كۆرۈش: 941|ئىنكاس: 3

ئابدۇشۈكۈر ئابدۇراھمان:بەقە ھەققىدە ھېكايە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بەقە ھەققىدە ھېكايە



(ھېكايە)



ئابدۇشۈكۈر ئابدۇراھمان


17-نۆۋەتلىك «خانتاڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن ئەسەر


                    كېڭەيتىلىپ ياسالغان يېزا تاشيولىنىڭ بويىدا خارابىلىقتەك تاشلىنىپ قالغان بىر ئۆي ئەتراپىدىكى سەرەمجان، باغۇ - بوستانلىق، چىنچاس ئۆيلەردىن تازنىڭ بېشىدەكلا چېنىپ تۇراتتى. يىللارنىڭ جۇدۇن -  چاپقۇنلىرىدا ئۇپىراپ كونا تەلپەكتەك ماكچىيىپ كەتكەن بۇ ۋەيرانە ئۆينىڭ تۇرخۇنىدىن ئىس چىقىپ تۇرغىنىلا بولمىسا، خارابىلىقتىن ھېچقانداق بىر پەرقىمۇ يوق ئىدى. سۇۋاقلىرى ئۈركۈپ تۇرغان تاملىرىغىمۇ خېلى يىللاردىن بېرى تۈزۈككىنە لاي سۇۋالمىغاندەك قىلاتتى. پەقەت يامغۇر - يېشىندا كاۋجۇپ چۈشكەن يەرلىرىنى ئايال خەقنىڭ كالا پوقى ئارىلاش شاتىراق لاي بىلەن ئۇتتۇرىلىق «ياماپ» قويۇشى نەتىجىسىدىلا ئۆرە تۇرغان بۇ تاملار قۇراق كۆرپىدەك كۆزگە ئالاھىدە چېلىقاتتى. تەڭدىن تولىسى ئۆرۈلۈپ، ھەممىلا يېرىدىن شورا ئېچىلىپ كەتكەن قورغانتاملىرىنىڭمۇ ئاللىقاچان رولى قالمىغان، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىرنەچچە تۈپ ئالما - ئۆرۈك كۆچەتلىرىمۇ سۈڭەكتەك قۇرۇپ، قاخشال شاق - پۇتاقلىرى بەئەينى ئۆلۈك بۇغا مۈڭگۈزىدەك شىرداراپ كەتكەنىدى. ئۈستىگە ئېسىۋېتىلگەن ساڭگۇل - سۇڭگۇل لاتا - پۇرۇچلاردىن ئۇنىڭ ئاللىقاچان كىرقات يېيىش جازىسىغىلا ئايلىنىپ كەتكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى. يىللار مابەينىدە كەتمەن - گۈرجەك تەگمەي، سۇ قويۇلماي ئاق پېتى تاشلىنىپ قالغان گىياھسىز باغ - ۋارانمۇ قەسەمخۇرنىڭ يۈزىدەك تاتىرىپ تۇراتتى...

_ بېشىنى يەيدىغان دەخمىزدىن خويما قۇتۇلمىدا كىشى! _ بىر كۈنى قاق سەھەردە بۇ ھويلىدىن كۈندىكىدەك پارتلاش ئاۋازى يەنە ئاڭلاندى، _ قىلغان ئىشىنىڭ تايىنى يوق، خۇدانىڭ ياراتقان كۈنىدە ئىشەكنىڭ سۈيدىكىنى ئىچكەن! چوشقىدەك ئېغىناپ ياتقان! ئەجەلمۇ كەلمىدى يا بۇ مېرەزگە...

_ كوتۇلداۋەرمىسەڭچۇي سانىي! _ مەينەت يوتقان ئىچىدىن بىرسىنىڭ خىرىلدىغان ئاۋازى ئاڭلاندى، _ ۋا...ي - ۋۇ...ي، شاراقلاپ ئادەمنى ئارامخۇدا ئۇخلىغىلىمۇ قويمايدۇ - دە بۇ سېغىزخان!

_ كۈن چۈش بولاي دېدى، يانا تېخى ئىزا تارتماي ئۇخلايمەن دەيسەنا سەن ساقايماس! توۋۋا قىلدىم، خۇدايىم! خەقنىڭ ئەرلىرى ئېتىز - ئېرىققا چىقىپ بولغىنى نېكەم، تۇغۇتلۇق خوتۇندەك لاپچىيىپ ياتقىنىنى قارىمامدىغانىي بۇ لەخۋانىڭ!

_ ئەستا! تېخى ھازىرلا ياتقاندەك قىلىۋېدىمغۇ مەنۇي ؟!

_ ئو...ھوش، قوپقىنا نېرى، تولا ئىچىمنى سىقماي! _ ئاخىرى ئايالنىڭ سەۋىر قاچىسى توشتى بولغاي، ئەرنىڭ ئۈستىدىكى يوتقاننى يۇلۇپ ئېلىپ بىر بۇلۇڭغا ئاتتى، _ ئۇنداق ئادەم گۆرۈڭگە ۋاقتىدا كېلىپ ياتساڭ بولمامدۇ، كېچىچە بىرسى سېنى قوشقا قاتمىغاندىن كېيىن؟ قوپ دەيمەن ھېي لاخۋا، سازاڭدەك تۈگۈلۈپ ياتماي! مونۇ بالىلار ئۈستۈڭگە سىيىپ قويۇپ يۈرمىسۇن يانا! دۆڭگە چىقىپ قاراپباق، تۈنۈگۈننىڭياقى ئالا سىيىرمۇ كۆرۈنمەيدۇ. بارى - يوقى ئىككى تۇياق قوينىغۇ يوقىتىپ بولدۇڭ، ئەمدى مونۇ سىيىر يوقالسا كەنىتكە نېمە دەپ جاۋاب بېرىسەن؟! داداڭدىن قالغان مىراس بولسا كاشكى ئۇ، سورىقىمۇ بولمايدىغان...

_ خە...پ، ما كاسكا ئادەمنىڭ چىشىغا نېمانداق تېگىدىغاندۇرۇي! _ ئەر گۈپپىدە ھاراق پۇراپ تۇرغان گەۋدىسىنى كۈزنىڭ پاقىسىدەك مىدىرىتىپ قويۇپ يەنە جىمىپ قالدى. ئايالنىڭ ئۈچىنچى قېتىم قوپال تۈرتىشىدىن كېيىنلا ھاراق چىشلىۋېلىپ ئېغىرلاشقان كاللىسىنى مىڭ تەستە كۆتۈرۈپ، ئەسكى توقۇمدەك بىر بۇلۇڭغا دوڭغايتىپ تاشلاپ قويۇلغان يوتقىنىغا قىيسايدى. ئەمما ئۇنىڭ بېشى ئىختىيارسىز تۆۋەنگە ساڭگىلاپ چاتىرىقىغا قىسىلايلا دەپ تۇراتتى. ئۇ شۇ تۇرقىدا بەئەينى تامغا يۆلەپ قويغان لاتا قونچاققىلا ئوخشاپ قالغان بولۇپ، يېڭىدىن ئۆمىلىگەن كەنجە  بالىسى سۈركۈشۈپ كەتسىمۇ ئۆرۈلۈپ كېتىشىگە قىل سىغمايتتى. بىر ياخشى يېرى، ھەرھالدا ئۇ كىيىم كىيىش ئاۋارچىلىقىدىن ئازاد ئىدى. ئۇ كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۆيگە مەست - ئەلەس ھالەتتە كېلىپ كىيىم - كېچىكى بىلەنلا يوتقىنىغا كىرەتتى - دە، ئەتىسى كۈن چۈش بولاي دېگەندە بىراقلا سۇغۇرۇلۇپ چىقاتتى، ھەتتا ئاياق كىيىمىنىمۇ سالمايتتى. ئۇنىڭ «مەخسۇس» يېپىنچىلىرىمۇ شۇ دەرىجىدە قاسماقلىشىپ كەتكەن ئىدىكى، ئاياق كىيىمدىكى لاي - توپىلار يۇقۇپ قالارمىكىن دەپ ئەنسىرەشمۇ ھاجەتسىز بولۇپ، كىشىدە ھېچقانداق بىر ئەيمىنىش تۇيغۇسىمۇ قوزغىمايتتى. پەقەت ئۇنىڭ ئۇ يىلىدىن - بۇ يىلىغا تاغاق ۋە سۇ كۆرمەي قۇشنىڭ چاڭگىسىدەك چىگىشلىشىپ كەتكەن چاچلىرى ۋە توققۇز تونلۇقتەك پۈرلىشىپ تۇرىدىغان پاسكىنا ئۈستى - باشلىرى ئادەمنىڭ تېنىنى ئىختىيارسىز شۈركەندۈرەتتى...

مانا بۇلار بۇ مەھەللىدىكى بىردىنبىر «ئىشتات» لىق نامراتلار _ بەقە  بىلەن سانىيەم ئەر - خوتۇنلار ئىدى. ئۇلارنىڭ مۇبارەك ئىسمى - زاتى «نامراتلارنى  يۆلەش» دېگەن بۇ ئاتالغۇ پەيدا بولغاندىن باشلاپ تا بۈگۈنگىچە تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈلمەي كالگەن ئىدى. بەقە قارىماققا ئەللىك نەچچە ياشنىڭ قارىسىنى ئېلىپ قالغاندەك كۆرۈنىدىغان، ئەمەلىيەتتە سۈرۈشتۈرۈپ كەلسە تېخى قىرىق ياشقىمۇ كىرمىگەن چارباش، ئاقسېرىق، ۋىجىك كەلگەن، رەڭگى - رويىدىن پاسكىنىچىلىق تۆكۈلۈپلا تۇرىدىغان، شالاڭ ساقال - بۇرۇتىنى چىغدەك دىڭگايتىپ، تۇمشۇقىنى ئەسكى چاپىنىغا پۈركەپلا يۈرىدىغان ئادەم ئىدى. سانىيەم دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە سوقا - سەندەلدەك گىرۇي ئايال بولۇپ، تېخى ياشلىق ئوتلىرى ئۆچمىگەن كۆزلىرىنىڭ ئەتراپلىرىنى ۋاقىتسىز چىبەرقۇتتەك يول - يول قورۇقلار باسقان، قېنى قاچمىغان لەۋلىرى ئېتىز - ئېرىقنىڭ سېرىق شامىلىدا دەرەخ قوۋزاقلىرىدەك يىرىكلەشكەن، تاشقى قىياپىتى سەل كۆرۈمسىز چوكان ئىدى. ئۇنىڭ دەل ئەشۇ ئەيىبى سەۋەپلىك مونۇ ئەبگاغا باغلىنىپ قالغانلىقى كۆرۈنۈپلا تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئۆي تۇتۋاتقىنىغا خېلى يىللار بولۇپ قالغانلىقىنى چۆچۈرىدەك بەش بالىسى تولۇق ئىسپاتلاپ تۇراتتى. ئەگەر بۇنى ئۇلارنىڭ تۇتقان ئۆي - بىساتىدىن بايقىۋالىمەن دېگەن كىشى چوقۇم يېڭىلىشقان بولاتتى. چۈنكى سانىيەم قاخشاپ تۇرۇپ تىلغا ئالىدىغان بۇ «گۆر»نىڭ ئىچىمۇ سىرتىدىن ئانچە پەرىقلىنىپ كەتمەيتتى. ساناپ كەلسە توپ - توغرا ئون ئېغىز ئۆي بولغان بىلەن، توققۇز ئېغىزىنىڭ ئورنى ئاللىقاچان خارابىلىققا ئايلانغان، ياغاش - تاشلىرىمۇ ئۇتتۇرىلىق سېتىپ خەجلىۋېتىلگەن، قالغان بىر ئېغىزىدا ئۇلار بەش بالىسى بىلەن تىقىلىشىپ ياشىماقتا ئىدى. بارى - يوقى ئۈچ پارچە توزوپ كېتەيلا دەپقالغان كونا كىگىز، ھەم يوتقان - كۆرپە تىزىشقا، ھەم نەرسە - كېرەك سېلىشقا ئىشلىتىدىغان سىرلاقسىز بىر ياغاق ساندۇق، بىر قارا قازان، بىرنەچچە پۇچۇق چىنە، يۇڭ ھەم پاختىلىرى تۈگۈرلىشىپ تامام ئىسكەتىدىن كەتكەن بىر نەچچە پارچە يوتقان - كۆرپە...مانا موشۇلارلا بۇ ئۆينىڭ بىردىنبىر تەئەللۇقاتى ئىدى.

بەقەنىڭ مەستلىكى ئاخىرى يېشىلدى. ئۇ يۈز - كۆزىنىمۇ يۇماستىن، تىترەپ تۇرغان بارماقلىرى بىلەن مۇخۇركا يۆگەشكە كىرىشتى. دەرىزىنىڭ ئەينەكسىز كۆزنىكىدىن ئۇدۇل چۈشكەن كۈن نۇرى كۆزىنى چاققان بولسا كېرەك، بېشىنىمۇ كۆتۈرۈپ قوياي دېمەي، تۇرۇپ - تۇرۇپلا چىۋىنقىغان ئاتتەك بېشىنى سىلكىپ، چىرايلىرىنى پۈرۈشتۈرەتتى. مۇخۇركا ئۇگۇندىلىرى ئەسكى كىگىزگە تېرىقتەك چېچىلاتتى...چالا كەيپىلىكتە بىر بۇرام مۇخۇركىنى قاملاشتۇرۇپقىنا يۆگىۋېلىشمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن چوڭ ئىش ئىدى. ئۇنىڭ ھەر كۈنلۈك ھاياتى مانا موشۇنداق باشلىناتتى. مەستچىلىكتە دائىم ئوڭدا -  دۈمدە، ئېغىزى - بۇرنى مايماق - سايماق ھالەتتە يېتىپ قېلىش نەتىجىسىدە شۆلگىيى ئېقىۋېرىپ زىيادە قويۇقلىشىپ كەتكەن تۈكرۈكىمۇ تەبىئىي شىلىمدەك ھەرھالدا ئۇنىڭ مۇخۇركا يۆگىشىگە ئاسانلىق تۇغدۇراتتى. ئۇ ئاخىرى تولۇق شۈلۈمدەلگەن بىر بۇرام مۇخۇركىنى گەز باغلىغان كالپۇكىغا قىستۇرۋالدى - دە، سەرەڭگە ئېلىش ئۈچۈن قولىنى يانچۇققا سالدى. يانچۇقىدىن سەرەڭگە بىلەن بىر مۇنچە پۇل بىرگە سۇغۇرۇلۇپ چىقتى. ئۇنىڭ تېنى ئىختىيارسىز جۇغۇلداپ كەتتى. سەۋەبى، تۈنۈگۈن ئىنەكنىمۇ ئوتلاۋاتقان يېرىدىنلا چارشەنبە بازىرىغا ھايداپ ئاپىرىپ ئېلىشىغا سېتىۋەتكەنلىكى يادىغا كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ خەققە ئوخشىمايدىغان يېرى، خەق باشقىلارنىڭكىنى ئوغۇرلىسا، ئۇ ئۆزىنىڭكىنىلا ئوغۇرلايتتى. بەلكىم بۇ بىخەتەر بولسا كېرەك! بۇ پۇللارمۇ ئۆزىنىڭ ئىنىكىنى سېتىپ، مەستچىلىكتە خەجلىگىنىنى خەجلەپ، تاشلىغىنىنى تاشلاپ ئېشىپ قالغان پۇللار ئىدى. ئۇ پۇلنى ئېلىپ ئالمان - تالمان يانچۇقىغا پۈرلەپ سېلىۋەتمەكچى بولىۋېدى، ئەمما كۆزلىرى سانىيەمنىڭ تەئەججۈپتە چەكچەرىگەن كۆزلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى.

_ نەدىن كەلگەن پۇل ھىي بۇ، تېخى تۈنۈگۈنلا تۆت يانچۇقۇڭ ھېمىتنىڭ كالپۇكىدەك ئۆرۈلۈپ كەتكەن  تۇراتتىغۇ؟ _ دېدى شۇئان سانىيەم ئۇنىڭغا يىلاندەك قادىلىپ، ھېمىت كالپۇك دېگىنى بۇ كەنتتىكى يەنە بىر يالاڭتۆش ئىدى، _ ئۆزەڭنىڭ ئاز كېلىپ ئەمدى خەقنىڭكىنى ئوغۇرلاپ يۈرمىگەنسەن سەتلىشىپ؟!

_ يا...ياقەي، ھېمىت كالپۇكنىڭ پۇلى بۇ، ماڭا ساقلاپ بەر دەپ بېرىپ تۇرغان، _ بەقە «ئىشتانغا چىقارغان كۆڭۈلگە تايىن » دېگەندەك تۇيۇقسىز ھەم ئۇدۇللا سورالغان سوئالدىن چۆچۈپ كېكەچلەپ كەتتى ۋە ھودۇققىنىدىن ئېسىغا كەلگىنى بويىچىلا ئۇنى بۇ ئىشقا سۆرەپ كىردى. ئۇ دائىملا بەقە بىلەن ئىلپەتلىشىپ يۈرگەچكە كۆزئالدىدىن ئۇنىڭ ئوبرازى، ئېغىزىدىن  ئۇنىڭ ئىسمى - زاتى چۈشمەيتتى. بىراق ئۇنىڭ بۇ ئىش بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق ئىدى.

_ يالغان گەپ قىلمىغىنە تولا، سەن خومەيگە ساقلاپ بېرىدىغانغا پۇل بېرىدىغان ساراڭ بولۇپ قاپتۇمۇ ئۇ كالپۇك ؟ يانچۇقىڭدا پۇل تۇرسا كاشكى سەن ئالىجوقىنىڭ!

_ ئۇ دېگەن خەقنىڭ ئامانىتى تۇرسا، نېمىشقا تۇرمىغىدەك؟ بىز ئۇنداق ئامانەتكە خىيانەت قىلىدىغانلاردىن ئەمەس جۇمۇ. يالغان ئېيتقان بولسام ھارام بولۇپ كەتسۇن!

_ ئۇنىڭسىزمۇ ھالال - ھارامنى پەرق ئەتكۈچىلىكىڭ بارمىتى سەن خومەينىڭ، ئەتىدىن كەچكىچە ئېشەكنىڭ سۈيدۈكىنى ئىچىپ، چوشقىدەك پاتقاقتا ئېغىناپ...

_ ئىشەنمىسەڭ ئاناڭنىڭ غېرى، كوت - كوت! _ بەقە ئاچچىقلانغان بولىۋېلىپ يەنە تالاغا قېچىشنىڭ قازىنىنى ئاستى، _ سەن سېغىزخانغىغۇ تۈز گەپ ياراشمايدۇ. بولسا تىل- دەشنىمىڭنى يەپلا تۇرساڭ، شۇ چاغدا زۇۋانىڭنى يىغاتتىڭ! توۋۋا، بىر ئادەم راست گەپ قىلسىمۇ ئىشەنمەيدا بۇ گۇمانخور؟!

_ ۋاي...يەي، سەن لايغەزەلگە ئىشىنىپ بولارىم موشۇغۇ مېنىڭ؟! _ دېدى ئاڭغىچە سانىيەممۇ غەزەبتىن جىرىس پومناندەك كۆپۈپ - كۆكۈرۈپ، _ يەتمىش ئىككى يالغاننى ئېيتىپقۇ قولۇڭغا ئىلىشقانلا نېمىنى ئوغۇرلاپ سېتىپ بولدۇڭ، كوتۇلدىماي قانداق قىلاتتىم مەن - ھە؟ دەپباققىنا قېنى، سەن ئوغۇرلىمىغان نېمە قالدى بۇ ئۆيدە؟ ھەتتا بىر ئۇبدان ئۆيلەرنىمۇ بىر چېتىدىن ئېچىپ سېتىپ بولدۇڭ، ئەمدى سېنىڭ قۇشقاچتەك چۇرۇقلىشىپ تۇرغان مونۇ بەش بالاڭنى ئاچىقىپ سېتىۋەتمىگىنىڭلا قالدى، شۇ! ھېلىمۇ خۇدايىم ساقلاپ دەتتىكام ئاتىدىغانلاردىن بولۇپ قالماپسەن، بولمىسا بۇكەمگىچە بىزنىمۇ دوغا تىكىۋەتكەن بولاتتىڭ سەن تىجىمەل!

سانىيەم بىر يۈرۈش ھاقارەتلىك كەسپىي ئاتالغۇلار بىلەن تىللاپ ھاردىمۇ ياكى بىزىرىپ تۇرغان ئېرىغا مىڭ ۋايسىغان بىلەنمۇ پايدىسىز ئىكەنلىكىگە كۆزى يەتتىمۇ، ئىشقىلىپ جىمىپ قالدى. دەرۋەقە، بەقەمۇ ئۇنىڭ سۆزلىرىگە راديو - تېلېزوردىكى كىشىنى بىزار قىلىدىغان ئېلانلاردەك پىسەنت قىلىپمۇ قويمىدى، خۇددى ئۇ گەپلەر بىلەن ئالاقىسى يوقتەك بىخارامان تالاغا ماڭدى. دەل شۇ چاغدا سانىيەمنىڭ يادىغا بىر ئىش كەلدى بولغاي ئېغىزى يەنە ھاڭدەك ئېچىلدى:

_ ھوي خومەي، يەنە نەگە؟ بۇ كەمدە بىركىم سوۋۇتۇپ قويۇپتىمۇ ساڭا؟ بالانى ئىچسەڭمۇ بىردەم تەخىر قىلىپ تۇرغىن ئەمدى، ھازىرلا كەنتتىكىلەر كېلىدۇ. ھە دېسىلا تالاغا قېچىپ تويغۇزدىغۇ ئادەمنى بۇ تىجىمەل، ئادەم بولماي ئىت بولۇپ قالسىمۇ كاشكى، قوزۇق قېقىپ باغلاپ قويسا تۇرماسمىدى؟!

_ كەلسە كەلمەمدۇ، مېنىڭ نېمە كارىم؟!

_ سېنىڭغۇ كارىڭ يوق، بىلىمەن. بىراق ئۇلار تۈنۈگۈن ئاتايىن ئۆيگە كېلىپ«تۈزىشىدىغان توختام بار، بەقەمۇ ھېچيەرگە بارمىسۇن» دەپ جېكىپ كەتكەچكىلا، ئامال يوق ساڭا دەۋاتىمەن. بولمىسا ساڭا بىكاردىن - بىكار ئېغىزىمنى ئۇپۇرىتىپ نېمە كەپتۇ ماڭا؟ ئىسىت، سېنىڭ ئەر بولۇپ قالغىنىڭ! توۋۋا، نەلەردە يۈرۈپ چىشىڭ سارغىيىپ، بېشىڭ ئاقارغان بولغىيدى سەن رودۇنىڭ - ھە ؟ مونۇ بالىلارچىلىكمۇ بېسىپ ئولتۇرغىدەك قۇڭاڭ يوق، لالما ئىتتەك كوچىغىلا قاترايسەن!

_ جېدىلى تۈگىمەيدۇ - دە بۇ تىجىمەللەرنىڭ! بېرىدىغىنى بولسا خوتۇن خەققە بەرسىمۇ بولىۋېرىدىغۇ؟ ئادەمنى ئاۋارە قىلغىچە!...

_ ئو...ھو...ي! «يامانغا ياغ ياراشماپتۇ» دېگەندەك بەرگەنگىمۇ مادىخىدا بولۇپ كېتىدىغان ئىش بارمۇ تېخى؟! _ دەپ كەنت باشلىقىنىڭ تۇيۇقسىز ھۆركىرەپلا كىرىپ كېلىشى ئۇنى خېلىلا چۆچىتىۋەتتى. ئۇ ھەرھالدا ئائىلىسىنى ئۆز دادىسىدەك بېقىشىپ بېرىۋاتقان بۇ ئادەمدىن خوشامەت تەرىقىسىدە بولسىمۇ سەل - پەل ئەيمىنەتتى.

_ يا...يا ... ياقەي، ما سانىينىڭ چىشىغا تېگەي دەپ شۇ، _ دېدى ئۇمۇ ئىتتىكلا گېپىنى ياساپ. ئۇ ئىسمىنى تولۇق ئاتىسىمۇ ئوشۇق كېتىدىغاندەك، ئۆزىچە خوتۇنىنى ياراتماي تېخى سانىي دەپ چاقىرىپ كېتەتتى.

_ سانىي دەپ كەتكىنىنى تېخى بۇ ساقايماسنىڭ ئۆزىچە، سانىي سېنىڭ قۇڭاڭنى تاتلىغاندۇ! _ سانىيەم مانتا ئوچاققا كەپلەپ سېلىۋالغان ھۆل پاخالدىن يېنىۋاتقان ئىستا ياشاڭغىرغان كۆزلىرىنى ئېتىكىنىڭ بىر ئۇچىغا سۈرتكەچ كۆتىمەك سۈپۈرگىنى بەقەگە قارىتىپ ئاتتى، _ بىر چىنە چاينى قايناتقىدەك ئوتۇنغا ئەلى كەلمەيدۇ، يانا تېخى ئادەم ياراتماي كېتىدا بۇ پىتلىق! جېنىمنى سۇدەك ئېقىتىۋەتتىغۇ بۇ قارابېشىنى يېگۈر مىرەز! ئوچاققا تىقىپ قالاپلىۋېتىدىغان يەرگە يەتتى - دە بۇ تىجىمەلنى!

_ ھەي بەختاخۇن، ھەي بەختاخۇن! سانىيەمنىڭلا چىشىغا ئەمەس، بىزنىڭ چىشىمىزغىمۇ بەك تېگىپ كېتىۋاتىسىلەر جۇمۇ، _ دېدى ئاڭغىچە كەنت باشلىقىمۇ جىلى بولغىنىدىن چۈچۈك بۇيا يىلتىزىدەك قىزىرىپ. گەرچە  بەختاخۇن  ئۇنىڭ ئەرزان ئېيتىپ قويۇلغان ئىسمى بولسىمۇ، لېكىن شۇ تاپتا كەنت باشلىقىنىڭ تەلەپپوزىدىن كەمسىتىش مەنىسى مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇراتتى،_ قىش بولسا كېلىۋاتىدۇ، ئۆيۈڭنىڭ ئەھۋالى بولسا مانا بۇ! _ ئۇ بېگىز بارمىقى بىلەن ئۆينىڭ تېمىنى مۇنداقلا نوقۇپ قويىۋېدى، قول تەككەن يەردىن شۇ ھامان شورۇلداپ توپا قۇيۇلدى، كەنت باشلىقىمۇ خۇددى چوڭ مەنسەپداردەك چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ قولىنى قولىغا ئۇرۇپ قېقىشتۇرۇپ قويدى، __ تۆت تېمىڭ توزىغاقتەك موشۇنداق توزۇپ تۇرسا، قارا قىشتىن قانداق چىقارمەن دەپمۇ ئويلىمامسەنوي - ھە سەن ؟ ھېلىمۇ خۇدا ئوڭلاپ سانىيەمنى كۆتۈرۈشلۈك قىلىپ يارىتىپ قويۇپتۇ. بىچارە ئۇياق - بۇياقتىن چۆمۈلىدەك يىغىپ - تۆشەپ يۈرۈپ بالىلارنى ئاچ قويمايۋاتىدۇ. ساڭا ئوخشاش تۇغۇپ بالىسى بىلەن كارى بولمايدىغان مۆشۈكتەك بىرنېمىگە قالغان بولسا نېمە بولاتتىكىن بۇ شورلۇقلارنىڭ ھالى؟ توۋۋا، سېنىڭ نەرىڭ ئەر ھوي، قۇرۇق قاچا بىكارلاشتىن باشقىنى بىلمىسەڭ يا؟ كەنت غېمىڭنى يەپ، تېخى يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىپ بەرمەكچى بولۇپ چېپىپ يۈرسە، ئۆزەڭچە «ئورۇق كالىنىڭ پوقى چوڭ» دېگەندەك مادىخىدا بولۇپ كېتىپسەنا! مونۇ چۆچۈرىدەك بالىلارنى دېمىسە، سېنىڭدەك لىڭتاسمىلارغا ئىچ ئاغرىتىپ نېمە كەپتۇ ھوي بىزگە؟! _ كەنت باشلىقىنىڭ سۆزلىگەنسېرى ئاچچىقى كېلەتتى، شۇنداقتىمۇ ئۇ كۆز ئالدىدىكى ۋەزىپىسىنى ئېسىغا ئېلىپ ئۆزىنى تۇتىۋالدى. يېزىلىق ھۆكۈمەت ئۇنىڭغا دەل موشۇ ئاققۇڭنى يۆلەش ئوبيېكتى قىلىپ بەلگىلەپ بەرگەنىدى. نېمىلا قىلىپ بولسۇن ئۇنى ئىككى يىل ئىچىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرمىسا بولمايتتى. ئورۇق مالنى بىر نېمىلەر قىلىپ سەمەرتىۋالغىلى بولسىمۇ، لېكىن نامرات ئادەمنى، بولۇپمۇ روھى گاداي ئادەمنى ئەيۋەشكە كەلتۈرمەك ئۇنچە ئاسان ئەمەس ئىدى. دەرۋەقە، موشۇ كۈنلەردە ئۇنىڭمۇ بەقەنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بولۇشقا كۆزى يەتمەيلا قالغانىدى. نېمىشقا دېگەندە، ئۇ ھامان تاشپاقىدەك تۈگۈلىۋېلىپ ھېچنېمىگە پەرۋا قىلمايتتى. يانداق ئات بولۇپ ھارۋىسىنى تارتىشىپ بېرەي دەپ قانچە كۈچىسىمۇ، قۇشقۇنغا ئولتۇرىۋالغان ئىچ ئاتتەك ئۇنى تولىمۇ ھارغۇزىۋەتكەنىدى. شۇڭا ئۇ ئامالسىز سىياسەتنىڭ روھى بويىچە دېيىشكە تېگىشلىك گەپلەرنى دەپ قويۇپ، بۇ يەردىن تېزراق چىقىپ كېتىشنى ئويلىدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئىچى بەكلا سىقىلىپ كەتكەن ئىدى، _ بولدى، ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى، بىز بالىلارنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇ يىل سىلەرنى يەنە قۇتقۇزۇشقا تىزىملاپ ئۆي سېلىپ بېرىشنى بېكىتتۇق. ئەمما مەبلەغ بىرئاز قىس، بەزىبىر چىقىملىرىغا ئۆزۈڭ مەسئۇل بولمىساڭ بولمايدۇ. ئىشىك - دەرىزە ۋە ياغاچ - تاشلىرىنى ئۆزۈڭ تەييارلا!

_ ۋا ... ي، بولدىلا، شۇ ئۆيدە ئولتۇرمايلا قويايلى!«كانەيگە يوق، سۇنايغا نەدە» دېگەندەك، كونا قاپاقتەك سارغىيىپ ئۇنىڭ كەم - كوتىسىغا نەگە باراي ئەمدى؟ زادى ياردەم قىلغۇڭلار بەك كېلىپ كەتسە بارغۇ، بەش - تۆت تەڭگە بىرنېمىلا بېرىڭلارا، قالغىنىنى ئۆزۈم بىر ئامال قىلاي!__ بەقە دەندىپ قالغان  قۇتقۇزۇش پۇلىنى ئېلىش تاماسىدا شۇنداق دېدى - دە، يەنە دولىسىنى چىقىرىپ بېزىرىپ تۇرىۋالدى. لېكىن بۇ دۆرەم كەنت باشلىقىنىڭ ئىدىيىسىدە تولۇق تەييارلىقى بولغاچقا ئۇنىڭ قاپقىنىغا يەنە دەسسەپ سېلىشتىن ئىھتىيات قىلدى. ئۇنىڭغا ئەمدى پۇل تۇتقۇزۇشقا قەتئىي بولمايتتى. تۇتقۇزغان ھالاتتىمۇ ئۇ پۇلنىڭ ئۇنىڭ قولىدا بىرەر كۈن تۇرۇپ تۇرۇشىغا ھۆددە قىلغىلى بولمايتتى، چۈنكى ئۇ قۇتقۇزۇش پۇلى كەلگەندە بېرىۋېتىمەن، دەپ خەقتىن پۇل ئېلىپ بىرمۇنچە قەرزگە بوغۇلۇپ كەتكەن ئىدى. ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن ئۇنى قۇتقۇزۇش پۇلى ئېلىپ قالسا قەرز تۆلەيدۇ دەپ كەتكىلىمۇ بولمايتتى، سەۋەبى ئۇ كىشىنىڭ ھەققىدىن پەقەتلا قورقمايتتى. ھەممە ئىشنى چاقچاققا يۆلەپ ئۆتكۈزىۋېتەتتى. بىر قېتىم قەرزىنى ئالالمىغان بىر قوشنىسى ئۇنى «سېنىڭدىن پۇلۇمنى بۇ ئالەمدە ئالالمىسام، قىيامەتتە بولسىمۇ ئالماي قويمايمەن!» دەپ قارغىغاندىمۇ، ئۇ «قىيامەت كۈنى ھەركىم ئۆز ھەلەكچىلىكىدە يۈرسە قەرز سۈيلەشكە كىمنىڭ چولىسى؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنداق ئادەم جىق يەردە مېنى ئىزدەپ تاپالىساڭ كاشكى!» دەپ ئۇ قوشنىسىنىمۇ كۈلدۈرىۋەتكەن ئىدى. ئۇ ھېچ ئامال قىلالمىسا ھەتتا «قەرزىڭنى بېرىۋېتىشنى ئاللا خالىمايۋاتىدۇ...» دەپ پەتىۋارلارنى چىقىرىپ، ئۆزىنى قەرزدىن قاچۇراتتى.

_ ۋاھ! سېنىڭ«ئامال» ىڭنى بىز بىلمەيمىزما؟ يەنە ئىچەرسەن تايىنلىق؟ ئوزاقى يىلى بەرگەن قۇتقۇزۇش پۇلىنى ئېلىپ قامقاقتەك قاڭقىپ بىر چىقىپ كەتكىنىڭچە بىر ھەپتە ئۆيگىمۇ دارىماي، ئىچىپ - چېكىپ گاڭسا - جىسا بولغاندىلا قايتىپ كەلدىڭ. ئەمدى بۇلتۇرقىسىغا كەلسەك، پۇل ئورنىغا مال - ۋاران قىلىپ بەرسەكمۇ سېتىۋېتىپ قاراپ ئولتۇردۇڭ. بۇ يىل يېزا ئۆزى قۇتقۇزۇشقا بەرگەن قوي بىلەن كالا بارمۇ - يوق، بۇنىمۇ خۇدا ئۆزى بىلىدۇ.

_ راست دەيسىز كەنت باشلىقى، _ دېدى شۇئان سانىيەممۇ ئۆزىنى بېسىۋالالماي،_ قويلارغۇ ئاتام زامان بارىدىغان يېرىگە بېرىپ بولدى، تېخى تۈنۈگۈننىڭياقى سىيىرمۇ كۆرۈنمەيدۇ. مانا ئەتىگەننىڭياقى شۇنىڭ جېدىلى. ئىزدەپباق دەپ ئېغىزىمنىڭ بىر قەۋەت تېرىسى چۈشۈپ كېتەي دېدى. مانا، ئەنە دەپ، كۆتىرەم بولۇپ قالغان ئېشەكتەك ئورنىدىن قوپاي دېمەيدۇ بۇ لەخۋا. ئۇيقىسىنىڭ قاتتىقلىقىچۇ تېخى، ئاغزىغا چىۋىن كىرىپ كەتسىمۇ تۇيمايدۇ. قاچانلا قارىسا شۇ: بىر بولسا تالادا ئېشەكنىڭ سۈيدىكىنى ئىچىپ كاللىسىدىن ئايرىلىپ يۈرگەن؛ بىر بولسا ئۆيدە تۇغۇتلۇق خوتۇندەك لالىيىپ ياتقان...بۇ بولۇمسىزنىڭ بارى شۇ تۇرسا قانداقمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلارمىز ھېي بىز؟! _ سانىيەم تولا ئۇۋىلاپ قىزارتىۋەتكەن كۆزىنى چىمچىقلىتىپ، مەدەت تىلىگەندەك كەنت باشلىقىغا قارىدى، _ ئۆزى تېپىپ ئىچسىغۇ مەيلىدىغۇ، مونۇ بىچارە بالىلارنىڭ رىسقىسىنىمۇ پوش دېمەيدۇ بۇ جۇھۇت! خەپ، جېنىمنى سۇدەك ئېقىتىۋەتتىغۇ بۇ ئايلانما!

«خوتۇن خەق دېگەن ھامىنى دۈشمەن - دە؟...» بەقە چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ ئىچىدە خوتۇنىنى مىڭنى قارغىدىيۇ، لېكىن كەنت باشلىقىدىن ئىھتىيات قىلىپ ئۈنىنى سىرتقا چىقىرالمىدى. ئۇ ھەتتا بايىقى پۇل ھەققىدىكى گەپنى دەۋەتمېگىدى دەپ ئەنسىرەپ ئايالىغىمۇ تىكىلىپ قارىيالمىدى. ئەگەر بۇ ھەقتە گەپ ئېچىلىپلا قالسا كەنت باشلىقىنىڭ ئۇنى ئېنىقلىماي قويمايدىغانلىقى، ئەلە - مەھەللىنىڭ ئالدىدا تىللاپ ئىت - رەسۋاسىنى  چىقىرۋېتىدىغىنى ئۇنىڭغا بەش قولدەكلا ئايان ئىدى. ئۇنىڭ ئېنىقلىمىغىمۇ ناھايىتى ئاسان ئىدى. ئادەم ئەۋەتىپ ھېمىت كالپۇكنى چاقىرتىپ كېلەتتى - دە، تۇخۇمنىڭ ئېقى - سېرىقى بىردەمدىلا ئايرىلاتتى... شۇڭا ئۇنىڭ گۇنا قىلىپ قويغان كەپسىز بالىدەك ئۇشۇپ تۇرماقتىن باشقا ئامالىمۇ بولمىدى. ئەمەلىيەتتە بېزىرىپ تۇرىۋېلىشمۇ ئۇنىڭ بىردىنبىر ئۈنۈملۈك چارىسى ئىدى. موشۇنداق كىرپىدەك تۈگۈلىۋېلىپ، يەرگە قاراپ تۇرىۋېلىپ كىملەرنى يولغا سالمىغان ئۇ؟ چىن دۇنياغا كەتكەن ئاتىسىنىڭ  كوتۇلداشلىرى؛ ئانىسى بىچارىنىڭ ئۇنىڭ دەردىدە ئانا قۇشقاچتەك توختىماي ۋىچىرلاشلىرى؛ ئۇرۇق - تۇققان، ئاغىينە - ئۆڭگە، قولۇم - قوشنىلارنىڭ كايىشلىرى... ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدىن تېخى نېرى كەتكىنى يوق. ئەمما ئۇ بۇلارغا ئۈچ ۋاق تاماقتەك ئادەتلىنىپ كەتكەن ئىدىكى، ھېچقانداق بىر سەتچىلىك دەپمۇ قارىمايتتى.

دەرۋەقە، بەزىدە ئۇنىڭمۇ ھار ئېلىپ قالىدىغان چاغلىرى بولاتتى. بۇنداق ئەھۋاللار ئەلۋەتتە، كەمدىن كەپ ئۇچىرايتتى.« _ توۋۋا، غۇجاميار باينىڭ نەۋرىسى بولۇپ تۇرۇقلۇق موشۇنداق كۈنگە قالدىممۇ مەنوي - ھە ؟! _ دەپ ئۆز ئۆزىگە پىچىرلايتتى ئۇ شۇنداق چاغلاردا، دېمىسىمۇ بۇۋىسىدىن ئۇنىڭغا نۇرغۇن بايلىق مىراس قالغانىدى، _ غۇجاميار دېسە بۇ تۆڭگىرەكتە بىلمەيدىغان ئادەم يوق ئىدىغۇ بۇۋامنى؟ خەقنى ئىشىغا سېلىپ قويۇپ ئۆزى نەمۇنە ئوغلاپ تارتىپ يۈرىدىغان؛ توي - تۆكۈن، نەزىر - چىراقتا ئۆينىڭ تۆرىنى بەرمەيدىغان؛ يېتىمغا ئاش - نان بەرگەن، غېرىپنىڭ بېشىنى سىلىغان... شۇ بۇۋامنىڭ نەۋرىسى ئىدىمغۇ مەن - ھە؟ بىر چاغلاردا تاۋار - دۇردۇنغا پۈركىنىپ ماڭسام، كەينىمدىن مەستلىكى كېلىپ ھاڭۋېقىپ قارىشىپ قالىدىغان مونۇ خەقنىڭ ئەرزان توۋلاپ قويغان بەختاخۇن دېگەن ئېتىمنىمۇ ئۇنتۇپ قېلىشقاندەك،‹بەقە، بەقە› دەپ كېتىشلىرىنى نېمە دەي؟... دادامدىن قالغان شۇنچە دۇنيا _ ئۆي - بىسات، مال - ۋارانلار قانداقلارچە...» ئۇنىڭ ئوي - پىكرى دەل شۇ يەرگە كەلگەندە ئىختىيارسىز ئۈزۈلۈپ قالاتتى. چۈنكى ئۇ نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇ نەرسىلەرنى باشقا بىرسى ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ كەيىپ - ساپالاردا كۈلدەك توزىتىۋەتكىنىگە ئىقرار ئىدى. شۇڭا خىيالىنى داۋاملاشتۇرۇشقىمۇ ئامالسىز قالاتتى. بەزىدە ئۇ «ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، يەر قىلغانمۇ خوتۇن» دەپ بۇ تارتقۇلۇقلارنى سانىيەدىن كۆرۈشكە ئۇرۇنۇپ باقسىمۇ، لېكىن راستىنى ئېيتقاندا، كۆڭلىدە ئۇنى يامانلاشقا ھېچقانداق ھەققى يوقلىقىغىمۇ تەن بېرەتتى. دېمىسىمۇ، ئۇنىڭدەك خوتۇن نەدە تۇرۇپتۇ ئۇنىڭغا، يەيدىغانغا ئاش - نېنىنى، كىيىدىغانغا كىيىم - كېچىكىنى تەل قىلىپ بېرىۋاتسا؟!...«_ خەپ، موشۇ ھاراق دېگەن كاساپەتكە نەدىن ئاران يوللاپ قېلىۋېدىمكىن؟ _ دەپ ئويلاپ قالاتتى ئۇ يەنە بەزىدە، _ بۇ كاساپەتنىڭ دەستىدە ھەممە نېمەمدىن ئايرىلىپ ئولتۇردۇمغۇ مانا! ئۇنىڭ ماڭا بەرگىنى نېمە بولدى؟ ئالغىنى نېمە بولدى؟ ئەمدى بولسۇنچۇ قېنى...» ۋەھالەنكى، ئۇ ھامان ئىچىشنىڭلا كويىدا يۈرەتتى.

_ ئەمدى ساڭا گەپنىڭ پوسكاللىسىنىلا دەي، بەقە! _ دېدى كەنت باشلىقى ئاخىرى گېپىنى يىغىنچاقلاپ. ئۇ ئۆزىمۇ قاراپايىم ئادەم بولۇپ، تېخى يېقىندىلا كەنت باشلىقلىق ئورنىغا ئولتۇرغاچقىمۇ ئىشنى قەيەردىن قول سېلىپ ئىشلەشنىمۇ بىلەلمەيۋاتاتتى. شۇڭا ئۇ ئەقلىنىڭ يەتكىنى بويىچە «چۇ» دېگەندىلا كەنت باشلىقىلىق ھەيۋىسىنى بىر كۆرسىتىپ قويۇشتىنى لايىق تاپتى. دېمىسىمۇ، باشتىلا خەققە تومۇرنى تۇتقۇزۇپ قويسا بولمايدۇ - دە؟ شۇڭا ئۇ ئىسمى - جىسمىغا لايىق رەھبەرلەردەك غادايغىنىچە، ئۇياقتىن - بۇياققا مېڭىپ سۆزلەشكە باشلىدى. ئۇنىڭچە غادىيىش، قاپاق تۈرۈش، ئۇياقتىن - بۇياققا مېڭىشتەك تاشقى قىياپەتلا رەھبەرلىك ھەيۋىسى ھېسابلىناتتى، __ ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارغا سالىۋات دېمەي نېمە ئامال، يا دولاڭدىن ئىتتىرىپ ئاچىقىپ ئېتىۋېتىشنىڭ ئورنى بولمىسا سېنى؟! ئەمدى بۇنىڭ بۇيىقىدىكى گەپكە كەلسەك، __ ئۇ بەقەنىڭ يەنىلا پاتاڭدەك بېزىرىپلا تۇرغىنىنى كۆرۈپ، ئامالسىز پوپۇزا قىلىپ قورقىتالمىغان گۆدەك بالىنى ئالداشقا ئۇرۇنغاندەك مۈرىسىگە بوشقىنە ئۇرۇپ قويدى، _  ئىنسان دېگەن خام سۈت ئەمگەن بەندە، بەختاخۇن، بولدى، ئەمدى ھەقىقى ئەردەك ياشاشنى باشلىساڭمۇ كېچىكمەيسەن. ھازىرلا چاپىنىڭنى كىيگىن - دە، سىيىرىڭنى ئىزدەپ تاپ. ئۆينىڭ ياغاش - تېشىنىمۇ چامىڭنىڭ يېتىشىچە بىر نېمە قىلىپ تۇر، يەتمىگەن يېرىگە يەنە بىز بار!

كەنت باشلىقى بوسۇغىدىن ئاتلاپلا يەنە توختاپ قالدى ۋە كەينىگە ئىتتىك قايرىلىپ:

_ ھەي سادىغاڭكېتەي، بىر ئاي بۇرۇن ئىشىك ئالدىڭغا تۆكۈپ بەرگەن مونۇ كۆمۈرنى تېخىچە ئەكىرىۋالمىغىنىڭ نېمىسى ھوي؟ ئاپتاپ ئۇرۇپ، دەسسىلىپ - چەيلىنىپ كۈلگە ئايلىنىپ كېتەيلا دەپتىغۇ ئۇ؟! _ دېدى بەقەگە يەڭگىلىباشتىن قايناپ، _ خەق ئۇنى ساڭا ئىچى ئاغرىپ مىڭنىڭ يېرىدىن ئەكىلىپ بېرىۋاتسا، سەن قوپۇپزە بىكارغا كەلگەن نەرسىنىمۇ ۋاقتىدا ساڭلاشتۇرىۋالالمىساڭ، سېنىڭ نەرىڭ ئادەم ھوي زادى؟!

_ كۆمۈرخانا يوق تۇرسا؟!

_ يوق بولسا ياسىمامسەن قولۇڭ بولغاندىن كېيىن؟ سەندە نېمە تولا، ئەسكى تام تولىغۇ! ئەڭ بولمىغاندا ئەشۇ ئېچىۋەتكەن ئۆيلىرىڭنىڭ بىر بۇلۇڭىغا بولسىمۇ تۆكۈپ قويساڭ بۇنچىلىك زىيان بولماسىدى؟!

_ خاتىرجەم بولۇڭلار، سۇڭجاڭ، كۈلىمۇ زىيان كەتمەيدۇ! _ دەپ بەقە يەنە سېرىق چىشلىرىنى ھېڭگايتىپ خېرقىرىدى، _ بىزنىڭ سانىي ئۇنى كالا پوقىغا ئارىلاشتۇرۇپ پومنان قىلىۋالىدۇ، پومنان! _ ئۇ تاپقان گېپىغا مەسلىكى كەلگەندەك ئېغىزىنى كالاشتەك قىلىپ تېخىمۇ قاتتىق كۈلۈپ كەتتى.

_ تاپقان گېپىنى قارا بۇ ھەزىلەكنىڭ! _ دېدى كەنت باشلىقى تەلەتىنى تۈرۈپ، ئۇنىڭ ئوغىسى بەكلا قاينىغانىدى، _ تولا  قانجۇق ئىتتەك خېرقىرىماي، قوڭاڭنى غىت قىسىپ كۆمۈرنى ھازىرلا توشىۋەت. بولمايدىكەن ئۇنىڭدىنمۇ قۇرۇق قالىسەن، تەييار كۆمۈرنى توشىۋالىدىغانلار تولا!

_ ھامىنى ياخشىلىق قىلغاندىن كېيىن ئاخىرىغىچىلا ياخشىلىق قىلىپ، سەرەمجانلاشتۇرۇپلىۋەتسىچۇ ئۇنى بۇ خەق! بىكاردىن بىكار ئادەمگە ئىش تېپىپ... _ بەقە گەدىنىنى قاشلىغىنىچە غوتۇلداپ قويدى. ئۇ ئۆزىچە ھالىغا باقماي تېخى قىزىقچىلىق قىلىپ قوياتتى.

_ بولىدۇ، تەخسىر! _ دېدى كەنت باشلىقى بىزارلىق ھەم كىنايە تەلەپپوزدا ئۇنىڭ گېپىنى تارتىۋېلىپ، _  ئاڭلىساق ئاۋۇت دۇكانچى يىتىم - يېسىر، يوقسۇللارغا  ھېيتلىق ئۇن تارقاتماقچىكەن، ئۇنىڭغا دەپقويايلى، بۇ دۆرەم ساڭا نان يېقىپلا ئەكەلسۇن! _ كەنت باشلىقى بۇ گەپلەردىن نۇمۇس قىلىش بىر ياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە ھېجارىشىنىمۇ يىغىشتۇرالماي تۇرغان بەقەگە قاراپ بېشىنى چايقاپ قويدى، _ ۋاي خۇدايىم، «قېرى كالىغا پىچاق ئۆتمەپتۇ» دەپ، ساڭا مىڭ دېگەنبىلەنمۇ بىكارغۇ!

«_ كەنت باشلىقى بولغانغا توي! _ دېدى ئۇ يولدا كېتىۋېتىپ ئۆزىگە پىچىرلاپ، ئەمما نارازىلىقتىن بولسا كېرەك، ئاۋازى ئادەتتىكىدىنمۇ يۇقۇرى چىقىپ كەتكەن ئىدى. شۇ تاپتا بىر ئازاب ئۇنىڭ ئىچىنى تولىمۇ ئاچچىق قىلاتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە ھېچقانداق بىر كەنت باشلىقى ئۆزىدەك مونداق شور پىشانە ئەمەس، ھېچبىر كەنت باشلىقىنىڭ زېممىسىگە بەقەدەك تەپسە تەۋرىمەس تاغدەك بۇنداق ئېغىر يۈك يۈكلەنگەن ئەمەس ئىدى. خەقنىڭ گېپى راست بولسا، قوشنا كەنتنىڭ باشلىقى تېخى نامراتلارنى يۆلىمەكتە يوق، ئۇلارغا ئاجرىتىلغان مەبلەغدىن پايدىلىنىپ ئوغلىغا، يەنە بىر نېمىسىگە  ئاتاپ ئۆي ياسىۋالغانمىش، ھەتتا نامراتلارنى يۆلەش باھانىسىدا باي بولۇپ كەتكەنمىش، _ توۋۋا، بىزمۇ شۇلارغا ئوخشاش كەنت باشلىقىغۇ، شۇلارغا بەرگەن خۇدايىم بىزگە نېمىشقا بەرمەيدىغاندۇ، ھېچ بولمىسا مونۇ رودۇپايدىن بولسىمۇ قۇتۇلسام، نامرات كەنتنىڭ باشلىقى دېگەن قالپاقنى بولسىمۇ چۆرۈپ تاشلىسام...» يېقىندىن بۇيان ئۇ ئولتۇرسا - قوپسا شۇنىلا خىيال قىلىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ نامراتنىڭ جىنى تەككەندەك كېچىلىرىمۇ تۈزۈكرەك ئۇخلىيالمايتتى، نامراتلارلا ئەمەس، نامرات دېگەن ئاتالغۇمۇ ئەرۋاھتەك ئەتراپىدا توختىماي كېزىپ يۈرگەندەك ھېس قىلاتتى.ئۇنىڭ بىردىنبىر ئۈمۈدى ھۆكۈمەتنىڭ نامراتلارنى قۇتقۇزۇش مەغلىقىدىلا قالغان ئىدى. ئۇ كېچىسى ئۇخلىغاندىمۇ داھىلارنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن باغلام - باغلام پۇللارنى بېشىغا ياستۇق قىلىپ يېتىپ چۈشەكەپ چىقسا، كۈندۈزى خىيال قىلغاندىمۇ شۇلارنى ساناپ ھېرىپ كېتەتتى. پەقەت  شۇ نەرسىنىڭ غايىۋىي مەدىتى ئارقىلىقلا كۆڭلىگە يەتكىدەك تەسەللى تاپاتتى...

ئۇلار كەتتى. ئۇلارنىڭ قارىسى يۈتىشى بىلەن تەڭلا سانىيەمنىڭ ئېغىزىنىمۇ ھاڭدەك ئېچىلدى. لېكىن ئۇ بۇ قېتىم نېمىشقىدۇر ھە دېگەندىلا تىل قورالىنى ئىشقا سالمىدى. بۇ ئىشى بەلكىم بەقەنى ھەيران قالدۇرغان بولسا كېرەك، ئۇمۇ ئىلگىرىكىدەك تەتۈرلۈك قىلماي، ئۇنىڭ گېپىگە رۇبىرۇ تۇرۇپ قۇلاق سالدى.

_ كەنت باشلىقى خويمۇ ئۇبدان گەپ قىلدى. ئۆز ئاتىمىز قىلسىمۇ شۇنچىلىك قىلىدىغۇ؟ _ ئۇ ھە دېگەندىلا ئېرىنى قايىل قىلىشقا ئۇرۇنغاندەك، ئۇنىڭغا سوئال نەزىرىدە بىردەم جىمجىت قاراپ تۇردى - دە، سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، _ ئوتىمىز ئۆچسىمۇ شۇلارنى ئىزدەۋاتىمىز، سۇيىمىز تۈگىسىمۇ شۇلارنى ئىزدەۋاتىمىز؛ چىچالمىساقمۇ، سىيەلمىسەكمۇ يەنە شۇلارنىڭ ئالدىغا يۈگىرەپ بېرىۋاتىمىز. خۇداغا شۈكرى، ئۇلارمۇ بىزگە ئاتىدارچىلىق قىلىپ كېلىۋاتىدۇ، بېشىمىزنى سىلاۋاتىدۇ...« بۇغداي نېنىڭ بولمىسا بۇغداي سۆزۈڭ يوقمۇ» دېگەندەك، ئەمدى ئۇلارنىڭ قىلغىنىغا يارىشا جاۋاپ قايتۇرمىساق ئۇياتقۇ؟ ئۆزىمىزنى ئويلىمىساقمۇ، ئەشۇلارغا رەھمەت ئېتىش يۈزىسىن بولسىمۇ بۇ ئۆينى تۇتايلى!

_ مەيلىلا، شۇنداق قىلساقمۇ قىلايلىلا! _ بەقەمۇ ئامالسىز بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشتى، _ بىراق شۇ ياغاش - تاشنىڭ ئىشىنىزە، قانداق قىلىدىغان ئىشكىنتاڭ! ساتقىدەك بىر نەرسە بولسىكەن كاشكى...

_ بولدى، سەنلا ھاراق ئىچمەي ئادەمدەكلا يۈرۈپ بەرسەڭ، ئىگەكىم، _ دېدى سانىيەم ئۇنىڭغا يېلىنغاندەك قاراپ، _ ئازراق نېرى قىلىپ قويغان پۇلۇم بار. ئەتىلا شەھەرگە كىرىپ ئىشىك - دەرىزىلەرنى ئاچىقاي!

بەقەنىڭ تەرسالىقى يەنە تۇتتى. خۇددى ئۇزۇن يىل تاماكا تاشلىغان بەڭگىنىڭ تاماكىنى كۆرۈش بىلەنلا خۇمارى قايتا تۇتقاندەك، پۇلنىڭ گېپىنى ئاڭلاش بىلەنلا ئۇنىڭمۇ گەللىرى قىمشىپ، بىر يەرلىرى مىتىلداشقا باشلىدى ۋە شۇ ھامان ئەشۇ پۇلنى قولغا چۈشۈرۈشنىڭ پېيىگە چۈشتى. ئۇ توساتتىن كىچىك بالىدەك خۇيلۇنۇپ:

_ مەن تۇرۇپ ئۆينىڭ ئىشلىرىغا سەن يۈگىرەپ يۈرسەڭ خەق نېمە دەپ ئويلاپ قالىدۇ؟! _ دەپ سانىيەمگە بۇتناپ قارىدى، _ مەن زادى نېمىگە ھېساب؟ ئۆي بېقىپ، بالىغا قاراپ ياتىدىغان خوتۇن بولمىسام يا مەن!

سانىيەمنىڭ «ئۆي بېقىپ ياتمايدىغان ئادەم نەچاغدىن پۇل تاپماي نېمە ئىش قىلدىڭ...» دەپ يەنە بىرمۇنچە چالۋاقىغۇسى كەلىدىيۇ، لېكىن پىشىپ قالاي دېگەن ئارغامچىنى خېمىغا ياندۇرۋەتكۈسى كەلمەي، ئۆزىنى تۇتىۋېلىشقا مەجبۇر بولدى. بەقەنىڭ دېگىنىمۇ بىر ھېسابتا ئورۇنلۇق ئىدى. ئۆي ۋە تالانىڭ ئىش تەخسىماتى ئاتنىڭ قاشقىسىدەك ئېنىق ئايرىلغان بۇ يۇرتتا ئايال خەقنىڭ قاتتىق - قۇرۇق ئىشلارغا چېپىپ يۈرۈشىمۇ ئوشۇقچە ئىدى. بۇ يەردە ئەلمىساقتىن بېرى شۇنداق بىر ئادەت ئومۇملاشقان ئىدىكى، ئاتالمىش«ئۆي»نىڭ نامى شىپى كەلتۈرۈلگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى، مەيلى ئۇ قانچە ئېغىر بولسۇن ئاياللار قىلاتتى. ساينىڭ تاپىنىدىن ئەپكەش بىلەن سۇ كۆتۈرۈپ ئەكىلىشتىن تارتىپ، تاماق ئېتىش، كىر - قات يۇيۇش، نان يېقىش، ھەتتا ئۆينىڭ ئىچى - تېشىغا لايچىلىق قىلىشلارغىچە ئاياللارلا چاپاتتى. ئەرلەر بۇ ئىشلارنىڭ بىرەرسىگە قاراشتىمۇ، بولدى، ئۇنى خوتۇندىن - خوتۇنغا، چېپىلغاقتىن - چېپىلغاققا سېلىپ مازاق قىلىپ ئىت - كۈچۈكىنى چىقىرىۋېتەتتى. سانىيەم نىيىتىدىن يېنىشقا مەجبۇر بولدى. بىراق بۇنىڭلىق بىلەن تومۇزنىڭ ئاپتىپىغا قاقلىنىپ، مىڭبىر جاپادا كېۋەز ئوتاپ، غوزا ئۈزۈپ، زاراڭزا گۈلىنى ئېلىپ... تاپقان 600 تەڭگە پۇلنى بىر ھاراقكەشنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويۇشقا بولاتتىمۇ، بۇ قاراپ تۇرۇپ قوينى بۆرىگە قاراتقانلىققۇ؟ شۇڭا ئۇ بىر ھەپتىگىچە كۆڭلىنى توختىتالماي دىلغۇل بولۇپ يۈردى - دە، ئاخىرى بىر كۈنى ئامالسىز بەقەگە:

_ بولمىسا، ئىككىمىز شەھەرگە بىللە كىرەيلى، _ دېدى.

_ مەنلا كىرسەم بولمىدىمۇ؟ كىچىككىنە نېمىگە ئىككى ئادەم كىرىپ نېمە كەپتۇ ئەمدى، قاتناشقىمۇ بىرمۇنچە  پۇل كېتىدىغان تۇرسا ؟!

_ بىراق...

_ بىراق نېمە؟ مېنى پۇلنى خەجلىۋېتەمدىكىن دەپ ئەنسىرەۋاتىسەنغۇ تايىنلىق؟

_ نېمىشقىكىن، سەندىن پەقەتلا خاتىرىجەم بولالمايمەنغۇتاڭ مەن.

_ ھوي، تولا يوقىلاڭ خىياللارنى قىلماي، خاتىرىجەم بولساڭا! _ دېدى بەقە نۇمۇس قىلغاندەك قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، _ دېگىنىڭمىغۇ بىر ھېسابتا ئورۇنلۇق، شۇ ھاراق دېگەن كاساپەتنىڭ دەردىدە خەقنىڭ يۈزىگە قارىغىدەكمۇ يۈزۈم قالمىغىنى راست. لېكىن ئەمدى خاتىرەڭنى جەمئىي قىل، شۇ نىجىسنى ئاغزىمغا ئالىدىغان بولسام چوشقا  بولۇپ كېتەي!

_ ئاپا، يالغان دەيدۇ، ئۇنىڭغا پۇل بەرمە، ھاراق ئېلىپ ئىچىدۇ! _ بالىلىرىنىڭ كەنجىسىدىن باشقىلىرى سانىيەمگە قاراپ تەڭلا چورقىراشتى، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىمۇ خەۋپسىرىگەندەك چەكچەرەپ كەتكەنىدى.

_ ھەممىسى ئاپىسى تەرەپ بۇ شۇملارنىڭ! _ بەقە قىيدىغىنىچە قۇچىقىدا ئولتۇرغان كەنجە بالىسىنى ئىرغىتىپ تاشلىۋېتىپ، ئورنىدىن ئۆمىلەپ قوپتى - دە ، بايىلا دۈمبىسىگە تەگكەن كوتىمەك سۈپۈرگىنى ئېلىپ ئۇلارغا ئاتتى، _ ماڭ، يۇقىلىش ئۆيدىن، تولا نېرۋامغا تەگمەي، كىسپۇرۇچلار!

سانىيەم بەقەنىڭ ھەر قېتىم بۈگۈنى ھاراق ئىچىپ ئەتىسى بېشى ئاغرىغاندا ئىت، ئېشەك... بولۇپ كېتىشلىرىنى تولا ئاڭلىغاچقىمۇ، يەنىلا كۆڭلىنى توختىتالمىدى. ئۇ بەقەگە پەقەتلا ئىشەنمەيتتى. باشقىسىغۇ بىر نورى، ئۆتۈپ كەتكەن بىر ئىشنى ئويلىسىلا ئۇنىڭغا بولغان قارىشى تامامەن ئۆزگىرىپ كېتەتتى. ئۇ ئىش ئۇنىڭلا ئەمەس، بەلكى ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئىشەنچىسىنى يەردە قوياتتى.

ئالدىنقى يىلى كۈزدە يېزىلىق ھۆكۈمەت يەنە ئۇلارغا ئاددى بولسىمۇ ئىككى ئېغىز ئۆي سېلىپ بېرىشنى قارار قىلغانىدى. ئۇلارنى قار چۈشكىچە يېڭى ئۆيگە كۆچۈرمىسە بولمايتتى. يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ تەلىپىمۇ شۇ بولسا كېرەك، شۇڭا مەسئۇل خادىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە ناھايىتى جىددى ئىش باشلاندى. ياغاچ - تاش، ئىشىك - دەرىزە، بورا - قومۇشلارغىچە تەق قىلىندى. ئەمما بەقەلا بۇ ئىشلار بىلەن ھېچبىر ئالاقىسى يوقتەك ئىچىپ - چېكىپ، بېشىنى ئىچىگە تىقىپلا يۈرەتتى. ئۇنىڭچە بولغاندا بۇنداق قىلىشنىڭ پەقەتلا زۆرۈرىيىتى يوق ئىدى. ئۇ ھەتتا بۇ ئىش تۈپەيلى تولا كوتۇلداپ ئايالى سانىيەم بىلەن بىرنەچچە قېتىم قىزىرىشىپ بولدى.

_ قايسىبىر دۇنيالىرىڭغا بۇنچە كاتتا ئايۋان - سارايلارنى ياساتماقچى بوپكەتتىڭ ھوي سەن؟! _ دەيتتى ئۇ خۇدانىڭ ياراتقان كۈنى مەسلىكتە سانىيەمنىڭ كۆزىگە كىرىۋېلىپ، _ كۆمۈرنىڭ قىس ۋاقتىدا بىزگە موشۇ بىر ئېغىز ئۆي يېتىپ ئاشاتتىغۇ ؟ مىڭ ئېغىز ئۆيۈڭ بولغىنى بىلەنمۇ ياتىدىغىنىمىز بىر ئېغىز، قالغىنىغا چاشقان ئۇگىلايدۇ، شۇ!

_ توۋۋا، ماۋۇ خومەينىڭ دەۋاتقان گېپىنى قارىمامدىغانوي، ئىچىۋېرىپ ئەقلى دۈمبىسىگە چىقىپ قالمىغاندۇ ؟! _  سانىيەم جېلى بولغىنىدىن ياقىسىنى تۇتقىنىچە چالۋاقايتتى ئۇنىڭغا، _ ساراڭ بولمىغانسەن سەن - ھە ؟ دەۋاتقان گېپىڭنى قارا، بىرسى تەييار ئاشنى ئېتىپ قوشۇق بىلەن يېگۈزۈپ قويىمەن دەۋاتسا يېمەيمەن دېگەندەك! ئوشۇق دۇنيا باش يارامدۇ؟ ئەڭ بولمىغاندا بۇ ئۆيلەر مونۇلارنىڭ خەتمىسىنى قىلغاندىغۇ خوي ئەسقاتار؟ _ ئۇ بىر ئېغىز ئۆينى ئېچىۋەتكىدەك قىلىپ چېلىشىپ - گىرەلىشىپ كېتىشكەن بالىلارنى ئىشارە قىلىپ سۆزىنى يەنە داۋاملاشتۇراتتى، _ ھېلىمۇ بىرەر مۇھىم قىلساقلا قوشنىلارنىڭ ئۆيىگە قاتراپ نېمە كۈنلەرنى كۆرمىدۇق بىز؟ بىزمۇ ئادەمغۇ، چاشقانغا ئوخشاش بىر تۆشۈككە تىقىلىشىۋالماي، ئادەمگە ئوخشاش ياشاپ باقساق  بولمامدۇ؟ مەنمىچۇ، موشۇ بالىلارغىلا تارتىشىپلا ئامالسىز بۇ گۆرۈڭدە تۇرىۋاتىمەن، ئۇلارنى دېمىگەن بولسام ئاللىقاچان بۇ گۆرۈڭنى تاشلاپ بېرىپ كەتكەن بولاتتىم!

_ «ھالىڭغا بېقىپ ھال تارت، خالتاڭغا بېقىپ ئۇن تارت» دېگەن گەپمۇ بار، ئۈچ ئېغىز ئۆيگە يېيىپقىنا سالغىدەك كىگىزىڭنىڭ تايىنى يوق، ئۆي سېلىشنى كىم قويۇپتۇ ساڭا؟! _ ئاخىرى بىر كۈنى بەقە شۇنداق دېدى - دە، سانىيەمنىڭ «قايتارما ھوجۇم»ىغىمۇ پەرۋا قىلماي  ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.

ئەتىسى ئەتتىگەندە يەنە سانىيەمنىڭ ھويلىنى بېشىغا كىيىپ دادۇ - پەريات كۆتۈرۈشى قولۇم - قوشنىلارنى ئۆيلىرىدىن چىقىشقا مەجبۇر قىلدى. ئۆيگە كېرەكلىك بارلىق ماتېرىياللار _ خىشتىن باشقىسى بىر كېچىدىلا يۇقاپ كەتكەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆي سېلىش ئىشىمۇ يەنە جايىدىلا قېپقالدى. ئەمما ئۇزۇنغا بارماي بۇنىڭ سىرىمۇ ئېچىلدى. بەقەنىڭ كۆپ سانلىق ھاراقكەشلەردەك ھاراق ئىچىۋالسىلا ئىچىدە گەپ ياتمايدىغان بىر ئەسكى خۇيى بار ئىدى. ئۇ بىر كۈنى  ھاراق ئىچىۋېتىپ بۇ سىرنىمۇ ئاشكارىلاپ قويدى. ئەسلىدە بەقە بۇ ماتېرىياللارنى شۇ كېچىدىلا قوشنا كەنتلىك بىرسىگە بىكارنىڭ نەرقىدىلا سېتىۋەتكەن ئىكەن...

شۇڭا سانىيەم ئۇنىڭغا پەقەتلا ئىشىنەلمەيتتى. شۇنداقتىمۇ بۇ قېتىم ئۇنىڭ چوشقىنى شىپى كەلتۈرۈپ قىلغان پەۋقۇلئاددە قەسىمىنى نەزەرگە ئېلىپ، ئۇنىڭغا يەنە بىر قېتىم تەۋەككۈل قىلىپ بېقىشنى قارار قىلدى. چۈنكى بۇ يېزىدىكى ھەرقانداق ئادەم _ مەيلى چوڭ بولسۇن - كىچىك بولسۇن، مەيلى ساراڭ بولسۇن - ئوڭ بولسۇن ئاسانلىقچە چوشقا دېگەن سۆزنى ئېغىزىغا ئالمايتتى، ئۇنى ئىنتايىن يامان كۆرەتتى. تەساددىپى شۇنداق قەسەم قىلىپ قالسىمۇ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلماي قالمايتتى.

سانىيەم بەقەنى شەھەرگە ئۇزىتىۋېتىپ، قايتاشىدا ئختىيارسىز يەكشەنبە بازارنى ئارىلاپ بېقىشنى ئويلاپ قالدى. ئۆينىڭ ماتېرىياللىرىنى ئالداپ ئېلىۋالغان قوشنا يېزىلىق ھېلىقى ئادەم تۇرۇپلا ئۇنىڭ ئېسىغا كېلىپ قالغانىدى. سىيىر يۈتكەن كۈنىلا ئۇنىڭ ئىسمىنى چىقىرىشىغىلا بەقەنىڭ «ئۇ ھەرگىز ئوغۇرلىمايدۇ!» دەپ ئۇنىڭغا چاپان يېپىپ سەكرەپ كېتىشى ھەم سىيىرنىمۇ تۈزۈككىنە ئىزدەپ باقمىغىنى سانىيەمنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ قويغانىدى. يەكشەنبە بازىرى ماشىنا بېكىتىگە يېقىن ئىدى. بازار كېڭىيە - كېڭىيە بىر ئۇچى ساينىڭ تاپىنىغا يەتكەنىدى. بۇرۇنقى بازارنىڭ ئورنىنى يايمىچىلار ئىگىلىگەن بولۇپ، جانلىق مال بازىرى سايغا يۆتكەلگەنىدى. ئۇ بىرنەچچە كۈندىن بېرى سىيىرنىڭ دەردىدە ساراڭ بولايلا دېگەنىدى. موشۇ كۈنلەردە بىچارىنىڭ ئولتۇرسا - قوپسا خىيالى ئەشۇ سىيىردىلا قالغانىدى. دېمىسىمۇ ئۇ بارلىق ئۈمۈدىنى شۇنىڭغىلا باغلىغانىدى. بۇ سىيىر نەسىللىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇغايلا دەپقالغانىدى. ساق - سالامەت تۇغىۋالسىلا گۆش - مايغا چىقىنالمىسىمۇ، سىيىر سۈتى بىلەن بالىلىرىنىڭ قورسىقىنى دايىغىلى بولاتتى. بالىلىرىنىڭ داغچاي ئىچىپ، چىرايلىرىدىن توپا يېغىپ تۇرغىنىنى كۆرسىلا ئۇنىڭ سىيىرنى چاققانراق تېپىۋېلىش ئىستىكى تېخىمۇ كۈچىيەتتى. ئۇ قويلىرى يۈتكەندە بۇنچىلىك قايغۇرۇپ كەتمىگەنىدى. چۈنكى ئۇنىڭغا ئىدىيىسىدە ھەرھالدا ئازراق «تەييارلىق»ى بار ئىدى، ئۇلارنى بىر كۈنى بولمىسا يەنە بىركۈنى بەقەنىڭ ئوغرىلىقچە سېتىۋېتىدىغىنىنى كۆڭلى تۇيۇپلا تۇراتتى. ئەمما سىيىرنىمۇ سېتىۋېتەر دەپ ھەرگىز ئويلىمىغانىدى. سىيىر _ ئۇلار ئۈچۈن ھاياتلىق مەنبەئەسى ئىدى! ئۇنىڭغا بۇ ئاي - بۇ كۈنلەردە سىيىر ئەمەس، ئۇنىڭ تىزىكىمۇ دورا ئىدى. قولىدا بارلارغا بىر باغنىڭ ياغىچىمۇ ھېچنېمىگە ئەرزىمىگەن بىلەن، قولىدا يوقلارغا ۋاقتى كەلسە چوكا چاغلىق نەرسىمۇ ئۆز كۈچىنى كۆرسىتەتتى. ھازىرمۇ ئۇنى مال بازىرىغا سۆرەپ كەلگىنىمۇ دەل شۇ كۈچ ئىدى. گەرچە بۇ يەرنىڭ ئادىتى بويىچە جانلىق مال بازىرىغا ئاياللار ئاياق باسمىسىمۇ، لېكىن ئۇ سىيىر ئۈچۈن ھەممىگە چىداشقا بەل باغلىغانىدى. ئۇ ئەرلەرنىڭ يامان كۆزلىرىگە، ئەپسانە چاقچاقلىرىغا... پەرۋا قىلمىدى. ئۇنىڭ كۆزى پەقەت سىيىرلاردىلا _ ماڭلىيىدا قاشقىسى بار سىيىرلاردىلا ئىدى. ئۇ كىملەرگىدۇر ۋە نېمىلەرگىدۇر ئۇرۇلۇپ - سوقۇلسىمۇ پەرۋا قىلمايتتى. تۇيۇقسىز ئۇنىڭ كۆزى بىر نوقتىغا تىكىلىپ قېتىپلا قالدى. ماڭلىيىدا ھىلالئايدەك قاشقىسى بار ئالا سىيىرنىڭ دەل ئۆزى بېشىدىكى نوقتىلىرى بىلەن بىر توپ ئادەملەر ئارىسىدا قۇيرۇقىنى شىپاڭلىتىپ تۇراتتى.

_ بىزنىڭ ئالا...! _ دەپ توۋلىغىنىچە سانىيەم توپنى يېرىپ بېرىپ سىيىرنىڭ بوينىدىن قۇچاقلاپ، باش - كۆزىنى مېھىربانلىق بىلەن سىلاپ كەتتى. سىيىر دېگەن جانىۋارمۇ كۆيۈنگەننى ئۇبدان بىلسە كېرەك، قۇڭۇر قاشقىمۇ ئىگىسىنى تونۇپ، ئۇنىڭغا بېشىنى بۇراپ قاراپ مۆرەپ قويدى. سانىيەممۇ ئۇنى بالىلىرىنىڭ چېچىنى تارىمىغان تارغاق بىلەن كۈندە دېگىدەك تاراپ، يېلىنلىرىنى يىلمان سۇ بىلەن بىرمۇ بىر يۇيۇپ چىقاتتى. كۆز قارچۇقىدەك ئاسىرايتتى. ئۇ شۇنچىلىك خۇش بولۇپ كەرتكەن ئىدىكى، كۆزىگە سىيىردىن باشقا ھېچنېمە كۆرۈنمەيلا قالغانىدى. ئۇ ئۈندىمەستىن سىيىرنى يېتىلەپ ماڭدى.

_ ھاي، ھاي، ھاي! قانداق ھايا قىلمىغان خوتۇن سىز، بۇقىدەكلا ئۈسۈپ كىرىپ خەقنىڭ كالىسىنى ھايداپ ماڭغىنىڭىز نېمىسى؟! _ دېدى بىدىك شىردەك ھۆرپەيگىنىچە ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇپ، دېمىسىمۇ سودا پۈتۈپ چاي پۇلى ئالىدىغان چاغدا، چاتاق چىقىشىنى بىدىكلەر بەكلا يامان كۆرەتتى، _ ئۇنىڭ ئىگىسى بار، ئىگىسى!

_ كىمكەن ئۇ خەقنىڭ مېلىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالىدىغان ؟ تەشكىل بىزگە يار - يۆلەككە بەرگەن سىيىر بۇ!

_ مانا بۇياق ... _ بىدىك يېنىغا بۇرۇلۇپلا توختاپ قالدى. مالنىڭ بايىقى ئىگىسى ئون ئىزدا يوق ئىدى. ئاڭغىچە سانىيەم بۇ سىيىرنىڭ قولىغا تەككىنىدىن تارتىپ يۈتكىچىلىك بولغان ئارىلىقتىكى تەپسىلاتلارنى بىرنى قويماي سۆزلەپ بولغانىدى.

_ شۇ، دېدىم، ئۆزىنىڭ بولسا ھەرقانچە بولسىمۇ بۇنچە ئەرزان ساتماس بولغىدى دەپ! _ دېدى ئاڭغىچە باياتىن بېرى سىيىرنىڭ بىكارنىڭ ئورنىدا سېتىلغىنىغا ھەيران بولوپ تۇرغان بىر بوۋاي.

سانىيەم ئاخىرى سىيىرنى تېپىپ خاتىرجەم بولدى. لېكىن ئۇنىڭ خاتىرجەملىكى شەھەرگە كىرىپ كەتكەن ئېرىنى ئويلاش بىلەنلا يەنە نەلەرگىدۇر غايىپ بولدى. ئۇ ئەمدى«سىيىرنى تاپقان بىلەن ئۇ خومەينى يۈتتۈرۈپ قويمىسام بولاتتىغۇ...» دەپ ئويلايتتى ئىچىدە.

بەقە 600 كوي پۇلنى قوينىغا سېلىپ شەھەرگە كىردى. يوللارنىڭ ھەممىسى ئاسپالىتلىشىپ كەتكەچكە ئاپتوبۇس ئۇلارنى ئەتتىگەندىلا شەھەرگە ئەكىرىپ تاشلىۋەتتى. ياغاچچىلىق كارخانىسىمۇ تېخى ئېچىلمىغانىدى. ئاخشام ئاچ قورساققا ھاراق ئىچىپ سالغاچقىمۇ ئۇنىڭ ئەتتىگەنلىك چاي ئىچىشكىمۇ كۆڭلى تارتمىغان، شۇڭا قورسىقىمۇ ئاچلىقتىن غولدۇرلايتتى، ئۇ بېكەتنىڭ قارشىسىدىكى بىر چايخانىغا كىرىپ ناشتا قىلماقچى بولدى.لېكىن ئۇ قاتار - قاتار دۇكانلارغا قاراپلا ھەممىنى ئۇنتۇدى. ئۇنىڭ گېلى يەنە قىمشىشقا باشلىغان ئىدى.« ئازىراق نەمدىۋالمايمەنمۇ، ۋاقىت دېگەن تېخى بار گەپقۇ...» ئۇ شۇلارنى خىيالىدىن ئۆتكۈزگەچ يول بويىدىكى بىر بوتكا دوكانغا بۇرۇلدى. ئۇنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى، ھەرقانداق دوكانغا بىر قاراپلا ئۇنىڭ قانداق دۇكان ئىكەنلىكىنى پەرىق ئېتىۋالاتتى، بولۇپمۇ ھېلىقىندەكلىرىنى. ئۇ ئىككى يۈزنى ئىككىگە بۆلۈپلا كۆتۈرىۋەتتى. تېخىچە ناشتا قىلمىغاچقىمۇ ھاراق بىردەمدىلا ئۇنىڭ بېشىغىلا چىقتى. ئۇ دۇكاندىن چىقىپ ئۇزاق ماڭمايلا پىرقىراپ توختىغان پېرقىرىغۇچتەك قىيسايدى. دەل شۇ چاغدا مەخسۇس مەستلەرنى«يۆلەپ» قويىدىغان بىر نەپەر بالا ئۇنىڭ يېنىدا پەيدا بولدى...

ئۇ توختىماي چۈشەكەيتتى: «كىملەردۇر ئۇنىڭغا ئالتۇن قەدەھلەردە ھاراق سۇناتتى، كىملەردۇر مۇخۇركىنى پىلەكچە يۆگەپ تۇتاتتى، كىملەردۇر ئۇنى ‹ھاراقنى ئاجايىپ كۆتۈرىدۇ› دەپ ماختاپ ئۇچۇراتتى...ئۇنىڭ كەيپى ناھايىتى چاغ ئىدى. نەدىن ئاران پەيدا بولدى، توساتتىن كەنت باشلىقى  قولىدا يوغان كالتەكنى دېۋەيلەپ يېتىپ كەلدى. ھەممە ئۆلەر - تىرىلىشىگە قارىماي قاچتى، ھەتتا ئىچىۋاتقان ھاراق بىلەنمۇ كارى بولمىدى. پەقەت بەقەلا ئېشىپ قالغان ھاراقنى ئېلىۋالىمەن دەپ ھەممىدىن كېيىن قالدى، ئۇ ھەممىدىن كەچسە كېچىدۇكى، ھاراقتىن ئەسلا كەچمەيتتى.كەنت باشلىقى قولىدىكى كالتەكنى ئېگىز كۆتۈردى. بەقە ئۆزىنى بىر چەتكە ئالدى ۋە بىر دەم مۇئەللەقتە تۇرغاندەك ھېس قىلدى - دە، چوڭقۇر بىر ئۆستەنگە پولتۇڭڭىدە چۈشۈپ كەتتى. ئۇنىڭ بەدىنىگە شۇھامان سوغۇق تىترەك ئولاشتى...»

ئۇ كۈزنىڭ كەچكى ئىزغىرىنىدىن تىترەپ ئېسىغا كەلگەندە كۈن ئاللىقاچان غەربكە قىيسايغان ئىدى. ئاچ قورساق ھاراق ئىچكەننىڭ ئۈستىگە داق سېمۇنت ئۈستىدە نەچچە سائەتلەپ ياتقاچقىمۇ، ئۇنىڭ بەدەنلىرى ئۇيۇشۇپ، چىرايلىرى كۆكىرىپ، چىشلىرى كاسىلداپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆڭلى ئىلىشىپ، چېكىسى توختىماي لوقۇلداپ ئاغرىيتتى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ كاللىسى قوپقۇرۇق بولۇپ، ئۆزىنىڭ ناتونۇش بىر كوچىدا قامقاقتەك دۇمىلاپ يۈرگىنىنىمۇ ئېسىگە ئالالمىدى. ئۇ خېلىدىن كېيىن ئەتراپىغا چۆچۈپ قارىدى ۋە ئالمان - تالمان يانچۇقىغا قول ئۇزاتتى. ئۇنىڭ تۇنجى بولۇپ كاللىسىغا كىرگىنى 600 كوي پۇل ئىدى. لېكىن يانچۇقىدا پۇلدىن ئەسەرمۇ قالمىغانىدى. ئۇنىڭ چىرايى ئۆلۈكنىڭكىدەك تاتىرىپ كەتتى. ئۇ «ئەشۇ... ئەشۇ گۇينىڭ بالىسى...» دەپ چۈشىنىكسىز بىر نېمىلەرنى دەپ ئۆتكەن - كەچكەنگە كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ قارايتتى. ۋەھالەنكى، موككىدەك ئالدىراش ئۆتۈپ كېتىشىۋاتقان ناتونۇش كىشىلەر ئارىسىدا ئۇنىڭ كۆزىگە بىرەر تونۇش چىرايمۇ چېلىقمايتتى. ئۇنىڭ بېشىمۇ، روھىمۇ چۈشۈپلا كەتتى. شۇ تاپتا ئۇنىڭغا ئۆينىڭ ئىشىك - دەرىزىلىرىنى سېتىۋېلىشنى ئويلاش بىر ياقتا تۇرسۇن، كورۇلداپ تۇرغان قورسىقىنى ئەستەرلىۋېلىش، مۇھىمى ياقا - يۇرتتا سەرسان بولۇپ يۈرمەي، ئۆز يۇرتىغا چىقىۋېلىشنىڭ ئۆزىلا بىر قىيىن ئىمتىھان بولۇپ قالغان ئىدى. ئۆز يۇرت دېگەن سادىغاڭكېتەيگە نېمە يەتسۇن، لالما ئىتمۇ تونۇش كوچىلاردا ئاچ قالمايدۇ ئەمەسمۇ؟ ئۇ يولنىڭ چېتىگە بولسىمۇ چىقىۋېلىشنى ئويلاپ ئورنىدىن ئاستا تۇردى. ئۇنىڭ بېشى لەڭىلدەپ قېيىپلا تۇراتتى. پۇتلىرى تۆپتۈز سېمونت يولدىمۇ خۇددى ئويمان - چوڭقۇرلاغا چۈشۈپ كېتىۋاتقاندەك توختىماي مۈدۈرۈپ تۇراتتى، ئۇ تېخى مەستلىكتىن تەل - تۆكۈس يېشىلمىگەنىدى.

_ قېرىلىقىنى تۇيماي قىلىپ يۈرگەن ئىشىنى! _ كىمدۇر بىرى يەرگە« شالاققىدە» تۈكۈرىۋېتىپ ئۇنىڭ قېشىدىن ئۆتۈپ كەتتى. ئۇ دەلدەڭشىپ كېتىۋاتقاچ كەينىگە قايرىلىپ قاراپ قويدى ۋە بېشىنى ئالدى تەرەپكە بۇراش ئارلىقىدا پۇتى سالمىقىنى يۇقىتىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلدى، ئۇ قاپقىغى يوق بىر ئەۋرەز قۇدۇقىغا چۈشۈپ كەتكەنىدى. ھېلىمۇ ياخشى، ئۇ پۇتچىلاپلا چۈشكەنىدى. ئەگەر باشچىلاپ چۈشكەن بولسا تىرىك قېلىشىمۇ بىر گەپ ئىدى.

_ ئۈلە پىيەنچۈك! _ ھېلىقى ئادەم شۇنداق دەپ قارغىدى - يۇ، لېكىن يەنىلا بىر چەتتە قاراپ تۇرماي، ئۇنى ئەۋرەز قۇدۇقىدىن تارتىپ چىقىرىپ قويدى. مىڭ قىلغان بىلەن ئۇ يەنىلا ئادەم - دە ؟ ئەمما شۇ تۇرقىدا ئۇنىڭدا ئادەملىكتىن ئەسەرمۇ قالمىغانىدى، مەينەتچىلىككە بۇلغۇنۇپ بىر دۆۋە ئەخلەتتەك سېسىپ ياتاتتى. ئۇ بايامقى چۈشىنى يەنە داۋام ئېتەتتى:« ...ئۇ تېخىچىلا سۇدا ياتاتتى، چىقىمەن دەپ قانچە تىركەشسىمۇ، لېكىن قىرغاق تولىمۇ ئېگىزدە قېلىپ پەقەتلا چىقالمايتتى. ئەتراپتىن جۇدۇن - چاپقۇندەك ھوۋۇلدىغان ئاۋازلار كېلەتتى، ئۇ ۋاقىتنىڭ توختاۋىسىز ئۆتىۋاتقىنىنى، سۇلارنىڭ مۇزغا ئايلىنىۋاتقىنىنى، بەدەنلىرىنىڭ توڭلاپ ئاستا - ئاستا سېزىمىنى يۇقىتىۋاتقىنىنى تۇيۇپ تۇراتتى، قاراپ تۇرىۋەرسە ئۆزىنىڭمۇ مۇز پارچىسىغا ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى جەزىم قىلاتتى. ئۇ ئەڭ ئاخىرىقى قېتىم قۇتۇلۇشقا ئۇرۇنۇپ باقماقچى بولدى. بار ئاۋازى بىلەن نەرە تارتىپ، باركۈچى بىلەن يۇلقۇندى...»

ئۇ يەنە ئېسىگە كېلىپ ھە دېگەندىلا پېرقىرىتىپ قويىۋەتكەن ئادەمدەك ھېچنەرنى پەرق ئېتەلمىدى. نەگە مېڭىشىنىمۇ ئاڭقىرالمىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ ئانچە - مۇنچە ھەرىكەت قىلمىسا بولمايتتى. شۇڭا ئۇ تەۋەككۈلسىگىلا ئالدى تەرەپكە مېڭىپ بېقىشنى ئويلاپ ئورنىدىن تۇردى. بىراق ئۆزىگە تونۇشلۇق بولغان يەنە بىر قىسمەتنى كۆڭلى تۇيۇپ جايىدىن بىر قەدەممۇ نېرى بولالماي، تۇرغان يېرىدە ياغاچتەك قېتىپ تۇرۇپلا قالدى. قېرىشقاندەك ئۇنىڭ ئىشتىنىنىڭ ئېغى يىرتىلىپ ئىككى يېقىغا ئايرىلىپ كەتكەنىدى. ئۇ بۇنى چاتىرقىدىن ئۇرغان كۈزنىڭ ئاچچىق ئىزغىرىنىدىن شۇھامان سېزىۋالدى. دېگەن بىلەن ئۇ بۇ تەرىپىگە بەكلا سەزگۈر ئىدى. مەسلىكتىن يېشىلىپلا ئىشتىنىنىڭ ئېغىغا قاراشمۇ ئۇنىڭ ئادىتى ئىدى. چۈنكى ئۇ مەست بولغاندا ئۆزىگە، بولۇپمۇ تەرىتىگە ئىگە بولالمايتتى. كۆپىنچە ھاللاردا ئىشتىنىغا چىقىرىۋېتەتتى. مانا ھازىرمۇ شۇنداق بولغانىدى. بايىقى چۈشىمۇ موشۇنىڭ بىشارىتى ئىدى. ئىشتاننىڭ نەملىكى، چاتىرىقىنىڭ ھاڭقىرقاي ئوچۇقلۇقى، يەنە كېلىپ قورسىقىنىڭ ئاچلىقى، قېرىشقاندەك كۈزنىڭ ئاچچىق ئىزغىرىنىنىڭ نەشتەردەك سانچىلىشى قوشۇلۇپ ئۇنى تولىمۇ قىينايتتى. ئۇ چىشلىرىنى كاسىلدىتىپ، يېڭى تۇغۇلغان ھايۋان بالىسىدەك سەنتىرەكلىگىنىچە ئالدى تەرەپكە ئاستا ماڭدى. ئۇ يېنىدىن پەرۋاسىز ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەردىن ماشىنا بېكىتىنىڭ نەدىلىكىنى سوراشقا نەچچە قېتىم تەمشەلدىيۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ سوغ ھەم غەزەبلىك بېقىشلىرىدىن ھېيىقىپ ئۈنىنى چىقىرالمىدى. ھەممە ئۇنىڭغا ئۆچمەنلىك ۋە دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن قارايتتى. ئۇ ماڭا - ماڭا ئاخىرى مىڭتەسلىكتە خەقنىڭ كۆزىدىن نېرىراق بىر ئوچۇقچىلىققا چىقىپ قالدى. بۇ يەر شەھەر بىلەن مەلۇم يېزا ئارىلىقىدىكى ئۈزۈكچىلىك ئىدى. ئۇ قاتتىق ھېرىپ كەتكەنىدى، ماغدۇرسىزلىق ئۇنى تېخىمۇ بوزەك ئەتمەكتە ئىدى. ئۇنى توختىماي مۈگدەك بېسىشقا باشلىدى. ئۇ ئاخىرى پۇتى كېلىپ توختىغان يەرگە «موككىدە» ئولتاردى - دە، ھەيەل دېمەيلا يەنە ئۇيقىغا كەتتى...

كۈز كىرىپ قالغان بولغاچقىمۇ ئەتىسى ئاخشىمى ھاۋا خېلىلا سوۋۇپ قالغان ئىدى. سەھرانىڭ سېرىق شامىلى تۇرۇپ - تۇرۇپلا ئادەمگە نەشتەردەك سانچىلاتتى، بولۇپمۇ يۈزلەرگە چىۋىقتەك ۋىژىلداپ تېگەتتى. سانىيەمنىڭ ماشىنىنىڭ يولىغا قاراپ ئىڭىكى چۈشۈپ كېتەيلا دېدى. ئۇ شۇ تاپتا سوغۇقنىمۇ، ئاچلىقنىمۇ _ ھېچنېمىنى سەزمەيتتى. ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئەنسىزچىلىك چىرمىۋالغان بولۇپ، توختىماي ئۇھ تارتاتتى. ئىچىدە نېمىلەرنىدۇر پىچىرلايتتى. ئۇنى شۇ تاپ قىيناۋاتقىنى ئېرىنىڭ بىرەر پالاكەتكە ئۇچرىشى بولماستىن، بەلكى ئېرىنىڭ يانچۇقىدىكى ھېلىقى پۇلنىڭ تەشۋىشى ئىدى. ئۇ ئەزەلدىن ئېرىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ باقمىغان، ئەنسىرىشىنىڭمۇ ھاجىتى يوق ئىدى. ئۇ بالادەك ئىچسىمۇ ئۆلۈپ قالمايتتى. ئوي - چوڭقۇرلاردا يېتىپ - قوپۇپ، ئۆمىلەپ - دۇمىلاپ يۈرۈپ «گۆر» ىدە پەيدا بولاتتى. بۇ مىسالدا ئۇ ئىتتىن قېلىشمايتتى. ئەمما ئۇنىڭ يانچۇقىدىكى پۇلنىڭ ئىشىغا بىرنېمە دەپ بولمايتتى. ئەڭ ئاخىرىقى ماشىنىدىمۇ ئېرى كۆرۈنمىدى، سانىيەمنىڭ ئاخىرىقى ئۈمۈدىمۇ يوققا چىقتى. « ئىسىت، پۇلۇم، مىڭبىر جاپالاردا تاپقان 600 كوي پۇلۇم! _ دەپ ئىڭراپ كەتتى ئۇ ئەلەم بىلەن، _ سېنى تاپقىچە  ئېتىز يوللىرىدا 600 قېتىمدەك پالاقلىۋېدىمغۇ ؟ ئاپتاپلاردا 600 قېتىمدەك كاۋاب بولغان ئىدىمغۇ ؟ 600 قېتىمدەك دوڭغىيىۋېدىمغۇ ؟ 600 قېتىمدەك...» ئۇ ئاچچىق ھەسرەتتە سۆزلەپ قالايلا دەپقالغانىدى. «نېمىگە پوق يەپ ئۇ تىجىمەلنىڭ گېپىگە ئىشەنگەندىمەن - ھە؟! _ دەپ ئۆزىنى ئەيىبلەشنى داۋاملاشتۇراتتى ئۇ يەنە، _ ئەشۇ پۇلغا كاشكى باللىرىمغا ئىسسىققىنە تاماقلارنى ئېتىپ بەرسەمچۇ؟ ئىسسىققىنە كىيىم - كېچەكلەرنى ئېلىپ كىيگۈزۈپ قويسامچۇ؟ ئىسىت، ئىسىت، ئىسىت!»

ئارىدىن يەنە ئىككى كۈن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى. بەقەدىن ھېلىغىچە بىرەر خەۋەر يوق ئىدى. قولۇم - قوشنىلار بىردىن - ئىككىدىن كىرىشىپ ئۇنىڭ دېرىكىنى قىلغاچ سانىيەمدىن كۆڭۈل سورايتتى. دېمىسىمۇ، بەقەنىڭ كىشىنىڭ يۇرتىدا نېمە كۈنلەرنى كۆرىۋاتقىنى نامەلۇمغۇ؟ ئۆز يۇرت بولسىغۇ كاشكى، ئۇنىڭدىن بۇنچە ئەنسىرەشنىڭمۇ ھاجىتى يوق ئىدى. ھېچ بولمىسا بىرەر قوشنىسى «بەدىكىڭ پالانچى يەردە يېتىپ قاپتۇ... » دەپ سانىيەمگە خەۋەر يەتكۈزۈپ كېلەرىدى؟ «يامانلىقنى ئويلىمىغىچە ياخشىلىق يوق» دېگەندەك، كىم بىلىدۇ، ئۇ شۇتاپتا ئاتام ، ئانام كۆرمىگەن جايلاردا بىرەر پىشكەللىككە يولۇقۇپ، ئىگە - چاقىسىز ئەجەلنى كۈتۈپ ياتامدۇ تېخى!

_ ۋاي، سادىغاڭكېتەيلەر، ئەنسىرىمەڭلارا ئۇ خومەيدىن! _ دەيتتى سانىيەممۇ كىرگەنلىكى ئادەمگە، _ يانچۇقىدا پۇلى بار، ئىچىپ - چېكىپ ياشاۋاتقاندۇ ئۇ ؟ ۋاي...يەي، پۇلى تۈگىسۇنچۇ قېنى، قايتىپ كەلمىگىنىنى بىر كۆرەي ئۇ تىجىمەلنىڭ !

دېگەندەك، ئۈچىنچى كۈنى ئۇنىڭدىن ئاخىرى ئۇچۇر كەلدى. بىراق بۇ قېتىم ئۇچۇر ئىلگىرىكىدەك كىمدۇر بىرى«بەقە پالانچى يەردە مەست يېتىپ قاپتۇ» دەپ ئەمەس، بەلكى ساقچى تەرىپىدىن كەلگەنىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە بەقە شەھەردە، مەلۇم بىر دوختورخانىدا ساقسىز بولۇپ يېتىپ قالغانىدى.

_ ساقچىلار ئۇنى بايقىغاندا، ئۇ ئاللىقاچان ھوشىنى يۇقاتقان ئىكەن، _ دېدى يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ خادىمى ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، _ يېنىدا كىملىكى بولمىغاچقا، پەقەت ئۇ ھوشىغا كەلگەندىلا ئاندىن ئۇنىڭ سالاھىيىتى ئېنىقلىنىپتۇ، شۇڭغىچىلىك ئارىدىن ئىككى - ئۈچ كۈن ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئۇلارمۇ بىزگە تېخى ھېلىراقتىلا تېلېفون قىلدى.

_ يانچۇقىدىكى پۇلچۇ؟ _ دېدى سانىيەم ئوپۇل - توپۇل ساقچىغا قاراپ، جىددىيلەشكەنلىكىدىن بولسا كېرەك  ئۇنىڭ كۆزلىرى چۆچەكتەك بولۇپ كەتكەنىدى، _ بارمىكەن - يوقمىكەن؟!

_ ئۇنى كىم بىلىدۇ! _ دېدى ساقچىمۇ ئاچچىقلانغاندەك قاتتىق تەلەپپوزدا، _ ئېرىڭىز دوختورخانىدا ياتسا، ئۇنىڭ ھال - ئەھۋالىنى سورىماي، يانچۇقىدىكىنى سورىغىنىڭىز نېمىسى ھوي ھەدە؟!

_ خاتىرجەم بولۇڭ ئۇكام، ئۇ ھەرگىز ئۆلۈپ قالمايدۇ! _ دېدى سانىيەممۇ پەرۋاسىزلىق بىلەن، _ ئۆلگىدەك ئىچىپ خۇدىنى بىلمەي يېتىپ قالسىمۇ، ئۆچەكتىكى پاقىدەك ھامىنى تىرىلگىنى تىرىلگەن ئۇ بېشىنى يەيدىغان دەخمىزنىڭ!

ساقچى بۇ ئايالغا ھەيران قالغاندەك باشقىچە تەرۈزدە قاراپ قويدى - دە، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ بولالمايدىغىنىغا كۆزى يېتىپ:

_ ئۇ ھازىر x دوختورخانىسىدىكەن، ئازراق پۇل غەملەپ ئەپچىقىۋېلىڭ! _ دېدى مېڭىشقا تەمشىلىپ.دەل شۇ چاغدا سانىيەم ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭ پېشىغا ئېسىلىۋېلىپ:

_ جېنىم ساقام، خاپا بولماي مېنىڭ ئەرزىمگىمۇ قۇلاق سېلىپ قويغىنا، _ دېدى ئاچچىقلاش تەلەپپوزىدا، _  بولسا ئۇ خومەينى تۇتۇپ سولاۋېتىڭلارا، خويمۇ تويدۇم ئۇ يالغانچى كاززاپتىن، تېجىمەلدىن!

ساقچى كۆڭلىدە ئۇنىڭغا ناھايىتى ئاچچىقلاپ تۇرسىمۇ، لېكىن كەسپىگە يارىشا ئىشنىڭ جەريانىنى ئاڭلاپ بېقىشنى لايىق تاپتى. ئۇ يېنىدا تۇرغان بۇ ئايالنى بىر بولسا ئەقلىدىن ئاداشقان ساراڭ، بىر بولسا ئاچچىقى كەلسە كۆزىگە ھېچنېمە كۆرۈنمەيدىغان بىشەم خوتۇن دەپ قىياس قىلغانىدى. سانىيەمنىڭ ھازىرقى ھالىتىدىن بۇ خىل ئېھتىماللىقلارنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايتتى. ئۇ بەقە توغرىلىقمۇ ئىلگىرى خېلى گەپلەرنى ئاڭلىغانىدى، ئەمما بۇ ئەپقاچتى گەپلەردە ئۇنى تۇتۇپ سوراق قىلغىدەك يېتەرلىك ئاساسمۇ يوق ئىدى. بىر ئادەمنى كۈندە ھاراق ئىچىدۇ دېگەن باھانە بىلەنلا تۇتسا بولمايدۇ - دە ؟ ئۇ يا ھاراق ئىچىپ خەق بىلەن سەن - پەن دېيىشمىسە، يا بىرەر جىنايەتنى سادىر قىلمىسا ؟! شۇنداقتىمۇ ئۇ يەنىلا مونۇ ئالىجۇقا ئايالنىڭ ۋە قوشنىلىرىنىڭ ئېغىزىدىن خېلى نۇرغۇن يېڭى ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى.

_ ئۇ ھەتتا ئۆز ئۆيىنىڭ نەرسە - كېرەكلىرىنىمۇ ئوغرىلاپ سېتىپ بولدى، ساقچى بالام! _ دېدى ئۇنىڭدىن تولىمۇ بىزار بولۇپ كەتكەن بىر دىندار قوشنىسى گۇۋاھلىق بېرىپ، _ ئوغرىلىق دېگەن جىنايەت ئەمەسمۇ؟ بىزنىڭ دىنىمىزدىمۇ قاتتىق چەكلەنگەن گۇناھ  بۇ!

ساقچى ھەيران بولغىنىدىن يا كۈلۈشىنى، يا غەزەبلىنىشىنى بىلمەي گاڭگىراپلا قالدى. ئۇ ساقچىلىق ھاياتىدا مۇنداق ئۆزىنىڭكىنى ئۆزى ئوغرىلايدىغان غەلىتە ئەھۋاللارغا تېخى ئۇچراپ باقمىغان ئىدى. شۇڭا ئۇ دەماللىققا بىر قارارغا كېلەلمەي سانىيەمگە:

_ بۇ ئىشنى بىز قايتىدىن ئېنىقلايمىز، ئەمما سىز يەنىلا ئېرىڭىزنى ۋاقتىدا ئەپچىقىۋېلىڭ، _ دېدى - دە، تەڭقىسلىقتىن تېزاراق  قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئالدىراشلا كېتىپ قالدى.

سانىيەم خاپىچىلىقتا خېلى گەپلەرنى قىلىۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئېرىنى ئەپچىقىۋېلىش نىيىتىگە كەلدى. قانداق قىلىدۇ ئەپچىقماي؟ ئۇ نېمىلا دېگەن بىلەن بالىلىرىنىڭ دادىسىغۇ؟ ياخشى بولسۇن - يامان بولسۇن ئۆزىنىڭ ئون نەچچە يىللىق قەدىناسىغۇ؟ ئۇنىڭ بىر تىيىن چاغلىق پايدىسى تەگمىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە«ھاۋشىمىسىمۇ ئىتنىڭ بارى ياخشى» دېگەندەك، ئۇنىڭمۇ بارى ياخشىغۇ؟ سانىيەم شۇنىڭغا ئىقراركى، ئۇنىڭغا كۈندە دېگىدەك كوتۇلداپ تۇرمىسا بىر نېمىسى كەمدەك ھېس قىلاتتى. بىرسى تالادىن مەست - ئەلەس كىرگەن، يەنە بىرسى پۇخادىن چىققىچە كوتۇلدىغان... مانا بۇ تاق يۆلىنىشلىك ئاددىي ياشاش يولىدىن ئۇ يېتەرلىك تەسەللىگە ئېرىشەتتى. تۇرمۇشتىكى كەم - كوتىلىرىنىڭ ئورنىنى تولدۇرىۋالغاندەك ھېسسىياتلارغا چۆمەتتى. قىسقىسى، ئۆزىنىڭ خۇجايىنلىق سالاھىيىتىنى كۆز - كۆز قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، مەنىۋىي جەھەتتىكى ئازغىنە ئېھتىياجىنى بولسىمۇ قاندۇرىۋاتقاندەك تۇيغۇلارغا كېلەتتى. ئەمەلىيەتتە بۇ كۆپ ساندىكى ئاياللارغا ئورتاق بولغان پىسخىكا ئىدى. دېمىسىمۇ، يېزىلىق ئاياللارنىڭ ئېرى ئۆيدە بولسا «كاڭدا سېسىپ ياتماي تالا - تۈزگە چىقسا بولمامدىكى...»دەپ، ئېرى تالادا بولسا «لالما ئىتتەك تالادىن كىرمەيدۇ...» دەپ كوتۇلداشلىرىنىڭ پەقەتلا ئايىقى چىقمايتتى!

سانىيەم بەقەنى قايتۇرۇپ چىقىۋالدى. بىچارە بۇ قېتىم خېلىلا جۈدەپ كەتكەنىدى. ناتونۇش ساقچىلارنىڭ تەنبىھلىرى ۋە تونۇش ساقچىلارنىڭ ئۇچۇقداشلىرى جېنىدىن خېلىلا ئۆتكەن چېغى، كۆزلىرىمۇ لامپوچكىدەك پولتىيىپ، ئورۇقلاپ ئىڭەكلىرىمۇ كەكىدەك ئۇچلىنىپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭغا بۇ ھالدا يەنە ئاھانەت قىلىۋېرىشنىڭ ئورنى بارمۇ ؟ شۇڭا ئۇنىڭ گۇناھلىرى ۋاقتىنچە سۈرۈشتۈرۈلمىدى. بىراق ئۇ بۇنى يەنە خاتا چۈشىنىۋالدى. ئىككى - ئۈچ كۈن ئۆتمەيلا يەنە ئۆزىنىڭ كونا سەنىمىگە چۈشتى. سانىيەممۇ ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا يەنە كوتۇلدىغان پېتىچە ئۆيدە قېلىۋەردى.

كەنتتىكىلەر يەنە كەلدى. ئۇلار كۆپ مۇزاكىرە قىلىشلاردى كېيىن ئۆينى يەنىلا سېلىپ بېرىۋېتىش قارارىغا كەلگەنىدى.

_ بۇنداقلارنى يۆلەۋېرىپ نېمە كەپتۇي، قولىدىن يېتىلىگەنسېرى ئېشەكتەك كەينىگە تىرەجەپ تۇرسا؟! _ دەپ بەزى ھەيئەتلەر بۇ قارارغا قارشى چىقتى، _ بۇنداقلاردىن بىرەرسى ئاچ قېلىپ ئۆلسە، ئاندىن باشقىلىرى قورسىقىنىڭ غېمىنى قېلىشى مۈمكىن!

_ تەييارنى يەپ يامان ئۈگىنىپ كەتكەن گەپ بۇ ئاققۇڭلار!

_ ئاچلىقنىڭ تەمىنى تېتىمىغىچە ناننىڭ قەدرىگە يەتمەيدۇ بۇ ھارامتاماقلار...

بىراق يۇقۇرىنىڭ سىياسىتى شۇ تۇرسا، كەنت باشلىقىنىڭ ئۇنى ئىجرا قىلماي بېشى ئونمۇ؟ ئۇنداق قىلمىسا يۇقۇرىغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىدۇ ؟ دەرۋەقە، « نامراتلارنى يۆلەش» سىياسىتى بىلەن ئويناشقىلى بولمايتتى. بۇ ئىش يەنە كېلىپ ئۇنىڭ ئىقتىدارىغا، بولۇپمۇ كېيىنكى ئىستىقبالىغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ئىدى. دېمىسىمۇ ئۇ بىر ئائىلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرالمىسا تەشكىلنىڭ ئىشەنچىسىگە قانداق ئېرىشەلەيدۇ؟ شۇڭا ئۇ جان چىقىپ كەتسىمۇ ئۇنى يۆلىمىسە ھەرگىز بولمايتتى. ئەجەپلىنەرلىك يېرى شۇكى، نامراتلارنىڭمۇ «سىياسەت» نىڭ دەل ئەشۇنداق نازۇك تەرىپىگە قارىتا سەزگۈرلىكى ئالاھىدە كۈچلۈك بولامدۇ، ئەيتاۋىر ھۆكۈمەتكە خۇددى يۆگىمەچتەك مەھكەم يېپىشىۋېلىشقانىدى!

خۇددى زىدىيەت _ تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى بولغىنىدەك، ئادەملەرمۇ بەزىدە شۇنداق قارىشىسىغا تەپەككۈر قىلىشقا ئادەتلەنگەن. خېچىرنى چۇلۋۇرىدىن تارتىپلا قويسا قۇشقۇنغا ئولتۇرىۋالىدۇ، بۇ خۇسۇسىيەت بەزىدە ئىنسانلارغىمۇ ئورتاق، بولۇپمۇ نامراتلارنىڭ قان - قېنىغا سىڭىپ كەتكەن ئىدى. «ئاچارچىلىق يىللىرىدىمۇ ئاچ قالمىغان خەق ھاللىق تۇرمۇش سەۋىيىسىگە يېتەي دەپقالغان بۈگۈنكى كۈندە، ھۆكۈمەت مىڭ يۆلىسىمۇ قەددىنى نېمىشقا كۆتىرەلمەيدىغاندۇ ؟...» كەنت باشلىقى ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ بۇلارنىڭ تېگەىگە ئەسلا يېتەلمىدى. چۈنكى ئۇ تۈزۈك مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەن ئادەم ئىدى، ئىسمىنىمۇ قاملاشتۇرۇپقىنا يازالمايتتى. كەنت باشلىقلىق ئورنىغىمۇ پەقەت جەمەتىدىكىلەرنىڭ «كۆتەر - كۆتەر» قىلىشى بىلەنلا چىقىپ قالغانىدى. دېمىسىمۇ، ئۇنىڭ جەمەتى بۇ كەنت ئادىمىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلاتتى. سايلامدا ئادەمنىڭ ئاز - كۆپلىكى تولىمۇ مۇھىم ئىدى. بۇلتۇرقى سايلام __ جەمەتىدىكىلەرنىڭ سايلام ساندۇقىنى كۆتۈرۈشۈپ، ئۆيمۇ - ئۆي كىرىپ ئەزالارغا « ئۇ كەنت باشلىقى بولسا مۇنچە مو يېرىڭگە قوشۇپ سۇ ئالىسەن...» دەپ ئۇنىڭ ئورنىدا ۋەدە بېرىشىپ بېلەت تاشلىتىۋاتقان كۆرۈنۈشلەر ھېلىمۇ ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا. شۇ چاغدا ئۇ ئۆزىمۇ جىم ياتماي، ئەلياتقۇدا قوشنا - قولۇملارنىڭ ئۆيىگە بىر - بىرلەپ كىرىپ «ئىدىيىۋىي خىزمەت» ئىشلەپ تۈزۈككىنە كىرپىك قاقمىغان ئىدى. يېزا دېگەندە سايلاممۇ ئوغلاق تارتقاندەكلا بىر ئىش. كىمنىڭ تائىپىسى غالىپ كەلسە ئوغلاقنى شۇ ئېلىپ كەتكەندەك، كىمنىڭ سايلىغۇچىلىرى كۆپ بولسا ئەلۋەتتە شۇ ئۇتۇپ چىقاتتى. شۇڭا ئۇ مەكتەپ يۈزى كۆرمىسىمۇ بىر - ئىككى كۈنلۈك ئۇيقىسىنىڭ مەرىدىن كېچىپلا كەنت باشلىقى بولۇپ قالغانىدى. ھالبۇكى،«قۇشقاچ سويسىمۇ قاسساپ سويسۇن» دېگەندەك، كەنت باشلىقلىق مەنسىپىنىڭمۇ ئۆزىگە چۈشلۇق ئەلىمى - تەلىمى بار ئىدى. باشقا تەرىپىنى دېمەياق ئار كۈندە بىر ئېچىلىپ تۇرىدىغان مەجلىسلەرنىلا ئېلىپ ئېيتساق، شۇنىڭدىمۇ ئەزالارغا تۆت ئېغىز بىرنېمىنى قاملاشتۇرۇپ دېيەلمىسە بولمايتتى. شۇڭا ئۇ مەنسەپكە ئولتارغاندىن بۇيان، تەڭقىسلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئويلاپ ھەتتا ناھايىتى كەمسۆز بولۇپ كەتتى. ئۇ بۇ ئىشتىلا ئەمەس، بەلكى نۇرغۇن ئىشلاردا ئامالسىز قالاتتى. قانچىلىك تىركەشسىمۇ تەرەققىيات قەدىمىگە ماسلىشالماي، چامدامدا بىر پۇتلۇشۇپلا يۈرەتتى. ئەزالارنى قانداق قىلىپ بېيىتىش، ھاللىق سەۋىيىگە يەتكۈزۈش، كەنتنى قانداق روناق تاپقۇزۇش دېگەنلەرگىغۇ ئەسلا كاللىسى يەتمەيتتى. ئۇ ھەتتا بەقەدەك ھاراقكەشلەرنىمۇ تۈزۈككىنە باشقۇرالمايتتى. ئۇنىڭ پەقەت ھەرقايسى ئەترەتلەردىن ئۆزىگە بىرئاز يەر - سۇ ئىگىلەشكە، ئېشىپ كەتسە جەمەتىدىكىلەرگە ئاز - ئازدىن سۇ ھەل قىلىپ بېرىشقىلا چامى يېتەتتى. ئۇنىڭ كەنت باشلىقلىق مەنسىپىدىن ئالىدىغان پايدىسىمۇ، ھوزۇر - ھالاۋىتىمۇ شۇ ئىدى. بۇنىڭغا ئۆزىمۇ ئىقرار ئىدى. ئەمما ئەجەپلىنەرلىك يېرى شۇكى، موشۇنداق«رەھبەرلەر»مۇ ھامان ھەر نۆۋەتلىك سايلاملاردا چۈشۈپ قالماي، خۇددى خانلىق تۈزۈمدىكىدەك يەنىلا ئۆز ئورنىنى ساقلاپ قالىۋېرەتتى. «بىر توپ ئىتقا شىر باش بولسا ھەممە ئىت شىرغا ئايلىنار، بىر توپ شىرغا ئىت باش بولسا ھەممە شىر ئىتقا ئايلىنار» دېگەندەك، بەزى ئىشلارنىڭ يۈرۈشمەسلىكىمۇ  بۇلاردىن خالى ئەمەس ئىدى...

دەرەخ شۇڭى يىلتىزدىن كۆكلەيدۇ. يىلتىزنى كېسىپ تاشلىۋەتمەي تۇرۇپ دەرەخ شۇڭىنىڭ كۆكلىشىنى توسۇپ قېلىش ئەخمىقانىلىق. نامراتلىقمۇ بىر ھېسابتا خۇددى شۇنداق. ئوخشىمايدىغان يېرى، دەرەخ مۇنبەت تۇپراققا يىلتىز تارتقان بولسا، نامراتلىق ئىنساننىڭ كۆز بىلەن كۆرگىلى، قول بىلەن تۇتقىلى بولمايدىغان روھىغا يىلتىز تارتقان، ئۇنى بايقىۋېلىشمۇ تەست. شۇڭا كەنت باشلىقى بەقەنى ئادەم قىلىپ بولالمايدىغىنىغا كۆزى يېتىپ، ئەتىسىلا يېزىلىق ھۆكۈمەتكە بېرىپ، يېزا باشلىقىغا دەرت تۆكۈشكە مەجبۇر بولدى.

_ بۇ رودۇپايدىن قۇتۇلالمىغىدەكمەن، يېزا باشلىقى، _ دېدى ئۇ يىغلامسىراپ، _ يا نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىدىنى كۆپەيتىپ بېرىڭلار، ياكى بولمىسا ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا نامراتنى ئالماشتۇرۇپ بېرىڭلار! ئۇنى ئادەم قىلىشقا پەقەتلا كۆزۈم يەتمىدى مېنىڭ. مەن بۇ ياقتا قانچە تۆپۈرلىكىنىم بىلەنمۇ ئۇ كاداڭغا پاتقان ماشىنا چېقى پېرقىرىغانسېرى شۇنچە چوڭقۇر پاتقاندەك تىرەجىۋالسا ماڭا نېمە ئامال؟!

_ قانداق دېگەن گەپ بۇ، نامراتلارنى ئالماشتۇرغان نەدە بار؟! _ دېدى يېزا باشلىقى شۇ ھامان چېچىلىپ، _ بۇ دۇنيادا ھەل بولمايدىغان ھېچقانداق ئىش يوق. ئۇمۇ ئادەم، ئېھتىمال ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە چۈشلۇق دەردى باردۇر، گەپ ئۇنى بايقىۋېلىشتا. مېنىڭچە ئۇنىڭغا بولغان ئىدىيىۋىي خىزمەت، چارە - تەدبىرلەر تازا يېتەرلىك بولمىغان، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ كەلگۈسىگە ئىشەنچىسى يوق.« تاۋاقنىڭ چۆرىسىدىكى تاماققا قورساق تويماپتۇ» دەيدىغان گەپ بارغۇ، قۇتقۇزۇش پۇلىغىلا تايىنىپ ھەرگىز بىر ئائىلىنى نامراتلىقتىن  قۇتقۇزغىلى بولمايدۇ. ئالدى بىلەن ئۇنىڭ روھىنى قۇتقۇزۇش كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈمەتنىڭ قۇتقۇزۇش مەبلىقى چەكلىك، قۇتقۇزۇش ئوبيېكتىچۇ، سان - ساناقسىز. شۇڭا كۆپەرەك ئۆزىمىزگە تايىنىشىمىز كېرەك!

يېزا باشلىقىنىڭ بۇ نەزەرىيىلىرى ئۇنىڭ بېشىنى تېخىمۇ قايدۇرىۋەتتى. «ئۆزەڭگە تايانلا دەيدا، پۇل بولمىسا نېمە ئىش قىلغىلى بولىدۇ؟ قۇرۇق تاغار ئۆرە تۇرامدۇ؟!...» ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ پەلسەپىسى بويىچە ئويلىناتتى. شۇڭلاشقا يېزا باشلىقىنىڭ گەپلىرى ئويلىسا قېتىغىمۇ كىرمەيتتى. ئەمما يېزا باشلىقى نېمىلا دېگەن بىلەن ئۆزىنىڭ ئۈستىدىكى ئادەم بولغاچقا، ئۇ يۈكلىگەن ۋەزىپىنى تاشلىۋېتەلمەيتتى.

ئۇ بەقەلەرنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، يېڭى ئۆيگە كېرەكلىك ماتېرىياللارنى كۆزدىن كۆچۈرگەچ مەخسۇس ئادەم تەيىنلەپ كۈزەتچىلىككە قويدى. ماتېرىياللارنى ئەمدى يەنە ئۇنىڭغا ئوغۇرلىتىپ قويسا زادى بولمايتتى. چۈنكى يۇقۇرىدىن مەخسۇس ئاجرىتىلغان مەبلەغمۇ، كەنتنىڭ غەللىسىمۇ ئاللىقاچان قۇرۇقدىلىپ قالغانىدى. كەنت باشلىقىنىڭ تازا بېشى قېتىپ تۇرغاندا، يېزىلاردا يولغا قويۇلغان«دېھقانلارنى سىرتقا چىقىپ قوشۇمچە ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىشقا يېتەكلەش» سىياسىتى ئۇنى بۇ غەمدىن بىردەم بولسىمۇ خالاس قىلغاندەك ئويغا كەلتۈردى. ئۇمۇ بەقەنى غېڭشىغىنىغا قارىماستىن سىرتقا چىقىپ پاختا تېرىيدىغانلارغا قوشۇپ قويدى. كەنت باشلىقى ئۇ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن تولىمۇ رازى بولدى. بۇنداق بولغاندا ئۇ بىر چالمىدا ئۈچ پاختەك سوقىۋېلىشتەك ئۈنۈمگە ئېرىشەتتى. بىرسى، بەقەنىڭ يەنە ئۆزىنىڭكىنى ئۆزى ئوغۇرلاپ كېتىشىنىڭ ئالدى ئېلىناتتى. يەنە بىرسى، مۇھىمۇ نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشقان بولاتتى. يەنە بىرسى، توغرا بولغان چارە - تەدبىرلىرىنى تېپىپ چىققان بولاتتى. ئەگەر ئىشلار ئويلىغىنىدەك بولسا، ئۆزىنىڭ نامراتلارنى ھەقىقى تۈردە قۇتقۇزۇش بايراقدارى بولۇپ قېلىشىغا گەپ كەتمەيتتى. شۇڭا ئۇ قەۋەتلا خۇش بولدى. ھەتتا بەقەگە  تاماقلىنىش ئۈچۈن ئۆز يانچۇقىدىن 100 يۈەن پۇل بەردى. ئەپسۇسكى، ئۇ موشۇ پۇلنىڭ يەنە بىرمۇنچە ئاۋارچىلىقلارنى تېپىپ بېرىشىنى ئەسلا ئويلىمىغانىدى.

ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتمەيلا ماتېرىياللارغا يەنە سوغ قول تەگكەنلىكى مەلۇم بولدى! كەنت باشلىقىنىڭ غەزىپى قىرىق گەز ئۆرلەپ، ئاچچىقىدا بۈرگىدەك سەكرەپ كەتتى. ئۇ بەقەنى سىرتتا دەپ ھوشيارلىقنى بوشاشتۇرۇپ قويغىنىغا تولىمۇ ئۆكۈنەتتى، تېرىكەتتى. ھە دەپ ئوغرىنى تاپماي قويمايمەن دەپ ۋارقىرايتتى. لېكىن ئۇ ساقچىغا مەلۇم قىلىشتىن سىرت مەخسۇس ئادەم تەشكىللەپ، بۇ تۆڭكۈرەكتىكى«قارا تىزىملىك» تە ئىسمى بارلىكى ئوغرى - يانچۇقچىلارنى بىرمۇ - بىر سوراق قىلىپمۇ ھەقىقىي گۇماندارنى زادىلا تاپالمىدى. ئۇ ئاچچىقىدا يېرىلىپ كېتەيلا دېدى. ئۇنىڭغا بەك ئەلەم قىلغىنى بىسمىللىسىغا تۇتقان ئىشىنىڭ _ ئادەتتىكى ئىككى ئېغىز ئۆينىڭ پۈتمەي كېتىۋاتقىنى ئىدى. چامدامدا بىر پالاكەت بېسىپ تۇرمىغان بولسا، ھېلىغىچە بەلكىم چوڭ قۇرۇلۇش بولسىمۇ پۈتمەسمىدى؟ «ئەجەپ بىرياقلىق بولماي كەتتا بۇ قىرسىقنىڭ ئوقىتى! _ دەپ ئۆز - ئۆزىگە پىچىرلايتتى ئۇ ئەلەم بىلەن، _ دومىلە گۇينىڭ ھەننىۋا ئىشى پېتىر، نېمىلا قىلسا خېمىغا يېنىپلا تۇرغان...!» ئۇ بەقەنىڭ يېرىمىغىچە قوپۇرۇلۇپ تاشلاپ قويۇلغان ئۆيىنى خامان چۆرگىلىگەندەك توختىماستىن چۆرگىلەپ، قانداق قىلىشىنى بىلمەي تۇرغىنىدا، ئىككى ساقچى بەقەنى موتۇغا بېسىپ ئېلىپ كەلدى. ئۇ يەنىلا غەرق مەست، ئۆلۈكتەك ھېچنېمىنى سەزمەيتتى. ساقچىلارنىڭ دېيىشىچە بۇ قېتىمقى ئوغرىمۇ دەل موشۇ بەقە ئىكەن. ئۇ پاختىغا بارغان كۈنىنىڭ ئەتىسىلا ئەمگەككە چىدىماي ئوغرىلىقچە قېچىپ كەلگەنىكەن ۋە ھېلىقى 100 يۈەن پۇلغا قانغىدەك ئىچىپ، مەستچىلىكتە ماتېرىياللارنى يەنە قوشنا كەنتلىك ھېلىقى ئىلپىتىگە يېرىمىنى نەق، يېرىمىنى نېسىسىگە سېتىۋەتكەن ئىكەن.

_ ئادەم ئەمەس، ئىت! _ كەنت باشلىقى ئاچچىقىغا ھاي بېرەلمەي، خۇدىنى بىلمەي ياتقان بەقەنىڭ قۇڭىغا كېلىشتۈرۈپ بىرنى تەپتى، _ ئىتمۇ ئۇستىخان بەرگەن ئادەمگە ھاۋۇشمايدۇ، ئاش بەرگەنگە مۇشت بەرگەندەك، ئىنساننىڭ قىلىقىنى قىلمايدۇ بۇ لاتا، توخۇ پوقى!

كەنت باشلىقى ئۆي قوپۇرىۋاتقانلارنى شۇ يەردىلا تارقىتىۋەتتى. شۇندىن تارتىپ ئۆزىمۇ، كەنتتىكى باشقا كادىرلارمۇ بۇ ئۆيگە قايتا ئاياق بېسىشمىدى.

كەنت باشلىقىنىڭ بەقەنى يۆلەش بىر ياقتا تۇرسۇن، ئۇنىڭ چىرايىغا قارىغىدەكمۇ رەپتارى قالمىدى. ئۇنىڭ ئولتۇرسا - قوپسا خىيالى پەقەت ئۇنىڭدىن قانداق قىلىپ قۇتۇلۇشتىلا قالدى. ئۇنىڭ بەقە توغرىلىق يېزىلىق ھۆكۈمەتكە تولا قاتراپ ئاياقلىرىنىڭ چەمىمىمۇ ئۇپىراپ كەتتى؛ قۇتقۇزۇش مەبلىغى سوراپ ئېغىزلىرىمۇ قۇرۇپ كەتتى. ئەمما ماقسىتىگە يېتەلمىدى. يېزىلىق ھۆكۈمەتمۇ قارارىنى خالىغانچە  ئۆزگەرتەلمەيتتى. ئۇلارمۇ ئۆزىدىن يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنغا جاۋابكار بولۇشى كېرەك - تە؟

_ ئىدىيىۋىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەڭ! _ ئەپسۇسكى، ئۇنىڭ ھەر قېتىم ئاڭلايدىغىنى موشۇ بىر ئېغىز گەپ ئىدى. بۇ بىر ئېغىز گەپ بىلەن نامراتلاردىن قۇتۇلسا كاشكى! ئۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن قارىغاندا، نامراتلارنى نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئەمەس، بەلكى قانداق قىلىپ نامراتلاردىن  قۇتۇلۇش  مەسىلىسىلا ئۇنىڭ ئالدىغا قويۇلغان چوڭ ۋەزىپە بولۇپ قالغاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ بەقەدىنلا ئەمەس بارا - بارا يېزىلىق ھۆكۈمەتتىنمۇ، كەنت باشلىقلىق مەنسىپىدىنمۇ رايى يېنىپلا كەتتى!

كۈز كېتىپ قارا قىشمۇ يېتىپ كەلدى. ئاپئاق قار يەر - جاھاننى قاپلاپ، جىمىكى مەينەتچىلىكلەرنى يېپىپ كەتتى. ھەممە خەق ئۆز تىرىكچىلىكى بىلەن ئىدى. نامراتلارمۇ ھويلا - ئاراملىرىدىكى قارلارنى كۈرەش، ۋال - ۋارانلىرىغا ئوت - چۆپ تەييارلاشتەك ئىشلار بىلەن مېلىكە بولۇپ، ئىچكۈلۈكنى ۋاقتىنچە بولسىمۇ تاشلاپ قويۇشقاندەك قىلاتتى. دېمىسىمۇ، بۇ يىل ئۇلار خېلى ئۇبدانلا ھاللىنىپ قېلىشقان ئىدى. يۇقۇرىدىن كېلىۋاتقان نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىمۇ يىلسېرى كۆپەيمەكتە ئىدى. بۇ يىل ھەربىر نامرات ئائىلىگە ئىككى باشتىن سىيىر، تۆت تۇياقتىن قوي تارقىتىپ بېرىلگەچكە، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى شۇلارنى بېقىشنىڭ ھەلەكچىكىدە ئىدى. پەقەت بەقەلا مال - ۋارانلىرىنى پاك - پاكىز بىر تەرەپ قىلىپ بولغاچقا، «ئېشىكى يوق موللامنىڭ قۇلىقى تىنچ» دېگەندەك ئۆز سەنىمىگە دەسسەپ يۈرەتتى. كەنت باشلىقىمۇ يۇقۇرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بولارلا ئارىلاپ - ئارىلاپ ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ قوياتتى - دە، ئۇنى ھورۇندىن - ھورۇنغا، يارىماستىن - يارىماسقا سېلىپ تىللاپ ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىۋېلىپ كېتىپ قالاتتى. موشۇ كۈنلەردە بەقەنىڭ ھالى شۇنچىلىك خاراپلاشقان ئىدىكى، 50 گرام ئېلىشقىمۇ قۇربى يەتمەيتتى. چۈنكى ئائىلىسىدە ساتقىدەك ھېچنېمىسى قالمىغانىدى. شۇنداقتىمۇ، ئۇ دۇكانلاردا ھاراقلا بولسىلا بىر ئاماللارنى قىلىپ، نېسىسىگە بولسىمۇ گېلىنى نەمدىۋالاتتى. قېرىشقاندەك، كەنتنىڭ يېقىندا دۇكانلارغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ھاراق سېتىشنى قاتتىق چەكلىشى ئۇنى تولىمۇ تەست كۈنگە قويغانىدى. بۇمۇ كەنت باشلىقىنىڭ ئۆزى مۇستەقىل ئويلىنىپ تېپىپ چىققان يەنە بىر  چارىسى ئىدى.

قەھرىتان قىشنىڭ بىر كۈنى. ھاۋا تولىمۇ سوغۇق ئىدى. ئادەمنىڭ قەدىمى تەگكەنلىكى قارلىق يوللاردىن غاچىلدىغان ئاۋاز كېلەتتى. بۇنداق چاغدا ھەرقانداق ئادەمنىڭ ھورى كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان شورپىنىڭ مېزىلىك ھېدىنى پۇراپ ئىسسىق كاڭدا ياتقۇسى كېلەتتى. بىراق شۇ تاپتا بەقەنىڭ ئۇلارنى ئويلىغىچىلىكىمۇ يوق ئىدى. ئۇنىڭ ھاراق خۇمارى شۇنداق تۇتقان ئىدىكى، ئاتنىڭ سۈيدۈكىنىمۇ ئىچكىدەك بولغانىدى. ئۇ ھويلىسىدا ئايلانما بولۇپ قالغان قويدەك توختىماي پىرقىراپ، ئۆز گۆشىنى يېگىدەك بولاتتى. ئۇنىڭ كارنىيى قىمشىپ، تىللىرىمۇ ھېچنېمىنىڭ لەززىتىنى سەزمەس بولۇپ كەتكەنىدى. شۇ تاپتا ھاراق ئۇنىڭغا گويا تومۇرىدىكى قېنىدەك زۆرۈر ئىدى. ئۇ بىر كۈنى ئاخىرى چىدىيالماي قوشنا كەنتكە بېرىشقا مەجبۇر بولدى.«پىيازنىڭ پوستى تولا، ئەخمەقنىڭ دوستى...» دەپ، ئۇنىڭ ئايىقى يەتكەنلىكى يەردە ئىلپەتلىرى ئۇچراپلا تۇراتتى. ئۇ ئىككى سائەتلىك يولنى بىر سائەتتىلا بېسىپ بىر دۇكان ئالدىغا بېرىشىغىلا، دۇكاندىن بىرسى يەكپاي دەسسەپ چىقىپ كەلدى.

_ سالام لەيكۈم! _ بەقە يېرىم - يارتىلا سالام قىلىپ ئۇنىڭغا قاراپ ھېجايدى، _ قانداغوي، ئاداش؟!

_ ياخشى، ئۆزەڭچوي؟ _ ئىھتىمال ئۇمۇ موشۇ يېزىنىڭ «بەقە»سى بولسا كېرەك، ئۇنى نەدە كۆرگەنلىكىنى دەماللىققا ئېسىگە ئالالماي بىردەم تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى - دە، كېيىن «بەرىبىر» دېگەندەك ئۇنى دوستانىلىق بىلەن مۈرىسىدىن قۇچاقلىدى، _ قايسى شاماللار ئۇچۇرۇپ كەلدوي سېنى؟ ھە، بىردەم - يېرىمدەم ... قانداقراق؟!

بەقە ئۇنىڭ مەقسىتىنى دەررۇ چۈشىنىپ ھەشقىپىچەكتەك ئېچىلىپ كەتتى. ئۇ ھاراق ئىچىشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراپ، ھەتتا ئىلپىتىنىڭ كەينىدە قېپقالغىنى بىلەنمۇ كارى بولماي، خۇددى چاڭقاپ كەتكەن مال تىزگىن سېرىپ سۇغا ئۆزىنى ئۇرغاندەك دۇكانغا ئۆزىنى ئاتتى.

ئۇ دۇكاندىن چىققاندا كۆز باغلىنىپ، ئاسماندا يۇلتۇزلار كۆرۈنۈشكە باشلىغانىدى. ئۇنىڭ كوچىدىن تېپىۋالغان ھېلىقى ئىلپىتىمۇ ھاراقنىڭ پۇلىنى تۆلەشتىن قېچىپ ئاللىقاچان كەشىسىنى توغرىلىغان، ئۆزى بولسا ناتونۇش كوچىلاردا تىكەندەكلا يالغۇز قالغانىدى. ئەمما ئۇ ئۆزىنى شۇنچىلىك خۇشال ھېسابلايتتى. چۈنكى ئۇمۇ دۇكانچىنى غەپلەتتە قالدۇرۇپ قېچىپ چىقىۋالغانىدى.

قايسىدۇر بىر رەسسام ھاراقكەشنىڭ رەسىمىنى تۆت باسقۇچقا بۆلۈپ مۇنداق سىزغان ئىكەن: بىرىنچى باسقۇچتا سىزغىنى بىر تال قىزىلگۈل ھەم ئۈچ - تۆت رومكا ھاراق ئىچىلگەن كۆرۈنۈش بولۇپ، ئادەمنىڭ شۇنچىلىك ھاراق ئىچكەندىكى قىياپىتى قىزىلگۈلدەك چىرايلىق بولىدىغانلىقى؛ ئىككىنچى باسقۇچتا يەتتە - سەككىز رومكا ھاراق ئىچىلگەن كۆرۈنۈش ھەم  بىر مايمۇننىڭ شېتىللىق قىلىپ تۇرغان ھالىتى سىزىلغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ شۇنچىلىك ھاراق ئىچسە مايمۇنغا ئوخشاپ قالىدىغانلىقى؛ ئۈچىنچى باسقۇچتا سىزغىنى تۈگەي دېگەن بىر پوتۇلكا ھاراق ھەم بىر شىرنىڭ نەرە تارتىپ تۇرغان كۆرۈنىشى بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ شۇنچىلىك ھاراق ئىچسە ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان شىرغا ئايلىنىدىغانلىقى؛ تۆتىنچى باسقۇچتا قۇرۇقدالغان ھاراق پوتۇلكىسى ھەم بىر چوشقىنىڭ پاتقاقتا ئېغىناپ ياتقان ھالىتى سىزىلغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ شۇنچىلىك ھاراق ئىچكەندىن كېيىنكى ھالىتىنىڭ دەل ئەشۇ چوشقىدەك بولىدىغانلىقى ئىپادىلەنگەن ئىكەن. ۋاھالەنكى، بەقەنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى قىياس قىلماقمۇ بىر گەپ ئىدى. چۈنكى شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئۇسسۇلۇقى خېلىلا قانغاندەك قىلسىمۇ، لېكىن قىياپىتىدە نە مايمۇننىڭكىدەك، نە شىرنىڭكىدەك، خۇسۇسىيەتتىن ئەسەرمۇ يوق، ئەكسىچە «قىزىلگۈل باسقۇچى» دىلا تۇرۇپ قالغاندەك ھالەت ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى. قۇلىقى مىدىرغىدەك ئىچىۋېلىشنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭغا يېتەرلىك مەدەت ئىدى. ئۇنىڭ قونالغۇدىن غەم قىلىشىنىڭمۇ ھاجىتى يوق ئىدى. مەست بولۇپ يېتىپ قالغان يېرى ئۇنىڭ «قونالغۇ»سى ئىدى. ئۇ خۇشلۇقىدا ھەتتا يانۋارنىڭ قەھرىتانىنىمۇ سەزمەيتتى. ئۇنىڭ يۈرىكىگە ئوت كەتكەن بولۇپ، بەدەنلىرى ھۆل پېتىلا تىزىۋېتىلگەن قاشقا بېدىدەك قىزىشىپلا تۇراتتى. ئۇنىڭ تۇرۇپلا ئۆيگە قايتقۇسى، خوتۇنىنىڭ چېشىغا تەگكۈسى كېلىپ قالدى. خۇددى خوتۇنى ئۇنى تىللىمىسا ئەمىن تاپالمايدىغاندەك، ئۇنىڭمۇ خوتۇنىنىڭ تىل - دەشنىمىنى يېمىسە تۇرالمايدىغان خۇيى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ئۆيگە قايتمايمۇ ئامالى يوق ئىدى. ھەمىشەملا ھېيت بولىۋەرمەيدۇ - دە؟ بايامغۇ ئامىتى كېلىپ گۆر ئېغىزىدىن قۇتۇلۇپ چىقىۋالدى، كىم بىلىدۇ ئەمدى، ھاراقنىڭ پۇلىنى تۆلە دەپ كۆتىگە تېپىدىغان دۇكانچىغا يەنە ئۇچراپ قالامدۇ تېخى؟!

ئۇ ئالا - تاغىل ناخشا توۋلاپ، ئىككى كەنتنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان چوڭ تولنى بويلاپ سەنتىرەكلەپ ماڭدى. قورسىقىغا بىر چىشلەم بىر نەرسە سالمىغاچقىمۇ، پۇتلىرىنىڭ ماغدۇرى يوق چامدىغان يېرىگە چامداپ ئۇنىڭ يولى پەقەتلا ئاۋۇمايتتى. ئۇنىڭ شۇ تاپتا بالادەك ئىچسىمۇ مايمۇن ۋە شىردەك باسقۇچىغا يەتمىكى ئەسلا مۈمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇ چوشقا باسقۇچىغا يېقىنلىشىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇ قىش - قىرۇۋدا ئېغىنىغىدەك پاتقاقنىڭ يوقلىقىدىنلا ئۇنىڭدىن خالى ئىدى. ئۇنى توختىماي مۈگدەك باساتتى، كۆزلىرىگە قاراڭغۇلۇق تىقىلاتتى، ئاجايىپ بىر شېرىن سېزىم بەدەن - بەدەنلىرىگە تارىلاتتى... ئۇ ئاخىرى شېرىن ئۇيقىغا كەتتى.

ئەتىسى كىشىلەر ئۇنى ھەيكەلدەك قېتىپ قالغان يېرىدىن ھارۋىغا بېسىپ دوختورخانىغا ئېلىپ بارغاندا، ئۇنىڭ روھى تېنىدىن ئاللىقاچان يىتكەن ئىدى...

_ بۇ پىيەنچۈك ئاخىرى بېشىنى يەپتۇ - دە؟

_ ھەر ئىش ئادەمنىڭ پەيلىگە يارىشا بولىدىكەنغۇ موشۇنداق!

_ خەقنىڭ قولىغا قاراپ قېلىشتىن خۇدايىم ساقلىسۇن! كەنتنىڭ كارى بولمىۋېدى، ئۇنىڭ ھالىمۇ شۇ بولدىغۇ ئەنە؟!

_ شۇ ئەمەسمۇ، يۆلىگەنگە ئوڭشىلىدىغان ئىش بولسا، موشۇ پىيەنچۈك ئوڭشىلارىدى...

ئادەتتە بىراۋنىڭ بىرەر تۇياق نەسىللىك سىيىرىسى، بەيگىلىك ئېتى، قاۋۇل ئېشىكى ئۆلۈپ قالسىمۇ خېلى ئۇزۇنغىچە داۋرىڭى بېسىقمايدىغان بۇ يۇرتتا بەقەنىڭ ئۈلۈمى ئەكسىچە شۇنچىلىكمۇ تەسىر قوزغىيالمىدى. كوچا  كويدا پەقەت  يۇقارقىدەك گەپ - سۆزلەرلا بىر مەزگىل ئېقىپ يۈرۈپلا تىنجىپ قالدى. بۇنىڭلىق بىلەن كەنت باشلىقىغىمۇ ئارتۇقچە چوڭ «گەپ - سۆز» كەلمىدى. ئۇ بۇنىڭدىن قىلچىلىك ۋىجدان ئازابىمۇ تارتمىدى، ئەكسىچە يەلكىسىدىن ئېغىر بىر يۈك ئېلىۋېتىلگەندەك ئۆزىنى ناھايىتى يېنىك ھېس قىلدى. ئۆزىنىڭ مەنتىقىسى بويىچە ئېيتقاندىمۇ ئۇ بۇ ئۆلۈمدىن ھېچقانچە زىيانمۇ تارتمىدى، يەنىلا كەنت باشلىقى بولۇپ قېلىۋەردى، ئۇ ھەتتا ئىچىدە پەرۋەردىگارغا ھەمدۇ - سانا ئوقىدى. چۈنكى ئۇ خەقنىڭ ئېغىزىدىكى«شتاتلىق نامرات» _ بەقەنى نامراتلىقتتىن قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى خۇددى بىر پاي ئوق ئاتمايلا شەھەر ئالغاندەك غەلبىلىك «ئورۇندىغان» ئىدى!

_ خۇدايىم ئوڭلاپ خويما قۇتۇلدۇما بۇ رودۇپايدىن! _ دەپ يېنىككىنە ئۇھ تارتتى ئۇ ئاخىرى ئۆز - ئۆزىگە پىچىرلاپ. ئۇ گويا موشۇنىڭ بىلەنلا بىر نامراتنى نامراتلىقتىن ئۈزۈل - كېسىل قۇتۇلدۇرپ بولغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدى. ئەگەر ئۇ ئۆلمىگەن بولسا ئۇنىڭ بىلەن يەنە قاچانغىچە مۆكۈشمەك ئويناتتىكىن، بۇنىسى ئۇنىڭغا قاراڭغۇ ئىدى. ئۇنىڭ ھازىرقى ھېسسىياتى بويىچە ئېيتقاندا بەقەنىڭ ئۆلۈمى ئۇنىڭ ئۈچۈن يۇقۇتۇش ئەمەس، بەلكى مۇكاپات ئىدى!

_ قاراپ تۇرۇپ ئۆزىگە ئۆزى قىلىۋالدى - دە بۇ پىيەنچۈك، _ دېدى تېخى بىر كۈنى ھېمىت كالپۇك ئۇنىڭ يەتتە نەزىرىدىن قايتىپ كېتىۋېتىپ قوشنىسىغا خۇددى «ھاراقكەش قېرىسا مەزىن بوپتۇ...» دېگەندەك چوڭقۇر ئۇھ تارتىپ. كالىنىڭ مۈڭگۈزىگە ئۇرسا تۇيۇقى شىقىرىغاندەك بەقەنىڭ ئۆلۈمى ئۇنى خېلىلا چۆچۈتكەن ئىدى.

_ شۇ ئەمەسمۇ ؟ _ دېدى قوشنىسىمۇ جاۋابەن، _ ئۇمۇ سىلەرگە ئوخشاش تەشكىل بەرگەن مال - ۋارانغا ئۇبدان قاراپ، قۇڭىنى قىسىپ يۈرگەن بولسا بۇ ئاقىۋەتكە دۇچار بولاتتىمۇ؟!__ ئۇنىڭ سۆزىنىڭ ئۇرانىدىن «سەن ھەرھالدا ۋاقتىدا ئۆزۈڭنى تۇتىۋالدىڭ، بولمىسا سېنىڭ ئاقىۋىتىڭمۇ شۇنداق بولاتتى» دېگەن مەنا چىقىپ تۇراتتى.

_ شۇ، شۇ، شۇ ... _ ھېمىت كالپۇكنىڭ ئوڭايسىزلانغىنىدىن ئېغىزىغا بۇنىڭدىن باشقا گەپ كەلمىدى...

بەقەنىڭ ئۆلۈمى ناھايىتى ئەرزىمەس ئۆلۈم بولسىمۇ، لېكىن ھەرھالدا نامراتلارغا ئەرزىگىدەك بىر تەشۋىشنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇلارمۇ مىڭ قىلغان بىلەن ئۆز تەقدىرى ئۈستىدە باش قاتۇرمىسا بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ قالغاندەك قىلاتتى. كەنت باشلىقىنىڭ ئۈمۈد قىلىدىغىنىمۇ شۇ ئىدى، بىراق ئويلىغىنى ئۇ بولۇشى ناتايىن ئىدى! ئۇنىڭ ئويىچە ھۆكۈمەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەبلىقى يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس ئىدى. بولسا ھۆكۈمەت قوۋۇرغىسى يوق پۇلدىن دەستە - دەستىلەپ بېرىپ تۇرسا، نامراتلارنىڭ ئۆيى يوقىغا ئۆي، مېلى يوقىغا مال، ھەتتا خوتۇنى يوقىغا خوتۇن ئېلىپ بەرسە ... ئاندىن ئۇ ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتەك شېرىن ئارزۇسىغا يەتكەن بولاتتى. ئەپسۇسكى، ئۇ ھەقىقىي نامراتلىقنىڭ نېمىلىكىنى ئەسلا چۈشەنمەيتتى. مانا بۇ تېخىمۇ قورقۇنچلۇق نامراتلىق ئىدى!





ئاپتور:ئىلى ئوبلاستلىق مىللەتلەر تىل - يېزىق خىزمىتى كومىتېتىدىن


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-4-26 11:03:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان ئەسەر .
تۇرمۇش پۇرىقى كۈچلۈك ، يەرلىك خەلىق تىلى بىلەن يېزىلغان قۇبۇل قىلىشقا ئاسان .
ئاپتۇرنۇڭ شۇنداقلا  بۇ ئەسەرنى يوللىغۇچىنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قەلبىنۇر ئېلياس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-26 11:04  


ۋاقتى: 2015-9-2 12:01:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلىكى بار ئەسەركەن. «بەقە»نى شەھەرگە كىرگەندىلا ئۆلۈپ قالارمىكىن دەپ ئويلىۋېىدىم،ئەپسۇس... بەقەگە بولغان نەپرەت،ئايالىغا بولغان ھېسداشلىق تۇيغۇلىرى چىرمىۋالدى مېنى. ئاپتۇرغا تېخىمۇ زور ئۇتۇقلار يار بولسۇن.

ۋاقتى: 2015-9-2 13:50:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ ھېكاينى نەچچە يىل ئىلگىرى «خان تەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن ھېكايىلەر» ناملىق توپلامدىن ئوقۇپ ناھايتى ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم. قىززىقىش ئىچىدە يەنە بىر قىتىم ئوقۇپ چىقتىم.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش