يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 478|ئىنكاس: 2

ۋاپاسىز ئوغۇل(چۆچەك)-(ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                                          ۋاپاسىز ئوغۇل
                                                              (چۆچەك)
                                                    ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار

     ئېشەك پەغەزگە قونمايدىغان، تۇخۇ سۈڭەك غاجاپ تويمايدىغان، توشقان ئازگالدا، پاقا جاڭگالدا ياشايدىغان چاغلاردا، بۈككىدە ئورمانلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كونا كەپىدە بىر جۇپ ئەر-خوتۇن ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇماق بالىسى بىلەن بىرگە شاد-خورام ياشايدىكەن.
كۈنلەر ئۆتۈپ، بوۋاي، مومايلار قېرىپتۇ ۋە ئىش، ئەمگەكتىن قېلىپتۇ. ئۆيدە يەيدىغانلار كۆپ، ئىشلەيدىغانلار ئاز بولغاچقا تۇرمۇشتا بىر ئاز چېنىپتۇ. شۇڭا ئۇلار تاپسا يەپ، تاپالمىسا ئەسنەپ كۈنلىرىنى ئاچ-زىرنلىقتا ئۆتكۈزۈشكە باشلاپتۇ. بوۋاي بىر كۈنى ئوغلىغا:
-بالام، ھۇرۇنلۇق ئۆلۈم بىلەن باراۋەر. ياشاش ئۈچۈن تىرىشىش كېرەك. بىزدە:«ئىشلىسەڭ چاينايسەن»، « بىكار بولساڭ كېپەك تاسقاپ يە» دېگەن گەپ بار. سەن ئوغۇل بالا بولغاندىكىن، بەل قۇيىۋەتمە! ھېلىتتىن سىڭايەن ياتساڭ، كەلگۈسىدە بالاڭنى قانداقمۇ ئوقۇتىسەن؟ بىلگىن بالام، ھەرگىزمۇ:«ئاشنى كۆرسە ئىچىڭ تاز، ئىشنى كۆرسە قېچىڭ تاز» دېگەندەك ئىش قىلما! بولمىسا بىر ئۆمۈر بەخىتلىك ياشىيالمايسەن ،-دەپ نەسىھەت قىپتۇ. ئوغۇل:
-ماقۇل دادا،-دەپتۇ ۋە شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇيقىسىنى ئېچىپ، رىسقىنى ئەمگەكتىن تېپىپ تۇرمىشىنى بىر ئاز ياخشىلاپتۇ. ئۇنىڭ ياخشى يېگەنسېرى يېگۈسى، ياخشى كەيگەنسىرى كەيگۈسى كەپتۇ ۋە دادىسىغا:
                                    رازى بولساڭ جان دادا،
                                     باراي دەيمەن شەھەرگە.
                                    ياخشى ئىشلەپ، پۇل تاپسام،
                                    ئىشلىتەرسەن ھۈنەرگە.
-دەپتۇ. دادىسى بىر ئاز ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن:
                                    دادىل قەدەم باسقۇلۇق،
                                    ئوغۇل دېگەن خەتەرگە.
                                    سەندىن مەڭگۈ رازىمەن،
                                    ئارلاشمىساڭ زەھەرگە.
-دەپ، ئۇنى يولغا ساپتۇ. ئۇغۇل موللاق ئاتماي تۈز مېڭىپ، ئۇيقىسى كەلسە ئۇخلاپ، قېنىپ دېگەندەك ئالتە كۈندە ئادەملىرى سېمىز، بىناسى ئاسماندىن ئىگىز بىر شەھەرگە يىتىپ كەپتۇ. ئۇ ئادەملەر چۈمۈلىلەردەك مىغىلدىشىدىغان، بىر-بىرىگە قاراپ پىخىلدىشىدىغان بىر جايدىن كىچىككىنە بىر دۇكاننىڭ ئىجارىسىنى ئېلىپتۇ. ئۇ يەردە سۇغۇققا قارىماي، چاچ، كۆزىنى تارىماي دادىسىدىن ئۆگۈنىۋالغان مۇزدوزلۇق ھۈنىرىنى ئىشلىتىپ، خېرىدارلارغا تاش چىشلىتىپ كۆپلەپ پۇل تېپىپتۇ. پۇل تاپقانسېرى كۆزى قىزىرىپ، كۆڭۈل قۇشى دوسلىرى ئۈچۈنمۇ سايرىماپتۇ.
ئۇ توقماق يىلىنىڭ بوغماق كۈنىدە ئۆيىگە جىق پۇلنى ئېلىپ، شىپپىدە يىتىپ كەپتۇ ۋە  ئەتىسى تاڭ ئېتىپ، ئۆزىچە تامدەك قېتىپ ئاتا-ئانىسى بىلەن سۇسلا كۆرۈشۈپتۇ. بوۋاي، مومايلار بۇنىڭدىن ھەيران قېلىشىپتۇ-يۇ، «بەلكىم ھاردۇق يەتكەندۇ» دىيىشىپتۇ. لېكىن شۇ كۈندىن باشلاپ، ئۇلار ئوغلىنىڭ سېسىق تۇخۇمدەك گەپلىرىدىن ئازار يىيىشكە باشلاپتۇ.
بىر كۈنى ئۆيدە شورپا سېلىنىپتۇ. كېلىن بوۋاي، مومايلارغا ئۇسۇپ ماڭغىنىكەن، ئوغۇل:
-ئۇلارغا زاغرا چىلاپ بەر،-دەپتۇ تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەكلا. كېلىن:
-بۇ نېمە دېگىنىڭىز ئەمدى؟-دەپتۇ ئېرىنىڭ كۆزىگە قاراپ.
-ھېچنېمە،-دەپ ئاچچىقلاپتۇ ئايالىغا،- ھېلىمۇ نەچچە يىل باقتۇق. يا كارغا كەلمىگەن، يا ئۆلمىگەن. ئۆتكەن قېتىم ئانامنى داۋالاتقاندا كەتكەن پۇل ئېسىڭدىدۇر؟ بىز چىقىمنى ئازايتىپ، شۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۋالمىساق بولمايدۇ. بولمىسا بىزمۇ باشقىلاردەك راھەت كۆرەلمەيمىز. بىلگىن، ئۇلارغا بېرىۋەرسەك تاغمۇ توشىمايدۇ،-دەپتۇ.
-لېكىن ئۇ ئۆز ئاتا-ئانىڭىز تۇرسا، يەنە كېلىپ سىزنى بېقىپ چوڭ قىلغۇچە قانچىلىك جاپا تارمىدى-ھە؟ ئەجىبا شۇلارنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزما؟-دەپتۇ ئۇ.
-بولدى بەس!- بۇندىن كېيىن مېنىڭ خەۋىرىمسىز گۆش-ياغ، دورا-پورىغا پۇل بۇزۇشقا قەتئى بولمايدۇ،-دەپتۇ ئوغۇل. ياندىكى ئۆيدە ھاسىراپ ياتقان بوۋاي، مومايلار بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ قېلىپ ئازاپتىن يىلاندەك تولغۇنۇپ كېتىپتۇ. كۆزلىرىدىكى ياشنى كۆرگەن نەۋرىسى بوۋاينىڭ قۇچىقىغا چىقىپ تۇرۇپ:
-بوۋا، نېمىشقا يىغلايسەن،-دەپ ئۇنىڭ قاردەك ساقىلىنى سىيلاپتۇ. ئوغۇل بۇنى كۆرۈپ قېلىپ:
-ئەمدى بوۋاڭنىڭ قۇچىقىغا چىقما، ساقىلىنى سىلىما! بولمىسا كېسەل يۇقۇپ قالىدۇ،-دەپ ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىپتۇ. بوۋاي بىلەن موماي  ھەممە نېمىسىدىن ئايرىلىپ قالغان قىمارۋازدەك لاسسىدە بوشىشىپ كېتىپتۇ ۋە :«ئاھ، خۇدا، قېرىغاندا بۇ نېمە كۆرگۈلۈك؟ بىزنى بۇنچە خار قىلغۇچە جاننى ئالساڭچۈ؟» دەپ، تەڭرىگە نالە قىلىپتۇ...
كۈنلەر بىر-بىرلەپ ئۆتۈپتۇ. بوۋاي، مومايلار يا ساقايماپتۇ يا ئۆلمەپتۇ. ئۇلار ئۆلمىگەنسېرى ئوغۇل تېخىمۇ توڭ تېگىدىغان بولىۋاپتۇ. بىر كۈنى كەچتە موماي تۇيۇقسىز بولالماي قىينىلىپ كېتىپتۇ. بوۋاي نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تەڭلىكتە قېلىپتۇ ۋە ئوغلىنىڭ يېنىغا سۆرىلىپ دېگۈدەك تەس چىقىپ:
-جېنىم بالام، خۇدانىڭ ھەققىدە بولسىمۇ ئاناڭنى دوختۇرغا ئاپارغىن! ئۇ بىچارە بەكلا قىينىلىپ كەتتى....دەپ يېلىنىپتۇ. ئوغۇل:
-دوختۇر ئۆتكەن قېتىم ئاپارغاندا كېسىلى ئېغىر. بەك كۆپ پۇل كېتىدۇ،-دېگەن. ئۇنى داۋالايمىز دەپ پۇل تۆگىسە، بىز قانداق قىلىمىز؟ نەۋرەڭ قانداق ئوقۇيدۇ؟ ئۇ بەرىبىر كېتىدىغان بولغاندىكىن...بوۋاي ئوغلىنىڭ يۈرىكىنىڭ تاشتەك قېتىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭغا يېلىنىش خۇددى تېرەكتىن مېۋە كۈتكەندەك بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپتۇ-دە:
-ئاھ خۇدا، نەۋرەمگە ئىنساپ بەرگەيسەن!-دەپلا مومىيىنىڭ يېنىغا مېڭىپتۇ. بۇ چاغدا موماي ھەممىنى تۇيۇپ، ئالەمنى قۇيۇپ بەرگەن ئىكەن. بوۋاي موماينىڭ يۇمۇلماي كەتكەن كۆزىگە قاراپ يۇم-يۇم يىغلاپتۇ.
كۈنلەر قايغۇ-ھەسرەتتە ئۆتۈپ، بوۋايمۇ ئۆلۈمنى كۈتۈپ، ئۈچ ئايدىن كېيىن ھەپتىلىك سەپەردىن كەلگەن ئۇغۇل ھويلىسىدا ئويناۋاتقان ئالتە ياشلىق ئوغلىنى ئەركىلىتىش ئۈچۈن غۇلىچىنى كەڭ يېيىپ، ئالدىغا كەپتۇ. بالا قېچىپتۇ. ئوغۇل ھەيران بولۇپ:
-قوزام، نېمىشقا مەندىن قاچىسەن؟-دەپ سوراپتۇ. ئۇ:
-سەن ئەسكى، مەنمۇ چوڭ بويسام سېنى باقمايمەن. دوختۇيغا ئاپامايمەن،-دەپتۇ. دادا بۇنى ئاڭلاپ، قەلبى چېقىلغان ئەينەكتەك پارە-پارە بولۇپ كېتىپتۇ ۋە گۇناھىغا تۆۋە قىلىپ، دادىسىنىڭ قۇچۇقىغا ئۆزىنى ئېتىپتۇ.
كارۋان تارتىپ مېڭىپ باققان، قۇملۇقلاردا ئېزىپ باققان، جەزىرلەردە يېتىپ باققان، كەچمىشلەرنى يېزىپ باققان سەيياھلارنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە:«ئاتاڭغا نېمە قىلساڭ، بالاڭدىن شۇنى كۆرىسەن» دېگەن ماقال شۇنىڭدىن كېيىن قالغان ئىكەن.  


بۇ چۆچەك«تارىم غۇنچىلىرى»دائېلان قىلىنغان  





ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-1-11 10:36:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق چۆچەكلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن، مۇنەرنىڭ بالىلار ئەدەبىياتى سەھىپىسىنى گۈلگە پۈركەيلى!

ۋاقتى: 2014-1-11 18:53:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مۇئەللىم ، ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار ،
‹‹ ۋاپاسىز ئوغۇل ›› چەكتى يۈرەك تار .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش