يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 873|ئىنكاس: 7

بىز قەيەردە؟(جالالىدىن رۇمى)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بىز قەيەردە؟
جالالىدىن رۇمى

مەقسۇت ئەمىن ئەركيار تەرجىمىسى


كۆرگىلى بولمىدى،بىر قۇش ئۆتتى،
غىل-پال سايە تاشلاپ.
ئۇ نېمە؟
سەن سۆيگەن سايىنىڭ سايىسىدۇر،
پۈتكۈل كائىنات سايىگە تولدى.

بىرى تاتلىق ئۇيقۇدا،ئەمما-
جىسمىدىن پارلايدۇ قۇياش،
پار-پۇر چۈچىلەرگە ئوخشاش!
تۇنجۇقتۇرار مەنىلەرنى،
كۆرپە ئۈستىدە ھەريان ئېغىناش.


قىزىل خىرۇستالدەك تاش،
يالىساڭ تاتلىق.
گۈزەل ئېغىزلار بىلەن سۆيگىن،
قورقۇپ كەتكەن قۇلۇپ تۆشۈكىگە
ئاچقۇچ سال سىلىق.

غىلىپىدىن چىققاندەك بىر قۇۋۇز گەپ.


ئانا كەپتەر كۇۋۇكىنى ئىزدەيدۇ،
توختىماستىن سورىغىنىچە:
قەيەردە؟ بۇق...قەيەردە؟بۇق...


شىرلار نەدە مۆكۈپ ياتىدۇ؟
قىز-يىگىتلەر نەدە يىغلايدۇ؟
ئاغرىقلار قەيەردىن داۋا تاپىدۇ؟


موكا ئۇيان-بۇيان ماڭماقتا،
رەخت توقۇغاچ سورايدۇ:
بىز قەيەردە؟
ماكۇ*؟ماكۇ؟...

مەركىزىنى ئىزدەيدۇ،
ئەمما، يېتىپ بولماس.
ئۇزۇن خەنجىرىنى چىقىرىپ
ھەرتەرەپكە شىلتىيدۇ قورقماس.




*ماكۇ-رەخىت توقۇغاندا موكىدىن چىققان ئاۋازنى ئىپادىلەيدىغان ئىملىق سۆز بولۇپ،پارىسچىدىكى «بىز قەيەردە؟» دېگەن سوراقنى بىلدۈردىغان سۆزبىلەن ئاھاڭداش.
- ت.


رۇمىنىڭ«باھاردا مېۋىلىك باغقا كىرىش»ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   م.ئەمىن ئەركيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-2 14:11  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-1-2 17:21:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەۋلانا جالالىددىن رۇمى ھەزرەتلىرى بەلكىم بۇ ئەسەرنى ئۇنچە ناچار يازمىغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما تەرجىمان بەكلا بۇزۇۋەتكەندەك تۇرىدۇ. تەرجىمىنى قىلىش كېرەك، بىراق، ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىش كېرەك، يۇقىرىدىكى مىسرالارنى قانداقمۇ بۈيۈك شائىرنىڭ دېگىلى بولسۇن! تەرجىماننىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرراق ئىزدىنىپ يوللىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ۋاقتى: 2014-1-2 17:26:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلى ھەقىقەتەن يېنىك،چوڭقۇر مەنىلىك يېزىلىپتۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-2 17:40:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارايۈز يوللىغان ۋاقتى  2014-1-2 17:21
مەۋلانا جالالىددىن رۇمى ھەزرەتلىرى بەلكىم بۇ ئەسەرنى  ...


ئىلگىرىكىدەك قۇرۇق دەبدەبە،يالتىراق ئىبارىلەر بىلەن رۇمى ئەسەرلىرىگە ئوخشاش دۇنياۋى ئەسەرلەرنى بىزگە تېخىمۇ سىرلىق كۆرسىتىشكە، بىزدىن يىراقلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشقا خۇسۇسەن مەن قارشى.
رۇمى ئەسەرلىرىدىكى ئۇكۇلتىزملىق ئالاھىدىلىكمۇ شۇنى تەقەززا قىلىدۇ. دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە بۇ ھەزرەتنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىشقا ئۇرۇنۇش مەندەك سويمىلارغا ئەسلا ماس كەلمەس ئىدى! تەرجىمە قىلىپ ئانا تىلىمىزدا ئۇچرىشىش پۇرسىتىنى كۈتكىنىمىز يېتەر...دەسمايە شۇنچىلىك،شەخسى قىزىقىش يۇزىسىدىنلا خالىسانە ھالدا قىلغان ئىش بۇ.ئۇنچە يۇقىرى تەلەپ قويىدىغانغا سىز كەسكەك مۇھەررىر،مەن شۆھرەت ئۈچۈن ئالدىڭىزدا تىرناق تاتىلاپ تۇرغۇچى ئەمەس،شۇنداققۇ؟  سەمىمىي ئىلتىماسىم: مەن ئۆزئەمگىكىمنى قوغداشقا ھوقۇقلۇق، ماڭا ئۈلگە قىلىپ بىرقانچە ئەسەرنى مۇشۇ تېما ئاستىدا تەرجىمە قىلىپ،"بۇنى مۇنداق دەيسە،ئۇنى مۇنداق ئالىسە"دەپ دەرس بېرىڭ. سېلىشتۇرۇپ قانداق تەرجىمە قىلىشنى بىلىۋالاي...كەمىنە پېشىڭىزگە ئېسىلىپ سىزنى ئۇستاز تۇتىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   م.ئەمىن ئەركيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-2 17:46  


ۋاقتى: 2014-1-2 20:08:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
م.ئەمىن ئەركيار يوللىغان ۋاقتى  2014-1-2 17:40
ئىلگىرىكىدەك قۇرۇق دەبدەبە،يالتىراق ئىبارىلەر بىلەن ...


    ھاجەتسىز، مېنىڭ ئۆزۈمنى كۆز - كۆز قىلىشقا ۋاقتىم يوق، پات يېقىندا رومىي ئەسەرلىرىنىڭ 4 توملۇق ئەسىرى مەركىزىي مىللەتلەر نەشرىياتىدا رەسمىي كىتاب ھالىتىدە نەشر قىلىنىدۇ! شۇلارنى كۆرگەيسىز. ئىنكاسىمدىن رەنجىگەنلىكىڭىز مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرۇپتۇ... سىز بىلەن ئارتۇقچە تالاش - تارتىش قىلغۇم يوق، بۇ يەرگە ئۇ ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمىسىنىمۇ يوللاشقا ۋاقتىم يوق... بەلكىم، بۇنداق دېسەم، سەن قىلالمىغاچقا، شۇنداق دەۋاتىسەن، دېيىشىڭىز مۇمكىن. ھېچقىسى يوق، راست گەپ بەزىدە كىشىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدۇ. سىزنىڭ سەكرىگىنىڭىزدىنلا، بۇنى سەزدىم. بۇرادەر، بۇنچىلىك پىكىرگە بۇنچە ئاچچىقلاپ كەتمەڭ. قايتا ئىنكاس يېزىپمۇ يۈرمەڭ، پات يېقىندا چىقىدىغان «رۇمى ئەسەرلىرى» نى كۆرسىڭىزلا كۇپايە. «تەرجىمە» ئىشلىرىڭىز تېخىمۇ خەيرلىك بولغاي!
... ھە راست، بىر گەپنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، مەنمۇ يالغانچىلىق قىلىپ، سۈپەتسىز نەرسىلەرنى دەبدەبىلىك، يالتىراق ئىبارىلەر بىلەن ماختاشقا قارشى. بىرنى بىر، ئاقنى ئاق دېيىش كېرەك! ئەمدى سىزگە دەيدىغان گېپىم تۈگىدى، ئارتۇقچە گەپ قىلىپمۇ يۈرمەڭ!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قارايۈز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-2 20:14  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-3 10:49:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارايۈز يوللىغان ۋاقتى  2014-1-2 20:08
ھاجەتسىز، مېنىڭ ئۆزۈمنى كۆز - كۆز قىلىشقا ۋاقتىم يو ...


رۇمى ئەسەرلىرىدىن ئۇچۇر بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.نەشىر قىلىنسا خاسىيەتلىك ئىش بولغۇدەك.«تەرجىمە» ئىشلىرىمغا خەيرلىك تىلىكىنىڭىزدىن تەسىرلەندىم. ئۆزىڭىزگە ۋەكالىتەن  پاكىزە يۈرىكىڭىز بىلەن كۇنۇپكا بېسىۋاتقان بولسىڭىز، تېخىمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن كونكېرت كۆرسىتىپ تەنقىد بەرسىڭىز. سۆرىتىڭىزدىن قارىغاندا،پىكىر قىلغۇچىغا ئوخشايسىز. تەپەككۇرىڭىزدىن ھوزۇرلاندىم...بۇ مۇنبەردە ئۇستازلار،چوڭلار بار. بۇ تېمىنى چېكىپ قۇرۇق گەپلەرگە مەجبۇرىي داخىل بولۇپ قالغانلارنىڭ ۋاقتىغا ئەپۇ سورايمەن!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   م.ئەمىن ئەركيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-3 11:13  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-3 11:04:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تەرجىمە  تەرجىمىگە ئوخشىسۇن،ئوخشىمىسۇن ئەركيار نۇسخىسى. يەنى،ئەركيارنىڭ پىشىپ يېتىلىشىدىكى بىرقەدەم ئىزى.
ئوخشىمىغان كىشىدە ئوخشاش بولمىغان تەپەككۇر بولىدۇ. تەپەككۇر مۇنۇپۇللۇقى ۋە ئىدىيە تاجاۋۇزچىلىقى بىزدىكى رەڭدارلىقنى ئۇجۇقتۇرۇپ،مەنىۋىيتىمىزنى نامراتلاشتۇرىدۇ. پىكىرقىلىش بوشلۇقىنى تالىشىشمۇ ئىشمۇ؟ خاتالىق نەدىن ئۆتكەن بولسا كۆرسىتىپ قويغۇلۇق،كۆيۈم-ياردەم دېگەن شۇ. بولمىسا غۇدۇراپ مېنىڭلا دېگىنىم ھېساب،دېمىگۈلۈك. باشقىلارنىڭ زەررىچە بولسىمۇ ئەجرى ۋە قىزىقىشىلا بولىدىكەن،مەسخىرە-تەنىلەر بىلەن ئۇنى ئۇجۇقتۇرۇشقا ئۇرۇنمىغۇلۇق.مانا بۇ ئادىمىيلىك. ھەمكارلىق يەنە بىر مەنىدە ئادىللىق.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   م.ئەمىن ئەركيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-3 11:28  


ۋاقتى: 2014-1-10 04:11:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارايۈز يوللىغان ۋاقتى  2014-1-2 20:08
ھاجەتسىز، مېنىڭ ئۆزۈمنى كۆز - كۆز قىلىشقا ۋاقتىم يو ...

پات يېقىندا رومىي ئەسەرلىرىنىڭ 4 توملۇق ئەسىرى مەركىزىي مىللەتلەر نەشرىياتىدا رەسمىي كىتاب ھالىتىدە نەشر قىلىنىدۇ! قارايۈز تورداش ،بۇ ھەقىقەتەن ياخشى ئۇچۇركەن  .بولسا رۇمىنىڭ مۇشۇ  تۆت توملۇق ئەسىرىنىڭ تەرجىمە ئىشلىرى ھەققىدە ئىنىقراق خەۋەردا بولساق  دەيمەن ،تەرجىمانى ،قايسى تىلدىن تەرجىمە قىلىنغانلىقى توغرىسىدا تەپسىلىراق بىر نېمە دېگەن بولسىڭىز .رەھمەت ،ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش