قار لىرىكىسى
مۇنەۋۋەر ئابدۇقادىر
1
  ئاق رەڭگە پۈركەندى پۈتۈن كائىنات،
ئاق لىباس كەيدى ھەم تاغۇ ئىدىرلار.
قەلبىمنىڭ بى پايان ئىتەكلىرىدە،
تېكىلگەن سەن ئۈچۈن مىڭلاپ چىدىرلار.
2
ئەسلىمەم بىتىدە  قار ياغقان كىچە،
ئىسىمدە تۇنجى رەت بىز تونۇشقان كۈن.
بىغۇبار سۆيگۈنىڭ  ئاپپاق چىچىكى،
پورەكلەپ لەۋلەردە ئىچىلغان شۇ تۈن .
3
ئاي گۇۋا، قار گۇۋا نازاكەت گۈلىم،
مەن سېنى مەڭگۈگە سۆيىمەن دېدىڭ.
كۆزلەردە ھارارەت پىچىرلار قاراق،
شۇ دەقىق سەنمۇ ھەم بىر مىنىڭ ئىدىڭ.
4
نە سەۋەپ سېنىڭدە تۇنجىقتى سۆيگۈم،
نە سەۋەپ ئۇنتۇلدى ۋەدە قەسەملەر؟
قەلبىڭنىڭ كۆكىدە يۇلتۇزىڭ ئىدىم،
خوش دېدىڭ باغرىمنى تىلدى ئەلەملەر.
5
تەنھالىق دەشتىگە تاشلاندى ۋېسال، 
تىترىدى ھەسرەتتىن يىگانە  يوپۇق.
كىسىلدى ئۈمۈدلەر چىقىلدى چۈشلەر،
ئاھىمدىن مۇڭلۇنۇپ  سارغايدى ئوپۇق.
6
بۇ يولدا ئىزلىرىم قالدى تومەنمىڭ،
سېغىنىش ئىلكىدە ماڭدىم بەك ئۇزاق.
كەتمەكچى بولىمەن  قارلىق كىچىدىن ،
ۋە لىكىن ئارقامغا قارايمەن بىراق...
2012-يىلى19-نۇيابىر
"يىڭى قاشتىشى ژورنىلىنى "نىڭ 2013-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قېلىنغان..
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇنەۋۋەر ئابدۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-15 03:12