يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 569|ئىنكاس: 1

جارۇسلاۋ .سەيفېرت ۋە ئۇنىڭ « بىر كۈي»ناملىق شېئىرى توعرىسىدا تەقرىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
جارۇسلاۋ .سەيفېرت ۋە ئۇنىڭ « بىر كۈي»ناملىق شېئىرى توعرىسىدا تەقرىز

ئېلى ھېمىت


جارۇسلاۋ.سەيرفېرت(Jaroslav Seifert ) (1901~1986 )- چېخسلوۋكىيەلىك مەشھۇر شائىر بولۇپ،ئۇ بىر ئىشچى ئائىلىسدە دۇنياغا كەلگەن. «ئايرىلىش ۋە باھار»،«چەكسىز ئېلىكتىر دۇلقۇنى»،«ۋېناسنىڭ بېلىكى»،«پەقەت سۆيگۈلا بار»،«پىكادىرنىڭ كۈنلىكى»،«چىراقنى ئۆچۈرۈش»،«تاش كۆۋرۈك»،«بىر كۈي»قاتارلىق لىېرىكىلىرى بار.
  1984-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى چېخ شائىرى جارۇسلاۋ.سەيرفېرت بولسا،«بۇلبۇل ناۋاسى»ناملىق (ئۇنىڭ بىر شېئىرىنى تېما قىلغان)ناملىق ناخشىنى ئېيتقان ناخشىچى ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا مول ماتېريال تاللاش ۋە كەڭ نەزەر دائىرىلىك بار دەيدۇ،ھەقىيقەتەن،سەيفېرتنىڭ شېئىرلىرىدا  «ئۆزلۈكسىز جارى قىلدۇرۇلغان ئىجادچانلىق بىلەن،ئۆزگىچە ئوسلوبنىڭ كۆپ ياقلىمىلىقى ھەم جانلىقلىقى بولسا، ھېسىيات،پەرق ئېتىش ئىقتىدارى ۋە تەپەككۈر ئىقتىدارى جەھەتتىكى بىر خىل مول بولغان ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى ئۆزئارا باب كېلىشتە ئىپادىلىنىدۇ»دەپ قارالغان.(«نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپات تارقىتىش سۆزى»)
جارۇسلاۋ.سەيرفېرت شېئىرلىرىنى ئۅگىنىش يېڭى شئىرىيەتنىڭ تەرەقىياتىعا  پايدىلىق.بولۇپمۇ شئىرىي پىكىرنى تاۋلاپ،ھەركەتلىك ھالەتتە ئوتتۇرىعا تاشلاش ئۇسلوبى بىزگە ەزور ئىلھام بەحش قىلىدۇ.شېئر مۇنداق:



بىر كۈي


يارۇسلاۋ.سەيفېرت

كىمدۇ  پۇلاڭلىتار ئاق ياغلىقىنى،
قىيالماي دوستتىغا تاشلاپ ئوت نىگاھ.
ھەر كۈنى يىتمەكتە بەزەن شەيئىلەر،
ھەم يەنە ئەڭ گۈزەل شەئىيلەرمۇ گاھ.

پەر قاقار بوشلۇقتا پوچتا كەپتىرى،
قايتار ئۇ ئۇچقانچە ئۇۋىغا ناگاھ.
ھامىنى قايتۇرمىز بىزمۇ ھەم يۇرتقا،
ئۈمىد-ئۈمىدسىزلىكنى يۈدىگەنچە ئاھ!

ياشلىما كۆزۈڭنى،سۈرتكىن پاكىزە،
كۈلگىنە جارڭلىق،دەردنى قىل ئاگاھ.
توغۇلار ھەر كۈنى يېڭى شەئىيلەر،
ھەم يەنە خويمۇ ئۇز شەئىيلەرمۇ، پاھ!
ئېلى ھېمىت تەرجىمىسى

قىسقىچە يانداشما تەقرىز:

شائىر بۇ شېئرىدا  شېرىي ئىماگقا سېلىشتۇرما پىكىرنى ئۇستىلىق بىلەن يانداشتۇرۇپ،ئوقۇرمەننىڭ ھېسسىي سېزىمىنى عىدىقلايدۇ.قايعۇلۇق كەيپىياتتىن ئۅمىدۋارلىققا ئۉتۅشتەك مۇۋەپىقىيەتلىك چىققان بۇ جەرياننىڭ  مەنە بوشلۇقى قالتىس.

ئىنسان تەپەككۅرى تەبىئەتتىن حالىي بولالمايدۇ.شئىرىي پىكىرمۇ  ئەلۋەتتە شۇنداق.تۇيعۇنىڭ سەكرەتمىلىكى مەنە كەڭلىكىنى بەرپا قىلىدۇ.
قىسقىسى،بارى-يوقى ئۅچلا كوپلىتلىق بۇ  شېئردا، ئاۋالقى ئىككى كوپلېتتا بىرى «ئايرىلىشقا قىيماسلىق»،يەنە بىرى «قايتىش»نىڭ كېسىشمىسىدىن تەشكىل تاپقان.ئاخىرىدا «ئۈمىد ۋە ئۈمىدسىزلىكنى يۈدۈپ يۇرتىغا تايتىش»قا ئۉتكەن.شۇنىڭدەك بىرىنچى كوپلېتتىكى «ھەر كۈنى بەزەن شەئىيلەرنىڭ يوقۇلىۋاتقانلىقى،ناھايىتى گۈزەل شەئىيلەرنىڭمۇ يوقۇلىۋاتقانلىقى»دىن ئاخىرىدا« ھەر كۈنى بەزەن شەئىيلەرنىڭ توغۇلىۋاتقانلىقى،ناھايىتى گۈزەل شەئىيلەرنىڭمۇ توغۇلىۋاتقانلىقى»غا ئۆتكىنىدەك زىدىيەتلىك جەريان ئارقىلىق شېئىرىي لەززەت بەرپا قىلىنغان.
قىسقىسى بۇ شېئىردا جۇدالىق ،ئازاب يېزىلىشتىن باشقا،ھايات-ماماتلىق يوقۇلۇش-قايتا توغۇلۇشتەك ئۈمىد-ئۈمىدسىزلىك ئارلىشىپ كەتكەن زىدىيەتلىك روھىي ھالەت ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
شېئىرنىڭ تىلى ئاددىي،ئەمما ئىماگىلىق بولۇپ«ئاق ياغلىق»،«قېرىنداش-دوست»،«پوچتا كەپتىرى»،«كونا ئۇۋا،يۇرت»،«كۉز يېشىنى پاكىزە سۈرتۈش»قاتارلىق ئادەتتىكى سۆز-ئىبارىلەر ئىشلىتىلگەن.لېكىن ماس قەدەمدە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، تاشقى رېتىمچانلىقتىن كۆرە،  ئىچكى رېتىمچانلىق ئالاھىدە جۇلالىنىپ شېئىرنىڭ  جەلپ قىلىش كۈچى ئاشۇرۇلغان.
دېمەك،شائىر ھەركەتچان نۇقتىدىن شەئىيلەرنى ئىنچىكە كۅزىتىپ،پەلسەپەۋىي چوڭقۇرلۇققا يەتكەن يەنى«كورۅنۅش»ئارقىلىق تىپىك شېرىي مەنزىرە يارىتىۋلىش،ئاندىن تەسىرات-سوبىكتىپ حىيالعا ئوتۅشتەك بۇ بىر قاتار جەريانلارنىڭ باعلانما تەسەۋۋۇرنىڭ ياردىمىدە بىر پۅتۅنلۅككە ئايلىنىپ كەتكەنلىكى،مانا بۇ مەزكۅر شېئرنىڭ بەدىئىي مۇۋەپىقىيىتى.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Ali تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-8 19:41  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-1-10 01:29:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىرىشچانلىغىڭىزغا ئاپىرىن  يېقىنقى  يىللاردىن بۇيان تەرجىمانلار بەك قىس ئىدى ،ئەمدى ياخشى بۇپتۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش