كۆرۈش: 1404|ئىنكاس: 1

چاغاتاي تىلى مۇتەخەسىسى ئابدۇرېشىت ئىسلامى ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
چاغاتاي تىلى مۇتەخەسىسى ئابدۇرېشىت ئىسلامى ھەققىدە
           غەيرەتجان  ئوسمان ئۇتغۇر

  ئابدۇرېشىت ئىسلام(ئابدۇرېشىت دامۇللام) 1925-يىلى 6-ئايدا مەكىت ناھىيىسى بازار ئىچى دۆڭ مەسچىت مەھەللىسى  (مەكىت بىرىنچى رايۇن تۆرتىنچى يېزا بىرىنچى كەنت) دە  ھاللىق دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.1932-يىلىدىن  1938-يىلىغىچە مەكىت ناھىيە بازىرىدا دىنى مەكتەپتە ،1938-1940 - يىلىغىچە پەننى مەكتەپتە ئوقۇغان.1940-يىلى 1- ئايدىن 1943-يىلى 7-ئايغىچە مەكىت ناھىيىلىك سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىدە كاتىپ بولۇپ ئىشلىگەن. 1943-يىلى 8-ئايدىن  1945-يىلى 2- ئايغىچە بىر تەرەپتىن ئائىلىدە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن تۆمۈرچى ئۇستامغا شاگىرىت بولۇپ كىرىپ تۆمۈرچىلىك ھۈنىرىنى ئۈگەنگەن.ئۇنىڭدىن باشقا ئىشتىن سىرت ۋاقىت چىقىرىپ داۋاملىق يوسۇندا موللام-خەلپەتلەردىن ئىجتىمائىي،دىنى بىلىم ۋە ئەرەپ،پارىس تىللىرىنى ئۈگەنگەن، ئەدەبىي ئىجادىيەتكە ھەۋەس قىلىدىغان ئەھمەد قازى دېگەن خەلپەتتىن ئەدەبىات،بولۇپمۇ شىېئىرىيەت بىلىملىرى ۋە ماھارىتىنى ئۈگەنگەن،شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەدەبىياتقا، شىئىرىيەتكە ئىشتىياق باغلىغان. 1945-يىلى 2-ئايدىن 7-ئايغىچە مەكىت ناھىيىلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىنىڭ مالىيە بۆلۈمىنىڭ بوغالتىرى بولۇپ ئىشلىگەن. زاماننىڭ قاراڭغۇلىقى،جەمىيەتنىڭ رەزىللىكى، ئەكسىيەتچىل ھاكىمىيەتنىڭ چىرىكلىكى،قارا قورساق ئەمەلدارلارنىڭ مۇشتۇمزورلىقى،  يۇقۇرى تەبەقە بىلەن ئاۋام پۇخرا ئوتتۇرىسىدكى ئۆتكۈر زىددىيەتلەر كۆرىشى، جۇڭگو جەمىيىتىنىڭ جاي- جايلىرىدا كۆتۈرىلىۋاتقان ئىنقىلابىي ھەركەتلەر، ئىلغار پىكىرلىك كىشىلەرنىڭ قارشىلىق، ئىسيانكارلىق روھى قاتارلىق بىر قاتار ئىشلار دۇنيا قاراش جەھەتتە بەلگىلىك ئىدىيە شەكىللەندۈرۈشكە باشلىغان ئابدۇرېشىت ئىسلامنىڭ قەلبىدە تەدرىجى يوسۇندا تىرىشىپ ئۆگىنىش، قىتىرقىنىپ ئىشلەش،ئۆزلۈكسىز ئالغا ئىنتىلىش،كىشىلىك ئەركىنلىكىنى قوغداش،ياشاش ھوقۇقى ئۈچۈن كۆرەش قىلىش،ئىسيانكارلىق ھىسسىياتىنى ئويغاتقان، ئادىمىلىك خاراكتىرى ۋە ئىرادىسى مۈستەھكەملىنىپ بارغان. شۇنىڭ بىلەن زۇلۇم ۋە ئىكىسپىلاتاتسىيىگە قارشى تۇرۇشنى خالايدىغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تەسىرى بىلەن ناھىيىدىكى نەپسانىيەتچى،موشتۇمزور ھاكىملارنىڭ، يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ زۇلمى، ئىزىشىگە، قارشى كۆپ قېتىم يۇقۇرى ئورۇنلارغا ئەرز- شىكايەت قىلغان ،ئەمگەكچى خەلقنى قوزغىتىش خاراكتىرىدىكى يوشۇرۇن تەشۋىقات بىلەن شۇغۇللانغان.بۇنىڭ بىلەن ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمران دائىرىلەرنىڭ تەقىپ قىلىدىغان نىشانىغا ئايلىنىپ قېلىپ ھەم رېجىمغا ئېلىنىپ 1946- يىلى 2-ئايدىن 1946-يىلى 12-ئايغىچە  گومىندڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ تۈرمىسىدە سىياسى مەھبۇس سۈپىتىدە يېتىپ ئېغىر ئازاپ چەككەن.« ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى بىلەن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا ۋاقىتلىق تىنىچلىق بىتىمى تۈزۈلگەندە،ئەشۇ بىتىمنىڭ روھىغا ئاساسەن ئابدۇرېشىت ئىسلام تۈرمىدىن قويۇپ بىرىلىپ.مەكىت ناھىيىلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىدا ئىشلەپ تۇرغان.يەنە مەكىت ناھىيىلىك ياشلار ھەركىتى تەشكىلاتىدا خىزمەت قىلغان.  بىتىم بۇزۇلغاندىن كېيىن يەنە قولغا ئېلىنىپ تۈرمىدە ياتقان. 1949-يىلى 9-ئايدا تۈرمىدىن چىقىپ،مەكىت ناھىيىلىك يېڭى دىمۇكىراتىزىملىق ياشلار ھەركىتىگە ئىشتىراك قىلىپ،يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنى قارشى ئېلىش ئاممىۋىي پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان.شۇنىڭ بىلەن بىرگە جۇڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسىگە ھەمكارلىىپ سىياىسي خىزمەت بىلەن مەشغۇل بولغان.1950-يىلى 3-6- ئايلاردا ياركەند (يەركەن) ۋىلايىتىنىڭ  مەركىزىگە كېلىپ سىياسىي كۈرستا ئوقۇغان.1951 -يىلى شىنجاڭ ئولكىلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بولۇپ سايلىنىپ ئۈرۈمچىدە يىغىنغا قاتناشقان. 1954-يىلى 10- ئايغىچە ياركەند ۋىلايەتلىك ئىتتىپاق كومىتىتى ۋە قارغىلىق ناھىيىلىك ئىتتىپاق كومىتىتىدا كادىر بولۇپ ئىشلىگەن.1954 -يىلى 11-ئايدىن 1956-يىلى 10-ئايغىچە ياركەند ۋىلايەتلىك سىياسىي كېڭەشتە كاتىپ بولۇپ خىزمەت قىلغان. 1956-يىلى 10-ئايدا جۇڭگو پەنلەر ئاكادىيمىيىسى (ئەينى زاماندا تېخى ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى قۇرۇلمىغان)  مىللەتلەر تەتقىقات ئىنىستىتوتى ئۇيۇشتۇرغان، ئۇيغۇرشۇناس، پرۇفىسور فېڭجياشىڭ مەسئۇل ، تارىخشۇناس ئۇيغۇر سايرانى مۇئاۋىن مەسئۇل بولغان شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي تارىخىنى تەكشۈرۈش  گورۇپپىسى خىزمەت بىلەن ياركەند ناھىيىسىگە بارغاندا گۇرۇپپا ئەرەپ،پارىس ۋە چاغاتاي تىللىرىنى بىلىدىغان ئادەمگە جىددى ئىھتىياجلىق بولۇپ قېلىنغانلىق سەۋەپلىك، ياركەند ۋىلايىتىنىڭ ۋالىسى قاسىمجان قەمبىرىنىڭ ماقۇللىقى بىلەن ئابدۇرېرىشت ئىسلامى گورۇپپىنىڭ خىزمەتلىرىگە يارىلىشىش ئۈچۈن ۋاقىتلىق تەكلىپ قېلىنغان ھەم  خىزمەت گورۇپپىسى تەركىبىدە خوتەنگىچە بىللە بارغان.خىزمەت جەريانىدا ئىپادىسى ياخشى،دىنىي ئۆلۈمالار،كونا زىيالىلار بىلەن ئوڭاي چىقىشىش،قەدىمكى قوليازما، ھۈججەتلەرنى بايقاش، كۆرۈش،چۈشىنىش،تۇرگە ئايرىش،بىر تەرەپ قىلىش ئىشلىرىغا يېقىندىن ھەمكارلاشقانلىقى ئۈچۈن  بىر مەزگىل ئۆمەك تەركىبىدە قېلىپ ئۈرۈمچى ۋە بېيجىڭغىچە بارغان.ئۇزۇن ئۆتمەي ئون يىللىق توختام بىلەن بىيجىڭدا جۇڭگو پەنلەر ئاكادىيمىيىسى مىللەتلەر تەتقىقات ئىنىستىتوتى شىنجاڭ گورۇپپىسىدا تەتقىقاتچى،تەرجىمان بولۇپ ئىشلىگەن. 1961- يىلى9-ئايدىن 1962- يىلى 7- ئايغىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىشتىتوتىدا ئوقۇپ خەنزۇ تىلى بويىچە بىلىم ئاشۇرغان.بۇ جەرياندا شىنجاڭغا كەلگىنىدە جۇڭگو پەنلەر ئاكادىيمىيىسى شىنجاڭ شۆبىسى ۋە مىللەتلەر تەتقىقات ئىنىستىتوتىنىڭ خىزمەتلىرىگىمۇ يېقىندىن يارىلاشقان. 1966- يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋىرىسىتىتى تىل-ئەدەبىيات پاكۇلتىتىنىڭ مەسئۇلى مەرھۇم مەمتىمىن خۇدابەردىنىڭ ئالاقىلىشىشى بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋىرىسىتىتىغا يۆتكىلىپ كىلىپ  تاكى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى تىل-ئەدەبىيات پاكۇلتىتىدا قەدىمكى ئەسەرلەرنى يېغىش، رەتلەش، نەشىرگە تەييارلاش،تەتقىق قىلىش ۋە ئۇقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1989- يىلى يازدا ئۈرۈمچىدە كىسەللىك سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولغان.
ئابدۇرېشىت ئىسلام يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەسەرلىرىنى رەتلەش، نەشىرگە تەييارلاش،تەتقىق قىلىش ئىشلىرىغا كۆزگە كۈرۈنەرلىك ھالدا تۆھپە قوشقان، باشلامچىلىق رول ئوينىغان ئۈستازلارنىڭ بېرى بولۇپ،بۇ زات ھەققىدە مەخسۇس توختىلىش،ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى توغرىلىق ئىزدىنىش مۇئەييەن تارىخىي ئەھمىيەتكە ۋە ئىلمىي ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئابدۇرېشىت ئىسلام  ئۆسمۇرلۈك ۋە ياشلىق چاغلىرىدىن باشلاپلا ئوقۇش،بىلىم ئىگىلەشكە چوڭقۇر ئىشتىياق باغلىغان، بولۇپمۇ كونا ئۇيغۇر تىل -ىېزىقى يەنى چاغاتاي ئۇيغۇر تىل - يېزىقى، پارىس تىل -يېزىقى ۋە ئەرەپ تىل-يېزىقلىرىنى ئوبدان ئۈگەنگەن. خەتتاتلىق، ئەدەبىيات،جۈملىدىن شىئېرىي ئىجادىيەتكە قىزىققان.يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغىچە بولغان ئارىلىقتا كىشىلەرنىڭ خەت- چەكلىرىنى،ئەرز-شىكايەتلىرىنى يېزىپ بېرىش ،ئۇيغۇر ئۇيۇشمىنىڭ «سانايىنەفىسە»سىدە ئىشلەش ۋە بەزى ئورۇنلاردا كاتىپلىق قىلىش جەريانىدا بىر تەرەپتىن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ئىنچىكە گۈزىتىش، جەمىيەتنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىنى تىخىمۇ ئىنىق چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بىلىم قۇرۇلمىسى،يېزىقچىلىق سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز ئاشۇرۇپ بارغان.يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن ساقچى ئورۇنلىرى،ياشلارنىڭ ئىتتىپاق تەشكىلى،سىياسىي كېڭەش ئورۇنلىرىدا ئىشلەش جەريانىدا ئىجتىمائىي،سىياسىي ئاڭ-سەۋىيىسىنى بارغانسىرى يۇقۇرلىتىپ بارغان.بولۇپمۇ جۇڭگو پەنلەر ئاكادىيمىيىسى مىللەتلەر تەتقىقات ئىنىستىتوتى ئۇيۇشتۇرغان شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي تارىخىنى تەكشۈرۈش  گورۇپپىسىغا قاتناشقانلىقى ئۇنىڭ ھاياتىدا تۈپلۈك ئۆزگىرىش ياسىغان.بېيجىڭدا تۇرغان ئون يىل جەريانىدا بىر تەرپتىن ئۆگىنىش، يەنە بىر تەرەپتىن ئىشلەش ئارقىلىق خىزمەت ۋە بىلىم سەۋىيىسى ھەم ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئۆسكەن.ئۆزىنىڭ دۆلەتكە،خەلققە جىددىي كېرەكلىك بىر ئىلمىي خادىم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن ۋە روشەن ھالدا نامايان قىلغان.يەنى  شىنجاڭنىڭ جاي-جايلىرىدىن يېغىلغان نەچچە مىڭ پارچە كونا ۋە قەدىمكى قول يازمىلارنى، كىتاپ- ھۈججەتلەرنى، گېزىت- ژورناللارنى رەتلەش،تۈرگە ئايرىش، كاتولوگلاشتۈرۈش  ئىشىنى  خۇددى ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي ئىشىدەك ھاردىم-تالدىم دېمەي قىزغىنلىق ۋە ئاكتىپلىق بىلەن ئىشلىگەن. شۇنىڭ بىلەىن بىرگە ئەينى چاغدا دۆلەتنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئورگانلىرىنى شىنجاڭ جۈملىدىن ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايۇنلار ۋە  ئەللىرىگە مۇناسىۋەتلىك قىممەتلىق ئۇچۇر ھەم ماتىرىيال بىلەن تەمىنلەشتە ۋاستىچىلىق رول ئوينىغان.ئۇ رەتلىگەن، تۈرگە ئايرىغان، كاتولوگلاشتۇرغان ۋە تەرجىمىسىنى ئىشلىگەن،قىسقىچە مەزمۇنىنى تەييارلىغان ماتىرىياللار بۈگۈنكى كۈندە بېيجىڭدا  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ مىللەتلەر تەتقىقات ئىنىستىتوتى، تىل تەتقىقات ئىنىستىتوتى ۋە باشقا دۆلەتنىڭ مەمۇرى ئورۇنلىرىدا، دۆلەتلىك ئارخىپخانىلاردا ،ئۈرۈمچىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردا ساقللانماقتا.بۇنىڭ كونكېرىت ئىپادىسى سۈپىتىدە «شىنجاڭنى تەتقىق قىلىشقا ئائىت كونا كىتاپلار كاتولوكى» ناملىق قوللانمىنى مىسال قىلىشقا بولىدۇ. بۇ كىتاپ ئابدۇرېشىت ئىسلام  تەرىپىدىن ئون يىلغا يېقىن كونا ماتىرىياللارنى رەتلاش، كاتولوگلاشتۇرۇش جەريانىدا بىر قانچە مىڭ پارچە ماتىرىيالدىن تاللاپ يېزىلغان بولۇپ، 200  نەچچە بەت،16 پورماتلىق،ئۇنىڭغا 270نەچچە پارچە كىتاپنىڭ كاتولوكى كىرگۈزۈلگەن ھەم دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسى مىللەتلەر تەتقىقات ئىنىستىتوتى تەرىپىدىن 1965-يىلى 11-ئايدا ئۇيغۇر كونا يېزىق شەكلىدىكى شافىگىراف نۇسخىدا بېسىلىپ   تارقىتىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ كىتاپنىڭ يەنە خەنزۇچە نۇسخىسىمۇ ئىشلەنگەن. ئۇنىڭغا ئاساسلىقى جۇڭگو   پەنلەر ئاكادىمىيىسى، جۇڭگو   پەنلەر ئاكادىمىيىسى شىنجاڭ شۆبىسى،  مىللەتلەر تەتقىقات ئىنىستىتوتى، ش ئۇ ئا ر مۇزىي،شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستىتى تىل- ئەدەبىيات پاكۇلتىتى قاتارلىق ئورۇنلاردا ساقلىنىۋاتقان كونا. قەدىمكى كىتاپ- ماتىرىياللارنىڭ كاتولوكى كىرگۈزىلگەن.بۇ كىتاپ بۈگۈنكى كۈندىمۇ كەڭ  ئىلمىي خادىملارنى قىممەتلىك تارىخىي ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشتە قوللانمىلىق رولىنى ئويناپ كەلمەكتە. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇستاز ئابدۇرېشىت ئىسلام يەنە تۆۋەندىكى كىتاپلارنى تەرجىمە قىلىپ چىققان.
1.        «تارىخىي رەشىدى- زەئىلى» (ياركەند سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە ياشىغان تارىخچى مەھمۇد جوراسنىڭ ئەسىرى) ، 1960-يىلى 12-ئايدا شىنجاڭ ئاز سانلىق مىلەتلەرنىڭ جەمئىيىتى تارىخىنى تەكشۈرۈش گورۇپپىسى تەرىپىدىن كونا ئۇيغۇر يېزىق شەكلىدە شافىگىراف نۇسخىلىق قىلىپ باستۇرۇلۇپ، ئىلمىي خادىملارغا تەتقىقات ئۈچۈن تارقىتىلغان.
2.         «تارىخىي كاشغەر ۋە فەرغانە »(زىرىف قارى ھاجى‹1858-1956› تەرىپىدىن 1921- يىلى كاشغەر شەھرىدە يېزىلغان)ناملىق كىتاپلارنى پارىس تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىققان بولۇپ،بۇل 1964-يىلى8-ئايدا شىنجاڭ ئاز سانلىق مىلەتلەرنىڭ جەمئىيىتى تارىخىنى تەكشۈرۈش گورۇپپىسى تەرىپىدىن كونا ئۇيغۇر يېزىق شەكلىدە شافىگىراف نۇسخىلىق قىلىپ باستۇرۇلۇپ، ئىلمىي خادىملارغا تەتقىقات ئۈچۈن تارقىتىلغان. «شىنجاڭنى تەتقىق قىلىشقا ئائىت كونا كىتاپلار كاتولوكى»نىڭ 19-بېتىدە   «تارىخىي كاشغەر ۋە فەرغانە »نىڭ ئاپتۇر تەرىپىدىن يېزىلغان قوليازما نۇسخىسىنىڭ جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسى مىللەتلەر تەتقىقات ئىنىستىتوتىدا 27- نومۇرلۇق ماتىرىيال سۈپىتىدە ساقلىنىۋاتقانلىقى ئىيتىلغان. «تارىخىي كاشغەر ۋە فەرغانە »ناملىق كىتاپنىڭ ئاپتۇرى ئەسىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن،ئۇنىڭغا «جەۋاھىرۇل ئەخپارفى تارىخ فەرغانە ۋە كاشغەر» («پەرغانە ۋە كاشغەر تارىخى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنىڭ جەۋھەرلىرى»)،«تارىخ فەرغانە،كاشغەر» («كاشغەر-پەرغانە تارىخى»)، «تارىخ تۈركىستانى چىيى ئۇرۇشى»(«تۈركىستاندىكى سەيلىگاھ ۋە جايلارنىڭ تارىخى»)دېگەن ئۈچ خىل نامنى مۆلچەرلىگەن.ئەسەر ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغاندا «كاشغەر-پەرغانە تارىخى»دەپ ئاتالغان.
3.        «رەۋزەتۈسسەفا»،بۇ تارىخچى مىرخۇەندى(1433-1498)نىڭ ئەسىرى بولۇپ، شىنجاڭ مىللەتلەر تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئاساسەن  ئۇنىڭ شىنجاڭ، جۇملىدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا دائىر قىسمىنى ئالىم ۋە شائىر ئەھمەد زىيائىي بىلەن بىرلىكتە پارىسچىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىققان.مۇشۇ تەرجىمە نۇسخىغا ئاساسەن يەنە خەنزۇچە نۇسخىسىمۇ تەييارلانغان.
4.        «كاشغەر تارىخى»(1882-يىلى ئىستانبۇل مىھران مەتبەسىدە ئوسمانلىچە نۇسخىدا بېسىلغان)  تۈركىيىلىك مۇھەممەد ئاتىپنىڭ  كىتابى بولۇپ،دامۇللام بۇنى ئوسمانلى تۈركچىسىدىن تەرجىمە قىلغان ،بۇنىڭ تەرجىمە نۇسخىسى شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ جەمىيەت ۋە تارىخىنى تەكشۈرۈش گورۇپپىسى تەرىپىدىن 1963-يىلى شافىگىراف نۇسخىلىق قىلىپ بېسىپ تارقىتىلغان.       5.«شەجەرەئىي تۈرك»،ئوبۇلغازى باھادۇرخاننىڭ بۇ ئەسىرى چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، ئابدۇرېشىت ئىسلامى تەرىپىدىن بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر تىلى ئۇسلۇبىغا ئايلاندۇرۇلغان نۇسخىسى 1960-يىللارنىڭ بېىشدا شىنجاڭ ئاز سانلىق مىلەتلەرنىڭ جەمئىيىتى ۋە تارىخىنى تەكشۈرۈش گورۇپپىسى تەرىپىدىن كونا ئۇيغۇر يېزىق شەكلىدە شافىگىراف نۇسخىلىق قىلىپ باستۇرۇلۇپ، ئىلمىي خادىملارغا تەتقىقات ئۈچۈن تارقىتىلغان.
  5. «قابۇسنامە». ئۇستاز ئابدۇرېشىت ئىسلام خەلقنىڭ مەنىۋىيىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن يەنە سامانىلار خاندانلىقىدا ياشىغان ئەخلاقشۇناس شەمسۇلمائالى ئەبۇلھەسەن ۋەشمىگىر قابۇس(مىلادى 11-ئەسىر)نىڭ دۇنياغا مەشھۇر دىداكتىك ئەسىرى«قابۇسنامە»ناملىق ئەسىرىنى پارىسچىدىن بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىققان بولۇپ،بۇ كىتاپ قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1983-يىلى زامانغا لايىقلىشىلغان قىسقاتىلمىسى نەشر قىلىنىپ بىرنچى قېتىمدىلا 40  مىڭ تىراژدا تارقىتىلدى ۋە جەمىيەتتە كۈچلۈك تەسر پەيدا قىلدى،بۇ  كىتاپ كېيىنچى قايتا-قايتا بېىسلدى.
ئۇستاز ئابدۇرېشىت ئىسلام تەرىپىدىن تەييارلانغان  كاتولوك،قەدىمكى ئەسەرلەر ۋە تەرجىمە كىتاپلار ئەينى زاماندا شىنجاڭنىڭ جەمىيەت تارىخىنى جۈملىدىن شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي تارىخى ۋە مەدەنىيەت تارىخىنى ئۈگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان.
ئۇستاز ئابدۇرېشىت ئىسلام ئۇيغۇرلارنىڭ كونا،قەدىمكى ئەسەرلىرىنى نەشرگە تەييارلاش ۋە تەتقىق قىلىش ساھەسىدە باشلامچىلىق ۋە تەشەببۇسكارلىق رولىنى ئويناپ كەڭ ئىلمىي خادىملارنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتى ۋە ئىتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. ئۇ ئاپەتلىك «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» (1965-1975-يىللار) مەزگىلىنىڭ دەھشەتلىك بورانلىرىدىن ئەندىلا قۇتۇلۇش بىلەن تەڭ، ئىسەنكىرەش ۋە دېلىغۇلدىلىقنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ،كاللىسىنى سەگەك تۇتۇپ،ئىلمىي ۋە ئەتراپلىق تەپەككۈر قىلىپ،يۈرەكلىك ھالدە ئىشقا كىرىشىپ،پۈتۈن زىھنى ۋە دىققىتىنى كونا، قەدىمكى كىتاپلارنى ئاختۇرۇپ كۆرۈشكە،يەشمە بېرىشكە، مۇتالىئە قىلىشقا قارىتىپ ئەلىشىر ناۋائىي، ئەبۇ مۇھەممەد سالاھى،ئىسمائىل مەھزۇن، ئىبراھىم ئىبنى يۈسۈپ خوتەنى،ئابدۇرېھىم نىزارى، تۇردۇش ئاخۇن غېرىبى،ئىمىر ھۈسەيىن سەبۇرى، ھۈسەيىنخان تەجەللى قاتارلىقلارنىڭ تەزكىرىسى، شىېئىر- داستانلىرىنى كونا ئۇيغۇر ( چاغاتاي ئۇيغۇر) تىلى ئۇسلۇبىدىن بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر تىلى ئۇسلۇبىغا ئايلاندۇرۇپ ۋە بەزىلىرىگە يەشمە بېرىپ شىنجاڭدا نەشىر قىلىنىدىغان ژورناللاردا ئىلان قىلدۇرۇپ جۇڭگونىڭ يېڭى دەۋرىگە خاس بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ۋە كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتىنى بىرىنچى قول ماتىرىيال بىلەن تەمىنلەشكە مۇھىم ھەسسە قوشقان.
ئۇستاز ئابدۇرېشىت ئىسلام نەشرگە تەييارلىغان كونا ۋە قەدىمكى ئەسەرلەر:
1.«ھەيرەتۇلئەبرار»،ئەلىشىر نەۋايىنىڭ ئەسىرى،شىنجاڭ ياشلارـ ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1991-يىلى نەشىر قىلغان.
2.«مەجالىسۇننەفائىس»، ئەلىشىر نەۋايىنىڭ ئەسىرى،ئابدۇمىجىت قۇربان بىلەن بىررلىكتە تەييارلىغان،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1994-يىلى نەشىر قىلغان.
3.«دىۋانى بىلال»(«مەنتىقەتتەيىر»)،موللا بىلال ئىبنى يۈسۈپ خوتەنى(ئىبراھىم ئىبنى يۈسۈپ خوتەنى)نىڭ ئەسىرىدىن پارچە،«تارىم»ژورنىلى 1981-يىلى 5-سان.
4.«دىۋانى مەھزۇن»،مەھزۇن خوتەنى(ئىسمائىل مەھزۇن)نىڭ ئەسىرى، «بۇلاق» ژورنىلىنىڭ 1981- يىللىق 1-سان،1982-يىللىق 1-،2-سان،«يېڭى قاشتېشى» ژورنىلىنىڭ 1990- يىللىق 4-سان.
5.«گۇل ۋە بولبۇل»،سالاھى(ئەبۇ مۇھەممەد سالاھى)نىڭ ئەسىرى، «بۇلاق» ژورنىلىنىڭ 1985- يىللىق ئومۇمىي 15-سان.
6.«دەھرۇننەجاد»(زادۇلنەجات)،ئابدۇرېھىم نىزارىنىڭ ئەسىرى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1988- يىلى نەشىر قىلغان.
7.«كىتابىي غېرىپ»،تۇردۇش ئاخۇن غېرىبىنىڭ ئەسىرى،«شىنجاڭ ئەدەبىياتى» («تارىم») ژورنىلىنىڭ 1980-يىللىق 7-سان،«بۇلاق»ژورنىلىنىڭ 1980-يىللىق 1-سانى ۋە1985-يىللىق ئومۇمىي 16-سانى.
8،«ماقالات»، ئىمىر ھۈسەيىن سەبۇرىنىڭ ئەسىرى، «بۇلاق» ژورنىلىنىڭ 1984- يىللىق ئومۇمىي 12-سانى.
9،«تەجەللى شىئرىرلىرى»،ھۈسەيىنخان تەجەللىنىڭ ئەسىرى،«ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن نەمۇنىلەر» ناملىق كىتاپقا كىرگۈزۈلگەن،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1981-يىلى نەشرى، «بۇلاق»ژورنىلىنىڭ 1986-يىللىق ئومۇمىي 18-سانى.بۇلار يەنە«تەجەللى شىئىرلىرى» ناملىق كىتاپقا كىرگۈزىلىپ،مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 2000-يىلى نەشر قىلىنغان.
بۇ ئەسەرلەرنىڭ يېڭى دەۋر شارائىتىدا نەشر قىلىنىپ ئىلان قىلىنىشى يېڭى جۇڭگۇدا  ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى دەۋر ئەدەبىياتىنىڭ ئۈگىنىلىشى ۋە تەتقىق قىلىنىشىنى ماتىرىيال مەنبەسى بىلەن تەمىنلەشتىن باشقا،ئىزدىنىش،تەتقىقات ئىشلىرىنى ئوڭايلاشتۇرۇش ۋە قولايلاشتۇرۇش رولىنى ئوينىدى.ئىلمىي خادىملار ھەر قىتىملىق ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەدەبىياتى جۇملىدىن «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى » غا مۇناسىۋەتلىك دەرسلىكلەر ۋە باشقا كىتاپلارنى تۈزگەندە،ماقالىلارنى يازغاندا بۇلاردىن پايدىلىنىلماي قالمىغان.بۇنىڭدىن ئۇستاز ئابدۇرېشىت ئىسلامنىڭ ئىلمىي ئەمەكلىرىنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى ۋە ئىلمىي قىممىتىنىڭ نەقەدەر يۇقۇرىلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
ئۇستاز ئابدۇرېشىت ئىسلام كونا،قەدىمكى ئەسەرلەرنى ئوقۇپ،يەشمە بېرىپ،نەشىرگە تەييارلاش بىلەن قالماستىن يەنە،بۇلار ھەققىدە دەسلەپ قىلىپ ئىزدىنىپ،مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ،تەتقىقات ئېلىپ بارغان مەسئۇلىيەتچان ۋە ئىقتىدارلىق تەتقىقاتچىلارنىڭ باشلامچىسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئۇنىڭ بەزى كىلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ نەشىرىگە يازغان«كىرىش سۆز»ئورنىدىكى قىسقا ماقالىلىرى ۋە مەخسۇس يازغان ئىلمىي ماقالىلىرى كۆپ يىللاردىن بۇيان ئەشۇ ئەسەرلەر تەتقىقاتىدا قوللانمىلىق ياكى يىتەكچى خاراكتىرلىك، ماتىرىياللىق رولىنى ئويناپ كىلىۋاتىدۇ.بۇنىڭغا«ئۇيغۇر شائىرى غېرىبى ۋە ئۇنىڭ ئەسىرى‹كىتابىي غېرىپ›ھەققىدە»(«كىتاپلارغا باھا»[«شىنجاڭ كۈتۈپخانىچىلىقى»، «كىتاپ مۇنبىرى» ژورناللىرىنىڭ ئاساسى]ژورنىلىنىڭ 1979-يىللىق 2-سانىدا ئىلان قىلىنغان)،«ئۇيغۇر شائىرى تەجەللى ھەققىدە»(«كىتاپلارغا باھا»ژورنىلىنىڭ 1979- يىللىق 3-سانىدا، «قەشقەر ئەدەبىياتى»ژورنىلىنىڭ 1980-يىللىق 1-سانىدا  ئىلان قىلىنغان)، «‹دەھرۇننەجاد› ھەققىدە»، «‹دەھرۇننەجاد›نىڭ نەشرىگە ‹كىرىش سۆز›»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1988-يىلى نەشرى.
ئۇستاز ئابدۇرېشىت ئىسلام قەدىمكى ئەدەبىيات نەزىرىيىسى،تىل ۋە تارىخقا دائىر«ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تارىخىي ئىزچىللىق ۋە ۋارىسلىق مەسىلىسى»(«شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى ئىلمىي ژورنىلى»نىڭ 1982-يىللىق 4-سانىدا ئىلان قىلىنغان،بۇ ماقالا يەنە شىنجاڭ ئۇنىۋىرىسىتىتى تىل-ئەدەبىيات پاكۇلتىتى تەرىپىدىن تۈزۇلگەن«ئىلمىي ماقالىلار توپلىمى»غا كىرگۈزىلىپ شىنجاڭ ئۇنىۋىرىسىتىتى نەشرىياتى تەرىپىدىن 1995-يىلى نەشر قىلىنغان)، «چاغاتاي دەۋرىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ئەسەرلەر»(«شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 1985-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى سانى)،   «چاغاتاي تىلى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر تىلى تەرەققىياتى ۋە بۇ تىلدا يېزىلغان ئەسەرلەر» («شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى ئىلمىي ژورنىلى»نىڭ 1986-يىللىق 2-سانىدا ئىلان قىلىنغان) ،«تۈركى مىللەتلەرنىڭ شەجەرىسى ھەققىدە»(شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى تىل-ئەدەبىيات پاكۇلتىتىدا 1981- يىلى 5-ئايدا   ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇقۇلغان لىكسىيە،شافىگىراف نۇسخا) قاتارلىق ماقالىلارنى يېزىپ ئىلان قىلدۇرغان.
ئۇستاز ئابدۇرېشىت ئىسلام شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى رەھبەرلىرىنىڭ  ئورۇنلاشتۇرىشى بويىچە،1982-يىلى كۈزدە شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى تىل-ئەدەبىيەت پاكۇلتىتىنىڭ 1977-يىللىق ئىككى سىنىپ تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا«چاغاتاي تىلىدا يېزىلغان ئەسەرلەر توغرىسىدا» ناملىق قىسقا مۇددەتلىق لىكسىيە سۆزلەپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ئەسەرلەر توغرىسىدىكى چەشەنچىسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان.ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ش ئۇ ئا ر ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قەدىمكى ئەسەرلىرىنى يېغىش،توپلاش،رەتلەش خىزمىتىگە يىتەكچىلىك قىلىش ھەيئىتى ئىشخانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بويىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتىدا ئېچىلغان«چاغاتاي تىلى كۇرسى»دە 1985-يىلى 11-ئايدىن 1986-يىلى 1-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا يېرىم يىللىق پىلان بويىچە«چاغاتاي تىلىدىكى تېكىستلەردىن تاللانما»دېگەن مەۋزۇدىكى دەرسنى سۆزلەپ،40 نەچچە كۇرسانتنىڭ قىزىقىشىغا مۇيەسسەر بولغان.
ئۇستاز ئابدۇرېشىت ئىسلام شىنجاڭ ئۇنىۋىرىسىتىتى تىل-ئەدەبىيات پاكۇلتىتىنىڭ «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى»دەرسلىكىنى تۈزۈش-يېزىش ئىشلىرىغا يېقىندىن ياردەمدە بولغان. مەسىلەن، 1979-يىلىدىن باشلاپ تەسىس قىلىنغان «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى»دەرسلىكىگە كىرەكلىك بولغان كونا،قەدىمكى ئەسەرلەرنىڭ بىر قىسمىنى بۈگۈنكى زامان ئۈيغۇر يىزىق شەكلىگە ئايلاندۇرۇپ،دەرس ئۇقۇتقۇچىلىرىنىڭ پايدىلىشىغا بەرگەن ياكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كونا،قەدىمكى كىتاپلاردىن پايدىلىنىشتا يولۇقىدىغان قېيىنچىلىقىنى يەڭگىللەشتۈرۈش ئۈچۈن ئىرىنمەستىن، خالىس ۋە سەمىمىي يارىدىمىنى بېرىپ،بۇ دەرسنىڭ شىنجاڭدىكى ئەڭ ئالىي بىلىم يۇرتى بولغان شىنجاڭ ئۇنىۋىرىسىتىتىدا سۇپەتلىك،توغرا ، ئىلمىي ۋە ئىزچىل يوسۇندا سۆزلىنىپ تۇرىلىشىغا مۇناسىپ ھەسىسىنى قوشقان .تىل-ئەدەبىيات پاكۇلتىتىنىڭ 1978-، 1981-ۋە 1985-يىللىرى «ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى» دەرسلىكىنىڭ تىزىسى ۋە پىروگىراممىسىنى تۈزۈش خىزمىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان ۋە پايدىلىق پىكىرلەرنى ئايىماي بېرىپ تۇرغان.شۇنىڭ بىلەن كەسىپداشلىرى ۋە شاگىرتلىرى ئارىسىدا  «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى»دەرسىنىڭ دوسكا ئارقىسىدىكى ئۇستازى دەپ تەرپلىنىدىغان بولغان.
ئۇستاز ئابدۇرېشىت ئىسلام ئاپەتلىك «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»جەريانىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىىتىتىنىڭ تىل – ئەدەبىيات پاكۇلتىنىڭ قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسىدا ساقلانغان        3500 پارچىدىن ئارتۇق قەدىمكى ئەسەردىن بەختكە يارىشا قېلىپ قالغان يۈزنەچچە پارچە ئەسەرنى  توپا بېسىپ ،چېچىلىپ تۇرغانيېرىدىن ئېلىپ، رەتلەپ، ئىشكاپلاشتۇرۇپ چىقىشقا ھەمدە مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بويىچە يەنە خەلق ئارىسىدىن يېڭىدىن كونا،قەدىمكى كىتاپ-ھججەتلەرنى سېتىۋىلىش،تۈرگە ئايرىش، كاتولوكلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ،ئەينى چاغدىكى دۆلەتنىڭ مىللىي،ئەئەنىۋىي مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە تەتقىق قىلىش توغرىسىدىكى يىتەكچى كۆرسەتمىلىرىنى ئەمىلىيلەشتۈرۈش،جۈملىدىن قەدىمكى ئەسەرلەرنىڭ داۋاملىق ساقلىنىپ تۇرىلىشى، تەتقىق قىلىنىشى ۋە پايدىلىنىلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان.
ئۇستاز ئابدۇرېشىت ئىسلام ئىسلام دىنى بىلىمى خېلى يۇقۇرى،قۇرئان،ھەدىسلەردىن ئوبدان خەۋىرى بار ئۆلىما كىشى  ئىدى.قۇرئان قىرائەت قىلىش،ھەدىس شەرھىلەش،پەتىۋا چىقىرىش،تەبلىغ قىلىش ئىشلىرىنىمۇ قىلاتتى.كېزى كەلگەندە جامائەتنىڭ دىنى،مەرىكە ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشاتتى ياكى ھەر خىل دىنى،مەرىكە سورۇنلىرىغا بەزىدە تەمكىنلىك بىلەن رىياسەتچىلىك قىلاتتى.دىن بىلەن پەننىڭ مۇناسىۋىتىنى،بۈگۈنكى رىيال تۇرمۇشتا دىنغا توغرا،ئىلمىي مۇئامىلە قىلىش،دۆلەتنىڭ  دىن قانۇنىنى تەتبىقلاش، توغرا چۈشىنىش،پەننىي زىيالىلار بىلان دىنى ئۆلىمالانىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۇيغۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەرگە باشتىن-ئاخىر يۇكسەك سىياسىي ئاڭ،سەزگۈرلۈك بىلەن ياندىشىپ ماڭاتتى ياكى مۇئامىلە قىلاتتى. ئومۇمەن،ئابدۇرېشىت ئىسلام ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ بىر دىنىي زات بولۇشتەك ئورنى ۋە بەلگىلىك دىن بىلىمى، ئىقتىدارى بىلەن ئۇزۇن يىللار ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت مەدەنىي،چوڭ شەھەردە دىن مۇخلىسلىرى ۋە كەڭ جامائەتنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ كەلگەن.
ئۇستاز ئابدۇرېشىت ئىسلام خەتتات ئىدى.گەرچە ئۇ ئۆمرىدە مەخسۇس ھۆسىن خەت يېزىش بىلەن شۇغۇللانمىغان بولسىمۇ،بىراق،يازغان خەتلىرى،قەدىمكى ئەسەرلەرنى نەشرگە تەييارلاش ئۈچۈن ھازىرلىغان ئورگىناللىرى شۇنداق ئۆلچەملىك،چىرايلىق بولۇپ،كىشىلەرنىڭ ئىختىيارسىز ھەۋىسىنى كەلتۈرەتتى، شاگىرىتلىرى، ئۇقۇغۇچىلىرىنى تەسىرلەندۇرەتتى،  ئىلھاملاندۇراتتى، جۈملىدىن ئۇنىڭ يازغان خەتلىرى كىشىلەرنىڭ خەتتاتلىققا بولغان ئىنتىلىشىنى ئاشۇرۇش رولىنى ئوينايتتى.بۇنىڭ ئىنىق بىر مىسالى قىلىپ،شىنجاڭ ئۇنىۋېىرىسىتىتى تىل پاكۇلتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى(كېيىن پىرۇفىسسۇرلۇق كەسپىي ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن) تۇردى ئەھمەد ئەپەندى تەرىپىدىن تەييارلىنىپ شىنجاڭ ئۇنىۋېىرىسىتىتى تىل پاكۇلتىتى تەرىپىدىن 1980 –يىلى باستۇرۇلغان «يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلى»(چىغاتاي تىلى)ناملىق دەرسلىك كىتاپ ئىچىگە كىرگۈزىلگەن «‹تەزكىرەتۇلرىشات›»،«‹تارىخىي مۇسقىييۇن دىن پارچە›»،««موللا بىلال نازىمى شىئېرلىرىدىن پارچە»،«مۇللا نىياز شئېرلىرىد دىن پارچەىن پارچە»،«خىرقەتى شىئېرلىرىدىن پارچە »،«نۆبەتى شىئېرلىرىدىن پارچە »،«زەلىلى شىئېرلىرىدىن پارچە»،«تەجەللى شىئېرلىرىدىن پارچە»،«مەھزۇن شىئېرلىرىدىن پارچە»،«خوجا ئەھمەت يەسسەۋى شىئېرلىرىدىن پارچە»،«مۇللا مۇسا سايرامىنىڭ ‹تارىخى ئەمىنىيە›  دىن پارچە»، «گۈمنام شىئېرلىرىدىن پارچە »،«مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي شىئېرلىرىدىن پارچە»،«غەرىبىي شىئېرلىرىدىن پارچە»،« لۇتفى شىئېرلىرىدىن پارچە»، «فىردەۋسىنىڭ‹شاھنامە›سىدىن پارچە»، «ئالىشىر ناۋائىنىڭ ‹چاھار دىۋان›ىدىن   پارچە»،«ئەلىشر ناۋايى رۇبائىلرىدىن پارچە»،« ئەلىشىر ناۋايىنىڭ ‹مۇھاكىمەتۇللۇغەتەيىن›دىن پارچە»،«‹خەمسە ناۋايى› دىن پارچە»، «‹شاھ مەشەرەپ دىۋانى› دىن پارچە»،«مەۋلانە رەھىمى ياركەندى شىئېرىلىرى› دىن پارچە »،«‹مىڭ بىر كېچە›  دىن پارچە»، «‹قىسسەسۇل ئەنبىيا›دىن پارچە»،«‹موللا بىلال بىننى موللا يۈسۈپ دىۋانى›  دىن پارچە»، «‹چاھار دەرۋىش› دىن پارچە»قاتارلىقنى ئەسلى قوليازمىلاردىكى (چاغاتاي يېزىقى) خەت نۇسخىلىرى ئاساسىدا كۆچۈرۈپ، كونسىپىك مەزمۇنىنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈپ بەرگەن.بۇ كىتاپ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن  تۈزۈلگەن ئۇيغۇر«چاغاتاي تىلى»  ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ چاغاتاي تىلى ئۇسلۇبىدىكى  ئەدەبىياتى بويىچى دەسلەپ قىلىپ تەيييارلانغان قوللانما بولۇش سۈپىتى بىلەن بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە.
دامۇللا ئەبدۇرېشىت ئىسلامى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدىغان «بۇلاق»ژورنىلى تەسىر قىلىنغان 1980-يىلىدىن باشلاپ تاكى 1989-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ژورنال تەھرىر ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى بولغان،بۇ جەرياندا ئۇ ژورنالغا كۆپ جەھەتتىن خالىس ياردەمدە بولغان.ئەسەر تاللاش،تەھرىرلەش جەھەتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىپ بەرگەن.
ئۇستاز ئابدۇرېشىت ئىسلام بىلىمگە ھىرىسمەن،تىرىشچان،ئىنتىلىشچان بىر زات ئىدى.ئۆزىنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى ئىلىم-پەنگە بېغىشلىغان.بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمكى،كونا ئەسەرلىرىنى قوغداش،يۇرۇقلۇققا چىقىرىش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ھاردىم- تالدىم دىمەستىن،تىنىم-تاپماي ئىشلىگەن.بۇ ئارقىلىق ياشلارغا، كېيىنكىلەرگە، مىللەتكە، مەڭگۈ تارلاپ قالمايدىغان ۋە يوقۇلۇپ كەتمەيدىغان بىر خاسىيەتلىك  يولنى ئېچىپ بەرگەن،يەنە تېخى ئەبىدىل-ئەبەت پەسلەپ قالمايدىغان، خىرەلەشمەيدىغان ئابىدە تىكلەپ بەرگەن.ئۇستاز ئابدۇرېشىت ئىسلام ئالىي مەكتەپتە ئۇزۇن يىل تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغان، ئۇ ئۆزىنىڭ پەن  ۋە دىن  بىلىمىنىڭ موللىقى، چوڭقۇرلىقى بىلەن كەڭ كەسىپداشلىرى، خىزمەتداشلىرى، شاگىرتلىرى ۋە كەڭ جامائەت تەرىپىدىن بىردەك «دامۇللام» يەنى«ئابدۇرېشىت دامۇللام» دەپ ئاتىلىپ «خەلق ئۇنۋانى»ئارقىلىق ئەبەدىي شان-شەرەپكە نائىل بولغان.
ئۇستاز ئابدۇرېشىت ئىسلام  ئىلمىي ئىجادىيەتتە «ئابدۇرېشىت ئىسلامى»دېگەن تەخەللۇسنى قولانغان.  
ئۇستاز ئابدۇرېشىت ئىسلام يەنە خۇش پىئىل،ئاقكۆڭۈل،كەمتەر،سالاپەتلىك، مىھرىبان بىر ئىنسان ئىدى. ئادەملەرگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلاتتى.يۇقۇرى-تۆۋەن تەبەقە ئايرىمايتتى، ھەق-ناھەق مەسىلىسىدە ۋىجداننى ئۆلچەم قىلاتتى بىلگەنلىرىنى باشقىلاردىن، جەمىيەتتىن ئايىمايتتى.بىراۋ بىر نەرسە سورىسا ئىرىنمەستىن،  تىرىكمەستىن جاۋاپ بىرەتتى. قايىل قىلالمىسا مەمەدانلىق قىلمايتتى.ئۆزىنى چوڭ تۇتمايتتى،يۇرتىنى،جەمەتىنى،ئورنىنى كۆز-كۆز قىلمايتتى.
ئومۇمەن، ئۇستاز ئابدۇرېشىت ئىسلام ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى ۋە سالاپىتى بىلەن كىشىلەرنى قايىل قىلىپ ،ھۆرمەت تاپقان،بىر كىشىلىك ئورۇنغا ئىگە بولغان ئادەم ئىدى.ئۇ قالدۇرۇپ كەتكەن مىراسلار خەلقنىڭ قىممەتلىك بايلىقىغا ئايلىنىپ زامان-زامانلار ساقلانغۇسى،ئەسلەشنىڭ جانلىق ئۆلگىسى بولۇپ قالغۇسى.

           
              
پايدىلانمىلار
1.        ئابدۇرېشىت ئىسلام ئارخىپى،شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتى ئارخىپخانىسىدا ساقلانغان.
2.        «شىنجاڭنى تەتقىق قىلىشقا ئائىت كونا كىتاپلار كاتولوكى»، جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسى مىللەتلەر تەتقىقات ئىنىستىتوتى تەرىپىدىن 1965-يىلى 11-ئايدا ئۇيغۇر كونا يېزىق شەكلىدە بېسىلغان نۇسخا.
3.        «تارىخىي رەشىدىي-زەئىلى»،شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ جەمىيىتى تارىخىنى تەكشۈرۈش گورۇپپىسى تەرىپىدىن 1960-يىلى 12-ئايدا باستۇرۇلغان ئۇيغۇر تىلىدىكى شافىگىراف نۇسخا.
4.        تۇردى ئەھمەد«يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلى»(«چىغتاي تىلى»)،شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى تىل پاكۇلتىتى 1980-يىلى ئاددى باسما شەكلىدە باستۇرۇلغان.
5.        جۈنەيد بەكرى«ئاتۇنۇم رايۇنىمىزدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىسلام دىنى تەتقىقاتىغا دائىر ئىشلەنگەن بەزى خىزمەتلەر»،«شىنجاڭ دىن تەتقىقات ماتىرياللىرى»(2-توپلام)غا كىرگۈزىلگەن،ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى 1987-يىلى باستۇرغان ئاددى باسما شەكلىدىكى ژورنال.
6.        تۇرسۇن پالتۇنىڭ ئابدۇرېشىت ئىسلام ھەققىدە ئىيتقانلىرى، 1996- يىلى11- ئاينىڭ 29-كۈنى، قوليازما، بېيجىڭ.
7.        ئۇيغۇر سايرانىنىڭ ئابدۇرېشىت ئىسلام ھەققىدە ئىيتقانلىرى،1999-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى، قوليازما،ئۈرۈمچى.
8.        «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى ماتىرىياللار كاتولوكى»،تۈرسۇنمۇھەممەد ساۋۇت تۈزگەن،شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى دەرسلىك ماتىرياللار بۆلۈمى تەرىپىدىن 1991-يىلى 7-ئايدا بېسىلغان ئاددى ئاق باسما نۇسخا.
9.        «جۇڭگو ئىسلام قامۇسى»،سىچۈەن قامۇس نەشرىياتى 1994-يىلى خەنزۇچە نەشرى،736-بەت.
10.        غەيرەتجان ئوسمان«ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ قىسقىچە تارىخى»،ش ئۇ ئا ر مائارىپ نازارىتى تەرىپىدىن 1996-يىلى باستۇرۇلغان ئاددى باسما نۇسخا.
11.        ماھمۇد ئابدۇۋەلى«مۇھەممەد زېرىپ قارى ھاجى ۋە ئۇنىڭ‹كاشغەر-پەرغانە تارىخى›دېگەن كىتابى توغرىسىدا»،«شىنجاڭ ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 1997-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى سانى.
12.        «ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلەر كاتولوكى»(تارىخ-مەدەنىيەت قىسمى)،ئېزىز ئاتاۋۇللا سار تېگىن تۈزگەن،شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى 2004-يىلى نەشرى.
13.        مەھمۇد زەيدىنىڭ ئابدۇرېشىت ئىسلام ھەققىدە ئىيتقانلىرى،2009-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى، قوليازما،ئۈرۈمچى.
14.        ئىسمائىل ئەھمەدنىڭ ئابدۇرېشىت دامۇللام ھەققىدە ئىيتقان بايانلىرى،«خانتەڭرى ئەدەبىياتىنى تارقىتىش يېغىنى»دا قىلىنغان دوكلات تەركىبىدە،2011-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى،ئۈرۈمچى كوئىنلۇن مىھمانخانىسى.
مەنبە: «بۇلاق»ژورنىلىنىڭ 2009-يىلى 2- سانى ۋە «ئاسىيا كېندىكى»گېزىتىنىڭ 2013-يىللى 4-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى سانى،«شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى ئىلمىي ژورنىلى»نىڭ 2013-يىللىق 1-سانى.
   

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۈسەمىش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-8 12:10  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-1-8 15:35:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىكەن بولۇپ پۇتقا كىرگۈچە چىمەن بولۇپ باشقا قادالغۇلۇق...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش