يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 708|ئىنكاس: 9

تۇرادىن ئابدۇرېھىم: ناتونۇش خوشنىلار( ئىتوت)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
«‹ناتونۇش› خوشنىلار»
(ئىتوت)
ئاپتورى:تۇرادىن ئابدۇرېھىم
قاتناشقۇچىلار:
ئىلھام---مەلۇم ئىدارىنىڭ كادىرى،30ياشلاردا
ئاۋۇت بوۋاي---دېھقان،ئىلھامنىڭ دادىسى،65 ياشلاردا
ئىلھامنىڭ ئۇدۇل خوشنىسى( ئەر)،28ياشلاردا
ئىلھامنىڭ ئۇدۇل خوشنىسى(ئايال)،25ياشلاردا
قوشۇمچە:بىرنەچچە ئەر-ئايال خوشنىلار
ۋاقتى:ياز،كەچقۇرۇن
ئورنى:لىفىت ئالدىدىكى بوشلۇق
سەھنە:لىفىت،ئۆي مەۋھۇم ھالەتتە
(ئاۋۇت بوۋاي قولىدا بىر ۋاراق قەغەزنى تۇتقان ھالدا لىفىتتىن چىقىپ ھەممە يەرگە قاراپ سەھنە ئالدىغا كېلىدۇ)
ئاۋۇت بوۋاي:ۋاييەي،نىمانچە ئىگىز بىنا بۇ؟ئىلھامجان بالام،خۇددى تېرەكنىڭ ئۇچىدىكى قاغىنىڭ چاڭگىسىدەك بىر يەرگە چىقىۋاپتىغۇ؟خۇدايىم توۋا...شۇنداق بىرلا يەر تەۋرەپ كەتسە...ھېي ....خۇدايىم ساقلا،كەچ بولغاندا ئاغزىمنى ئۈششۈتمەي،20-قەۋەتكىغۇ چىقتىم،لېكىن بالامنىڭ ئۆيى قايسىدۇ؟بىرەسىدىن سوراي دىسەم ئادەممۇ يوق.(لېفىت ئىچىلىپ ئىچىدىن ئىككى ئايال چىقىدۇ)
ئاۋۇت بوۋاي:قىزلىرىم،ئىلھامجاننىڭ ئۆيى قايسىدۇ؟
ئايال:بىلمەيمىز(ئىچكىرگە كىرىپ كىتىدۇ)
ئاۋۇت بوۋاي:توۋا،خوشنىسىنىمۇ بىلمەيمىز دەيدا؟!(لېفىت ئىچىلىپ ئىچىدىن بىر ئەر كىشى چىقىدۇ)
ئاۋۇت بوۋاي:بالام ئىلھامجاننىڭ ئۆيى قايسىدۇ؟
ئەر:بىلمەيمەن،(ئىچكىرگە كىرىپ كىتىدۇ)
ئاۋۇت بوۋاي:مەن خاتا چىقىپ قالمىغاندىمەن؟توۋا،بىر ئىشىكتىن چىقىپ تۇرۇپمۇ تونىمايدىغان ئىش بولامدا؟ھە توغرا،ئىچكىردىكى ئىككى ئۆيگە باشقا ئادەملەر كىرىپ كەتتى،بالامنىڭ ئۆيى چوقۇم مۇشۇ ئىككى ئۆينىڭ بىرسى،بىردەم ساقلاپ باقاي كېپ قالا.(لېفىت ئىچىلىپ ئىچىدىن بىر ياش ئايال چىقىپ ياندىكى ئۆيگە ماڭىدۇ)
ئاۋۇت بوۋاي:قىزىم،ئىلھامجاننىڭ ئۆيى قايسىدۇ؟
ئايال:بىلمەيمەن(كىرىپ كەتمەكچى بولىدۇ)
ئاۋۇت بوۋاي:قىزىم،ئوغلۇم مۇشۇ قەۋەتتە ئولتۇراتتى،20-قەۋەتمۇ يا مۇشۇ؟
ئايال:ھەئە،تېلفۇن قىپ باقسىلا(كىرىپ كىتىدۇ)
ئاۋۇت بوۋاي:بۇلامۇ تونىمايدىكە،ئەمدى مۇشۇ بىرلا ئۆي قالدى،ئىلھامجان بالامنىڭ ئۆيى مۇشۇ بولسا ماۋۇ ئۇدۇل خوشنىسى چوقۇم تونۇيتتى.مەن قەۋەتكە خاتا چىقىپ قالدىممىكىن دىسەم،لېفىتنىڭ ئىچىدە بىر قىز 20-قەۋەتنى بىسىپ بەرگەن.(لېفىت ئىچىلىپ ياش بىر ئەر چىقىدۇ)
ئاۋۇت بوۋاي:بالام ئېلھامجاننىڭ ئۆيى قايسىدۇ؟
ئەر:بىلمەيمەن(ئۆيگە كىرىپ كەتمەكچى بولىدۇ)
ئاۋۇت بوۋاي:بالام ئۇنداق قىمماي دەپ بەسىلە؟مېنىڭ ئوغلۇم مۇشۇ 20-قەۋەتتە ئولتۇراتتى.
ئەر:بىلسەم دەپ بېرەتتىم بوۋا،بىلمەيمەن،باشقىلاردىن سوراپ باقسىلا.(ياندىكى ئۆيگە كىرىپ كىتىدۇ)
ئاۋۇت بوۋاي:ھەي ئىسىت،ھەي ئىسىت...بۇ شەھەرنىڭ ئادەملىرى نىمانداق بوپ كەتكەندۇ؟كىچىك ئوغلۇم،دادا،ئاكامغا مەن تېلفۇن قىلىۋىتىمەن،سەن بېكەتتە ساقلاپ تۇر دىسە،ئىلھامجان بالامنى بەك كۆرگۈم كېلىپ،قولۇمدىكى قەغەزنى كۆرسەتسەم باشقىلار تېپىپ بېرىدىغۇ دەپ،تاكسىغا چىقىپتىكەنمەن، مېنى بىنانىڭ ئىچىگە ئەكىرىپ،لېفىتنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۋىتىپ كەتتى. تاكسىچى بالىغۇ بەك ياخشى بالىكەن بوممىسا.لېكىن مۇشۇ كىچىككىنە بىر يەردە بىر-بىرىگە قارىشىپ تۇرىدىغان قوشنىلارمۇ بىر-بىرىنى نىمىشقا تونىيمايدىغاندۇ؟(سەھنە سىرتىدىن«خوشنام»دىگەن ناخشا بېرىلىدۇ،لېفىتتىن كىشىلەر چىقىدۇ،بوۋاي بىرنىمىلەرنى دەيدۇ،ئۇلار بىشىنى چايقايدۇ،بوۋاي يەنە سورايدۇ،يەنە چايقايدۇ،ناخشا توختايدۇ)
ئاۋۇت بوۋاي:بىزنىڭ سەھرادا بۇنداق بىر-بىرىگە يۆلىنىپ تۇرىدىغان ئۆيلەر يوق،ئۆيلەرنىڭ ئوتتۇرسىدا باغ،ئېتىزلار بار،ئىككى ئۆينىڭ ئارلىقى بەك يېقىنمۇ ئەمەس،لېكىن بىر كەنتتىكى ئادەملەر بىر-بىرىنى تونۇيدۇ،ھەتتا باشقا كەنتتىكىلەر بىلەنمۇ تونىشىمىز،خوشنىلىرىمىز بىلەن ئۆيلىرىمىز يىراق بولسىمۇ كۆڭلىمىز ناھايىتى يىقىن،بىر قاچا تاماق تاپساق تەڭ يەيمىز،ئاغرىق سىلاق بوپ قالسا ھەر كۈنى كىرىپ يوقلايمىز،ئۆلۈم يىتىم،توي تۆكۈن بوپ قالسىغۇ ئۆزىمىزنىڭ ئىشىدەك ياردەملىشىمىز،بىز ئۇلارنىڭ بالا-چاقا،نەۋرە-چەۋرىلىرى تۈگۈل،قوي-كالا،ئات-ئىشەكلىرىنىمۇ تونۇيمىز،لېكىن بۇ شەھەردىكى ئادەملەر نىمانچە ئۆزگىرەپ كەتكەندۇ،ماۋۇ ئۆيدىكىلەر ئۇدۇل خوشنىسىنى تونىمايمىز دەيدۇ،ئىشىكنى چىكىپ ماۋۇ قەغەزنى كۆرسىتىپ باقاي،خاتا چىقىپ قالدىممۇ تىخى...(ياندىكى ئىشىكىنى چىكىدۇ)
ئايال(چىقىدۇ):نىمە دەيلا؟
ئاۋۇت بوۋاي:بالام ماۋۇ قەغەزگە قاراپ بىقىڭە،مۇشۇ بىنا شۇمۇ ئەمەسمۇ؟
ئايال:مەن خەنزۇچە ئوقۇغان،ئۇيغۇرچە خەت تونىمايمەن،يولدىشىم كۆرۈپ باقسۇن،غەيرەت بۇياققا چىقىڭە!
ئەر(چىقىدۇ):ھە بوۋا؟
ئاۋۇت بوۋاي:بالام ماۋۇ قەغەزگە قاراپ باققىنە،مۇشۇ بىنا شۇمۇ ئەمەسمۇ؟
ئەرقەغەزگە قاراپ ئوقۇيدۇ)ئۈرۈمچى شەھىرى ياشلىق يولى بوستان ئولتۇراق رايونى،14-ئىگىز بىنا،2-ئىشىك،20-قەۋەت،دەل مۇشۇ قەۋەت شۇغۇ؟
ئاۋۇت بوۋاي:لېكىن بۇ قەۋەتتە ھېچكىم تونىمايدىكە ئەمەسمۇ؟!
ئەر:بىز كۆچۈپ كەلگىلى ئىككى ئاي بولدى،شۇڭا تونىماسلىقىمىز مۇمكىن،تېلفۇن نومۇرىنى بىلەملا؟
ئاۋۇت بوۋاي:ياق،بىلمەيمەن.
ئەر:بوۋا،بۇ شەھەردە تېلفۇن بوممىسا بىرسىنى ئىزدەپ تاپقىلى بولمايدۇ،بىردەم ساقلاپ باقسىلا(كىرىپ كىتىدۇ)
ئاۋۇت بوۋاي:بۇ كىشىلەر نىمە بوپ كىتىۋاتىدۇ ھە؟!كۆڭلۈمگە ياخشى،بوۋا ئۆيگە كىرىپ تۇرسىلا دەپمۇ قويمىدا؟(يىغلامسىرايدۇ)بىزنىڭ مەھەللىگە بىرەرى تۇغقىنىنى ئىزدەپ كېپ قالسا،ئالدىراش ئىشىمىز بولسىمۇ،بىللە ئاپىرىپ كۆرسىتىپ قويىمىز،ئەگەر ئۆيىدە ئادەم بولمىسا،ئۆيىمىزگە باشلاپ،مېھمان قىلىپ،ئۆي ئىگىسى كەلگىچە خىزمىتىدە بولىمىز،بىر ئۆيگە مېھمان كەلسە،مەھەللىدىكى ھەممەيلەن ئۆيگە چاقىرىمىز،لېكىن بۇ شەھەرلىكلەرنىڭ كۆڭلى ئۆزى ئولتۇرۋاتقان مۇشۇ ئۆيلەردەكلا تاركەن،بۇنداق بولارىنى بىلگەن بولسام،ئىلھامجان بالامنىمۇ يۇرتقا قايتىپ كەل دەركەنمە،ھېلىھەممۇ كىچىكمەيدۇ،يۇرتقا يۆتكىلىپ كەتسۇن،بولمىسا ئۇمۇ ئەجدادلىرىدىن قالغان قائىدە-يوسۇنلارنى ئۇنتۇغان مۇنۇ شەھەرلىكلەردەك بوپ قالمىسۇن.(لېفىت ئىچىلىپ ئىلھام چىقىدۇ)
ئىلھام(بوۋاي بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشىدۇ):ۋاي دادا،ئادەمنى نىمانچە ئەنسىرتىسە دەيمە،مەن سېنى بىكەتتە ساقلىغىلى ئىككى سائەتتىن ئاشتى.ئاخىرى ئىنىمغا تېلفۇن قىلسام،دادامنىڭ قولىدا ئۆتكەندە سەن يېزىپ بەرگەن ئادرىس باتتى،دادام شۇنىڭغا قاراپ كەتكەن ئوخشايدۇ.ئۆيگە بېرىپ باققىن دىگەنتى،ئالدىراپ كىلىشىم.يۈرە ئۆيگە كىرەيلى(ياندىكى ئۆيىنىڭ ئىشكىنىڭ ئالدىغا بارىدۇ)
ئاۋۇت بوۋاي:بالام سېنىڭ ئۆيۈڭ مۇشۇمۇ؟
ئىلھامجان:ھەئە، تېپىپ كېپسەنغۇ؟
ئاۋۇت بوۋاي:بالام سەن دەرھال ئىدارەڭگە دەپ يۇرتقا يۆتكىلىپ كېتەمسەنكىن؟
ئىلھامھەيران بولۇپ)نىمىشقا دادا،نىمە ئىش بولدى؟
ئاۋۇت بوۋاي:ماڭا قارا بالام،مەن ئىككى سائەتتىن بۇيان مۇشۇ قەۋەتكە چىقىپ چۈشكەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسىدىن سورىدىم،ھېچكىم سېنى تونىمايدىكەن،ھەتتا ماۋۇ ئۇدۇل خوشناڭمۇ تونىمايدىكەن.بۇنداق ناتونۇش خوشنىلار بىلەن تۇرغىچە بىزنىڭ مەھەللىگىلا ئۆي سېلىپ سېنى ئېپ كىتەي بالام.بوممىسا سەنمۇ بۇلاردەك خوشنىسىنى تونىمايدىغان ئادەم بوپ قامما.
ئىلھام:ۋاي-ۋۇي دادا،نىمە دەيدىكىن دەپتىمە،ئۇدۇل خوشنىمىز كۆچۈپ كەلگىلى تىخى ئۇزۇن بوممىدى ھەم بۇ شەھەردە ئادەملەر كۆچۈپ كىلىپ، كۆچۈپ كىتىپ دىگەندەك ئۆي ئىگىلىرى ئالمىشىپ تۇرىدۇ.سەن دىگەندەك بەزىلىرى بىلەن،سالاملىشىمىز،لىكىن ئىسمىنى بىلمەيمىز،مەيلى تونىمىسا تونىمىسۇن،ھەممىمىز ئىشىمىز ئالدىراش بوغاندىكىن،ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى قىلىپ يۈرمەيمىزمۇ؟
ئاۋۇت بوۋاي:نىمە دەۋاتىسەن بالام،ھەرقانچە ئالدىراش بولساڭلىمۇ خوشناڭلار بىلەن پاراڭلىشىدىغان بەش مىنۇت ۋاقىت چىقماسما؟ھېچ بولمىسا ئىسمىڭلارنى بولسىمۇ سورىۋالساڭلا،ماڭا ئوخشاش بىرە تۇققىنى كېپ قالسا«ھە ئاۋۇ ئۆي شۇ»دەپ كۆرسىتىپ قويغىلىمۇ بولسا لازىمى بولىدۇ بالام.ئۇنداق بوپ كەتمەڭلار،بىز ئۇيغۇرلارنىڭ خوشنىدارچىلىق ئادەتلىرى بۇنداق ئەمەس،شۇڭا كونىلاردا «ئۆيۈڭنى مىڭ تەڭگىگە ئالساڭ،خوشناڭنى ئىككى مىڭ تەڭگىگە ئال»دىگەن گەپ بار،يەنە«يىراقتىكى تۇققاندىن،يىقىندىكى خوشنا ئەلا»دىگەن گەپمۇ بار بالام.باشقىلار نىمە ئىش قىلسا قىلسۇن،سەن سەھرا بالىسى بولغاندىكىن،ئەنئەنىۋى ئادەتلىرىمىزنى تاشلىما.
ئىلھام:دادا مېنىڭغۇ شۇنداق قىلغۇم بار،لىكىن باشقىلار خالىمىسا نىمە ئامال.
ئاۋۇت بوۋاي:خالايدۇ بالام.ئۆزەڭلار باشلاپ بەرسەڭلار ئاخىرى ئۇلارمۇ چۈشىنىدۇ.
ئىلھام:ماقۇل دادا،مەن تىرىشىپ باقاي.يۈرە ئۆيگە كىرەيلى بۇ يەردە تۇرىۋەرمەي،كېلىنىڭمۇ ھازىرلا كېلىدۇ.
ئاۋۇت بوۋاي:يۈر بالام،ئاۋال مەن سېنى باشلاپ خوشنىلىرىڭنىڭ ئۆيىگە ئەكىرەي.ئۇلارغا مىللىتىمىزنىڭ ئېسىل خوشنىدارچىلىق ئادەتلىرىنى چۈشەندۈرىمە،ئاۋال مۇنۇ ئۇدۇل خوشناڭدىن باشلايمىز،يۈرە بالام.
ئىلھام:دادا،بۇ ...
ئاۋۇت بوۋاي:ماڭ بالام،ماڭ(ئىلھامنى تارتىپ ئاپىرىپ ئۇدۇلدىكى ئىشىكىنى چېكىدۇ،ئەر خوشنىسى چىقىدۇ،بوۋاي بىرنەرسىلەرنى دەيدۇ،شۇ چاغدا يەنە «خوشنام»دىگەن ناخشا بېرىلىدۇ،ئۇلار خۇشال ھالدا پاراڭلىشىدۇ،جۇشقۇن ناخشا ساداسى ئىچىدە پەردە چۈشىدۇ)
14709981152:تېلىفۇن

2013-يىل 31-ئۆكتەبىر يېزىلدى،18-دىكابىر تۈزۈتىلدى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-13 16:31  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-1-12 20:02:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەھەرلىششىنىڭ  خوشنا دارچىلىقتىن ئىبارەت  مىللى ئورپە ئادىتىمىزنى  يوقتىۋاتقانلىقىنى،  بۇ ئېتوت ئارقىلىق  ھەممىز ئويلاپ بېقىشىمىز  ھەم ئاۋۇت بوۋايدىن ئۇگۇنىشمىز كىرەك.

ۋاقتى: 2014-1-12 20:24:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئومۇمىي ھەتتىن، ئۇزاق مەزگىللىك ئىنسانلار جەمئىيىتى نۇقتىسىدىن ئويلاشقاندا شەھەرلىشىشنىڭ ئاقىۋېتىنى بىز ئادەملەر ھەرگىز كونترول قىلالمايمىز.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-15 01:18:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرزىمەس    يازمامغا   سەمىمى  باھا   يازغان   قېرىنداشلىرىمغا   كۆپ  رەھمەت

ۋاقتى: 2014-11-4 17:36:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز يەنىمۇ تىرشىڭ.

ۋاقتى: 2014-11-4 17:41:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ قوشنا توغۇرلۇق بىر ئەسەر يازاي دىگەن سىز چاققان چىقىپسىز. كۆپلەپ نادىر ئتوتلارنى يىزىڭ

ۋاقتى: 2014-11-4 17:54:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللىتىمىزنىڭ شەھەرلىشىشكە ئەگىشىپ ئاسمىلاتسىيە بولۇۋاتقان ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز ئاز ئەمەس. بولۇپمۇ شەھەرلەردە كۈندىن-كۈنگە سۇسلىشىۋاتقان خوشنىدارچىلىق-بىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىرلەشكە تىگىشلىك گۈزەل ئۆرپ-ئادىتىمىزنىڭ بىرى. بۇ ئىتوت سىنارىيىسى ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ. ئەگەر ئاپتۇرنىڭ ئىددىيىسىدىن ئۆتسە، ۋاقىت چىقىرىپ ئاخىرقى مەزمۇنلارنى يەنە ئازراق بېيىتىپ، تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ باقسا بوپتىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-5 01:05:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت، دىلشاتكا. مېنىڭچىمۇ  ئاخىرى  تومتاق  چىقىپ  قالغاندەكلا. لېكىن رېژىسورنىڭ تەستىقىدىن  ئۆتكەندىكىن  مەن باشقا  گەپ قىلمىغان. سەھنىگە ئەپچىقىدىغان چاغدا  تېخى نەچچە  قېتىم  چۇۋۇيمىز  ئەمەسمۇ. چوقۇم  سىز  ۋە  باشقىلارمۇ  رازى  بولغىدەك  ئەسەر  قىلىپ  چىقىشقا  تىرىشىمەن.

ۋاقتى: 2014-11-5 01:33:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   «يىراقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى قوشنا ياخشى»  دېيىلىدۇ. دەرۋەقە شۇنداق. ئەمما يىراقتىكى تۇغقانمۇ يامان ئەمەس. چۈنكى ئۇلار بىزنى تونۇيدۇ.
   ئەھمىيەتلىك تېمىنى ئاممىۋىيلىق كۈچلۈك سەنئەت شەكلىدە خېلى جانلىق ئەكىس ئەتتۈرۈپسىز. ئىجادىيەتلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولغاي.

ۋاقتى: 2015-3-10 18:37:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوشنىدارچىلىقنى يەنىلا چونەلار ساقلاۋاتىدۇ. ئەسەرنىڭ تەربىيەۋىي ئەھمىيىتىگە يارىشا كومۇدىيەلىك تۇسىمۇ خېلى قويۇقكەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش