يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 637|ئىنكاس: 7

قاسىم سىدىق:مىكرو دۇنيادىكى 29-تىئورمىچە ئېغىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مىكرو دۇنيادىكى 29-تىئورمىچە ئېغىش

قاسىم سىدىق



ماتىرياللاردا يېزىلىشىچە،كىلاسسىك مىخانىكىدىكى ئۇز ئوقىدا ئايلىنىش ئۇقۇمى مۇئەييەن ماسسا مەركىزىنى ئايلىنىپ ھەركەت قىلىۋاتقان جىسىملارغاتەدبىقلىنىدۇ،مەسىلەن يەر شارىدەك قوياشنى ئايلانغان ھالدا ئۇز ئوقىدا ئايلىندىغان ئاسمان جىسىملىرىغا شۇنداق.
كۋانىت مىخانىكىسىدا بولسا مۇئەييەن مەركەزنىڭ بولىشى شەرىت قىلىنمايدۇ،ئۇز ئوقىدا ئايلىنىش(سىپىن _ ئۇزلۆك ئايلىنىش) زەررىچە ئۇزىنىڭ خوسۇسى خۇسۇسىيىتى دەپ قارىلىدۇ.
دىمەك ،كۋانىت مىخانىكىسى،مىكرو دۇنيا 29-تىئورمىچە ئېغىشقا يول قويۇپلا قالماي،بۇنداق ئېغىش،زەررىچىلەر دۇنياسىدىكى بىر ئومۇمى ھالەتتىن ئىبارەت.


1
زەررىچىلەر دۇنياسىدا تاشقى تەسىر سەۋەبىدىن ھەركەتتىكى زەررىچىلەرنىڭ ئۇزىدىكى زەرەتلىك خۇسۇسىيەتكە قاراپ سىزىقلىق ھەركەت جەريانىدا بىر تەرەپكە ئاغىدىغانلىغى ھەققىدىكى تەجىربە ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرى ئاز ئەمەس.لورىنتىس كۈچى ئوقۇمىدا زەرەتلىك زەررىچىلەر ماگىنىت مەيدانىدىن ئۆتكەندە ماگىنىت مەيدانىنىڭ تەسىرىدىن بىر تەرەپكە ئاغىدۇ،مۇشۇ زەررىچىلەرنى ئاغدۇرىدىغان كۈچ لورىنتىس كۈچى،دەپ شەرھلەنگەن.


ئوخشىمىغان زەرەت مىقدارىغا ئىگەزەرەتلىك زەررىچىلەر ماگىنىت مەيدانىنىڭ تەسىرى سەۋەبىدىن لورىنتىس كۈچىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ ھەركەت تىرايىكتۇرىيىسىدە بىر بىرىدىن پەرىقلىق  ئۇزگىرىش ياسايدۇ.

يۇقۇرقى  رەسىمدە ئۆستىدىكى زەررىچىنىڭ زەرەت مىقدارى 0 دىن كىچىك بولغانلىغى ۋەجىدىن ماگىنىت مەيدانى B تەرەپكە ئاغمىغانلىغى ،ئاستىدىكى زەررىچىنىڭ زەرەت مىقدارى 0دىن چوڭ بولغانلىغى ئۈچۈن B تەرەپكە ئاغقانلىغى چۈشەندۆرۆلگەن.





مەنفى زەرەتلىك زەررىچىلەرنىڭ تەكشى ماگىنىت مەيدانىدايۇقۇرىغا قاراپ يۆتكۆلۆپ تەكشى ئايلىنىۋاتقان ھالەتتىكى سىفرال تىرايىكتورىيىسى

يۇقۇرقى رەسىمدىن تەكشى ماگىنىت مەيدانىدىن ئۆتۆۋاتقان مەنفى زەرەتلىك زەررىچىلەر نىڭ سائەت سىتىرلكىسىغا قارشى ئايلىنىۋاتقانلىغىغا ۋە ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە ئاغقان ھالدا سىفرال تىرايىكتۇرىيە ياساۋاتقانلىغىغا ھۆكۆم قىلغىلى بولىدۇ.


2

   ئوخشىمىغان زەرەتلىك زەررىچىلەرنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش (سىپىن)يۆنىلىشىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىغىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.شۇنداق ئەھۋالدىلا ئۇلارنىڭ ئېغىش يۆنۆلىشىدە پەرىق كۇرۇلىدغانلىغىدىن باشقا كۈچ مەيدانى بولمىغان شارائىتتىمۇ زەررىچىلەر ھەركىتىدە ئېغىش كۇرۇلىدۇ.
مىنىڭ بۇنداق قارىشىمغاسەۋەپ بولغان بىرمۇنچە ھادىسىلەربار،ئۇلار :
1.غەيرى خالل ئىففىكىتىنىڭ ئىسپاتلىنىشى.
كىۋانىت خالل ئىففىكىتى ئۆتكۆزگۈچلەردىن ئىلىكتىر ئېقىمى ئۆتكەندە ئۆتكۈزگۈچلەردىكى زەرەت توشۇغۇچىلارنىڭ لورىنتىس كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ بىر تەرەپكە ئاغىدىغانلىغى ۋە ئىلىكتىر بىسىمى پەيدا قىلىدىغانلىغىنى كۇرسىتىدۇ.لىكىن،غەيرى خالل ئىففىكىتىدەبولسا ماگىنىت مەيدانىسىزمۇ بۇنداق ئېغىشنىڭ مەۋجۆتلىگى ئىسپاتلىنىدۇ.
2.شۇتلاندىيە سانىت ئاندىرىس ئونۋېرىستېتىدىكىلەرنىڭ بۇ قېتىمقى بايقىشى.
شوتلاندىيىلىكلەرنىڭ تەجىربىسى ھاۋانىڭ قارشىلىغىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ۋاكىئومدا ئىلىپ بېرىلغان بولۇپ،پەۋقۇلئاددە يۇقۇرى تىزلىكتە پېقىرىۋاتقان كىچىك شارغا چۈشۈرۆلگەن لازىر دەستىسىنىڭ تولغۇنۇپ ،سىفرال ئايلىنىۋاتقان بۆلەكلەرگە ئايلىنىپ كەتكەنلىگى بايقالغان.

红色曲线代表着激光光束穿过紫色球体时发生的偏振

  بۇلاردىن بىز ھاۋا ۋە ماگىنىت مەيدانى بولمىغان شارائىتتىمۇ زەررىچە ۋە جىسىملارنىڭ سىزىقلىق ھەركەت يۆنۆلىشىدىن ئاغىدىغانلىغىنى كۇرۇپ ئالالايمىز.
ئۇنداقتا ،مۇشۇنداق ئېغىشقا سەۋەپ بولغان زادى نىمە؟دىگەن سوئالغا دۇچ كېلىمىز.شەكىل نەزەريىسىنىڭ بۇنىڭغا بېرىدىغان جاۋابى پەقەت بىرلا،ئۇ بولسىمۇ بۇنىڭ سەۋەبى _  29-تىئورمىچە ئېغىش.
غەيرى خالل ئىففىكىتىدە بۇنداق ئېغىشنىڭ ماگىنىت مەيدانى بولمىغان شارائىتتىمۇ مۆمكىنلىگى ئىسپاتلىنىدۇ.بۇنداق زەررىچىلەر ئېغىشىغا ھاۋا تەسىر قىلىدۇ،دىيىشىنىڭمۇ قىلچە ئىلمى ئاساسى يوق.چۈنكى ،بۇنداق زەررىچىلەر ھاۋا مالىكولىلىرىغا نىسبەتەن بەكمۇ كىچىك بولۇپ،ھەر بىر ھاۋا مالىكولىسىنىڭ ئىچىدە بۇنداق ئېغىش يۆز بېرىۋاتىدۇ،دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.

سىپىنغا(ئۇز ئوقىدا ئايلىنىشقا) ئىگە بارلىق زەررىچىلەر سىزىقلىق ھەركەت جەريانىدا ئۇزىنىڭ سىپىنى يۆنۆلىشى تەرەپ(ئوقىدا ئايلىنىش يۆنۆلىشى تەرەپ)كە ئاغىدىغانلىغىنى ھەقىققىدىكى تەتقىقات ۋە كۆزۆتۈش نەتىجىلىرى ئاز ئەمەس.
قارىغاندا قۇتۇپلۇشۇش ھادىسىلىرىنىڭ ھەممىسىدە 29-تىئورمىچە ئېغىش يۆز بەرگىدەك.تېخىمۇ توغرىسىنى ئېيىتقاندا 29-تىئورمىچە ئېغىش سەۋەبىدىنلا قۇتۇپلۇشۇش ھادىسىسى يۇز بەرگىدەك.

3.ئوپتىك ماگنۇس ئىففىكىتىنىڭ بايقىلىشى.

ئىسرائىلىيە تەتقىقاتچىلىرى 2008-يىلى يورۇقلۇقتا 29-تىئورمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك ئېغىش ھادىسىسىنى بايقاپ،بۇ ھادىسىگە"ئوپتىك ماگىنوس ئىففىكىتى" دەپ نام بەرگەن.بۇ ھەققىدىكى تەتقىقات نەتىجىسى"تەبىئەت ئوپتىكىسى"نىڭ 2008-يىللىق 12-سانىدا ئېلان قىلىنغان.

4.بوزى -ئېينىشتېيىن يىغىلىشى


بوزى -ئېينىشتېيىن يىغىلىشىدائاتۇملارمۇتلەق نۆل گىرادۇسقا يېقىنلاشقان ئەھۋالدا گاز ھالەتكە ئايلىنىپ،پائولى سىغىشماسلىق پىرىنسىپىغا بوي سۇنمىغان ھالدا بىر يەرگە يىغىلىدۇ.بۇ قاراش 1995 -يىلى روبىدىRubidium)ئاتۇملىرىنى تەجىربە قىلىش ئارقىلىق ئىسپاتلىنىدۇ.

بوزى -ئېينىشتېيىن يىغىلىشى چاستۇتىسى ئىنتايىن يۇقۇرى دولقۇن ئۇزۇنلىغى ئىنتايىن قىسقا بولغان زەررىچىلەرنىڭ مەھسۇلى دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.سولتۇنلارمۇ شۇنداق.بۇلارنىڭ ھەممىسى 29-تىئورمىچە ئېغىشنى ئالدىنقى شەرىت قىلىدۇ،دەپ قارايمەن.

3

بىز يۇقۇرقى 2-ئابزاستىكى مىساللاردىن 29-تىئورمىچە ئېغىش ھەركەت قىلىۋاتقان زەررىچە ۋە جىسىمنىڭ ئۇزىنىڭ خاس ھەركەت شەكلى ئىكەنلىگىنى،ھەممىنى تاشقى كۈچكىلا باغلاپ چۈشەندۆرۆشنىڭ بىر تەرەپلىمىلىك ئىكەنلىگىنى كۇرۇپ يىتەلەيمىز.
ئەمدى سورىلىدىغان سوئال شۇكى،زادى نىمە ئۈچۈن مىكرو دۇنيادا ئومۇمىيۆزلۆك كۇرۇلىدىغان ھەركەت شەكلى ،ماكرۇ دۇنيادا چەكلىنىشى كىرەك؟.
بۇ ھەرگىز تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئۇزىنىڭ ئىشى ئەمەس،پەقەت بىزنىڭ بىلىش ۋە نەزەريىۋى رامكىلىرىمىزنىڭ چەكلىمىسىنىڭ ئىشىدىن ئىبارەت.بىز تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھەركەت شەكىللىرىنىڭ چەكلىكلىگى ۋە ئومۇمىلىغى،ئورتاقلىغىنى كۇرۇپ يېتەلمەيۋاتىمىز،خالاس!.
ھەركەت شەكلى نۇقتىسىدىن قارىغاندا ئوخشاش ھەركەت شەكىللىرى مەيلى مەيلى مىكرۇ دۇنيادا ياكى ماكرۇ دۇنيادا يۇز بەرسۇن ئۇلارنىڭ شەرىت،سەۋەپلىرى ئوخشاش بولىدۇ.29-تىئورما مىكرۇ دۇنيادا ،مەيدانسىز بوشلۇقتا ۋە ۋاكىئومدا ئورۇنلۇق بولغان ئىكەن،ئوخشاش شەرىت ئاستىدا ماكرۇ دۇنيادىمۇ ئورۇنلۇق بولىدۇ .

2013.9.1


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-8 11:32:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



نىتىرونۇ ئىلىكتىر ماگىنىتلىق ئۇز ئارا تەسىر ۋە كۈچلۆ ئۇز ئارا تەسىرگە قاتناشمايدىغان ،پەقەت ئاجىز ئۇز ئارا تەسىرگە قاتنىشىدىغان،زەرەتسىز زەررىچە دەپ قارىلىدۇ.ئۇنى ئاسان تۇتقىلى بولمايدۇ ۋە ھەرقانداق مۇھېتتىن تىشىپ ئۆتۆپ كېتىدۇ.يەرشارىنىڭ تارتىش كۈچى ئۇزىدىن ئۆتۆۋاتقان نىتىرونۇنى تۇتۇۋالالمايدۇ.دەل مۇ شۇ نىتىرۇنۇنىڭ ھەركەت شەكلى 29-تىئورمىنى قانا ئەتلەندۆرۆدىغان  ھەركەت شەكلىدىن ئىبارەت.

File:Electron neutrino oscillation

يۇقۇردىكىسى ئىلىكتىرون نىتىرونۇسىنىڭ ھەركەت شەكلىنىڭ رەسىم شەكلىدە ئىپادىلىنىشى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-8 12:21  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-8 12:43:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

6.زەرىچە سوقۇشتۇرۇشتىن كىيىن ئىرىشىلگەن مەنزىرە

تۆۋەندىكى رەسىم 0دىن تۆۋەن 271گىرادۇسلۇق تۆۋەن تىمپىراتۇرا شارائىتىدا،ھەقىقى بوشلۇق موھىتىدا زەررىچە سوقۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئىرىشىلگەن زەررىچىلەرنىڭ تىرايىكتۇرىيىسى.ھازىرقى زامان فىزىكىسىدا بۇنداق ھەركەت شەكلىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۆرگەن بىرەر نەزەريە ياكى قاراشنى ئۇچراتمىدىم.پەقەت"مۇرەككەپ ھەركەت شەكلى"دىگەندەك گەپلەرنى ئۇچراتتىم.يۇقۇرقىدەك ھەركەت شەكىللىرىنى 29-تىئورما چۈشەندۆرۆپ بېرىپلا قالماي،بۇنداق ھەركەت شەكلى 29-تىئورمىنىڭ مىكرۇ دۇنيادىكى ئىسپاتىدىن ئىبارەت.



当这些粒子在一个温度低于零下271摄氏度的真空环境下发生撞击时,它们产生了非常壮观的光影展、许多热量和形状复杂的运动模式
http://tech.sina.com.cn/d/2011-08-03/08015874496.shtml

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-8 13:20  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-8 14:04:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە ھەركەت شەكلىنىڭ ھەرئىككى دۇنيا ئۈچۈن ئورتاقلىغى مىكرۇ دۇنيا بىلەن ماكرۇ دۇنيانى ئورتاق قانۇنيەتلەر ئاسىتىغا يىغىنچاقلاشتا،كىۋانىت مىخانكىسى بىلەن كىلاسسىك مىخانىكىنى بىرلەشتۆرۆشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.مىكرۇ دۇنياغا نىسبەتەن ئورۇنلۇق بولغان 29-41-تىئورمىلار ماكرۇ دۇنياغىمۇ ئورۇنلۇق بولغان تەقدىردە بۇنداق بىرلەشتۆرۆش غايىسىگە قاراپ چوڭ بىر ئەمىلى قەدەم تاشلىغان بولىمىز.مەن ھازىر مۇشۇنداق بىر ئۆمىت نۇرىنى ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەمىلى جەريانلىرىنى كۇرۇپ يەتتىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-8 14:19  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-9 00:36:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

زۇرۇرى ئەسكەرتىش

شەكىل نەزەريىسىنىڭ پىرىنسىپال ئىدىيىلىرىنىڭ بىرى شۇكى،مۇتلەق مەنىدىكى تۆز سىزىقلىق ھەركەت مەۋجۈت ئەمەس،بىز ئادەتتە «تۆز سىزىقلىق ھەركەت»دەپ ئاتىۋالىدىغان ھەركەت شەكىللىرىمىزنىڭ ئۇزى ماھىيەتتە تۆز سىزىققا يېقىنلاشقان ئەگرى سىزىقلىق ھەركەت.مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا 41-تىئورمىدىكى تەتۆر تاناسىپىلىق مۇناسىۋەت پەقەت زەررىچە ياكى جىسىمنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش ھەركەت مىقدارى بىلەن ئوربىتا-تىرايىكتۇرىيە ھەركەت مىقدارىنى  پەرىقلەندۆرۆش مەقسىدىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.بەزىلەر 41-تىئورمىنى بۇلۇڭلۇق ھەركەت مىقدارنىڭ ساقلىنىش قانونىغا خىلاپلىق قىلدى،دەپ ئەنسىرەشتى.بۇنداق ئەنسىرەشنىڭ ئەسلا ھاجىتى يوق.بىز ئادەتتە "تۆز سىزىقلىق ھەركەت"دەپ ئاتىۋالغان ھەركەت شەكىللىرىمىز ماھىيەتتە يەنىلا ئەگرى سىزىقلىق ھەركەت بولغانلىغى ئۈچۈن،بۇلۇڭلۇق ھەركەت مىقدارى يەنىلا ساقلىنىدۇ.چۈنكى،41-تىئورمىدا ئومۇمى ھەركەت مىقدارى تۇراقلىق بولىدۇ ،دىيىلگەن.

ئالاھىدە ئەسكەرىتتىم.

___ قاسىم سىدىق

2014.1.8

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-9 00:37  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-31 19:02:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فۇتۇننىڭ بۇلۇڭلۇق ھەركەت مىقدارىغا ئالاقىدار تېمىلار:

光子角动量


http://www.baidu.com/baidu?wd=%B9%E2%D7%D3%BD%C7%B6%AF%C1%BF&tn=monline_4_dg

1.فۇتون ئۇزىدە بۇلۇڭلۇق ھەركەت مىقدارى بولغان ئىكەن،ئۇنىڭ ھەركەت شەكلىنىڭ مۇقەررەر ھالدا ئەگرى بولىدىغانلىغىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.
2.ھەركەت مىقدارى بىلەن ماسسا زىچ باغلىنىشلىق.مۇبادا فۇتوننىڭ ماسسىسى يوق دەپ قارالسا ئۇنىڭ ھەركەت مىقدارىنى چۈشەندۆرمەك قىيىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-31 19:07  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-8 00:05:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


[مۇھاكىمە] فىزىكا ، ماتېماتىكا ئالىملىرىمىزغا مۇراجىئەت (1)

http://bbs.bozqir.net/forum.php?mod=viewthread&tid=6237

مۇھاكىمە ئەپەندىنىڭ نۇرغۇن ئەجىر سىڭدۆرۈپ قولغا كەلتۆرگەن ئىلمى مېۋىسىنىڭ ئىلىم ئەھلى تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۆرىلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۇرىمەن.
ئەپەندىمنىڭ يەنە تىرىشچانلىق كۇرسۈتۈپ بۇ ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئۇزى ئىشلىۋىتىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
F d F نۇسخىسىنى يوللىغان بولسا تېخىمۇ ياخشىراق بولامدىكىن دەپ ئويلۇدۇم.

ئەپەندىم نىسبىلىك نەزەريىسى مەۋقەسىدە تۇرۇپ،29-تىئورمىنىڭ بىر دولقۇن ئۇزۇنلىغى دائىرىسىدە ئۇرۇنلۇق ئىكەنلىگىنى فىزىماتلىق ئۇسۇلدا كەلتۆرۈپ چىقىرىپتۇ.رەھمەت ئوقۇيمەن ۋە تېخىمۇ كۇپ مۇۋەپىقىيەتلەرنى تىلەيمەن!.
ئاپتۇر سالامەت بولغاي!


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-12 11:20:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش





بىز29-تىئورما بىلەن 41- تىئورمىنى بىرلەشتۇرۇپ تەپەككۇر قىلساق ، ئاتوم ئەتىراپىدىكى ئېلىكتىرونلارنىڭ ھەرىكىتىنى ۋە بۇ ئېلىكتىرونلارنىڭ ئىنىرگىيە دەرىجىلىرىنى ، لامپۇچىكا قىلىنىڭ يورۇقلۇق چىقىرىشىنى ، ئېلىكتىروماگىنىت دولقۇنىنىڭ ھاسىل بولۇشى......قاتارلىق ھادىسىلەرنى باشقىچە  چۇشەندۇرۇپ بىرەلەيمىز.
رەسىملەرنى قولۇمدا سىزغان بولغاچقا تازا ئۆلچەملىك بولمىدى ، توغرا چۇشىنەرسىلەر.  

تولۇق نۇسخسى بۇ يەردە:


http://bbs.bagdax.cn/thread-27815-1-1.html


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش