.
ئىلھام ...

سىڭلىم بەرگىيەگە سالام. ئۇزۇن بولدى ئالاقىلىشىپ بولالمىدۇق.

يازمامنى ياقتۇرغانلىقىڭىزدىن خۇش بولدۇم. پۇرسەت بولسا قارامايغا، مايتاغقا كېلىپ كۆرۈپ، ئويناپ كېتىڭ. ئالدىڭىزغا چىقىمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-15 23:09:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەينەك يوللىغان ۋاقتى  2014-1-15 19:14
‏باغرىڭ كەڭ ئەزىزان گۈزەل قارىماي،
‏قوينۇڭدا  كۆكلىدى ...

سالام. يۇرت سۆيگۈسىدىن تۇغۇلغان ئىلھاملىرىڭىزدىن يېزىلغان مىسرالىرىڭىزغا تەشەككۈر.

ۋاقتى: 2014-1-16 01:06:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يىل يازدا چوقۇم بارىمەن ئاللاھ خالىسا ...بەك يىقىشلىق شېئىر بوپتۇ  زوق ئالدىم

ۋاقتى: 2014-1-16 02:59:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                                                             گۈزەل قارىماي

                                                      تۇرنىسا رەھىم ئاينۇرى

                                           سېلىمنىڭ سۆيگۈسى بىخلىغان ماكان،
                                           سېلىمنىڭ ئېزىدىن كۆكلىگەن ئورمان.
                                           باغرىڭدۇر مۆجىزە تۈگىمەس زەر كان،
                                           سىھىرلىك جاھان سەن،گۈزەل قارىماي.

                                           ئەزمەتنىڭ ئەجىردىن قۇرۇلغان شەھەر،
                                           ئىشچاننىڭ تەرىدىن گۈللەنگەن شەھەر.
                                           ئىھ بۈگۈن قوينىڭدا گۈل چىمەن شەھەر،
                                           مىھىرلىك ئانامسەن،گۈزەل قارىماي.


ئاينۇرى خانىم مەن مۇشۇنچىلىك تۈزتىپ باقاي بەزى تەرەپلىرىگە يەنە بىر قاراپ باقسىڭىز..

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-16 08:32:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنەۋۋەر ئابدۇق يوللىغان ۋاقتى  2014-1-16 01:06
بۇ يىل يازدا چوقۇم بارىمەن ئاللاھ خالىسا ...بەك يىقىشلى ...

خۇش كەپسىز مۇنەۋۋەر. يازمامنى ياقتۇرغانلىقىڭىزغا رەخمەت. كۆرۈشكىچە ئامان بولۇڭ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-16 08:33:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا.م.كارۋانى يوللىغان ۋاقتى  2014-1-16 02:59
گۈزەل قارىماي

            ...

رەھمەت سىزگە كارۋانى. شېئىرغا چۆكۈپ ئوقۇپ نوخسانلىرىنى تۈزەپ چىقىپسىز. خۇش بولسۇم. ئەجرىڭىزگە يەنە بىر قېتىم تەشەككۈر.

ۋاقتى: 2014-1-16 23:19:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۈن ! تەكرار گەپلەرنى تۇزەتسىڭىزلا  ئىدىيەدە چاتاق يۇق !..

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش