يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 556|ئىنكاس: 5

خوتەن ئەستىلىكلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
خوتەن ئەستىلىكلىرى

خوتەن، خوتەن

مەنلا سېغىنغىنىم يوق زىنھار ياقتۇرۇپ،
بارچە شائىرنىڭ قەلبى ئۈنسىز تەلپۇنەر.
نەۋبەتى سۆيگەنتى سېنى ئاھ ئۇرۇپ،
ھەر ئوتلۇق مىسرادا ھىجران يەلپۈنەر.
نېمە خىسلەت بەردى بۈيۈك تەبىئەت،
سۆيۈش ھەم سۆيدۈرۈش سەندىن باشلىنار.
باغرىمغا مۈككەندەك تۇنجى مۇھەببەت،
ئايرىلار چېغىمدا كۆزۈم ياشلىنار.
باقسام  سىياقىڭغا قۇم-بورانلاردىن،
ئامان قالغان بويۇڭ مېنى قۇچ دەيدۇ.
بۆسە ئالغان كەبى قەدىناس ياردىن،
بەخت ئاسمىنىدا يەنە ئۇچ دەيدۇ.
بىلدىمكى، ياشاپسەن مەغرۇر ۋە پىنھان،
روھىمغا تۈۋرۈك ھەم رەھناما بولۇپ.
قەددىڭنى تىك قىلغان تارىختىكى شان،
دۇنيامۇ كېتەلمەس سېنى ئۇنتۇلۇپ.
ھەر كەلسەم ھىدلايمەن ھىدلىرىڭنى جىم،
ھەر كەلسەم ئوتۇڭدىن ئېرىپ كىتەر تەن.
سېنى «شەھىدانە» دېسۇن مەيلى كىم،
ماڭا ئەزىزانە، سەن-سەن ئەي خوتەن!

قۇملۇق خاقانى

(ئۇستازىم، شائىر، تەتقىقاتچى ئابدۇللا سۇلايمانغا بېغىشلاپ)

مىڭ يىل ياشاپ كەلدى گىگانت توغراق،
بىپايان قۇملۇقنىڭ بولۇپ خاقانى.
مىڭ يىل يەر ئاستىدا ياتتى كۆمۈلۈپ،
مۇزىيغا ئايلاندى ياتقان ماكانى.
يەنە مىڭ يىل ئۆتسە ئارخىئولۇگلارنىڭ،
تارىخ بەتلىرىدە قالغۇسى شانى.
ۋەج شۇ، تۆھپىنىڭ ئەڭ چوققىسىدا،
قۇياشتەك پارلىغان توغراقنىڭ نامى.
يىلتىزى تۇتاشقان ئانا تۇپراقنىڭ،
ئۇ بولدى سۈلكىتى ھەم پاسىبانى.
ئاڭا جان بەرگىنى-يىقىلماس بىر روھ،
مۇشۇ روھ باقىيدۇر، باشقىسى پانى...

ئاھۇ

قىزلارنىڭ كۆزىنى ئاھۇ دېگىنىم،
ئاھۇ كۆزلەردە بار سۆيگۈ بالاسى.
ھەر بېقىشىغا تۇتقۇن دەز كەتكەن يۈرەك،
ھەر بېقىشىدا چاقناپ سۆيگۈ لاۋاسى.

مۇشكى ئىپارىڭنى ساڭا كىم بەرگەن؟
دەز كەتكەن يۈرەكنىڭ بولدى داۋاسى.
شۇ ۋەج ھەممە يۇرتنى ھەيران قالدۇرۇپ،
جەننەتنىڭ ھىدىغا ئوخشار ھاۋاسى.

شۇ ۋەج تەشنالىققا قانمىدىم زىنھار،
كەل ئەي ئاھۇ جانىم، كۆزنىڭ قاراسى!
مېنىڭ باغرىمدىدۇر سەن ئۈچۈن مەڭگۈ،
ئەركىن ۋە بىپايان سۆيگۈ دالاسى!

خوتەن قەغىزى

ئون ئەۋلاد ئۆتۈپتۇ شاۋقۇن سۈرەنسىز،
گاھ تەتۈر چۆرۈپتۇ پەلەك چاقىنى...
ھەيرەتتە قالدىغۇ بۈگۈن يەر-جاھان،
كۆرگەندە بوۋىمىز توختىباقىنى.
ئاددىيغىنە ئاشۇ ئۈجمە قوۋزىقى،
ئۇنىڭغا سېلىنىپ كۈلسىمان شاخار؛
ناياپ تەييارلىنىپ ۋە سوقۇپ، تۈزلەپ،
-بۇ خوتەن قەغىزى!     
         دەپ قىلدى جاكار!
ئون ئەۋلادتىنمۇ ئۇزۇن ئۇنىڭ تارىخى،
سەيلۇندىن بۇرۇنراق چىققان سەپەرگە.
بېغىشلىدى ئەمدى ئالەمچە شۆھرەت،
ئەجداد ئۇدۇمىغا پەيۋەندە ئەرگە.

شۇنداق، ئۇ ئاددىيلا بىر قەغەز ئەمەس،
روھلاردا لەپىلدەپ تۇرغان بىر بايراق!
شۇنداق، ئۇ بىر يىلتىز شۇنچىلىك چوڭقۇر،
سەلتەنەتى قىلغان يۈزىمىزنى ئاق!
كۆرسەتتى ئۇ گويا كىملىكىمىزنىڭ،
مانا بۇ يوقالماي كەلگەن سىرى دەپ.
ئۇ بولغاچ مەيدەمگە ئۇردۇم قورقماي،
دۇنيادا ئۆزۈمنى تۆتنىڭ بىرى دەپ!

روزى سايىت قەبرىسى ئالدىدا

«بۇ يەرگە روزاخۇن كۆمۈلگەن» دېسەم،
يۈرىكىم ئىشەنمەي شۇ ئان «ياق» دېدى.
«ئەمىسە ئۇ نەدە»دېسەم «ئەي نادان،
سەن ماڭا سىنچىلاپ قاراپ باق»دېدى.
«ھە، كۆردۈم شائىرنى سېنىڭدە» دېسەم،
«سەندىكى بۇ قانداق ئىشتىياق»دېدى.
«ئۇ ھەممە يۈرەككە كەتكەن كۆمۈلۈپ،
ياندۇرۇپ مەڭگۈلۈك نۇر-چىراق»دېدى.
«نە سەۋەپ؟»گاڭگىراپ تاشلىسام سوئال،
«ئۇنىڭ ئەل ئالدىدا يۈزى ئاق»دېدى.
«شائىرلىق يولىغا تاشلىساڭ قەدەم،
لەببەيچى بولۇشتىن بول يىراق»دېدى.
«ئەمىسە قەبرىسى...»دېسەم «بولدى قىل،
ھاياتسەن، ئۆلۈمدىن ئال ساۋاق»دېدى.
«ئىستىسەڭ روزاخۇن كەبى ياشاشنى،
ئەل بىلەن بول مەڭگۈ ھەمتاۋاق» دېدى...

خوتەن قاشتېشى

ئىلچى بازىرىدا پەرھاد ئالدىراش،
قىلماقتا قاشتېشى تىجارىتىنى.
چاچلىرى سۇمبۇل قىز شېرىنمىكىنە،
يوشۇرماق بولىدۇ خىجالىتىنى.
قاشتېشى بىلەزۈك، قاشتېشى ھالقا،
ھەسسىلەپ ئاشۇرغان سالاپىتىنى.
بىر كۆرگەن كىشىنىڭ يۈرىكى لالدۇر،
شۇ قىزنىڭ ھۆسنى ۋە لاتاپىتىنى.
تۇتاملاپ خەجلىگەن پۇلدىن بىلىسەن،
خوتەننىڭ يىپ-يېڭى قىياپىتىنى.
قاشتېشى تەڭرىنىڭ ھىممىتى بولۇپ،
ئاشۇرغان بۇ يۇرتنىڭ پاراغىتىنى.
دۇنيانىڭ كۆزىدە چاقنىغان خوتەن،
كۆتۈردى تېخىمۇ ئىناۋىتىنى.
ۋەلىكىن پۇل دېگەن نەرسە بۇزمىدى،
«بىرنى بىر»دەيدىغان دىيانىتىنى.
بۇ ئۇزاق سەپەردە ھەمراھ قىل يەنە،
ئەتىنىڭ ئۈمىدى، دالالىتىنى.
ئەۋلادلار تېخىمۇ نۇرغا پۈركىسۇن،
ئەجدادتىن قېپقالغان سائادىتىنى.
ئوت بولۇپ ياندىغۇ يۈرىكىم شۇتاپ،
ئالغاندەك قۇياشنىڭ ھارارىتىنى.
بەلنى چىڭ باغلىغان باتۇر خوتەنلىك،
كۆرسىتەر توختىماي كارامىتىنى.

ياڭاق شاھى

سەن سۈرگەن سەلتەنەت شاھتىن قېلىشماس،
ئەل شۇڭا ئاتىدى «ياڭاق شاھى»دەپ.
مۇقەددەس تەختىڭنى ئەيلىدى جاكار،
سەيياھنىڭ ئەڭ قۇتلۇق سەيلىگاھى دەپ.
نېمىشقا ئاسمانغا تاقاشقان بېشىڭ؟
نېمىشقا تۇرىسەن شۇنچە ياشىرىپ؟
نېمىشقا سۇغۇلماس زادىلا مېۋەڭ،
قالساڭمۇ ھەتتا سەن مىڭ ياشقا كىرىپ؟
نە دەرەخ، ئەسلىدە بىر روھ ئىكەنسەن،
شاخلارنى شامالدەك قۇچتى ئاۋازىم.
بويۇڭنى قۇچاقلاپ يىغلىدىم ئۇزاق...
سەن ئۆسكەن تۇپراققا قىلىپ مىڭ تازىم.

يىپەك

سېغىنچى ئوت ئىكەن، ئوتتا كۆيدۈرۈپ،
ئەجەپمۇ قىينىدى بۇ دىدار مېنى.
ئۆزگىلەر يارىغا بولسا ئىنتىزار،
يىپەكلا قىلىدۇ ئىنتىزار مېنى.

چۈنكى ئۇ شاھانە ئەللەر قېتىدا،
قەددىمنى تىك قىلدى، قىلدى بار مېنى.
بېشىمنى ئاسمانغا يەتكۈزدى ھەرچاغ،
ئۇنىڭدىن كۆكلىگەن ئىپتىخار مېنى.
ھەربىر تال يىپەكتە ئوتلۇق مۇھەببەت،
ھەربىر تال يېپەكتە ئەلنىڭ ئارمىنى!
ئەسىر-ئەسىرلەرنى قېرىتىپ بارار،
خوتەندىن يول ئالغان يىپەك كارۋىنى!

خوتەن ئۇيغۇر تىبابىتى

ساڭىلا تەلپۈنۈپ كەلدى بۇ يۈرەك،
بىتاپلىقتىن ئەمەس، سېغىنغانلىقتىن.
ۋىسالىڭنى قۇچماق-ھەممىگە داۋا،
مەسچىدۇل ھەرەمدەك تېۋىنغانلىقتىن.
لوقماننىڭ قولى بار تېۋىپلىرىڭدا،
ئۆلۈمدىن باشقىغا تاپىدۇ ئامال.
مىڭ يىللاپ جۇغلانغان قامۇسىڭ بىلەن،
دۇنيادا يىگانە سەنلا ئېھتىمال.
سەن باركى، ئاھ ئۇرۇپ قىسمىدىم بويۇن،
سەن باركى، قەلبىمدىن ئۆچمىدى غورۇر.
سەن باركى، ئاسمانغا تاقاشتى بېشىم،
سەن باركى، ھاياتتىن ئالىمەن ھوزۇر.
سەن باركى، قەلبىمدە سويلايدۇ باھار،
سەن باركى، شاھانە سۈرىمەن دەۋران.
سەن باركى، كۆكلەيدۇ ئۈمىد يىلتىزى،
سەن باركى، كۈلپەتلەر قىلالماس ۋەيران.
.................................
ساڭىلا تەلپۈنۈپ كەلدى بۇ يۈرەك،
بىتاپلىقتىن ئەمەس، سېغىنغانلىقتىن.
ۋىسالىڭنى قۇچماق-ھەممىگە داۋا،
مەسچىدۇل ھەرەمدەك تېۋىنغانلىقتىن.

خوتەن دېڭىزى
(ئۇلۇغ ئاتا سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلىشىغا بېغىشلاپ)

سەنشىيا توسمىسىنى كۆرمىدىم تېخى،
ئۇنىڭچە كېلىدۇ بەلكىم ھەيۋىتى.
ئەركە دولقۇنلىرى ياردەك ۋىلىقلاپ،
ئۇپۇققا قول سوزۇپ تۇرار بىر چېتى.
تۆت ئەتراپى گويا مۇقەددەس سېپىل،
سېپىلنىڭ ئىچىدە دېڭىز چايقىلار.
بۇ قانداق مۆجىزە؟ خوتەندە دېڭىز!
لېكىن يوق دېڭىزدا پاراخوت، چايكىلار...
تارىخنىڭ بىر بېتى ئېچىلدى شۇدەم،
قان بىلەن يېزىلىپ، جان بىلەن پۈتكەن.
خارابە شەھەرلەر، قاينىغان قۇملۇق،
ئەسىردىن- ئەسىرگە تەلمۈرۈپ كۈتكەن...
ئۇندا بورانلارنىڭ ھۆركىرەشلىرى،
خوتەن ئاسمىنىنى كىيەتتى باشقا.
باغۇ-بوستانلارنىڭ يىلتىزى قۇرۇپ،
قاقلىنىپ كۈل بولار ئىدى قۇياشقا.

ئۇندا يېتىملارنىڭ ئاھۇ-زارىدىن،
سىلكىنىپ-سىلكىنىپ بوزلايتتى زېمىن.
ھاياتلىق ئۈستىگە كېپەن ئارتقاندەك،
كۆكسىنى تولدۇرۇپ ئالالمايتتى تىن.
شۇ ۋەج تەشنا ئىدى ساڭا بۇ تۇپراق!
بىر تامچە سۇ ئەلا ئىدىغۇ زەردىن.
داستانلار يارالدى «ئۇلۇغ ئاتا» دا،
قاپارغان قوللاردىن، تۆكۈلگەن تەردىن!
............................
خەلقىم، كۆرۈپ ئۆتتىڭ نى-نى قىسمەتنى،
ئۈزۈلمەس ئۈمىدنى قىلىپ دىلغا يار.
ھەممە ئۇلۇغلۇقنى تاپتىم سېنىڭدىن،
خەلقىم، تېۋىنىمەن ئۆزۈڭگە زىنھار!

خالۋاپ ھەققىدە قوشاق

قولىدا يىپ ئەمەس، مېھىر رېشتىسى،
ئۇ گېلەم توقىمايدۇ، مېھىر چاتىدۇ.
قىزىل رەڭگە سىڭگەن قۇياش پارچىسى،
شۇڭا يۈرىكىدە قۇياش ياتىدۇ.
يېشىل رەڭگە سىڭگەن بۇلۇتسىز ئاسمان،
بۇ ئاسمان مەيلىڭنى ئەجەپ تارتىدۇ.
كۆك رەڭ ئۆزرە سويلاپ ئاقار بىر دەريا،
ئۇنىڭغا ھەتتا بىر دېڭىز پاتىدۇ.

ئاق رەڭگە جەملەنگەن ئەڭ يۈكسەك قەلب!
قىيا بېقىشىدا ئاپئاق تاڭلار ئاتىدۇ.
باشقا رەڭلەر ئۇنىڭ مۇھەببىتىگە،
ئۆزگىچە لاتاپەت، ئۇزلۇق قاتىدۇ.
ھەر گېلەم پۈتكەندە بىر ئارمان پۈتەر،
ئۇ گېلەم ساتمايدۇ، ئارمان ساتىدۇ.
ئالقىنىڭ تەككەندە ھەربىر گېلەمگە،
يۈرىكىڭ ئەڭ ئاۋۋال ئۇنى تاپىدۇ!

دەريا بويىدىن كەلگەن ئادەم

بىگانە تۇرقىغا  قاراپلا ئۇنى،
دەپ قالما زاماننىڭ كەينىدە قالغان.
ياۋايى ئادەم دەپ سالما ھەم چۇقان،
مەۋجۇتلىقى راستۇر، قالغىنى يالغان.
قېرىندىشىڭ كەتتى نەلەرگە بىرچاغ،
ۋىسالىڭنى كۈتۈپ كۆزلىرى تالغان...
سەن كىم بولساڭ ھازىر ئۇمۇ ھەم شۇنداق،
ھايات ھەممىمىزگە بىر ئوتنى سالغان...
سالۋا تۇمىقىغا ياراشمايدۇ تاج،
ئۇ قەدىم تۇپراقتىن باشقا تاج ئالغان.
ئەڭ پاكىز بىر روھنى كەلدى ئۇ باشلاپ،
سەندىن كۆچۈپ كەتكەن، مەندىن يوقالغان...
2012-يىلى 11-ئاي، خوتەن


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھەبىبۇللا مىجىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-10 15:52  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-1-10 16:03:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوت ياغقان مىسرالار قوينىدىن چىقىپ ،
ئوت ياقتىم كۆكلەرنىڭ خىيابانىغا.
ۋا دەرىخ!كۆچمەكتە دىلىمنىڭ رەڭگى،
تاڭلارنىڭ چېھرىدەك ئۇزرەڭ باغىغا.

ۋاقتى: 2014-1-10 21:33:26 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇتەن ھەققىدىكى شېۋىرلاشلىرىڭىز مىنى يەنىمۇ سۈيۈندۈردى.

ۋاقتى: 2014-1-11 02:23:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېلھام چەكسىزلىكىدە يەنىمۇ پەرۋاز قىلغايسىز دوستۇم.

ۋاقتى: 2014-1-12 00:45:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوتەننىڭ سىزگە بەرگەن ئاشۇ ئىلھاملىرىدىن مەنمۇ ئورتاق ھوزۇرلاندىم . يەنە كېلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن ئاكا .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-13 11:04:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىرلارنىڭ يېرىمى «تارىم»نىڭ بۇلتۇرقى 4-سانىدا، يېرىمى «قىزىلسۇ ئەدەبىياتى»نىڭ بۇلتۇرقى 4-سانىدا ئېلان قىلىندى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش