يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1477|ئىنكاس: 11

تەكلىماكان گىرۋەكلىرىدىن جەنۇبىي تاققىچە-ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تەكلىماكان گىرۋەكلىرىدىن جەنۇبىي تاققىچە
(ئەدەبىي خاتىرە)
ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار

مۇقەددىمە
قاراقاش ناھىيلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ پىلانلىشى، ناھىيلىك پارتىكوم تەشۋىقات بۈلۈمىنىڭ قىزغىن قوللىشى، ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ ماشلاشتۇرىشى بىلەن«قاراقاش يازغۇچىللىرنى تەربىيلەش» كۇرىسىنىڭ پات ئارىدا باشلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى تاتلىق خەۋەر ناھىيمىزدىكى قەلەمكەشلەرنىڭ قۇلىقىغا چاقماق تېزلىكىدە يەتكىنىدە، ئۇلار گويا ھېرىسمەن ناخشىچى ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ناخشىسىنى ئاڭلىغاندەك گۈزەل ھىسىياتلار قاينىمىغا چۆكۈشتى. ھەتتا بەزىلەر بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقىغا تازا ئېشەنچ قىلالمىدى. چۈنكى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئيتى ھازىرغىچە ھەرخىل ناملار بىلەن نەچچە ئون قارار كۇرۇس ئاچقان بولسىمۇ، تېخى بىرەر ناھىينى بىرلىك قىلىپ، ئايرىم كۇرۇس ئېچىپ باقمىغانىدى. كۈتۈشلەر تازا ئەۋجىگە چىققان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇقتۇرۇشمۇ كەلدى. ناھىيلىك ئەدەبىيات-سەنئەت بىرلەشمىسىنىڭ دائىمىي ئشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى، باش كاتىبى، يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ رەئىسى ئايمۇھەممەت ساھىبى كۇرۇسقا بارىدىغانلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغاندا ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرى باھار ئاپتىپىدەك پاللىدە ئېچىلىپ، يۈرەكلىرى ھاياجاندىن دۈپۈرلەپ كېتىشتى. ئەپسۇس،«بۇداغ بۇداققا يەتمەپتۇ» دېگەندەك سان چەكلىمىكى تۈپەيلىدن قىلىپ قالغانلارنىڭ كۆڭۈللىرى سۈيى تارتىلىپ كەتكەن كۆلدەك يېرىم بولۇشتى. شۇنداقتىمۇ«ھەي، بىرەر، ئىككى سان ئوشۇق بولغان بولسا....» دېگەندەك شىرىن خىياللاردا ئۆزلىرىگە تەسكىن بىرىشتى. يەنە قاغىجىرىغان چۆل-جەزىرە ھەر قاچان يامغۇر يېغىشنى ئۈمىد قىلغاندەك، بىرەر ساننىڭ تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىشاتتى. چۈنكى، ئۇلارمۇ ئۆزلىرى ھۆرمەت قىلىدىغان ئاتاقلىق يازغۇچى، شائىرلارنىڭ دۇردانە سۆزلىرىنى ئاڭلاشقا، ئۇلار بىلەن دىدارى مۇلاقەتتە بولىشقا نەقەدەر تەشنا ئىدى-ھە؟

قۇملۇقتىن يېشىللىققىچە
2013-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى يەكشەنبە. خۇتەن ئاسمىنى قاشتېشىدەك سۈزۈك ۋە ئۇچۇق بۇلۇپ، ئالتۇن قۇياش نۇرلىرىنى ئانا زېمىنىگە سېخىيلىق بىلەن سېپىپ تۇراتتى. ھەممىمىز دېگەن ۋاقىتتا ناھىيلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلاشىمىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ بولدۇق. ئاپتۇبۇسمۇ بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرغان ئەسكەردەك ئالدىمىزدا جىمجىت تۇراتتى. يازغۇچى ئايمۇھەممەت ساھىبى ھەممىمىز بىلەن بىر قۇر كۆرىشىپ بولغاندىن كېيىن:
- بىزنى ئۇزۇتۇپ قۇيغىلى رەھبەرلەر چىقماقچى، شۇڭا بىردەم ساقلايمىز،-دېدى تەققازا بولىۋاتقانلارنىڭ چىرايىغا قاراپ. دېگەندەك ئۇزۇن ئۆتمەي ناھىيلىك پارتىكومنىڭ ھەيئىتى، تەشۋىقات بۈلۈمىنىڭ باشلىقى، ئەدىپلەرنىڭ غەمخانىسى ئەخمەتجان مەمتىمىن، ناھىيلىك رادىئۇ-تېلىۋېزىيە، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ئىدارىنىڭ باشلىقى غوجابدۇللا ناسىرى (يازغۇچى) قاق سەھەردىلا يېنىمىزغا كېلىپ بولدى. ئۇلار بىزنى قىزغىن تېلەكلەر بىلەن ئۇزۇتۇپ قۇيدى ۋە يولدا ئۇسساپ قالساڭلار ئىچەرسىلەر دەپ، نەچچە يەشىك ئىچىملىكنى ئالدىمىزغا قويدى. بىز رەخمەت، ھەشقاللا ئېيتىشتۇق. چۈنكى، ئۇلارنىڭ شۇنچە ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن ئالايىتەن ۋاقىت چىقىرىپ، ئۇزاتقىلى چىققانلىقى بىزگە بولغان ھۆرمەت بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئەدەبىيات-سەنئەتكە بولغان ھۆرمەت ۋە قوللاش ئىدى. راست، ئۇلاردا سەنئەتنى سۆيىدىغان تۇيغۇن يۈرەك بولمىغان بولسا بىزگە بۇنداق ياخشى شارائىتنى يارىتىپ بېرەرمىدى؟
بىز چېمەنلىككە قاراپ ئۇچقان كېپىنەكلەردەك ئۈرۈمچىگە قاراپ يول ئالدۇق. ئابتوبۇس بىر خىل رېتىمدا چايقىلىپ كېتىپ بارىدۇ. كۇرسانىتلارنىڭ چېھرىدە نۇر جىلۋىسى. يۈرىكىدە قانداقتۇر بىر خىل شىرىن سىزىم. شۇڭىمۇ ئۇلار يوللارغا ۋە يول بويىدىكى قاتار-قاتار كەتكەن دەرەخلەرگە، ھويلىلارغا، ياپ-يېشىل ئېتىزلارغا تويماي قارىشىدۇ. نېمىنىدۇر بىر نەرسىنى دېيىشىپ، شادلىقىنى ئىپادىلىشىدۇ. ئابتوبۇس كېرىيە ناھىيىسىگە يېتىپ كەلگەندە ئەينى چاغدىكى كېرىيە دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇپ، ئوتتۇز ئىككى يىل باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ دەم ئېلىشقا چىققان ئاپتۇر ئوبۇلخەيرى خۇددى بۈرگە چېقىۋالغان ئادەمدەك ئورنىدا تۇرالمايلا قالدى ۋە ئىخىتىيارسىز ئاۋازىنى قۇيىۋەتتى:
-ئاھ، ماڭا ئىلىم بەرگەن باغرى ئىللىق ماكان، سېنى ھازىرغىچە يوقلاپ كېلەلمىگەن بولساممۇ خۇددى ئۇۋىسىنى سېغىنغان قۇشتەك بەكلا سېغىندىم. بولۇپمۇ ئۇستازلىرىمنى. مانا توزدەك گۈزەل ھۆسنۈڭگە قاراپ، قاراپ كېتىۋاتىمەن. گويا يۇتۇپ كەتكەن ياشلىقىمنى سەندىن قايتۇرۋالىدىغاندەك. لېكىن ئۇچاغلار ئۆتمۈشكە ئايلاندى. نېمىشقىدۇر يەنە...
ئۇنىڭ قورۇلىشقا باشلىغان كۆز جىيەكلىرىدە ياش تامچىللىرى پەيدا بولدى. چىرايىدا چۈشۈنىكسىز ئىپادە. ئۇ چوڭقۇر خىيالغا چۆككەنىدى.
-سىز نېمىشقا ھازىرغىچە بىرەر قېتىم بولسىمۇ بۇ يەرگە كېلىپ، ئۇستازلىرىڭىزنى، ساۋاقداشلىرىڭىزنى يوقلىمىدىڭىز؟-دەپ سورىدىم ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ.
-مېنى يوقلىغۇسى يوق دەمسىز؟ شۇ ئوقۇتقۇچىلىقنىڭ ۋە بىر ئائىلىنىڭ تۈگۈمەس ئىشلىرى بولمامدۇ؟
-سىز «باھانىنىڭ كېرىكى يوق» دېگەن كىتابنى ئوقۇمىغانمۇ؟-دېدىم چاقچاق ئارىلاش.
ئۇ ئىپادە بىلدۈرمىدى. مەنمۇ يۈرىكىدىكى يارىنى تاتىلىماسلىقنى ئويلاپ، ئارتۇق گەپ قىلمىدىم. ئابتوبۇس كېرىيە دەرياسىغا كېلەي دەپلا قالغانىدى. مەن ئەينەكتىن سىرتقا قارىدىم. دەريا كۆۋرىكى كۆزۈمگە گويا كېرىيە ناھىسىنىڭ بىلىدىكى بەلۋاغدەك كۆرىندى. ئۇنىڭ بىر تەرىپىدە چەكسىز كەتكەن سازلىق، يەنە بىر تەرىپىدە بۇزىرىپ ياتقان قۇم بارخانلىرى. كىچىككىنە بوشلۇقتىكى ئىككى خىل كۆرىنىش كۆز ئالدىمدا يۇۋاش كالىدەك سۇزۇلۇپ ياتاتتى. دەريا سۈيى ئېغىر، ئېغىر قەدەملەر بىلەن مېڭىۋاتقان بوۋايلاردەك سالماق ئاقاتتى. قۇمۇشلار يىنىك شامالدا ئاستا باش لىڭشىتاتتى.
-بەلكىم ئوقۇۋاتقان چاغلىرىڭىزدا كېرىيە دەرياسىغا سۇغا چۆمۈلگىلى بارغان بولغىيتتىڭىز؟-دېدىم ئۇنىڭ خىيالىنى يەنە بۆلۈپ.
-بارمامدىغان. ئۇنىڭ ئويناق دولقۇنلىرىدا خۇددى ئەركە بىلىقلاردەك ئۈزگەنىدىم. ئۇ چاغلار...
ئۇ سۆزىنى چىپپىدە توختاتتى ۋە:
    ئۇ چاغلار شاش ئىدۇق گويا تايچاقتەك،
قىيغىتىپ دالىدا تىنماي چاپاتتۇق.
يۈرەكتە مۇھاببەت ئوتى يانغاچقا،
قىزلارغا شوخ كۈلۈپ قاشمۇ ئاتاتتۇق.
دېگەن شېئىرنى ئوقىدى. بىز ئۇنىڭ ئىلھام پەرىسى قېچىپ كەتمىسۇن دەپ، ئۇشۇق گەپ قىلمىدۇق. ئۇ شېئىرنىڭ داۋامنى توختىماي شىۋىرلايتتى. ئابتوبۇسمۇ يۇرت قەلەمكەشلىرىنى ئېلىپ ماڭغىنىدىن پەخىرلەنگەندەك توختاۋسىز چاپاتتى. بىزمۇ قەلەمكەشلەرگە خاس ھىسسىيات، تۇيغۇلىرىمىز بىلەن ئابتوبۇس ئىچىنى چاقچاق، كۈلكۈلەرگە كۆمىۋەتتۇق. نىيا يايلىقىغا كەلگەندە بىر قىسىم قەلەمكەشلەر ھاياجاندىن تۇرالماي قېلىشتى. چۈنكى، يىلان باغرى سۇزۇلغان يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدە چوقچىيىپ تۇرغان زومچەك، زومچەك قەبرىلەردەك قۇم بارخانلىرى، سول تەرىپىدە يېشىل گىلەم سېلىپ قويغاندەك كۆرىنىدىغان يايلاق. ئۇنىڭ يېنىدا ئەگرى-بۈگرى ئېقىۋاتقان نىيا دەرياسى قۇشۇلۇپ، ئادەمنى بەئەينى گۈزەل مەنزىرە رەسىم كۆرگەندەك تۇيغۇغا كەلتۈرەتتى. بولۇپمۇ يايلاقتىكى قوي پادىللىرى يىراقتىن قارىغاندا خۇددى پارچە، پارچە ئاق بولۇتلاردەك كۆرىنەتتى. گەرچە قەلەمكەشلىرىمىز قۇم بارخانلىرىنى كۆرۈپ باققان بولسىمۇ، كۆپ قىسمى يايلاقنى كۆرۈپ باقمىغاچقا، يېشىللىقنىڭ نەمخۇش ھىدىدىن مەسخۇش بولۇپ كېتىشتى. شۇڭا پىشقەدەم يازغۇچى مەمىتىن قۇربان ئاكا:
-پاھۇي، نېمە دېگەن گۈزەل يايلاق-بۇ؟ مۇبادا قۇلۇمدىن كەلگەن بولسا شۇ يايلاقنىڭ بىر پارچىسىنى يۇرتۇمغا ئېلىپ كەتكەن بولسام نەقەدەر ياخشى بولغان بولاتتى-ھە؟!-دېدى بالىلارچە ھاياجان بىلەن. بۇنى ئاڭلىغان ياش بالىلار يازغۇچىسى ئەخمەتجان ئابدۇللا ھەييارلىق بىلەن:
نىيا خەلقى ئۇنامدۇ؟
   ئېلىپ كەتسەڭ يايلاقنى.
     نەيفىڭ تەڭشەپ باقامدۇ؟
ئوغلاق بىلەن تايلاقنى؟
دەپ قۇشاق قاتتى جاۋابەن. ھەممىمىز پاراققىدە كۈلۈشتۇق. بۇ كۈلكىلەر شۇ قەدەر چىن ۋە سەمىمىي ئىدىكى، كۈلكىللىرىمىزدىن توغراقلار، يۇلغۇن، سوكسوكلارمۇ زوقلانغاندەك خۇش تەبەسسۈم بىلەن بىزگە قارىشاتتى. ئۇلارنىڭ قاراشلىرىدا:« ئاق يول بولسۇن قەلەمكەش دوستلار، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خەلقىڭلارغا جاۋاپ قايتۇرۇڭلار» دېگەندەك مەنا بار ئىدى. راست، بىز ئۆزىمىزنى ئىجادىيەتچى دەپ يۈرۈپ، ئەلگە تېتىغۇدەك بىر نەرسە يازالمىساق، بىزنىڭ جان باقار يازغۇچى، شائىرلاردىن نە پەرقىمىز بولسۇن؟ دېگەنلەرنى ئويلىدىم. تۇيۇقسىز ئېسىمگە ئابدىقادىر جالالىدىننىڭ:
قەلەم! قەلەمگە خاس ئىمانىمنى بەر،
ئەل ئۈچۈن قاينىغان ۋىجدانىمنى بەر.
قارىنى ئاق قىلىپ يازسام مۇبادا،
نۇمۇس بەكمۇ يامان، زاۋالىمنى بەر!
دېگەن شېئىرىي مىسرالىرىنى ئەسلەپ قالدىم ۋە بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز، مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغلىقىنى يەنە بىر قېتىم تۇنۇپ يەتتىم.
-ھوي، بۇرادەرلەر، ئۆزىڭلارنى تەڭشىۋېلىڭلار،- دېگەن ياڭراق ئاۋازدىن چۆچىپ كەتتىم. شوپۇر ئۇستام بىز تەرەپكە قاراپ:
-چاپسان بولۇڭلار،-دەۋاتاتتى. بىز ئابتوبۇستىن بىر-بىرلەپ پەسكە چۈشۈشتۇق. بۇ چاغدا قۇياش خادىدەك تىكلەنگەن. ئەتراپ شۇقەدەر تىنجىق ئىدىكى، تۇنۇر تەپتىدەك ئىسسىق ھاۋا دىمىقىمىزغا گۈپپىدە ئۇرۇلدى. بىز ئۆزىمىزنى گويا ئىسسىق بەلۋاققا كېلىپ قالغاندەك ھېس قىلىشتۇق. سەپەرداشلار بىر دەمدىلا يىپىدىن ئاجراپ كەتكەن مارجانلاردەك تەرەپ-تەرەپكە چېچىلىپ كېتىشتى. مەن ئۆزۈمنى تەڭشىۋالغاندىن كېيىن ئەتراپنى شائىرانە ھىسسىيات بىلەن كۆزەتتىم. يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى سۇنئىي ئۇسۇلدا ئۆستۈرۈلگەن يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر ماڭا گويا تەكلىماكاننىڭ قاپ-قارا بۇرىتىدەك تۇيغۇ بەردى. يەنە بىر قارىسام قاش، كىرپىككىمۇ ئوخشايتتى. ئۇنىڭ يالىلداپ تۇرغان ئوت ئىسسىقتا ئېچىلىپ تۇرغان قىزغۇچ چېچەكلىرى چۆلنىڭ بارمىقىدىكى ياقۇت ئۈزۈكتەك كۆزگە روشەن تاشلىنىپ تۇراتتى. ئىككى ياندىكى تۆگە لوكىسىدەك ئىگىز- پەس دۆڭلۈكلەر، ئويمانلار ئۇپۇققا تۇتاشقان بولۇپ، ئاجايىپ سىرلىق ئىدى. قۇم يۈزىدىكى ھالقا-ھالقا سىزىقلار يىراقتىن قارىغان كىشىگە ئىختىيارسىز كۈمۈش تەڭگىلەرنى ئەسلىتەتتى. ئاندا-ساندا ئۇچراپ قالىدىغان توغراقلار جەڭ مەيدانىدىكى ئەڭ ئاخىرىقى ئەسكەرلەردەك قەددىنى تىك تۇتۇپ مەزمۇت تۇرىشاتتى. بۇ يەر شۇقەدەر تىمتاس، شۇقەدەر جىمجىت ئىدىكى، ۋاقىت چىپپىدە توختاپ قالغاندەك ئىدى. راستىنى ئېيتسام كۆز ئالدىمدا نازىنىن قىزدەك يېيىلىپ ياتقىنى بىر پارچە قۇملۇقلا ئەمەس، گۈزەل ماي بۇياق رەسىمى ئىدى. مەن دەرھال يالاڭ ئاياق بولدۇم-دە، ئۇندەك پاك، ئانا باغرىدەك ئىللىق قۇمغا ئاۋايلاپ دەسسىدىم. ۋۇجۇدۇمغا ئىللىق سىىم شۇررىدە ئېقىپ كىردى. بىراق مىنۇت ئۆتمەيلا تاپىنىم قىزىپ، پۇتۇن بەدىنىمگە ئوت كەتكەندەك چىدىيالمايلا قالدىم. شۇڭا ھاپىلا-شاپىلا ئايىغىمنى كىيىۋالدىم.
بىز يەنە يولىمىزنى داۋام قىلدۇق. قۇملۇق يولىنىڭ ھېچ ئايىغى چىقاي دېمەيتتى. بىردەمدىلا ئاسمان بېتى سەل قارىيىپ، ئاندۇ-مۇندۇ شامال ئىسقىرىتىشقا باشلىدى. قۇملۇقتىن كۆزىنى ئۈزمەي ئولتۇرىۋاتقان بالىلار شائىرى ياسىنجان ئابدىقادىر ۋۇجۇدىنى ئۆرتەۋاتقان قايناق ھىسسىياتىنى باسالمىدى بولغاي:
ئىگىز قۇملار،
بۇۋاق مەممىسى.
ئەمسە ئۇنى،
باتۇر ھەممىسى.
گۈر-گۈر بوران،
    قۇملۇق ئەسكىسى.
توغراق ئۇنىڭ،
ياخشى ساقچىسى.
دېگەن شېئىرنى ئوقىدى. بىز ئۇنىڭ بالىلارچە يۇمران، ساددا مىسرالىرىدىن سۆيىنىشتۇق ۋە ھازىر جاۋابلىقلىقىغا قايىل بولۇشتۇق.
ۋاقىت ئۇچماقتا. ئابتوبۇس مەنزىلگە يەتمىگۈچە بولدى قىلمايدىغان تۇلپاردەك چاپماقتا. بىزمۇ بىر-بىرلەپ ئۇيقۇغا كەتتۇق.
24-چىسلا تاڭ سەھەر. ئۈرۈمچى ئاسمىنى تازا يۇيۇپ، سىمغا ئارتىپ قۇيۇلغان ھاۋا رەڭ ياغلىقتەك پاكىز ئىدى. ئاخشام ياققان يامغۇرنىڭ تەسىرىدىنمۇ تاڭ، مەيىن شامال يۈز-كۆزلەرنى يىنىك سىپايتتى. بىز خۇشاللىق ئىچىدە ئۇنىڭ قاينام-تاشقىنلىققا تولغان قۇچىقىغا چۆكتۇق. ئۇ كۈنى پائالىيەت ئىختىيارى بولدى. كەچ سائەت ئالتىدە شىنجاڭ ئىسلام ئىنىتىتوتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتىكىننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن «پارلاق» رىستۇرانىنىڭ ئايرىم خانىسىگە جەم بولۇشتۇق. سورۇنغا قاراقاش قەلەمكەشلىرىدىن باشقا شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتىنىڭ مۇھەررىرى، كۆزگە كۆرىنگەن كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى مەتتۇردى مىرزەخمەت، «شىنجاڭ ياشلىرى» ژورنىلىنىڭ تەكلىپلىك مۇھەررىرى رۇزىمۇھەممەت مۇتەللىپمۇ كەلگەنىدى. بىز غىزالانغاچ تەبىئى ھالدا ئەدەبىيات پارىڭىغا چۈشۈپ كەتتۇق. گەپلەر يېزىقچىلىق ئىستىلى، قۇربان بېرىش روھى، توختاۋسىز ئۆگىنىش... دېگەندەك تېمىلاردا كېتىپ باراتتى. مەتتۇردى مىرزەخمەت: « ھەرقانداق يازغۇچىدا ئۆزىنى بېغىشلار روھى بولمىسا، ئۇ ھامان دەۋىر تەرپىدىن شاللىنىپ كېتىدۇ» دېگەن نوقتىدا سۆزلەپ كېلىپ، پاكىت سۈپىتىدە مۇنداق بىر ھېكايەتنى ئوتتۇرىغا قويدى.
قەدىمكى زاماندا بىر پادىشاھ ئۆتكەنىكەن. ئۇ شەھەر، كوچىلارنى ئايلانسا دوقمۇش، دوقمۇشلاردا قەسىدە ئوقۇۋاتقان شائىرلارنى ئۇچىرتىپتۇ. ئۇ ئوردىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ۋەزىرگە:
-بىزنىڭ مەملىكەتتە شائىرلار كۆپ ئوخشىمامدۇ؟ -دەپ سوراپتۇ. ۋەزىر:
-شۇنداق تەقسىر،-دەپتۇ بېشىنى تۆۋەن سالغان ھالدا.
-سىز دەرھال شائىرلارنىڭ سانىنى ئىنىقلاپ چىقىڭ ۋە كاتتا مۇكاپات بار، دەپ ئوردىغا چاقىرىڭ،-دەپتۇ. مەملىكەتكە يارلىق چۈشۈرلگەندىن كېيىن بىر مىڭ بىر يۈز شائىر ئۆزىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپتۇ. پادىشاھ ھەممىنى زىندانغا تاشلاپ، ئاچ- توق قويۇپ، قىيناپتۇ. ئۈچ ئايدىن كېيىن قارىسا 500دەك شائىر شېئىر يازماپتۇۋە شائىرلىقتىن تېنىپتۇ. پادىشاھ ئۇلارنىڭ كۆتىگە تېپىپ زىنداندىن قوغلاپ چىقىرىپتۇ. قالغان 501  شائىرنى چارىباغدا ئېلىپ قېلىپ، راھەت، پاراغەت تۇرمۇش ئاتا قىلىپتۇ. ئۇلار قارىسا ئەتراپىدا ھۆرى، غىلىلمانلار، پەرىشتىدەك قىزلار ۋاي دەپ تۇرغان، نېمە يەي، نېمە كېيەي دېسە ھەممە تەل. ئۇلار بارا-بارا مەئىشەتلىك تۇرمۇش قاينىمىغا چۆكۈپ كىتىپتۇ. شېئىر يېزىشنى، خەلقنىڭ قايغۇ-ھەسرىتىنى ئۇنتۇپتۇ. بەش ئايدىن كېيىن قارىسا پەقەت بىرلا شائىر شېئىر يېزىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانىكەن. يەنە كىلىپ شېئىرلىرىدا مۇڭ-ھەسرەت، ئازاپ-ئوقۇبەت، ئارزۇ-ئارمان گويا يۇلتۇزلاردەك چاقناپ تۇرغان. پادىشاھ ۋەزىرگە:
-بىزنىڭ مەملىكەتتە ھەققىقىي شائىردىن بىرسىلا بار ئىكەن. شۇنى ئېلىپ قېلىپ، باشقىلىرنى دەرھال ھەيدەپ چىقىرىڭ،-دەپ پەرمان قىلىپتۇ.
ئۇ ھېكايىنى ئاخرلاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:«كۆرۈشكە بولۇدىكى، جاپا-مۇشەققەت ۋە راھەت-پاراغەتتىمۇ ئۆزىنى يوقاتمىغان، شېئىرغا بولغان ئىخلاسمەنلىكىدىن كەچمىگەن كىشى ھەقىقىي شائىر بولالايدۇ. چۈنكى، ھەقىقىي شائىر شان-شۆھرەت تاماگەرى ئەمەس بەلكى ئىنساننىڭ قەلبىگە ھۇجۇم قىلغۇچى تىل ئۇستىسىدۇر. ئونۇڭدا ئنسانغا بولغان مۇھەببەتلا بولىدىكەن، ئۇ مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ، ئونۇڭدىن كىشىنى سۆيۈندۈرگىدەك ئىسىل شېئىر چىقىدۇ».
پاراڭ قىزغىن كەيپىياتتا داۋاملىشىپ، تېما بالىلار ئەدەبىياتقا يۆتكەلدى. بولۇپمۇ«تارىم غۇنچىلىرى» ژورنىلى«شىنجاڭ ياشلىرى» ژورنىلىغا ئۆتكۈزۈپ بىرىلگەندىن كېيىنكى نەشىر سانلارنىڭ مۇۋاپىقىيىتى ۋە يېتەرسىزلىكى ھەققىدە ئابدۇلھىمىت ياسىن، ياسىن ئابدىقادىر، ئەخمەتجان ئابدۇللا...لار ئېچىلىپ، يېپىلىپ سۆزلىدى. ژورنالنىڭ مۇھەررىلىكىنى قىلۋاتقان روزىمەمەت مۇتەللىپ:«ژورنالنى تېخىمۇ ياخشى چىقارغۇمىز بار. لېكىن يۈرەكنى تىترەتكۈدەك ئەسەر بەكلا ئاز. بولۇپمۇ بالىلارنىڭ ئارزۇ-ئارمان، ئازاپ ئېڭى ئىپادىلەنگەن ئەسەر كام. چۆچەك، مەسەل بەك كۆپ، مۇبادا ياخشى ئەسەر بولۇپ قالسا ھەجىمگە قارىماي ئېلان قىلىۋېرىمىز» دېدى. ئەخمەتجان ئابدۇللا: «ھازىر بالىلار ھەرىپلىك قوشاقلىرىمۇ بالىلارنىڭ ھىسىياتىنى غىدىقلاش، تىل قابىلىيتىنى ئۆستۈرىشتە مۇھىم رول ئويناۋاتىدۇ. مەن مۇشۇ ساھادە ئىزدىنىپ، خېلى مۇۋاپىقىيەت قازاندىم. «شىنجاڭ ئۆسمىرلىرى» گېزىتى بۇ خىل ئىزدىشىمنىڭ ھاسىلى بولغان بىر نەچچە پارچە شېئىرىمنى تەرجىمىھالىم بىلەن بىرگە بەردى. بالىلارغا بولغان تەسىرى ياخشى بولدى. كېيىن مۇشۇ ھەقتە مەخسۇس ماقالا ئېلان قىلىندى. شۇڭا ‹تارىم غۇنچىلىرى› ژورنىلى سىناق تەرىقىسىدە بېرىپ باقسا دېگەن ئۈمىددىمەن» دېگەن ئارزسىنى ئىپادىلىدى ۋە نەق مەيداندا:« كۆرۈپ بېقىڭ» دەپ، بىر قانچە ھەرىپلىك بالىلار شېئىرلىرىنى روزىمەمەت مۇتەللىپكە سۇندى. بىز بىر، ئىككى پارچە شېئىرنى ئوقۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدۇق. ئەخمەتجان ئابدۇللا«ئون ئوغلىقىم» دېگەن شېئىرنى تولىمۇ ھىسياتلىق ئوقۇدى.              ئويلىنىڭلار ئوغلاقلىرىم،
ئويلىنىڭلار!
ئويناق ئويۇن ئويلىرىدىن،
ئويغىنىڭلار!
                    ئوۋچى ئوغرى ئوقياسىنى
              ئوقلاپتىمىش.
              ئوغلاق ئوۋلاش ئويىنى
              ئويلاپتىمىش.
ئورمانلىقتىن ئۇزىغاندا
ئۇسال ئوۋچى.
ئويۇن ئويناپ ئوتلايسىلەر
ئوڭچى-ئوڭچى.
ئون ئوغلىقىم ئون ئوغلۇمغا
ئوخشايسىلەر.
ئوينىغاندا ئوۋچىنىمۇ
ئويلارسىلەر!
بىز ھەممىمىز قىزغىن ئالقىشلىرىمىز بىلەن ئۇنى مۇبارەكلىدۇق. كەيپىيات قىزغىن ئىدى. لېكىن«سىنمايدىغان قىش يوق، تۈگۈمەيدىغان ئىش» دېگەندەك ئېزىز ئاتاۋۇللاغا رەھمەت، ھەشقاللا ئېيتىپ، قايتىشقا ئىجازەت سورىدۇق. ئۇ: «سىلەرنى كۆرۈپ ئانا يۇرتۇم قاراقاشقا بارغاندەك، ئۇرۇق-تۇققانلار بىلەن كۈرۈشكەندەك بولدۇم. سىلەرنىڭمۇ ئىززىتىمنى قىلىپ، ئاددىي داستىخىنىمغا داخىل بولغىنىڭلارغا رەخمەت! مۇمكىن بولسا تېخىمۇ ياخشى يېزىڭلار. نەشىر قىلدۇرىدىغان كىتابىڭلار بولسا قولۇم كۆكسۈمدە» دەپ سۆزنى ئاخىرلاشتۇردى. بۈگۈنكى سورۇننى داستىخان سورىنى دېگەندىن كۆرە ئەدەبىيات سورۇنى، يۇرتداشلارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مېھرى-مۇھابەت سورۇنى دېگەن تۈزۈك ئىدى. بىز بىر-بىرىمىزگە قېنىشمىغان ھالدا«خان دىيار» مېھمانىغا قايتىپ كېلىشتۇق. بۇ يەردە تۇيۇقسىز يۇرتىمىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى، كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچى،«يېڭى قاشتېشى» ژورنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى تۇرسۇنجان مۇھەممەت ئەپەندى بىلەن ئۇچىرشىپ قالدۇق. ۋاقىتنىڭ كەچ بولۇپ قېلىشىغا قارىماي بىر قانچىمىز ئابدۇلېھىت ياسىن ياتقان ياتاققا يىغىلىشتۇق. «خۇشاللىق ئۈستىگە خۇشاللىق» دېگەندەك بۈگۈن تۇرسۇنجان مۇھەممەدنىڭ «شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى»دىن «قايتىش» دېگەن رومانى نەشىردىن چىققانىكەن. ئۇ بىزگە كۆرسەتتى. بىز قولىمىزغا بىر-بىرلەپ ئالدۇق ۋە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى مۇبارەكلىگەندەك قىزغىن تىلەكلىرىمز بىلەن يازغۇچىنى مۇبارەكلەشتۇق. مەن:
-رومانىڭىزنى قانچىلىك ۋاقىتتا يېزىپ بولدىڭىز؟-دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن.
-يېزىشقا ئالتە ئايغا يېقىن ۋاقىت كەتتى. ئەمما ئەڭ بۇرۇن بېزىشنى ئويلىغان، پىلانلىغان رومانىم مۇشۇ. لېكىن بۇ پۈتۈپ بولغۇچە «ھىجران» (ئىككى قىسىم)، «جەزىرە»، «كۈز يامغۇرى»،«ۋىجدان كۆزى» .... قاتارلىق رومان، پوۋېسىتلار توپلىمىم نەشىر قىلىندى. بۇ ۋاقىتنى ھېسابلىسام ئۇزۇن بولدى،-دېدى كۈلۈپ تۇرۇپ. قارىسام ئۇنىڭ كۆزى كۈلەتتى، ئېغىزى كۈلەتتى، يۈرىكى كۈلەتتى. ياق، ھەممە يىرى كۈلگەندەك قىلاتتى. مەن ئويلىدىم:«راست، كىممۇ ئەسىرى نەشىر قىلنسا كۈلمەيدۇ؟ بۇ خىل كۈلۈش ساق-سالامەت تۇققان ئاننىڭ ھاياجىنىدىن كەم ئەمەس ئىدى. چۈنكى، يازغۇچىنىڭ ھەر بىر ئەسىرى ئۇنىڭ يېڭى تۇغۇلغان بوۋىقى ئەمەسمۇ؟»
-تۇرسۇنجان مۇھەممەد ئەسەرلىرىنىڭ ئىددىيىسى بىر دۇنيا بۇلسا تىلى يەنە بىر دۇنيا. بولۇپمۇ پاساھەتلىك ئوخشىتىشلىرى-دېدى ئايمۇھەممەد ساھىبى مېنىڭ سۆزۈمگە ئۇلاپ.
-شۇنداق، ئۇ ئۆزگىچە ئەسەرلىرى بىلەن كىتابخانلارنىڭ قەلب تارىنى چېكىپ كېلىۋاتقان سەركە يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بىرى-دېدىم مەنمۇ تەسىراتىمنى يىغىنچاقلاپ.
سۆزلەر كۆرۈنمەس يىپلىرى بىلەن دىل رىشتىمىزنى بىر-بىرىگە مەھكەم باغلاپ تۇرىشاتتى. شۇنداقتىمۇ ئەتىكى پائالىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، ھەممىمىز تۆشەكلىرىمىزگە قايتىشتۇق.

سالام، گۈزەل جەنۇبىي تاغ
25-چىسلا سەھەر توققۇزلار بىلەن ئەيبۇ ياقۇپ بىلەن ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن ياتىقىمىزنىڭ ئالدىغا ماشىنىسى بىلەن يېتىپ كەلدى. قىزغىن سالام سائەتتىن كېيىن، ئۇلار ئەكەلگەن ماشىنىسىدا ئولتۇرۇپ، ئۈرۈمچى جەنۇبىي تاغدىكى يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ ئىجادىيەت بازىسىغا يۈرۈپ كەتتۇق. بۇ چاغدا ھاۋا مۇز خانىدەك سالقىن بولۇپ، بەدەننى بىلىنەر بىلىنمەس قورىيتتى. ماشىنا تاغقا يېقىنلاشقانسىرى سۇغۇق شاماللار يېلىڭ كىينىۋالغانلارنى بوزەك ئېتىشكە باشلىدى. يىراقتىن قارىغاندا گويا يېشىل پەردە تارتىپ قويغاندەك بەھەيۋەت كۆرىنىدىغان گۈزەل قارىغايلىق كۆزىمىزگە تاشلانغاندا قېنىغا پاتماي قالغان كىچىك بالىلاردەك ھاياجانلاندۇق. بۇلۇپمۇ بۇ يەرگە كېلىپ باقمىغان قەلەمكەشلەر تاغ مەنزىرىسىنى تاماششا قىلىشقا ئالدىراپ، پۇتى كۆيگەن تۇخۇدەك تۇرالماي قېلىشتى.
-كەلدۇق،-دەپ ماشىنىدىن چۈشتى ئالدىمىزدا يول باشلاپ ماڭغان ئەيبۇ ياقۇپ،-مانا، مۇشۇ قورۇ شۇ. بۈگۈندىن باشلاپ، بۇ جاي سىلەرگە مەنسۇپ.
بىز ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن، ئەيبۇ ياقۇبلار بىلەن خوشلىشىپ ياتاققا ئورۇنلاشتۇق.
چۈشتىن كېيىن ھاۋا ئاشىقىنى تاپقان قىزنىڭ كۆڭلىدەك ئېچىلىپ كەتتى. بىز قارىغايزارلىقنى كۆرۈش ئىستىكىدە شاقىراتما بار جايغا قاراپ يول ئالدۇق. ئاسمان بېتى شىشىدەك سۈزۈك ۋە كۆپ-كۆك، ئۇياق، بۇياقتا لەيلەپ يۇرگەن پارچە-پارچە بۇلۇتلار گويا يوغان، يوغان ئېچىلغان پاختىلارغا ئوخشايتتى. ئۇ شۇ قەدەر يۇمشاق ئىدىكى، خۇددى تاغ بېشىغا مەشۈت ياغلىق ئارتىۋالغاندەك تۇيغۇ  بىرەتتى. سىز يىلان باغرى سۈزۈلۈپ ياتقان بەھەيۋەت تاغلارغا قارىسىڭىز ئىگىز-پەس چوققىلارنى، ئۇنىڭ قۇچىقىدىكى سانچاق، سانچاق قارغايلارنى كۆرۈپ، تەبىئەتنىڭ مۆجىزىسىدىن ھەيران بولماي تۇرالمايسىز، بولۇپمۇ تۈكۈچتەك قارىغايزارلىق يىمىرىلمەس يېشىل سېپىل ھاسىل قىلغان بولۇپ، ئۇ ئادەمگە تاغنىڭ زەربەدەس ئوغلانلىرىدەك كۆرۈنەتتى. سىز سەل پەسكە قارىسىڭىز قىرغىز قوينىڭ قۇيرىقىدەك دۈمبىلەرنى، سەل يانتۇ، تەكشى كەتكەن تۆپۈلۈكلەرنى كۆرىسىز. ئۇنىڭ مەخمەلدەك ياپ-يېشىل ئوتلىرى شۇ قەدەر گۈزەل ئىدىكى، ئۆزىڭىزنى گويا يېشىل پاياندار سېلىنغان شاھانە قەسىردە تۇرغاندەك ھىس قىلىسىز. شۇڭا ئۇنىڭ باغرىدا بىردەم يېتىۋالغۇڭىز، يۇمۇلۇپ كېرىلىۋالغىڭىز كېلىدۇ. سىز تاغ باغرىغا ئىچكىرلەپ ماڭسىڭىز شېغىللىق يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى ئالتۇن رەڭدە ھۈپپىدە ئېچىلغان جىغان گۈللىرىنى، ئۇنىڭ شاخلىرى ئارىسدا يېقىملىق سايراۋاتقان قۇشلارنىڭ مۇزىكىدەك ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئۆزىڭىزنى خىيالىي دۇنياغا كېلىپ قالغان شاھزادىگە ئوخشاتقۇڭىز كېلىدۇ. تاغنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن تولدۇرۇپ، تولدۇرۇپ نەپەس ئالغىنىڭىزدا ئۆزىڭىزنى شۇ قەدەر يىنىڭ ھىس قىلىسىزكى، گويا نەچچە يىللىق ھاردۇقىڭىز بىراقلا چىقىپ كەتكەندەك بۇلىسىز. جىرالاردىن سىرغىپ چۈشكەن تاغ سۈيىنى ئۇچۇملاپ ئىچكىنىڭىزدە بولسا خۇددى ئابى كەۋسەر سۈيى ئىچكەندەك روھلىنىپ كېتىسز. بىز قىزىقىش، ھاياجان، كۈلكە-چاقچاقلار بىلەن يۇقىرىغا قاراپ ئۆرلىدۇق. يېرىم يولغا كەلگەندە ئىختىيارى رەسىمگە چۈشۈشكەچ بىردەم ئارام ئالدۇق. شۇ ئارلىقتا شائىر ئەنىۋەر ھىدايەت خاتىرىسىگە بىر نېمە يازغاندەك قىلدى. ھەممىگە تۇيغۇنلۇق بىلەن قارايدىغان يازغۇچى ئايمۇھەممەت ساھىبى:
-ئەنۋەر ئەپەندى، بىرەرسىگە سالام خەت يېزىۋاتمايدىغانسىلەر؟-دېدى چاقچاق ئارىلاش.
-بىرسىگە ئەمەس، تاققا،-دېدى ئەنۋەرنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان رەئىس تۇرسۇنباقى،-ئۇ تۇيغۇلىرىنى شېئىرغا ئايلاندۇرۇپ بولدى.
-ئەمىسە ئاڭلىدۇق، ھەممىمىز خەپ شۈك،-دېدى پىشقەدەم يازغۇچى مەمىتىمىن قۇربان. ئەنۋەر ھىدايەت سەل خىجالەت ئارىلاش شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلدى.
سالام! نەنسەن، يېشىل تاغلار

سالام قارغاي، سالام شەمشات،
باھار كۈلگەن ئىگىز تاغلار.
زىلال چەشمە ئېقىپ تۇرغان،
ئېكىنزارلىق، گۈزەل باغلار.  
سالام ھەيۋەت، ئۇلۇغ تاغلار،
بۇلۇت لەيلەپ ئۈزەر تاغلار.
ھاياجان جۇش ئۇرار دىلدا،
گۈزەل ئىستەك كىزەر تاغلار.
سالام نەنسەن، ھايات كۈلگەن،
يېشىل كۆكلەم، چىمەن تاغلار.
ئوقۇپ تەھسىن يازاي داستان،
دادامدەك پاك، تېمەن تاغلار.
بىز شېئىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ يەڭگىل تىل ئۇسلوبىدىن سۆيىنىشتۇق. ئارىدا سانائىل ھەرپەيىنلىك شېئىر شەكلىنى راۋاجلاندۇرۇپ كېلىۋاتقان شائىر جاپپار رەھىم روھلان:
-مەن ئۆمرۈمدە تاققا چىقىپ باقمىغان. بۇ يەرنى كۆرۈپ بەكمۇ ھاياجانلاندىم. شۇڭا تەسىراتىمنى بىر كۈبلىت شېئىر قىلىپ يازدىم. ئاڭلاپ بېقىڭلار،-دېدى خۇشاللىقىنى يۇشۇرالماي. يازغۇچى ئابدۇلھەمىد ياسىنىڭ ئىلھامى كېلىپ قالدى بولغاي:
قېنى ئاكا، مەرھەمەت،
سىزگە سورۇن قەپ قالدى.
جاۋاپ بېرىڭ شېئىر بىلەن،
ئىلھام قانداق كەپ قالدى؟
دەپ، ئۇنى شېئىرىنى ئوقۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، شېئىرنىڭ ئىچىگە كىرىپلا كەتتى.
يەر يېشىل، يوللار يېشىل، يايلاق يېشىل،
يەلپۈنەر يامغۇر يۇيۇپ ياپراق يېشىل.
يۈزلىگەن ياتقۇ يۇرۇق يۇلتۇزمىكىن،
يىلقىلار يەپ يايلىغان يانتاق يېشىل.
بىز داۋاملىق تاغىنىڭ ئىچكىرىسىگە قاراپ ماڭدۇق. بىر قىسىملار ھاردى بولغاي، يولنىڭ داۋامىنى قازاقلارنىڭ موتوسىكلىتى بىلەن داۋاملاشتۇردى. بىر قىسىملىرى ئاتقا مېنىشتى. يېشى چوڭلاردىن بىر قىسمى چېكىنىشتى. پەقەت نۇرمۇھەممەت تۇردەخمەت بىلەن ئىككىمىز باشتىن-ئاخىر پىيادە ياكى يۈگۈرۈپ دېگەندەك شاقىراتما يېنىغا يېتىپ كەلدۇق. بىز بۇرما مىقتەك ئەگرى-بۈگرى جىلغىلاردىن ئۆتۈپ، ئۈنچىلەردەك چېچىلىپ چۈشۈۋاتقان شاقىراتمنىڭ تۈۋىگە كېلىپ، جانغا راھەت مۇزدەك ھاۋادىن قېنىپ، قېنىپ نەپەس ئالدۇق. ئايمۇھەممەت ساھىبى ئىختىيارسىز:
-پاھ، نېمە دېگەن ساپ ھاۋا-بۇ؟ ئەگەر قۇلمدىن كەلسە مۇشۇ تاپتا پىژغىرىم ئىسسىقتا ئورما ئورۇۋاتقان جاپاكەش دېھقانلىرىمىزغا يەتكۈزۈپ بېرەلىگەن بولسام نەقەدەر ياخشى بولاتتى-ھە؟-دېدى. بىز ئۇنىڭ سۆزىدىن ئۆزى تاغدا بولسىمۇ، كۆڭلىنىڭ يەنىلا سەھرادا ئىكەنلىكىدىن تەسىرلەندۇق. دېمىسىمۇ بىز بۇ يەردە شاھزادىلاردەك يايراۋاتقان بىلەن يېزىلاردا قېرىنداشلىرىمىز ئوت ئىسسىقتا ئورما ئورىۋاتىدۇ ئەمەسمۇ؟  
-ئىرادە ۋە جاسارىتىڭلار بارلار مەن بىلەن ئالغا!-دېدى ياسىن ئابدىقادىر. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بىرقانچەيلەن تاغقا ياماشتۇق. ياشلار داۋاملىق ئۆرلىدى. ئايمۇھەممەت بىردەم ئىككەلەنگەن بولسىمۇ، ياشلارنىڭ ھە، ھۇسى بىلەن يەنە غەيرەتكە كېلىپ، چوقىغا چىقتى. ئۇلار بالىلارچە ھىسسىيات بىلەن:
- بىز غەلبە قىلدۇق، بىز چوقىغا چىقتۇق،-دەپ توۋلىشاتتى. تاغدا ئەكىس سادا ياناتتى. مەن ئۇلارنىڭ ئاۋازىدىن:« ئىرادە-مۇئاپپىقىيەتنىڭ ئانىسى» دېگەن ھەقىقەتنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم ۋە بىر چاغلاردا يازغان:
بۈركۈتكە بورانننىڭ شىددىتى ياخشى،
تۇلپارغا بەيگىدە رىغبىتى ياخشى.
توشقاندەك مىڭ يىللاپ ئۆمۈر كورگەندىن،
ئادەمگە ھاياتنىڭ قىممىتى ياخشى.
دېگەن رۇبائىمنى ئەسلىدىم.
كەچ، قۇياش ئاخىرىقى ئالتۇن نۇرىنى ئېلىپ، تاغنىڭ ئارقىسىغا چۆكتى. بىز ياتاققا قاراپ يولغا چىقتۇق. بەزىلەر ئاتلىق، بەزىلەر موتوسىكلىتلىق، بەزىلەر پىيادە ئىدى. ياسىن ئىجارە ئالغان ئاتنى باشقىلار بىر، ئىككىدىن مىنىشتى. لېكىن ئارىمىزدىن ئۇكا دېمەتلىك بىر بۇرادەر شۇ مىنگەنچە قايتىپ كەلمىدى. ياسىن ئابدىقادىر ئۇنى تاپقاندا كۈلۈپ تۇرۇپ:
ئېلىپ قاچتىڭ ئېتىمنى،
ئۇنى ئالسام مەن ئالسام.
ئەگەر كىچىك بولمىساڭ،
كاچىتىڭغا بىر سالسام.
دېگەن چاقچاق بىلەن كۆڭلىدىكى گەپنى دەۋالدى. كەچتە مەتتۇرسۇن سىدىق تەسىراتىنى سۆلەپ كېلىۋېتىپ:« مەن مۇشۇ يېشىمغىچە ئاتقا مىنىپ باقمىغان. تۇيۇمدا بولسىمۇ ئاتقا مىنگۈم بار ئىدى. ئارزۇيۇمغا يېتەلمىگەنىدىم. بۈگۈن ئاتقا مىنىپ بالىلاردەك شادلاندىم. تۇيغۇمدا ۋەتەن ئۇرۇشىغا ماڭغان زەبەردەس ئەسكەردەك خۇشاللىققا چۆمدۇم» دېدى. دېمىسىمۇ ھايات بىر جەڭگاھ. بىز جەڭگە ماڭغان ئەسكەرمىز. بىزنىڭ غەلبە قىلىش قىلالماسلىقىمىز نىشانىمىزغا، ئىرادىمىزگە ۋە جاسارىتىمىزگە باغلىق. ئەگەر ئېتىقادتتىن ئازساق، يېرىم يولدا بەل قۇيىۋەتسەك ھەرگىزمۇ ئارزۇيىمىزغا يېتەلمەيمىز. چۈنكى، نېكسون: «چارچىدىم دەپ يول بويىدا ئارام ئالغان كىشى غەلبىگە ئېرشەلمەيدۇ» دېگەن.
قىممەتلىك ئۇچرىشىش، ئۇنتۇلماس سۆھبەتلەر

26-چىسلا ئەتتىگەن سائەت توققۇزلار بىلەن ئازات سۇلتان مۇئەللىم يېتىپ كەلدى.  ئۇ بىزنى كۆرۈپ، قىزغىن ئەھۋال سورىدى. بىزمۇ ئۇنى ھاياجان بىلەن كۈتىۋالدۇق ۋە ئوپچە سۈرەتكە چۈشتۇق. سۆھبەت ئالدىدا ئايمۇھەممەت ساھىبى قاراقاش قەلەمكەشلىرىنى بىر قۇر تۇنۇشتۇردى. ئازات مۇئەللىم:
-خېلى كۆپىڭلارنىڭ ئىسمى ماڭا تۇنۇش ئىكەن. سىلەرنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىڭلار ئوڭاي ئەمەس.  يەنە كېلىپ بىزنىڭمۇ بىر ناھىيەنى بىرلىك قىلىپ تۇنجى تەربىيەلىشىمىز،-دەپ سۆز باشلىدى. ئاندىن:
-دەرىسنى سۆھبەت شەكلىدە ئېلىپ بارسام بولار،-دەپ تەبىئىيلا ئەدەبىياتنىڭ باغرىغا كىرىپ كەتتى. ئۇنىڭ سۆزىنىڭ تېما دائىرىسى كەڭ بولۇپ، يىغىنچاقلىغاندا ئەدەبىياتىمىزدا تەتقىقاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەنقىتكە توغرا قاراش، ئېكولوگىيە تېمىسىغا ئەھمىيەت بېرىش، ياخشى ئەسەر يېزىش، (بۇنىڭدا نېمىنى يېزىش، كىم ئۈچۈن يېزىش، قانداق يېزىش مەسىلىسى مىساللار بىلەن ناھايتى كونكىرىتنى سۆزلەندى) خەلق ئېغىز ئەدىبىياتىدىن ئۇزۇق ئېلىش، ياش كۈچلەرنى يېتەكلەشنى چىڭ تۇتۇش، ئەسەر تىلىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش...دېگەندەك نوقتىلار سۆزلەندى. بولۇپمۇ يازغۇچىنىڭ ئۆزىدىن ھالقىش مەسىلىسى ھەققىدە سۆزلەپ:« ئەگەر بىر يازغۇچى بىر ئۆمۈر ئەسەر يېزىپ، بىر ئىزىغا دەسسىسە، ئۆزىدىن ھالقىيالمىسا بۇنداق يازغۇچىنىڭ كىتابخانى بولمايدۇ. كىتابخانى بولمىغانىكەن، تەسىرى بولمايدۇ دېگەن گەپ. شۇڭا يازغۇچىدا پىداكارلىق يەنى ئۆزىنى بېغىشلاش روھى بولمىسا ھەرگىزمۇ بولمايدۇ»، «يازغۇچى ئۆزىدىن ھالقىشتا بىرى توختاۋسىز ئۆگىنىشى كېرەك. بۇنىڭدا ئۆزىمىزنىڭكىنىلا كۆرۈپ قالماستىن قېرىنداش مىللەتلەر ئەدەبىياتى جۈملىدىن دۇنيا ئەدەبىياتىنى چۈشۈنىشىمىز، تەتقىقى قىلىپ تۇرۇپ ئۆگىنىشىمىز لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈش ناھايتى مۇھىم دەپ قارايمەن. يازغۇچىلار ھېچ بولمىغاندا ئانا تىلىنى پىششىق بىلگەندىن سىرت خەنزۇ تىلىنى ياخشى بىلىشى، مۇمكىن بولسا باشقا بىر چەتئەل تىلىنى بىلسە تېخىمۇ ياخشى. چۈنكى، تىل-دۇنيەنى چۈشۈنىشنىڭ مۇھىم بىر ۋاستىسى. مىسال ئالىدىغان بولساق، چىڭغىز ئايىتماتوف قىرغىز تىلىدىن باشقا روس تىلىنى ئىنتايىن  پىششىق بىلگەچكە، بىر قىسىم ئەسەرلىرىنى بىۋاستە روس تىلىدا يېزىپ، دۇنياغا يېقىنلاشتى. يەنە بىرى تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈش ۋە ئۇنى ئىپادىلەشكە سادىق بولۇش، داۋاملىق يېزىش، ئىزچىل يېزىش لازىم».  ئۇ ئاخىرىدا:« تىلنىڭ ئۆلمەسلىكىدە يازغۇچى، شائىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ناھايتى ئېغىر. سىلەر بۇ جەھەتتە ھەرگىزمۇ سەل قارىماڭلار» دەپ بىزدىن كۈتىدىغان ئۈمىدى بىلەن سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى. ئۇ شۇنداق سەمىمي، شۇنداق خۇشىۇي بولۇپ، دەرىس سۆزلىگەندىكى ھالىتى گويا تەلەپچان دادىنى ئەسلىتەتتى. ئۇنىڭ ھەر بىر ھەركەت، سۆزىدىن ئۆزىنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ئاتىۋەتكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولاتتى. چۈنكى، ئۇنىڭ روھىدىن ھوقۇق، ئىمتىياز، شان-شۆھرەتنىڭ پۇرىقى ئەمەس، ساپ ئەدەبىياتنىڭ گۈپۈلدەپ تۇرغان ھىدى كېلەتتى.  شۇڭىمۇ بىز ئۇنىڭ يېنىدا يىتىم بالىدەك بوينىمىزنى قىسىپ ئەمەس، ئەركىن، ئازادە ئولتۇردۇق. گەپ ئارلىقىدا نۇرمۇھەممەت تۇردەخمەت:
-ئازات ئاكا، سىزنىڭ ۋاقتىڭىز شۇنداق قىس تۇرۇغلۇق يەنە نۇرغۇن ئىشلارغا يېتىشىدىكەنسىز، تەتقىقاتنى قانداق چاغلاردا قىلىسىز؟-دەپ سورىدى ئۇنىڭدىن. ئازات مۇئەللىم كۆلۈپ تۇرۇپ:
-مەن يىگىرمە تۆت سائەت ۋاقىتىمنى ئۇزارتالمىغىنىم بىلەن ئۇنى تەقسىم قىلالايمەن. بۇ دېگىنىم، ۋاقىتىتىن قانداق پايدىلىنىشنى بىلىمەن دېگنىم. مەن كۆپۈنچە دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدا تېلىفۇننى ئېتىپ قۇيۇپ ئىشلەيمەن. مېنىڭ بىر ئادىتىم، پۇسەت بولسىلا كىتاب ئوقۇشنى قولدىن بەرمەيمەن. بولۇپمۇ كەچتە چوقۇم ئوقۇيمەن. ئەگەر ھەرخىل سەۋەپ بىلەن ئوقۇيالماي قالسام، شۇ كۈنى ئۇيقۇممۇ كەلمەيدۇ. شۇڭا مەن ئۆلۈپ قالساممۇ، كىتاب ئوقۇپ ئۆلۈپ قالارمەنمۇ؟ دەپ ئويلاپ قالىمەن،-دەپ جاۋاپ بەردى سەمىمىلىك بىلەن. مەن ئىختىيارسىز 2008-يىلنى ئەسلەپ قالدىم. ئۇ چاغادا مەن ئالاھىدە تەربىلەش بىلەن شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىدا ئوقۇۋاتاتتىم. بىر ماۋسۇم ئۇنىڭ بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى بويىچە تەربىيەلاۋاتقان ئاسپارانىتلىرى بىلەن بىرگە ئەدەبىي تەنقىتچىلىك ھەققىدىكى دەرىسنى ئاڭلىدىم. ئۇ دائىم دەرىسىنى يەكشەنبە ئۆتەتتى. مەن بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغىنىمدا:«باشقا چاغدا ئۆتسەم يىغىن ۋە باشقا ئىشلار كۆپ بولۇپ قالىدىكەن. ۋاقتىدا كېلەلمىسەم بىرى، سىلەرنىڭ ۋاقتىڭلارنى ئېلىپ قويىدىكەنمەن يەنە بىرى ئۆزەمگە يۈز كېلەلمەيمەن. يەكشەنبە ماڭا تەۋە. شۇڭا بۇ كۈننى تاللىدىم. شۇغىنىسى سىلەرنىڭ دەم ئېلىش ۋاقتىڭلار بۇ...»دېگىنىدە بۇ ئادەمنىڭ روھىدىن سۆيىنگەنىدىم. چۈنكى، مەن شۇ چاغلاردا ماڭا مەسئۇل بولغان يېتەكچى ئوقۇتقۇچىمنىڭ دەرىسىگە قانالماي (مەنلا ئەمەس، باشقا ئوقۇغۇچىللىرىمۇ)  ھەتتا ماۋسۇمدا ئۈچ، تۆت قېتىم بولسىمۇ دىدارلىشالماي(بۇ كىشىمۇ رەھبەر بولغاچقا بەك ئالدىراش ئىدى. يەنە كېلىپ دەرىسنى ئىشخانىسىدا ئۆتەتتى. لېكىن تېلىفۇن جىرىڭلاپ دەرىس دەرىس بولمايتتى ياكى يىغىنى چىقىپ قالاتتى) كۆڭلۈم تۇلىمۇ غەش بولغانىدى. شۇڭىمىكىن ئىختىيارسىز بۇ ئىشنى ئەسلەپ قالدىم.    ھاينى-ھۇيت دەپ بولغىچە خوشلىشىش ۋاقتى بولۇپ قالدى. شۇ چاغدا  شۇنى بىلدۇقكى، ئۇ ئەسلىدە بېيجىندە خىزمەتتە ئىكەن. ئۇ لۈشۈن ئىنىستىتوتىنىڭ 5-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەت ياغۇچىللىرىنى تەبىيەلەش كۇرىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە بىزنىڭ كۇرىسنى دەپلا، ئاتايەن كېلىپتۇ. ئۇ 28-چىلا يەنە بېيجىنگە قايدىدىكەن. بىز بۇنىڭدىن بۇ ئادەمنىڭ بەكلا كىچىك پېئىل، تۇلىمۇ مەسئۇلىيتچان، تۇلىمۇ ئۆز باغرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇق. شۇڭىمۇ، ئۇنى ئۇزۇتقاندا، ماشىنىسىنىڭ قارىسى يىتكۈچە قاراپ تۇرۇشتۇق. كۆڭلىمىزدە بولسا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن يۈرەك-قېنىنى سىڭدۈرگەن بۇ زاتى مۇبارەككە ئۇزۇن ئۆمۈر ۋە سالامەتلىك تىلەشتۇق.  
ئەتىسى يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ ئۇقتۇرىشىغا ئاساسەن لۈشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتوتى 5-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىللىرى ئىجادىيەت كۇرىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئاپتونۇم رايۇنلۇق سودا-سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش كادىرلارنى تەربىلەش مەركىزىگە(كۇرۇس مۇشۇ ئورۇنغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانىكەن) يېتىپ كەلدۇق. بۇ يەرگە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن يازغۇچى، شائىرلار جەم بولغان بولۇپ، ۋىلايىتىمىزدىن جاسارەت جاپپار، ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈرۈك، ئابدۇرىشىت ئېلىلارمۇ كەلگەنىكەن. ئېچىلىش مۇراسىمى باشلىنىپ بولغىچە بولغان قىسقا ئارلىقتا بىرقانچىمىز تەبىئىي ھالدا بىر يەرگە يىغىلىپ قالدۇق. پاراڭ ئارلىقىدا ئۇستاز ئەدىپلەردىن زورىدىن سابىرى، رۇزى سايىت...قاتارلىق بىرقانچە يازغۇچى، شائىرلارنىڭ ئىش، ئىزلىرى، پەزىلەتلىرى، ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكلىرى دېگەندەك خاسلىقلىرى تىلغا ئېلىندى. گەپ تېيىپجان ئېلىيۇفقا يۆتكەلگەندە غولجا توققۇز تارادىن كەلگەن سەيپىدىن تۇراق مۇنداق بايان قىستۇردى.
رەھمەتلىك ت.ئېليۇق بىر قېتىم غۇلجىغا بېرىپ، شائىر، يازغۇچى دۇستى مەمەتجان سادىقنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپتۇ. ئۇنى يوقلاش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا بېرىپ تاپالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر سېستىرادىن:
مۇشۇ بىنادا ياتىقى بار،
شېئىر بىلەن چاتىقى بار.
ئوتتۇرا ئاسىيادا ئاتىقى بار،
مەمەتجان سادىقنى كۆردىڭلارمۇ؟
دەپ سوراپتۇ، دېگەندە بىز كۈلۈشتۇق. شائىرىنى ئەسلەشتۇق. ئۇ 2-3-مىسرالارنىڭ ئارقا كۈرنىشىنى سۆزلەپ بەرگەندا مەمەتجان سادىقنى غايىبانە سېغىنىشتۇق. پاراڭلار شاللىققا چۈشكەن قۇچقاچلارنىڭ نەغمىسىدەك تازا قىزىغاندا، «يىغىن باشلىنىدىكەن» دېگەن سۆزنى ئاڭلاپلا، زالغا كىرىپ كەتتۇق.
چۈشتىن كېيىن قوش تىللىق يازغۇچى غەيرەت ئاسىم ئىجادىيەت ئورنىمىزغا يېتىپ كەلدى. ئۇ بىز بىلەن بىرەر قۇر تونۇشۇپ بولغاندىن كېيىن سۆزنى باشلاي دەپ تۇراتتى. قول تېلفۇنى بۇلبۇلدەك سايراپ كەتتى. ئۇ قارشى تەرەپنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن:«ئىككى ئادەمنى تەڭ قۇچاقلىيالمايمەن، بىر ئادەمنىلا قۇچاقلايمەن» دەپ جاۋاپ بەردى. ئېنىقكى ئۇ بىز بىلەن بىرگە بولىمەن دېمەكچى. مەن ئۇنىڭ سۆز ئىشلىتىش سەنئىتىگە قايىل بولدم. ئۇ ئۆزىنى بىر قۇر تۇنۇشتۇرۋېتىپ بولغاندىن كېيىن«ھېكايە ئىجادىيتىدىكى بىر قانچە مەسەللەر» دېگەن تېمىدا سۆزلىدى. ئۇنىڭ سۆزى ھېكايىنىڭ قايىل قىلىش كۈچى، ھېكايىدىكى سەنئەت بولۇپمۇ پەلسەپە ۋە يېشىم، ھېكايىدىكى مۇرەككەپلىك، بىر خىل يېڭىلىق، تېخنىكىلىك مەسىلە ۋە مەخپىيەتلىك...قاتارلىق تۈرلەر بويىچە قايىل قىلارلىق، پاكىتلىق بولدى. بولۇپمۇ ئالغان مساللىرىدىكى«دونكىخۇت»،«قىرلىق ئىستاكان»،«مېنىڭ ئىسمىم قىزىل» ۋە ئۇ ھەقتىكى تەھلىللەر بىزگە خېلى تەسىر قىلدى. ئۇندىن باشقا ئۇ نەزىرىيىگە بىرلەشتۈرۈپ، مويەن ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى، جۇڭگۇدىكى داڭلىق خۇيزۇ يازغۇچى جاڭ چىڭجى ۋە ئۇنىڭ«قالب تارىخى» ناملىق رومانى ھەققىدە خېلى ئەتراپلىق توختالدى. ئۇ تۇلىمۇ كىچىك پېئىل ئادەم بولۇپ، كەچلىك تاماقتا بىز بىلەن بىرگە بولدى. بىز كۆڭۈل ئازادىلىكى بىلەن مۇڭغا چۈشۈپ كېتىشتۇق. شۇ ئارلىقتا غولجىدىن ئەكرەم ئابدىمىجىت، مايتاغدىن ئادىل غۇجالىم  ئاسماندىن چۈشكەندەكلا پوككىدە پەيدا بولدى.  ئادىل سىمىز بولغىنىغا قارىماي چاققان ۋە قىزىقچى  كىشى بولۇپ، سورۇننى بىردەمدىلا كۈلكە، چاقچاق، يۇمۇرغا كۆمىۋەتتى. شۇ كۈنى كەچ قورودىكى تام، تۇرۇس، رىشاتكىلار ، جىمرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلار قانغۇچە كۈلىۋېلىشتى.
28-چىسلا ئىجادىيەت ئورنىمىز تېخمۇ قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى. چۈنكى بۈگۈن سەھەردىلا«تارىم»ژرونىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، ئاتاقلىق شائىر، يىتۈك تەشكىلاتچى ياسىن زىلال ئەپەندى مەتتۇردى مىرزەخمەت بىلەن مۇختەر تۇردىنى باشلاپ چىققانىدى. ئۇ ئايمۇھەممەتكە قاراپ:
-ئايال ئاپتۇرلارنى ئېلىپ چىقىماپسىلەرغۇ؟- دېدى خۇشىۇيلۇق بىلەن.
-نەدە ياتقۇزارمىز؟-دېدى ئايمۇھەممەد ئويلانمايلا.
-ياتقۇزۇشنىمۇ بىلمەمسىلەر؟
ھەممىمىز كۈلۈشتۇق. ئۇمۇ كۈلدى. ئاندىن:
-نەدە ياتقۇزارمىز ئەمەس ئايمۇھەممەد، نەگە ئورۇنلاشتۇرىمىز؟ دەيمىز،-دېدى ئايمۇھەممەدنىڭ سۆزىنى تۈزۈتۈپ. بىز بۇ چاقچاقتىن ئۇنىڭ بىرى بىزنى قۇرۇنۇپ قالمىسۇن دېگەن مەقسەتتە دېيىلگەنلىكىنى ھېس قېلىشتۇق. يەنە بىرى، ئۇنىڭ ھەر بىر سۆزگە دىققەت قىلىدىغان چېچەنلىكىدىن سۆيىنىشتۇق. ئۇ ئالدى بىلەن بىزدىن ژورنال ھەققىدە تەكلىپ، پىكىر ئالدى ۋە تەكلىپ، پىكىرلەرگە بىرمۇ-بىر، قايىل قىلارلىق جاۋاپ بەردى. ئاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئەدەبىيات جۈملىدىن شېئىرىيەت ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ ھەر بىر قاراشلىرى مۇستەقىل، يېڭى، ئۆزگىچە، ئەمەلىي بولۇپ، ھەممىمىزنىڭ ئاچقان يېرىگە باردى. بولۇپمۇ سۆزلىگەندىكى چىراي ئىپادىسى، قول، ھەركىتى، تىلدىكى ئىنتۇناتسىيە ئۇنىڭ سۆزىدىكى مەزمۇن بىلەن بىرىكىپ، ئاجايىپ بىر لەرزە پەيدا قىلدى. بىز ئۇنى قايتا كۆرگەندەك، قايتىدىن تۇنىغاندەك بولدۇق. سەمىمىلىك بىلەن ئېيتسام، ئۇنىڭغا بولغان قايىللىقىم تېخىمۇ ئاشتى. ئۇنىڭ:«ئەدەبىيات خاس رېئال دۇنياغىلا مەنسۇپ ئەمەس، بەلكى مەنۋىي دۇنياغا مەنسۇپ. ئىنسانىيەتنىڭ روھى مەڭگۈلۈك نەرسە. ئەدەبىيات مۇشۇ رۇھىنى تېپىشى كېرەك»، «ئەدەبىياتقا بولغان مۇھاببەت ئىنسانىيەتكە بولغان مېھرى-مۇھەببەتتىن تۇغۇلىدۇ»، «شېئىرنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى رەڭگى بولىدۇ. شۇنداقلا ئىچكى تىلى ۋە تاشقى مەنىسى بولىدۇ»، «ھەقىقىي شائىر ئىنساننىڭ قەلبىگە ھۇجۇم قىلغۇچى تىل ئۇستى»دېگەن دۇردانە سۆزلىرى بىزنىڭ شېئىر ھەققىدىكى قاراشلىرىمىزنى تېخمۇ بېيىتتى. ئۇ يەنە ھېكايە ئجىادىيتى ھەققىدە سۆزلەپ:« 1. ھېسىي ھارارەت كام، شېئىريەت ئامىلى يوق، ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان دېتال يوق. 2. ھېكايىدىكى ماھارەتسىزلىك ئېغىر. سىيوژىت بەكلا ئاددىي. شۇڭا چۆچەكلەرنى بەكرەك ئوقۇش كېرەك.  3.  پاساھەت كام. گەرچە ھېكايە شېئىرىي ئەسەر بولمىسۇ، پاساھەت بولىشى كېرەك» دېگەندەك مەسىلىلەر ھەققىدە تۇلىمۇ پاكىتلىق سۆزلىدى. ئەدەبىي تەنقىد ھەققىدە سۆزلەپ:«1. ماقالىكەشلىك ئېغىر. يەنى ئۇ كىتابتىن، بۇ كىتابقا ئۆتۇش.... كونكېرت ئەسەر تەھلىلى يوق، ئۆزىنىڭ مۇستەقىل قارىشى يېتەرلىك ئەمەس. ھەممىسى ئۈزۈندە  2. ئابىستىراكىت ئۇقۇملار كۆپ. 3.تەھلىل چوڭقۇرلىقىدىن سۆز ئېچىش قىيىن. بولۇپمۇ شېئىرىيەت تەنقىتچىلىكىدە بېغى-بېغىدىن چۇۋۇش يوق. شۇڭا قانداق ئەسەر يازمايلى كىتابخاننىڭ روھىنى يازايلى! ھېچ بولمىغاندا خەلققە بىر تۈپ ئۈژمىگە لايىق نەپ بىرەيلى» دەپ سۆزنى ئاخرلاشتۇردى. ئۇنىڭ شېئىر ئوقۇش سەنئىتى يۇقىرى بولغاچقا، بىز بىرقانچە شېئىر ئوقۇپ بېرىشنى تەكلىپ قىلدۇق. ئۇ سالماق، يۇقىرى ئىنتوناسىيە بىلەن غەزەل ئوقۇشقا باشلىدى.
بوي سوزۇپ ئالدىمدا تاغلار تورىدۇ ھەيۋەت، ئېگىز،
چايقىلىپ ھەريانغا دولقۇن تاشلىغاي چەكسىز دېڭىز.
يامىشىپ تاغلارغا چىقتىم چوقىلاردا ئولتۇرۇپ،
تىك قىيالارغا سادا بەردىم جاراڭلىق تۆت ئېغىز.
كەڭ دېڭىزلار ئۈستىدىن ساھىلمۇ-ساھىل ھالقىدىم،
تاشلىسام كۆكتىن نەزەر ئوكيان كۆرۈندى بىر ئېتىز.
كۆك ئارا قۇچتۇم تۇلۇن ئاينى كېچە يۇلتۇز بىلەن،
تاڭ ئۇپۇپ ماڭلايلىرىمدا نۇرلىرىدىن قالدى ئىز.
تاغ، دېڭىز، يەرۇ-ئاسمان قالتىس ئۇلۇغ دەپ ئويلىما،
كۈللى ئالەم تەختىدە ئادەم مۇقەددەس مىسلىسىز.
ئۇنتىسا ئۆز نەرقىنى ئالتۇنمۇ ئالتۇن بولمىغاي،
ھەر كىمىكى ئۆز قەدرىنى تاپسا ھايات ئاندىن لەزىز.
نۇر ئارا بىر دىلرەبا ياقۇت قەدەھتە مەي تۇتۇپ،
دەر ماڭا دۇنيا تەسەددۇق ئەي زىلالەم، ئەي ئەزىز.
ئۇنىڭ غەزەللىرىدىكى راۋانلىق، پىكىردىكى چوڭقۇرلۇق، تىل ئىشلىتىشىتىكى پاساھەت ۋە بالاغەت ئۇنىڭ ياڭراق ئاۋازى بىلەن بىرلىشىپ، بىزنى ئۇنىڭ شېئىر دۇنياسىغا باشلاپ كىردى. بىز غەزەللەر بەھرىدە تاتلىق تۇيغۇلارغا چۆمۈلدۇق. قىسقىسى بىز ياسىن زىلال ئەپەندىنىڭ دەرىسىدىن ئەمەلىي نەپكە ئىرىشتۇق. ئىچىمىزدە ئۆزىمىزنىڭ شۇنداق بىر يۇرۇتلىقىمىزنىڭ بولغانلىقىدىن پەخىرلەندۇك. ئىچ ئىچىمىزدە:«ياشاپ كەت شائىر، كىلاسسكلارنىڭ ئىزىدىن چاپچىغان قەلىمىڭ روھلارنى تېخمۇ زىل-زىلىگە سالغاي!» دېگەن سادا ياڭراتتى.
   29-چىسلا، شەنبە سەھەر. ئالتۇن قۇياش يازغۇچىلارنىڭ قۇرۇسى ئۈچۈنلا كۆتۈرىلگەندەك ئۇنىڭ ئىچىنى تال-تال نۇرلار بىلەن لىققىدە تۇلدۇرۋەتكەن ئىدى. بىز بۈگۈن چۈشكىچە ئۆزىمىز سۆھبەت ئېلىپ بارماقچى ئىدۇق. شۇڭا قارقاش ناھىيلىك يازغۇچىلار جەمىئىتىنىڭ رەئىسى تۇرسۇنباقى                                                                         يېتەكچىلىك قىلدى. يازغۇچى ئايمۇھەممەت ساھىبى ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت ئەمىلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پروزا ئەسەرلىرىدە خاراكتېرنى قانداق يارىتىش مەسىلىسىدە ئەمەلىي مىساللار بىلەن كونكرىت توختالدى.بىزنىڭ تەلىپىمىزگە ئاساسەن يازغۇچى تۇردى ئەخمەت«كېرىم بۇدۇشقاق»، «توختى يوقلام» ھېكايىسىنىڭ قانداق يېزىلغانلىقىنى تۇرمۇش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۇرۈپ سۆزلەپ  بەردى. ئۇنىڭدىن كىيىن پىشقان ئاخباراتچى توختىمەمەت نۇرمۇھەممەت يېزىقچىلىقتىكى پاكىزلىق، ئەستايىدىللىق ۋە يازغۇچىلاردىكى ئۆم-ئىناقلىق ھەققىدە ناھايىتى تەسىرلىك، قىززىقارلىق سۆزلەپ، ھەممىمىزنى قايىل قىلدى. بۇلۇپمۇ ئۇنىڭ:« بىتارەت دەسسىسە زېمىن چىقىرايدۇ»، «ئىككى ئىت تالاشسا ئاغزى-بۇرنى چۇپۇر بولۇر»، «بىر يىل بولغان گۈلقەنىت ئاشقازانغا پايدا قىلسا، ئۈچ يىل بولغان گۈلقەنىت پەسلەپ كەتكەن مىجەزگە پايدا قىلىدۇ» دېگەن ھېكمەت خاراكتىرلىك سۆزلىرى ئۇنىڭ ئىپادىلىمەكچى بولغان ئىددىيىنى تېخىمۇ يۇرۇتۇپ روھىمىزنى ئويغاتتى.
سۆھبەتتىن كېيىن ئىختىيارى چاقچاق، شېئىر ئوقۇش بولدى. ئارىمىزدا ئوبۇلخەيرى ئىسىملىك بىر شائىر بۇلۇپ، ئۇ دۇتتار، تەمبۇر چېلىشقا ۋە ناخشا ئېيتىشقا ماھىر ئىدى. ئۇ زىرىككەن بولسا كېرەك:
-ئەگەر دۇتتار، تەمبۇر بولغان بولسا بىرەردەم مۇڭ قىلغان بولساق-ھە؟!-دېۋىدى، چاقچاقچى ئەخمەتجان ئابدۇللا:
دۇتتار، تەمبۇر بولمىسا،
شېئىر، قۇشاق ئوقۇساق.
نەخ بولمىسا يانجۇقتا،
مۇشۇ جايدا توقۇساق.
دەپ بىردەم ئەسەر ئوقۇش تەكلىپىنى بەردى. ئاۋال ياش بالىلار شائىرى ياسىن ئابدىقادىر يېقىندىلا «مىللەتلەر نەشىرياتى» تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «رەسسام چاشقان» دېگەن كىتابىدىن «كارتون كۆرۈش» دېگەن شېئىرنى ئوقۇدى.
قىزىم بىلەن ئىككىمىز،
كارتون كۆردۇق بېرىلىپ.
ئانىسىنىڭ ئالدىدا،
بۆجەن ماڭار كېرىلىپ.
«-دادا بۆجەن ئېلىپ بەر،
تېلىۋېزور ئىچىدىن.
يا كىرەيلى ئىچىگە،
ئۇ قورقىدۇ كېچىدىن.»
دەل شۇ پەيتتە بۆجەننى،
يىمەك بولدى بىر يولۋاس.
قىزىم دېدى:«بۆجەننى
يەۋەتمىسۇن ئۇ ئىپلاس».
كۈلدۇم، لېكىن سۈيۈندىم،
كەتسە قىزىم چىرقىراپ.
يۆتكىۋەتتىم قانالنى،
ئۇ بۆجەننى بەك ئاسراپ.
بىز شېئىردىكى تەسەۋۇردىن، بالىلارغا خاس تۇيغۇدىن خۇددى بالىلىقىمىزغا قايتىشقاندەك بۇلۇشتۇق. ئۇلار شېئىر ئوقۇش نۆۋىتىنى ماڭا بەردى.مەن «ھاياتلىق قاش بىلەن كىرپىك ئارىسى» دېگەن شېئىرنى يۇقىرى ئاۋازدا دېكلاماتسىيە قىلدىم.
ھاياتلىق قاش بىلەن كىرپىك ئارىسى

قۇرىماس دەرەخ يوق، ئۈزۈلمەس ئېقىن،
ئۆلۈمگە ھېچ ئىنسان قىلالماس ئامال.
ھاياتلىق قاش بىلەن كىرپىك ئارىسى،
ياشايلى دۇنيادا مەردانە، ھالال.

كۈنلەردىن باشلىنار شادلىق ۋە ئازاپ،
دېڭىزدىن كېلىدۇ شاۋقۇنلۇق ئاۋاز.
قالغاچلار يامغۇردىن بەرسە بىشارەت،
سۈبھىنىڭ شەپىسنى بىلدۈرەر خوراز.
چاپمىسا كەتمەننى دات باسار تامام،
بىلىسە پىچاقنى شۇنچە پاقىرار.
ھىدىغان تۇخۇمدىن چىقمايدۇ چۈجە،
بىرتال گۈل ئېچىلسا بولمايدۇ باھار.
چاشقاننىڭ كۈنىدە يوقتۇر خۇشاللىق،
قاينىغان قازانغا قونمايدۇ چىۋىن.
ھېكمەتكە تۇيۇنسا باسقان قەدىمىڭ،
باغرىنى ئانىدەك ئاچىدۇ زېمىن.
كەل دوستۇم، قۇياشقا تىۋىنايلى بىز،
مۇھاببەت، مېھنەتتىن سۆيىنسۇن دىللار.
ئەل ئۈچۈن تەر تۆكسەك قالار نامىمىز،
قاقىردەك سەپ تۈزۈپ ئۆتسىمۇ يىللار.
بىزنىڭ ئاۋازىمىز چۈشلۈك تاماق ۋاقتىنى باشلاپ كەلدى. بىز ئۆزىمىز ئەتكەن لەغمەن بىلەن قورساقنى توقلىۋالدۇق-تە، قار تېيىلىش مەيدانىنى كۆرۈش ئىستىكىدە بىر قوشۇن ئەسكەردەك پىيادە يول يۈرۈپ كەتتۇق. بۇ چاغدا قۇياش نەيزە بۇيى ئۆرلىگەن، ئۇنىڭ ھارارىتى ئوت پۈركۈيتتى. لېكىن تاغ تەرەپتىن ئەسكەن سۇغۇق شامال گويا يوغان يەلپۈگۈچتەك ئوت ئىچىدە قالغان تەبىئەت ئانىسىنى توختىماي يەلپۈيتتى. بىز ئوت بىلەن شامال ئارىسىدا ئالغا ماڭاتتۇق. قار تېيىلىش مەيدانىغا بارىدىغان سىم تاناپتەك تۈز ئاسفالىت يولنىڭ سول تەرىپىدە غۇچچىدە قارغايلار بىلەن قاپلانغان تاغ، ئۇنىڭ يان باغرىدىكى ياپ-يېشىل ئوتلاق:« گۈزەللىكىمنى كۆر دۇنيا» دېگەندەك ئۆزىنى نامايەن قىلىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ قۇچىقىدا قوي، كالا، ئات-يىلقىلار غەمسىز يايلاۋاتقان بولۇپ، يىراقتىن قارىغان كىشىگە گويا ئۇستا سەنئەتكارنىڭ قولىدىن چىققان دىكراتسىيەدەك تۇيغۇ بىرەتتى. يولنىڭ ئوڭ تەرىپىگە قارىسىڭىز يىراقتىن كۆرىنىۋاتقان ئۈستى قىزىل،تاملىرى سېرىق كەتكەن قاتار-قاتار رەتلىك ئۆيلەر سىزگە ھەقىقەتەن يېڭى، زامانىۋى مەھەللىنى نامايەن قىلىدۇ. يول بىلەن بىنا ئارلىقىدىكى بوشلۇق گويا گۈل-گىياھ ئارىلىدەك كۆزگە تاشلىنىپ، تەبىئەتنىڭ ھەقىقىي گۈزەللىكىنى سىزگە نامايەن قىلىپ كۆرسىتىدۇ. ئۇ شۇنداق قارىغان كىشىگە گويا توزنىڭ قانىتىنى كەرىگەندىكى ئۇزلىقىنى نامايەن قىلىدۇ. بۇلۇپمۇ ئېتىزلىقتىكى ھەرخىل رەڭدە ئېچىلغان گۈللەر سىزنى گۈزەل مايبۇياق رەسىم دۇنياسىغا كىرىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرىدۇ. يولىنىڭ ئىككى قاسقىنىدىكى قىزغۇچ ياپراقلىق دەرەخلەر بالىلاردەك ئوماققىنىە كۈلگىنىدە، سىز بەئەينى يىراقتا قالغان بالىلىرىڭىزنى كۆرگەندەك بۇلۇپ، ئۇنىڭ خۇش ھىدىنى تويماي ھىدلايسىز. بىز يول بويىدىكى گۈزەل مەنزىرلەردىن كۆز ئۇزمەي، داۋاملىق ماڭدۇق. ئارلىقتا ھەر خىل شەكىل،  تۇرقتا رەسىمگە چۈشۈشتۇق. كۈلكە، چاقچاق قىلىشتۇق. يولنىڭ يېرىمى قالغاندا، چوڭلارنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاسغالىت يول بىلەن ماڭماي، ئېقىن بۇيىدىكى چېغىر يولنى بويلاپ ماڭدۇق. بۇ ئارىلىق ئاساسەن بۇغدايزارلىق بولۇپ، ئۇنىڭ ئالدىرغانلىرى باش چىقىرىشقا باشلىغاندى. ئۇ شۇقەدەر يېشل ئىدىكى، گويا كىچىك بالا ئاپئاق قەغەزنى يېشىل بوياق بىلەن تۇلۇق بويغاندەك كۈرنەتتى. چېقىن ئىچىدىكى ئېرىق سۇسىز بۇلۇپ، تالجىققان مومايدەك ھالسىراتتى. ئۇنىڭ قىرلىرىدا ئۆسكەن بۈككىدە چىغانلىق ساپ-سېرىق ئېچىلغان بۇلۇپ،بەئەينى بېشىغا كاۋا چېچىكى رەڭلىك ياغلىق ئارتىۋالغان بىر توپ قىزلارغىلا ئوخشايتتى. يول قىرلىرىدا ئېچىلغان ياۋا خوخا، چاققاق گۈلى، چىغىرتماق گۈلى دېگەندەك گۈللەر ئارلاپ، ئارلاپ ئۇچرايتتى. بىر چاغدا پىشقەدەم يازغۇچى مەمتىمىن قۇربان پاكار كەلگەن، قېنىق كۆك رەڭدە ئېچىلغان بىر توپ گۈلنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ:
-مانا بۇ يالپۇز،-دەپ كۆرسەتتى. بىز بىر قانچىمىز يالپۇز ھەققىدىكى قۇشاقنى ۋە يالپۇز ھەققىدىكى قىزىقارلىق ئەپسانە، رىۋايەتلەرنى كۆپ ئاڭلىغان بولساقمۇ، ئۇنى كۆرۈپ باقمىغاچقا، ئۇنىڭدىن كۆزىمىزنى ئۈزەلمەيلا قالدۇق.
يول داۋام قىلماقتا. ئالدىمىزدا گۈزەل يايلاق، تۆپىلىكتە ياپ-يېشىل قارغايزارلىق. بۈگۈن ساياھەتچىلەر خېلى كۆپ بۇلۇپ، بىر قىسىملىرى تاغقا يامىشىۋاتقان، بىر قىسىملىرى ھەسەلگە ياماشقان قارا چۈمۈلىلەردەك غۇژمەك-غۇژمەك بۇلۇشۇپ، قىزغىن پاراڭغا چۈشۈشكەن، بىر قىسىملىرى ئوڭدىسىغىلا يېتىشىپ گويا غەمسىز بوۋاقتەك ئۇخلاۋاتقان ئىدى. لېكىن بۇ يەردىكى ئەڭ قىززىغىنى ساياھەتچىلەرنىڭ قازاق ئاتلىرىنى ۋەتەن ئۇرشىغا ماڭغان ئەسكەرلەردەك چاپتۇرۇشلىرى ئىدى. تاغنىڭ سەل پەس تەرىپىدە تىك ئۇچار ئايرۇپىلان ۋە ئۇچۇش مەيدانى بۇلۇپ، پات-پات گۈر،گۈر قىلغان ئاۋاز بىلەن كىچىككىنە ئايروپىلان ساياھەتچىلەرنىڭ باش ئۈستىدە گويا تۇيۇقسىز پەيدا بولغان قارا قاغىدەك پەيدا بۇلاتتى. يەنە بىر دەمدىلا كۆزدىن غايىپ بۇلاتتى. قىسقىسى تاغ ھاۋاسى، ساياھەتچىلەرنىڭ ئەركىن پائالىيەتلىرى ئادەمگە بىرخىل يىنىك، راھەت تۇيغۇ بېغىشلايتتى. لېكىن ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرغان بىر ئىش شۇكى، ساياھەت ئورنىغا بىرەر ماشىنا ئادەم كەلگەن ھامان قازاق چارۋىچىلار خېرىدار تالىشىپ، ماشىنىنى ئورىۋېلىشاتتى. ئارقىسىدىن خۇددى ئىگىسىنىڭ قۇلىدىكى سۈڭەكنى كۆرۈپ، كەينىدىن يۈگۈرۈشكەن ئىتتەك چېپىشلىرى مېنى غۇرۇر، ئۆملۈك، ئىتتىپاقلىق ھەققىدە ئويلاندۇرۇپ قويدى.
-ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ غۇرۇرۇنى يەرگە ئۇرغۇچە، ئېتىنى نۆۋەت بىلەن تۇتۇپ، كۆڭلى توق يۈرگەن يۈرگەن بولسا، ئات مىنگۈسى بارلار ئۇلارنىڭ ئالدىغا باراتتى-ئەمەسمۇ؟-دېدى يېنىمدا ئۇلارنىڭ ئىشلىرىدىن نارازى بۇلۇپ تۇرغان يازغۇچى ئايمۇھەممەت ساھىبى.
-ئۇلاردا ھەمكارلىق كامدەك قىلىدۇ. كىشىلەر شەخسىيەتچى، ئاچكۆز بۇلۇپ كەتكەندە، ئىتنىڭ پوقىمۇ ئالتۇن كۆرنەرمىش،-دېدىم مەنمۇ جاۋابەن.
پەننى ئۇمۇملاشتۇرۇش يازغۇچىسى روزى ياسىن مۇئەللىم:«يۇقىرىغا قاراپ پىكىر قىل،تۆۋەنگە قاراپ شۈكۈر قىل» دەپتىكەن. ئىنسان ئۆز روزىغارىنى بەخىتلىك قىلىش ئۈچۈن تىرىشىشى لازىم. ئەمما غورورنى پايخان قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. خۇددى تاھىر تالىپ:« غۇرۇروم پايخان بولسا ماڭا ماتەم» دېگەندەك. يەنە بىر تەرەپتىن شۈكر-قانائەتنىمۇ بىلىش كېرەك.
بىز بەرىبىر ئارام ئالىدىغان بولغاچقا، سىلەرگە بىر ھېكايەت دەپ بېرەي،-دەپ، سوزنى باشلىدى تەقىقاتچى مەتتۇرسۇن سىدىق.
مەشرىقتە غەزىنىگە ئۇچرىغان كىشىنىڭ ھېكايىسى
ئېھتىياجسىز تەمە قىلما كۆپ نېمەت،
بەكمۇ تېز كەلتۈرەر ئەلەم-پالاكەت.
                                  -ئوبۇلقاسىم فىردەۋسى
بىر كىشى مەشرىقتە ھېسابسىز غەزىنىگە يولۇقتى. غەزىنىنىڭ ئىشىكىگە مۇنداق سۆزلەر يېزىلغان ئىدى:«كىمىكى بۇ غەزىنىنى تاپسا، مەغرىپ دىيارىغا بارسۇن، ئۇ يەرنىڭ پالانى جايىدا بۇنىڭدىنمۇ زور غەزىنە بار. سەپەر ئازابىدىن قورۇقمايدىغان كىشى بۇ غەزىنىگە ئېرىشكۈسى». بۇنى ئوقۇغان ھېلىقى تەمەخور، خام خىيال كىشى:«ھەر ئىككىسىگە ئىگە بولمايمەنمۇ؟»دېگەن ئوي بىلەن مەغرىپكە سەپەر قىلىپتۇ. نەچچە يىل تاغ-دەريا، چۆل-جەزىرلەرنى كېزىپ، يۈزمىڭ بالادا مەغرىپكە يېتىپ كەلدى. ئىزدەپ ھېلىقى يەردىنى تاپقام مەھەلدە، ئۇنىڭ بېشىغا ئەجەل قۇشى كېلىپ قوندى. شۇنداق قىلىپ ئۇ ھەر ئىككىلا غەزىنىدىن ئايرىلغانننىڭ ئۈستىگە، جاپا-مۇشەققەت ئىچىدە ئۆز جېنىدىنمۇ قۇرۇق قالدى.
نەزمە
بىلگىنكى ئاچكۆزنىڭ نىيەتى ئالا،
بۇ نىيەت كەلتۈرەر بېشىغا بالا.
تۇپراقتا تۇلىدۇ ئاچكۆزنىڭ كۆزى،
ئىشەنگىن بۇ ئەزەل دانانىڭ سۆزى.
ساقىي، تۇت بىر قەدەھ، يېتەر شۇ ماڭا،
ياندۇرۇپ قول سوزسام بولاي يۈز قارا.
-ھۈسەينى
ئىككى سائەتلىك يولنىڭ ھاردۇقىمۇ ئانچە-مۇنچە چىققان ئىدى. قارغايلىقنىڭ ئارىسىغا كىرىپ باقايلى دېيىشىپ، تاققا ياماشتۇق. بىر نەچچەيلەن ھېرىپ چۇشۇپ قالدى. ئاخىرى تۇرسۇنباقى رەئىس، ئايمۇھەممەت ساھىبى، مەن، ئەخمەتجان ئابدۇللا، ياسىن ئابدىقادىر، نۇرمۇھەمەت تۇردەخمەتلەر تاغنىڭ چوققۇسىغا چىقتۇق ۋە بار ئاۋازدا: « ئەي ئانا تاغ، جەنۇپ چۆللىكىدىن كەلگەن يىگىتلەرگە باغرىڭنى ئاچ، ئۇلارنى يات كۆرمە!» دەپ توۋلىدۇق. تاغ ئەكس سادا قايتۇردى. لاچىنلار تاغنى بىزدىن قىزغانغاندەك ئۈستىمىزدا ئەلەڭ، سەلەڭ ئۇچۇشۇپ، چۇرقىرشاتتى. بىز غەرىپكە قىيسايغان قۇياشقا قاراپ، پەسكە چۇشتۇق. ھەممەيلەننىڭ چىرايىدا ھارغىنلىق  بولسىمۇ، كۆزلىرىدە شادلىق نۇرلىرى جىلۋىلىنەتتى.
ماشىنا بىلەن كىرىپ كېتەيلى!،-دېدى تۇرسۇنباقى رەئىس كۆپچىلىككە قاراپ. بۇ گەپ ھەممەيلەنگە ياغدەك ياقتى.
-مېنىڭ يۈگىرىپ كىرىپ كېتىش ئويۇم بار،-دېدىم ئۇلارغا قاراپ.
-ئارلىق ئون كېلومىتىرغا يېقىن كەلگۈدەك. تەس بولارمىكىن،-دېدى رەئىس كۆينىىش تەلەپپۇزدا
-ئىشەنچىم بار. سىلەر مېڭىۋىرىڭلار. مەن كەتتىم،-دېدىم –دە، كىرىشتىن چىققان ئوقيادەك ئۇچتۇم.
كەچ، گۇگۇم قارا لىباسنى يېيىشقا باشلىغان چاغ. ھەممىمىز يۆلەنچۈك ئورۇندۇقتا ئارام ئالغاچ ئولتۇرشاتتۇق.
-ئەسالامۇ ئەلەيكۇم،-دېگەن ئاۋاز بىلەن تۇرالغۇسىزغا شائىر ئابلىمىت ئەمىن، ئېزىز ئاتاۋللا سارتېكىن، روزىمەمەت مۇتەللىپ، نۇرمۇھەممەت ئۇچقۇنلار كىرىپ كېلىشتى. ئۇلارنىڭ قولىدا يىمەك، ئىچمەك بار بولۇپ، بىزدىن ھال سوراپ چىققانىكەن. بىز بىردەمدىلا ئۇلار ئەكەلگەن گۆشكىردە، كۆمەش، سامسا، شاپتۇل، لەڭپۇڭلارنى ئۈستەلگە چىرايلىق تىزىشتۇق. ئۆزىمىزدە بار بولغان قوغۇن-تاۋۇزلارنى پىچتۇق. داستىخان بىردەمدىلا موللىشىپ كەتتى.
-قارىقاشلىقنى گۆشكىردە، كۆمەشكە ئامراق دەپ بىلگەچكە شۇلارنى ئالدىم. ئاددىي بولسىمۇ ئېغىز تېگىڭلار،- دەپ تاماققا تەكلىپ قىلدى ئابلىمىت ئەمىن.
-ھېلىمۇ ئاۋارە قىلىپتۇق، ئەمدى بۇ بىزنىڭ بولدى. بىرگە باقايلى! قېنى مەرھەممەت!- دېدى ئايمۇھەممەت ساھىبى مېھمانلارغا قاراپ. ھەممىمىز يېمەك، ئىچمەككە قول ئۇزاتىشتۇق. تاماق جەريانىدا گوشكىردە ۋە ئۇنىڭ پەيدا بولۇش رىۋايىتى تىلغا ئېلىندى. سۆز نۆۋىتى ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتىكىنغا كەلگەندە:«يازغۇچى، شائىرلار ھەممىگە چېتىۋالماي، بىرەر نوقتىنى چىڭ تۇتسا، ئىجادىيەتتە ئۈنۈم قازىنالايدۇ» دېگەن نۇقتىنى چۆرىدەپ پىكىر قىلدى ۋە خالىدە ئىسرائىلنى مىسال ئالدى.«كەچمىش» روماننىڭ نەشىر قىلىنىش ئەھۋالىنى سۆلەپ بەردى. ئاخىرىدا:«يۇقىرى پەللە رومان يېزىش ياكى كىتاپ چىقىرىش ئەمەس، بەلكى ئىنساننىڭ روھىنى يېزىپ، ئۇلارنى تەسىرلەندۈرۈش» دېگەن پىكىرنى تەكىتلىدى.
ئارىدا ئابلىمىت ئەمىتنىڭ«ھايات تەلقىنلىرى» ناملىق رۇبائىيلار توپىلىمى ھەققىدە پىكىر بولۇندى. ئۇنى رۇبائىي ئوقۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدۇق. ئۇ:
يۇرت، ئەلگە بۇ جاندىن كەچكۈدەك ئەرمەن،
مېنى خەس دېسەڭمۇ ئۆزۈمگە زەرمەن.
ئىنسانغا تىۋىنىش نە شەرەپ ماڭا،
بېشىمغا نېمە كۈن كەلسە كۆرەرمەن.

بۇ جاھان قانچە ئۇز، قانچە مېھرىبان،
ئۇ ھەر بىر جانلىققا ئىللىق جاي، ماكان.
جاھاندىن رەجىشكە نە بىر ھەققىمىز بار؟
بىرلا گەپ ھەممىدىن ئۆزىمىز يامان.
دېگەن رۇبائىيسىنى پۈتۈن ھىسسىياتى ئوقۇپ، ھەممىمىزگە ئىستېتىك زوق ئاتا قىلدى. ئاخىرىدا نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇننى سۆزگە تەكلىپ بەردۇق. ئۇ ئالدى بىلەن خەنزۇ ئەدىبىياتى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەنقىدچىلىگىدىكى پەرقنى مىسال بىلەن سۆزلەپ بەدى. ئاخىرىدا:«يازغۇچىدا مول ماتىرىيال مەنبەسى، زور دەرىجىدىكى جۇغلانما بولمىسا، ياخشى ئەسەر چىقمايدۇ. قاراقاشتىكى قەلەمكەشلەر ئۆز ئەۋزەللىكىمىزنى ساقلاپ قالغان ھالدا توختاۋىسىز ئۆگىنىشمۇ كېىرەك. بىر ئۆمۈر ئەسەر يېزىپ قاراقاشتىن ھالقىيالمىساق بۇ تولىمۇ ئەپسۇسلۇق ئىش بولىدۇ» دېگەن پىكىر يۆلنىشدە قايىل قىلارلىق سۆزلەپ، ھەممىمىزنى خىياللار قاينىمىغا تاشلاپ قويدى.
30-چىسلا سەھەردىلا ئەيبۇ ياقۇپ ئاتاقلىق يازغۇچىمىز مەمتىمىن ھوشورنى باشلاپ چىقتى. بىز ئۇنىڭ بىلەن كونا تونۇشلاردەك قىزغىن كۆرۈشتۇق ۋە قورو ئالدىدا ئوپچە رەسىمگە چۈشتۇق.
ئۇ تولىمۇ سالماق، ئېغىر بېسىق ئىدى. بىزگە«سالچىلار» روماننىڭ يېزىلىش جەريانىنى ۋە ئۆزىنىڭ يېزىش ھەققىدىكى قاراشلىرىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرنى يىغىنچاقلاپ:«يازغۇچى كۆپ نەرسىنى بىلىش كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن بىرىنچى، تۇرمۇشنى ئۆگىنىش لازىم. بۇ كەڭ دائىردىكى ئوقۇم بولۇپ، بىر ئادەممىنىڭ غەلىتە خىياللىرىمۇ تۇرمۇش بولىدۇ. ئىككىنجى، كىتاپ ئوقۇپ ئۆگىنىش لازىم، بۇنىڭدا ياخشى ئەسەرنى قايتا-قايتا ئوقۇش كېرەك. ئۈچىنچى، يېزىپ ئۆگىنىش كېرەك. بۇ ئۈچى بىرلەشكەندىلا يازغۇچى تەمتىرەپ قالمايدۇ. قىسقىسى، ئاپتۇر ئەسەرنىڭ بىرىنىجى جۈملىنى يېزىۋاتقاندا 2-جۈملىگە ھامىلدار بولمىسا، ئىسىل ئەسەر چىقمايدۇ»دېگەن پىكىرنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ تاماققىمۇ قارىماي، كىرىپ كەتتى. بىز ئۇنىڭ سۆزىنىڭ تەمسىدىن لەززەتلىنىپ تۇرىۋاتقاندا، ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن ئەل سۆيگەن يازغۇچى جالالىدىن بەھرامنى باشلاپ كەلدى. ئەسلى بۇ يازغۇچىمىزنىڭ ئايالى دوختۇرخانىدا كۆز ئوپراتسىيسى قىلغانىكەن. ئۇ بىزنى دەپ ئايالىنى قىزنىڭ قارىشىغا تاشلاپ قويۇپتۇ. جالالىدىن بەھرام ئاكا ناھىيتى ئۇستا ھېكايىچى ئادەم بولغاچقا، تەبىئى ھالدا سۆزگە چۈشۈپ كەتتى. ئۇ ھېكايىدىكى ھەر بىر ۋەقەنى شۇنداق راۋان، شۇنداق تەسىرلىك بايان قىلىپ، ھەممىمىزنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۋەتتى. قارىسام بۇ ئادەمنىڭ پۈتكۈل ۋۇجۇدىدىن ئەدەبىياتنىڭ ئوتلۇق ھىدى گۈپۈلدەپ تۇراتتى. ئۇ بىزگە خوتەندىكى تۇرمۇشىنى ۋە بۇ ئاساستا يېزىپ چىققان«لېيىغان بولاق» رومانى شۇنداقلا يېڭىدىن يازغان ۋە يېزىۋاتقان رومانلىرى ھەققىدە كەڭ كۈشەدە ئېچىلىپ، يېيىلىپ سۆزلەپ بەردى. ئۇنىڭ ھەر بىر سۆزى ھەم تەسىرلىك ھەم كۈلكىلىك بۇلۇپ، ئادەمنى ھەم ئويلاندۇراتتى ھەم شاتلاندۇراتتى. ئۇ ئاخىرى سۆزنى خۇلاسىلەپ مۇنداق دېدى:« يازغۇچىدا ئولغىما مىخ (بۇرما مىخ) روھى بۇلىشى كېرەك. ئەسەر يازغاندا زورمۇ-زور يازماسلىق، ئەسەر ئېلان قىلدۇرۇش ئۈچۈنلا يازماسلىق لازىم. ئەسەردە ياسالمىلىقتىن ساقلىنىش، ئىچكى دۇنيانى بېزەش، پىرسۇناژنىڭ ئادەم ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەسەر يازغاندا زىددىيەتلىك خاراكتىرنىڭ بىللە مەۋجۇتلىقىنى يېزىش، يەنى بىرى يېتەلمىگەن ئارزۇسىنى يېزىش لازىم. بىز مۇشۇ روھ بۇيىچە ئەسەر يازغاندا تىل ئۆتكۈلىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىمىز لازىم. چۈنكى، ئەدەبىيات تىلى باشقا تىل، ئەدەبىياتقا جان كىرگۈزىدىغىنى تىل. شۇڭا يازغۇچى كۆپ ئۆگىنىش، كۆپ مەشىق قىلىش لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن: 1)تىل كۈچى كۈچلۈك بولىشى، 2) تەسەۋۋۇر كۈچى مول بۇلۇشى، 3) بەدئىي دىت قاتلاملىرى مول بۇلۇشى، 4) يازغان تېمىغا چوڭقۇر مۇھەببىتى ۋە ھاياجان بۇلۇش كېرەك». بىز جالالىدىن بەھرام ئاكىنىڭ ھەر بىر سۆزىدىن گويا گۆھەر تېپىۋالغاندەك ھاياجانلاندۇق. چۈنكى، ئۇنىڭ قىززىقارلىق ھېكايىلىرى ئارىسىدا:«بالىلىق كەچمىشى بولمىغان يازغۇچى ھەقىقىي يازغۇچى بولالمايدۇ»، «بېشىغا بىرەر كۈلپەت كەلگەندە بىرەر ئىشنى بىرىلىپ قىلسا كۈلپەت كۈتىرلىدۇ»... دېگەندەك قىممەتلىك دۇردانىلەر ئۇچراپ تۇراتتى.
بىز بۈگۈن ھاياجاندا ئىدۇق. چۈنكى، كەچ بۇلىشىغا قارىماي « تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، يازغۇچى، شائىر، كىچىك پېئىل دوستىمىز پولات ھېزىۋېىللا كەلگەنىدى. ئۇ بىز بىلەن كۈرۈشۈپ بولغاندىن كىيىن:
-ئەسلى نۆۋېتىم ئەتە ئىدى، قارىسام چىقالمايدىغاندەك تۇرىمەن، كەچ بولسىمۇ چىقتىم- دېدى،- كۈلۈپ تۇرۇپ.
  -بەك ياخشى بۇلۇپتۇ، بۈگۈن «توي ئۈستىگە توي» دېگەندەك ئۇنتۇلغۇسىز ئۈچرىشىش بولدى،- دېدى ئايمۇھەممەت جاۋابەن.
ئۇ بىزنى ھېتىرقىمىسۇن دېدىمۇ قانداق گەپنى ھە دېسىلا چاقچاققا بوراپ، بىردەمدىلا ھەممىمىزدە ئازادە كەيپىيات ياراتتى. بىز ئۆز ئادەمدەك بۇلۇپ كەتتۇق. ئۇ ئاۋال « تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى ۋە مۇھەررىرلارنىڭ تەربىيلىنىشى، ئاپتور بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىزنىڭ سورىغان ھەر خىل سوئاللىرىمىزغا جاۋاپ بەردى. يېزىقچىلىق ھەققىدە توختۇلۇپ:« يازغۇچىغا نىسبەتەن خاسلىق بەكلا مۇھىم، ئەسەر يازغاندا ئاپتورلار ئۆزىگە تونۇش تۇرمۇشنى يېزىش لازىم. ئەگەر بىز يازىمىزلا دەيدىكەنمىز، جانلىق پىرسوناژ، پروتىپلار ئەتراپىمىزدىلا بار. بۇنى ۋايىغا يەتكۈزۈشتە قېرىنداش مىللەتلەر ئەدەبىياتى جۈملىدىن چەتئەل ئەدەبىياتىنىمۇ ياخشى ئۆگىنىش كېرەك. ئەگەر ياخشى يازالمىساق ئوقۇرمەنلىرىمىزنى تارتقۇزۇپ قويىمىز. قىسقىسى، قەلەم تۇتقانلار  ئويغانمىساق بولمايدۇ» دېدى. كېيىن بىرەر سائەتتەك ئىختىيارى پاراڭ بولدى، ئۇ بىر ئامال قىلىپ كەيپىياتنى ياخشىلاپ بىزنى ئاۋۇندۇرۇشقا تىرىشاتتى. ئۇنىڭ ھەر بىر سۆزىدىن، كۈلۈپ تۇرغان چېھرىدىن ئاقكۆڭۈللۈك نۇرلىرى پارلاپ تۇراتتى. ئۇ تۈن قاراڭغۇسىدا كىرىپ كەتتى. بىز بۈگۈنكى ھاياجان ھېسسىياتلىرىمىزنى خېلىغىچە دېيىشىپ يېتىپ قالدۇق.
خەيرخوش، ئىسسىق ئوۋا
7-ئاينىڭ 1-كۈنى تاڭ قۇياشى يەنىلا تويى بولغان يىگىتتەك كۈلۈپ چىقتى. بىز مەشۈقىدىن ئايرىلغۇسى كەلمىگەن ئاشىقلاردەك كۆزلىرىمىز قىيمىغان ھالدا بىزگە تاماق ئېتىپ بىرىشكە ياردەملەشكەن قازاق قىزى بىلەن خوشلىشىپ ئۈرۈمچىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق. گەرچە بۇ تۇرالغۇدىن بىر يۈدە خۇشاللىقنى ئېلىپ ماڭغان بولساقمۇ، لېكىن نېمىشقىدۇر قەرىزدارلىق تۇيغۇسىدا قالدۇق. چۈنكى، بۈگۈن دىلمۇرات تەلئەتنىڭ قىزىنىڭ تويى مۇناسىۋېتى بىلەن ئەيبۇ ياقۇپ تورالغۇغا چىقالمىدى. نەتىجىدە ئۇنىڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ خوشلىشالمىدۇق. چىن كۆڭلىمىزدىن رەخمىتىمىزنى ئېيتالمىدۇق.
ماشىنا ئىككى يېقى دەل-دەرخلەر بىلەن قاپلانغان ئاسفالىت يولدا ئۇچقاندەك كېتىپ باراتتى. چاقنىڭ يەرگە سۈركەلگەندىن كېيىنكى ۋىش-ۋىش قىلغان ئاۋازى ئۇچۇق تۇرغان دەرىزىدىن كىرىپ تۇراتتى. ئەتراپ تاغ بولغاچقىمىكىن، يارنىڭ تىنىقىدەك يېقىشلىق شامال يۈزلەرنى سىپاپ، يۈرەككە ئاراملىق بېرەتتى.
-ئەركىناخۇن، سىلىدە شېئىرىي ھىسسىيات قوزغالمىدىمۇ قانداق؟ ئەجەپ مۇئەللىمى ئالدىدىكى گۇناھكار بالىدەك جىمىپ كەتتىڭلىغۇ؟-دەپ گەپ تەشتى ئۇبۇل خەيرى  ئىبراھىم.
-قوزغالغان ھىسسسىياتنىڭ ھەممىسىنى سىلىگە ئەۋەتىپ بەرگىلى بولمايدىكەن ئۇبۇلاخۇن. لازىم بولسا بىر شىڭگىل بېرەي،-دېدى ئەركىن چاقچاققا يۆلەپ. بىز كۈلۈشتۇق. ئابتۇۋۇزمۇ كۈلۈپ كەتتى. كۈلكە بېسىققاندىن كېيىن ھەممىمىز ئەركىننىڭ ئېغزىغا دانغا تەلمۈرۋاتقان قۇش بالىللىرىدەك قاراشتۇق. ئۇ:
   جەنۇبىي تاغلىرى ھەيۋەت، بوي-بەستلىرى بۈك قاراغاي،
           ئېكىنزار جىلغىسى ئوت-چۆپ، كارامەت ياپ-يېشىل ھاي-ھاي.
قازاق ئاق ئويلىرى يۇلتۇز، شەھەر بىناسىدەك كۆپتۇر،
زىيارەت ئەيلىدۇق ھەپتە گۈزەل مەنزىرىسىگە قانماي.
دېگەن شېئىرىي تەسىراتىنى ئوقىدى. ئاخىرىدا ھەممىمىز ئالدىنقى كۈنى تۇقۇغان ۋە ئوپچە ئوقۇغان:
خەيىر خوش، جەنۇبىي تاغ، يېشىل ئارال،
خەيىر خوش، يار ھىدىدەك تاتلىق ھاۋا.
خەيىر خوش، دالىدىكى بۇغا-مارال،
خەيىر خوش، بىزگە قان بەرگەن ئىسسىق ئۇۋا.
دېگەن شېئىرنى جانلىق كەيپىياتتا ئوقۇپ، تاققا بولغان ھىسسىياتىمىزنى ئىپادىلىدۇق.   
چۈشكە يىقىن مىھمانخانىغا ئۇرۇنلىشىپ، ئۈرۈمچىدە ئىككى كۈن دەم ئالدۇق. بۇ جەرياندا شىنجاڭ خەلق نەشىرياتىدىن مەتتۇردى مىرزەخمەت، «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى تەھرىراتى، «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىدىن ئەكبەر سالىھ... قاتارلىقلار مول داستىخان راسلاپ، بىزنى قىزغىن كۈتىۋالدى، ئىززەت-ھۆرمەت قىلدى. داستىخاندا ژۇرنالست، ئاتاقلىق شائىر ياسىن زىلال ئەپەندى، «جوڭگۇ مىللەرلىرى» ژورنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، ژورنالىست، يازغۇچى مۇھەممەد سالىھ مەترۇزىلار  بىرگە بولدى.  ياسىن زىلال، مۇھەممەد سالىھ مەترۇزى، ئابلمىت ئەمىنلەر...چىن قەلبىدىن كۈتىۋېلىش ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى. ۋاقىت يار بەرمىگەچكە، ئۇلارغا مىڭلارچە رەخمەت ئېيتىپ، ئۆزرە سورىدۇق. كۆڭلى زادى ئۇنىمىغان مۇھەممەد سالىھ مەترۇزى:« ئۇنداتقا مەن ھەر بىرىڭلارغا ‹جوڭگۇ مىللەتلىرى› ژورنىلىنىڭ كېلەر يىللىق سانىنى تۇلۇق ئەۋەتىپ بېرەي. بۇ مېنىڭ سىلەرگە بولغان داستىخىنىم بولسۇن» دېگەندە ھەممىمىز يەنە بىر قېتىم رەخمەت ئېيتىشتۇق.
خاتىمە
سەپىرىمىز كۆڭۈللۈك ۋە مول نەتىجىلەر بىلەن ئاخىرلاشتى. بىز بۇ جەرياندا ئۇستازلارنىڭ سۆزىدىن نۇرغۇن بىلىملەرگە ئېرىشتۇق. ئۆزىمىزنى دەڭسىدۇق. ئۆگىنىشنىڭ ھەقىقەتەن مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم تۇنۇپ يەتتۇق. ئۇندىن باشقا ئەدەبىياتنىڭ داستىخىننىڭ كەڭلىكىىنى،  دۇنيانىڭ مېھرى-مۇھەببەت، دوسلۇق بىلەن تېخىمۇ نۇرلىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشتۇق. شۇ ۋەجىىدىن بىزنى مۇشۇنداق پۇرسەتكە ئېرىشتۈرگەن ناھىيىلىك پارتىكوم تەشۋىقات بۆلىمىگە، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيتىگە (شۇنداقلا ئەيبۇ ياقۇپقا)، خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ھۇشۇر ئاكىغا، بىزگە دەرىس بەرگەن ئۇستاز يازغۇچىلارغا، ئىززىتىمىزنى قىلغان دوستلارغا چىن كۆڭلىمىزدىن مىڭلارچە تەشەككۈر ئېيىتتۇق. ئۇلارنى غايىۋانە قۇچاقلىدۇق. بىزگە باشتىن- ئاخىر تاماق ئېتىپ، ئانىمىزنىڭ ئورنىدا كۆيىنگەن دوستىمىز قەييۇم ئىسمايىلغىمۇ مىننەددارلىق ھىسسىياتىمىزنى ئىپادىلىدۇك.
مەرھابا ئۇستازلار، مەرھابا دوستلار، سىلەرگىمۇ باغرىمىز ئۇچۇق. قانچانلا كەلساڭلار ئىسسىق يۈرىكىمىز بىلەن ئالدىڭلارغا چىقىمىز. چۈنكى، ھەممىمىزنىڭ يۈرىكىدە ئوت بار. چۈنكى، ھەممىمىزنىڭ يۈرىكىدە بىر ئارمان بار. ئۇ بىزنى مەڭگۈ تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ.
مەنبە: «قاراقاش مەدەنىيىتى»

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-8 01:11:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ خاتىرە ئەسلى يازغىنىم ئىدى. «قاراقاش مەدەنىيتى»دە قىسمەن ئۆزگەرتىلىپ ۋە قىسقارتىلىپ ئېلان قىلىنغان. كېيىن دولقۇن ھۇشۇر ئاكا بىلەن  يازغۇچى تۇرسۇنجان مۇھەممەدنىڭ قوللىشى بىلەن «يېڭى قاشتېشى» ژورنىلىدا قىسقارتىپ (بەت چەكلىمىلىكى تۈپەيلىدىن) ئېلان قىلىنغان. مەن بۇ يىغىلىش داۋامىدا بىزنى ھەر جەھەتتىن قوللىغان ۋە دوسلۇق قۇلىنى سۇنغان قەلبى ئوت كىشىلەرگە بولغان مىننەددارلىقمنى ئىپادىلەش ۋە قاراقاشتىكى كەلەمكەشلەرگە ئەستىلىك بولۇپ قالار نىيەتتە يېزىپ چىققان. تورداشلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىمگە پايدىسى بولىشى ئۇچۇن قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بېرىشىنى سەمىمىلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمەن!

ۋاقتى: 2014-1-8 02:24:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېلھاملىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي

ۋاقتى: 2014-1-8 10:30:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەر مۇئەللىمنىڭ قەدىمىگە مەرھابا. ئۇنىڭ مۇشۇنداق ئىسىل يازمىنى تورداشلارغا سۇنغىنىغا رەھمەت. ئۆمەر مۇئەللىم بىلەن بۇرۇن بىر سىنىپتا دەرس ئاڭلىغان چاغلارنى پات-پات ئەسلەپ قالىمەن. بۇ ئاكا يوللۇق ساۋاقدىشىمىزدىن پات-پات بەزى سۇئاللارنى سوراپ قالاتتۇق. مەن ئۇنىڭ ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2014-1-8 10:42:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئەينى چاغدا بۇ ھۆرمەتلىك قەلەم ساھىبىلىرى بىلەن بىر دىدارلىشىشنى شۇنچە ئارمان قىلغان بولساممۇ، مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن بۇ پۇرسەت ماڭا نىسىپ بولمىغان ئىدى. مانا بۈگۈن يۈكسەك مەسئۇلىيەت، خېلى يۇقۇرى ماھارەت بىلەن يېزىلغان بۇ ئەدەبىي خاتىرىنى ئوقۇپ قۇتيارنىڭ قەلىمىگە ئاپىرىن ئېيتتىم ھەم ئارمىنىمغا يەتكەندەك بولدۇم. قارىقاش قەلەمكەشلىرىگە تېخىمۇ يۇقۇرى پەللە، بۇ پەللىگە يېتىش ئۈچۈن يېڭى تەپەككۈر ئىلھاملىرى نىسىپ بولسۇن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پەروزان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-8 10:44  


ۋاقتى: 2014-1-8 17:15:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق بىر ھاياجان بىلەن ئۇقۇپ چىقتىم، بۇ ھەممىمىزگە زور ئىلھام بولغۇسى!!!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-8 21:09:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلىرىمدىن دىلداش ئەپەندىم، بەردەملەرنىڭ ئىلھام بەرگىنىگە خۇرسەنلىكىمنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە كېۋىر ھىمىت بىلەن پەروزان ئاكىنىڭ مېنى ئۇنتۇپ قالمىغىنىغا ۋە ئىجدىيىتىمگە ئۇتۇق تىلىگىنىگە رەخمەت ئېيتىمەن.دوسلۇق مېھرىڭلاردىن سۆيىندىم. سىلەرگە بەخت ۋە ئامەت تىلەيمەن!

ۋاقتى: 2014-1-9 11:53:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاراقاشتىكى قەلەمكەشلەرنىڭ دەرەخلىرى مېۋىلەرگە تولسۇن.

ۋاقتى: 2014-1-9 20:55:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى چىقىپتۇ، بۇ سىزنىڭ جەنۇبىي تاققا ئىككىنچى قېتىم بېرىشىڭىزغۇ دەيمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-10 21:15:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت بۇرادىرىم، سىز دېگەندەك بۇ مېنىڭ جەنۇبىي تاققا ئىككىنجى قېتىم چىقىشىم.

ۋاقتى: 2014-1-10 22:31:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«جەنۇبىي تاق» دەيدىغان يەر بىر يېزىنىڭ نامىما؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-23 00:11:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركمان بۇرادەر، ‹‹تاغ››نى ‹‹تاق›› دەپ، ئىملاغا دىققەت قىلماپتىمان. كۆرسىتىپ قويغىنىڭىغا رەخمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش