لالە يوللىغان ۋاقتى 2014-3-6 21:03
سالام مىھرىبانىم !دىلكىشىم ھەدەم .دەيدىغانلىرىم شۇنچە ...
يانىۋارنىڭ خىرۇستەلدەك ئاپئاق سۈزۈك بەتلىرىگە بىر تالاي تەنتەك تۇيغۇلۇرۇمدا پىچىرلىۋالدىم لالەم..
نۇرغۇن سۈزۈك تۇيغۇلار ئانامنىڭ باغرىدا قىپ قالدى .
مەن يەنىلا ئۆزۈمدە، قۇياش خۇددى ئاۋالقىدەكلە!
بىر سايىدا كېتىۋاتىمەن نىمىشقىدۇر ئاپتاپ كۆرمۈدۈم..
باھار چىلاۋاتىدۇ
-لېكىن مەن لېرىكا جامىغا تېخىچە كىرەلمىدىم..
بارمايمەنمۇ دىيەلمىدىم
چۈنكى مەن باھارنى ئىستىگۈچى
تېنىقلىرىم شاخلايدۇ لالەم.
جاڭگاللار ئېچىدە بىر تالاي ئادىشىپ يۈرسەممۇ چوقۇم
مەن باھارنىڭ باغرىدىن سېنى تاپىمەن،
كەل لالەم!
ئەمدىكى تېۋىشلىرىمىزدا باھارنى قۇچاقلايلى.
قۇياش بىلەن لالە جىپسىلاشسا گۈللەر بەرگى نازۇك چايقىلىدۇدە كائىنات گۈزەللىك قىسەسىنى باشلايدۇ ..
2014-يىلى 13-مارت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇنەۋۋەر ئابدۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-14 01:51