كۆرۈش: 2699|ئىنكاس: 0

زۆھرەگۇل ئابدۇۋاھىت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                                    6.jpg

زۆھرەگۇل ئابدۇۋاھىت     1975 -يىلى  1-ئاينىڭ  1-كۇنى قورغاس ناھىيەسىدە تۇغۇلغان    1995  -يىلى ‹‹شىنجاڭ پوچتا -تېلگىراف مەكتىۋى››نى تاماملىغاندىن كېيىن ھازىرغىچە قورغاس ناھىيەلىك پوچتا ئىدارىسى ۋە پوچتا بانكىسىدا ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ .زۆھرەگۇل ئابدىۋايىت    1991 -يىلى ‹‹ئىلى دەرياسى ››ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان ‹‹تەلەيلىك ئايالنىڭ ھەسرىتى ››ناملىق ھىكايىسى بىلەن ئەدىبىيات سېپىگە كىرىپ كەلگەندىن بېرى ‹‹ئىلى دەرياسى ››‹‹شىنجاڭ ئاياللىرى ››‹‹تارىم ››‹‹شىنجاڭ مەدىنىيىتى ››‹‹ئىلى گېزىتى ››‹‹ئىلى كەچلىك گېزىتى››قاتارلىق گېزىت -ژورناللاردا يۇز پارچىدىن ئارتۇق ھىكايە،پوۋسىت، ماقالىسى ئېلان قىلىنغان .ئاپتورنىڭ ‹‹قىسىلغان يۇرەك ››ناملىق ھىكايىسى  5-نۆۋەتلىك‹‹ خانتەڭرى ئەدىبىياتى››مۇكاپاتىغا ‹‹قومۇش كۆل››ناملىق ھىكايىسى تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹ئىلى دەرياسى ››مۇكاپاتىغا ‹‹مىڭ بىر كېچىدىن تۇرمۇشقا نەزەر ››ناملىق ماقالىسى ئاياللار ژورنىلى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ‹‹ئاياللار ،ئانىلار ۋە دۇنيا ››ناملىق مۇكاپاتلىق ئەسەر باھالاش پائالىيىدە  2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن .   2004 -يىلى ئاپتۇرغا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتى ۋە ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ‹‹تۆھپىكار ئايال ئەدىپ››دەپ نام بېرىلگەن .  2013 -يىلى  ‹‹ئاخىرقى كۇز ››ناملىق ھىكايىسى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ ‹‹مىللەتلەر ئەدىبىياتى ››ژورنىلىنىڭ يىللىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن .‹‹ياغاچ قوشۇق ››ناملىق ھىكايىسى ئوتتۇرا ماكتەپ دەرسلىگىگە كىرگۇزۇلگەن .‹‹ئاققان يۇلتۇز ››‹‹قومۇش كۆل ››قاتارلىق ھىكايىلىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان .   2013-يىلى ‹‹قومۇش كۆل ››ناملىق ھىكايىلەر توپلىمى نەشىردىن چىقىپ كىتاپخانلار بىلەن يۇز  كۆرۇشتى .‹‹ئەركەكلەر قېنى ؟!››ناملىق ھىكايىلەر توپلىمى نەشىردىن چىقىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ .ئاپتور ‹‹ئىلى ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمىيىتى››نىڭ ئەزاسى ‹‹ئاپتونۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمىيىتى››نىڭ ئەزاسى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلقىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-28 14:03  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش