‹‹باھادىرنامە›› رومانىدىكى مەن ياقتۇرغان ھىكمەتلىك سۆزلەر
بىر كېمدىن ياخشى بىر ئادەت قالغان بولسا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش كىرەك. ناۋادا ئاتا يامان بىر ئادەتكە مايىل بولغان بولسا، پەرزەنىت ياخشى ئادەت بىلەن ئۇنى تۈزىتىپ جاۋاب قىلمىقى زۈرۈر.
يۈرەكتە يىلىنجاپ تۇرغان بىر ئارمانلا بولىدىكەن، ھەر قانداق ئېغىر مۈشكۈلاتلارنى يېڭىپ مەغلۇبىيەتنى نۇسرەتكە ئايلاندۇرۇش تامامن مومكىن.
ئاشىقلىق ئادىتى ۋە مەشۇقلۇق يۇسۇنى ئالدى بىلەن كۆيمەك، ئاخىرىدا ۋىسال شەربىتىنى تېتىماق ياكى ھىجران چۆلىدە چاڭقاپ ئۆلمەكتۇر
ئۆزۈڭگە مەنسۇپ بولغان شەرەپكە ئىشەنچىڭ بولمىغىچە، ئاتاڭنىڭ شان- شەرىپى بىلەن شەرەپلىك بولۇش دەۋاسىدا بولما، چۈنكى ئۆزۈڭگە خاس شەرەپ بولمىغىچە، باشقىلارنىڭ شەرىپى ساڭا ئەسقاتمايدۇ. تۈنۈگۈنكى رىزقىڭنىڭ بۈگۈنگە پايدىسى بولمىغىنىدەك، تۈنۈگۈنكى توقلۇقۇڭنىڭمۇ بۈگۈن ئاچلىققا پايدىسى يوقتۇر.
ياخشى پۇرسەت ئالدىدا ئىككىلىنىش ۋە ئاساسسىز ۋەھىمە يىيىش بۈيۈك پادىشاھلارغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان كەلتۈرگۈسىدۇر. مەردانە بولماق كىرەك.
ئىنسانغا تاجۇ تەخىت، بايلىق زېمىندىنمۇ كاتتا بىر نەرسە زۈرۈردۇر. ئۇ بولسىمۇ ۋاپا ۋە مەردلىكتۇر، مەردلىك بىلەن ئۆلۈش غورورىنى پايخان قىلىپ ياشىغاندىن ئەۋزەلدۇر.
ئادىلنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى ياخشىلارغا ئۆلۈم، يامانلارغا ھاياتلىقتۇر؛ ئەمما زالىمنىڭ ئۆلۈمى بولسا يامانلارغا ئۆلۈم، ياخشىلارغا ھاياتلىقتۇر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرھات كازىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-6 11:30
|