گىراۋىتوننىڭ باش ئاغرىغى
قاسىم سىدىق
1
گىراۋىتون كەڭ مەنىلىك نەزەريىسىدىكى تارتىش كۈچى دولقۇننىڭ توشۇغۇچىسى .مۇبادا گىراۋىتون مەۋجۈت بولمىسا كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسى ۋە كىۋانىت تارتىش كۈچى نەزەريىسى مىسىلسىز خىرىسقا يولۇقىدۇ.بىر ئەسىردىن بۇيان بۇ زەررىچىنى تېپىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلارنىڭ ھەممىسى مەغلۇپ بولۇپ كەلدى.گىراۋىتوندىن ئۈمىت ئۈزۈش سادالىرىمۇ تۆشمۇ-تۈشتىن ياڭراشقا باشلىدى.
مىنىڭ قارىشىمچە گىراۋىتون تېپىلغان تەقدىردىمۇ مەسىلە يەنىلا ھەل بولمايدۇ.سەۋەپ ،گىراۋىتون ھېچقانداق تەسىرگە قاتناشمايدۇ،پەقەت ئالەملىك تارتىش كۈچىنى ئۇزۇتۇشقىلا مەسئۇل دەپ قارىغاندىلا ئاندىن كىچىككىنە ئۈمىت توغۇلسىمۇ،لىكىن ھېچقانداق تەسىرگە قاتناشمايدىغان زەررىچە ۋە جىسىم يوق ،دەيدىغان ئىدىيەلەر بۇنداق قاراشقا يول قويمايدۇ.نەتىجىدە نەزەريىچىلەر ئاللىقانداقتۇر يېڭى بىر ۋاستىچى زەررىچىنى ئىزدەشكە مەجبۇر بولىدۇ.شۇنىڭ بىلەن نەزەرىيە چەكسىز پارچىلىنىشنىڭ ئېزىتقۇ سارىيىغا كىرىپ قالىدۇ.
2
گىراۋىتۇنغا ئۈمىت باغلىغان نەزەريىلەرنىڭ ھەممىسى يەنە بىر مەسىلىگە دۇچ كىلىدۇ.ئۇ بولسىمۇ ،ئالەمدىكى گىراۋىتون سانى.بۇ سان تۇراقلىق دەپ قارالسا،ئىزچىل كېڭىيىۋاتقان ئالەم ئالدىدا ئۇز قىيىنچىلىقلىرىنى ئاشكارىلايدۇ.يەنى ئادەملەرنى قان يېتىشمەسلىك كېسىلى قىينىغاندەك،گىراۋىتونچىلارنى گىراۋىتون يىتىشمەسلىك كىرزىسى ئازاپلايدۇ.چۈنكى ئالەم كېڭەيگەنچە بىزنىڭ گىراۋىتونچىلىرىمىزدىن تېخىمۇ نۇرغۇن گىراۋىتۇن چىقىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.بۇ ھال گىراۋىتونچىلارنى ئاخىر بېرىپ ئالەمدىكى گىراۋىتون سانى تۇراقلىق بولمايدۇ،ئېھتىياجغا ئاساسەن كۇپىيىپ-ئازىيىپ تۇرىدۇ،دىيىشكە مەجبۇ رقىلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بۇ نەزەريىچى ئالەم ئىزچىل كېڭىيىۋەرسە ئالەمدىكى بارلىق ماسسا - ئىنىرگىيەنى گىراۋىتون ياساشقا سەرىپ قىلىشقا مەجبۇر.ھالبۇكى، بۇ ۋاقىتتا گىراۋىتۇنغا قىلىدىغان ئىش قالمايدۇ.چۈنكى ئالەمدە گىراۋىتۇندىن باشقا ھېچنەرسە قالمىدى.باشقىچە ئىتقاندا گىراۋىتۇن ئارغامچىسىنى باغلايدىغان نەرسە تېپىلماي قالىدۇ.
مىنىڭ بۇ گىپىمنىڭ مەنىسىنى ئىككى نەرسە ئارىسىغا تانا تارتىپ كىر يايغانلىكى ساۋاتسىز خۇتۇنلارمۇ چۈشىنەلەيدۇ.يەنى تانا تارتىلغان ئەشۇ ئىككى نەرسە _ ياكى تۇرۇك،ياكى دەرەخ شاخلىرىنىڭ ئارىلىغى مۇقىم بولسا_ ئاندىن بۇ خۇتۇننىڭ چەكلىك ئۇزۇنلۇقتىكى تانا-ئارغامچىسى ئۇنىڭغا يېتىدۇ.ئۇ ئىككى نەرسە ئارىلىغى يىتەرلىك يىراق بولسا بۇ تانا ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا يەتمەيدۇ.نىيوتۇن تارتىش كۈچى ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا ئۇنىڭ تانىسى بىلەن بۇ تانىنى باغلايدىغان نەرسىلەرنىڭ ئۇزۇنلىغى ۋە ئارىسى مۇقىم ئىدى.شۇڭا نىيوتۇننىڭ ئالەم مودىلى تۇرغۇن ئالەم مودىلى ئىدى.ئېنىشتېيىن تارتىش كۈچى مەيدانىدا ماكان ئەگرى بولىدۇ دەپ قاراپ كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسىنى تورغۇزغاندىمۇ ،ئۇنىڭ ئالىمى كېڭەيمەيدىغان - تارايمايدىغان تورغۇن ئالەم ئىدى.ئېينىشتېيىننىڭ تارتىش كۈچى نەزەريىسىنى تانا تارتىشقا ئەمەس،رېلىس ياتقۇزۇشقا ئوخشۇتۇشقا بولاتتى.يەنى ئالەملىك ماسسا -ئىنىرگىيە توراقلىق بولغانلىغى ۋەجىدىن،ماسسى چوڭ جىسىملار ئۆز ئەتراپىدىكى ماكاننى ئەگرى ۋە چەكلىك قىلىپ قويىدۇ.سەييارە قاتارلىق بارلىق جىسىملار مۇشۇ ئەگرى ماكاندا ئايلىنىپ ئەگرى ھەركەت قىلىدۇ.يەنى،سەييارە،جىسىملار ماسسا مەركىزىنى ئايلىنىپ تۇيۇق ،چەمبەرسىمان ھەركەت قىلىدۇ.ئېينىشتېيىننىڭ بۇنداق ئالەم مودىلىمۇ تۇرغۇن ئالەم مودىلى بولۇپ،ئۇ بىزگە تۇيۇق رىلىستا ئايلىنىۋاتقان ئۇيۇنچۇق پۇيىزنى ئەسلىتىدۇ.مەيلى نىيوتۇن،مەيلى ئېينىشتېيىن بولسۇن ئۇلارنىڭ نەزەريىلىرى پەقەت تۇرغۇن،كېڭەيمەيدىغان،تارايمايدىغان ئالەمگىلا ماس كېلەتتى.ھەم ئولارنىڭ ئالەم مودىللىرى ئايرىم -ئايرىم ھالدا،نىيوتون تۇرغۇن ئالەم مودىلى،ئېينىشتېيىن تورغۇن ئالەم مودىلى دەپ ئاتالغان.
ئىش شۇنىڭ بىلەنلا تۆگىگەن بولسا ،ھەممە مۇشۇنداق تۇرغۇن مودىل ئاساسىدىلا چۈشەندۆرۆلگەن،ھەل قىلىنغان بولسا بىزگە تالاشقىدەك ئىشمۇ قالمىغان بولاتتى.لىكىن ،ئالاھىزەل 1922-يىلى بولسا كېرەك،ئامرىكىلىق ھوببىلى(ھابىل؟) ئاسمان جىسىملىرىنى كۇزۇتۇپ ،ئالەمنىڭ نىيوتون ئېينىشتېيىنلار ئىيىتقاندەك تۇرغۇن بولماي،كېڭىيىۋاتقانلىغىنى ئىسپاتلىدى.دەل شۇ ۋاقىتتىلا نىيوتۇننىڭ ئارغامچىسى ئۆزۆلگەن،ئېينىشتېيىننىڭ پاراۋۇزلىرى رېلىستىن چىقىپ كەتكەن ۋە رېلىسلىرىمۇ كاردىن چىقىپ بولغان ئىدى.ھازىر تېخى كۇتىرەلمىسەڭ ساڭگىلىتىۋال دىگەندەك،ئالەم تىزلىنىشچان سۆرئەتتە كېڭىيىۋاتىدۇ،دىگەن گەپ چىقتى ۋە ئالدىنقى يىلىلا بۇنداق ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلارغا نوبىل مۇكاپاتى بىرىلدى.
مانا مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا بايامقى نىيوتۇن ۋە ئېينىشتېيىننىڭ چەكلىك ئۇزۇنلىقتىكى تانا ۋە رېلىسلىرى يەنە قانداقمۇ ئالەمنىڭ ئومۇمى مەنزىرسىنى توغرا تەسۋىرلەپ بېرەلىسۇن؟.ھازىر نۇرغۇنلىغان نەزەريە فىزىكلىرى يۇقۇرقى ئىككى زاتنىڭ ئاساسى ئىدىيىسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بۇ رېلىس ۋە تانىلارغا ياماقچىلىق قىلىۋاتىدۇ،ئىشقىلىپ،تۆكۆرۆپ چاپلىغاندەك بىر ئىشلار بولىۋاتىدۇ.
3
گىراۋىتون تىزلىكى - باش ئاغرىتىدىغان يەنە بىر مەسىلە.ھازىر فىزىكىدا ئېينىشتېيىن تارمەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسى تۆپەيلى يورۇقلۇق تىزلىكىدىن يۇقۇرى تىزلىك يوق.يورۇقلۇق تىزلىكى تىزلىكنىڭ ئەڭ يۇقۇرى چېكى،بۇ چەك بولسا ئالاھېزەل 300.000كىلومىتىر سىكونىت دەپ قارىلىدۇ.خۇش ئۇنداقتا گىراۋىتوننىڭ تىزلىكى قانچىلىك؟.
ھازىر بىر قەدەر ئومۇملاشقان قاراش گىراۋىتونمۇ يورۇقلۇق تىزلىكىدە ھەركەت قىلىدۇ دىگەندىن ئىبارەت.بۇ ھالدا كېلىپ چىقىدىغان يەكۈن نىمە؟.
1.يورۇقلۇق تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ ،دەپ قاراش.چۈنكى گىراۋىتوننىڭ تىزلىكى يورۇقلۇق تىزلىكى بىلەن باراۋەر بولسا ئۇ ھەرگىز يورۇقلۇق بىلەن تەسىرلىشەلمەيدۇ.بۇ ھالدا ئېينىشتېيىننىڭ "يورۇقلۇق تارتىش كۈچى مەيدانىدا تارتىش كۈچى ۋەجىدىن ئېگىلىدۇ" دىگەن ئىدىيىسى پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.
2.گىراۋىتوننىڭ تىزلىكى يورۇقلۇق تىزلىكىدىن يۇقۇرى بولىدۇ دەپ قاراش.بۇنداق قارىغاندا يورۇقلۇق تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ دىگەن قاراشنى مەنتىقى جەھەتتىن قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ.لىكىن ،بۇ ھالدا ئېينىشتېيىننىڭ "يورۇقلۇق تىزلىكىنىڭ ئۆزگەرمەسلىك پىرىنسىپى"دىن ۋاز كىچىشكە توغرا كېلىدۇ."ئېنىدىن پايدا ئالىمەن دىسەڭ بويىدىن زىيان تارتىسەن"دىگەن نەق مۇشۇ!.
3.فۇتۇنلار ئارىسىدىمۇ گىراۋىتون ئالماشتۇرۇش بار"دەيدىغان قاراش مۇقەررەر ھالدا ،ھەربىر فۇتوننىڭ تەركىۋىدە يىتەرلىك گىراۋىتون بار"دىگەن قاراشقا ئېلىپ بارىدۇ.چۈنكى مەيلى زەررىچە ياكى جىسىم بولسۇن ئۇزىدە يوق نەرسىنى باشقىلار بىلەن ئالماشتۇرالمايدۇ.ئۇنداقتا بۇنى فۇتون دەمدۇق ياكى گىراۋىتون دەمدۇق؟!.
گىراۋىتوننىڭ باش ئاغرىقلىرى بۇلارلا ئەمەس.مېزىنى باسسا تېزى چىقىۋىرىدۇ.
2013.9.23
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-13 15:44