يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 576|ئىنكاس: 10

موھەممەدروزى ئابدۇقادىر: تەقدىر ئاسمىنى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
    تەقدىر ئاسمىنى
مۇھەممەدروزى ئابدۇقادىر

   ھايات بەلكىم يېشىل بىر بايراق

ھايات بەلكىم يېشىل بىر بايراق
ياشىرىدۇ كەلگەندە پەيتى،
سۇلار بەزى شۇنچە خىيالچان
ئازابلارنىڭ بولمايدۇ نەرخى.

قاراپ گاھى كۈنلەر تېنىگە
ئۆز-ئۆزۈمدىن كېتىمەن قورقۇپ.
ئۇزاپ كەتكەن ۋاقىت قۇشلىرى
گۈللىرىمنى بارار تۈزىتىپ .

پىچىرلايمەن كىمگىدۇر ئۇزاق
ئاڭلانمايدۇ ئاۋازىم بىراق.
كۆڭۈل قۇرۇپ كۆل بۇلار بىر كۈن
سوراقلايدۇ  ھەممىنى پىراق.


ئاشىقلارغا سوۋغاتتۇر جاھان

تاڭلار كېلىپ كەتتى يېنىمغا
قولۇمدىكى بىر غېرىب بايراق.
كۆرۈنمەيدۇ مەن ئىزدىگەن يول
چۈشلىرىنى ئىزدەيدۇ مامكاپ.

كۈندۈز سۇغا يېزىلغان يېزىق
بېلىق بولغۇڭ كېلەر باغرىدا،
نېمە ئارمان قالار كۆڭۈلدە
گۈزەللەرنى كۆرسەڭ يېنىڭدا.

سۇلۇپ بارار يەنىلا رەيھان
سىرداشلىرىڭ تۈگەيدۇ ھامان.
كۈيلىرىنى تۆكەر تاڭلارغا
ئاشىقلارغا سوۋغاتتۇر جاھان.


چىرايلىقتۇر دۇنيادا ئايال

بىر توپ ئاياللار ئارىسىدىكى تەنھا ئەركەكمەن
كۆز نۇرلىرى سۆمۈرەر تىنماي،
چىڭقىلىپ كېتەر دۇنيا بىر دەمدە
يوق قەلبىمدە چىرايلىق ساراي.

سۆيگۈم كېلەر بىرىنى تاللاپ
مۇھەببىتىم قىچقىرار تىنماي،
ئالغان ھەممە بارلىقنى مەندىن
ئۆيۈمدىكى يېگانە شۇ ئاي.

كەتكۈم كېلەر  گاھ يىراقلارغا
زۇلمەتلىرى كەلگەندە قىستاپ،
چىرايلىقتۇر دۇنيادا ئايال
كۆز نۇرلىرى بولغاندا ئاپتاپ.


ئولتۇرغۇزار كېچە مېنى باغرىدا

ئولتۇرغۇزار كېچە مېنى باغرىدا
بار قولىدا ئوقۇلمىغان بىر كىتاب ،
مەجبۇرلايدۇ قۇرلىرىنى كۆرۈشكە
كۆزىتىدۇ يىراقلاردىن مۇڭ-ئازاب .

ئاچقىنىمدا تىترەپ كېتەر تەنلىرىم
ئۇچۇپ چىقار ئۇندىن سانسىز كېپىنەك،
ئايان بۇلار تاڭنىڭ رەڭدار تاغلىرى
تۆكۈلىدۇ چىغىرلارغا  خۇشپۇراق.

كېلەر يەنە ھارۋىسىنى ياندىتىپ
باسماق بولار تاپقىنىمنى بىر يولى،
قىلار ئاخىر  قايتىشىمغا ئىجازەت
سايرىغاندا مۇھەببەتنىڭ بۇلبۇلى.

ئارقا بىنادىكى قىز

ئارقا بىنادىكى مەي باغلىغان  قىز
مېۋە تەرگۈچىسى يوق ،ساقلىغۇچىسىى ھەم،
يوشۇرۇن كۆزىتەر ئېچىپ دېرىزە
جىلۋە قىلىپ تورىدۇ بىر تەم.

ئېقىپ كېلەر ئاسمان كېچە ئۆيىگە
مۈشۈكىنىڭ نەپسى قۇترىغان،
ھايات ھەققىدە خىيال سۈرمەكچى بولسا
يۇلتۇزلىرىنى سۈرىدۇ بوران.

دەرىخى يازنىڭ ئاخىرقى پەيتىدە
نەمخۇش ساپ ھاۋا تورىدۇ ئوراپ,
ئىشىكى يېنىدا چىرايلىق بىر گۈل
كۆزلىرىدىن تۆكۈلەر پىراق.

تەقدىر ئاسمىنى

دۇنيانىڭ ئىشلىرى
قوي تېرىسىگە يېزىلغان خەتكە ئوخشايدۇ،
بىر –بىرلەپ ئوقۇماق بولساڭ
پەرق ئەتمەك تەس قايسىبىرىنى.

بىر كوچىدىن قايرىلساڭ
چىقىپ قالىسەن كەڭرى مەيدانغا،
سەيياھلار يول سورايدۇ ئاستا
ئالدىماق بۇلار قىزلار ، ئوغرىلار.

قۇيۇلغان سۇپا ئۈستىگە سۇ ھەمدە قېتىق
ئارلاشتۇرۇشقا يەتمەي قالار ماجالىڭ،
بىردىنلا گۇگۇم  باسقانلىقىنى ھېس قىلىسەن
پارچە –پارچە كېسىپ تاشلار ھايات قايچىسى.
چىقىپ قالار گاھ قولۇڭغا ئاي
ئۆلتۈرمەك بۇلار قۇياش كۆيدۈرۈپ،
سەرسان قىلار جىلمىيىپ يۇلتۇز
چۈشۈپ قالار قۇلۇڭدىن ئالما.
قايرىلغاندا كەينىڭگە ئاستا
يېتىم چىراي قىزنى قويار ئەسلىتىپ
مەر – مەر ئۇرۇندۇقلۇق ۋاقىت باغچىسى.


جان يوپۇرماق

كېچىدە كۆڭۈل بولىدۇ
ئاچساڭ باغرى دۇرغا تولىدۇ،
شاللاق ئاياللار رەڭسىزدۇر تامام
كۈندۈزنى ئەخلەت بوپ كىزىدۇ.

شۈكرى بەرگەن نىمەتلىرىڭگە
دەرەخلەرگە كۆزلەر كۆچىدۇ،
ئۈستىدە بار ئۇلۇغ بىر دەريا
ئادەملەر ھامىنى سىزىدۇ.

تۇپراقنىڭ ئىسمى بار ، بەدىنى سارغۇچ
بېتىگە ھەممىنى يازىدۇ،
جان دېگەن  يوپۇرماق ئۈزۈلەر
سۇغا ئوت تۇيۇقسىز كىرىدۇ.

سۇنىڭ قەھرى

ئەجەل قاغىسى ئولتۇرار سىمنۇت پەشتاق ئۈستىدە
سول يېنىدا پەرىشتە,
ئوغلۇم كۈيۈك ئازابىنى تارتماقتا
قورساقلىرى گۈلدۇر غۇنچە.

سۇ زالىملاشقاندە كۆرسەڭ پەيلىنى
تېگىپ قۇيدى كەلدى ئاچچىقى،
ئارام ئالدىغان پەيتلىرى كەلسەڭ يېنىغا
مۇھەببەت بىلەن سىلار باش–كۆزۈڭنى.

ئوردىسىدا تۇرار ، بەرمەكتە پەرمان
-سۆيۈپ ئۆتۈڭلار بارچە بالىنى،
-قۇم پىرلىرىغا بىرىڭلار تۇتۇپ
- قەھر نېمىگە كېرەك، ئىسيان قىلغاننى.

«ئىزگۈ تۇر ئەدەبىيات مۇكاپاتى» سەھىپىسىگە  


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-13 16:30  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-1-12 14:42:36 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرلىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ.شېئىرى تۇيغۇلىرىڭىزغا كۆز تەگمىگەي،

ۋاقتى: 2014-1-12 15:32:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئارقا بىنادىكى قىز» بىر يۈرۈش شېئىرلىرىڭىز ئىچىدىكى سەرخىلى ئىكەن. ماۋزۇ،تىما ۋە تېمىنى يورۇتۇش جەھەتتە خىلى كۈچەپسىز.

ۋاقتى: 2014-1-12 15:50:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر -بىرىدىن يېقىشلىق ، ئىماگلىرى رەڭدار، لىرىكىلىق تۇيغۇلىرى مول، مەزمۇنى تېرەن شېئىرلار ئىكەن، ئوقۇپ ھۇزۇرلاندىم-ئويلاندىم، ‹بايراق› سىموۋلى(ئىماگى) - تولىمۇ ئەھمىيەتلىك- جانلىق ئىشلىتىلىپ، سىزدىكى ئۆزگىچە خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپتۇ، ھارمىغايسىز.

ۋاقتى: 2014-1-12 17:47:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرلىرىڭىزدىن گۈزەل تۇيغۇلارغا ئىرىشتىم . يېڭى ئىجادىيەتلىرىڭىزگە نۇسرەت يار بولغاي .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-17 11:20:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستلارنىڭ كۆپرەك  تەنقىد-تەكلىپلەرنى بىرىشنى ئومىد قىلىمەن.

ۋاقتى: 2014-1-17 11:49:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارقا بىنادىكى مەي باغلىغان  قىز
مېۋە تەرگۈچىسى يوق ،ساقلىغۇچىسىى ھەم،
يوشۇرۇن كۆزىتەر ئېچىپ دېرىزە
جىلۋە قىلىپ تورىدۇ بىر تەم.

‹‹ئارقا بىنادىكى قىز››نىڭ 1-كۇپلىتى 4.مىسراسىغا قايتا بىر ئىشلەپ باقامسىز بۇرادەر.‹‹تەم››نىڭ جىلۋە قىلغانلىقىدىن ئەمەس تېتىپ بېقىپ ئاندىن بىلىمىز ئەمەسمۇ.

مەن مۇنداق ئۇقۇپ باقتىم.

ئارقا بىنادىكى مەي باغلىغان  قىز
مېۋە تەرگۈچىسى يوق ،ساقلىغۇچىسىى ھەم،
يوشۇرۇن كۆزىتەر ئېچىپ دېرىزە
ۋۇجۇدىدا سېغىنىش،ئەلەم.




 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-17 12:17:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋۇجۇدىدا سېغىنىش،ئەلەم.

بۇنداق ئالساقمۇ بولىدۇ ، لېكىن ، شۇ بويىچە يازسام پۈتۈن شېئىرنى باشتىن باشلاپ يازسام بولىدىغاندەك ھىس قىلدىم. ئۇ چاغدىكى تۇيغۇ ئەمدى يۇقتە مەندە. قىز  مەي باغلىغان مىۋە بولغان ئىكەن، مىۋىنىڭ  تەمى بولىدۇ، شېئرلاردا باغلانما تەسەۋۋۇرنىڭ كەڭ بولىشى گاھىدا شېئىردا ھىسىياتنىڭ ئاجىز كەتكەن تەرەپلىرىنى تۇلۇقلاپ كىتەلەيدۇ دەپ قارايمەن. بۇ شېئىرىمدا كەم بولغان نەرسە مىلىيلكىنى سەل كەمدەك ھىس قىلىمەن، مۇشۇ جەھەتتە باشقىلار بىلەن پىكىرلىشىپ بېقىشنىىالايتتىم. «ئۇغۇزخان»ئىپۇسىدا ئۇغۇزخان دەرەخ كاۋىكىدا ئۇچراتقان قىز بەك لاتاپەتلىك تەسۋىرلىگەن، مەن ئۇچراتقان  بۇ قىزنى ئۇنداق چىرايلىق تەسۋىرلەپ بېرەلمىدىم.

رەھمەت، ئەنۋەر تەكلىپىڭىزگە.     

ۋاقتى: 2014-1-17 15:59:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شئېرلارغا ئىشلىتىلگەن تىل ناھايتى يەڭگىل ھەم تاتلىق، شئېرىدىكى مەزمۇن بىلەن بولغان بىردەكلىكى ياخشى چىقىپتۇ.

ۋاقتى: 2014-1-17 16:42:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرلىرىڭىزدا ھايات ھەقىقەتلىرىنىڭ شۇلىسى گوڭگا ھالەتتە جىلۋىلىنىپ،قەلىبلەرگە بىر ھەقىقى جاكارنى سۆزلەپ بېرىۋاتىدۇ.بۇ ياخشى شېئىرلارنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشىگە تىلەكداشمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھەغدايى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-17 16:43  


ۋاقتى: 2014-1-26 14:34:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ھايات بەلكىم يېشىل بىر بايراق» ناملىق شېئىر مەن ھايات ھەققىدە ئۇقۇغان ياخشى شېئىرلرنىڭ بېرى بولدى. قىزغىن ھېسىيات، يارقىن پىكىر، ئويناق تىل ئۇقۇغۇچىنى ھايات ھەققىدە تىرەن ئويلرغا سالىدىكەن. شېئىرمانا مۇشۇنداق ھېكىمەت يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈلگەن بولۇشى كېرەك، ئەمما ھېسىياتتىن ئايرىلىپ قۇرۇق ھەيكەلگە ئايرىلىپ قالماسلىقى تېخىمۇ زۆرۈر.
.«تەغدىر ئاسمىنى'، »چىرايلىقتۇر دۇنيادا ئايال'، «ئولتۇرغۇزار كېچە مېنى باغرىدا'  دېگگن شېئىرلرمۇ ياخشى يېزىلىپتۇ. ئۇقۇرمەننىڭ ئاچقان يېرىگە بارىدىكەن،
مەن تىلغا ئالمىغان شېئىرلاردا بىر قسىم مىسرالر مىخانىك چىقىپ قاپتۇ. بۇنى يۇشۇرمايمەن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش