يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 604|ئىنكاس: 3

ئابدۇۋەلى مەخسۇت: تەتۈر پىشانە (ئېتوت سىنارىيىسى)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تەتۈر پىشانە
(ئېتوت سىنارىيىسى)
ئابدۇۋەلى مەخسۇت


  قاتناشقۇچىلار:
دوختۇر:ئېغىر-بېسىق ،خۇشخۇي ئايال
يىگىت:25-30ياشلاردىكى قىزىقچى،گەپتان يىگىت
ئەر-يال دېھقان:30-35ياشلاردىكى قىزغىن،ساددە بىر جۈپلەر
  سەھنە:دوختۇر ئىشخانىسى سىياقىدا،كۆزگە كۆرۈنەرلىك جايغا ‹ئاياللار بۆلۈمى›دېگەن ۋېۋىسكا تەتۈر ئېسىلىدۇ.
  دوختۇر ماتېرىيال كۆرىۋاتقان ياكى خەت يېزىۋاتقان ھالەتتە.يىگىت ھەييارلىق بىلەن كىرىپ،دوختۇرنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن گېلىنى قىرىپ،كالتە-كالتە يۆتىلىدۇ.
  دوختۇر :ھە كېلىڭ،ئولتۇرۇڭ.
  يىگىت:تېچلىقمۇ دوختۇر؟(سالامدىن كېيىن)ئاجايىپ قىزىق بىر جاھانلار بولۇۋاتىدۇ قاراڭ دوختۇر....
   دوختۇر:؟
  يىگىت:چەتئەلنىڭ قايسى بىر يېرىدە 10نەچچە ياشلىق بىر قىز بالا يەڭگىپ ئانا بوپتۇ دەپ ئاڭلاپ ھەيرانلىقتا ياقامنى چىشلەپ يۈرسەم،بىزنىڭ مەھەللىدىمۇ ئاشۇنىڭدىن قېلىشقۇسىز ئاجايىپ خەۋەردىن بىرسى چىقتى.
  دوختۇر:قانداق ئاجايىپ خەۋەر ئۇ؟
  يىگىت:قوشنىمىزنىڭ ئەمدىلا20نىڭ قارىسىنى ئالغان ئوغلى توي قىلدى.
  دوختۇر:بۇنىڭ نېمە ھەيران قالغۇچىلىكى بار؟
  يىگىت:ھەيران قالغۇچىلىكى بار.گەپ ئاشۇ بالا بىلەن توي قىلغان جۆرىسىدە.توۋا ھېلىقى بالا ھە،ئاتا-ئانىسى شۇنچە قارشى تۇرغان بولسىمۇ ئۇنىماي مەھەللىمىزدىكى بىرسىنى كاتتا ھەشەم بىلەن توي قىلىپ نىكاھىغا ئالدى.
  دوختۇر:گەپنى ئەگىتمەي ئۇدۇل دەڭا.ئادەتتىكى ئىشكەنغۇ بۇ...
  يىگىت:ھە ماھ،مەن گېپىنى قىلغان يىگىتنىڭ جۆرىسى باشقا بىرى ئەمەس.بىر تۇل خۇتۇن،ساجىدىخان. بۇ يىل 70لەرگە كىرگەن.ھەيران قالغۇچىلىكى بارمىكەن؟
  دوختۇر:ھەقىقەتەن قىزىق بوپتۇ.ھە راس،بىرەر ئىش بىلەن كىرگەنمۇ؟
  يىگىت:سىزگە دىسەم دوختۇر،مەن دوختۇرخانا،دوختۇر-سېستىرا دېگەنلەرنى كارامەت ياخشى كۆرىمەن.شۇڭىمىكىن،ھېلىقى مانداق(+بەلگىنى ئىشارە قىلىدۇ)بەلگىنى،قىزىل كىرىست دەيمىزغۇ ئۇنى ھە.شۇنى ئۇچراتتىملا يۈرىكىم گۈپ-گۈپ-گۈپ قىپ ئويناپ كېتىدۇ.نەدە قانداق دوختۇرخانا بار،ھەممىسى يادا ماڭا.مۇشۇ دوختۇرخانىلارنىڭ ئاۋۇپ كېتىۋاتقىنىغا قارىسام،جاھاندىكى ھەممە ئادەم كېسەلمىدۇ دەپ ئويلاپ كېتىدىغان بوپ قالدىم.تېلېۋىزوردىكى رەڭگارەڭ دورا ئېلانلىرىچۇ تېخى.بىرەرنى دوراپ بېرەيما؟
  دوختۇر:بولدى،بولدى.سىز ماڭا پاراڭ قىپ بەرگىلى كەلدىڭىزمۇ ياكى؟
  يىگىت:ھە راس،گەپ بىلەن بوپ تاس ئۇنتۇيدىكەنمەن تېخى.ئاساسى مەقسەتكە كەلسەك،ماڭا مۇشۇ دوختۇرخانىدا بىرەر ئاي يېتىپ داۋالىنىدىغانغا خەت قىپ بېرەمىكى دەپ كەلگەن.
  دوختۇر:ۋاي نېمىشقا ئەمدى؟
  يىگىت:ئەدەمنى خىجىل قىلىپ سورىماڭە بولدى...
  دوختۇر:نېمە كېسىلىڭىز بار؟
  يىگىت:كېسەل دەمسىز.بار،بار.مەندە كېسەلنىڭ ئەڭ سەرخىل،نوچىلىرىدىن بار جۇمۇ.
  دوختۇر:ھە دەڭا قېنى.
  يىگىت:مەن دەي.ئەدەمنى جىددىلەشتۈرمەڭە بىر.مەندە كەم بولغاندىمۇ قىرىق نەچچە خىلدەك كېسەل بارمىكىن دەيمەن.
  دوختۇر:خۇدايا توۋا بىر دەڭا ھەي.
يىگىت:ھە ماقۇل،خۇدايا توۋا.بولدىمۇ؟مەن سىزگە كېسەللىك ئالامەتلىرىمنى دېسەم قاراڭ.1.ھەر قانچە بالدۇر ئۇخلىساممۇ،سەھەرلىكتە ئۇيقۇمنى بەك تەستە ئاچىمەن،بولۇپمۇ يازدا.2.قۇرسيقىم ئاچقاندا تاماق يېمىسەم ئارام تاپالمايمەن.3.ۋاراڭ-چۇرۇڭدا ئۇيقۇم قاچىدۇ،سەھەرلىكتە ئۇيقۇدىن ئويغانسام قارنىم ئاچىدۇ.4.ئۇزۇن مۇددەت يۇيۇنماي يۈرۈپ قالسام بەدىنىم قىچىشىدۇ،مەينەتچىلىكنى كۆرسەم كۆڭلۈم ئېلىشىدۇ...5....
دوختۇر:ۋاي بولدى بولدى.ھەممىسى نورمال ئالامەتلەركەنغۇ.باشقا كېسەلمۇ بولمىغاندىكىن دەپ پاراڭلىرىڭىزنى ئاڭلاپ قويدۇم.ئەمدى ۋاقتىمنى ئالماڭ.(چىقىپ كېتىشكە ئىشارەت قىلىدۇ.)
يىگىتئىلتىجالىق)جېنىم دوختۇر،ماڭا بىر ياردەم قىلىڭ.مېنىڭ بىردىنبىر،ئەڭ ئۇلۇغ ئارزۇيۇم مۇشۇ بۆلۈمۈڭلەردە،ياتاقتا يېتىپ داۋالىنىش.چوقۇم ياتاقتا ياتمىسام مەڭگۈ ساقىيالمايمەن مەن.
دوختۇر:بۇ ياتاي دەپلا ياتقىلى بولىدىغان مېھمانخانا بولمىسا يە.ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز دېگەن...
يىگىت:ماڭا ھەجەپ بىر ئىشەنمەي كەتتىڭىززا دوختۇر،خۇدايىم بۇيرىسا راس.مەندە ئىنتايىن ئېغىر،خەتەرلىك،چوڭ كېسەلدىن بىرسى بار.
دوختۇر:مەسىلەن؟
يىگىت:ھە راس.بۇرنۇمنىڭ ئىچى سۈرۈپ قالغان قاراڭ.بەك ئېغىر دەڭا.ھەر 10مىنۇتتا بىر قېتىم دىگۈدەك تالاغا يۈگرەپ شۇ.(ماڭقىسىنى تاشلىغان قىياپەتنى دورايدۇ.)شۇنىڭ ئاۋارىچىلىقىدىنما بۇرۇتۇمنىڭ ئۈستىگە تەرەتخانا ياسىتىۋالغۇدەك بوپ كەتتىم.
دوختۇر:بەك قىزىقچىكەنسىز جۇمۇ.زۇكام بوپ قاپتىكەنسىز ھە؟
يىگىت:ھە،دەل تاپتىڭىز.سىزمۇ بەك ئۇستا دوختۇركەنسىز جۇمۇ،بىر ئېغىز گېپىمنى ئاڭلاپلا كېسىلىمگە دىئاگنۇز قويىۋەتتىڭىز مانا.ھە بولۇڭە ئەمىسە.‹ئۇزۇن مۇددەت يېتىپ داۋالىنىدۇ›دەپ يېزىڭە خەتنى.دەل مۇشۇ بۆلۈمگە.
دوختۇر:بولمايدۇ.يازالمايمەن.سىز مېنىڭمۇ،ئۆزىڭىزنىڭمۇ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلماي، ئەڭ ياخشىسى ئىچكى كېسەل بۆلۈمىگە كىرىپ دورا ئېلىپ ئىچىڭ.بولدى چىقىپ كېتىڭ،خوش ئەمىسە.
يىگىت:ياق دوختۇر،مېنى قوغلىماڭ.ماڭا ئىچىڭىز ئاغرىسۇن.
دوختۇر:يەنە نېمە گەپ؟بۇ بۆلۈمدە ياتىمەن دەپ تۇرىۋېلىشىڭىزدا  نېمە سەۋەپ بار؟
يىگىت:سەۋەپ بار...ئۇنداق بولسا،سىزنى ئۆز كۆرۈپ كۆڭلۈمدىكىنى دەي ماڭا قاراڭ.يۈرىكىمدىكىنى دېسەم،مەن بىر ئىشق كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچى.شۇڭلاشقا مەن سىلەرنىڭ بۆلۈمدە چوقۇم داۋالىنىشىم كېرەك.
دوختۇر:مەن ھېچنىمىنى چۈشەنمىدىمغۇ؟
يىگىت:ئەجەپ كۆڭۈل چۈشەنمەي كەتتىڭىزا...مېنىڭ دورام دەل سىلەرنىڭ مۇشۇ بۆلۈمدە.
دوختۇر:قايسى دورا ئۇ؟بىزنىڭ بۆلۈمدە ئادەتتە ئەرلەرگە ئىشلىتىدىغان دورا  يوق ئىدى يۇ؟
يىگىت:ئەستا،ئەدەمنى ئەجەپ خىجىل قىلىدىكەنسىز.مايسىگۈل.ھېلىقى مايسىگۈلچۇ...
دوختۇر:مايسىگۈل؟ئەزەلدىن بۇنداق دورىنىڭ نامىنى ئاڭلىمىغانكەنمەن،مايسىگۈل؟...مىللى تىبابەت دورىلىرىدىن بىرەرسىمىدۇ بۇ؟
يىگىت:ھەييي دوختۇر،سىزدىمۇ كۆڭۈل-يۈرەك دېگەن نېمىلەرمۇ بارمۇ يە؟ۋىيەي ۋىيەي.راستىنلا كۆڭۈل چۈشەنمەيدىكەنسىز جۇمۇ.ھېلىقى ھېلىقىچۇ.سىزنىڭ خىزمەتدىشىڭىز،بۆلۈمۈڭلەردىكى سېستىرا قىز...قارىقۇمچاق،كۈلگۈنچەك،خۇشچاقچاق قىز مايسىگۈل ئىبراھىمچۇ.ئاشۇنداق بىر قىز بارمۇ يە؟مەن ئاشۇنى دەۋاتىمەن بايانىڭيۈزى.
دوختۇر:ھە ئەمدى بىلدىم. ئۇنىڭغا نېمە بوپتۇ؟ئاشۇ قىز سىزنىڭ دورىڭىز؟
يىگىت:ئەمدى شۇ،بۇمۇ بىزدىكى ياشلىق قاراڭ.چۈشەنسىڭىز دوختۇر،ئاشۇ مايسىگۈل كېسىلىمنى ساقايتىدىغان دورام بولىدۇ.سىز ياردەم قىلىپ ماڭا ياتاققا خەت قىپ بەرسىڭىز،خۇدايىم ئىشىمىز ئەپلىشىپ قالسا ئۇ مېنىڭ ئۆمۈرلۈك جورام بولىدۇ.بۇ مۇشۇنداق گەپ ئەينا.
دوختۇر:ھە،شۇڭىزە مۇشۇ يەردە ياتىمەن دەپ تۇرىۋېلىپتىكەنسىز دە.
يىگىت:ئەمدى چۈشەندىڭىز مانا.يۇشۇرماي دەۋېرەي،مەن شۇ مايسىگۈلگە كۆيۈك.ئۇنىڭغا كۆڭۈل ئىزھار قىلىدىغانغا ھېچ بىر پۇرسەت تاپالماي،شۇڭا ئالدىڭىزغا كېلىشىم.ئىككى باشنى بىر يەرگە قىلغانما چوڭ ساۋاپ ھە دەڭ.شۇڭا ماڭا بىر شارائىت يارىتىپ بېرىڭ.يېزىڭە خەتنى.ئىگەكىم قانچە پۇلۇم كەتسە مەيلى،بولۇمۈڭلەردە بىر يېتىۋالاي.ھە راس،دورا-ئۇكۇلنىڭ ئورنىدا زىيان قىلمايدىغانلا بولسا سۇنى ئېسىپ قويساڭلارمۇ مەيلى جۇمۇ.بولۇڭە،ئۆتۈنەي جېنىم دوختۇر.
دوختۇر:نەدىكى گەپنى قىلماڭە بولدى.نەدە بىر كېسىلى يوق ئادەمنى بالنېستقا ئالىدىغان ئىش باركەن؟ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز دېگەن ئەركىشى تۇرسىڭىز،بىزنىڭ بۆلۈم بولسا...
  (يىگىت يالۋۇرغان،دوختۇر زورلاپ چىقىرىۋەتكەن ھالەت)
يىگىت:ئۇنداق قىلماڭ جېنىم خەسەم دوختۇر.مېنىڭدەك بىر بىچارە مەجنۇن كېسەلنى نائۈمد قويماڭ.مەن راستىنلا ئېغىر كېسەل.ئاشۇ مايسىگۈلنىڭ دەردىدە يۈرەك-باغرىمنىڭ پۈتۈن،تازا  يېرى يوق.يۈرىكىم غەلۋىردەك،ئۆتكەمىدەك تۆشۈك دەيمەن مېنىڭ!(دوختۇرنىڭ قوغلىشى بىلەن ئامالسىز چىقىپ كەتكەچ غودۇرايدۇ.)خەپ!مۇشۇنداق قىلغىنىڭىزغا راۋۇرۇس بىرەر يىل يېتىۋالغۇدەك كېسەلدىن بىرنى تېپىپ كەلمىسەم ئىگەكىم!!
(شاپاق دوپپا كىيگەن دېھقان يىگىت بىلەن ئۇنىڭغا ماس كىيىنگەن،قۇرساقلىرى پومپىيىپ كەتكەن ئايالى بىر مۇنچە نەرسىلەرنى كۆتىرىشكىنىچە خۇشال ھالدا كىرىدۇ.)
ئەر:ئەسسالامۇئەلەيكۇم.
دوختۇر:ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
(ئەر-ئايال ئىككىيلەن دوختۇردىن قىزغىن،بەس-بەستە ئەھۋال سورايدۇ.)
دوختۇر:ھە كېلىشىپلا؟
ئەر:خېلىدىن بۇيان ئۆزلىرىنى بىر يوقلايلى دەپمۇ سائىتى كەلمەي كەتتى.شۇڭا بۈگۈن بىر ئالايىتەن كېلىشىمىز مانا.
ئايال:ئۆزۋاقتىدىمۇ سىلىگە دىگەنتۇق ئەسلىرىدە باردۇ.مۇشۇ توي قىلغاندىن باشلاپ ساق 12يىلدىن بۇيان كېچە-كۈندۈز بىرلا ئىشنى ئارزۇلىدۇق،تىلىدۇق.
ئەر:مۇشۇ ئارزۇيىمىز ئەمەلگە ئېشىپ قالارمىكىن دەپ،قۇلاق ئاڭلىغان ھەممە سەۋەپنى قىپ باقتۇق بىز.
ئايال:پەقەت ئۆنۈمىنى كۆرەلمىگەنتۇق.
دوختۇر:ئالدىرىماي،بىردىن بىردىن دىسەڭلەرچۇ.ئىككىڭلار بەس-بەستە سۆزلەپ،مەن ھېچنىمىنى چۈشەنمىدىمغۇ؟
ئەر:ۋاي دوختۇر،تونۇيالمايۋاتاملا؟بىز سىلىنىڭ بىمارلىرى.سىلى ئۆز قوللىرى بىلەن داۋالىغانچۇ؟بىر يىلنىڭ ئالدىدىكى گەپ تېخى.
ئايال:ئۇنتۇپ قاللىما؟بىز شۇ،ھېلىقى بىز شۇ. مېنىڭ ئېتىم سەيدىگۈلخان.ما ئەدەمنىڭكى توختىمىتاخۇن. ھېلىقى چۇلاقتېرەك يېزىسى،قاقىرامساي كەنتىدىن كەلگەنچۇ.ئەمدى ئېسىلىرىگە كەلگەندۇ؟(دوختۇر ئېسىگە ئېلىشقا تىرىشىپ ئىككىيلەنگە باشقىدىن سىنچىلايدۇ ۋە ئامالسىز باش لىڭشىتىدۇ.)
ئەر،جىڭ راس گەپ.ما خۇتۇن بىلەن ئىككىمىز قىلمىغان سەۋەپ قالمىغان خۇدايا تۆۋە.
ئايال:خۇدايىم بىر پەرزەنت بېرىپ قالامىكىن دەپ،ئوقۇتمىغان موللام بىلەن باخشى،ئىچمىگەن دېمىدە،يېمىگەن قارلىغاچ باچكىسىدىن تارتىپ پاقا-قۇمچاقلارغىچە چالا قالمىغان.يەنە شۇنداقتىمۇ بويۇمدا قالمىغان كۆرسىلە.مانا ئەمدىزە ئاۋال خۇدايىمنىڭ رەھمىتىدە،ئاندىن قالسا سىلىنىڭ شىپالىق قوللىرىنىڭ خاسىيىتىدە مانا مۇشۇنداق قالدى مانەھ.(دومبىيىپ كەتكەن قۇرسىقىنى دوختۇرغا كۆرسىتىدۇ.)
دوختۇر:مۇبارەك بولسۇن...بەك ياخشى بوپتۇ.
ئەر:شۇڭا بىز ئاددى بولسىمۇ كۆڭلىمىزنى بىلدۈرەيلى،رەھمىتىمىزنى ئېيتايلى دەپ شۇ...
دوختۇر:نېمىگە رەھمەت ئېيتىسىلە؟ھە بۇ...بىمارلار ئۈچۈن تىرىشىپ ئامال قىلىش دېگەن بىزنىڭ بۇرچىمىز تۇرسا...
(ئەر-ئايال ئىككىسى قىزىقارلىق سۆز-ھەركەتلەر بىلەن دوختۇرنىڭ ئۈستىلىگە بىر سېۋەت تۇخۇم،بىر بوپا ئوتياش،بىر خالتا كۆكباش...دېگەندەكلەرنى تىزىپ توشقۇزىۋېتىدۇ.)
دوختۇر:ۋاي نېمىلەرنى تىزىۋەتتىڭلار ئۈستىلىمگە؟
ئەر:باشقا نېمىمۇ ئەمەس شۇ.ماۋۇ جىڭ مىللى تۇخۇم،ماۋۇ ئاق يەرگە تېرىغان پاكاندەك قوناق.
ئايال:ماۋۇ ئۆز قولۇم بىلەن تېرىغان ئوتياشلارتى.ھېچقانداق خىمىيە ئوغۇت ئىشلەتمىگەن.ئاشۇ ئېغىلدىكى ئالا ئېنەكنىڭ پوقى بىلەنلا ئەي قىلغان قالىسىلا.سىلەر شەھەرلىكلەر يېشىل سەي دەمدىكەنسىلىمۇ نېمە.خاتىرجەم يېسىلە جۇمۇ.
دوختۇر:نېمىلەرنى كۆتىرىپ كەلگەنسىلە ئىشخانىغا،ئەستا بۇ...
ئەر-ئايال:بىزنىڭ كۆڭلىمىز.
دوختۇرنەرسىلەرنى يىغىشتۇرۇپ ئۇلارغا تۇتقۇزغاچ)بۇنداق قىلمايلى،بۇ بىزنىڭ كەسپى ئەخلاقىمىزغا خىلاپ،مەن بۇلارنى قوبۇل قىلالمايمەن،بۇلارنى ئېلىپ كېتىڭلار.
ئەر:قانداق قىلىق قىلىۋاتىلا دوختۇر؟ئەدەمنى كۆزگە ئىلمايۋاتاملا يە بۇلارنى ياراتماي قاللىمۇ؟
دوختۇر:ياق،ئۇنداق ئەمەس.بۇلارنى ئالسام بولمايدۇ.پىرىنسىپقىما چۈشمەيدۇ.
ئايال:ئائاي ئېلىۋەرسىلە.(نەرسىلەرنى ئۈستەلنىڭ بىر يەرلىرىگە تىقىشتۇرغاچ)نەنىڭ پىرىنسىپى ئۇ؟ئۇنداق پىرىنسىپقا چۈشمىگەن بىلەن ما بىزنىڭ ئەدىمەتچىلىك پىرىنسىپىمىزغا تازا چۈشىدۇ.ما يەردىكى پىرىنسىپقىما خويمۇ ئوبدان چۈشتى مانا.
ئەر:مانداق قىلىقنى ئىككىنچى قىممىسىلا دوختۇر.بوممىسا بىز ياراتماپتۇ دەپ يامانلاپ قالىمىز جۇمۇ.
ئايال:ھە ماقۇل ئەمىسە،بىز يانىلى.ئۆيلىرىدىكى ھېلىقى ئەدەمگە سالام ئېيتالا.خوش ئەمىسە.بىز يەنە كېلىمىز تېخى...
ئەر:نېمە تىلىڭنى چايناپ ھېلىقى ئەدەم دەپ يۈرىسىناي سەيدە،يولداش دەيدۇ بۇلار.(ئەر-ئايال گەپ تالاشقاچ سىرتقا ماڭىدۇ.)
دوختۇر:ئۆيگە بارساق بولمامدۇ؟كەلگەنگە تۇشلۇق قۇرۇقلا ياندىڭلا مانا.ھە راس،ھامىلىنى تەكشۈرتمەيلا كېتەمسىلە؟مەن تەكشۈرۈپ قوياي.
ئايال:بۇ يەرگە كىرىشتىن بۇرۇن خىزمەتداشلىرى بىلەن كۆرۈشكەنتۇق.ئۇ تەكشۈرۈپ ھەممە ئەھۋال نورمالكەن دېدى.بوۋىقىمىز بەك ئوبدان يېتىپتۇ.ۋاقتىم توشقاندا يەنە كېلىمەن تېخى.
ئەر:بىز يەنە كېلىمىز تېخى،ئۆمرىدە تۇغۇپ باقمىغان خۇتۇن بۇ.ۋاقتى كەلگەندە سىلى دەپ بەرمىسىلە تۇغۇشنى ئۇقمايدۇ ماۋۇ.(ئىككىيلەن چىقىپ كېتىدۇ.يىگىت سول قولى قانغا بويالغان ھالەتتە ۋايجانلاپ كىرىدۇ.)
ۋاي دوختۇر،بولسىلا چاققان!يازسىلا خەتنى دەيمە.جىددى،ياتاققا...
دوختۇر:ۋاي نېمە بولدىڭىز؟خاتا كىرىپ قالدىڭىزمۇ نېمە؟
يىگىت:خاتا ئەمەس،مەن ئارزۇلىغان بۆلۈم دەل مۇشۇ.ۋاي بولۇڭ دەيمەن.مېنى دەرھال ياتاققا يوللاڭ.
دوختۇر:زادى نېمە ئىش بولدى؟
يىگىت:چوڭ ئىش يوق،سىزدە كېسەل يوقكەن دەپ بالنېسىتقا ئالىدىغانغا ئۇنىماپتىڭىز.مانا ئەمىسە دەپ تۈزۈك كېسەل بولۇپ كەلدىم مانا.ئاشۇ قاراگۈزەل مايسىگۈلنىڭ دىدارىغا قانىدىغان ئىش بولسا،ھېلىغۇ بىر قولۇمكەن،جان دېسىمۇ ئايىمايمىز بىز.يىگىت جۇمۇ بىز دېگەن.
دوختۇر:چۈشەنمىدىمغۇ؟قولىڭىزغا نېمە بولدى؟
يىگىت:بەكلا ئاددى.چەيدونى قولۇمغا ئالدىم،كۆزۈمنى يۇمدۇم،‹مايسىگۈلنىڭ ۋەسلى ئۈچۈن!›دەپ بىرلا ۋارقىرىدىم-دە،قولۇمنى گاچچىدە چېپىۋەتتىم.(جەرياننى ھەركەت ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ.)
دوختۇر:ۋاي خۇدايىمەي.ئىشەندىم.مۇشۇنداق قاراملىق،تەلۋىلىكنى قىلغان بولسىڭىز سىزدە ھەقىقەتەن كېسەل باركەن.ئېغىر پىسخىكىلىق كېسەل...
يىگىت:شۇنچە دېسەم ئىشەنمەيسىزچۇ ئەنە.ھە بارمىكەن؟
دوختۇر:باركەن،بار كەن.سىزنى باشلاپ چىقاي.جۈرۈڭ.
يىگىت:نەگە؟مايسىگۈلنىڭ قېشىغىما؟
دوختۇر:مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ يەنە مايسىگۈل مايسىگۈل...توۋا...تاشقى كېسەل بۆلۈمىگە،جىددى قۇتقۇزۇشقا.
يىگىت:قەتئى بولمايدۇ.جان چىقىدىغان ئىش بولسىمۇ مۇشۇ بۆلۈمدىن باشقا ھېچ يەردە داۋالانمايمەن مەن.
دوختۇر:تۇرۇڭ! مېڭىڭ دەيمەن.قان كۆپ چىقىپ كېتىۋاتىدۇ.ئەھۋالىڭىز چاتاق.
يىگىت:ۋاي جېنىم دوختۇر،مېنى ئۇ يەر-بۇ يەرگە سۆرەپ ئاۋارە قىلغۇچە،ئارزۇيۇم بويىچە مۇشۇ بۆلۈمدىلا داۋالىساڭلا بولمامدۇ دەيمە.(كەينىگە تىرەجەيدۇ.)
دوختۇر:قەتئى بولمايدۇ.(بىمارنى مەجبۇرى يۆلەپ سۆرەشتۈرۈپ،بۆلۈم ۋېۋىسكىسىنى ئوڭشاپ كۆرسىتىدۇ.)نېمە بالا كەلگەندۇ بۇنىڭغا؟تەتۈر ئېسىلىپ قاپتۇيا بۇ.
يىگىت:ئاياللار كېسەللىكلىرى مەخسۇس بۆلۈمى؟!ۋاي خۇدايىمەي.مەن نېمانداق تەتۈر پىشانە!قولنى كېسىۋالغىلى بولغان بىلەن ئېغىربوي بولۇۋالغىلى بولمىسا يە...(مايسىگۈلنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ پەريات سېلىپ يىغلىغاچ،دوختۇرنىڭ يۆلىشى بىلەن سەھنىدىن ھالسىز ئايرىلىدۇ.
(تۈگىدى)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-17 15:33  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-11-14 18:44:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكمى قىزىقارلىق ئكەن كۆپىرەك يوللاپ تۇرۇڭ

ۋاقتى: 2014-11-17 15:26:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىتوتىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ! مۇبارەك بولسۇن، سەھنىلەشتۇرۇشكە ماس كىلىدىكەن! بىزدە ھازىر تۇرمۇشلۇق ئىتوتلار بەك ئازلاپ كىتىۋاتىدۇ، ھەممىسى تەشۋىقات تۈسىنى ئالدى، تەلەپ شۇ بولغاندىكىن ئامال يوق! باشقا تىمىلاردىمۇ ئىزدىنىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن!

ۋاقتى: 2015-12-15 13:49:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ياخشى ئەسەردىن ھۇزۇر ئالدىم....بۇ ئەسەرنى بەك كېچىكىپ كۆرۈپتىمەن...ئەسەرلىرىڭىز خاتىرىدە ئۇخلاۋەرمىسۇن.......

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش