alahidin يوللىغان ۋاقتى 2013-12-31 20:01
«ئىككى غەزەل»نىڭ بىرىنچىسىنى تۆۋەندىكى مىسرالاردا ۋە ...
بىرىنچى غەزەل 16 بوغۇملۇق 4 مەپەئىيلۇن ۋەزنىدە يېزىلغان،ھەر بىر تۇراق تۆت بوغۇم ،ھەر بىر تۇراقنىڭ بىرىنچى بوغۇمى قىسقا بوغۇمدا قالغان ئۈچ بوغۇمى ئۇزۇن بوغۇمدا .مۇشۇ بويىچە قارىسام سىز قىزىل بوياپ ئالغان مىسرالاردىن ۋەزىنگە چۈشمەيدىغان يېرىنى تاپالمىدىم ،تەلىم بەرگەيسىز.
ئىككىنچى غەزەل 15 بوغۇم تۆت تۇراقلىق،بىرىنچى ،ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى تۇراقلىرى پائىلاتۇن ۋەزنىدە -يەنى بىرىنچى ،ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى بوغۇمى ئۇزۇن بوغۇم ،ئىككىنچى بوغۇمى قىسقا بوغۇمدا ؛تۆتىنچى تۇراقى ئۈچ بوغۇم ،ھەممە بوغۇمى ئۇزۇن بوغۇمدا-مەپئۇلۇن ۋەزنىدە.بۇ ئىككىنچى غەزەلدە ئىككى يەردە ئېلىنغان «كەبىي»دېگەن سۆزنىڭ «بىي»بوغۇمىنىڭ سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان قىسقا بوغۇم بولۇشى كېرەك بولسىمۇ ،لېكىن ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن يېزىلىپ قېلىپ ۋەزىن چاققانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا تەرتىپ بويىچە يۇقۇردىكى ئىككى ۋەزىنگە چۈشمەيدىغان يېرىنى تاپالمىدىم. «يىغلايمەن»دېگەن سۆز قاپىيە بولالمامدۇ؟بۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز سىزدىن كۆپ مىننەتدار بولغان بولاتتىم.