كۆرۈش: 2007|ئىنكاس: 0

مۇھەممەدسالىھ مەتروزى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

                                                               e4b94b9af4070a020356915f19642b29[1][1].jpg
     مۇھەممەدسالىھ مەتروزى 1968- يىلى 1- ئايدا چىرا ناھىيەسىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى چىرا ناھىيەسىدە تاماملاپ، 1986- يىلى 9- ئايدا مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل– ئەدەبىياتى 2- فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، ئۇيغۇر تىل– ئەدەبىياتى كەسپىدە ئوقۇغان. 1991- يىلى 7- ئايدا ئالىي مەكتەپتىكى 5 يىللىق ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتكۈزۈپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا خىزمەتكە چۈشكەن ۋە 1992– ىيلى 5- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئورگان گېزىتى ـــــ «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» نىڭ ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە تەرجىمان، مۇخبىر ۋە مۇھەررىر بولغان. 1992- يىلى 5- ئايدىن 1994- يىلى 5- ئايغىچە ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ مۇغاللا بازىرىدا بازار باشلىقى ياردەمچىسى ۋەزىپىسى بىلەن چېنىققان. 1994– يىلى 6– ئايدىن 1994– يىلى 12– ئايغىچە «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ ئەدەبىي بەت مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن.  1995- يىلى 1– ئايدىن 2008– يىلى 10- ئايغىچە ئىلگىرى– كېيىن بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ نەشر ئەپكارى ـــــ «شىنجاڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى، مەسئۇل مۇھەررىرى ۋە مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 2008– يىلى 10– ئايدىن 2010– يىلى 10 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ نىلقا ناھىيەسى نىلقا بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتىدە مۇئاۋىن بازار باشلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 2010– يىلى 11– ئايدىن 2011– يىلى 2– ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىدا ئىشلىگەن. 2011– يىلى 3– ئايدىن 2012– يىلى 6– ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئىشخانىسىدا ئىشلىگەن. 2012– يىلى 6– ئايدا تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقى (جۇڭگو مىللەتلىرى) ژۇرناللىرى نەشرىياتىغا يۆتكىلىپ كېلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقى (جۇڭگو مىللەتلىرى) ژۇرناللىرى نەشرىياتى شىنجاڭ شۆبە ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىغا، ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرلىكىگە، ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەن. 2013– يىل 3– ئايدىن باشلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقى (جۇڭگو مىللەتلىرى) ژۇرناللىرى نەشرىياتى شىنجاڭ شۆبە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. يەنە مىللەتلەر ئىتتىپاقى (جۇڭگو مىللەتلىرى) ژۇرناللىرى نەشرىياتى شىنجاڭ شۆبە ئىدارىسىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى «سەلتەنەت» تور بېتىنىڭ باش نازارەتچىسى.
    مۇھەممەدسالىھ مەتروزى خىزمەتكە قاتناشقان 20 نەچچە يىلدى بېرى، مەيلى كەسپىي خىزمەتلەردە بولسۇن، ياكى مەمۇرىي خىزمەتلەردە بولسۇن، ۋە ياكى سىياسىي خىزمەتلەردە بولسۇن، باشتىن- ئاخىر ئۆزىگە ھەر تەرەپتىن قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ھەر بىر خىزمەتنى مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە بەجانىدىللىق بىلەن ئىشلەپ، تەشكىلنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ۋە تەقدىرلىشىگە ئېرىشتى.
  مۇھەممەدسالىھ مەتروزىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە يېزىقچىلىق ھاياتى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يۇقىرى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىن تارتىپ باشلانغان. تۇنجى شېئىرى ـــــ «يۇلتۇزلارنى قىلسام زىيارەت» تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گېزىتى» دە، تۇنجى ھېكايىسى ـــــ «كۈلۈمسىرەش» ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 1991- يىل 4- سانىدا، تۇنجى ئەدەبىي ئاخباراتى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا، تۇنجى ئەدەبىي ئوبزورى خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان.
    مۇھەممەدسالىھ مەتروزى كۆپ يىللاردىن بېرى مەيلى ئورگان خىزمەتلىرىنى ئىشلەشتە بولسۇن ياكى يېزا– بازار ئاساسىي قاتلاملاردىكى خىزمەتلەردە بولسۇن، مەيلى ئەدەبي ئىجادىيەت، يېزىقچىلىق ئەمەلىيىتىدە بولسۇن، مەيلى ژۇرنالچىلىق كەسپىي خىزمەتلىرىدە بولسۇن ياكى ئاخبارات خىزمىتىنى ئىشلەشتە بولسۇن، باشتىن- ئاخىر ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، كەسىپكە بولغان كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق روھى ھەم سەمىمىيلىكى بىلەن جەمئىيەت ئېتىراپ قىلغۇدەك بىر قاتار ياخشى نەتىجىلەرنى، ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ ھەر قايسى تۈرلىرى بويىچە دادىل ئىزدىنىپ، خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. خىزمەت جەريانىدا كۆپ قېتىم ھەر دەرىجىلىك تارماقلار تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى، ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ باھالاندى ۋە تەقدىرلەندى. ئۇنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل ئەھمەد بېغىشلىما يېزىپ بەرگەن «مۇھەببەت، مۇھەببەت، مۇھەببەت!...» ناملىق چوڭ ھەجىملىك تۇنجى ئەدەبىي ئاخباراتلار توپلىمى  1997- يىلى 11- ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. «كۈلۈمسىرەش» ناملىق ھېكايىسى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1994- يىلى 9- ئايدا نەشر قىلغان «بۇرۇت ماجىراسى» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىغا، «ئېسىڭگە ئەپ باقساڭ چۈشتەكلا كەچمىش» ناملىق شېئىرى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000- يىل 12- ئايدا نەشر قىلغان «قەشقەردىكى يەر شارى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىغا ۋە مىللەتلەر نەشرىياتى 2000- يىلى 12- ئايدا نەشر قىلغان خەنزۇچە «سالغا تېشى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىغا، «ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈككە تېز سىزما» ناملىق شېئىرى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1996- يىلى  11- ئايدا نەشر قىلغان «يۈرەكسىز سۆيگۈ» ناملىق ئەدەبىي توپلامغا، «ياشاپ باقە، بەرنا» ناملىق پوۋېستى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2012- يىلى 8- ئايدا نەشر قىلغان ئۇيغۇر ھازىرقى زامان پوۋېستلىرىدىن نەمۇنىلەر ـــــ «ئاق رومال» ناملىق پوۋېستلار توپلىمىغا تاللاپ كىرگۈزۈلدى. «مەن بۇ شەھەردە مۇھەببەت ئۈچۈنلا ياشاپ قالدىم» ناملىق چوڭ تىپتىكى ئىككىنچى ئەدەبىي ئاخباراتلار توپلىمى 2008- يىلى 6– ئايدا، «يۈ دەننىڭ «مۇھاكىمە ۋە بايان› تەسىراتلىرى» ناملىق تەرجىمە كىتابى 2011– يىلى 4- ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. «سېھىرلىك شەھەردىكى خاتىرىلەر» ناملىق ئۈچىنچى ئەدەبىي ئاخباراتلار توپلىمى 2011– يىلى 7– ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. كىتابخانلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا مۇيەسسەر بولغان «شەھلا كۆز» ناملىق رومانى 2010– يىلى 12- ئايدا، ئىلگىرى– ئاخىرى بولۇپ بەش يىلغا يېقىن ۋاقىت سەرپ قىلىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەرجىمە قىلىپ چىققان، جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئەڭ بۈيۈك ئەسەر ـــــ «مۇھاكىمە ۋە بايان» ناملىق ئىككىنچى تەرجىمە  كىتابى 2011– يىلى 9- ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. ئۇ تەكلىپ بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېڭى دەۋردىكى ئىماملار قوللانمىسى» ناملىق كىتابنىڭ تەرجىمە تەھرىرلىكىگە قاتناشتى، مىللەتلەر نەشرىياتى نەشىر قىلغان، ئابدۇكېرىم قادىرنىڭ «ئۈچىنچى ئېراغا قايتىش» ناملىق رومانىنىڭ تەھرىرلىكىنى ئىشلىدى. «ئوغلانغا تۇتۇلغان گۈلدەستە» ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ «تىل – ئەدەبىيات» دەرسلىكى (زۆرۈر دەرسلىك) نىڭ 4– قىسمىغا كىرگۈزۈلدى. تەكلىپكە بىنائەن، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەتلىك  رادىيو– كىنو- تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى ۋە رادىيو– كىنو- تېلېۋىزىيە ئىدارىسى بىرلىكتە پىلانلىغان جۇڭگو ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىVCD ،DVD  قىلىپ ئىشلەش خىزمىتىگە قاتنىشىپ، ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ توققۇزىنچىسى ـــــ «بايات» مۇقامىنىڭ فىلىم سېنارىيەسىنى يازدى ۋە بۇ فىلىمىنىڭ سۈرەتكە ئېلىش خىزمىتىگە قاتنىشىپ، فىلىم ئىشلىگۈچىسى ھەم رېژىسسورلىرىدىن بىرى بولدى. بۇنىڭدىن بىر نەچچە يىل بۇرۇن ئىشلىنىپ بازارغا سېلىنغان تۆت قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىمى ـــــ «ئادەملەرگە قاراپ باق، دۇنيا»، ئىككى قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىمى ـــــ «كۆل بويىدىكى چوغ» نىڭ سېنارىيەسىنى يازغاندىن سىرت، «سامان يولى» (ئالتە قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىمى)، «ئەڭگۈشتەر» (ئىككى قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىمى) قاتارلىق تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنىڭ سېنارىيەلىرىنى يازدى. «بەخت ئۇنتۇلمايدۇ»، «ئۈچ ئوغۇل» قاتارلىق تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنىڭ ئەدەبىي تەھرىرلىكىنى ئىشلىدى ۋە ناخشا تېكىستىنى يازدى. «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ 8- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىللىق مۇۋەپپەقىيەتلەر توپلىمى» (خەنزۇچە)، «‹ئۆگىنىش تىپىدىكى تەشكىلات› قۇرۇش خىزمىتى ئەمەلىي قوللانمىسى» (خەنزۇچە)، «يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا دائىر  نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت» (خەنزۇچە)  قاتارلىق بىر قىسىم خەنزۇچە كەسپىي كىتابلارنى تۈزۈشكە قاتناشتى ۋە بۇ كىتابلارنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى ئۆتىدى.
    مۇھەممەدسالىھ مەتروزىنىڭ ھەر قايسى گېزىت- ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان «كۈلۈمسىرەش»، «ئەلۋىدا، سىرلىق دوقمۇش»، «تېلېفون، بەش تەشتەك گۈل ۋە بىر جۈپ ئەر- خوتۇن»، «كۈتۈۋاتىمەن، يېلىنجاپ تۇرغان بىر پارچە چوغنى»، «ھۇجرىدىكى رومانتىكا»، «ياشاپ باقە، بەرنا»، «ئۇنتۇمايمەن، قىزىل ياغلىقلىق قىزچاق»، «ئالما چېچىكى توزىمايدۇ»، «بۇ شەھەردە ئاخىرىقى باھار» قاتارلىق ھېكايە ۋە پوۋېستلىرى؛ «ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈككە تېز سىزما»، «خىلۋەت سۆيگەن يالغۇز ئاھاڭلار»، «ئاققۇغا مەكتۇپ»، «كۈتكەنمىدىم»، «كۈلۈپ كەل جېنىم»، «كۆز ياشلاردىن سويۇلار چۈشلەر» قاتارلىق بىر تۈركۈم شېئىرلىرى؛ «ئۈرۈمچى، باغرىڭدا بىر قىز بار، ئۇ ساڭا تەشنا»، «يولىڭىز ئاق بولسۇن، قىزچاق»، «چولپان قىسسىسى»، «چۈش قوينىدىن بالقىغان ئارمان» قاتارلىق بىر تۈركۈم ئەدەبىي ئاخباراتلىرى ۋە ئەدەبىي خاتىرىلىرى؛ «بىزگە نېمە كېرەك؟»، «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە چولتا ھېكايە»، «مائارىپ زادى قايسى يولنى تاللىشى كېرەك؟»، «بىزدە پۇل يوقمۇ، ياكى...» قاتارلىق بىر تۈركۈم ئاخبارات ماقالىلىرى كىتابخانلار ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. بىر قىسىم ئەدەبىي ئەسەرلىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، خەنزۇچە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىندى، ئەسەرلىرى ھەققىدە نۇرغۇن ئوبزورلار ئېلان قىلىندى. مول ھوسۇللۇق تەرجىمە ئەمەلىيىتى ئەمگەكلىرى، يېزىقچىلىقنىڭ كۆپ خىل تەرەپلىرىدىكى سەمەرىلىك ئەمگەك مېۋىلىرى ۋە ئىزدىنىش، ئۇتۇقلىرى   ئۇيغۇرچە رادىيو، تېلىۋىزىيە ۋە يېزىق مەتبۇئاتلىرىدىن باشقا يەنە خەنزۇچە «جۇڭگو مىللەتلىرى گېزىتى»، «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى، «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى»، «مىللەتلەر رەسىملىك ژۇرنىلى» قاتارلىق گېزىت ۋە ژۇرناللاردا مەخسۇس تونۇشتۇرۇلدى.
    مۇھەممەد سالىھ مەتروزى كۆپ يىللاردىن بېرى، خىزمەتلەرنى بەجانىدىل ۋە نەتىجىلىك ئىشلىگەندىن باشقا، خىزمەتتىن سىرتقى بوش ۋاقىتلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە يېزىقچىلىقنىڭ ھەر قايسى تۈرلىرىدىكى ئۆزگىچە يېزىقچىلىق ئۇسلۇبى ۋە يۇقىرى يېزىقچىلىق ماھارىتى بىلەن ئەدەبىي ئاخبارات، شېئىرىيەت، ھېكايە، پوۋېست، رومان، ئەدەبىي ئوبزورچىلىق، ئەدەبىي خاتىرە، كىنو ۋە تېلېۋىزىيە سېنارىيەسى، ئاخبارات ماقالىلىرى يېزىقچىلىقى ھەمدە تەرجىمە خىزمىتى بىلەن ئىزچىل شۇغۇللىنىپ، كۆپ قاتلاملىق، مول سەمەرىلىك نەتىجىلىرىنىڭ شەرىپىدە ئىلگىرى– كېيىن بولۇپ كۆپ خىل مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى، يەنى «ياشاپ باقە، بەرنا» ناملىق پوۋېستى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدەبىيات- سەنئەت ساھەسىدىكىلەرگە تارقىتىدىغان ئەڭ ئالىي مۇكاپاتى ـــــ «تەڭرىتاغ ئەدەبىيات- سەنئەت مۇكاپاتى» غا، «مەن بۇ شەھەردە مۇھەببەت ئۈچۈنلا ياشاپ قالدىم» ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتى بىلەن 16- نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ۋە 2- نۆۋەتلىك «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئەدەبىي ئاخبارات مۇكاپاتى» غا، «شەھلا كۆز» ناملىق رومانى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك «قىزىلتاغ ئەدەبىيات– سەنئەت مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «كەسىپ ۋە ئەخلاقتا تەڭ يېتىشكەن سەنئەتكار» بولۇپ تەقدىرلەندى، ئۈرۈمچى شەھىرى بويىچە «كۆزگە كۆرۈنگەن ئون ياش» نىڭ نامزاتى بولدى. «شەھلا كۆز» رومانى بىلەن «مۇھاكىمە ۋە بايان» ناملىق تەرجىمە كىتابى 10- نۆۋەتلىك «تۇلپار مۇكاپاتى»نىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلدى.
    مۇھەممەدسالىھ مەتروزى ھازىر ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى ئۇزۇن يىللىق كەسپىي ژۇرنالچىلىق خىزمىتىنى قايتىدىن باشلاپ، ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنى ھەر ساھە ئوقۇرمەنلەر ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان، ئۇيغۇر ژۇرنالچىلىقى ساھەسىدىكى مۇنەۋۋەر ژۇرناللارنىڭ بىرى قىلىپ چىقىرىش ئۈچۈن، ژۇرنال تەھرىراتىدىكى بارلىق كەسپداشلىرى بىلەن بىر نىيەتتە كۆپ تەرەپتىن ئەستايىدىل ھەم ئىنچىكە خىزمەتلەرنى ئىشلىمەكتە. ئۇ يەنە جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخ- مەدەنىيەت تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئەدەبىي تەرجىمانلار شۆبە جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ ئەدەبىي ئاخبارات تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپلىك يازغۇچىسى.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلقىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-28 14:05  


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللاسى +127 يىغىش سەۋەبى
پاشاگۇل + 127

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش