باش مۇھەررىر
ئۆمةرجان مۇھةممىدى( سةردار ) 1968-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى كةلپىن ناھيىسى گةزلىك يېزىسى پاسۇن كةنتىدة تۇغۇلغان.باشلانغۇچ ۋة تولۇقسىز ئوتتۇرا مةكتةپلةرنى ئۆز تةۋةسىدة تاماملاپ 1985-يىلى ئاقسۇ ۋىلايةتلىك تېخنىك ئىشچىلار مةكتىۋىنى پۈتتۈرۈپ 1995-يىلغىچة كةلپىن ناھيىسىدة ئوتتۇرا مةكتةپ تىل-ئةدةبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگةن.1985-يىلدىن 2006-يىلغىچة ئىلگىرى –ئاخىر بولۇپ شىنجاڭ رادىئو –تېلىۋىزىية پىداگوگىكا ئۈنۋېرستېتى،شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتوتى، شىنجاڭ ئۈنۋېرستىتلىرىنىڭ تىل-ئةدةبىيات فاكولتېتلىرىنى پۈتتۈرگةن.تولۇق كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگة. ئۇ 1995 –يىلى خىزمةت ئېھتىياجى بىلةن ئاقسۇ شةھةرلىك رادىئو-تېلىۋىزىيةئىدارىسىگة يۆتكىلىپ كېلىپ مۇخبىر،مۇھةررىر ۋة بۆلۈم مۇدىرى قاتارلىق خىزمةتلةرنى ئىشلىگةن بولۇپ 2003-يىلدىن ئېتىبارةن ئاقسۇ خةلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىق ۋةزىپىسىنى ئۆتةپ كېلىۋاتىدۇ. ئاخبارات كةسپى بۇيىچة ئالى ئۈنۋانغا ئىگة. ئۆمةرجان مۇھةممىدىنىڭ ئةدةبىي ئىجادىيىتى 1985-يىلى باشلانغان بولۇپ ،شۇندىن بۇيان ھازىرغىچة ‹‹تارىم››،‹‹تةڭرىتاغ››،‹‹شىنجاڭ ياشلىرى››،‹‹ئاقسۇ ئةدةبىياتى››،‹‹ ئۈن-سىن گۈلزارى››‹‹شىنجاڭ گېزىتى››‹‹شىنجاڭ ئةدةبىيات –سةنئةت گېزىتى›› ‹‹ ئۈرۈمچى كةچلىك گېزىتى››،‹‹ئاقسۇ گېزىتى›› قاتارلىق گېزىت-ژورناللار ۋة مةركىزى خةلق رادىئو ئىستانسىسى،مىللةتلةر نةشرىياتى قاتارلىق ئاخبارات –نةشرىيات ئورۇنلىرىدا 400 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر،نةسىر،ئةدةبىي خاتىرة ،ئةدةبىي ئوبزور ۋة ئىلمىي ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان.بىر تۈ*ركۈم شېئىرلىرى ،ئةدةبىي ئوبزورلىرى ۋة ئةدةبىي خاتىرلىرى مىللةتلةر نةشرىياتى،شىنجاڭ خةلق نةشرىياتى قاتارلىق نةشرىياتلار نةشىر قىلغان ‹‹ قةلبتىن قةلبكة يول›› ‹‹بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تةنقىدچىلىگى›› ‹‹تاغ بۇلاقلىرى›› ‹‹ تارىم ناۋاسى›› قاتارلىق توپلاملارغا كىرگۈزۈلگةن. ئۇنىڭ‹‹سةرگةردان قۇملار››،‹‹تۇنجۇقمايدۇ شېئىرىي ھېسلىرىم››‹‹ مةن رادىئو ئاشىغى››‹‹لۇشۈننىڭ ئاياق ئىزى ۋة خاراباتى مةقبةرىسى(سةيلىگاھ ۋة قةبرىگاھ ئويغاتقان ھېسلار)››،‹‹ ئةدةبىي تىل ۋة ئۇنىڭ ئاخبارات-تةشۋىقاتتىكى رولى توغرىسىدا››قاتارلىق ئەسەرلىرى مةملىكةت،ئاپتۇنۇم رايۇن دةرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكةن. ئۇ 1994-يىلدىن ئېتىبارةن شىنجاڭ يازغۇچىلار جةمئىيىتىنىڭ،ئاقسۇ ۋىلايةتلىك يازغۇچىلار جةمئىيىتىنىڭ ئةزاسى.
جابدۇق ئىشلىتىش پاش قىلىش
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس يوللاپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتسۇن
تورىمىزنىڭ تۆھپىكار ئاپتورى
جانلىق، مەسئۇلىيەتچان مۇھەررىر
مۇنبەر مۆتىۋېرى