يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 529|ئىنكاس: 1

ئالدىمىزدا غەنىمەت چاغلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-12-29 23:49:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئالدىمىزدا غەنىمەت چاغلار

ئەخمەتجان ئىسراپىلوۋ
(قازاقىستان)

دىمە قىشنى سوغاق زىمىستان
چارچىغاندۇ دەم ئالغاي زىمىن
دالا قىردا ئاپئاق داستىخان
چوققىلارمۇ ئالماقتا تىنىم

قارلىق تاشلاپ مەشرەپ باشلايدۇ
دېھقانلىرىم چاق-چاق ساز بىلەن
جۈر كىلەيلى بىزمۇ سەيلى قىپ
چاڭغۇ تېپىپ پەقەت ئىككىيلەن

ئەنە قارا بىرتوپ شوخ بالا
ياسىۋاپتۇ قاردىن قىش بوۋاي
بالىلىقنى ئەسكە ئېپ بۈگۈن
كەل مەڭزىڭدىن بىر سۈيۈپ قۇياي

كونا يىلغا ئېيتىپ تەشەككۇر
ئۇزۇتايلى بۇلۇپ مىننەتدار
ھىسلار ئوتلۇق سۆيگۈمىز شىرىن
چاچ ئاقارتىپ كەتسىمۇ يىللار

ياش چاغلاردەك پۈركىنىپ گۈلگە
ئۇرغۇپ سۆيگۈ يايراپ قالسۇن دىل
ئالدىمىزدابەخىتلىك كۈنلەر
جېنىم بۈگۈن كەلدى يېڭى يىل

ئەسلى ئەسەر

Alda tehi ğenimät dämlär

Ähmätҗan İSRAPİLOV
Demä qişni soğaq, zimistan,
Çarçiğandu, däm alğay zimin.
Dala-qirda appaq dästihan,
Çoqqilarmu almaqta tinim.


Qarliq taşlap, mäşräp başlaydu,
Dehan-çarva çaqçaq, saz bilän.
Җür, keläyli bizmu säylä qip,
Çaŋğu tepip, päqät ikkilän.

Äynä qara bir top şoh soytaq,
Yasavaptu qardin qiş bovay.
Baliliqni äskä ep bügün
Käl, mäŋziŋdin bir sšyüp qoyay.

Kona jilğa eytip täşäkkür,
Uzitayli bolup minnätdar.
Һislar otluq, sezimlar štkür,
Çaç aqartip kätsimu jillar.

Bir çağlardäk külgin qäh etip,
Orğup sšygü, yayrap qalsun dil.
Alda, җenim, ğenimät dämlär
Çünki bügün käldi Yeŋi jil
كونا يېزىققا ئۆزلەشتۈرگۈچى ؛ئەزىز ئەيسا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ئەيسا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-30 13:10  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-12-30 00:06:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزلەشتۈرگۈچى ئەزىز ئەيساغا رەھمەت.بۇ شېئىردىكى ئۈمىدۋارلىق روھى روھىمىزغا ئۇلانغاي!!!.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش