كۆرۈش: 869|ئىنكاس: 0

ياقۇپ كېرەم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
IMG_3696.JPG
   ياقۇپ كېرەم، 1974- يىلى 4- ئاينىڭ 20 – كۈنى قۇمۇل شەھىرى قارادۆۋە بازىرىدا تۇغۇلغان. 1996- يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ ھازىر قۇمۇل شەھىرى غەربى ئۆستەڭ رايونلۇق كوچا ئىش باشقارمىسى مىللەت – دىن ئىشخانىسىدا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.
ياقۇپ كېرەم 1988- يىلىدىن باشلاپ ئىجادىيەتكە كىرىشكەن بولۇپ، ھازىرغىچە «ئىنىمنىڭ كۈندۈلۈك خاتىرىسى»، «ئېھ ، سېھىرلىك كۆل»، «زەردابلىق بالكۇن»،«ھەشقىپىچەك گۈلى»،«بوۋاي، پەرىزات ۋە ئۈجمە دەرىخى»، «گۈلدەستىخان»، «تۇرمۇش قارىشى ئۈستۈن ئاياللار تەشكىلاتى»، «ئالتۇن»، «ئەركەك»، «ئاھ، سەپەردىشىم»، «دادا بولماق تەس»، «بىنا باشلىقى»، «غازاڭ پەسلى»، «قوشنام»، «قاچقۇن قىز»،«شەھەرگە كىرىش خاتىرىسى»،«نومۇس»،«دادا ۋە بالا»  قاتارلىق 25 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە،«مەڭگۈلۈك ئىزدەش» ناملىق بىر پارچە پوۋېست، 200 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، بىر نەچچە پارچە ماقالىسى ھەر دەرىجىلىك مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭ «بوۋاي، پەرىزات ۋە ئۈجمە دەرىخى» ناملىق ھېكايىسى 8- قېتىملىق خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا،« مەڭگۈلۈك ئىزدەش» ناملىق پوۋېستى 11- نۆۋەتلىك خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا، «بىنا باشلىقى» ناملىق ھېكايىسى 14- قېتىملىق خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. «ھەشقىپىچەك گۈلى» ناملىق ھېكايسى قۇمۇلدا «ئالتۇن روجەك» ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ھەم خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ، مىللەتلەر ئەدەبىياتى ژۇرنىلىغا بېسىلغان.
ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش