يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 905|ئىنكاس: 10

دەرەخ ئوخشار دەرەخكە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

树看上去像树

安娜。佐洛塔列娃

(1978-)

(俄罗斯)

树看上去像树

树看上去又像别的什么

树看上去落日余晖

树看上去像海洋

树看上去像一条线

.延伸并使得球显得蓬松

树看上去像个小姑娘

树看上去水塘的边的驼鹿

...树轻盈

!树竭尽全力

树是我的痛苦

树是大地的精英

树啊树我迎接你

树知道你永远是树

你看我站在你面前像一棵树

自己的根正在越扎越深

来源: 自《当代俄罗斯诗选》 人民文学出版社。2006 年 8 月出版

دەرەخ ئوخشايدۇ دەرەخكە
ئاننا .زالاتېيىۋا
(1978-)
(رۇسيە)
دەرەخ ئوخشايدۇ دەرەخكە،
دەرەخ بىر قارىساڭ  يەنە ئوخشار باشقا نەرسىگە
دەرەخ ئوخشار توزىۋاتقان ئاداققى شەپەققە
دەرەخ ئوخشار دېڭىزغا
دەرەخ ئۇزۇن يىپتۇر
زىنمىننى بويلاپ چېچىلغان
دەرەخ ئوخشار قىزچاققا
دەرەخ ئوخشاركۆل بويىدىكى  بۇغىغا
دەرەخ زىلۋا بوي...
دەرەخ كۈچ قۇۋۋەت!
دەرەخ مېغىز
دەرەخ ئازابىمدۇر
دەرەخ جەۋھىرىدۇر زىمىننىڭ
ئېخ دەرەخ سېنى ئالاي  قارشى
دەرەخ بىلەر سەن مەڭگۈ دەرەخسەن
قارىغىنا مەن ئالدىڭدا تۇرغان دەرەخمەن
يىلتىزىم سۆيلىماقتا تېرەنگە

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-4-26 11:15:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىرىشچان ئىنىم !  ئەجرىڭىز  ھاياتلىق بوستانىڭىزنى يېشىللاشتۇرسۇن ، سىزگە ئۇتۇق يار بولغاي!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-26 17:32:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىدىل ئاكا، قەلبىنۇر ھەدە  ۋە تىكەننىڭ كۆڭۈل ئىھتىراملىرىغا رەھمەت!

ۋاقتى: 2012-4-26 17:34:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمە شېئىرلىرىدىن ھۇزۇرلاندىم مەسئۇد ئاكا.. تەشەككۈر...

ۋاقتى: 2012-4-26 17:45:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
你看我站在你面前像一棵树

قارىغىنا مەن ئالدىڭدا تۇرغان دەرەخمەن
------------------------------------------
قارىغىنا، ئالدىڭدا تۇرغان بىر تۈپ دەرەخمەن ،دەپ تەرجىمە قىلساقمۇ بۇلامدۇ ؟
ئاۋۇ 像  دېگەن خەتنى تەرجىمە قىلىشنىڭ ئورنى يوقمۇ؟
زامان ئوقۇمى يوق  تىل بىلەن جىدىلىم قالىدۇ بەزىدە.
«قارا، ئالدىڭدا تۇرغان بىر تۈپ دەرەخكە ئوخشايمەن» دەپ تەرجىمە قىلسمۇ بولىدىكەن، ئەمما تىلدىكى گۈزەللىك مۇرادىغا يەتمەيدىكەن. ئىدىلكام ۋە مەسئۇدكاملارنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ باقسام...












 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-26 18:15:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«قارا، ئالدىڭدا تۇرغان بىر تۈپ دەرەخكە ئوخشايمەن»

سىز دېگەندەك بۇ خىل ئۇدۇللا تەرجىمە قىلىش سەل قوپال چىقىپ قالىدۇ.   <دەك ،تەك > قۇشۇلغۇچىسىنى تەرجىمە قىلمىساقمۇ بولىدۇ.    بەزى ئەھۋاللاردا بولسا تەرجىمە قىلىمىز. بۇ دەل پەيتتىكى بىر خىل تۇيغۇ. ئۇچ زاماننى ئىچىگە ئالغان دەپ قارايمەن.

ۋاقتى: 2012-4-26 19:09:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمە مۇۋاپىقىيەتلىك بوپتۇ ،تەرجىمىدە ئەسلىگە سادىق بولۇش بىلەن جانلىق تەرجىمە قىلىشنىڭ مۇناسىۋىتى  ياخشى بىر تەرەپ قىلىنىپتۇ،
树啊树我迎接你

نى ‹‹ئىخ، دەرەخ مەرھابا ساڭا ›› دەپ تەرجىمە قىلسا قانداق بولار؟

ۋاقتى: 2012-4-27 15:18:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   سالام مەسئۇد،ئاخىرى كۆكلىدىڭ،سايەڭ ئۆزگىچە،سۆيۈندۈم،لەتىف سېنى رۇس مەكتەپتە ئوقۇغان دەۋاتاتتى ،رۇسچىنى يەۋەتمىگەنسەن؟شېئىرنى ئامال بار ئانا تىلىدىن تەرجىمە قىلغان ياخشىكەن،بولمىسا ئارا تىل ئۇنىڭ گۈل-چىچەكلىرىنى پۇتىۋالىدىكەندە.ساڭا جىق نەرسە ئاشمايدىكەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-27 15:45:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ،كۆپ رەڭلىرى ئۆچۈپ كېتىدىكەن!  تىلەكلىرىڭگە سويۈنۈش بىلەن رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش