داۋامى :
ئىككىنچى باپ
مەن ئىككى بېقىنى قىپقىزىل بولۇپ قىزىرىپ ئىچىدە گۆرىلدەپ ئوت
كۆيىۋاتقان مەشكە قارىغىنىمچە مۆگىدەك بېسىپ ئۇخلاپ قالاي دەۋاتاتتىم.
-بېشىڭىزنى كۆتۈرۈڭ،-مەن ئارزىگۈلنىڭ يۈزلىرىمنى ئالىقانلىرى ئارىسىغا
ئېلىپ مىدىرلىتىشى بىلەن ئۇنىڭ يوتىسىدا قويىۋالغان بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىدىم. ئارزىگۈل كارۋاتتىن تۇرۇپ ماڭا قاراپ قويۇپ مەشنىڭ قېشىغا كەلدى،-مەن سىرتقا چىقىپ كىرەي،-دەپ كۈلۈپ زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ قولىغا زىقنى ئېلىپ مەشنىڭ تېگىنى كوچىلاپ ،ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ مەشنىڭ ئېغىزىنى ئېچىپ بىر نەچچە پارچە تاش كۆمۈرنى سېلىپ ،ئۆينىڭ بۇلۇڭىدىكى داسنىڭ قېشىغا بېرىپ قولىنى يۇدى.
مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئولتۇردۇم.
-نەگە بارىسىز؟
-ھەپتىدىن بىرى ئۆيدىن چىقماي بەك زېرىكتىم،بۈگۈن سىرتقا چىقىپ كوچا
ئايلىنىمەن،-ئارزىگۈل گېپىنى تۈگىتىپ ،بۇنداق قىلىشىمغا قارشى تۇرمايدىغانسىز ، شۇنداق قىلسام بولامدۇ،دېگەندەك بىر مەنىدە قولىنى سۈرىتىۋاتقان لۆڭگىنى تۇتقىنىچە ماڭا قاراپ تۇردى.
مەن ئۇنىڭ مەن بىلەن چېقىشىۋاتقانلىغىنى بىلىپ،بۇنى چاندۇرماي ھەيران
بولغان قىياپەتە ئۇنىڭغا قارىدىم.
-توۋا ،توي قىلىپ بىر ھەپتە بولغاندا مەندىن زېرىكتىڭىز؟-مەن ئۈمىد-
سىزلەنگەن بىر ھالەتتە ئۇنىڭغا قاراپ قالدىم.
ئۇ شۇ ۋاقىتتا مېنى «خوتۇنۇمنى ئۆزۈمدىن زېرىكتۈرۈپ قويۇپتىمەن»دەپ
ئازابلىنىۋىتىپتۇ،مېنىڭ چاقچىقىمنى راست دەپ چۈشىنىپ قاپتۇ ،دەپ ئويلىدى- دە،بىردىنلا كۈلۈپ كېتىپ مېنىڭ قېشىمغا كېلىپ قولىدىكى لۆڭگىنى تاشلاپ بوينىمغا گىررە سىلىپ تىزىمدا ئولتۇردى.
-ۋاي،مەن سىزگە چاقچاق قىلىپ قويدۇم،مەن سىزدىن مەڭگۈ زېرىكمەيمەن.
سىز ئۆزىڭىزدىن گۇمانلانماڭ ،-دەپ لېۋىنى چىشلەپ بىلىنى ئېگىپ ،بېشىنى پەس قىلىپ قەلەمدەك قاشلىرىنى ئۇچۇرۇپ كۈلۈپ كەتتى.
- راست ، مەنمۇ ئۆزۈمنى سەل ئاجىزدەك ھېس قىلىپ قالدىم،-مەن
ئۆزۈمدىن نومۇس قىلىۋاتقاندەك ۋە شۇ سەۋەپتىن بېشىمنى كۆتۈرەلمەي قىلىۋاتقاندەك بىر نومۇسچان قىياپەت ۋە ئوڭايسىز كۈلكە بىلەن ئارزىگۈلنىڭ كۆزىدىن كۆزۈمنى ئېلىپ قېچىپ بېشىمنى تۆۋەن قىلىۋالدىم،-چۈشتىن كېيىن تېۋىپلەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ تومۇر تۇتقۇزۇپ قۇۋەت دورىلىرىدىن يەپ باقايمىكىن،-دېدىم ئارزىگۈلنىڭ ھېچيېرىنى تۇتماي پەسكە قارىغىنىمچە.
-ساراڭ !-ئارزىگۈل بىردىنلا خاپا بولۇپ ئاچچىقلاپ ئورنىدىن تۇرۇپ
كەتتى،-سىزنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟كىم قۇۋەت دورىسىغا ئىھتىياجلىق ئىكەن؟ مەن پەقەت سىزگە چاقچاق قىلىپ «زېرىكتىم»دەپ قويسام گەپنىڭ مەنىسىنى نەلەرگە ئېلىپ كەتتىڭىز؟...سىز مېنى جىلە قىلىپ يىغلىتاي دەمسىز؟
-«قاپاق»،-مەن بىردىنلا شۇنداق دەپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتىم.ئۇ
شۇ چاغدىلا مېنىڭ ئۆزى بىلەن ئوينىشىۋاتقانلىغىمنى بىلىپ ،«ئەسكى،ئەسكى» دەپ مۆرەمگە شاپىلاق بىلەن ئۇرۇپ كەتتى.مەن ئۇنىڭ بىلىدىن قۇچاقلاپ كۆتۈرۈپلا كارۋات ئۈستىدە ياتقۇزۇپ ئۇنىڭ بىرجۇپ قاپقارا نۇرلۇق كۆزىگە نەزەر تاشلىدىم.
-مەن مۇشۇ بىرجۇپ شەھلا كۆزۈڭنى ياخشى كۆرۈمەن.سېنىڭ كۆزلىرىڭ
مېنىڭ قەلبىمنىڭ قۇياشى ،-دېدىم ئۇنىڭ كۆزىگە جىممىدە قاراپ.
ئۇ سەل ھاياجانلانغان بىر ھالەتتە شۇئان قولىنى ئەكىلىپ بىر جۇپ كۆزىنى
يۆگىۋالدى.
مەن سەل پەسكە نەزەر سېلىپ يەنە دېدىم:
-گۈل بەرگىدەك قىپقىزىل لېۋىڭ ۋۇجۇدۇمنىڭ چاقمىقى،ھەر قېتىم لېۋىڭگە
سۆيگىنىمدە تېنىم چاقماق سوقۇلغاندەك زىلزىلىگە كېلىپ بىھۇش بولىدۇ.
ئۇ شۇ چاغدا يەنە بىر قولى بىلەن ئېغىزىنى توسىۋالدى.
مەن نەزىرىمنى تېخىمۇ پەسكە چۈشۈردۈم.
-مەن ھەر دائىم كۆڭسۈڭدىكى بىر جۇپ ئالماڭنى خىيال قىلىپ ،ئۇنى
يالىڭاچ ھالدا كۆرۈشنى ئويلىسام جېنىم چىقىپ كېتىۋاتقاندەك تىترەپ كېتىمەن،-دەپلا قولۇمنى پەسكە چۈشۈرۈپ ئۇنىڭ پوپايكىسىنى ئۈستىگە كۆتۈرىۋەتتىم.
-قېلىنلىق قىلمىسىڭىزچۇ!-ئۇ شۇ گەپ بىلەن پوپايكىسىنى پەسكە چۈشۈرۈپ
كۈلكە بىلەن مېنى يېنىككىنە ئىتتىرىۋېتىپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.بېرىپ يوپكا ،چاپانلىرىنى كېيىپ ماڭا قارىدى،-بولدى سىزمۇ كىيىملىرىڭىزنى كېيىڭ ،چوڭلارنىڭ قېشىغا چىقايلى.
-نېمىشقا؟
-ئانام چۈشلۈك تاماق قىلسا ياردەملەشمىسەم بولماس؟
-ئۇنىڭغا خىلى بارغۇ؟
-ئىش بولمىسا كۈن بويى ئۆز ھوجىرىمىزغا سولىنىپ ئولتۇرامدۇق؟چوڭلارنىڭ
ئالدىدا ئادەم خىجىل بولۇپ قالىدىكەن.تۇرۇڭ ھە ،بىرگە چىقايلى.
-ئەمىسە يېنىمغا كېلىڭ،بىرنى سۆيۈۋالاي،-مەن شۇنداق دەپ ئۇنىڭ
كۆزىگە قاراپ قۇچىقىمنى ئېچىپ ئولتۇردۇم.
-ۋايجان!...ئادەمنى جىلە قىلماڭە.مەن ھازىرلا ئۆلۈپ قالمايمەن،بىر ئۆمۈر
يېنىڭىزدا بار مەن.سۆيۈپ،يالاپمۇ زېرىكىسىز شۇ چاغدا،- ئۇ بۇ گېپى بىلەن بىردىن كۈلۈپ كەتتى.كەينىدىن ،-توۋا،سىزدەك قېلىن بىلەن بىر ھەپتە بىرگە ياشا ياشىمايلا مەنمۇ قاشاڭلىشىپ كېتىپتىمەنغۇ؟ھەي بۇرۇن بۇنداق گەپلەرنى دېيىش ئەمەس خىيال قىلساممۇ نومۇستىن ئۆلگۈدەك بولۇپ كېتەتتىم... ھەممىسىگە سىز سەۋەپكار،دىققەت قىلارسىز مەن تېخىمۇ يۈزى قېلىن قاشاڭ بولۇپ قالسام ئىگىسى سىز.
-سىز قىپيالىڭاچ ھالدا ئالدىمدا مېڭىپ بەرمىسىڭىز سىزدىن مەڭگۈ رازى
بولمايمەن ،-دېدىم مەن بىر جاھىللىق بىلەن قاشلىرىمنى ئۇچۇرۇپ بوشقىنە كۈلۈپ.
-قىپ يالىڭاچ!ئۇخلىماي چۈش كۆرۈپسىز...خىيالىڭىزدا قانغۇچە كۆرۈۋىلىڭ
ھە،-ئۇ گېپىنى تۈگىتىپ كۈلگىنىچە ئايىغىنى كېيىپ سىرتقا چىقىپ كەتتى.
مەن ئۆزۈمنى كارۋاتقا تاشلاپ ئۇنى خىيال قىلىشقا باشلىدىم.ئۇ چىرايلىق ھەم
بەك ئەققىللىك ،ئۇنى ئىنتايىن ياخشى كۆرۈمەن.مەن بىر ئۆمۈر بەختلىك ياشايمەن...ئۇزۇن ئۆتمەي بىزنىڭ بالىمىز بولىدۇ،مەن دادا بولىمەن...
مەن خىيال سۈرۈپ يېتىپ ئۇيقۇغا كەتتىم.بىر يەردە ياسىنجان پەيدا بولۇپ
«مەن يېڭىدىن بىر شېئىر يازدىم ،ھازىرلا ساڭا ئوقۇپ بېرەي.بۇ شېئىرىم ئۆزۈمگە بەك ئەرزىيدۇ»دەپ شېئىر ئوقۇشقا باشلىۋىدى،بىر يەردە ئادىل تۇنىيازنىڭ «چۆچەكلىرىم »دېگەن شېرىدىكى سۆزلەر دىككاڭلاپ سەكرەپ ئويناپ يۈرگەن بىر كىچىك بالىلار قىياپىتىدە پەيدا بولۇپ،ئۆزلىرىنى ئوقۇغىنىچە كۈلىشىپ ۋاراڭ- چۇرۇڭ قىلىپ دىققىتىمنى بۆلۈۋەتتى.مەن بۇنىڭدىن بەكلا ھاياجانلىنىپ ،ئادىل تۇنىياز قالتىس شائىر.ئۇ ئەجەپ گەپ قىلىدىغان ،سەكرەپ-تاقلاپ ئويناقلايدىغان ھەم ئۆزىنى ئۆزى ئوقۇپ سۆزلەيدىغان شېئىرلارنى ئىجاد قىپتۇ.مەنمۇ شۇلارنى دوراپ باقاي دەپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ،مەنمۇ ئاشۇ سۆز-جۈملىلەرنى دوراپ سەكرەپ-سەكرەپ ئۇسسۇلغا چۈشۈپ كەتتىم.ياسىنجان بىر تەرەپتە ئۆز شېئىرىنى ئوقۇغۇنىچە بارغانسېرى ھاياجانلىنىپ ،تارام-تارام كۆز يېشىنى تۆككىنىچە بىر قولى بىلەن كۆكسىگە مۇشتلاپ ،نالە-پەرياد ئۇرىۋاتقاندەك بىر تەرىزدە توختىماستىن شېئىر دىكلىماتسىيە قىلاتتى.ئۇنىڭ ئەتراپىدا بىر توپ ئاپئاق چاچ-ساقاللىق بوۋاي-مومايلار بار بولۇپ ،ئۇلارنىڭ بويى ئىككى غېرىچ ئەتراپىدا كېلىشەتتى.ئۇلار ياسىنجاننىڭ شېئىر دىكلىماتسىيە قىلىۋاتقان ئاۋازىغا ۋە كۆكسىگە مۇشتلاپ نالە قىلىۋاتقان رىتىمىگە ماسلىشىپ تاقلاپ-سەكرەپ ھۆركىرەپ يىغلاپ نالە-زار قىلىشاتتى.مەن ئۆزۈم ئۆمرۈمدە كۆرۈپ باقمىغان بۇ يەرنى بەك ۋاراڭ-چۇرۇڭ ھېس قىلىپ ،ئادىل تۇنىيازنىڭ «چۆچەك»لىرىنى باشلىغىنىمچە ئۆيۈمنىڭ ئۆگزىسىگە چىقىپ كەتتىم.ئاندىن يەنە شۇ يەردە خۇشال ھالدا ۋارقىرا- جارقىراپ شۇ «چۆچەك»لەر بىلەن ئۇسسۇلۇمنى داۋاملاشتۇردۇم.مەن،ئەجەپ شېئىرلار بىلەن ئۇسسۇلغا چۈشتۈم ،بۇ ماڭىلا نىسىپ بولغان پۇرسەت،دەپ ئويلاپ قىن-قېنىمغا پاتماستىن خۇشال بولۇپ كەتكۈدەكمەن. كېيىن كېلىپ بۇ ئۆگزىنى بەك پەس كۆرۈپ ،سەل يىراقتا بەكلا ئېگىز كۆرۈنگەن بىر قاپاق تېرەكنى كۆرۈپ بىرلا سەكرەپ ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئۇسسۇل ئوينىغاچ،باشقىلارنىمۇ تېرەك ئۈستىگە چىقىشقا چاقىرىپتىمەن.بىر چاغدا پەستە ئابدۇللا پەيدا بولۇپ ماڭا قاراپ قاقاقلاپ كۈلگىنىچە تىزىغا مۇشتلاپ ،«ئەنە ،ئەركىن ھازىر يېقىلىدۇ،مانا مايماق كەتتى.ۋاي،ئۇ يىقىلاي دېدى. مانا ...ئەنە...يېقىلدى...»دەپ سۆزلەرنى بىر بوغۇمدىن ،بىر بوغۇمدىن ئايرىپ سۆزلەپ قاقاقلاپ كۈلۈۋاتقۇدەك.شۇ چاغدا ئايالىم ئارزىگۈل ئۇنىڭ يېنىدا پەيدا بولۇپ،«ئابدۇللا سىز ئەركىننىڭ دوستى تۇرۇپ ئۇنى شۇنداق قاغامسىز؟ئۇ شۇنداق ئېگىز تېرەكنىڭ ئۇچىدىن يېقىلىپ چۈشسە بوينى ئۈزۈلۈپ كەتمەمدۇ؟سىز ئۇنىڭ دوستى بولۇشقا يارىمايدىكەنسىز» دېسە،ئابدۇللا خىجىللىقتا كۈلكىسىنى توختاتماقچى بولسىمۇ كۈلكىسىنى توختىتىۋالالماستىن ئېغىزىنى تۇتىۋالغان ھالەتتىمۇ«پىخ-پىخ»قىلىپ كۈلۈپ بىر قولى بىلەن قورسىقىنى تۇتىۋېلىپ ئىككى پۈكلىنىپ قالغۇدەك.ئارزىگۈل شۇ چاغدا ماڭا قاراپ «ئەركىن بولدى پەسكە چۈشۈڭ،بولمىسا ھېلى يېقىلىپ چۈشىسىز...»دەۋاتقۇدەك ۋە ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئاخىرى بارغانسىرى پەسىيىپ مەن ئاڭلىيالماي قالغۇدەكمەن.مەن ئۇنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ئاڭلايمەن دەپ بىر تەرەپكە يانتۇ بولسام ،ئۆز تەڭپۇڭلىقىمنى ساقلىيالماي بىرسى ئارغامچا بىلەن باغلىۋىلىپ ئاستا-ئاستا قويۇپ بېرىۋاتقاندەك بارغانسېرى قىڭغىيىپ كەتكۈدەكمەن....
شۇ چاغدا بىرسى مېنى ئىتتىرگەندەك بولۇپ چۆچۈپ كۆزۈمنى ئاچسام
بېشىمدا ئايالىم كۈلۈپ«...ئۇخلاپ كەتكىنىنى بۇنىڭ ،خىيالىڭىزدا كۆرمەي چۈشىڭىزدە كۆرگەن ئوخشىمامسىز مېنى»دەپ قاراپ تۇرۇپتۇ.
-ئوھ...ئويغىتىپ ياخشى قىلدىڭىز،بولمىسا تېرەكنىڭ ئۇچىدىن يېقىلىپ
چۈشەي دېگەن ،-دېدىم مەن كۈلۈپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ.
ـ چۈش كۆرۈۋاتقانمىدىڭىز؟-دېدى ئارزىگۈل ھەيران بولۇپ.
مەن ئۇنىڭغا كۆرگەن چۈشۈمنى ئېيتىپ بەردىم.
-ۋاي«توخۇ داڭگال چۈشەپتۇ،ئۆچكە جاڭگال»دېگەندەك تاماق يەۋېتىپ ،
يول يۈرىۋېتىپمۇ خىيالىدا شېئىر يازىدىغان ئادەمنىڭ چۈش كۆرسىمۇ شېئىرلار بىلەن ئۇسسۇل ئوينىغىنىغا نېمە دەي ئەمدى،-دەپ چاۋاك چېلىپ كۈلۈپ كەتتى.
مەنمۇ كۈلۈپ قويۇپ ئولتۇردۇم.
-تۇرۇڭ،بىزمۇ ئاللىقاچان لەڭمەننى تەييار قىلىپ بولدۇق.ئانام سىزنى تاماق
يەۋالسۇن دەيدۇ،-ئارزىگۈل شۇنداق دەپ قولۇمغا چاپىنىمنى تۇتقۇزۇپ قويدى.
مەن چاپىنىمنى كىيگەچ ئىشىك تۈۋىگە چىقتىم.
-تويدىن كېيىن دوستلىرىمنىڭ ھېچقايسىسىنى كۆرۈپ باقماپتىمەن.چۈشتىن
كېيىن ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ كېلەي.
-قەيەردە كۆرۈشىسىز؟
-تېلېفون بېرىپ قويۇپ ئابدۇللانىڭ ئۆيىدە كۆرۈشسەكمۇ ياكى يۈسۈپچاننىڭ
چوڭ ئۆيىدە كۆرۈشسەكمۇ بولىدۇ.
-يۈسۈپچاننى ئايالى بىلەن يېزىدىكى مەكتەپتە ئۆي تۇتۇپ ئولتۇرۇقلۇق
دەۋاتمامتىڭىز؟
-ئۇ دەم ئېلىش كۈنىدە ناھىيىگە كېلىدۇ.
-ئەمىسە ئۇلارغا تېلېفون بېرىپ مۇشۇ ئۆيگىلا تەكلىپ قىلسىڭىز بولىدىكەنغۇ؟
ياكى چوڭلار بۇنداق مېھمان چاقىرىشىڭىزنى خالىمامدۇ؟
-ئۇنداق ئەمەس،بۇرۇنمۇ دوستلىرىمنى پات-پات ئۆيگە چاقىراتتىم،-دېدىم
مەن توختاپ سۆزلەپ،-بىراق ھازىر مېھمانخانا ئۆينىڭ ئىچى قالايمىقان ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆينىڭ ئىچى بەك سوغۇق .
-راست،راست!مېھمانخانا بەك سوغۇق ھەم قالايمىقان ،زادى مېھمان باشلىغىلى
بولمايدۇ...شۇنداقتىمۇ مەن سىزگە ئېسىلىۋىلىپ سىرتقا چىققىلى قويمايمەن،- ئارزىگۈل كېلىپ ھى، ھى ،ھى دەپ بىلىكمگە ئېسىلدى.ئاندىن،-سىز ئاخشام تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرغاندا مەن مېھمانخانا ئۆينى رەتلىك يىغىشتۇرۇپ تازىلاپ قويغان.مەشكىمۇ ئوت ياققىدەك قىلىپ ئوتۇن سىلىپ قويۇقلۇق.ئۆيگە كىرىپ چاقماقلىرىنى ۋاققىدە ياقسىلىلا بولىدۇ،-دەپ پەخىرلىنىش بىلەن كۆزۈمگە قاراپ توختىدى.
مەن ئۇنىڭ قۇلىقىغا بىر نەرسە دېمەكچى بولغان قىياپەتتە ئاستا يېقىنلاشتىم،
ئۇمۇ مېنى نېمە دەيدىكىن دېگەندەك قىلىپ جىممىدە چىرايىمغا قاراپ تۇردى. مەن شۇ ھامان ناھايتى چاققان ھەركەت قىلىپ ئۇنىڭ ئىڭىكىدىن تۇتۇپ ،لېۋىگە چوككىدە قىلىپ بىرنى سۆيۈپ قويۇپ بەردىم.ئارزىگۈل مېنىڭ شۇنچە تېز تاماملىغان بۇ ھەركىتىمدىن چۆچۈپ كارىدورنىڭ ئايىغىدىكى چوڭلار تۇرىۋاتقان ئۆيگە ۋە ئەتراپقا تىزلا قاراپ چىقىپ «ۋېييى،قىلىن!مىنى نومۇسقا ئۆلتۈرەي دەمسىز!»دەپ ئاچچىقتىن قوشۇمىسىنى تۇرۇپ ماڭا ھومايدى.مەن كۈلۈپ كۆزۈمنى قىسىپ قويۇپ چوڭلار تۇرىۋاتقان ئۆي تەرەپكە قاراپ ماڭدىم.
مەن ئابدۇللانىڭ ئۆيىگە تېلېفون قىلسام ئۇنىڭ كىچىك سىڭلىسى«ئاكام
سىرتقا چىقىپ كەتكەن»دېدى.مەن ئۇنىڭغا ئىسمىمىنى ئېيتىپ بېرىپ ،ئابدۇللا قايتىپ كەلگەن ھامان ئۇنى ماڭا تېلېفون قىلسۇن دەپ تاپىلاپ تېلېفوننى قويدۇم.يۈسۈپچانغا تېلېفون قىلسام ،ئۇ ئانىسىنىڭ ئۆيىدە بار ئىكەن ،ھازىرلا كەلمەكچى بولدى.ئۇ بىر يېزىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئىشلەيدىغان بولۇپ ،بىز تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن باشلاپ بىرگە ئوقۇغان يېقىن ساۋاقداش، شېئىرىيەت ھەۋەسكارلىرى ئىدۇق.ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىنلا دارلىمۇئەللىمىن مەكتىۋىگە ئوقۇشقا كېتىپ ،بىز تولۇق ئوتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈشىمىزگە ئۇ ئوقۇتقۇچى بولۇپ خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ بولغان ئىدى.بىز ئەمدى ئالىي مەكتەپنىڭ بوسۇغۇسىدىن ئاتلىغىنىمىزدا ئۇ توي قىلىپ بولغان بولۇپ ،ھازىر بالىسىمۇ تۆت ياشلارغا كىرىپ قالغان ئىدى.
ياسىنجان بىلەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتەىكى ۋاقتىمىزدىن باشلاپ شېئىرگە
بولغان ئامراقلىقىمىز تۈپەيلىدىن ھازىرغىچە يېقىن دوست بولۇپ ئارلىشىپ ئۆتۈۋاتاتتۇق.ئۇنىڭ ئۆيى يېزىدا بولۇپ ،ئۆزى ناھىيىلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلاتتى.ئۇنىڭ ئۆيىگە تېلېفون قىلسام ،ئۆيىدىكىلەر ئۇنىڭ ناھىيەگە كەتكەنلىگىنى ئېيتتى.
مەن ئارزىگۈلنى مىۋە-چىۋە ۋە ئۇشاق-چۈشەك يىمەكلىكلەردىن ئەكىرىپ
ئۈستەلگە تىزىپ قويۇشنى بۇيرۇپ ،دوستلىرىمنى ساقلاپ مېھمانخانا ئۆيدە ئولتۇردۇم.
سەلدىن كېيىن تېلېفون تىتىتلىۋېدى تۇرۇپكىنى قولۇمغا ئالدىم.
-ياخشىمۇ ئاغىنە!-دېگەن ئابدۇللانىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
-ياخشى .مەن تېلېفون قىلمىسام تېلېفونمۇ قىلمايسەنغۇ؟-دېدىم.
-سېنى بەختنىڭ پەيزىنى سۈرىۋاتقاندا پاراكەندە قىلمايلى دېدىققۇ.
-مېنىڭ بەختىم كۈنلۈك ياكى ھەپتىلىك ئەمەس.بىر ئۆمۈر سۈرىمەن بۇ
بەختنىڭ پەيزىنى.سەنمۇچۇ مۈنەۋەرنى تېزراق يۇمشات ،ياشلىقىڭ بىھۇدە ئۆتۈپ كەتمىسۇن.ئۇ قانداقراق؟
-قويغىنا ئۇنى ،ئۇ مەن ياتلىق بولىدىغان ياشقا يەتمىدىم دەۋاتىدۇ.
-سىزنى تەلپەك بىرنى ئۇرسام يىقىلىپ چۈشمىگۈدەك بولۇپ بولدىڭىز.ئەمدى
چوڭ بولۇشنى ساقلىسىڭىز قېرىپ كېتىسىز دېمىدىڭمۇ؟
-تەلپەك بىلەن؟كۆسەي بىلەن ئۇرساممۇ يىقىلىپ چۈشمىگىدەك چوڭ
بولۇپ بولدى ئۇ.يەنە بىر يىل ساقلاڭ دەيدۇ.
-ۋاي ،ئېسىت!ياشلىق گۈلۈڭنىڭ بىر تال غۇنچىسى يەنە ئېچىلالماي
توزىيدىغان بوپتۇ...بولدى،دەرھال بىزنىڭ ئۆيگە كەل.قالغان چاقچاقنى شۇ چاغدا قىلىشىمىز.ياسىنجاننى تاپساق بولاتتى.
ـ ئۇھازىر مېنىڭ يېنىمدا.
-ياخشى بولدى.ئۇنىمۇ بىرگە ئېلىپ كەل.
شۇنداق قىلساق بولارمۇ؟
ـ تولا چىشىمنى كىرىشتۈرمەي تېز كەل.
-بۇرادەر،تويۇڭ بولغىلى ھەپتە بولغاندا ئۆيۈڭگە جۇغلىشىۋالساق ئۆيۈڭدىكىلەرنى
پاراكەندە قىلىپ قويارمىزمىكىن؟
-بۇ گېپىڭدىن بەكلا تەسىرلەندىم،شۇنداقتىمۇ تېز كەل.
مەن شۇ چاغدا دېرىزىدىن ئارزىگۈلنىڭ ھويلىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ يۈسۈپچاننى
باشلاپ كىرگەنلىكىنى كۆردۈم.
-يۈسۈپچانغىمۇ خەۋەر قىلامدۇق يا...
مەن ئابدۇللانىڭ سۆزىنى بۆلدۈم.
-ئەنە ئۇ ئىشىكتىن كىرىۋاتىدۇ.سەن ياسىنجاننى ئېلىپ كەلسەڭلا بولىدۇ.
قانداق ،باشقا گەپ بارمۇ؟
-يوق.
-خوش ئەمىسە.ھېلى بىزنىڭ ئۆيدە كۆرۈشەيلى.
-خوش.
مەن تېلېفوننى قويۇپ يۈسۈپچاننى ئۆيگە باشلاپ كىردىم.ئۇنىڭغا ئابدۇللانىڭ
ياسىنجاننى ئېلىپ ھازىرلا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتىم.
مەن يۈسۈپچانغا بىر تال تاماكا سۇنۇپ چېكىشىپ ئولتۇراتتۇق،شۇ ئارلىقتا
ئابدۇللا ياسىنجاننى ئېلىپ يېتىپ كەلدى.
-مەن بۇ ھەپتە يېڭى بىر نەرسە يازالمىدىم ،-دېدىم ئايالىم ئارزىگۈل
كىرىپ ھەممەيلەننىڭ ئالدىغا بىر پىيالىدىن چاي قويۇپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن سۆزلەپ،-ئەمما كىتاب ئوقۇمىسام،شېئىر يازمىسام،ئەدەبىيات بىلەن ھەپىلەشمەي كۈن ئۆتكۈزسەم ئۆزۈمنى ياشىمايۋاتقاندەك ھېس قىلىپ قالىدىكەنمەن. لېكىن،نېمىلام بولمىسۇن يېڭى ھەم ئاجايىپ سىرلىق بىر «كىتاب» نى ئوقۇۋاتقانلىقمنى ھېس قىلدىم.شۇڭا بۈگۈن قايسىڭلار يېڭى ئەسەر يازغان بولساڭلار شۇ سۆز باشلاڭلار،-مەن سىرلىق قىلىپ شۇنداق دەپ دوستلىرىمغا قاراپ كۈلۈپ قويدۇم.
-سەن قايسى يېڭى كىتابنى ئوقۇۋاتىسەن؟ -ياسىنجان شۇ ھامان قىزىقىش
بىلەن سورىدى.
-ھەي،سىلەر ئۇنىڭ قايسى يېڭى كىتابنى ئوقۇۋاتقانلىقىنى بىلمىدىڭلارمۇ؟
مەن سىلەرگە دەپ بەرسەم ،ئەركىن ئوقۇۋاتقان يېڭى كىتاب بايا بىزگە چاي قۇيۇپ بېرىپ چىقىپ كەتكەن سۆزلىيەلەيدىغان ھەم كۈلەلەيدىغان «ئارزىگۈل» دېگەن كىتاب.ئۇ بۇ كىتابنى ئەمدى بىر ئۆمۈر ئوقۇيدۇ...
بۇ گەپ بىلەن تەڭ ھەممەيلەن كۈلۈپ كېتىشتى.
كۈلكىمىز توختىغاندىن كېيىن ئابدۇللا دېدى:
-بۇنداق ئېسىل كىتابنى ئوقۇۋاتقاندا ئىلھاملىرىڭ بۇلدۇقلاپ تېشىپ،
شېئىر دېگەننى شارتىلدىتىپ يېزىپ كەتمىدىڭمۇ؟شېئىر دېگەننى مۇشۇنداق چاغدا يازماي قانداق چاغدا يازغۇلۇق؟
-سەنمۇ توي قىل،شۇ چاغدا بىلىسەن.ئارزىگۈلنىڭ ئۆزى بىر ئەڭ لىرىك،ئەڭ
جانلىق شېئىر تۇرسا ...شېئىردەك ھوزۇرغا چۆمۈلۈپ تۇرسا قانداقمۇ شېئىر يازالسۇن ،-دېدى يۈسۈپچان ئابدۇللاغا مەن ئۈچۈن جاۋاب بېرىپ.
-ياق ،-دېدى ئابدۇللا يۈسۈپچاننىڭ سۆزىنى توغرا تاپماي ،-شېئىر
دېگەن نېمە ؟ھېس-تۇيغۇ .باھار پەسلى يېتىپ كەلمىسە گۈل-چېچەكلەر ئېچىلالمىغانغا ئوخشاش ئادەمنىڭ قەلبىگىمۇ تەسىر قىلىدىغان ئىشلار بولمىسا ھېس-تۇيغۇسى قوزغالمايدۇ –ئىلھامى كەلمەيدۇ .ئەركىننىڭ بولسا ھازىر دەل ئىلھامى تازا كۈۋەجەپ بۇلدۇقلاپ تۇرىدىغان ۋاقتى .بىر شائىرغا نىسبەتەن ئاشىغىنىڭ ۋىسالىغا يىتىپ سۆيگۈ شارابىنى ئۈزمەستىن ئىچىۋاتقان ۋاقتى قەلبىگە قىزغىنلىق تولۇپ تاشقان ۋاقىت ،ئۇ مۇشۇ ۋاقىتتا شېئىر يازمىسا قانداق ۋاقىتتا يازىدۇ ؟
-بۇنداق ۋاقىتتا شېئىرنى خوتۇنىنىڭ تېنىگە يازىدۇ ...قەغەز –قەلەم نە
ھاجەت ..
مەن يۈسۈپچاننىڭ بۇ گېپى ئۈچۈن بارمىغىنى ئۇنىڭغا چىنەپ كۈلۈپ
قويدۇم .
ئابدۇللا :
-سەنمۇ توي قىلغان كۈنلەردە شېئىر يازمىغانمىدىڭ؟-دەپ سورىدى
يۈسۈپچاندىن .
-يازمىغان ...
-بىز نېمە ئۈچۈن شېئىر يازىمىز ؟-دەپ سوراپ قالدى ياسىنجان شۇچاغدا .
بۇ سوئال بىلەن ھەممەيلەن بىر-بىرىمىزگە قاراپ سەل ئولتۇرۇپ قالدۇق .
ئاۋال يۈسۈپچان سۆز باشلىدى .
-مەن نېمە ئۈچۈن شىئېر يازىدىغانلىغىمنى ئۇنچە چوڭقۇر ئويلاپ كەتمەيمەن .
توي قىلىشتىن بۇرۇنقى ساددا چاغلىرىمدا قىزلارنى قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن ياكى ئۆزۈمنى كۆرسىتىش ئۈچۈن شىئېر يېزىپتىكەنمەن .ھازىرمۇ ئۇنىڭدىن باشقىچىراق بۈيۈك غايە-ئارزۇلىرىم يوق .بىرەر ئۇسلۇپ يارىتىش ياكى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپىتىغا ئېرىشىش ئۈچۈنمۇ يازمايمەن .پەقەت ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىمدە شېئىرغا ھەۋەس قىلىپ قىزىقىپ قالغىنىم ۋە شېئىر يېزىشقا ئادەتلىنىپ قالغىنىم ئۈچۈن شېئىر يازىمەن .
-بۇنداق دېگىنىڭ بىلەن يازغان شېئىرلىرىڭدا ئۆزۈڭگە خاس چوڭقۇرلۇق
ۋە يېڭىلىقلار بارغۇ .
ئۇ مېنىڭ سۆزۈمگە جاۋاب بەرمەي يانچۇقىدىن تاماكا قېپىنى ئېلىپ
ھەممەيلەنگە تاماكا تۇتتى .ئۆزىمۇ بىر تال تاماكىنى لېۋىگە قىستۇرۇپ مەن يېقىپ بەرگەن چاقماق بىلەن ئوت تۇتاشتۇرغاندىن كېيىن دېدى :
-شېئىر يازغاندا باشقىلارغا تەقلىد قىلىشنى ئويلىمىساقلا ئۆزىمىزنىڭ ئۇسلۇبى
تەبىئىيلا شەكىللىنىدىكەن .بىراق مەن بايا دېگەندەك ئۇسلۇب يارىتىشنى ياكى بىرەر ئېقىمغا تەۋە بولۇشنى ئويلاپ باقمىدىم .مېنىڭ قوغلىشىدىغىنىم ئۆزۈمنىڭ ئوي-پىكىرى ياكى ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئەڭ چىن، ئەڭ تەبىئىي يېزىپ چىقىش .
ـ ھازىرقى «گوگا شېئىر»دەپ ئاتىلىۋاتقان يېڭى شېئىرلارغا قانداق قارايسەن؟
-مەن بۇرۇنمۇ بۇ ھەقتىكى چۈشەنچەمنى ئوتتۇرغا قويغان .يەنە دېسەم مەن
بۇ «گوڭگا» دەپ ئاتالغان شېئىرلارنىڭ تەنقىدچىلەر دېگەندەك «غەرب مۇدېرنىزم ئەدەبىياتى»دېگەن ئارقا كۆرنۈشىنى چۈشەنمەيمەن ،ئۇ ھەقتە بىر ئېنىق تونۇشقا ئىگە ئەمەسمەن . بەزى يېڭى شېئىرلار ماڭا قالتىس تۇيۇلسىمۇ،لېكىن نۇرغۇنلىرى قەستەنگە چۈشىنىكسىز سۆزلەر بىلەن سۆزلەر دۆۋىسى ياساپ قويغاندەك غەلىتە تۇيۇلىدۇ.«گوڭگا»دېگەن ئىسمىدىن بىلىنىپ تۇرغاندەك گوڭگا شېئىر يېزىشنىڭ زادى قانداق رولى ياكى ئەھمىيىت بارلىغىنى مەن زادى چۈشەنمەيمەن ھەم چۈشەنگۈممۇ يوق.بەزى «يالىڭاچ»نەرسىلەرنى چۈشىنىپ بولالمايۋاتقان يەردە ئادەمنى ئۇنداق قىزىقتۇرالمايدىغان ئۇ گوڭگا نەرسىلەرنى چۈشىنەي دېيىشكە نەدە چولا ...قېنى ئەمدى سەن دەپ باقە ،سەن نېمە ئۈچۈن شېئىر يازىسەن ؟ -دېدى يۈسۈپچان سۆزىنىڭ ئاخىرسىدا ماڭا قاراپ .
مەن قولۇمدىكى تاماكىنى كۈلدانغا بېسىپ ئۆچۈرۈپ دېدىم:
-مەن شېئىرنى ئۆزۈمنى بايان قىلىش ،قەلبىمنى ئىزھار قىلىش ئۈچۈن يازىمەن.
كىمگە ئىزھار قىلىسەن دېسەڭلار مېنىڭ شېئىرلىرىمنى ئوقۇپ خۇددى ئۆزلىرىنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرى ئىپادىلەنگەندەك سېزىدىغان كىشىلەرگە ئىزھار قىلىمەن .بىرەرسى مېنىڭ شېئىرىمنى ئوقۇپ ياقتۇرىدىكەن ئىككى قەلب ئۈچۈن ئۆز-ئارا ئىزھار قىلىش ۋە چۈشىنىش ئەمەلگە ئاشقان بولىدۇ .ئىككى ئادەم بىر-بىرىگە يۈزمۇ يۈز قارىشىپ تۇرغان ۋاقىتتا تاشقى قىياپەتلىرىنىڭ بىر-بىرى ئۈچۈن ئەھمىيىتى يوق .چۈنكى ئادەمنىڭ سىرتقى قىياپىتى ياكى شەكلىنى بىرلا قاراش بىلەن بىلگىلى بولىدۇ ھەم دۇنيادىكى بارلىق ئىنسانلارنىڭ شەكلى ئوخشاش بولىدۇ .بۇنداق ۋاقىتتا ئادەمنى قىزىقتۇرىدىغنى قارشى تەرەپنىڭ ئىچكى دۇنياسى، قارشى تەرەپ بىرەر نەرسە دېمىسە ياكى كۆڭلىدىكىنى ئىپادىلىمىسە ئۇنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىغىنى ،قەلبىدە قانداق ھېس-تۇيغۇلارنىڭ بارلىغىنى زادى بىلگىلى بولمايدۇ .ئۇنىڭ ئۈستىگە كىشىلەر قەلبىدىكى نەرسىلەرنى باشقىلارغا بىلدۈرۈشكە مۇھتاج بولسىمۇ ،لېكىن ئادەم قەلبىدىكى ئۇ پىنھان نەرسىلەر كىشىنىڭ ئۆزىگە خاس مەخپىي ھېس-تۇيغۇلىرى بولغاچقا باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە ياكى تەنقىدىگە ئۇچراشتىن ئەنسىرەپ ئاسان ئاشكارىلىغىلى بولمايدۇ .ئەمما كىشىلەر ئۆز قەلبىنى ئىزھار قىلىشنىڭ ،ئۆز ھېسياتىنى يۇشۇرۇن قويىۋىتىشنىڭ نۇرغۇن ئۇسۇللىرىنى ئىجاد قىلغان .شېئىر يېزىش بولسا بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇكەممەل ،ئەڭ يۈكسەك شۇنداقلا ئەڭ گۈزەل بىر خىل ئۇسسۇلى .بولۇپمۇ شائىرلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئادەملەرنىڭ دەقىقە ئىچىدىكى بىرەر ئامال بىلەن تۇتۇپ ساقلاپ قويغىلى بولمايدىغان تۇيغۇ-سېزىملىرى خۇددى مۇزىكىغا ئوخشاش رىتىمگە ،رەسىمگە ئوخشاش كارتىنىغا ئىگە بولغان مۇكەممەل سەنئەت ئەسىرى شېئىرغا ئايلىنىپ ،بىر ئاددى يېزىق بىلەن ئاڭلىغىلى بولىدىغان مۇزىكا ئۈنۈمىنى ،كۆرگىلى بولىدىغان رەسىم تەسىرىنى پەيدا قىلىپ كىشىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىغا چەكسىز ھوزۇر بىغىشلايدۇ .ئاددى ھەم يىغىنچاقلاپ دېسەم ماڭا شىئېر خۇددى ھاۋادەك زۆرۈر؛ ئادەم نەپەس ئالمىسا ياشىيالمىغانغا ئوخشاش مەن شېئىر يازمىسام قەلبىم سۇسىز قالغان گۈل كەبىي قۇرۇپ كېتىدۇ .
-ئەمىسە يېڭى شېئىرلار غا قانداق قارايسەن ؟
-ئەركىننىڭ يازغان شېئىرلىرىدىن بىلگىلى بولىدۇ ،ئۇ يېڭى شېئىرلار تەرەپ-
دارى ،-دېدى ياسىنجان مەن ئۈچۈن جاۋاب بېرىشتىن بۇرۇن .
-توغرا دەيسەن ،-دېدىم مەن ياسىنجاننىڭ سۆزىنى ماقۇللاپ،-مەن يېڭى
شېئىرلار تەرەپدارى .مەن ھەر بىر دەۋىردىكى ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشىدا ھەم ياشاش ئۇسسۇلىدا پەرق بولغىنىغا ئوخشاش ئۆزىنى ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىمۇ پەرق بولۇشى كېرەك دەپ قارايمەن .ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭى شېئىرلار قەلبنى چوڭقۇر ئىپادىلەش ،ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا بەكىراق يېقىنلىشىش جەھەتتە ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبقا قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك رول ئوينىدى .ئەمىلىيەتتە يېڭى شېئىرلارنىڭ يۈزلىنىشىگە قارىساق ئۇنىڭ بىر خىل ئۇسلۇبسىز ئۇسلۇبقا ئىگە يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىۋاتقانلىغىنى سەزگىلى بولىدۇ .
-بۇ نېمە دېگىنىڭ ؟-دەپ سورىدى ئابدۇللا .
-مېنىڭ بۇ «ئۇسلۇبسىز ئۇسلۇب»دېگىنىم ھېچقانداق قېلىب ياكى رامكا
بېكىتىۋالماستىن ئەركىن يېزىقچىلىق قىلىش دېگەننى بىلدۈرىدۇ .چۈنكى شېئىرنىڭ ئوبىيېكتى بولغان قەلب –ئىنسان تەبىئىتى ئوبزۇرچىلىرىمىز دېگەندەك قېلىبقا چۈشمەيدۇ.
-ئەمىسە سېنىڭ دېگىنىڭ بويىچە بولغاندا يېڭى شائىرلارنىڭ شېئىرلىرى
ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى چوقۇنىدىغان مۇدېرنىزملىق ئۇسلۇبلاردىنمۇ ھالقىپ كەتكەنما؟ -دېدى يۈسۈپچان مېنىڭ دېگەنلىرىدىن گۈمانلانغاندەك بولۇپ .
-سەن خۇددى بەزى قارا قورساق ئوبزۇرچىلىرىمىزدەك گەپ قىلىۋاتىسەن .
مۇدېرنىزم دېگەن مەلۇم بىر خىل ئەدەبىي ئېقىمنى ياكى ئۇسلۇبنى بىلدۈرىدىغان ئاتالغۇ ئەمەس .مۇدېرنىزم دېگەن 19 –ئەسىردىكى بالزاك ۋەكىللىگىدىكى ئەنئەنىۋى رېئالىزمغا قارشى مەيداندا بارلىققا كەلگەن نۇرغۇن ئەدەبىي ئېقىملارنىڭ ئورتاق نامى .بۇ يېڭى ئېقىملار ئەنئەنىۋى ئەسەرلەرگە ئىنكارچىلىق پۇزىتسىيىسى تۇتۇپلا قالماستىن ،يەنى ئۆزئارا بىر بىرىنى ئىنكار قىلىدۇ .بەزى ۋاقىتلاردا بولسا ئۆزئارا بىر بىرىگە يۇغۇرلۇپمۇ كېتىدۇ .مۇدېرنىزمنى ئەڭ ياخشىسى ئەنئەنىگە قارشى پىكىر قىلىش ئۇسۇلى دەپ چۈشەنگەن تۈزۈك .
-ئۇنداقتا سېنىمۇ ئەنئەنىگە قارشى تۇرغۇچىلاردىن دەپ چۈشەنسەك بولىدىكەن-
دە،-دېدى يۈسۈپچان كۈلۈپ .
-ئەمىلىيەتتە ھەر بىر دەۋىردىكى ھەرقانداق بىر ياشتا ئاسىيلىق قىلىش
خاھىشى بولىدۇ . سەندىمۇ شۇنداق ،ئەمما سەن ئۆز روھىي دۇنيارىڭنى چوڭقۇر قېدىرىپ چۈشىنىپ باقمىغاچقا بۇنى ئېتراپ قىلمايسەن .مېنىڭ بۇنداق دېيىشىمدىكى سەۋەپ ،ھەرقانداق بىر ئادەم ئاتا-ئانىسىدىن -يەنى ئۆزىگە نىسبەتەن كونا بولغان دۇنيادىن پەيدا بولىدۇ ۋە ئەنئەنىۋى نەرسىلەر ئىچىدە ياشايدۇ .بىراق ئۇلار بىر يېپيېڭى مەۋجۇتلۇق ،ئاتا- ئانىسىنىڭ داۋامى بولمىغان مۇستەقىل ئاڭغا ئىگە بولىدىغىنى ئۈچۈن ئۆز دۇنياسىنى ئۆز خاھىشى بويىچە ،ئۆزىگە ماس كەلگەن شەكىلدە ئۆز ئارزۇسىدەك بەرپا قىلىشنى ئويلايدۇ .بۇ يەنىلا ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى .شۇڭا ئادەملەر ھەرخىل ئىجادىيەت ئارقىلىق بىر ئىزىدا توختاپ قالماستىن ئالغا ئىلگىرلەپ ماڭىدۇ .
-سەن ...
-توختا،-دېدىم مەن ياسىنجاننى گېپىنى قىلغىلى قويماي،-ئەمدى نۆۋەت
ساڭا كەلدى .سەن نېمە ئۈچۈن شېئىر يازىسەن ؟
ھەممەيلەن كۈلۈشۈپ بىر تالدىن تاماكىغا ئوت تۇتاشتۇردۇق.ياسىنجان تاماكا
ئىسىنى پۈۋلەپ ئۆزىنى سافانىڭ يۆلەنچۈكىگە تاشلاپ ،پۇتىنى مىنگەشتۈرۈپ كېرىلىپ ئازادە ئولتۇرىۋىلىپ سۆزىنى باشلىدى .
-ئومۇملاشتۇرۇپ دېگەندە شېئىر يازىدىغانلارنىڭ مەقسىدى ئىككى خىل بولىدۇ
،بىر خىلى نام -مەنپەت ئۈچۈن ،ئابرۇي تىپىش ئۈچۈن شېئىر يازىدىغانلار .يەنى بىر خىلى ئۆز ھېسياتىنى ياكى ئوي-پىكىرىنى باشقىلارغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن شېئىر يازىدىغانلار ...ئەلۋەتتە مەن كېيىنكىسىگە تەۋە .مەن شېئىرىيەت ئارقىلىق ئاجايىپ بىر گۈزەل دۇنياغا،بىر سىرلىق ئالەمگە يېتىپ بارغىلى بولىدىغاندەك ھېس قىلىپ شېئىر يازىمەن ...يېڭى شېئىرلارغا قانداق قارايسەن دەپ سورىساڭلار ، مېنىڭ قارىشىم شېئىرلىرىمدىن مەلۇم:مەن يېڭى شېئىرلارنىڭ قىزغىن چوقۇنغۇچىسى .
ياسىنجاننىڭ سۆزى تۈگەش بىلەن تەڭ ھەممەيلەن ئابدۇللاغا قارىدۇق .
ئابدۇللا بىر ئىشنى ئويلاۋاتقاندەك ھەممەيلەنگە مۇنداقلا قاراپ قويۇپ ئىككى قولىنى جۇپلاپ تۇرۇپ دېدى :
-«مەن نېمە ئۈچۈن شېئىر يازىمەن »دېگەن سوئال مېنىڭچە ھەر بىر شېئىر
يازغۇچى كۆپ ئويلايدىغان سوئال بولۇشى مۇمكىن .بەزىلەر ۋەتەن،مىللەت ئۈچۈن
،بەزىلەر باشقىلارنى ئويغىتىش ھەم مەلۇم نەرسىلەرنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ھەم يەنە بەزىلەر سۆيگۈ-مۇھەببەت ئۈچۈن ياكى ئۆزىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن شېئىر يازىمەن دەپ ئويلىشى مۇمكىن .بىراق مەن بەزىدە نېمە ئۈچۈن شېئىر يازىدىغانلىقىمنى زادى بىلەلمەي قالىمەن .مېنى باشقىلار ،قانداقتۇر ئۆزۈممۇ بىلمەيدىغان بىر سىرلىق،نامەلۈم كۈچ شېئىر يازغۇزىۋاتقاندەك ،يازغان نەرسىلىرىم مەن بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىزدەك ھېس قىلىپ قالىمەن .بەزىدە بولسا مەن مۇھەببەت ئۈچۈن ،گۈزەل ئارزۇ-ئىستەكلەر ۋە گۈزەل قىزلار بولغىنى ئۈچۈن شىئېر يازىمەن دەپ، بەزىدە بولسا ئادەملەرنىڭ كۈلپەتلىك تەقدىرى ،ھەسرەت-نادامەت ۋە قايغۇ- ئەلەملىرى بولغاچقا شۇلارنى خاتىرلەش ئۈچۈن شېئىر يازىمەن،دەپمۇ ئويلايمەن . بىراق،بەزىدە بولسا نېمە ئۈچۈن شىئېر يازىدىغانلىقىمنى زادى بىلەلمەي قالىمەن ،شېئىر يېزىش بەزىدە شۇنچىلىك ھەسرەتلىك بىلىنىپ ،بولدى، ئەمدى بۇندىن كېيىن شېئىر يازمايمەن ،دەپ ئويلاپمۇ قالىمەن .ئەمما يەنىلا يازماي تۇرالمايمەن .
-يېڭى شىئېرلارغا قانداق قارايسەن ؟قوللامسەن قارشى تۇرامسەن؟
-مەن ھەر ئىككى خىل شېئىرىيەتنى قوللايمەن ھەم قارشى تۇرىمەن .
-ھەي ،بۇ قانداق قاملاشمىغان جاۋاب!بۇ دۇنيادا ئىككى تەرەپكە تەڭ
تەۋە بولغىلى بولىدىغان ئىش يوق،سەن ياكى قوللايسەن ياكى قارشى تۇرىسەن ؛ ياكى تىرىكلەرگە تەۋە بولىسەن ياكى ئۆلۈكلەرگە تەۋە بولىسەن ...-دەپ كۈلدى يۈسۈپچان .
-ھازىرقى دۇنيا مۇرەككەپلىشىپ كەتتى .ئۇنداق ئېنىق چىگرا ئايرىغىلى
بولمايدۇ ،ھەممە نەرسە ئۆز-ئارا ئارلىشىپ كېتىۋاتقان ھەم ھەممە ئۆزىنى تەكىتلەپ كۆپ قۇتۇپلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن.ئابدۇللا مۇشۇ دەۋىرنىڭ تەسىرىگە ئەڭ چوڭقۇر ئۇچرىغاندەك قىلىدۇ ،-دېدى ياسىنجان .
-ئەمىلىيەتمۇ شۇ ،ئۆز دەۋرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرمىدىم دىيەلەيدىغانلار يوق.
بولۇپمۇ سەنئەتكارلار ئۆز دەۋرىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ .مېنىڭ قارىشىممۇ مۇشۇ دەۋىردىن كەلگەن .مەن ئۆزۈمنىڭ ھېس-تۇيغۇغا ۋە ئارزۇ- ئىستەككە ناھايتى باي ۋە سەزگۈر ئىكەنلىگىمنى ،شۇنداقلا ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسىنىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپ ئىكەنلىگىنى ھېس قىلىپ ۋە يېڭى شېئىرلارنىڭ ئادەمنىڭ مۇشۇ چوڭقۇر ھەم سىرلىق قەلب ئالىمىنى ئىپادىلەشتە ئاجايىپ يۈكسەكلىككە يىتەلگەنلىكىنى ۋە شەخىسنىڭ مەۋجۇتلىغىنى نامايەن قىلىش ھەم قىممەتكە ئىگە قىلىشتا رولىنىڭ قالتىس ئۈنۈملۈك ئىكەنلىگىنى كۆرۈپ يېڭى شېئىرلارغا قىزغىن ئىشتىياق باغلىدىم .بىر ئادەم ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىغىنى نامايەن قىلىش ۋە كەڭ تۈردە ئىپادىلەشتىن ئۆزگە شەخىسنىڭ قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدىغان ئىش يوق .يېڭى شېئىرلارنىڭ ئەڭ مەركەزلىك خاھىشى ئۆزلۈكنى ،ئۆزۈڭنىڭ ئىچكى ئالىمىنى ئەڭ چوڭقۇر قىزىش ۋە ئىپادىلەپ چىقىش .مەن مۇشۇ نۇقتىدىن يېڭى شېئىرلارغا يۈزلەندىم .ئەمما،كېيىن مەن بۇلارنىڭ يىتەرلىك بولمايدىغانلىغىنى ھېس قىلىپ قالدىم .مەن بىر يەككە مەۋجۇتلۇق بولۇپلا قالماستىن بىر مىللەتكە تەۋە بولغان كوللىكتىپنىڭ ئەزاسى ئىكەنمەن .مەن خالاي ياكى خالىماي مۇشۇ كوللىكتىپ ماڭا ئۈزلۈكسىز تەسىر قىلىدىكەن ۋە مېنى ئۆز توپىدا ئېلىپ ماڭىدىكەن .مەن ئورمانلىقلاردا يەككە-يىگانە ياشاۋاتقان ھايۋانلارغا ئوخشىمايدىكەنمەن ،بىر جەمىيەتنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولىدىكەنمەن . شۇڭا،مەن مۇشۇ جەمىيەتتىن تەسىر قوبۇل قىلىدىكەنمەن ھەم شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇشۇ جەمىيەتكە تەسىر بېرىشىم كېرەك ئىكەنمەن .بولۇپمۇ بىزگە ئوخشاش تارىخ تەرەپىدىن تاشلىۋىتىلگەن ،ئۇزۇن جەريانلىق چۈشكۈنلىشىشنى بېشىدىن ئۈتكۈزۈپ
يېڭى دەۋىرگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن غايەت زور ئۆزگىرىش ئىچىدە يېڭى دەۋرگە يېتىشىۋىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقان ،تىرمىشىۋاتقان بىر مىللەتنىڭ شائىرى بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ ئەنئەنىۋى بولۇش زۆرۈر ئىكەن .يېڭى شىئېرلار شەخىسكە كۆڭۈل بۆلۈدىغان ،قەلىبنىڭ مۇرەككەپلىگىنى ئىپادىلەشكە يۈزلەنگەن بولغاچقا چۈشەنمەك قېيىن ،ئاكتىۋىئاللىق يوقتەك بىلىنىدۇ.ئادەمنىڭ ئوي-پىكىر ۋە ئىلگىرلەش يۈزلىنىشىگە ئۇنچە كۈلۈك تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.بىراق بىزنىڭ مىللىتىمىزدەك ھەممە نېمە ئۆزگىرىپ ئالمىشىۋاتقان ،ئۆزىنى قانداق تەڭشەپ ماسلاشتۇرۇشنى بىلمەيۋاتقان كىشىلەر كوللىكتىۋى ئۈچۈن ئەنئەنىۋى،ئاممىباپ ،تېخىمۇ چۈشىنىشلىك بولغان ،كىشىلەرنى بىر ئورتاق ئارزۇ-غايە يولىدا بىرلەشتۈرۈپ ئىلھام-مەدەت بىغىشلايدىغان ئەسەرلەر زۆرۈر دەپمۇ ئويلايمەن .شۇڭا بەزىدە ئۆزۈمنى ئىپادىلەش ئۈچۈن مۇرەككەپ سىرلىق ھېس-تۇيغۇلىرىمنىڭ تېگىگە يەتكۈسىز قاينىمىدا پىرقىراپ يۈرسەم،بەزىدە شۇ ئاممىباپ ،ئوي-پىكىرلىرى راۋان شېئىرلارنى ئوقۇپ قىزغىن ھاياجانغا چۆمۈپ مىللىتىمىزنىڭ گۈللىنىش يولىنى كۆرگەندەك بولىمەن ...-دەپ سۆزدىن توختىدى ئابدۇللا .
-مەن سېنى گوڭگىچى دەپ ئويلايتتىم.شېئىرلىرىڭدىمۇ شۇنداق يۈزلىنىش
مەۋجۇت ئىدى.بۇ سۆزۈڭدىن قارىسام ئەسلىدە سېنىڭ شېئىرلىرىڭ ئىككى خىل ئىدىيىۋى كۈچنىڭ تەسىرىدە يېزىلغانكەن ئەمەسمۇ...-دېدىم مەن ھەيران بولۇپ.
-مەن سىلەرنىڭ ئۆزلۈكىڭلارنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۆز ئىچىڭلارغا قانچىلىك
چوڭقۇر چۆكۈپ باققىنىڭلارنى بىلمەيمەن.مېنىڭ كۆپ ھاللاردىكى دىققىتىم ئۆزۈمنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنىڭ ۋە ھېس –تۇيغۇ،سېزىملىرىنىڭ پەيدا بولۇش، ئۆزگىرىش،يوقىلىش جەريانلىرى ۋە ئۆز ھەركىتىمگە قانداق تەسىرلەرنى بېرىدىغانلىقى ھەم قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئەكىلىدىغانلىقىغا بەكلا مەزكەزلەشكەن. مەن نۇرغۇن قېتىملىق مۇشۇ جەريانلار ئارقىلىق بۇنى تونۇپ يەتتىم ۋە ئىتراپ قىلدىم:ئادەم ھايۋان بىلەن پەرىشتەنىڭ بىر گەۋدىلىشى ئىكەن.مەن ئادەمنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق بوپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى زادى بىلەلمىدىم.لېكىن ئادەمنىڭ بىر شەكسىز ھەقىقىتى شۇكى ئادەم رەزىللىك بىلەن ئالىيجاناپلىقنىڭ مېۋىسى.رەزىللىك ياۋايىلىقتۇر،ئالىيجاناپلىق مەدەنىيلىكتۇر.مەن ھېس قىلسام ئەنئەنىۋى شېئىرلار بىلەن مۇدېرنىزمچە شېئىرلار دەل مۇشۇ ئىككى لاگىرغا مەنسۇپ ئىكەن...
يۈسۈپچان شۇ ھامان ئابدۇللانىڭ گېپىنى بۆلدى.
-بۇ گېپىڭدىن قارىغاندا مۇدېرنىزمچە،گوڭگىچە ياكى يېڭى شېئىرلار رەزىللىك
ياكى ياۋايىلىقنىڭ ئۆزىنى مەيدانغا كەلتۈرۈشى،ئەنئەنىۋى ئاممىباپ شېئىرلار مەدەنىيلىكنىڭ ياكى ئالىيجاناپلىقنىڭ مەھسۇلى ئىكەندە؟شېئىرلارنى رەزىل ياكى ئالىيجاناپ دەپ ئايرىدىغانغا بۇ قانداق پەلسەپە ئەمدى؟سەن بىر يېڭى تەلىماتنى ئوتتۇرغا قوياي دەمسەن؟
ئابدۇللا يۈسۈپچاننىڭ بۇ سۆزى بىلەن سەل قىزىرىپ تەمتىرەپ تۇرۇپ قالدى .
كەينىدىن كۈلۈپ ئۇيان-بۇيان قاراپ قويۇپ ئورنىدا قىمىرلاپ قويۇپ جىم بولدى.
مەنمۇ ئابدۇللانىڭ بۇ سۆزىدىن بەكلا ھەيران قالغاچقا،سەل چۆچۈش بىلەن
قوشۇپ قويدۇم.
-مەن سېنىڭ شېئىرلارنى بۇنداق ئەخلاقىي نۇقتىدىن چىقىپ رەزىل ياكى
ئالىيجاناپ دەپ ئايرىشىڭغا پۈتۈنلەي قارشى .بۇ قاراشلىرىڭنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق ۋە ھېچكىمنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ.
-مەن سېلەرگە ئۆزۈمنىڭ تەلىماتىنى تارقىتىۋاتمايمەن ھەم ئۇنداق خىيالىممۇ
يوق.مەن بۇ ھەقتە ئويلىغانلىرىمنى،سەزگەنلىرىمنى دوستلىرىم بىلەن ئورتاقلىشاي دەپ سىلەرگە ئېيتىۋاتىمەن.شۇڭا،سەن ،-ئۇشۇنداق دەپ بىگىز بارمىقىنى چىقىرىپ ماڭا قاراپ قويۇپ سۆزىنى داۋام قىلدى،-قازىلارچە ھۆكۈم چىقىرىشقا ئالدىراپ كەتمەي مېنىڭ دېگەنلىرىمنى تەپسىلى ئاڭلاپ ھەم ئانالىز قىلىپ،ئۆز كۆز قاراشلىرىڭنى بۇنداق تومتاقلا ئەمەس تەپسىلى ئوتتۇرغا قوي .شۇ چاغدا مۇنازىرلەشسەك بولىدۇ.-ئۇ بۇ سۆزدىن كېيىن يەرگە قاراپ ئويلىنىش بىلەن نەچچە سىكىنوت تۇرۇپ قېلىپ ،كەينىدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ سۆزىنى داۋام قىلدى،- مېنىڭ بۇ يەردە شېئىرلارنى رەزىل ياكى ئالىيجاناپ دەپ ئايرىشىمنىڭ ئىدىيە جەھەتتىكى چىقىش نۇقتىسى ھەرگىزمۇ سىلەر چۈشەنگەندەك ئەخلاقىي قاراش ئەمەس.يەنى سۇئىي ئىجادىيەت بولغان ئەخلاقنىڭ قارشى تەرىپىدىكى تەبىئەتنىڭ تەبىئىلىك پىرىنسىپىگە ئۇيغۇن بولمىغان،ئادەملەر مەدەنىيەتكە قەدەم قويغاندىن كېيىن ئىجاد قىلغان نەرسىلەر بىلەن تەبىئىي مەۋجۇداتنى پەرىقلەندۈرۈش ئۈچۈن ھازىرچە قوللىنىپ تۇرغان بىر ئاتالغۇ.سىلەر مۇنۇ سۆزگە دىققەت قىلىڭلار،ئادەم ئەسلى تەبىئىي مەۋجۇدات ،ئەمما مەدەنىيەت ھالىتىگە كىرىپ كەلگەن ۋە ئۇندىن كېيىن ئادەملەر ئىجات قىلغان نەرسىلەر تەبىئىي ئەمەس سۇنئىي نەرسىلەردۇر. ئەمدى مۇشۇ يۆنىلىش بويىچە ئۆز ۋۇجۇدىمىزغا نەزەر سالايلى،شېئىرلار دەل بىزنىڭ روھىيىتىمىزدىن-ئىچىمىزدىن كېلىدۇ.مەدەنىيەت،ئەخلاق ياكى رېئاللىق قارىشى دەل بىزنىڭ كوللىكتىپ ئىچىدىكى مەۋجۇدىيەتلىك ئېڭىمىزدىن كەلگەن.ئەنئەنىۋى ئاممىباپ شېئىرلار مۇشۇ دۇنيادىن كېلىدۇ.بۇلاردا ئادەملە ئارىسىدىكى ئورتاقلىق ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ.مۇدېرنىزمچە ياكى يېڭى شېئىرلارچۇ؟ئۇلار تەبىئىيلىكنىڭ ،تەبىئەتنىڭ ئىزناسى ياكى كۈچى بولغان يەككە ئۆزلۈكنىڭ ئۆزىنى نامايەن قىلىشى.ئۇلار مەدەنىيەت ئىچىدىكى ئادەملەرگە نىسبەتەن ناھايتى يىراقتا قالغان ۋە ھەرخىل ئىدىيىۋى قاراشلار تەرىپىدىن توختاۋسىز ئۆزگىرىشكە دۇچ كىلىۋاتقان بىر ياۋايى كۈچ...يەنە قانداق چۈشەندۈرەي؟...مېنىڭ ھېس قىلغىنىم شۇ: يېڭى شېئىرلار مەدەنىيەت ياكى ئجتىمائىيلىق دەپ ئاتالغان ئادەملەر ئىجاد قىلغان ئىدىيىلەر تەرىپىدىن چەكلىنىۋاتقان ،باستۇرىلىۋاتقان ئادەمدىكى تەبىئىي ھەم ئىپتىدائىي بولغان ئەسلىي بولغان ئۆزلۈكنى قىزىشقا ياكى شۇنى ئىپادىلەشكە كۈچەيدىكەن.شۇنىڭغا دىققەت قىلىڭلار،تەبىئەتتتە ياكى تەبىئىي نەرسىلەردە زادى ئىدىيە يوق.ئۇنىڭدا بارى تۇيغۇ ياكى كەيپىياتتەك نەرسىلەر.مەدەنىيەت ھۆكۈم چىقارغان ئىپتىدائىيلىق –ياۋايىلىق،ياۋايىلىق –رەزىللىك...ھازىرچە مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇراي،بىر كۈنلەر كېلىپ بۇ ھەقتىكى ئوي-پىكىرلىرىم مۇكەممەلەشكەندە بىر پارچە ماقالە قىلىپ ئالدىڭلارغا تاشلىسام ئاندىن مۇۋاپىق بولغۇدەك.ئىشقىلىپ مەن دوستلارنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولغان خاسلىقىنى تونۇپ ۋە تېخىمۇ قىزىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ نۇرلاندۇرۇشىنى،دوستلار ياكى باشقىلار بىلەن ئورتاق بولغان تەرەپلەرنى تېخىمۇ نامايەن قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.دوستلىرىمنىڭ شۇنچە ئۇزۇن قۇرۇق گەپلىرىمنى دىققەت بىلەن ئاڭلاپ بەرگىنىگە كۆپ رەھمەت،-ئابدۇللا سۆزىنى تۈگىتىپ ھەممىمىزگە تەشەككۇر بىلدۈرگەن ھالەتتە ئوڭ قولىنى كۆكسىدە قويۇپ بېشىنى بوشقىنە تۆۋەن قىلىپ قاراپ قويدى.
-توغرا دەيسەن ،ئەمىلىيەتتە ھەممىمىزنىڭ ئۆزىمىزگە تەۋە خاسلىقىمىز
بولۇپلا قالماستىن يەنە نۇرغۇن ئورتاقلىقلىرىمىز بار ...ئىشقىلىپ مەن سوپى- ئىشان ،خوجىلار مالىماتاڭ قىلغان قىلغان ئوتتۇرا ئەسىرلەردە تۇغۇلۇپ قالماستىن مۇشۇ دەۋىرنىڭ -21-ئەسىرگە كىرىش ئالدىدا تۇرغان ياشلار كوللىكتىۋىنىڭ ئەزاسى بولۇپ قالغىنىمدىن ئىنتايىن رازىمەن ،-دېدىم-دە، ئورنىدىن تۇرۇپ سىرتقا چىقىپ،ئارزىگۈلگە تاماق تەييار بولغان بولسا ئەكىرىشنى ئېيتتىم.مەن دوستلىرىمنىڭ قېشىغا قايتىپ كىرىشىمگە ئارزىگۈل بىر پەتنۇستا بەش تەخسە لەڭمەننى كۆتۈرۈپ كىردى.بىز كۈلكە-چاقچاقلار بىلەن تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ،بىز يەنە شېئىرنىڭ پارىڭىغا كۆچتۇق .
-سىلەر يېڭى شىئېرلار تەرەپدارى ئىكەنسىلەر ،ئۇنداقتا قايسىڭلار قايسى
ئىقىمغا مەنسۇپ؟مەسىلەن ،سىموۋولىزم،ھالقىما رىئالىزم ،سېھرى رىئالىزم دېگەندەك .. ياكى ئۆز ئالدىڭلارغا بىرەر ئۇسلۇب ياراتماقچىمۇ ؟-دەپ سورىدى يۇسۇپچان.
ئۇنىڭغا جاۋابەن مەن مۇنداق دېدىم:
-بىز يېڭى شېئىرلار تەرەپدارى بولغىنىمىز بىلەن تېخى بىرەر ئېقىمغا مەنسۇپ
ئەمەس .بىزنىڭ ئۇ مۇدېرنىزم ئەدەبىيات ئېقىملىرىغا بولغان تونۇشىمىز تېخى بەكلا يۈزەكى .ئۇنىڭ ئۈستىگە شېئىرىيىتىمىزدىمۇ ئەنئەنىۋى رېئالىزمچىلاردىن باشقا ئۆزىنى بىرەر ئېقىمغا تەۋە دەپ قارايدىغان بىرسىنى كۆرمىدۇق .بىزمۇ ھازىرچە ئىزدىنىۋاتىمىز ،كۈنلەرنىڭ بېرىدە بىرەر ئىزمنى مەيدانغا كەلتۈرۈش ئارزۇيىمىزمۇ بار ...مەن مۇنداق ئويلاپ قىلىۋاتىمەن ،بىز تۆتىمىز گىزىت-ژورناللاردا بىر نەچچە پارچىدىن بولسىمۇ ئەرسەرلىرى ئىلان قىلىنغان قىزغىن ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى .بىز نېمىشقا ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان ،باشقىلار قوبۇل قىلالايدىغان ئۇسلۇبتىكى بىرەر ئېقىمنى ياراتمايمىز؟-دەپ دوستلىرىمغا قارىدىم.
-بىرەر ئۇسلۇپ ؟سېنىڭچە قانداق ئۇسلۇپ ياراتساق بولار؟-دېدى ياسىنجان
بىر قىزىقىش بىلەن.
-ھازىرچە مەنمۇ قانداق ئۇسلۇپ ياراتساق بولىدىغانلىغىنى ياكى قانداق
ئۇسلۇپ يارىتالايدىغانلىغىمىزنى بىلمەيمەن. قايسىدۇر بىر كىتاپتا 19-ئەسىردىكى ئەنگىلىيەدە «كۆل بويى گوروھى»دېگەن بىر تۈركۈم شائىرلارنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكى ،ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدە ئومۇمەن ئۆزلىرى ياشىغان شۇ كۆل بويىنىڭ مەنزىرسى ،شۇ يەردىكى ئۆرۈپ-ئادەتلەر ئۇلارنىڭ ئۆز ھېسياتى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىك ۋە مەزمۇن بىلەن تولغان ئەسەرلەرنى مەيدانغا كەلتۈرگەنلىكى قەيت قىلىنغان .مەن ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ باقمىغان بولساممۇ،ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكنى ئورتاق ھەم ئىزچىل ئىپادىلەش ئارقىلىق شېئىرىيەت تارىخىدىكى مۈنەۋەر شائىرلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىغىنى تەسەۋۇر قىلالايمەن .مېنىڭچە شۇلارنىڭ ئىزدىنىش ئۇسۇلى بىزگە ئىلھام بېرەلەيدۇ ،-دېدىم .
-راست دەيسەن ،لاتىن ئامرىكىسى يازغۇچىلىرىمۇ ئۆزلىرىگە خاس يەرلىك
ئالاھىدىلىكىنى يېزىپ چىقىش ئارقىلىق «سېھرى رىئالىزم»ئەدەبىياتىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ مۇۋاپپىقىيەت قازانغان...بەلكىم مۇشۇ تۆتەيلەننىڭ ئارىسىدىن بىرەرىمىز كۈنلەرنىڭ بېرىدە ياراتقان قالتىس يېڭى ئۇسلۇبىمىز تۈپەيلىدىن نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ قالامدۇق ،تېخى ،-دېدى ياسىن ئۆز تەسەۋۇرىدىن ھوزۇرلانغاندەك كۈلۈپ .
-ئۇخلىماي چۈش كۆرمىسەڭچۇ ،نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشىش دېگەن بىر
پارچە قەغەز چەكنى بانكىغا كۆتۈرۈپ پۇل ئالغانغا ئوخشاش ئاسان ئىش ئەمەس. ئۇنداق مۇكاپاتلارغا مېنىڭچە ئالاھىدە تالانتلىق كىشىلەر ئېرىشەلەيدۇ .سىلەردىن قايسىڭلار ،مېنىڭ يېزىقچىلىقتا ئالاھىدە تالانتىم بار ،دەپ ئېيتالايسىلەر .بىراق ، مېنىڭچە بۇ يەردە ئولتۇرغانلارنىڭ ھېچقايسىمىز ئۇنداق تالانتلىقلار قاتارىغا كىرەلمەيمىز ،-دېدى يۈسۈپچان .
يۈسۈپچاننىڭ بۇ سۆزى مېنىڭ تازا دىتىمغا ياقمىدى.بۇ دېگەن رېئاللىقنى
ئېتراپ قىلىپ ئەمىلىيەتچىل بولغاندەك كۆرۈنگەن بىلەن،تەگ ماھىيتىدىن ھورۇنلۇق قىلىپ ئىزدەنمەسلىك ئۈچۈن ئۆزىگە ئەقىلگە مۇۋاپىقتەك كۆرۈنىدىغان باھانە تېپىۋىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. شۇنىڭ بىلەن مەن يۈسۈپچاننىڭ بۇ سۆزىگە قارشى مۇنازىرلىشىپ بېقىش خىيالىدا دېدىم:
-بۇنداق دېيىشكە نېمە ئاساسىڭ بار ؟
-ئەركىن،مېنىڭ ئۆزىمىزنى چۈشۈرگىنىم ئەمەس،ئەمما بىز مۇشۇ يېشىمىزغىچە
قانچىلىك ئەسەر ئىلان قىلدۇرۇپ باقتۇق ؟ياكى قايسى بىر ئەسىرىمىز كىتاپخانىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ تارىختىن ئورۇن ئالالايدىغان سەۋىيىگە يەتتى؟ ...لېكىن مەشھۇر شائىرلارنىڭ ھەممىسى بىزدەك ياشتا بىرەر ،ئىككىدىن توپلاملىرى ياكى كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشكۈدەك ئەسەرلىرى ئىلان قىلىنىپ ئۆز تالانتىنى نامايەن قىلغان .
-ئۇنداق مۇتلەقلەشتۈرىۋەتمە،تالانت دېگەن تىرىشچانلىقنىڭ نەتىجىسى .
دۇنيادا ئۇنداق سېھرىگەرلىككە ئوخشاش ھايت-ھۇيت دېگۈچە كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ئۆزگىرىشلەرنى ياكى نەتىجىلەرنى پەيدا قىلالايدىغان تالانت مەۋجۇت ئەمەس .تالانتلىقلار دېيىلگەنلەر ئۆزلىرىدە ئالاھىدە ئىقتىدار بولغانلىغى ئۈچۈن ئەمەس ،بەلكى ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا نەچچە ھەسسە ،نەچچە يۈز ھەسسە تىرىشقانلىقتىن ئۇلۇغۋار نەتىجىلەرنى قازىنىپ شۇنداق «تالانتلىق »دەپ ئاتىلىپ قالغان .گەپ بىزنىڭ قايسى دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتەلىشىمىزدە .
-ياق ،سەن بىر نەرسىگە دىققەت قىلماپسەن .دۇنيادا مۇۋاپپىقىيەت قازىنىپ
تارىختىن ئورۇن ئالىدىغان كىشىلەر بىلەن توپىغا كۆمۈلۈپ يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن
تەڭ ئۇنتۇلۇپ كېتىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى قايسى دەرىجىدە پەرىقلىنەر؟-دېدى ئۇ ماڭا قاراپ.
-ئەلۋەتتە ،ئاسمان-زېمىن پەرىقلىنىدۇ،-مەن كۈلۈپ قويدۇم.
-توغرا دەيسەن.دۇنيادىكى مېڭىسى نورمال تەپەككۇر قىلالايدىغان ئادەملە-
رنىڭ ھەممىسى تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە .نەزىريە جەھەتتىن ھەرقانداق بىر ئادەمگە ئۆزى خالىسىلا مۇۋاپپىقىيەت قازىنىش ئىمكانىيىتى بار . نورمال تەپەككۇر قىلالمايدىغان ساراڭلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا بۇنداق تىرىشچانلىق كۆرسىتەلەيدىغان ئالاھىدىلىك ھەرقانداق بىر ئادەمدا بار تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن مۇۋاپپىقىيەت قازىنالايدىغانلارنىڭ سانى شۇنچىلىك ئاز ؟بەزى ئادەملەر بىر ئۆمۈر تىرىشچانلىق كۆرسىتىپمۇ قىلچە مۇۋاپپىقىيەت قازىنالمايدۇ ،بۇ نېمە ئۈچۈن؟بۇ دەل تالانتى يوقلار قانچە تىرىشسىمۇ ئاز-تولا نەتىجە قازانغاندەك قىلغان بىلەن چوڭ مۇۋاپپىقىيەتلەرگە ئېرىشەلمەسلىكنىڭ سەۋەبى –ئۇلاردا تالانتنىڭ يوقلىقىدا. تالانت دېگەن تۇغما تەبىئىي بولىدۇ ،ئۇنى قانچە ئىزدەپمۇ بىرەر يەردىن تېپىۋالغىلى بولمايدۇ .تالانتلىقلار كچىگىدىن باشلاپلا ئۆزگىچە گەپ-سۆز، ھەركەت –قىلىقلىرى ۋە يەنە قانداقتۇ باشقا بىر تەرەپلىرىدىكى ئالاھىدىلىكى بىلەن باشقىلاردىن پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ...ئەلۋەتتە ، قانچە تالانتلىقلار بولغان ھالەتتىمۇ يەنىلا تىرىشچانلىك كۆرسەتمىسە ،مۆگىدەپ ئولتۇرسا مۇۋاپپىقىيەت ئاسماندىن توككىدە قىلىپ چۈشۈپ قالىدىغان ئىش يوق .
-سېنىڭچە تالانتنى تالانتلىقلارغا ئانىسى تۇغۇپ بېرىدىكەندە .
-مەن بۇنى بىلمەيمەن ،مېنىڭ بىلىدىغىنىم تالانتى بارلار بىلەن تالانتى يوقلار
ئوخشاش دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتكىنى بىلەن ئېرىشىدىغان نەتىجىسىنىڭ ئىنتايىن پەرىقلىق بولىدىغانلىقى .
مەن يۈسۈپچاننىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ دېگۈدەك گەپ تاپالماي قالدىم،
لېكىن تالانتنىڭ خۇددى ئادەملەرنىڭ تۇغۇلىشىدا چىرايلىق ياكى سەت بولغىنىدەك ئادەمنىڭ ئۆزگەرتىشى قولىدىن كەلمەيدىغان بىر تۇغما ئالاھىدىلىك ئىكەنلىگىگە ئىشەنمەيتتىم.تالانت دېگەن بىر خىل ئىقتىدار، مۇۋاپپىقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ مۇۋاپپىقىيەت قازىنىشىنىڭ دەسمايىسى.ئۇنداقتا ،تالانت دېگەن زادى نېمە؟ئۇ زادى نەدىن پەيدا بولىدۇ؟...
مېنىڭ ئويلىنىپ قالغانلىقىمنى كۆرۈپ ياسىنجان گەپنى باشقا ياققا بۇرىدى.
-بولدى بۇ ھەقتە تالىشىۋەرمەڭلار ،تالانت دېگەننى مەن تالانتلىق ئەمەس
دەپ قارىغانلارغا قارىغاندا كۆپراق ئەمگەك قىلىش دەپ چۈشىنىمەن.تالانتنى مەنمۇ ئەركىنگە ئوخشاش قانداقتۇ بىر سىرلىق نەرسە دەپ قارىمايمەن...گەپنى ئۆزىمىز ياقتۇرىدىغان تېمىغا ئەكىلەيلى،يۈسۈپ سەن ئەركىننىڭ بىرەر ئۇسلۇپ يارىتايلى ،دېگەن سۆزىگە قىزىقماماسەن ؟-دېدى ياسىنجان ئاۋال يۈسۈپجانغا ،كەينىدىن ئابدۇللاغا قاراپ ،ئاخىردا يۈسۈپجاندىن جاۋاب كۈتۈپ ئۇنىڭغا قارىغىنىچە.
-قىزىقىمەن دېگىنىم بىلەن ئۇنداق ئۇسلۇپ يارىتىش مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ.
-بۇنى سىناپ باقمىساڭ قانداق بىلىسەن ؟...ھېچ بولمىغاندىمۇ بۇ ھەقتە
ئىزدىنىپ بىقىشنى خالايدىغاندۇرسەن ؟
-بولىدۇ ،سىلەر باشلاڭلار .مەن سىلەرگە ئەگىشەي ...
-ئابدۇللا سەن نېمە دەپ ئىچىدە دۇرت ئوقۇۋاتقان كىشىدەك ئولتۇرىسەن؟
ياكى قانداق ئۇسلۇب يارىتىش توغرىسىدا كاللا قاتۇرىۋاتامسەن؟-دېدىم مەن خىيالى ئولتۇرغان ئابدۇللاغا قاراپ .
-مەن بۇرۇن بۇھەقتە ئويلىنىپ باققان .بىراق قانداق ئۇسلۇب ياراتساق
بولىدۇ ،بۇ ئۇسلۇبنى نېمىگە ئاساسلىنىپ يارىتىمىز ،بىزنىڭ شېئىرىيەتتىكى ئىستېتىك تونۇشىمىز نېمە ؟دېگەندەك سوئاللارغا ئېنىق جاۋاپ تاپالماي ،ياكى تونۇشۇمنى بىر نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرەلمىگىنىم ئۈچۈن بۇ ھەقتە سىلەرگە بىر نېمە دېمىگەن ...ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ سەۋىيىمىز يېتىشمەسمىكىن دەپ ئويلايمەن ،-دېدى ئابدۇللا .
-بۇ نېمە دېگىنىڭ،-دېدى ياسىن ئابدۇللانىڭ ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك چىقىپ
تۇرغان ئاخىرقى سۆزىنى مۇۋاپىق تاپماي ،-سەۋىيەمىز يېتىشمەيدىغانغا بىز بىرەر كەشپىيات ياراتماقچى ئەمەس ؛بىز ئۇسلۇپ يارىتىش ئۈچۈن مەلۇم بىر خىل كەسپىي بىلىمگە تايىنىشىمىزنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق .بىز پەقەت كاللىمىزدىكى ئوي- پىكىرىمىزگە ،قەلبىمىزدىكى ھېس-تۇيغۇ ،ئارزۇ-ئىستەكلەرگە تايانساقلا بولدى .
-ئۇنداق دېگىنىڭ بىلەن دۇتارنىڭ پەدىسىنى باسماي تارىنى چېكىۋەرسە ئاۋاز
چىققىنى بىلەن مۇزىكا ھېسابلانمىغىنىغا ئوخشاش ،خىيالىمىزغا كەلگىنىچە ھېچقانداق بىر ئىدىيىۋى ئاساسى ياكى كىتابخانىلارنى قايىل قىلىش كۈچى بولمىغان ئۇسلۇبنى ئوتتۇرغا قويساق خەقنىڭ كۈلكىسىگە قالىمىز .ئۇسلۇبنى سەن دېگەندەك ئۆز تەپەككۇرىمىزدىن ،روھىي دۇنيارىمىزدىن ئالىمىز .لىكىن بۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن تەرەپلەردە بىز ئەجىر قىلىپ ئېرىشكەن مول مەنىۋىي جۇغلانمىمىز بولۇشى كېرەك .بىراق بىزنىڭ مەنىۋى جۇغلانمىمىز بۇنداق بىر ئۇسلۇب يارىتىشقا يېتىشمەسلىكى مۇمكىن .
-مەنىۋى جۇغلانمىمىز يېتىشمىسە ،بۇنىڭ ئۈچۈن تىرماشساق بولىدۇ .
بىز تېخى ياشقۇ ،تاگور «ئەڭ ئۇلۇغۋار كۈچ ئۆسۈپ –يېتىلىش كۈچى »دېگەن .
-مەنمۇ ئىزدىنىشنى خالايمەن .بىراق شېئىرىيەتتە بىرەر ئۇسلۇب يارىتىش
ئۈچۈن ئۆز مىللىتىمىز ھەم دۇنيانىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ھەققىدىكى تونۇش- نەزىريەلىرى ،تارىخ ،پەلسەپە ۋە ئىستېتىكا ئىزدىنىشلىرى بىلەن مەلۇم جەھەتتە تونۇشۇپ چىققان ۋاقتىمىزدا ئاندىن بىرەر ئۇسلۇب يارىتىشقا چامىمىز يېتىشى مۇمكىن ...
-ۋاي ،ئۇنداق مۇرەككەپلەشتۈرىۋەتمە ،-دېدىم دېدىم مەن كۈلۈپ ئۇنىڭ
سۆزىنى بۆلۈپ ،-سەن دېگەندەك ئۇنداق كۆپ تەرەپلىمە بىلىم ئىگەللەشنىڭ ئىجادىيىتىمىزگە ئەلۋەتتە پايدىسى بار .بىراق ئۇنداق كۆپ نەرسىنى ئىگەللەپ بولغۇچە ئۆمرۈمىز ئاخىرلىشىپ قالىدۇ .مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم ھازىرقى چۈشەنچىمىز بويىچە ،كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ئىجادىيىتىمىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ بىزنى مەلۇم ئورتاق ئالاھىدىلىك ۋە نىشان ئۈچۈن ئىلگىرلىتىدىغان ئۇسسۇلنى ئىزدەپ تېپىپ،شۇ بويىچە يېزىقچىلىق قىلساق دېمەكچى .مۇشۇنداق قىلساق كۈنلەرنىڭ بېرىدە ھەقىقى مۇكەممەل بىر ئەدەبىي ئۇسلۇبنى دۇنياغا كەلتۈرۈپ ،ئەدەبىيەتتىكى پارلاق نەتىجىلەرنى يارىتىش ئۈچۈن ئاساس سالغىلى بولىدۇ . نىشانىمىز ،ماڭىدىغان يولىمىز ئېنىق بولىدىكەن بىز كۈچلۈك مەسئۇلىيەت بىلەن تېخىمۇ يىراققا–تېخىمۇ بۈيۈكلۈككە يىتەلەيمىز .پويىزلارمۇ ماڭىدىغان يولى ،بارىدىغان نىشانى بولغاچقا چەكسىز يىراقلارغا يېتىپ بارالايدۇ ئەمەسمۇ !
-بۇنداق ئىزدىنىشنى ئەلۋەتتە مەن خالايمەن .
ـ توختاپ تۇرغىنە ،-دېدى ياسىن سۆزلەشكە تەييار بولغان مېنى گەپ
قىلدۇرماي ،-سەن دېگەندەك بولسا يېزىقچىلىقتا ئادەم بىر قېلىب ياكى ئۆلچەم ئىچىگە چۈشىلىپ قالغاندەك بولۇپ بىمالال يازالمايدىغان ئىش بولۇپ قالمامدۇ . يېزىقچىلىق دېگەن تەسەۋۇر ،ئىدىيە ۋە ھېسياتنىڭ ئۆز ئىختىيارى بويىچە ئەركىن پەرۋاز قىلىدىغان ئاسمىنى تۇرسا .
-ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ .ناۋادا سېنىڭ ماڭغان يولۇڭ ئۆزۈڭ تاللىغان
بولماستىن باشقىلار سېنى مىڭىشقا مەجبۇر قىلغان يول بولۇپ قالسا ،ئۇ يول سېنى جەننەتكە ئاپىرالايدىغان يول بولسىمۇ يەنىلا ماڭغۇڭ كەلمەيدۇ .ناۋادا سەن بىرەر جايغا بارماقچى بولۇپ قانداق بېرىشنى بىلمىسەڭ ،سىناپ بېقىش ئۈچۈن بولسىمۇ مەلۇم بىر تەرەپ يۆنىشلىشنى نىشانلىماي قاراملارچە مىڭىۋەرسەڭ بارماقچى بولغان يېرىڭگە ھەرگىزمۇ يېتىپ بارالمايسەن .قانات ئارزۇ قىلغانلار ئۈچۈن ئەركىن پەرۋاز قىلىش قورالى ،خالىمىغانلار ئۈچۈن دائىم كۆتۈرۈپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولىدىغان يۈك .بىز يېزىقچىلىقتا ئۆزىمىزگە مەلۇم رامكا ياكى شەكىلدەك مەنەدىكى ئۇسلۇبنى تاللىۋالساق،ئۇ بىزنىڭ يېتىپ بارماقچى بولىدىغان يۇقۇرى پەللە –چوققىنى ئېنىق كۆرۈۋىلىشىمىزغا ۋە شۇ يۆنىلىشكە قاراپ ئىلگىرلىشىمىزگە تۈرۈتكە بولالايدۇ . يېزىقچىلىقتا ئۇسلۇب بولمىسا ھەرگىزمۇ گىگانت ئەسەرلەرنى مەيدانغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ.ئۇنۋىرسال ئۇسلۇبتا يېزىقچىلىق قىلىمەن دېيىش ئاقمايدىغان ئىش .
-«ئۇنىۋېرسال ئۇسلۇب» دېگەندە قايسى ئېقىمنى كۆزادە تۇتىۋاتىسەن ؟
-مەن«ئۇنىۋېرسال ئۇسلۇب»دېگەندە ،ئۆزىنى ھېچقانداق بىر ئېقىمغا تەۋە
دەپ قارىماي ئۆزىنى قالتىس بىر يېڭى ئېقىم يارىتىۋاتقاندەك يېزىقچىلىق قىلىپ ،بىر ئۆمۈر يېزىپمۇ كىتابخانىلارنىڭ ئېسىدە قالغۇدەك بىرەر پارچە ئەسەر يېزىپ چىقالمايدىغانلارنى دېمەكچى،-دېدىم يۈسۈپجانغا قاراپ .
يۈسۈپچان يەنە دېدى:
-سىلەر ئەقىدە قىلىدىغان «گوڭگا شېئىرلار» تاللىشىڭلارغا ماس كەلمەمدۇ؟
-سەن «گوڭگا شېئىرىيەت»تىكى ئاتامانلارنىڭ قايسى بىرىنىڭ ئۆزلىرىنى مەلۇم
بىرخىل ئۇسلۇب ياكى ئېقىمغا تەۋە دېگەنلىكىنى بىرەر يەردە كۆرۈپ باقتىڭمۇ ؟ «گوڭگا شېئىرىيەت»تىكىلەر مەلۇم بىرخىل ئۇسلۇبنى مەيدانغا كەلتۈرمىدى ،بەلكى ئىدىيىۋى بېكىنمىچىلىك ئىچىدە قاتماللىشىپ قالغان شېئىرىيەت ئىستېتىكىسىنىڭ كونا قورغىنىنى يىمىرىپ تاشلاپ ئىنقىلاپ خاراكتىرلىك ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى .بۇ ئىنقىلاپ ماھىيەتتە ھەر بىر سەنئەتكارغا ئۆزىنىڭ ئىستېتىك دۇنياسىدا ئەركىن ئىزدىنىش ھوقۇقىنىڭ بارلىغىنى تونۇتتى ...ئەلۋەتتە ،يېڭى شائىرلاردىن بەزىلەر ئۆزلىرىنڭ شىئېرىيەت قاراشلىرىنى ئوتتۇرغىمۇ قويدى.ئۇلارنىڭ كۆپىنچە قاراشلىرى غەرب مۇدېرنىزم ئەدەبىياتىدىكى ھەرخىل ئۇسلۇب ۋە ئېقىملارنىڭ ئىددىيىۋى قاراشلىرى ھەم پەلسەپەۋىلىك جەھەتتىكى ئىزدىنىش ،تونۇشلىرىنىڭ تەسىرىدە شەكىللەنگەن بولسىمۇ،لېكىن ھېچكىم ھازىرغىچە ئۆزىنى «مەن پالانى ئىزمغا»تەۋە دەپ باقمىدى .مېنىڭچىمۇ ئەمىلىيەتتە نوقۇل غەرب مۇدېرنىزىم ئەدەبىياتىغا تەۋە بىرەر ئېقىمدا يېزىقچىلىق قىلىۋاتقانلار يوق ،ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ قۇربى يتىشىچە ئىزدىنىۋاتىدۇ .ئۇزۇنغا قالماي ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان بىرەر ئۇسلۇبنىڭ مەيدانغا كېلىدىغانلىغىغا ئىشىنىمەن .
-مېنىڭچە بولسا بىرەر ئىزمنى پەيدا قىلغۇچە ئاشۇ«مۇدېرنىزم ئەدەبىيات
ئېقىملىرى»نىڭ بىزگە ماس كېلىدىغان بىرەر ئۇسلۇبىنى تاللىۋىلىپ شۇ بويىچە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانساق ئاسان بولىدىغان ئىشكەن .
-بۇ دېگەن سەن مەكتەپتە ئىشلىيەلمىگەن تاپشۇرۇقنى باشقىلارنىڭ دەپتىرىدىن
كۆچۈرىۋالغاندەك ئاددى ئىش ئەمەس .ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇدېرنىزم ئەدەبىياتىنىڭ ئوبزورچىلىرىمىز دېگەندەك قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان نامۇۋاپىق تەرەپلىرىمۇ بار . يەنە كېلىپ ھېچكىم باشقىلارنىڭ سايىسى بولۇپ قىلىشنى خالىمايدۇ .يەنە بىر جەھەتتىن مەزمۇنى ئېنىق ،سۆز-جۈملىلىرى مەنا –ھېكىمەت ۋە ئۆزىمىزنىڭ مىللىي قىممەت قاراشلىرى بىلەن تولغان ئەسەرلەرگە ئادەتلىنىپ قالغان كىتابخانىلىرىمىز ،ئەمدىلەتتىن تار دائىردە يۈزەكىي بولسىمۇ تونىشىۋاتقان ئۇنداق غەربچە قىممەت قاراشلىرى ،پەلسەپەۋى ۋە ئىستېتىك ئىدىيىۋى تونوشلارىنىڭ تۈرۈتكىسىدە مەيدانغا كەلگەن ئەسەرلەرنى چۈشىنەلمەيدۇ ۋە قوبۇل قىلالمايدۇ . شۇڭا سەن دېگەندەك قىلىش ئاقمايدۇ .
-«مۇدېرنىزم ئەدەبىياتى»نىڭ سەن دېگەن نامۇۋاپىق جايلىرى قايسى؟
ياسىن مەندىن سورىغان بۇ سوئالغا ئابدۇللا جاۋاپ بەردى .
-مېنىڭچە ئۇلارنىڭ «ھايات ئازاب-ئوقۇبەت بىلەن تولغان ،ياشاش بىمەنە،
ئىنساننىڭ بۇ دۇنيادا چىقىش يولى يوق »دېگەندەك ئۈمىدسىز قاراشلىرى بولۇش مۇمكىن .
-دەل شۇ ...
-ھەي ،مەن ھازىرلا بىر ئۇسلۇبنى ئويلاپ قالدىم ،-دېدى يۈسۈپچان بىردىنلا
ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىپ ھەممەيلەننى ئېغىزىغا قارىتىپ .
-قانداق ئۇسلۇب ؟-دەپ سوراشتۇق ھەممەيلەن قىزىقىش بىلەن .
-«گۈزەللەر رىئالىزمى»،-دېدى يۈسۈپچان تەنتەنە بىلەن جاكارلاپ بىر
قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ،-بۇنداق ئۇسلۇبنى ھەممە ئادەم ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ.
-قېنى تەپسىلى ئېيتىپ باقمامسەن ؟-دېدى ئابدۇللا يۈسۈپنىڭ خۇشاللىقتا
ئېگىز كۆتۈرۈۋالغان قولىنى بېسىپ پەسكە چۈشۈرگۈزىۋىتىپ .
-بىز پەقەت گۈزەللىكنى ،جاھاندىكى ئەڭ گۈزەل نەرسىلەرنى ،بولۇپمۇ
قىز-ئاياللارنىڭ گۈزەللىگىنى ئۇلارنىڭ پۇتىنىڭ ئۇچىدىكى تىرنىغىدىن تارتىپ تاكى چوققىسىدىكى چېچىغىچە ئەڭ سېھىرلىك ،ئەڭ گۈزەل سۆزلەر بىلەن توختىماي يازايلى ...بەلكىم كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىزنىڭ «گۈزەللەر رېئالىزمى» مىز قالتىس ئالقىشقا ئېرىشىشى مۇمكىن ...
-سەن چاقچاق قىلىۋاتامسەن ياكى راست گەپ قىلىۋاتامسەن ؟-دېدى
ياسىن ئۇنىڭ بۇ سۆزىگە كۈلگىسى كەلگەندەك قاراپ .
-مەن راست گەپ قىلىۋاتىمەن .
-ئۇنداق شېئىر يازساڭ سېنى خوتۇنۇڭلا بىر تەرەپ قىلىۋىتىدۇ.ياكى ئايتۇرسۇن
،مېنى مەدھىيەلەۋىتىپتۇ دەپ ساڭا تېخىمۇ ئامراقلىق قىلىدۇ ،ياكى بولمىسا ،يېنىدا مەن تۇرسام يۈسۈپچان قايسى بىر نېمىنى كۈيلەپ شېئىر يازغاندۇ،دەپ غەزىپى كېلىپ يازغانلىرىڭنى ئوچاققا سېلىپ كۆيدۈرىۋىتىدۇ ،-دېدى ئابدۇللا .
-مەن بىر ماقالىدىن تۇنجى سىموۋولىزملىق شائىر فىرانسىيەلىك چارلىز
بۇدلىرنىڭ «رەزىللىك گۈلى» دېگەن شىئېرلار توپلىمىنىڭ بارلىغىنى ھەم بۇ توپلىمىدا سىموۋوللۇق ئۇسسۇل بىلەن مۇدھىش ،يىرگىنىشلىك ،رەزىل شەيئىلەردىنمۇ بىر شىئېرىي گۈزەللىكنى نامايەن قىلغانلىقىنى ئوقۇغان ئىدىم .سېنىڭ دېگىنىڭ ئۇنىڭ ئەكسىچە ،-دېدىم مەن .
-سىلەر مېنىڭ بۇ «گۈزەللەر رېئالىزمى» منى توغرا تاپمىدىڭلارما؟-دېدى
يۈسۈپچان مىيىغىدا كۈلۈپ ئولتۇرغان ئابدۇللا بىلەن ياسىنغا قاراپ.
-بىزنى قوبۇل قىلسۇن دېسەڭ ئالدى بىلەن بۇ«گۈزەللەر رېئالىزمى» ڭنىڭ
نەزىريىۋى ئاساسىنى شەرھىلەپ ختابنامەڭنى ئوتتۇرغا قوي ،بىزنى قايىل قىل .بىز شۇ چاغدا ئاندىن سېنى بايراقدار دەپ بىلىپ ساڭا ئەگىشىپ ،ئۇ «گۈزەللەر رىئالىزمى»ڭنى تەختىراۋانغا سېلىپ كۆتۈرۈپ ئەڭ يۇقۇرى پەللىگە –چوممالاڭما چوققسىغا چىقىمىز... –ئابدۇللا چاقچاق قىلغاندەك كۈلۈپ قويدى.
- ئۇنداق بولسا سەن بىر ئۆمۈر «ئايتۇرسۇننىڭ كۆزلىرى»،«ئايتۇرسۇننىڭ
سۇمبۇل چاچلىرى»،«بىر سېنى سۆيىمەن گۈزەل ئايتۇرسۇن»...دېگەندەك شېئىرلارنى يېزىپ ئۆتۈپ كەتكۈدەكسەن ،-ياسىنجاننىڭ بۇ سۆزدىن ھەممەيلەن كۈلۈپ كېتىشتۇق.
بىر نەچچە سائەت شۇنداق كۈلكە-چاقچاقلار بىلەن ئولتۇرغاندىن كېيىن
دوستلىرىم مەن بىلەن خوشلىشىپ قايتىپ كەتتى. شۇ ۋاقىتتا ئارزىگۈل مەن بىلەن مېھمانغاخانا ئۆيگە كىرىپ نەرسىلەرنى يىغىشتۇرىۋاتقاچ بىردىن ماڭا قاراپ كۈلۈپ كەتتى.
-نېمىگە كۈلگىڭىز كېلىۋاتىدۇ؟
-بىر نەچچە قېتىم ئىشىك تۈۋىدىن ئۆتكەچ ،سىلەرنى نېمە دېيىشىۋاتىدىكىن
دەپ سۆزلىرىڭلارنى تىڭشاپ باقتىم.قارىسام ئەلپازىڭلار شۇنداق جىددى،خۇددى ئالەمنى چۆرگىلىتۋاتقان ئادەمدەك ھەيۋەتلىك بىر قىياپەتتە سۆزلىشىپ كېتىدىكەنسىلەر.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىچىڭلارغا گېپىڭلار جۇغلىشىپ قالغاندەك بىرسىڭلارنىڭ سۆزى تۈگەش بىلەن تەڭ يەنە بىرىڭلار ئاپتۇماتتەك تاتاتلاپ كېتىدىكەنسىلەر.بىرنەچچە سائەت ئىچىدە تۆتىڭلار بىرلىشىپ بىرەر ماشىنا گەپ قىلدىڭلارمىكىن...
مەن ئۇنىڭغا قاراپ كۈلدىم.
-ئەگەر سىزنىڭ شۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىغۇڭىز بولسا سىزگىمۇ بىرەر ھارۋا گەپنى
تۆكۈپ بېرىمەن .
-ياق ،مەن ئۇنداق ئۆزۈم چۈشەنمەيدىغان كۆپ گەپلەرنى تىڭشاپ ئولتۇرسام
بېشىم قېيىپ يىقىلىپ چۈشىمەن...
مەن ئايالىمنىڭ قاپقارا نۇرلۇق كۆزىگە قاراپ بىردەم ئولتۇرغاندىن كېيىن
قانداقتۇ بىر ئىللىق ،شېرىن ھەم بىر گۈزەل تۇيغۇلارنىڭ قەلبىمنى ئوراپ ئېلىۋاتقانلىغىنى ھېس قىلىپ ،مۇشۇ تۇيغۇلىرىمنى خاتىرلەپ شېئىر يېزىش ئۈچۈن خىيال ئىلكىدە جىمغىنە ئۈستىلىمنىڭ ئالدىغا كەلدىم.ئارزىگۈل مېنىڭ نېمە قىلماقچى بولغىنىمنى چۈشىنىپ دىققىتىمنى چاچماستىن ئۆزىنى كارۋاتقا تاشلاپ جىملا ياتتى.مەن ئۇنىڭ قاپقارا چاچلىرى يېيىلىپ تۇرغان يۈزىگە قارىدىم،ئۇ ماڭا قاراپ كۈلۈپ قويۇپ كىرپىكلىرىنى ئاستاغىنە يۇمدى.ئۇنىڭ بۇ تۇرقى بىر گۈزەل پەرىشتەگە ئوخشايتتى،ئەمىلىيەتتىمۇ ئۇ مېنىڭ روھىمنى ئۇرغۇتۇپ تۇرغان بىر سۆيۈملۈك پەرىشتە ئىدى.مەن ئۇنىڭغا بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن قەغەزگە تۆۋەندىكى مىسرالارنى پۈتتۈم:
ۋاقىت كۆزلىرىڭدە كۆيگەندە نىگار،
ۋۇجۇدۇم جىمغىنە چېكىلگەن زىلتار.
زىلتاردىن ئۇچىدۇ بىر توپ قۇشلىرىم،
بىر ساڭا قەلبىنى قىلغۇسى ئىزھار.
...