يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 504|ئىنكاس: 1

ئابدۇرەھىمجان يۈسۈپ ئۈمىد - يېڭى يىل رۇبائىيلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يېڭى يىل رۇبائىيلىرى
1
بۈگۈن ئۆمرىڭىزدىن ئۆرۈلدى بىر بەت .
يار بولسۇن خوشاللىق ، بەخت-سائادەت .
ئەمما ئۇ ئىمتىھان دىلى ئويغاققا ،
تاپقۇسى شان-ئۇتۇق ئۆرلەش تائابەت .
2
ئەتىنى كۈتمەكنىڭ يولى باشقىدۇر .
جاھاندا ھەرخىل مال پۇلى باشقىدۇر .
بىرلا سۆز مېھنەتتىن ئىزدىسەڭ ئىقبال ،
ھاياتنىڭ قىممىتى ، ئۇلى باشقىدۇر .
3
خۇشاللىق ، خاپىلىق ھەممىسى ئۆتتى .
يىل ئۆتۈپ ھاياتنى يىڭى تاڭ كۈتتى .
بىغەملىك ، ئويۇندىن قۇت ئىزدىگەنلەر ،
ئېنىق ئۇ دۇنيادىن ئۈن-تىنسىز ئۆتتى .
4
يىللارنى يىللارغا ئۇلايدۇ ئادەم .
ئۆزىدە قۇت-ئىقبال ، سائادەت ، ماتەم .
ئويلىغىن نە قىلدىم ، نەتىجەم قايسى ؟
دىلىڭدا ئويغىنىش پارلىسۇن بۇ دەم .
5
يېڭىلىق ، ئىجادتۇر ياشاشتىن زور تەم .
باغلىقتۇر شۇنىڭغا خوشاللىق ، ماتەم .
ئۆزگىرىش ياشىساڭ بەختلىكى سەن ،
ھەر يىلدا مەيلى بول بىلىمدان، ھاتەم .
6
يىل يىلغا ئۇلىشىپ تۈگەيدۇ ئۆمۈر .
ئەمما ئۇ داستىكى ئازغىنا كۆمۈر .
قىممىتى ئۆلچىنەر كۆرەشتە ئۆرلەپ ،
تاۋلىسا ھەياتنى قىلىپ گاڭ تۆمۈر .
7
بەڭگىنىڭ ئىشىدۇر مېھنەتسىز كۈتۈش .
ئورۇنسىز بى ئەمەل خىيالىي بىر چۈش .
بەدەلسىز نېئمەت يوق دۇنيا ئېكىنزار ،
ئۆزىنى يوقۇتۇش نىشانسىز ئۆتۈش .
8
يىللارنى ئالقاندا تۇتار تىرىشچان .
ئۆتكۈنچى ھاياتنى بىلگەچ ھەرقاچان .
ھەركىمكى تاپماقنى ئىزدىسە ئىقبال ،
تەدبىردىن يەر ئىزدەر بولغۇسى ئىشچان .
9
يېڭىلىق ۋەجىدىن گۈزەلدۇر ھايات .
بولمىسۇن ھەر كۈتكەن يىلىڭ ئاڭا يات .
ياغقۇسى ھەر يىڭى تاڭدىن يىڭى قۇت ،
ۋاقتىڭنى ئەجىردە قىلساڭلا پايات .
10
ھايات سۆيگەن باشلايدۇ يېڭى يىلنى يېڭىدىن .
قۇت ئاتىدۇ قىممەتتىن يېڭى ھايات تېڭىدىن .
خۇددى ھەسەل ھەرىدەك باش چۆكۈرۈپ ئىشلىسەڭ ،
ئاندىن يىڭى ھەسەللەر پۈتمەمدۇ گۈل چېڭىدىن .
11
يىل كەلدى ئۆمرۈڭدىن يەنە يىل كەتتى .
ھەيھاتكى ئەزرائىل دىلنى خوش ئەتتى .
چاپسان بول بەيگىدە ياراتقان قىممەت ،
بىل شۇندىن ھاياتىڭ «نېرۋان»غا يەتتى .
12
مەڭگۈلۈك ياشاش يوق بىل شۇڭا قۇتلۇق .
باغلىقتۇر ئۆزۈڭگە تۆت، ئىككى پۇتلۇق .
نىسىپتۇر ئەمما ئۇ ئىزدىسەڭ ئەگەر ،
ئىنسانىي قىممەتتىن بولسۇن ئۇتۇقلۇق .

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-1-24 18:30:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روبايىلار ياخشى چىققان ئىكەن، لېكىن ماس سەھىپىگە يوللانماي قاپتۇ ئەمەسمۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش