كۆرۈش: 727|ئىنكاس: 3

بەگزات: شېئىرنىڭ تەسىرى − رۇداكىي، فىردەۋسىي ۋە نەۋايى بايانىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
شېئىرنىڭ تەسىرى−رۇداكىي، فىردەۋسىي ۋە نەۋايى بايانىدا


ئابدۇسالام مۇھەممەد بەگزات




         رىۋايەت قىلىنىشىچە سامانىيلار سەلتەنەتىنىڭ ناسىر ئىبنى ئەھمەد دەۋرىدە ياشاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان رۇداكىي تۇغما ئەما بولۇشىغا قارىماي شېئىرىيەتتە شۇنچىلىك شۆھرەت قازانغان ئىدىكى، ئابدۇراھمان جامىي «باھارىستان» ئەسىرىدە رۇداكىينى تەرىپلەپ ناسىر ئىبنى ئەھمەد ھىمايىسىدە ئۇ ئېرىشكەن شان – شۆھرەت ۋە مال –مۈلۈككە ھېچقانداق بىر شائىر ئېرىشكەن ئەمەس دەپ، ياغانىدى. دەرھەقىقەت رۇداكىي سامانىي ھۆكۈمدارى ناسىر ئىبنى ئەھمەد ھىمايىسىدە ئۆز ئىجادىيتىنىڭ راۋاجىنى مۇزىكا ۋە سازەندىچىلىك بىلەنمۇ بىرلەشتۈرگەنىدى. بىر يىلى كۈز پەسلىدە  ناسىر ئىبنى ئەھمەد ئەكابىر– ئەشرەپ ۋە ئەمىر –بەگلىرى بىلەن مۇرغاب دەرياسى بويىدىكى مەرۋى شەھرىدە قىشلىماقنى ئىختىيار قىلىپ پايتەخت بۇخارادىن مەرۋىگە سەپەر قىلىدۇ. قىش ئاخىرلىشىپ باھار يېرىملاشقاندىمۇ پادىشاھ بۇخاراغا  قايتىش ئىستىكىدە بولمايدۇ.ئۆز ئەھلىلىرى ۋە بالا – چاقىسىنى كۆرگىسى كېلىپ، بۇخارانىڭ باھار پەسلىنىڭ ھۆسنىگە تولغان قىياپىتىنى تولىمۇ سىغېنىشقان ئەمىرلەر پادىشاھتىن ئەيمىنىپ بۇخاراغا قايتىش توغرىسىدا ئېغىز ئېچىشقا پىتىنىشالمايدۇ. باھارمۇ ئاخىرلىشىپ ياز باشلانغاندا بۇخاراغا قايتىش ئارزۇسى غالىب كەلگەن ئەمىرلەر رۇداكىينىڭ ئالدىغاكېلىپ شېئىر يېزىپ پادىشاھنى بۇخاراغا قايتىشقا ماقۇل كەلتۈرەلىسە نۇرغۇنلىغان ئالتۇن – كۈمۈشلەرنى بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىشىدۇ. ئەمىرلەرنىڭ لەۋزىگە بىنائەن رۇداكىي تۆۋەندىكى شېئىرنى يېزىپ پادىشاھقا ئۇد چېلىپ ئوقۇپ بېرىدۇ: (شېئىرنىڭ ئەسلىسى فارىسچە بولۇپ بۇ يەردە ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئېلىندى)

بۇخارانىڭ ھېدى بۇيان كېلەدۇر،
مېھرىبان يار يادى شۇئان كېلەدۇر.
ئامۇنىڭ تاشلىرى ئاياغ ئاستىدا،
پەيدەك يۇمشاپ راھىتى جان كېلەدۇر.
قانچىلىك تاشسىمۇ ئامۇ سۇلىرى،
ئېتىمىز قارنىدىن تۆۋەن كېلەدۇر.
ئەي بۇخاراشاد بول يايرىغىن،
سەن تەرەپكەشاھ مىھمان كېلەدۇر.
شاھ گويا ئايدۇر بۇخارا ئاسمان،
ئاسمانغا ئاي نۇر ساچىبان كېلەدۇر.
شاھ سەرۋىدۇر ھەم بۇخارا بوستان،
بوستانغا سەرۋى راۋان كېلەدۇر.
...
       شېئىرئوقۇلۇپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ناسىر ئىبنى ئەھمەدنىڭ بۇخاراغا بولغان قايتىش ئىستىكى شۇنچىلىك ئۈستۈن كېلىدۇكى، ھەتتا پۇتىغا ئۆتۈكىنىمۇ كېيمەستىن ئېتىغا مېنىپ بۇخاراغا قاراپ يۈرۈپ كېتىدۇ. (بەزى مەنبەلەردە بۇ ۋەقەنى سالجۇقىيلارسۇلتانى سۇلتان سەنجەر بىلەن شائىر مۇئزىي ئوتتۇرىسىدا بولغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ).
        بۇخارانى مەركەز قىلىپ تاجىكلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان سامانىيلار خانلىقى  (874-999-) ناسىر ئىبنى ئەھمەد دەۋرىدە ئەڭ گۈللەنگەن بولۇپ، ناسىر ئىبنى ئەھمەدنىڭ رۇداكىيدەك بىر ئەما شائىرغا كۆرسەتكەن ئىلتىپاتلىرىدىن شۇ دەۋر شائىرلىرىنىڭ ھۆكۈمدارلار گورۇھى بىلەن يېقىندىن ئالاقىدە بولغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. ئېھتىمال ساراي شائىرلىرى تەبىقىسىنىڭ شەكىللىنىشى سامانىيلار دەۋرىدە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن بولسا كېرەك. ھەر بىر شەھەر ھۆكۈمدارلىرىنىڭ ھوزۇرىدىمۇ كۆپلىگەن شائىرلار پاناھلانغان ۋە قەسىدىخانلىق بىلەن ھۆكۈمرانلارنى ماختاپ شېئىرلار يېزىشىپ شۇنىڭ بەدىلىگە ئېرىشكەن ئىنئاملار بىلەن تۇرمۇشىنى قامدىغان. گەرچە قىممەت قاراشتىكى ئوخشىماسلىقلار بىزنى ساراي شائىرلىرىنىڭ ئۇ خىل ئىجادىيەت سالاھىيىتىگە سەلبىي نەزەردە قاراشقا مەجبۇرقىلسىمۇ، لېكىن شۇنى ئىتىراپ قىلماي بولمايدۇكى تارىختا ياشاپ ئۆتكەن كاتات شائىرلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ھۆكۈمدارلار ھىمايىسىدە قەسىدىخانلىق بىلەن ھايات كەچۈرگەن ۋە ئۆز خوجايىنلىرىنى ماختاپ شېئىر يېزىش بەدىلىگە تۇرمۇشى كاپالەتكەئىگە قىلىنغان.
شېئىرىيەتتە پەيغەمبەر ئۈچلا،
گەر مۇھەممەد بولسىمۇ ئەڭ كېيىنكى،
داستانۇ قەسىدە ھەم غەزەلدە،
فىردەۋسى، ئەنۋارىي، سەئدى.
دەپ تەرىپلەنگەن بۇ ئۈچ شائىرنى ئېلىپ ئېيتساقمۇ فىردەۋسىي ئۆمۈر بويى ئۆزىگە ھامىي بولىدىغان مۇقىم بىر ھۆكۈمدار ئىزدەپ ئارزۇسىغا يېتەلمەي ئالەمدىن ئۆتكەن بولسا ئەنۋارىي سۇلتان سەنجەر ھوزۇرىدا بارچە شائىرلارنىڭ سەردارى سۈپتىدە شۆھرەت قازانغان، سەئدى بولسا ئۆز دەۋرىنىڭ ھۆكۈمدارى سەئىد ئىبنى ئەبۇ بەكرى ۋە ئۇنىڭ ۋەزىرىنىڭ ھامىيلىقىدا پۈتۈن جاھانغا مەشھۇر بولغانىدى. ئەجەبا ھۆكۈمدارلار شائىرلارنىڭ ئۆزلىرىنىماختىشىغا شۇنچە ھېرىسمەن بولغىيمىتى؟ ئوردىسىغا ماختاپ مەدھىيە ئوقۇشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان بىر توپ شائىرلارنى يېغىۋىلىپ ئۇلارنىڭ ئالا - جوقا ماختاشلىرىغا مەست بولۇپ ئولتۇرۇشقان بولغىيمىتى؟ شۇ دەۋر رىئاللىقىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ تەرەققىياتى دەۋر تەرەققىياتىنى بەلگۈلىگۈچى ئامىلللارنىڭ بىرى ئىدى. شائىرلار شۇدەۋر مەدەنىيەتىنىڭ ئاۋانگارتلىرى ھېسابلىناتتى. خۇددى ھازىرقى دەۋرىمىزدىمۇ دۆلەت ئۆزى ئىگە چىقىپ تۈرلۈك پەن – تېخنىكا ئۇيۇشمىلىرى، تەتقىقات ئورگانلىرى، ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، ئەدەبىيات - سەنئەت بىرلەشمىلىرى ۋە يازغۇچىلار جەمئىيەتلىرىنى تەشكىل قىلغانغا، دۆلەت خەزىنىسىدىن بېرىلگەن ئالاھىدە تەمىناتتىن بەھرىمان بولىدىغان مۇتەخەسىسىلەرنىڭ بولغىنىغا ئوخشاش، ئۇ دەۋردىمۇ ھۆكۈمرانلار ئۆزنامىدىن مەدرىسە، رەسەتخانا، كۇتۇبخانا قاتارلىق ئىلمىي سورۇنلارنى قۇرۇشقا ئالاھىدەئەھمىيەت بېرەتتى ۋە بىر قىسىم شائىرلارنى ئوردىغا ئالدۇرۇپ ئالاھىدە تەمىنات بەلگىلەپ بېرەتتى. بولۇپمۇ ھېسسىي مەنىدىن كىشى قەلبىگە بىۋاستە تېگىش قىلغىلى بولىدىغان شېئىردىن ئىبارەت نازۇك ئامىل ھۆكۈمرانلارنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان تۈرلىرىنىڭ بىرى ئىدى. شائىرلىق بىلەن جان باققىلى بولمايدىغان ئۇ دەۋرلەردە(ھازىرمۇ ھەم شۇنداق) شائىرلارغا قارىتا بىرەر ئىتىبار ياكى ھامىيلىق يۈرگۈزۈش ھۆكۈمرانلارنىڭ دائىمىي ئادىتى ئىدى. ئەڭ مۇھىمى ھەرقانداق بىر سىياسىي مەپكۇرە  ئەدەبىيات ھادىسلىرى ئارقىلىق ئۆز تەشۋىقاتىنى كۈچكە ئىگە قىلىدىغان بولغاچقا ئەلۋەتتە ھۆكۈمدارلار شائىرلار تەبىقىسىگە شۇنچىلىك ئىتىبار قىلاتتىكى، ھەتتائۇلارنىڭ بىرەر دىۋان ياكى داستان چاغلىق ئەمگىكى ئۈچۈن خېلى زور ئىلتىپاتلارنى ئىنئام قىلىپ بېرىشەتتى ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆز نامىنىڭ جاھانغا يېيىلىشىنى ئۈمىد قىلىشاتتى. شائىرلارمۇ ئۆزىگە ھامىي بولغان ھۆكۈمرانلارنى شېرىن سۆزلەر بىلەن مەدھىيلەپ ئۆز رەھمىتىنى بىلدۈرۈش بەدىلىگە ئىنئاملارنى ئېلىپ خاتىرجەم ئىجادىيەت قىلىپ مەشھۇر ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرىشەتتى. يەنە بىر جەھەتتىن ھازىرقى مەتبەئە تېخنىكىسى يوق ئۇ دەۋرلەردە شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرى ئۆز ھۆكۈمدارلىرىنىڭ مەرھەمەت قىلىشلىرى بىلەن كۆچۈرۈلۈپ باشقا جايلارغا تارقىلاتتى. شۇ سەۋەبتىن شائىرلارمۇ يىرىك ئەسەرلىرىنى ئۆزىگە ھامىي بولغان بىرەر ھۆكۈمدارنىڭ نامىغا باغلاپ ئىجاد قىلىشقا ئادەتلەنگەنىدى. مىسالەن، يۈسۈپ خاس ھاجىب «قۇتۇدغۇبىلىك»ئەسىرىنى قاراخانىيلار ھۆكۈمدارى ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئىبنى سۇلايمان (بارتولىدنىڭ «‹قۇتادغۇبىلىك› زىكر ئېتىلگەن بۇغراخان كىم؟» ناملىق ماقالىسىدە مەزكۇربۇغراخاننىڭ ئىسمى باشقا نامدا ئۇچرايدۇ) نامىغا بېغىشلاپ يازغان بولسا ئەھمەد يۈكنەكى ئۆزىگە خەيرىخاھ بولغان ئىلىك خانلاردىن بىرىنىڭ نامىغا بېغىشلاپ يازغانىدى. شۇ نۇقتىدىن ئايان بولۇشىچە شېئىرنىڭ تەسىرىنى سەل چاغلاپ بولمايتى. يەنە كېلىپ ھۆكۈمدارلار ھامىيلىقىدىكى شائىرلارنىڭ كۆپىنچىسى شېئىرىيەت ئىلمىدە مۇنتىىزم تەلىم كۆرگەن، ھەر بىرلىرى شېئىرىيەتنىڭ مەلۇم بىر ژانىرىدا ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە بولغان كىشىلەردىن ئىدى. شۇڭا سامانىيلار ھۆكۈمدارى ناسىر ئىبنى ئەھمەد ھامىيلىقىدىكى شائىرلار قاتارىدا رۇداكىينىڭ شۇنچىلىك شۆھرەت قازىنىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىدى ۋە بىر شېئىر بىلەنلا پادىشاھنىڭ بۇخاراغا قايتىشنى ئىختىيار قىلغانلىقىمۇ شېئىر تەسىرىنىڭ كۈچىدىن ئىدى.
        يازمىمىزنىڭ رۇداكىي قىسمىدا تىلغا ئالغان فىردەۋسىي ھەققىدىكى ئۇچۇرغا ئىزاھ بېرىش بىلەن ماۋزۇ تەرتىپىدىكى بايانىمىزنى باشلايمىز؛ خوش، فىردەۋسىي نېمە ئۈچۈن ئۆمۈر بويى ئۆزىگە ھامىي ئىزدەپ سەرسان سەرگەردان بولۇپ يۈردى؟ فىردەۋسىينىڭ مۇشۇ قىلمىشى ۋە ئاخىرقى ئۆمرۈدىكى ئەپسۇسلىنارلىق تۇرمۇشى يەنىلا شېئىرنىڭ تەسىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. سامانىيلار سەلتەنەتى ناسىر ئىبنى ئەھمەد ھۆكۈمرانلىقىدىن كېيىن ئاجىزلىشىقا قاراپ يۈزلەنگەنىدى. قاراخانىيلار بىلەن بولغان توختاۋسىز كۈرەش ۋە ھۆكۈمرانلىقنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زەئىپ تەرەپلەر سامانىي پادىشاھلىرىنى ھاكىمىيەت تىزگىنىنى مۇستەھكەم تۇتۇپ تۇرۇشقا ئىمكان بەرمەيۋاتاتتى. پادىشاھلار ھۆكۈمىنىڭ ئەمىرلەرگە ئۆتمەسلىكى تۈپەيلى چەت ۋىلايەتلەردە باشباشتاقلىق ئاۋۇپ پادىشاھ جەمەتىدىكىلەر تەرەپدار توپلاپ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈشمەكتە ئىدى. شۇ تۈپەيلى ساماني پادىشاھلىرى ئۆزى بىلەن قانداش بولغان يېقىنلىرىغا كۆرە تۈركىيلەردىن بولغان نۆكەرلىرىنى بەكرەك ئەتىۋارلاپ ھەتتا ئۇلارنى بىر قىسىم ۋىلايەتلەرگە نائىب قىلىپ تەيىنلىگەنىدى. بولۇپمۇ خۇراسان ۋە ئىران چىگرالىرىدىكى ناتىنچ ۋىلايەتلەرگە ئۆزلىرى ئىشەنچلىك دەپ قارىغان تۈركلەردىن نائىبلارنى قويۇپ ھۆكۈمرانلىقنى مۇستەھكەملەشكە كىرىشكەنىدى. لېكىن پادىشاھ تاش سانىسا بۇ تۈركىيلەر قۇم ساناپ ئۇلارمۇ يېقىنلىرىنى ئەتراپىغا جەم قىلىپ ئۆز بىلگەننى قىلىپ يۈرۈشكەنىدى. شۇنداق بىر ۋەزىيەتتە خۇراسان ئۆلكىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى تۈركىي قۇللىرىدىن بولغان (يەنى ئەسىرگە چۈشكەن تۈركىي لەشكەر) نائىبى سىبۇق تېكىننىڭ ئورۇنباسارىي، دەقىقىي تەخەللۇسلۇق شائىر تۈركىيلەرھۆكۈمرانلىقىنىڭ فارىسلار دىيارىدا بۇنچە كۈچىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىلگىرىكى زامانلاردا ئىران بىلەن تۇران ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق ئۇرۇشلارنى داستان قىلىپ يېزىپ چېقىپ ئىران قەھرىمانلىرىنىڭ ئوبرازى بىلەن كىشىلەرنى ئويغىتىپ تۈركىي قان سىتېمىسىدىكى نائىبلارغا قارشى ئومۇمىي كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشنى ئويلىغانىدى. ئەپسۇسكى دەقىقىي جەڭنامىلەرنى توپلاپ ئەمدىلا مىڭ بېيت ئۆپچۆرىسىدە شېئىرغا سېلىپ بولغۇچە ئۆمرى يار بەرمىگەنىدى. بۇ مەزگىللەردە خۇراسان تەۋەسىدىكى تۇسلۇق شائىر ئوبۇلقاسىم فىردەۋسى تۇسىمۇ خۇراسان نائىبى سىبۇق تېكىننىڭ قول ئاستىدىكى ئەمىرلەرنىڭ زوراۋانلىقلىرى تۈپەيلى ئىگىلىكىدىن ئايرىلىپ ئىلگىرىكى تۇس ھۆكۈمدارلىرىنىڭ سارىيىدا خىزمەت قىلغان ئاتىسىدىن قالغان مىراسلارنى روزغار خىراجىتىگە سەرپ قىلىپ بولغانىدى. بىر نەچچە پۇرسەت ئىراق ۋە باشقا شەھەر ھۆكۈمدارلىرىنىڭ تاپشۇرمىسى بىلەن بەزىبىر قىسسىلەرنى شېئىرغا سېلىپ بېرىپ شۇنىڭ ھەققىگە بېرىلگەن ئىنئاملار بىلەن جان بېقىپ كەلگەن بولسىمۇ، يەنىلا تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە ئەمەس ئىدى. شۇڭا فىردەۋسى چوڭراق بىر داستان يېزىپ سامانىي ھۆۈمرانى نۇھ بىننى مەنسۇرغا تەقدىم قىلىپ، شۇنىڭدىن ئېرىشكەن مۇكاپات بىلەن ئائىلىسىنى قامداشنى ئويلىشىدۇ ۋە دەقىقىي باشلاپ قويغان مىڭ بېيتنى داۋاملاشتۇرۇپ نەچچە ئون يىل دېگەندە 120 مىڭ مىسرالىق «شاھنامە» داستانىنى يېزىپ پۈتتۈرىدۇ. داستاننىڭ مەزمۇنى دەل دەقىقىي ئۈمىد قىلغاندەك ئىران بىلەن تۇران ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش تەسۋىرلىنىپ ئىران قەھرىمانلىرىنىڭ غايىۋىي ئوبرازى خېلىلا مۇكەممەل يارتىلغانىدى. ئەگەر كىشىلەر بۇ داستاننى ئوقۇسا ئىلگىرىكى زامانلاردا يۈز بەرگەن ئىران بىلەن تۇران ئوتتۇرىسىدىكى قىرغىنچىلىقلار تەسىرى بىلەن تەبئىي ھالدا تۈركىي ھۆكۈمرانلارغا قارشى ئىدىيەگە كېلىشى مۇمكىن ئىدى. ئەپسۇسكى، بۇ چاغدا سامانىيلار ئاللاقاچان قاراخانىيلار تەرىپىدىن يوقۇتۇلغان ۋە خۇراسان نائىبى سىبۇق تېكىننىڭ ئوغلى مەھمۇد تېكىن غەزنىنى پايتەخت قىلىپ سامانىيلارنىڭ تەسەررۇپىدىكى خۇراسان ۋە ماۋەرائۇننەھىرنىڭ بىر قىسمىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتاتتى. ئاپقاچتى گەپلەردىن فىردەۋسى تەخەللۇسلۇق بىر شائىرنىڭ ئاجايىب – غارايىب ئۇرۇش قىسسىلىرىنى داستان قىلىپ يېزىۋاتقىنىدىن خەۋەرتاپقان شائىرپەرۋەر سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىي بىر سورۇندا فىردەۋسىينىڭ ئاشۇ داستانىنىڭ ھەر بىر بېيىتى ئۈچۈن بىر دىنار بېرىدىغىنىنى ۋەدە قىلىدۇ. بۇ خەۋەر فىردەۋسىگە ئاڭلانغاندا شۇنچىلىك خۇش بولىدۇكى، 60 مىڭ دىنارغا ئېرىشى ئارزۇسىدا ساتا - ساتقۇلۇقىنى سېتىپ يول خىراجىتى ھازىرلاپ، ئۇستا خاتتاتلارغا ئالاھىدە كۆچۈرتكۈزگەن بىر نەچچە نۇسخىىنى پۇختا خورجۇنغا سېلىپ، ياشىنىپ قالغىنىغا قارىماستىن يىراق تۇستىن غەزنىگە قاراپ يولغا چىقىدۇ. دېمىسىمۇ بۇنچە كاتتا ئەسەر نامدار بىر ھۆكۈمدارغا تەقدىم قىلىنمىسا ۋە شۇ ھۆكۈمدار ۋاستىسىدە ئەلگە تارالمىسا ئەلۋەتتە زايا كېتەتتى. فىردەۋسىي غەزنىگە كەلگەندىن كېيىن سۇلتان بىلەن بىۋاستە كۆرۈشۈشتىن ئاۋال سۇلتاننىڭ بىرەر مۇلازىمىدىن خەۋەر يوللاش ئۈمىدىدە ئۆزىگەخەيرىخاھ كىشىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ئوردا شائىرلىرىنىڭ پىشىۋاسى، مەلىكۇششۇئەرا (شائىرلار پادىشاھى) نامى بىلەن مەشھۇر بولغان ئۇنسۇرىي لەقەبلىك شائىرغا مەقسەتنى ئېيتىدۇ. ئەزەلدىن شائىرلىقى ھەم سۇلتانغا يېقىنلىقى بىلەن پەخىرلىنىدىغان ئۇنسۇرىي فىردەۋسىينىڭ نامىنى بۇرۇندىنلا بىلەتتى ۋە يۈز كۆرشۈش ئۈمىدىدە يۈرەتتى. لېكىن بۇ يۈز كۆرۆشۈش سۇلتان سارىيىدا ئەمەس، بەلكى باشقا جايدا بولغان بولسا فىردەۋسىيگە ئالاھىدە ھۆرمەت كۆرسەتكەنمۇ بولۇر ئىدى. لېكىن فىردەۋسىينىڭ سۇلتاننىڭ شۇنداقلا دەپ قويغان بىر ئېغىز گېپىگە ئەگىشىپ پايتەختكىچە كەلگىنى ئۇنىڭ ئىچىنى ئۆرتەپ شەۋكىتىگە شىرىك بولماقچى بولغاندەك تەسىر بەردى بولغاي، «شاھنامە» نى ئاۋال ئۆزى مۇتائىلە قىلغاندىن كېيىن سۇلتاننىڭ نەزىرىگەسۇنىدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ فىردەۋسىينىڭ قولىدىن ئېلىپ كېتىدۇ ۋە بىر نەچچە ئايغىچە ئوقۇش بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. ئوقۇغانسىرى بىر تەرەپتىن فىردەۋسىينىڭ شېئىرىي تالانتتىغا ھەۋەس قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن  ئىقتىدارىغا ھەسەت قىلىپ، ئالىمادىس بۇ داستان سۇلتاننىڭ نەزىرىگە ئېىلنىپ قالسا مەلىكۇششۇئەرالىق شان – شەۋكىتىگە يامان تەسىربولۇشىدىن ئەنسىرەپ ھەمتاۋاقلىرىنى كۈشكۈرتۈپ سۇلتانغان فىردەۋسىينىڭ داستانى ئۈستىدىن شىكايەت قىلغۇزىدۇ. ھەتتا ئىران قەھرىمانلىرىنىڭ تۇرانىيلار بىلەن بولغان جەڭ قىسسىلىرىنى ئالايىتەن ئوقۇپ بېرىپ فىردەۋسىينىڭ مەقسىتى تۈركىيلەرگە قارشى تۇرۇش ئىكەنلىكىنى پۇرىتىپ ئۆتىدۇ. ھەتتا بەزى جان باققۇر موللىلارمۇ بۇ داستاندىن ئالاھىدە بېيتلارنى نەقىل كەلتۈرۈپ فىردەۋسىينىڭ شىئە مەزھىپىدە بولغانلىقىنى پاكىت قىلىپ قانداقتۇر «ئەلەۋىيلىك» (شىئە مەزھىپى ئىچىدىكى بىر رادىكال ئىقىم،ھەزرەت ئەلىينىڭ ئورنىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئورنىدىن ئۈستۈنلۈكىنى دەۋاقىلىدۇ) نى تەرغىپ قىلماقچى دەپ سۇلتانغا چاقىدۇ. بۇ چېقىمچقلىقلارغا ئېشەنگەن سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىي فىردەۋسىينى ئېغىر جازالىماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن فىردەۋسىينى جازالىتىش ئەمەس، پەقەت سۇلتاننىڭ نەزىرىدىن نېرى قىلىش خىيالى بولغان ئۇنسۇرىي ۋە سۇلتان مىجەزىنىڭ تولا ئۆزگىرىدىغىنىنى بىلىدىغان ۋەزىر ھەسەن مەيمەندىلەرنىڭ ئارىغا چۈشۈشى بىلەن فىردەۋسى جازادىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ ۋە ئۇنسۇرىينىڭ سۇلتانغا خۇشامەتلەر قىلىشى بەدىلىگە «شاھنامە» گە 60 مىڭ دەرھەم بېرىلىدۇ. سۇلتاننىڭ ئۆزىگە ۋەدە قىلىنغان 60 مىڭ دىنار ئورنىغا 60 مىڭ دەرھەم بەرگىنىنى ھار ئالغان فىردەۋسىي 60 مڭ دەرھەمنى ھاممال، ھاممامچى، ۋە بوزچىغا ئۈلەشتۈرۈپ بېرىپ، مەھمۇد غەزنەۋىيگە ئاتاپ تۆۋەندىكى مەشھۇر ھەجۋىيسىنى يېزىپ قېچىپ كېتىدۇ:

شاھلاردىن بولسىدى بۇ شاھقا پەدەر،
كىيگۈزگەن بولاتتى ماڭا تاجۇ زەر.
ئەگەردە ئانىسى بولسا خانىدان،
تىللارغا كۆمەتتى مېنى بىگۇمان.
ئۇلۇغلار زاتىدىن بولمىغاچ بۇ شاھ،
ئۇلۇغلار نامىدىن دىل بولۇر سىياھ...
ئاچچىق مىۋىلىك دەرەخنى ئەگەر،
جەننەتكە كۆچۈرسەڭ نە ئۈنۈم بېرەر.
كەۋسەردىن سۇ ئىچسە چاڭقىغان مەھەل،
سۇ ئەمەس، بەرسىمۇ شەربەتۇ ھەسەل.
يېتىلسە ھوسۇلمۇ بېرىدۇ ئاخىر،
ۋە لېكىن مىۋېسى بولىدۇ تەخىر...
زاتى پەسلەرگە ئۈمىد باغلىما،
قارا تۈن ئاقارماس دىلىڭ داغلىما.
جاھانگىرنىڭ نامى بولغىنىدا پاك،
بىلىملىكلەر دىلى بولماس ئىدى چاك...

بۇ ھەجۋىنى ئاڭلىغان سۇلتان فىردەۋسىينى تۇتۇپ پىلغا دەسسىتىپ ئۆلتۈرۈشنى بۇيرۇغان بولسىمۇ شائىرنى ھېچيەردىن تاپالمايدۇ. ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتۈپ  ۋەزىر ھەسەن مەيمەندى «شاھنامە» دىن سۇلتاننىڭ كەيپىياتىغا مۇۋاپىق بەزى مىسرالارنى ئوقۇيدۇ. بۇنىڭدىن كۆڭلى يورىغان سۇلتان بۇ شېئرنى كىمنىڭ يازغىنىنى سورايدۇ ۋە فىردەۋسىينىڭ يازغىنىنى بىلگىنىدە ئىلگىرى قىلغانلىرىغا پۇشايمان قىلىپ فىردەۋسىيگە بېرىشنى ۋەدە قىلغان 60 مىڭ دىنارنى ئىشەنچلىك نۆكەرلىرىگە تاپشۇرۇپ نەدىن بولمىسۇن فىردەۋسىينى تېپىپ ئىنئامنى تاپشۇرۇشنى بۇيرۇيدۇ ۋە ئىلگىرىكى جازادىن ساقىت قىلغانلىقى ھەققىدە ئەلگە جاكار بەرگۈزىدۇ. ھاياتىنىڭ ئاخىرقى دەملىرىنى زالىم سۇلتاننىڭ غەزىپىدىن قېچىپ يوشۇرىنىپ ئۆتكۈزگەن فىردەۋسىي قىرىپ، ئاجىزلاپ، كىسەلمەن بولۇپ ئۆز يۇرتى تۇستا ۋاپات بولىدۇ. فىردەۋسىينىڭ تاۋۇتىنى يەرلىككە قويۇش ئۈچۈن شەھەر دەرۋازىسىدىن ئىلىپ چىقىۋاتقاندا، شەھەرنىڭ يەنە بىر دەرۋازىسىدىن سۇلتاننىڭ نۆكەرلىرى فىردەۋسىيگە بېرىلگەن ئىنئامنى كۆتۈرۈپ شەھەرگە كىرىپ كېلىدۇ ۋە ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن ئامانەتنى شائىرنىڭ يالغۇز قىزىغا تاپشۇرۇپ كېتىشىدۇ. شائىرنىڭ قىزىمۇ ئاتىسىغا نىسىپ بولمىغان بۇ ئىنئامى خىراجەت قىلىشنى راۋا كۆرمەي مەدرىس ۋە غىرىپ غۇرۋالارغا ئىئانە قىلىۋىتىدۇ.
         فىردەۋسىينىڭ ئۆمۈر بويى بىرەر ھۆكۈمدارنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىنى ئارزۇ قىلغىنىمۇ بىر ھىسابتا شېئىرنىڭ تەسىر كۈچىگە ئىشەنگىنى ئىدى. شۇنداقلا دەقىقي باشلىغان داستاننى داۋام ئەتتۈرۈپ ئەلدىكى زوراۋان ھۆكۈمدارلارغا ئىبرەت قىلماقچى بولغىنى ۋە خەلقنى ئىران پەھلىۋانلىرىنىڭ ئاجايب – غارايىب قىسسىلىرى بىلەن ئويغىنىشقا چاقىرىق قىلماقچى بولغىنىمۇ شېئىرنىڭ تەسىر كۈچىگە بولغان ئىشەنچى سەۋەبىدىن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە 35 يىل سەرپ قىلىپ تامامىغا يەتكۈزگەن بۇ شاھانە ئەسىرىگە ھۆكۈمدارلاردىن خىرىدار ئىزدەپ شۇ ئارقىلىق ئائىلە روزىغارىنى غەملەش ۋە بۇ بۈيۈك ئەسىرىنىڭ جاھانغا تارقىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن غەزنىگە سۇلتان مەھمۇد ھوزۇرىغا كىلىشىمۇ شېئىر تەسىرىنىڭ سەل چاغلاپ بولماس كۈچىدىن بولغان ئىدى. سۇلتان مەھمۇدنىڭ فىردەۋسىيگە كاتتا ئىنئام ۋەدە قىلىشىمۇ، ئۇنسۇرىينىڭ فىردەۋسىينى سۇلتان نەزىرىدىن نىرى قىلىش خىيالىمۇ، چىقىمچىلارنىڭ فىردەۋسىينى سۇلتانغا يامان كۆرسىتىشىمۇ، سۇلتاننىڭ ۋەزىرى ئوقۇپ بەرگەن مىسرالاردىن ئۆز ئىشىغا پۇشايمان قىلىپ، فىردەۋسىينىڭ ئۆزىنى كۆزگە ئىلماي بەرگەن ئىنئامنى ئەرزىمەس كىشىلەرگە ئۈلەشتۈرۈپ بەرگىنى ھەم ئۆزىنى ھەجۋىي  قىلغىنىغىمۇ قارىماستىن فىردەۋسىينى جازادىن بىكار قىلىشى ۋە ئىلگىرىكى ۋەدە قىلىنغان ئىنئامنى شائىرغا ئەۋەتىشىمۇ يەنىلا شېئىرنىڭ تەسىر كۈچىدىن ئىدى.
        فىردەۋسىينىڭ «شاھنامە» سى ھەجىمى زور بولغان، شاھلار ۋە قەھرىمانلار ۋەقەلىكلىرى بايان قىلىنغان داستان بولۇپلا قالماستىن فارس تىلىنىڭ ساپلىقىنى ساقلاپ قالغانلىقى بىلەنمۇ مەشھۇردۇر. ھەزرەت ئەلىشىر نەۋايى «غەرايىبۇسسىغەر» دىۋانىغا كىرگۈزگەن مەسنەۋىيسىدە: «فىردەۋسىي ‹شاھنامە› ئۈچۈن 30 يىل سەرپ قىلدى، ئەگەر مەن بولغان بولسام 30 ئاي ئىچىدە پۈتكۈزەتتىم» دېگەن مەنىدىكى مىسرالارنى ئوقۇغىنىم ئېسىمدە. خوش، ئۇنداقتا نەۋايىنىڭ ئۆزىگە شۇنچىلىك تەمەننا قىلىشىغا سەۋەب بولغۇدەك كىم ئىدى؟ ئەمدىلا بالاغەت يېشىدىن ئاشقان ياش شائىرچاقنىڭ ھىراتتىن سەمەرقەنتكە كەتكۈزۋىتىلگىنىگە شىكايەت قىلىپ سەيىد ھەسەن ئەردەشىرگە يازغان بۇ ئۇزۇن مەسنەۋىيسىدە شۇنچىلىك چوڭ گەپ قىلىشىغا تۈرتكە بولغۇدەك ئامىل زادى نېمە ئىدى؟ يەنىلا ئۆز شېئىرلىنىڭ تەسىر كۈچىگە بولغان ئىشەنچى ئىدى.
نەۋايىنىڭ ياشلىق دەۋرىنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدا يازغان:

ئارەزىن ياپقاچ كۆزۈمدىن ساچىلۇر ھەرلەھزە ياش،
بۇيلەكىم پەيدا بولۇر يۇلتۇز نىھان بولغاچ قۇياش.

مەتلەسى بىلەن باشلىنىدىغان غەزىلىنى ئاڭلىغان مەۋلانا لۇتفىينىڭ «ئەگەر مۇيەسسەر بولسام ئىدىم، ئۆزۈم يازغان ئون – ئون ئىككى مىڭ بېيتلىق غەزىلىمنى مۇشۇ بىر پارچە غەزەلگە تېگىشكەن بولۇر ئىدىم» دېگەن مەشھۇر ۋەقە كۆپىنچىمىزغا مەلۇم بولسا كېرەك. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشىغان تالاي ۋەقەلەرنەۋايى ھاياتىدا كۆپ يۈز بەرگەن.
        تىمۇرىيلارنىڭ ۋەكىلى سۈپتىدىكى خۇراسان ھۆكۈمدارى ئوبۇلقاسىم مىرزا ۋاپاتىدىن كېيىن ئاتا –ئانىسىدىن يىتىم قالغان نەۋايى جان – جىگەر دوستى ھۈسەين بايقارانىڭ سەلتەنەت تەمەسىدىكى ئەلەم كۈرىشىگە كۆمەكلىشىشنى راۋا كۆرمەي ئىمام رىزا مەقبەرىسى يېنىدىكى خاناقادىن بىر ھۇجرا ئېلىپ ئىلىم تەھسىل قىلىشقا كىرىشىدۇ.  لېكىن پۇت ئاغرىقى بىلەن مىزاجىغا يەتكەن خەستىلىك بىلەن  بىر نەچچە زامان ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالىدۇ. شۇ كۈنلەردە پەھلەۋان مۇھەممەد ياش شائىرنى يوقلاپ كىرىدۇ ۋە ئۇخلاپ ياتقان نەۋايىغا دەخلى قىلماسلىق ئۈچۈن ھۇجرىدىن چىقىپ كەتمەكچى بولۇپ تۇرغىنىدا ئىشىك تۈۋىدىكى قوزۇققا ئېسىغلىق تۇرغان چاپاننىڭ يېڭىنىڭ يىرتىلىپ كەتكىنى كۆرۈدۇ ۋەيىرتىلغان جاينى ياماپ قويۇش ئۈچۈن چاپاننى قولىغا ئالغاندا، چاپاننىڭ يانچۇقىدىن شىرىقلاپ بىر قەغەز قولىغا ئۇرۇنىدۇ. پەھلەۋان مۇھەممەد نەۋايىنىڭ يازغان شېئىرى بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ يانچۇقتىكى قەغەزنى قولىغا ئېلىپ نەۋايى يېڭىلا يازغان سۈت ۋاراقتىكى غەزەلنى كۆرۈپ ياش شائىرغا چاقچاق قىلىش ئىستىكدە غەزەلنى بىر قانچە قېتىم ئوقۇپ يادلىۋالىدۇ ۋە ھۇجرىدىن چىقىپ نەۋايىنىڭ ئويغىنىشىغا ئۈلگۈرۈپ قايتا كىرىدۇ. سالام ئېلىكتىن كېيىن گەپ ئارلىقىدا مەۋلانە نەسىمىينىڭ شېئىرىي تالانتىنى ماختايدۇ ۋە مىسال تەرىقىسىدە بايا يادلىۋالغان نەۋايىنىڭ غەزىلىنى زوق بىلەن ئوقۇشقا باشلايدۇ:
ھەر قايان باقسام يۈزۈمگە ئول قۇياشتىن نۇر ئېرۈر،
ھەر سارى قىلسام نەزەر ئول ئاي ماڭا مەنزۇر ئېرۈر.
...
پەھلەۋان مۇھەممەد شېئىرنىڭ ئاخىرقى بېيىتىنى ئوقۇغاندا «نەۋايى» سۆزى ئورنىغا «نەسىمىي» سۆزىنى ئالماشتۇرۇپ ئوقۇيدۇ. تەئەججۈبتىن كۆزلىرى قىنىدىن چىقىپ كىتەيلا دەپ قالغان ياش شائىرغا قارىغان پەھلىۋان مۇھەممەد چاقچىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن بۇ شېئىرنى ئون ئىككى يىل بۇرۇن ئوبۇلقاسىم بابۇر مىرزىنىڭ ھوزۇرىدا يادلىۋالغىنىنى ئېيتىدۇ. نەۋايى تېخىمۇ ھەيرەتكە چۈشۈپ «ئەجەبا بۇ غەزەلنى مەن ئىلگىرى ئوقۇغان بولسام خاتىرەمدە ساقلىنىپ قىلىپ بۈگۈن ئىلھام كۈچى بىلەن ئۆز ئەينى ئاققا چۈشۈرگەن بولسام كېرەك» دەپ ئويلايدۇ. نەۋايىنىڭ تېخىچە ئىسىگە كېلەلمىگىنىنى سەزگەن پەھلىۋان مۇھەممەد قاقالاپ كۈلۈپ ئۆز چاقچىقىنى ئاشكارا قىلىدۇ ھەم ياش شائىرنىڭ شېئىرىي تالانتىنى نەسىمىي، لۇتفىيلاردىنمۇ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.
         شۇنىڭدىن ئۇۇزن ئۆتمەي خۇراسان تەختىنى ئىگىلىگەن ئەبۇسەئىد مىرزىنىڭ خادىملىرى مىرزىغا ياخشىچاق بولۇش غەرزىدە مىرزىنىڭ دۈشمىنى بولغان ھۈسەين بايقارانىڭ يېقىن دوستى بولغان نەۋايى يازغان شېئىردىن تۆۋەندىكى مىسرانى كۆچۈرۈپ كېلىپ نەۋايىنى مىرزىغا چىقىشتۇرىدۇ:

مېنى ئېشىقتىن مەنئى قىلار سادە شەيخ،
دېمە سادەشەيخ، ئىت كەبى لادە شەيخ.

دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن «ئىت» دەپ لەقەبلەنگەن ئەبۇ سەئىد مىرزا شېئىردىكى «ئىت» سۆزىنى ئۆزىگە ئېلىۋىلىپ نەۋايىنى ھوزۇرىغا چاقىرتىدۇ ۋە غەزەبتىن ئۆزىنى ئاران – ئاران تۇتۇپ تۇرغان ھالدا شائىرنى سوراقلايدۇ. لېكىن نەۋايى ھېچ ھۇدۇقماستىن: «غەزەلنىڭ زاتى ئالىيغا تاپشۇرۇلغان نۇسخىسىدا خاتالىق بار، كۆچۈرگۈچى ‹ئەيتىكىم› سۆزىنى ‹ئىت كەبى›قىلىپ غەلەت يېزىپتۇ، شېئىرنىڭ ئەسلى مۇنداق ئىدى:

مېنى ئېشىقتىن مەنئى قىلار سادە شەيخ،
دېمە سادەشەيخ، ئەيتتىكىم لادە شەيخ.»

دەپ تۈزىتىپ ئوقۇپ بېرىدۇ. ئۆزىنىڭ مات بولغىنىنى تەن ئالغۇسى كەلمىگەن مىرزا ۋەزىرى سۇلتان ھەسەنگە قارايدۇ. ياش شائىرنىڭ ھاياتىدىن ئەندىشىگە چۈشۈپ ئىچى تىت – تىت بولىۋاتقان ۋەزىر يېنىك نەپەس ئېلىپ نەۋايىنىڭ تۈزەتكىنىگە ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ باش لېڭىشتىدۇ. شۇنداقتىمۇ مىرزا ئەلپازىنى ئۆزگەرتمەستىن نەۋايىغا: «گەپ بىر سۆز ھەققىدە ئەمەس، غەەزل غەرەزلىك ۋە يامان نىيەت بىلەن يېزىلغان، شەيخلەر ھەققىدە غەزەل يېزىپ نېمەقىلىسىز؟ سىياسەت ۋە رىياسات دائىرىسىگە كىرىشنىڭ نېمە ھاجىتى بار، سەنەملەرنىڭ قاش – كۆزلىرى ھەققىدە شېئىر يېزىڭ، ھېچكىم ھېچنىمە دېمەيدۇ» دەپ شائىرنىڭ قايتىشىغا ئىجازەت بېرىدۇ.

     دەرھەقىقەت نەۋايى ئۆزىگە تەمەننا قىلالىغۇدەك جۈرئەتكە ئىگە شائىر ئىدى. شۇنداقلا ئۆزىنىڭ«خەمسە» سى ھەققىدە بىزگە بەرگەن ئۇچۇرىدا «خەمسە» نى يېزىش ئۈچۈن سەرپ بولغان ئىككى يىرىم – ئۈچ يىل ۋاقىتنىڭ ئىچىدە قەلەم تەۋرەتكەن ۋاقتىنىڭ ئالتە ئايغىمۇ بارمايدىغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rasheed تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-9 14:58  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-1-9 17:03:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ خىلدىكى ئىزدىنىشىڭىزنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى بىزدە، بولۇپمۇ ياش تالانىت ئىگىلىرى ئىچىدە ئاجىز ھالقا بولۇپ قالدى.

ۋاقتى: 2014-1-9 19:10:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئابدۇسالام
ھازىر ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتامسىز؟
تەتقىقاتىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي.

ۋاقتى: 2014-1-9 20:25:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  راسىت ، ئاجىز بىر ھالقا ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىسىز، بۇ ساھەدە مەيلى باشقىلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىڭ ياكى ئۆزىڭىزگە خاس يېڭىدىن يول ئېچىپ مېڭىڭ قىينچىلىق يەنىلا مەۋجۈت، شۇنداقتىمۇ بەردەم بولۇپ ياخشى نەتىجىلەرنىڭ ئىگىسىگە ئايلىنىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش