كۆرۈش: 1353|ئىنكاس: 0

ئابلىمىت سەمەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                 
     ئابلىمىت سەمەت 1966-يىلى 1-ئايدا قاغىلىق ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1986-يىلى خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان. ھازىر شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى ۋە «خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى» گېزىتىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، پايتەخت پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات-نەشرىيات ئىدارىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلاردا تىل-ئەدەبىيات، كاتىباتلىق، ئاخبارات-نەشرىياتچىلىق، ئىملا ۋە تەلەپپۇز سەۋىيەسىنى سىناش كەسىپلىرى بويىچە تەربىيەلەنگەن. ھازىرغا قەدەر خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ۋە مەكتەپ ئىلمىي ژۇرنىلى، مەكتەپ گېزىتى تەھرىر بۆلۈمىدە ئوقۇتقۇچىلىق ۋە تەھرىرلىك خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن.
     ئابلىمىت سەمەت 1980-يىلى «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «ئورۇنلايمەن ئاقىۋەت» ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن. ھازىرغا قەدەر ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىكى مەتبۇئاتلاردا خېلى كۆپ ئەدەبىي ۋە ئىلمىي ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭ «خوتەن گېزىتى»، «تارىم» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان «ئاق بېلىق»، «مېنىڭ ئانام» قاتارلىق ئەسەرلىرى باشقا كىتاب-ژۇرناللارغا تاللاپ كىرگۈزۈلگەن. «ئۇيغۇرلاردا سېلىشتۇرما ئەدەبىيات»، «باھار ۋە زېمىن» قاتارلىق ماقالە-ئەسەرلىرى مۇكاپاتلانغان. ئۇ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز سەۋىيەسىنى سىناش  بويىچە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك سىناق ئالغۇچى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلقىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-28 14:05  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش