كۆرۈش: 2573|ئىنكاس: 14

ئابلىكىم ھەسەن: زەيتۇنەنىڭ ئالمىسى (ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1502
يازما سانى: 392
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2303
تۆھپە : 0
توردا: 186
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-3

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-12 14:38:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

زەيتۇنەنىڭ ئالمىسى

ئابلىكىم ھەسەن




ئارامبەخش كۈن ئاپتىپى. ‹‹ئەتىيازنىڭ ئاپتىپىغا كېلىنىڭنى سال،كۈز ئاپتىپىغا قىزىڭنى سال›› دەپ بىكارغا ئېيتىمىغاندە.ئاپتاپ ئەتسىز بوش تېرىلەردىن ئۆتۈپ مۇز سوغۇق سۆڭەكلەرنى ئىللىتىدۇ .كۈزنىڭ ئاپتىپىدا كۆزلەرگە شۇنداق شېرىن ئۇيقۇ كېلىدۇكى ، ئۆزۇڭنى بۆشۈكتە ياتقان ئەللەيدەك سېزىسەن،يىللارسىرى يىغىلغان كونا دەردلەر بىردەم بولسىمۇ مۈگدەك جانغا ئارام بېرىدۇ .زەيتۇنە ھاجىم ئېتىكىدە پۇشۇلداپ ياتقان تۇمارخاننى سىلاپ پىشايۋاندا مۈگدەپ قالدى .بىر چاغدا ئۇنىڭ يەنە بىر قولىدىكى تەسۋى بارماقلىرىدىن سىيرىلىپ چۈشتى .زەيتۇنە ھاجىم بۇنى تۇيۇپ كۆزىنى ئاچتى:
ـ قوپۇڭە تۇمارخان ،شەيتان بىزنى ئازغاشتۇرۇپتۇ.پېشىن ۋاقتى ئۆتۈپ كېتەي دەپتۇغۇ.
زەيتۇنە ھاجىمنىڭ ئېتىكىدىكى مۇشۈك موماينىڭ گېپىنى چۈشەنگەندەك ،دەرھال تېتىكلىشىپ ئېتەكتىن چۈشتى-دە،جوزا ئاستىغا يۆتكەلدى ،ئاندىن مۇلايىم كۆزلىرى بىلەن موماينىڭ ھەركىتىگە سەپسالدى .زەيتۇنە ھاجىم ‹‹ئاللا ئىگەم ئۆزۈڭ بار›› دەپ بىر ئۇھ تارتىۋالدى- دە،سۇپىدىكى كۆرپىسى مايلىشىپ ياغىچى بىلەن ئوخشاش رەڭگە كىرىپ كېلىپ قالغان كىچىك ئورۇندۇقنى ئالدى. بۇ ئورۇندۇكنى موماينىڭ تۇن ئوغلى يەتتە –سەككىز ياشلىرىدا ياساپ ئاپىسىغا ئەكىلىپ بەرگەنىدى. زەيتۇنە ھاجىمنىڭ ھاياتىدا ئەڭ خۇش بولغان ئۇنتۇلماس ئىشلارنىڭ بىرى مۇشۇ ئىدى. ‹‹جېنىم بالام ،جېنىم بالام ،ئورۇندۇق ياسىغان مۇشۇ قوللىرىڭدا جەننەتنىڭ ئىشىكىنى ئاچارسەن بالام .مۇشۇ قوللىرىڭدا تاشنى تۇتساڭ ئالتۇنغا ئايلانسۇن بالام ››دەپ ئوغلىنىڭ بۇدرۇق قوللىرىغا سۆيۇپ كەتكەن ئانا ،تا ھازىرغىچە بۇ ئىش ئىسىگە كەلگەندە سۆزلەپ تۇرىدۇ .‹‹ياغاچچىلىققا شاگىرتلىققا كىرىپ ئەتىسى ئورۇندۇق ياساپ كەپتىكەن ،كۆيۈملۈك بالا دېگەن كىچىكىدىن بولىدىكەن ...››
تۇن ئوغلى ئانىنىڭ دۇئاسىنى كۆپ ئالغاچقىمۇ ،رىزىقى قىرىنداشلىرىدىن كەڭ بولدى.ئايرىم قورۇ-جاي ئېلىپ ،ئاستى-ئۈستى تاختايلىق ،ئۆگزىلىرى قاڭالتىرلىق ئۆيلەرنى سالدى .ئىنىلىرىنى ئۆيلىدى ! يۆلىدى. ئاپىسىنى ئېلىپ ھەج قىلدۇردى.زەيتۇنە ھاجىم ئورۇندۇقنى قولتۇقلاپ پىشايۋان سۇپىسىدىكى چۆگۈننى ئالغىلى باردى. ئۇ چۆگۈنگە قول تەگگۈزۈپ :
ـ سۇ ئىللىپ قاپتۇ. ئاپتاپتا ئىللىغان سۇ ئادەمنى ئاق كىسەل قىلىدۇ،-دېدى-دە،قولتۇقىدىكى ئورۇندۇقنى پىشايۋانغا قويۇپ قويۇپ،چۆگۈندىكى سۇنى تۆكۈۋەتكىلى ماڭدى.
ـ تۇمارخان، خۇدايىم جەننەتنىڭ ئىشىكىنى ئاچقان چاغلار مۇشۇ. قارىغىنا، جاھان نىمە دېگەن مەززىلىك پۇراپ كەتكەن. ھەممە مېۋىلەر پىشىپ مەي بولۇپتۇ.يايلاقتا قويلار سەمرىدى.قوزىلار توقلا بولدى. سەھرادىن شەگە ھارۋا-ھارۋىلاپ تاۋۇز، قوغۇن، كاۋىلار كىرىۋاتىدۇ. ئاللاھنىڭ قۇدرىتى بىلەن، چۆمۈلە چاشقانلارمۇ قىشنىڭ ئوزۇقىنى مۇشۇ پەسىلدە توپلىۋالىدۇ. ‹‹بىر خار بولغان بىر ئەزىز بوپتۇ››دەپ سەھرالىقلارنىڭ دۈمبىسى ئاپتاپ كۆرىدىغان چاغلار مۇشۇ.
زەيتۇنە ھاجىم باراڭ ئاستىدىكى يازلىق چايخانىسىدىن ئۆتۈپ، باغقا باشلايدىغان يالغۇز ئاياغ خىشلىق يولغا ئەگىلدى. تار يولنىڭ ئىككى يېقى ياغاچ پەنجىر بىلەن قاشالانغان، يېشىل قاشانىڭ ئۇ تەرىپىدە ناماز شام گۈللىرى، پەستە بولسا ناماز شام گۈلنىڭ ئۇرۇقلىرى كۆز مۇنچاقتەك چېچىلىپ تۇراتتى.
يەڭگىل شامال ئابدىمىلىك يوپۇرمىقىنى تەۋرىتىپ رەڭلىك شولا جۇلالىناتتى. زەيتۇنە ھاجىم ئالدىنى توسقان ئۆمۈچۈك تورىنى بۇزىۋەتمەسلىك ئۈچۈن يەرگە ئېڭىشتى.ئەسلىدىنلا ئىگېلىپ قالغان قەددى بۇ ۋاقىتتا يادەك ئېگىلىپ يىقىلىپ چۈشكىلى تاسلا قالدى.ئالدىغا چوڭ بىر قەدەم تەمتىلەپ توختىدى.
چۆگۈن جوغىسىدىن تاشقان سۇ خىش يۈزىدە ئەكىس ئىتەتتى. زەيتۇنەھاجىم ئوغۇللىرىنى‹‹جۈ-جۈم-جۈ-جۈم!››دەپ توسقان قاۋۇل چاغلارنى ئويلاپ يۈرىكى سوقتى.ئۇنىڭ ئاجىز بىر ئۆمۈرلۈك سۆيۈنۈش ۋە قېرىلىق مۇڭى دەقىقە ئىچىدە تەسىر قىلغانىدى.بۇ تەسىر چاقماقنىڭ چېقىلىشىدەك تېز پەيدا بولۇپ،يەنە شۇنداق تېز تاراپ كەتتى.چۈنكى،بۇنداق كەچمىش قايسى ئىنسان بالىسىنىڭ بېشىدا يوق ھە.زەيتۇنە ھاجىممۇ قىرىلىقىغا تەن بېرىپ ئامانىتىنى ئاغرىق-سىلاقسز،ئاسان تاپشۇرۇشنىلا ئويلايتتى.زەيتۇنە ھاجىم قېرى ئاپۇرت دەرىخى تۈۋىگە كەلدى. ئاپۇرت ئۇچىدىن قۇرۇشقا باشلىغانىدى. شۇنداقتىمۇ،مېۋە بېرىشتىن قالمىغان.پىيالىدەك ئالمىلار باش ئۈستىدە كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى.زەيتۇنە ھاجىم چۆگۈندىكى سۇنى‹‹بىسمىللا ››دەپ دەرەخ تۈۋىگە قۇيدى.رەھمەتلىك ئىرى كەنجى بالىسىغا قەۋەتلا ئامراق ئىدى.‹‹دادامغا ئوخشايدۇ بۇ بالام ،دادامدەك پۇشۇلداپ ئۇخلايدۇ ››دەپ پۇراپ كېتەتتى.باشقا باللىرىنى قولىغا ئېلىپ كۆتۈرۈپمۇ قويمايدىغان بۇ تاش يۈرەك ئادەم،كەنجى بالىسىنى توسۇپ،ئەۋرىتىنى يۇيۇپ قوياتتى. توسقاندا،ئاتنى سۇغارغاندەك ئسقىرتاتتى...چۆگۈندىكى سۇ قۇيۇلۇپ تۈگىگەچ، چۆگۈن ئاغزى يەرگە چۈشۈپ كەتتى ۋە تىرىقشىپ موماينى خىيالىدىن ئويغاتتى. ئامراق مۈشۈكى تۇمارخان دەرەخ تۈۋىگە سىڭىشكە ئۈلگۈرمىگەن سۇدىن يالاپ ئىچىۋاتاتتى.
ـ ھەي تۇمارخان،ھەي تۇمارخان،توپىلاڭدىن توغاچ ئوغۇرلايدىغان تۇمارخان.بۇ ئالمىمۇ ماڭا ئوخشاش بىر موماي ،موماينىڭ نېسىۋىسىگە چاڭ سالغىنىڭ نېمىسى ھە.ئېرىقتا سۇ بارتىغۇ،ـ زەيتۇنە ھاجىم مۈشۈكىگە كۈلۈپ كەتتى ،-سېنىڭ دېگەن يەتتە جېنىڭ بار.دەرەخ دېگەننىڭ جېنى ئارانلا تۇرىدۇ. ھېلىمۇ بۇ ئاپۇرت باشقىلارنىڭكىدىن ئۇزاق ياشىدى.بۇ مەھەللىدە ئاپۇرتتىن مۇشۇ بىر تۈپلا قالدى قالدى.نېمە بولدىككىنتاڭ ،ئەرچۈزىدىن باشقا ئالمىلار يوقاپ كەتتغۇ.لېمۇن ،ستولۋوي ،ئاق ئالما،چاي ئالما،قاپاق ئالما ،قۇم ئالما، ھۈسەيىن ئالما،مەشرەپ ئالمىسى ،سارىم ئالما،ئاپۇرتلارنىڭ بەرى يوق.شەھەردىكى بۇرۇنقى باغلارنىڭ مېۋە كۆچەتلىرى پولات تاۋلاشتا قالايمىز دەپ كېسىپ ۋەيران قىلىندى.ئۆينىڭ ئۆگزىسىنى ئېچىپ قالىمىغان چەنزە بىلەن لىم قالمىدى.ھاشىم باينىڭ بېغى شۇ ۋاقىتتا يوقالغان.ھازىر يېزىلاردا باغ بولغان بىلەن ۋاي دېگۈدەك ئالمىسى يوق.تۈن بالام بازارغا ئاپىراي دېسە ئۇنىمايمەن. قارا جاھان توخۇ كاتىكىدەك تارلىشىپ كېتىپتۇ.ھەممە يەر سېسىقچىلىق.
زەيتۇنە ھاجىم مۇشۇنداق مۈشۈكىگە ئىرىنمەي پاراڭ قىلىپ بېرەتتى. شۇڭىمۇ، خەقلەر ئۇنى ئالجىپ قاپتۇ دېيىشەتتى.ئەمما، زەيتۇنە ھاجىمنىڭ بۇنىڭ بىلەن پەرۋايى پەلەك. ئۇ قېرىغانسىرى باشقا جان –جانىۋارلارنىڭ ئادەمگە پۈتۈنلەي ئوخشايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەنىدى.ئۇ قويلارغا ،گۈللەرگە، پىشايۋان تورۇسىدىكى قارلىغاچ،كۆك كەپتەرلەرگە گەپ قىلاتتى.مەھەللە، بەلكىم شەھەر بويىچە بۇ ھويلىدا جانىۋارلار ئەڭ كۆپ بولسا كېرەك. بىر كۈنى كەنجى ئوغلى ھويلىغا ئۈنۈپ قالغان قارا ياغاچ كۆچىتىنى يۇلىۋەتمەكچى بولىۋېدى،موماي يۇلغىلى قويمىدى.
ـ ئاپا ھويلىغا قارا ياغاچ ئۈنسە جۇت باسىدۇ.
ـ توۋا دە بالام،ئۇنداق كىگىز كىتاپلارغا ئىشەنمە.
ـ قارا ياغاچ دېگەن جىننىڭ ئۇۋىسى .ئەتە ئۆگۈن بالىلار ھويلىغا ئېگىز- پەس سىيىپ قويسا،جىنىنىڭ قارغىشىدا پالەچ بولۇپ قالسا مەيلىما؟!
ـ بۇ قورۇ بارغۇ بالام ،ئەسلى قارا ياغاچلىق. داداڭ رەھمەتلىك قارا ياغاچلارنى كېسۋىتىپ ئۆي قىلغان .ئۈنگەن بولسا شۇ قارا ياغاچنىڭ بالا-ۋاقىلرى ئۈنۈپتۇ.ئۆزىنىڭ يىرى بۇ ئۇلارنىڭ. كەچتە بالىلارنى ‹‹بىسمىللاھى رەھمانىر رەھىم پوش-پوش ››دەپ تەرەت سۇندۇرسا بولىۋىرىدۇ. بىر دەرەخ تىكسەڭ بىر ساۋاپ . خۇدايىم جەننەتنىمۇ باغ قىلىپ ياراتقانلىقى يىشىللىقىنىڭ ئۇلۇغلىقىدىن.ئۈنگەن دەرەخنى كەسسەڭ گۇناھ بالام .زەيتۇنە ھاجىم چۆگۈننىڭ ئاغزىنى يېپىۋاتقاندا،ئويلىمىغان بىر ئىش يۈز بەردى . بىر دانە ئالما دەل ئېتىكىگە چۈشتى. ئاپۇرت ئالا يېرى يوق چوغدەك قىزىل ئىدى.تۈۋىدە قۇرت كىرگەن ھېچقانداق ئىزمۇ يوق ئىدى.زەيتۇنە ھاجىم ئالمىنى ئېلىپ پۇرىۋىدى ،يۈرىكى ياشىرىپ ئېغىزىغا سۇ يىغىلدى.
ـ كۆردۈڭمۇ،تۇمارخان.ئاپۇرتنىڭ  مېنىڭ تۆككەن سۈيۈمگە رەھمەت ئېيتىپ مېۋە تاشلاپ بەرگىنىنى قارا.
زەيتۇنە ھاجىم پېشىن نامىزىنىڭ قازا بولۇپ كېتىشىنىمۇ ئۇنتۇپ ئالمىنى قاماللىغىنىچە ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ كەتتى...
زەيتۇنە ھاجىم بويىغا يېتىپ قالغان چاغلىرىدا مەھللە سىرتىدىكى ھاشىم باينىڭ بېغى ھەدەپ مەيلىنى تارتاتتى.   باغدىن كېچىلىرى كاككۇك ئۈنى كېلىپ ئۇنى قانات قېقىشقا، يىراق –يىراقلارغا پەرۋاز قىلىشقا چاقىرسا، تۈندىكى بۇلبۇل ناۋاسى بىر يۈرەكنىڭ ئۆزى ئۈچۈن كۆيۈپ پۇچىلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئەسكە ئالاتتى.
ئەنجان تاملىق بۇ چوڭ باغ ھېكىمبەگنىڭ روشەنباغ ۋە گۈلشەنباغلىرىدەك داڭقى بار ئىدى. بولۇپمۇ مېۋىلىرى ئەلنىڭ ئاغزىدا بىر ئىدى. ھېكىمبەگ ئوردىسىدىكىلەر ،شەنگەن يامۇلىدىكىلەر ،تۈمەن تېرىنى چەتكە ماڭغۇزىدىغان بايلار، ئۆلىما، موللا دېگەندەك ئەيتاۋۇر كاتتىلار يازدا بۇ يەردە  نەچچە رەت سورۇن تۈزىشەتتى.بۇ باغقا ئەڭ كۆپ كېلىدىغانلار بەرنا يىگىتلەر ئىدى. ئۇلار قەيەرلەردىن ئۆگىنىۋالدىكىن، قىزلارنىڭ يۈرىكىنى شامدەك ئېرىتىۋېتىدىغان ناخشىلارنى توۋلاپ باغنى تېخىمۇ يېقىملىق قىلىۋېتەتتى.
        زەيتۇنە توننى كىيىۋەي،
        بۇ يۈرەككە ئوت سېلىپ.
        ئۇز ئېچىلغان غۇنچىدەگەي،
        ئۆرگىلەي، ۋاي،
        كۆزى خۇمارىم كېلىدۇ.
زەيتۇنە دوستلىرى بىلەن ئېتىكىگە ئالما تولدۇرۇپ باغدىن چىقىۋاتقاندا ،يۇمۇلاق سورۇن تۈزۈشكەن يىگىتلەر ئارىسىدىن بۇ ناخشا قۇلىقىغا ئاڭلاندى. دوستلىرى:
ـ زەيتۇنە، قارا سېنى ناخشا قىلىپ ئېيتىۋاتىدۇ،ـ دېيىشىپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىشتى.
قىزلارنىڭ كۈلكىسى ئاڭلانغاچقا، سازەندىلەر سازىنى،غەزەلخان ناخشىسىنى توختىتىپ دەرھال قىزلار تەرەپكە بويۇنداشتى. يىگىتلەرنىڭ تەشنا كۆزلىرى قىزلارنى قورشىۋالغاندەك قىزلار ئورنىدىن قوزغىلالماي قېلىشتى.
ـ ھۆرمەتلىك توققۇز قىز،- دېدى بىر يىگىت ئورنىدىن تۇرۇپ قىزلارغا قاراپ قولىنى كۆكسىگە قويۇپ،-بىيىت ئېيتىشقىڭلار بولسا، غورىگۈل سورۇنىمىزغا مەرھەمەت قىلساڭلار.
قىزلارنىڭ ئارىسىدا مىجەزى ئوغۇل بالىدەك بېلىقىز ئىسىملىك بىرەيلەن:
ـ قىزلار ئۇ يەرگە بىرىشتىن خىجىل بولىمىز.بىز ئاۋۇ تەرەپتىكى ئېرىق بويىدا ئولتۇرساق، بىزگە ناخشاڭلاردىن بىر نەچچىنى ئېيتىپ بەرسەڭلار،ـ دېدى.
ـ خوپ، بىجاندىل .
بېلىقىز قىزلارنى تارتىپ يۈرۈپ ئېرىق بويىغا ئولتۇرغۇزدى. قىزلار يىگىتلار تەرەپكە دۈمبىسىنى قىلىپ ئولتۇرۇشتى. قىز-يىگىتلەرنىڭ ئارىسى ئوتتۇز چامدامچە كەلسىمۇ، قىزلارنىڭ  يۈزلىرى قىزىرىپ يەرگە قارىشىۋالغانىدى.
ـ خوش، قىزلار قايسى ناخشىنى ئاڭلايدىكىن؟- دەپ توۋلىدى تەمبۇر تۇتىۋالغان بىر يىگىت.
ـ زەيتۇنە دېگەن ناخشىنى!
قىزلار يەنە كۈلۈشتى. ئارقىدىنلا يىگىتلەرنىڭ كۈلكىسى ئاڭلاندى.زەيتۇنە قاچماقچى بولۇۋېدى،دوستلىرى تۇتىۋېلىشتى . بىردىن تەمبۇرنىڭ جاراڭلىق تارى چېكىلدى. ئاندىن دۇتار يېقىملىق تۆۋەن ئاۋاز بىلەن يانداشتى .ناخشا، گويا پەرىشتىدەك ئۆزگىچە خىسلەتكە ئىگە بەستىكارلارنىڭ كارامىتىدىن ھاسىل بولغان سېھىرلىك ناخشا قىزلارنىڭ تىنىقلىرىنى گاھ توختىتىپ، گاھ ئىتتىكلىتەتتى . زەيتۇنە ئۆزىنى كەڭ سۇ يۈزىدە لەيلەپ كېتىۋاتقاندك ھېس قىلاتتى. ئۇنىڭ چاچلىرىنى شامال ئوينايتتى. دولقۇنلار كۆكرىكىگە يەڭگىل ـ يەڭگىل ئۇرىلاتتى.
قىزلار قايتارىدا تەمبۇرچى يىگىت ئۇلارنىڭ قىشىغا كەلدى.
ـ ئەدەپسىزلىك بولسىمۇ سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ، ئاراڭلاردا قايسىڭلارنىڭ ئسمى زەيتۇنە؟
قىزلار زەيتۇنەگە قاراشتى. زەيتۇنەنىڭ دوستلىرىدىن پەرىقلىق چوڭ كۆكسى ئېغىر نەپەستە تەۋرىدى.
ـ ئەگەر موللا بىلال ئۆز غەزىلىدىكى مۇشۇ سۆزنى سىزنىڭ ئسمىڭىزدىن كۆرگەن بولسا، تېخىمۇ كاتتا داستان پۈتەر ئىكەن،ـ دېدى يىگىت .
ـ ئۇ كىشى بىر قىزنىڭ پىراقىدا دىۋانە بولۇپ كېتىپتىكەن،ـ دېدى بېلىقىز،ـ ھازىرقى زاماندا نەدىمۇ ئۇنداق ئىشلار بولسۇن .
يىگىت گەپ قايتۇرماي زەيتۇنەگە قارىدى.زەيتۇنەنىڭ پارقىراق قاشلىرى ئارىسىدىكى ئۇزۇن كىرپىكى يەرگە تىكىلگەن كۆزلىرىنى توسۇپ تۇراتتى. زەيتۇنە قىزلارنىڭ بېقىندىشىدىن بېشىنى كۆتۇردى-دە، بۇلاقتەك كۆزى ، چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزدەك بىر جۈپ كۆزنى كۆردى.
ئاشۇ جۈپ كۆز ،ھېلىقى ناخشا زەيتۇنەنى خۇددى بىرسى پىرقىرىتىپ تاشلىۋەتكەندەك تەڭپۇڭلىقىنى بۇزدى. كەچتە كۆزىنى يۇمسىلا ھېلىقى كۆزنى چېلىقتۇراتتى. شۇڭا كەچتە بالدۇرلا يېتىۋالاتتى¬ـ دە،كۆزىنى يۇمۇپ ئاشۇ كۆزنى ئىزدەيتتى.باغدىن كەلگەن كاككۇك ئۈنى ئەمدى ئۇنىڭغا شۇ يىگىتنىڭ ناخشىسىدەك ئاڭلىناتتى. ئۇ كاككۇكنىڭ نېمە ئۈچۈن بىر ئۆمۈر بىر سۆزنى زىكرى قىلىپ ئاخىرى قان قۇسۇپ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى، موللا بىلال دېگەن ئادەمنىڭ ئاشىقلىق كوچىسىدا نېمىشقا نامراتلىشىپ، خورلىنىپ، زارلىنىپ تونۇرلاردا، ئۆگزىلەردە، سىدە ئۈستىدە ياتقانلىقىنى بىلگەندەك بولدى. ئاياللارچۇ، ئاھ، ئەڭ ئۇۋالچىلىققا قالىدىغان ئايال! ئەرلەر سەۋدايى بولسا تىللاردا داستان بولۇپ، يىگىتلەرنىڭ ئېغىزىدىن چۈشمەيدىكەن، ئاياللارچۇ،نومۇس ئۇلارنى قان يۇتۇشقا مەجبۇرلايدىكەن. ئاياللارنىڭ ئىشىق ئازابى پىنھان ئازاپ ،تىنالمايدىغان ئازاپ ،شۇڭا ئاياللار ئاجىز يارىتىلغان ئىكەندە. ئۇ يىگىت زەيتۇنەنىڭ كوچىسىدىن تولا ئۆتتى. بازارلاردا ئەلگە بىلىندۈرمەي ئەگەشتى.پەقەت كۆزلەر ئۇچراشتى.
زەيتۇنە ئۆگزىگە ئالما قاقلىرىنى يېيىۋىتىپ ناخشا ئېيتىپ سالدى:
           ئات مىنىپ، كىمخاپ كىيىپ ،
           يار مېنى كۆيدۈرگىدەك.
           يۇقىرى- تۆۋەن مېڭىپ،
           قىيناپ مېنى ئۆلتۈرگىدەك،
ـ ھۇ ،سېنىڭ ناخشا ئىيتقان ئاغزىڭغا ،
ئاپىسى ئالدىدىكى چالمىنى قىزىغا ئاتتى.
ـ يۈزۈمىزنى تۆكۈپ نېمە شەرمەندىچىلىك ساڭا ! سېنىڭ ئىچىڭگە كىرگەن جىننى بىلمەيدۇ دەمسەن. ھېلى چاچلىرىڭنى يۇلۇپ داداڭنىڭ ئالدىغا داقىرىتىپ ئاپىرىمەن.
زەيتۇنەنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ شېرىن تۇيغۇلار شۇ كۈندىن باشلاپ ئەڭ قورقۇنۇچلۇق پەس ھېسلاردەك تۇيۇلۇشقا باشلاپ، روھى بىراقلا چۈشۈپ كەتتى. ئۇ ئاتا –ئانىسىنىڭ ئالدىدا يۈزىنى كۆتۈرەلمەيتتى.تۈنلىرى يىغلاپ چىقاتتى.‹‹دەرياغا ئۆزۈمنى تاشلىۋالسام ››دەپمۇ ئويلىدى تېخى.
شۇ يىلى كۈزدە زەيتۇنە تونۇرغا قالايدىغانغا غازاڭ يىغىش ئۈچۈن باغقا كىردى. باغ ئىچى ئۇنىڭغا تىمتاس ۋە سۆرۈن كۆرۈندى.ئۇ تاغارغا غازاڭ سېلىۋاتقاندا ئالدىغا  بىر ئاپۇرت ئالما توك قىلىپ چۈشتى. زەيتۇنە ئالمىنى چەتكە ئىتتىرۋېتىپ ئۆز ئىشى بىلەن ھەپىلىشىۋەردى. ئۇ تاغار ئاغزىنى بوغۇۋاتقاندا يەنە بىر ئالما ئالدىغا چۈشتى. زەيتۇنە پەرۋاسىز تاغارنى ئۆشنىسىگە ئارتتى.
          ئالمىلار پىشاي دەپتۇ،
          شاخ- شىخىدا مەي بولۇپ .
          يار مەندىن يامانلاپتۇ ئۆرگىلەي،
          بۇلۇت توسقان ئاي بولۇپ ،
زەيتۇنە ئەندىكىپ قارىدى .ھېلىقى تەمبۇرچى يىگىت ئالدىدىكى دەرەختىن سەكرەپ چۈشتى. زەيتۇنە قورقۇپ كەتتى. ئۇ قاچماقچى بولۇۋېدى يىگىتنىڭ قوپال قوللىرى بىلىكىدىن تۇتىۋالدى :
ـ زەيتۇنە ،كەتمەڭ.
يىگىت ئاپۇرت ئالمىدىن بىرنى زەيتۇنەگە تەڭلىدى.
ـ سىزگە ئەلچى كىرگۈزەي .
زەيتۇنە ئالمىنى قولىغا ئالدى، ئالدىيۇ ئۈن سېلىپ يىغلىغىنىچە پىرقىرىتىپ  يىراققا ئېتىۋەتتى- دە،تاغارنى تاشلاپ باغ دەرۋازىسىغا قاراپ يۈگۈردى.
كەچتە دوستى بېلىقىز تاغارنى باغدىن ئەكىلىپ بەردى. بېلىقىز زەيتۇنەنىڭ ئاپىسىغا :
ـ زەيتۇنەنى بىر بالا باغدا توسۇۋىلىپ تەڭ ئالما يەيلى دەپتۇ. ئۇكام كۆرۈپ قاپتۇ،ـ دەپ زەيتۇنەنى چېقىشتۇردى.
ئاشۇ كۈن تەمبۇرچى يىگىت ، زەيتۇنە ۋە زەيتۇنەنىڭ ئاتا – ئانىسى ئۈچۈن قاباھەتلىك بىر كۈن بوپ قالدى. دادىسى زەيتۇنەنى ئىشەك ساۋايدىغان تاياق بىلەن ئۇردى.
ـ جاھالىيەت دەۋرىدە قىزلارنى كىچىكىدە تىرىك كۆمۈۋىتىدىغان ئىشلار بايا توغرىكەن. ھۇ ھاياسىز ،چوشقا!...
دادىسىنىڭ ئاشۇ ھاقارىتىنى زەيتۇنە بىر ئۆمۈر ئۇنتۇيالمىدى.يىشى 70 كە تاقاشقاندىمۇ شۇ سۆز قۇلىقىدىن كەتمىدى...
زەيتۇنە ھاجىم ئىختىيارسىز ئالمىنى چىشلىدى.ئۇنىڭ ئالما يېمىگىنىگە ئۇزاق زامانلار بولغانىدى. چۈنكى ئۇنىڭ كوماك چىشلىرى ئالما يېسە قاماپ كېتەتتى. بىراق ئۇ ھازىر ئالمىنى تولىمۇ ھوزۇرلىنىپ يېدى. چىشلىرىمۇ ئاغرىمىدى. ئۇ ئالمىنڭ يېرىمىنى يەپ بولغاندا ،يىنىدىكى مۈشۈكى ھۈركۈپ قىچىپ كەتتى.
ـ تۇمارخان !
زەيتۇنە ھاجىم ئورنىدىن تۇرۇپ مۈشۈكنى توۋلىدى .مۈشۈك ئەنسىز مىياڭشىپ ئۆگزىگە قاچتى.زەيتۇنە ھاجىم مۈشۈكىگە قول  شىلتىيمەن دەپ قولغا كۆزى چۈشتى ـ دە ، گويا مۈشۈكىدەكلا قورقۇپ كەتتى:
ـ ۋاي ئاللا ،بۇ نىمە كارامەت ؟
زەيتۇنە ھاجىم ئۆزىگە قاراپ ۋارقىرىۋەتتى.چۈنكى ئۇ 50 يىل بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتىپ قالغانىدى. قولى يۈزى بەدىنى قولىدىكى ئالمىدەك سۈزۈك ئىدى.
زەيتۇنە ھاجىم بۇ دۇنيانىڭ مۆجىزىلىك دۇنيا ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتى.شۇڭا قەلبى ئىيتقۇسىز خۇشاللىققا چۆمدى . ئۇ ئۆيگە كىرىپ ياش ۋاقتىدىن ساقلاپ كەلگەن شايى كۆينىكىنى تېپىپ كىيدى – دە، يېرىم ئالمىنى قولياغلىققا چىگىپ سىرتقا ماڭدى.
ئۇ مەسچىت ئالدىغا كېلىپ ،مەسچىت دەرۋازىسىدىن ئىچىگە قارىدى.مەسچىت ھويلىسىدا مەزىن بوۋاي غىلاجىدىن قارىم كۆك كەپتەرلەرگە دان چېچىپ ئۆزى يالغۇز يۈرگەنىكەن .
ـ غىلاجىدىن مىنى تونۇدۇڭمۇ؟!
بوۋاي زەيتۇنە ھاجىمغا قاراپ تۇرۇپ كەتتى ـ دە،ساقاللىرىنى تۇتاملاپ سۇئال تاشلىدى:
ـ زەيتۇن بۈۋىنىڭ  نەۋرىسىمۇسىز، ياپىرەي ، مومىسىنىڭ ياش ۋاقتى ئۆزىلا .
زەيتۇنە ھاجىم ئاغزىنى توسۇپ قاتتىق بىرنى كۈلىۋەتتى .
ـ ۋاي كۆزى توكۇر قېرى ، مەن زەيتۇنە !
غىلاجىدىن بوۋاي بىشىنى چايقاپ كۈلۈپ قويدى.
ـ ئشەنمەمسەن ، مەيلى ئىشەنمىسەڭ ئەمسە . مە، ھېلىقى ماڭا تەڭلىگەن ئالماڭنى ئالە.
زەيتۇنە ھاجىم يېرىم ئالمىنى ياغلىقىدىن چىقىرىپ ئۇنىڭغا تەڭلىدى.
ـ موماڭ مېنى كولدۇرلىتىدىغانغا ئەۋەتىپتۇ- دە،- غىلاجىدىن مەزىن ئالمىنى ئالدى ،ـ نېمانداق خۇش پۇراق ئالما بۇ. ئاپۇرتكەندە.
غىلاجىدىن مەزىن بەكىسىنى چىقىرىپ ئالمىنى كىسىپ ئاغزىغا سالدى .
ـ  پاھ-پاھ،مەن بۇ ئۆمرۈمدە بۇنداق شېرىن ئالمىنى يەپ باقمىغانمەن.
ـ تولا كوتۇلدىماي ئۆزۈڭگە بىر قاراپ باقە.
غىلاجىدىن مەزىن ئۆزىگە قاراپ تېڭىرقاپ تۇرۇپلا قالدى .
ـ ياشىرىپ كەتتىڭ غىلاجىدىن . ئىككىمىزنىڭ ۋىسال ئاھى خۇداغا يەتكەن چىغى، بۇ ئالمىنى بىزگە ئەۋەتىپتۇ. دادام ، سەن ھېلىقى ئالمىنى ماڭا تەڭلىگەن كۈنگە نەق بىر ئاي بولغاندا توختى قىمارۋازنىڭ بالىسىغا مىنى قاڭغىر قاقشىتىپ بېرىۋەتتى. ئۇنىڭدىن يېمىگەن تايىقىم قالمىدى. تايىقىمۇ مەيلى ،ھەر تاياق يېگەندە سەن كۆزۈمگە كۆرۈنۈپ بىر تايىقى مىڭ دەررىدەك ئىچىمگە خۇن تولدى. بولدى ، ئۇ رەھمەتلىكنىڭ روھى قورۇنمىسۇن .
زەيتۇنە ھاجىم غىلاجىدىن مەزىننىڭ مۈرىسىگە باش يېقىپ بۇقۇلداپ يىغلىۋەتتى .
ـ يىغلىما ،زەيتۇن ، ئىككىمىز قۇربان بىلەن ئانارخاندەك يىراقلارغا كېتەيلى. نىكاھىمىزنىمۇ ئۆزىمىز ئوقۇۋالىمىز .
غىلاجىدىن گۈس-گۈس دەسسەپ مەسچىت تۈۋرىكىگە باغلاپ  قويۇلغان ئاق ئاتنى يېشىپ زەيتۇنەنى پىشايۋاندىن ئاتقا ئاسانلا مىندۈردى.
ـ كىمنىڭ ئېتى بولغىيدى،ئارغىماقكىنا. كىمنىڭ بولسا بولمامدۇ .زەيتۇنە مەن ساڭا ،ئاتلارنى توقۇپ قويدۇق ،يوپۇق ياپىمىز ئەمدى ....دېگەن ناخشىنى ئېيتىپ بېرىمەن .قىرىغاندا مەزىن بولۇۋالغان بىلەن ياشلىقىمدا قانداق ناخشا ئېيتىدىغىنىم ئۆزۈڭگە ئايان .
غىلاجىدىن ياداق ئاتتا زەيتۇنەنى بېلىدىن چىڭ قاماللىتىپ مەسچىت ھويلىسىدىن يەڭگىل قەدەملەر بىلەن ئاچىقتى-دە، كۈن چىقىش تەرەپكە قاراپ چاپتۇردى. ئاق ئات شامالدەك تېز چېپىپ مەھەللىدىن ئۇزاپ كەتتى .
ئۇلار قارا دۆڭگە يېقىنلاشقاندا بىر توپ ھازىدارلارنى ئاۋايلاپ يانداپ ئۆتتى.
ـ بۇ مەرھۇم پېشىن نامىزىغا تاھارەت ئېلىۋاتقاندا جان ئۈزۈپتۇ. ئاسان ئۆلۈم دېگەن شۇدە.
ـ رەھمەتلىك زەيتۇنە ھاجىم ياخشى مەزلۇم ئىدى. خۇدا ئۇلۇغ جۈمەنى بېرىپتۇ.
ـ بالىلىرى ئەجەپ قاتتىق ھازا ئېچىۋاتۇدا. بۇنچە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ كەتتى دېگەن ،تويى بولدى دېگەن سۆز .
ـ شۇنداق ،شۇنداق...
ھازىدارلارنىڭ پەس ئاۋازدىكى سۆزلىرى زەيتۇنە ھاجىمنىڭ قۇلىقىغا ناھايىتى ئوچۇق ئاڭلانماقتا ئىدى...
(بۇ ئەسەر شىنجاڭ "تەڭرىتاغ ئەدەبىيات-سەنئەت ئالاھىدە مۇكاپاتى"غا ئېرىشكەن)


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-13 12:44  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىتىللاسى يىغىش سەۋەبى
زۇلفىيە + 400
aydanix + 400

ھەممە باھا نومۇرى : تىللاسى + 800   باھا خاتىرىسى

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4784
يازما سانى: 2284
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 12315
تۆھپە : 0
توردا: 1236
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-12 17:20:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر قىسمىنى ئوقۇدۇم ،پۈتۈن  قىسمىنى ئوقۇپ  بۇلۇپ ئا ندىن   باھا برىمەن

مەن  گۈزەللىكنى،خوشاللىقنى،ياقتۇرىمەن،دوستلۇرۇمنىڭ يامان گىپىدىن قورقىمەن،توردا ھەممەيلەننىڭ ئىتتىپاق،ئىناق ئۈتۈشىنى ئۈمۈت قىلىمەن
تور  ئادىرسى:
18099965554@189.com

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  47
يازما سانى: 692
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1755
تۆھپە : 1
توردا: 851
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-13 12:05:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەيتۇنەھاجىم ئوغۇللىرىنى‹‹جۈ-جۈم-جۈ-جۈم!››دەپ توسقان قاۋۇل چاغلارنى ئويلاپ يۈرىكى سوقتى.
بۇ جۈملىدىكى ‹‹جۈ-جۈم-جۈ-جۈم!››نى مەن‹جو جو جو›دەپ ئاڭلىغان ئىدىم.
زەيتۇنە ھاجىم قېرى ئاپۇرت دەرىخى تۈۋىگە كەلدى.
ئاپۇرت دەرىخى قانداق دەرەخ ؟
،ئەرچۈزىدىن باشقا ئالمىلار يوقاپ كەتتغۇ.لېمۇن ،ستولۋوي ،ئاق ئالما،چاي ئالما،قاپاق ئالما ،قۇم ئالما، ھۈسەيىن ئالما،مەشرەپ ئالمىسى ،سارىم ئالما،ئاپۇرتلارنىڭ بەرى يوق.
ئەرچۈزى،ستولۋوي،چاي ئالما،قاپاق ئالما،ئالما،مەشرەپ ئالمىسى ،سارىم ئالما..بۇ ئالمىلارنىڭ بىرسىنى بىلمەيدىكەنمەن...


بىر ھۇزۇر ئىچىدە ئوقۇپ تۈگەتتىم..تولىمۇ ياخشى يىزىلغان ھىكايىكەن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4354
يازما سانى: 478
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1088
تۆھپە : 0
توردا: 128
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-13 23:30:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلىكىم ھەسەن ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرى بىزنى ئاجايىپ بىر چوڭقۇرلۇق ئېچىگە باشلاپ كىرىدۇ،بىز پەقەت ئۆزىمىز بىلەن ئۆزلۈك ھەققىدە بىر ئاز ئويلىنىپ،ھايات چوڭقۇرلۇقلىرىغا چككىنىمىزدىلا ئاندىن نېمە دېمەكچى بولىۋاتقانلىغىنى،قانداق يۈچۈن مەنالار قاتلىمىدا ئاپتۇرنىڭ ئېزدىنىۋاتقانلىغىنى چۈشىنىمىز،بۇ ھېكايە دەماللىققا ئوقىغان كېشىدە بىر خىل تەمنى بېرەلمىگەندەك قىلىدۇ،ئەمما ھېكايە ئېچىگە سىڭىپ كىرگەن كىشىگە نىسبەتەن،ئۇنىڭ سەزەۈ ئەزالىرى بەكمۇ تاتلىق بىر خىل تەمنى سېزىۋالىدىكەن.رەھمەت سىزگە،ياخشى ئەسەرلىرىڭىزنى تورداشلاردىن ئايىمىغايسىز؟...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  778
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 720
تۆھپە : 0
توردا: 246
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-14 20:18:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپۇرۇت-غۇلجىدا ئۆستۈرىلىۋاتقان ئالما سورتلىرىنىڭ بىر تۈرى.

باھا سۆز

ئا.جۇدۇن  يوقۇلۇپ كەتكەن تۈرى .  يوللىغان ۋاقتى 2015-2-20 23:32:18
تۇردى ئىسرائىل

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1720
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 862
تۆھپە : 0
توردا: 232
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-23

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-19 19:16:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ئوماق بىر موماي كۆز ئالدىمغا كەلدى .

گۆزەللىك ئىزدىمە ، ئۇ-سەندە !

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 3401
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 15363
تۆھپە : 5
توردا: 806
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-21

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-22 20:54:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشلار نەشىرىياتىدىكى ئۇستازىمىز ئابلىكىم ئەسەننىڭ ئەسىرى ئوخشىمامدۇ؟

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2239
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 619
تۆھپە : 0
توردا: 71
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-2-14 00:15:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپۇرۇت،غۇلجىدا ئۆستۈرۈلىۋاتقان ئەمەس،يۈتۈپ كىتىۋاتقان ئالما تۈرى....

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4665
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 118
تۆھپە : 0
توردا: 24
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-18 13:18:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىكايە تولىمۇ ياخشى يېزىلىپتۇ.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3096
يازما سانى: 420
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1474
تۆھپە : 4
توردا: 178
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-25 12:43:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر، يېزىۋاتقانلاردىن  مېنىڭ بىلىشىمچە بىرنەچچىسى بار،ئۇلار تەخەللۇس قوللاندى، ئەمما شائىر، يازغۇچى، نەشرىياتچى ئابلىكىم ھەسەندىن مۇشۇ بىرسىلا بار،ئۇ  تەخەللۇس قوللانمىدى.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1108
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1728
تۆھپە : 0
توردا: 200
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-23

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-4-16 23:31:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆلمەس مۇھەببەت بەكمۇ يىقىملىق تەسۋىرلىنىپتۇ...بارىكاللا!

كىتاب ئوقۇمىغان مىللەت گۇمراھلىقتا قالىدۇ...

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6770
يازما سانى: 1413
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 10288
تۆھپە : 0
توردا: 819
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-20 01:01:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                    ئابلىكىم  ھەسەن -ئۆز  قەلبىنىڭ  خوجايىنى  ،سەبىلەرنىڭ  -خىزمەتكارى  .

ئوماق سەبىلەرگە ئۇزلۇكسىز قان بېرىۋاتقان،ئەقىللىق،ئوماق سىڭلىم ئاينۇرەگە ئوتلۇق سالام.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  152
يازما سانى: 264
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 3544
تۆھپە : 7
توردا: 209
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 01:27:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايىنى ئوقۇپ بولۇپ ھاردۇقۇم چىقىپ قالدى ،ئابلىكىمنىڭ قولىغا دەرد تەگمىسۇن...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9090
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 518
تۆھپە : 0
توردا: 120
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-20 16:20:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل ئەسەركەن.بەكمۇ ھاياجانلاندىم.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9098
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 33
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-6 14:38:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھېكايىنى ھۇزۇر ئىچىدە ئوقۇپ تۈگەتتىم..تولىمۇ ياخشى يېزىلىپتۇ! قۇلىڭىزغا دەت كەلمىسۇن. تېخىمۇ نادىر ئەسەرلىرىڭىزنى بىزدىن ئايىمىغايسىز.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش