يېڭى يىلغا بېغىشلىما سۆز
يېڭى يىل دېمەك يېڭىچە يىل دىمەكلىك.
كونا يىلنىڭ ئۇزاپ يېڭى يىلنىڭ كىرگەنلىكى مەيلى تەبىئەت،مەيلى جەمىيەت،ۋە ياكى كىشىلىك ھايات ئۈچۈن بولسۇن يېڭىلىقنىڭ باشلانغانلىقىنىڭ بىشارىتىدۇر. بۇ سوبىكتىپلىققا بېقىنمايدىغان بىر تەبىئىي قانۇنىيەت.
كىشىلىك جەمىيىتى ۋە ئادەملەرنىڭ شەخسىيىتىدىن ئېلىپ ئىيتقاندا بولسۇن كونا يىلنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى ۋە يېڭى يىلنىڭ باشلانغانلىقى خۇشاللىنىشقا، زوقلىنىشقا، تەلپۈنىشكە، ئىنتىزار بولۇشقا ئەرزۈگۈدەك ئالاھىدە بىر خىل ۋەقە.بىر يىلنى ئۆتكۈزۈپ يەنە بىر يىلغا كىرىدىغانلىقىمىز كىشىلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ يېڭى سەھىپىسىنىڭ ئېچىلىدىغانلىقى،يېڭىچە مەزمۇن قوشۇلىدىغانلىقى، ھايات مۇساپىسىگە تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك، تېخىمۇ رەڭدار،تېخىمۇ مەنىلىك بولغان ۋە ئۆزگىچە سەھىپىلەرنىڭ قوشۇلىدىغانلىقى بىلەن تولىمۇ جەزبىدار،تولىمۇ مەپتۇنكار ۋە تولىمۇ گۈزەل.
چىدام-غەيرەتلىك،ئىشچان-شىجائەتلىك،ئەقىل-پاراسەتلىك ۋە ئەمگەكچان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ جۇڭگۇلۇقلار ،جۈملىدىن يەر شارىدا تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان پۈتۈن ئىنسانىيەت بىلەن بىرگە 2014-يىلىدىن ئىبارەت خاسىيەتلىك يېڭى يىلغا كىرگەنلىكىنى چىن قەلبىمدىن تەبرىكلەيمەن.
مەركىزىي رادىئو ئىستانزىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمى ئۈچۈن سۆزلەنگەن سۆز تېكىستى
غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر
2013-12-24
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كۈسەمىش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-31 13:50
|