يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1001|ئىنكاس: 2

ئەرقۇت: «ياۋا جىگدە» (ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
1995 ـ يىلى «تۇرپان» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنىپ، 7 ـ نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن ئەسەر



ياۋا جىگدە


(ھېكايە)



ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت



ئۇ تۇساتتىنلا ئۆزىنىڭ ئۆلۈم خېتى قولىغا چىقىپ قالغاندەك ئەندىكتى ھەم ئىشەنمەي قالدى. ئۇ مۇشۇ بىر نەچچە قور خەتكە ئەلەملىك كۆزلىرى بىلەن قارىغنىدا ئۆزىنىڭ قايتۇرۇپ بولماس گۈزەل ھاياتىنى، ياق، ئەمدىلىكتە ئۆز نەزىرىدە ئەھمىيەتىسىز نەرسىگە ئايلانغان ئۈمىدىنى كۆرگەندەك بولدى. ئۇ ياش تۈكۈشنىمۇ، مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇشنىمۇ بىلمىدى. بۇ تەقدىرمىدۇ، ئۆزى تاللىغان ھايات يولىمۇ؟ ياق! ئۇ ئەسەبىي تىترەك ئىچىدە قولىدىكى خەتنى مىجىقلىدى، مۇشۇ ئالىقانچە خەت بىر ئادەمنىڭ ھاياتىغا چېكىت ئۇرۇپ قويسا- ھە!؟ ئارزۇچۇ، شېرىن خىيالچۇ؟ قايسىبىر ئىنسان بۇلاردىن مۇستەسنا بولغان. بۇلارغا ئەمدى قىزىل چىراغ يېقىلدىمۇ؟ يېشىل چىراغ ئاشۇ پىنھانلىقىدا غايىب بولامدۇ؟ ئۇنىڭ چىش ئىزى قالغان لېۋى سۇس تىترىدى، ئېغىر تىندى.
ئۇ ئاخىر پۇرلانغان خەتنى پارچە - پارچە قىلۋەتتى. لېكىن ئۇنىڭ ئاشۇ ئازاپلىق، ئەمما قىسقا ھاياتىنى يىرتىۋېتىش قانداق مۇمكىن. ئۇنىڭ تىنىمسىز خىياللىرى ھامان ئاشۇ ئازاپلىق مىنۇتلارغا چىرمىشاتتى.
ئۇ شۇ ھالەتتە بىر ئاز تۇردى- دە، يىرتىۋېتىلگەن خەتنى ــ ئاجرىشىش خېتىنى زەردە بىلەن دەسسىۋەتكەندىن كېيىن ئۆيىگە قاراپ ماڭدى.
ئۇنى ئاق ياغلىق سالغان ئاپىسى مۇغەمبەرلىك يېغىپ تۇرغان كۈلكىسى بىلەن قارشى ئالدى:
-       ياخشى بولدى قىزىم، ئەر دېگەن ئازمو؟
ئۇنىڭ ئاپىسىغا قارىغۇسى كەلمىدى. نېرىدا ئاتىسى كۆكتە پەرۋاز قىلىۋاتقان كەپتەرلەرگە مەپتۇن بولۇپ قاراپ تۇراتتى. ئۇنىڭ قەلبىدە يۈرىكى ھەسرەتتىن ئۆرتەنگەن قىزى ئەمەس، بەلكى كۆكتىكى ھېسسىياتسىز كەپتەرلەرلا بار ئىدى.
ئۇ ئۆزىنى كارىۋاتقا تاشلىدى. كارىۋات ئۇنىڭ يۈرىكىدەك ئازاپلىق غىچىرلىدى. ئەجىبا ئۇ بەختسىزمۇ؟ بەلكىم، لېكىن تېخىمۇ بەختسىزى، ئۇنى مۇشۇ ھالغا مەھكۇم قىلغان ئاتا - ئانىسى، چۈنكى ھاياتلىقتا ئادەملەرنىڭ يۈرىكى بىر – بىرىگە تۇتاش ئەمەسمۇ.
ئۇ كۆزىنى ھەرقانچە ئاچماي دېسىمۇ ئېچىشقا مەجبور بولدى. ئاھ! ئۇنىڭ نەزەرى شۇ ھامان تويلۇق سۈرىتىگە چۈشتى. ئۇ نېمىشقا بۇنى ئۇنتىغاندۇ؟ يوقىتىش كېرەك، ھەممىنى ئۇنتۇش كېرەك! ئۇ بىر خىل خاتىرجەملىك تۇيغۇسى ئىلكىدە سۈرەتنى يۇلۇپ ئېلىپ كۆيدۈرۈۋەتتى.
تۇرۇپ ئۇنىڭ كۈلگىسى كەلدى، ئۇ تېخى 20 ياشتىن ھالقىمايلا تۇل ئايالغا ئايلانسا... نېمە قىسمەت بۇ؟ ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ خىيالىدا مەنىگە باي ئالىي مەكتەپ ھاياتىلا بار ئىدى. لېكىن ئۇ تولۇقسىزنى پۈتكۈزگەندە مۇشۇ ئاتا- ئانىسى سوغۇق تەلەتى بىلەن:
-ـ قىز بالا ئوقۇپ نېمە بولماقچى؟ ئۆي ئىشىنى ئۆگەن،- دەپ ئۇنىڭ خىيالىنى بەرپات قىلدى. ئۇ ئۈنسىز يىغلاپ قازان بېشىغا كەلدى. ئارىدىن ئىككى ، ئۈچ يىل ئۆتۈپ ئاتا- ئانا يەنە ئاللىقانداق پەتىۋالار بىلەن ئەمدىلا ھاياتلىق ئىشىكى ئالدىغا كەلگەن قىزىنى ياتلىق قىلۋەتتى. ئۇ ئۆزىنى بىلىپ بولغۇچە مانا ئەمدى تۇل ئايالغا ئايلىنىپ قالدى.
ــ كەپتەرلىرىمگە خىزىر يولۇقتىمۇ- نېمە؟ بەك چىرايلىق موللاق ئاتىدىغۇ كاساپەتلەر.
ئاتىسى شۇنداق دېگىنىچە چوڭ ئۆيگە كىردى، ئايالى ئۇنىڭغا بوش شىۋىرلىدى:
ــ ئارزىم تۈگىشىپ كەلدى، ھەي...
ئايالىنىڭ ئېرەنسىزلىك بىلەن ئېيتقان سۆزى قىزىنىڭ يۈرىكىنى تىلىپ ئۆتتى.
ــ نېمانچە بولىسلەر، كىملەردىن قالمىغان بۇ ئىش،-دىدى ئاتىسى.
ئارزىگۈل بۇقۇلداپ يىغلىۋەتتى، ئۇلارنىڭ نەزەرىدە مۇھەببەت، نىكاھ دېگەنلەر شۇنچىلىكلا ئىدى.
قۇياش يەنىلا كۆتۈرۈلدى، ئايمۇ يەنىلا جىلۋە قىلدى.
ئۇنىڭ ئەمدى يىگىت، توي دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلىسا تېنى جۇغۇلدايدىغان بولۇپ قالدى. سۇنۇق دىل، تىلىنغان يۈرەك نېمىنى خالىسۇن، ئۇنىڭدىن سىرغىغان ناخشا ئەلۋەتتە مۇڭلۇق. سۇلغۇن چىراينىڭ كۈلكسى.... ئاھ، قانداق ئېچىنشلىق.
ئاتىسى ئۇلارغا مەغرۇرلارچە جاكارلىدى:
ــ سىلەرگە كەپتەردىن 10نى ئاتىدىم، ماھىر موللاقچىدىن ئىككىسى كۆپەيدى.
ئارزىگۈل بۇنداق گەپلەردىن بىزار ئىدى. ئۇ ئاستا ئۆيدىن چىقتى. ئۇ ئۆز خىيالى بىلەن، پۇتىنىڭ ئىختىيارىدا ئۆيىنىڭ ئارقىسىغا چىقىپ قالغانىدى. ئۇ كۆز ئالدىدىكى چەكسىز كەتكەن سايغا تىكلدى. ئۇنىڭ قەلىبدىكى ھەسرەت بۇنداق سايدىن نەچچىسىنى يېپىپ كېتەلەيدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇ بۇ ئۈنسىز، نىداسىز سايدىن ئۆز كۆڭلىگە ئاراملىق ئىزلىدى. بىردىنلا ئۇنىڭ كۆز نۇرى چاقنىدى، يۈرىكى قىمىرلىغاندەك بولدى، ئۇنى يىراقتىكى ياۋا جىگدە دەرىخى ئۆزىگە ئوخشاش سىياقتا چاقىرىۋاتاتتى. ئۇ مۇشۇ خىل رەۋشتە شۇ ياققا قەدەم تاشلىدى.
توۋا، ئادەم دېگەن قىزىق – ھە! ئادەملەر سىرداشسىز ئۆتۈشنى خالىمايدۇ، بەزىدە جانسىز نەرسىلەردىنمۇ تەبىئىي يۇسۇندا سىرداش تېپىۋالىدىكەن. ئۇمۇ شۇنداق. ئۆينىڭ ئارقىسىدىكى ئېرىق بويىغا ئۆسۈپ ئەمدىلىكتە باراقسانلاشقان بۇ ياۋا جىگدە ئۇ ئېسىنى بىلگەندىن تارتىپلا يېقىملىق تۇيۇلىدىغان بولۇپ قالغانىدى. ئۇ خۇشاللانسۇن، قايغۇرسۇن، بۇ يەرگە ئۈن-تىنسىز كېلەتتى. بۇ دەرەخ بولسا ئۇنى مېھرىبانلارچە ئەللەيلەيتتى....
ئۇ قولىنى ئاۋايلاپقىنا ياۋا جىگدە غولىغا سۇندى. ئۇ غەلتە تۇيغۇ بىلەن دەرەخ غولىنى سىلىدى. دەرەخ غولىدىن ئوخشاش بىر يۈرەك تىۋىشى ئۇنىڭ قولىدىن يۈرىكىگىچە قەدەر يامرىدى. ئۇنى ئۆزىگە تارتقاندەك بولدى. ئۇ ئىختىيارسىز يۈزىنى دەرەخ غولىغا ياققاندا بىردىنلا يىغا قىستىدى. ئۇ كۆز يېشىنى ئىختىيارىغا قويۇپ بەردى. ياش سىرغىدى، تۈكۈلدى، تۈكۈلدى...
ئۇ يىغىدىن توختاپ قالدى، ئەسلى ئۇنىڭ يەنىمۇ ئۇزاق يىغلىۋالغۇسى بار ئىدى. خەيرىيەت، ھېلىمۇ خېلى يېنىكلەپ قالدى. ئۇ دەرەخكە سۆيۈنۈش ۋە مىننەتدارلىق بىلەن قاراپ قويۇپ ئۆيىگە ياندى. ئۇ بۇرۇنقى كۈندىلىك خاتىرىسىنى كۆرۈپ باقماقچى بولغانىدى. ئۇزاق بوپتۇ كۆرمىگىلى، توپا بېسىپمۇ قالغاندۇ؟ راستىنى ئېيتقاندا ئۇ ئاشۇ كۈندىلىك خاتىرىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ بۇ زېرىكىشلىك كۈنلىرىگە ئازراق بولسىمۇ شىپا تاپماقچى، كۆڭلىدىكى بۇرۇقتۇرمىلىقتىن  بىردەم بولسىمۇ قۇتۇلماقچى بولدى.
ئۇ توپا بېسىپ كەتكەن كونا ياغاچ ساندۇقنى ئاچتى. ئۇنىڭدا نۇرغۇنلىغان دەرسلىك كىتاب ۋە گېزىت – ژۇرنال مۇڭلىنىپ تۇراتتى. ئاۋۇ گېزىتكە ئورالغىنى بولسا كۈندىلىك خاتىرە ئىدى.
ئۇ تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن گېزىتنى ئاچتى. كۈندىلىك خاتىرە ناھايىتى ياخشى ساقلانغانىدى. ئۇ خاتىرىنىڭ قاتتىق مۇقاۋىسىنى ئاچقانىدى، قولىغا بىر گېزىت چىقىپ قالدى. ئۇ كونىرىغان «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» گېزىتى ئىدى. بىر خىل ھۇزۇر ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى سېرىپ ئۆتكەندەك بولدى. بۇ گەرچە ئۇزاق بولغان سۆيۈنۈش بولسىمۇ، تەسىرىنى تېخى يوقاتىمىغانىدى.
ئۇ ھاياجان بىلەن ئۆز ھېكايىسىگە كۆز يۈگۈرتتى. بۇ ئۇنىڭ تولۇقسىز 3- يىللىقنىڭ ئىككىنچى مەۋسۈمىدە ئېلان قىلغان ھېكايىسى ئىدى. شۇ چاغدا ئۇ ئۆزىدىن پەخىرلەنگەن، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار چىن كۆڭلىدىن ماختاشقان، ئەدەبىيات مۇئەللىمى:«سىز ياخشى تىرىشىۋاتىسىز، سىزدە تالانت بار. يەنىمۇ كۆپ يېزىڭ» دەپ ئىلھاملاندۇرغانىدى.
بىردىنلا ئۇنىڭ تېڭىرقىغان ئارزۇسىدا قوياش پارلىغاندەك بولدى. ئاھ، ئازاپلىق ھايات نېمىلەرنى ئۇنتۇلدۇرغان- ھە!؟
ئۇ تازىلاپ ئېلىپ قويغىلى ئۇزاق بولغان قەلىمىگە سىياھ ئىچۈردى. شۇ ئاخشىمى قاراڭغۇ ۋە تىمتاس يىراق سەھرا زېمىنىدا بىر ئادەتتىكى ئۆينىڭ چىرىغى ئۆچمىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن ئارزىگۈل قولى ئىشتىن بىكار بولسىلا يازىدىغان بولدى. ئۇ نېمىلا بولسا يازاتتى. ئاڭلىغانلىرى بولسىمۇ، ئويلىغانلىرى بولسىمۇ، توساتتىنلا قاتتىق تەسىر قىلغان نەرسىلەر بولسىمۇ يازاتتى. ئۇنىڭ يازغانلىرى ھېكايىمۇ، نەسىرمۇ، تەسىراتمۇ كارى يوق ئىدى. ئۇ يازغانلىرىنى ئاۋايلاپ ساندۇققا سالاتتى، بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى مەنىسىز ھاياتىنىڭ مەلۇم بۆلىكىنى دەپنە قىلىۋەتكەندەك سېزەتتى، ئاندىن ئاشۇ خىل ئۆزى ئۈچۈن بۈيۈك بولغان سەزگۈ ئىچىدە كىتابقا سىڭىشەتتى. ئۇ چاغدا دۇنيا كىتاب بىلەن ئۆزىدىن باشقا نەرسە بولمايتتى. كىتاب ئىچىگە كىرەتتى، قايتا چىقاتتى، پېرسۇناژلار بىلەن تەبەسسۇم قىلشاتتى، يېقىملىق جىلۋە قىلىشاتتى. گاھىدا بولسا ئۇلارنى ئۆز سەھراسىنىڭ توپا ھىدىغا تۇويۇنغا ھاۋاسى بىلەن نەپەسلەندۈرەتتى. تەبىئىي مەنزىرىسىگە مەپتون قىلاتتى...
كەچ سائەت 11 گە داڭ ئۇرغاندا ئۇ يېزىشتىن توختىدى. ئۇ يازغانلىرىنى قايتا بىر ئوقۇپ چىقىپ كۈلۈپ كەتتى. ئەسلى ئۇ ھېكايە دەپ يازغانىدى. ئوقۇپ چىققاندا بولسا پۈتۈنلەي ئۆز ھاياتىغا بولغان تويغۇ – تەسىراتلىرى بولۇپ، ھېكايىگە تازا ئوخشىماي قالغانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇنى بىر چەتكە ئېلىپ قويغاندىن كېيىن مۇقاۋسىدا بىر تال گۈلنىڭ شېخىغا بۇلبۇل قونۇپ سايراۋاتقان كۆرۈنۈشى بار كۆك رەڭلىك خاتىرىسىنى ئالدى. بۇنى ئالدىنقى ھەپتىدە ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىندە ئوقىۋاتقان بىر دوستى بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا جۇڭگو ۋە چەتئەلنىڭ داڭلىق شائىرلىرىنىڭ نادىر شېئرلىرى كۈچۈرۈلگەنىدى. دوستى خاتىرىسىنى ئۇنىڭغا بەرگىچە:
ــ ئوقۇۋاتقان ۋاقتىڭدا خېلى ئوبدان يازاتتىڭ، مانا بۇ يازغانلىرىڭ سېنىڭ تۇرمۇشنى قانچىلىك چۈشەنگەنلكىڭىنى بىلدۈرۈپ تۇرۇپتۇ. بولۇپمۇ ھېسسىياتقا باي، ياخشى يولنى تېپىپسەن، مەن بەك خۇش بولىۋاتىمەن. ئاشۇ كۆڭۈلسىز ئۆتكەن كۈنلىرىڭنى ئۇنتۇپ كەت. كېيىنكى تۇرمۇشىڭنى ئويلا، يەنىمۇ تىرىش،ــ دېگەن ۋە ھېسداشلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. ئۇ شۇلارنى يەنە بىر قېتىم ئويلاپ خاتىرىسىنى ئاچتى. خاتىرىسىنىڭ بىرىنچى بېتىگە پۇشكىننىڭ «قارا شال»دېگەن شېئىرى چىرايلىق زىننەتلىنىپ كۈچۈرۈلگەنىدى.

قارا شالغا مەجنۇنانە باقىمەن،
      سۇنۇق دىلنى غەم ئوتىغا ياقىمەن.

تاڭ ئاتتى، ئۇ ئويغىنپلا كەپتەرلەرنىڭ غۇڭۈلدىغان ئاۋازىنى ئاڭلىدى. ئۇ قۇلىقىنى ئېتىۋالدى. بۇنىڭ نېمە پايدىسى. ئۇ ئورنىدىن تۇردى. ساقاللىرىغا ئاق ئارىلىغان ئاتىسى ئۆگزىدە موخۇركىسىنى قاتتىق شورىغىنىچە پەرۋاز قىلىۋاتقان كەپتەرلىرىگە سۆيۈنۈش بىلەن قاراپ ئولتۇراتتى.
ئۇ ئارزىگۈلگە مەمنۇنلۇق بىلەن قاراپ دېدى:
ــ قارا قىزىم، كەپتەرلىرىم....
ئارزىگۈل گەپنىڭ ئاخىرىسى چىقماستىنلا كەينىگە ياندى. خۇددى ئۇ كەپتەرلەر ئۇنىڭ كۆڭلىدە قالايمىقان ئۇچۇپ پاراكەندە قىلىۋاتقاندەك ئىدى. كەچكىچە كىتاب كۆرگەچكىمۇ ئۇنىڭ كۆزلىرى سەل ئاغرىپ تۇراتتى. ئۇ كۆزىنى بوش ئۇۋۇلاپ ئۆيگە كىردى. ئۇيقۇسى تازا ياخشى بولمىغاچقا ئەسنەپ تۇراتتى. ئۇ سوغۇق سۇ بىلەن يۈزىنى يۇيۇپ تۇرغاندا ئاپىسى ئاخىرقى دۇئاسىنى تۈگىتىپ ئورنىدىن قوزغالدى.
ــ كېچىچە ئوخلىماي،ــ دېدى ئاپىسى زەردە بىلەن،ــ غەلىتە قىلىقلىرىڭىنى قوي.
ــ نېمە دېگىنىڭ بۇ؟ــ دېدى، ئارزىگۈل خۇرسىنىپ،ــ كىتاب كۆردۈم شۇ، بۇنىڭ نېمە يامىنى بار؟!
ــ سېنىڭ كىتاب كۆرىدىغان ۋاقىتلىرىڭ ئۆتۈپ كەتكەن.
ئارزىگۈل مېيىقىدا كۈلدى:
ــ ئادەمگە تاماق ئۆلگۈچە لازىم بولغىنىدەك، كىتابمۇ شۇ.
ــ توۋا،ــ دېدى ئاپىسى تەسۋىيسىنى ئىتتىك –ئىتتىك سېرىپ،ــ مانا، ھېچنىمە قىلمايلا ئالجىپ سۆزلەۋاتىسەن.
ــ قويغىنا ئاپا،ــ دېدى ئارزىگۈل ئاپىسىنىڭ تۈرۈلگەن چىرايىغا قاراپ كۈلۈپ كېتىپ، ــ شۇمۇ گەپمۇ.
ــ كىتاب دېگەندىن نېمە چىقىدۇ؟
ــ سەن بىلمەيسەن ئاپا.
ــ بىلمەيدىغان ئىش بولامدۇ، بېشىڭىنى قايمۇقتۇرىدۇ.
ــ ئاپا...
ــ بولدى قوي! ئۇنى ئاز دېگەندەك، بىر نېمىلەرنى جىجىيسەن، نېمىلەرنى قىلىۋاتىسەن بۇنى خودايىم بىلمىسە... شەيتان ئازدۇردى سېنى.
ــ ئۇنداق دېسەڭ بولمايدۇ، ئاپا.
ــ ياشاپ مۇشۇ ياشقا كىرگەن بىز، قىز بالا دېگەن ئۇنداق بولۇپ كەتسە بولمايدىغان...
ــ  ئەيىبلەش كېتەمدۇ بۇنىڭغا، قەغەز – قەلەم بىلەن ھەپىلىشدىغان ئايال يازغۇچىلارغا نېمە دەيسەن؟
ــ ئوھوش،ــ ئاپىسى ياغىلىقىنى تۈزەشتۈردى،ــ يازغۇچى دېگەنلىرىڭنى قوي، شۇڭا ئۇنداقلاردا ئىنساپ يوق، ئىمان يوق.
ئارزىگۈل بېشىنى چايقاپ قويۇپ ئىشىك تۈۋىگە ماڭدى. ئاپىسى ئارقىسىدىن ئالايدى:
ــ گەپ قىلغىنىممۇ  يېتىپ ئاشىدۇ، ئىشنىڭ ياخشى يېرى مۇشۇ، ئەگەر ئاتاڭ گەپ قىلى ۋەتسە... ئۇنەرسىلىرىڭىنى يوقات ئەمدى. مەھەللىدىكى كىشىلەر نېمە دېيشىۋاتىدۇ- ھە.
ئۇ بۇ گەپكە ھەيران قالدى ھەمدە شۇ دەقىقىدە ئارقىسىدىن بىر قىسما قاراۋاتقان چىرايلار غىل – پال چېلىققاندەك بولدى.
ناشتىدىن كېيىن ئۇ كۆڭلى چىگىشلەشكەندەك بولۇپ ياۋا جىگدە تۈۋىگە كەلدى. كىچىك ئېرىقتا سۇ ئاقمىغىلى ئۇزۇن بولغاچقا ئېرىق ئىچى قۇرۇپ كەتكەن، دەرەخ بولسا يۇپۇرماقلىرى سۇلاشقاندەك بولۇپ، سەل كۆرۈمسىزلىشىپ قالغانىدى. بۇنىڭغا قاراپ ئۇنىڭ ئىچى سېرىلدى، دەرەخكىمۇ؟
ئۇ دەرەخكە ھەسرەت بىلەن يۆلەندى. راستىنى ئېيتقاندا ئۇنىڭ ئارزۇسى يىگانە ئارزۇ ئىدى. ساددا ۋە باغرى كەڭ سەھرا ئۇ ئارزۇنى سىغدۇرالمىغان، ئۇمۇ مۇنۇ دەرەخكە ئوخشاش يىگانە قالغان. ئۈنسىز ھەم سادالىق كۆزلەر ئۇنىڭدىن پەقەت شۇنىلا تەلەپ قىلىدۇ: ئەر ۋە ئائىلىدىن باشقىنى ئويلىما!
ئۇنىڭ مەجرۇھ قەلبى تىكەنلەشتى.
تۈنۆگۈن بىر دوستى بالىسىنى كۆتۈرۈپ كىردى:
ــ مۇشۇ قەغەزلىرىڭدىن ساڭا نېمىمۇ پايدا چىقار؟ بۇنداق يوقىلاڭ ئىشلارغا باش قاتۇرغىچە، چاققانراق بىرەرسىنىڭ پېشىنى تۇتۇپ توي قىلىۋېلىشنىڭ غېمىنى قىلساڭ بولاتتى.
ئۇنىڭ دوستىغا بەكىمۇ ئىچى ئاغرىدى، دوستىنىڭ بالىسى يىغلىغىلى تۇردى. ئۇ دوستى ئورنىدىن تۇردى:
ــ چاققانراق توي قىلىپ بالىلىق بولساڭ، زېرىكىشلىك كۈنىڭمۇ ئاخىرلىشىدۇ.
بىرىدىنلا ئۇنىڭ يىغلىغۇسى كەلدى. بۇ ئىش كەچكىچە ئۇنى گاڭگىراتتى:«پەقەت مەنلا خاتا ئويلاپ قالدىممۇ؟» كەچقۇرۇن قۇرسىقىنى تومپايتىۋالغان يەنە بىر دوستى كەلدى. ئارزىگۈل ئۇنىڭغا چاقچاق قىلدى:
قۇرسىقىڭدىكى نېمە ئۇ؟
دوستى سىرلىق كۈلدى:
ــ كەلگۈسىدىكى قىزىڭنىڭ يىگىتى.
يەنە ئەر، توي... ئۇنىڭ يۈرىكى قاتقاندەك بولدى.
...ئۇ دەرەخكە قايتا بىر قاراپ چىقتى. ياۋا جىگدىنىڭ ئۇششاق مېۋىلىرى مۇڭلىنىپ تۇراتتى. يېشىللىق ئاجىزلاشقان، ئارزىگۈل سايىدە ئولتۇراتتى:«ئوقۇغۇچى ۋاقىتلىرىمزدا يېزىقچىلىق ئىقتىدارىمنى ماختىغانلار ئەمدى مېنى ئەيىبلىگىلى تۇردى. ئۇ باشقا دەۋىر، بۇ باشقا دەۋىرمىش.» دوستلىرىنىڭ ئاغزىدىن «ئەر، ئۆي، بالا» دېگەن سۆز چۈشمەيدۇ. ئارزىگۈل تۇرۇپلا ئۇلارنى پەقەت چۈشەنمەيدىغاندەك، بۇرۇن بولسا خاتا چۈشەنگەندەك تۇيغۇغا كەلدى. باشقىلار بىلەن چۈشنىشمەيمۇ ياخشى ئۆتكىلى بۇلامدۇ قانداق؟... بىردىنلا ئۇ ئۆز خىياللىرىدىن قورقۇپ قالدى. قىياپىتىمۇ ئۆزگىرىپ قالدىمۇ- يا؟ نېمە كۆپ خىيال، نېمە ئېغىر غەم بۇ، دوستىلىرى توغرا ئېيتتىمۇ-يا؟ چاققانراق توي قىلسا، بالىلىق بولسا... قانچە تېز بولسا شۇنچە ياخشى؟!
ئۇ مەھەللە تەرەپكە مېڭىپ كەينىگە بۇرۇلدى: ئۇمۇ بىر كېچىدىلا دەرەخكە ئايلىنىپ كەتسە....
ھاۋا ئىسسىق بولغاچقا كىشىلەر دەرەخ سايىلىرىدە پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى. ئارزىگۈل ئۇلارنىڭ قېشىغا كەلدى. ئۇلار ھەيران بولغاندەك نەزەرى بىلەن ئۇنىڭغا قاراشتى. ئۇ ئولتۇرۇپ گەپكە بىر ئاز قۇلاق سالغاندىن كېيىن قولىدىكى كىچىك دىيومانىڭ «چوغلۇق قىز» دېگەن كىتابىنى ئاچتى. پارىڭى تازا قىزىماي ئولتۇرغاچقىمۇ بىرى بۇنى كۆرۈپ گەپ كوچىلىدى:
ــ بۇ كىتابتا نېمە دەپتۇ؟
ھەممىسى ئۇنىڭغا تەئەججۈپ ھەم سىناق نەزەرى بىلەن قاراشتى، ئۇ ئويلىنىپ قېلىپ لېۋىنى بىر چىشلىگەندىن كېيىن تەستە ئېيتتى:
ــ بىر بايۋەچچىنىڭ بىر پاھىشە قىزغا بولغان ھېسداشلىقى، قىزغىن مۇھەببىتى...
ھېلىقى ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدى:
ــ ئۇنداقتا ئۇ بايۋەچچە ساراڭ بوپتۇ، ئەرلەر بار يەردە بۇ گەپنى دەپ سالماڭ جۇمۇ!
ئۇ قىزىرىپ كەتتى. باشقىلار بولسا كۇسۇرلىشىپ كۈلۈشكىلى تۇردى. كۈلكە بېسىلىپ، بىرى ھىجىيپ ئېيتتى:
ــ بۇنداق غەلىتە نەرسىلەرنى ئوقۇمىسىڭىز بوپتىكەندۇق...
ــ نېمە خىيال كىردى سىڭلىم سىزگە؟
ئۇ ئۈندىمىدى. بىر نېمە دېيىش ھاجەتسىز، ئۇ قايىل قىلالماي نەچچە رەت يىغلاپمۇ تاشلىغان.
ــ سىزنى كېچىچە بىر نېمە يازىدۇ دېيشىدىغۇ؟
بۇ گەپ بىلەن ئاران تۇرغان ئېغىزلار ئېچىلىپ كەتتى:
ــ مۇھەببەت خېتىدۇ شۇ؟
ــ كىمگە كۈيۈپ قالدىڭىز؟
ــ ئۆيىڭىزدىكلەرنى رازى قىلىپ، بىر ئەرنىڭ پېشىنى تۇتۇشنىڭ غېمىنى قىلىڭ قىزىم.
ئۇ ئۈن - تىنسىز كېتىپ قالدى. ئۇلار بۇ گەپلەرنى ياخشى كۆڭلى بىلەن، غەرەزسىز دېدى، ئۇمۇ بۇنى چۈشىنىدۇ. لېكىن... ئۇ ئارتۇقچە ئويلاشنى خالىمىدى. ئىككى ھەپتە بۇرۇن ئەۋەتكەن نەسىرلىرىنىڭ خەۋىرىنى ئېلىش ئۈچۈن پوچتىخانىغا باردى. ھېچبىر ئۇچۇر يوق. ئۇ ئېغىر تىندى. بىراق، بىر ئىشقا  ئىشتىياق باغلاشنىڭ سېھرىنى چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولامدۇ؟ ئەمما، شۇ تاپتا ئارزىگۈلدىكى «ئەسىرىم ئېلان قىلىنسا» دەيدىغان تاتلىق ئىستەك بىلەن تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز خۇشاللىقىنى سېزىدىغان ئەسۋاب بولىدىغان بولسا... تەسۋىرلەشمۇ قىيىن، ئىشقىلىپ ئارزىگۈل گېزىتنىڭ ئەدەبىي بېتىنى ھەربىر ئاچقۇچە ئىختىيارسىز يۈرىكىنى تۇتۇپ قويىدۇ.
پۇچىتىخانا خادىمى ئۇنىڭغا تەسەللىي بەردى:
ــ ئۈمىدسىزلەنمەڭ سىڭلىم، ئەجىرگە چۈشلۇق مېۋە ھامان بولىدۇ.
بۇنىڭدىن ئارزىگۈل سۆيۈندى ھەم يىغلىغۇسى كەلدى. ھەر ھالدا ئۇنى  چۈشىنىدىغان ئادەم بار ئىكەن. ھەي، يېزىپ توشقۇزغان خاتىرىلىرىنىڭ زۇۋانى بولغان بولسا ـ ھە...
ئۇ ئۆزىمۇ ئىقرار: مۇشۇ كۈنلەردە ئۇ ئىككى ئىشتىن قېيىنلىدۇ. بىرى، خالىمىغان نىكاھنىڭ ئورۇنسىز بەدىلى. يەنە بىرى، ئەدەبىيات ئىشتىياقى.
كېچە سائەت بىر، ئارزىگۈل ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا دوستى يېزىشنى ئۈتۈنگەن، دوستىنىڭ مۇھەببەت سەرگۈزەشتىسى ئاساسىدىكى ھېكايىنى يېزىپ يېرىملاشتۇرغانىدى.
ئاسماندا جىمىرلاپ تورغان يۇلتۇزلار غەمكىن بىر قىرغاققا ھېسداشلىق بىلەن نەزەر تاشلايتتى. شۇ تامان سىرغىيتتى، سىغدىلاتتى. ئەمما سۇ بىلەن قىرغاق ئوتتۇرىسىدا تولدۇرغۇسىز بوشلۇق باردەك قىلاتتى. يۇلتۇزلار ئەنە شۇ يەردە خىرەلەشتى.
... سۆيۈملۈك دەرەخ ئاستا - ئاستا قىڭغايماقتا، ئۇنىڭ يۇپۇرماقلىرى بىر – بىرلەپ تۆكۈلۈپ چۈشۈپ ھەسرەتكە ئايلىناتتى. ئۇنىڭدىكى تىۋىش شۇنچە ئاجىز، شۇنچە قەھرىلىك، لەيلىشى شۇنچە لەرزان، شۇنچە ھەيۋەتلىك. يەرگە چۈشكەندىكى ساداسى شۇنچە ھىجرانلىق، شۇنچە ئارمانلىق. يەرنىڭ ئۇنى سۆيۈشى شۇنچە تەشنالىق، شۇنچە ئازاپلىق... دەرەخ سۇغا ئايلانماقتا، يۇپۇرماق دەرەخ بىلەن ۋىدالاشماقتا. مېۋىلەر قەبرە ياسىماقتا... دەرەخ قەددى پۈكۈلۈپ قەيەرگە ئۆرۈلىشىنى بىلمىدى. يىراقتىكى يېشىللىقنىڭ پىنھانلىقىدا شامال مارىلايتتى. ئۇلار يىغلاشنى، ياش تۈكۈشنى بىلەتتى... ئاخىر، دەرەخ قىممەتلىك بەدەل بىلەن ئارزىگۈل ئۈستىگە قىڭغايدى......
ئارزىگۈل ئويغاندى، چۈچۈپ ئەمەس، تەبەسسۇم بىلەن ئويغاندى، كۈن ئاللىقاچان ئېگىز ئۆرلەپ بولغان. ئەمما، كەپتەرلەرنىڭ جانلىق ئۈندەشلىرى، بۇقۇلداشلىرى ئاڭلانمايدۇ. ھەممىلا نېمە تىنچتەك. ئەمدى ئۇ چۆچىدى. نېمىشقا ئۇنى شۇ چاغقىچە چاقىرشمىغاندۇ - ھە؟ كۆرۈلۈپ باقمىغان ھادىسە، ئۇ ئەندىكتى، ئۇ قانداقلارچە مۇنداق بەك ئۇخلاپ كەتكەندۇ؟ غەبلەت باستىمۇ- يە؟ ئۇنىڭ يۈرىكى ئۇيغاندەك بولدى. ئۆي ئىچى نېمانچە غەلىتە تۇيىلىدىغاندۇ؟
ئۇ ئورنىدىن چاچراپ تۇردى. ھويلىغا چىقتى. ھويلىدا تېزەكنىڭ ئاچچىق ئىسى ھەم غەلىتە بىرخىل ھىد بۇرنىغا ئۇرۇلدى. ئاتىسى نېرىدا ۋىجىك بىر ئادەم بىلەن كەپتەر توغرىلىق پاراڭلىشىۋاتاتتى.
ــ مۇشۇ كۆك كەپتىرىڭنى بەرسەڭ، ئۆمۈر بويى رازى بولۇپ كېتەي سېنىڭدىن،ــ ۋىجىك ئادەم يېلىناتتى.
ــ ئىنسابىڭ يوق نېمىكەنسەن،ــ دېدى ئاتىسى ناھايىتى جىددىي يۇسۇندا،ــ بۇنى جۈپتىدىن ئايرىشقا كۆڭلۈڭ قانداق ئۇنايدۇ؟ قارا ئۇلارغا....
ــ مېىنڭمۇ ئۇنداق غەرىزىم يوق. ئۇنداقتا ئىككىسىنىلا...
ــ ئۇنىڭدىن كۆرە جېنىمىنى ئال...
ئارزىگۈل بۇ گەپلەردىن يۈرىكىگە غۇڭ ھەرە نەشتىرىنى سانىجىغاندەك بولدى. قىش شامىلىدا قالغان يېشىل ياپراقتىلا مۇشۇنداق تۇيغۇ بولىدۇ. ئىنسانلار ئاللىقاچان ئاشۇنداق بەختسىز ياپراقلارغا يۈرىكىنى بېرىۋەتكەن. ئارزىگۈل شۇنچە كۆپ يۇپۇرماقلارنىڭ قايىسىسىغا بەرگەندۇ؟ ياق، ئۇلار ئارزىگۈلگە بەرگەن.
ئارزىگۈلنىڭ قولىغا سىياھ يۇقۇپ قالغانىدى. ئۇ ئوچاق تۈۋىگە ماڭدى. ئانا ئۇ يەردە تېزەك چوغى ئۈستىگە بىر نېە تاشلاۋاتاتتى.
بىر تۇتام قەغەز ئوچاقتىكى تېزەك بىلەن قوشۇلۇپ كۆيۈۋاتاتتى. ئارزىگۈلنىڭ يۈرىكىگىمۇ تېزەك چوغى تاشلانغاندەك بولدى. ئۇ ئۆزىنى ئاتتى. ئاھ! ئۆزىنىڭ يۈرەك قېنى- قاننىڭ كۆيۈشى قانداق ئېچىنشلىق- ھە!
ئاپىسى ھۇمايغىنچە ئۇنىڭ قوليازمىلىرىنى كۆيدۈرمەكتە ئىدى. ئۇنىڭ ئاق ياغلىقى سېرىلىپ مۆرىسىگە چۈشۈپ كېپەنگە ئايلانغاندەك تۇيغۇ بەردى.
ئۇنىڭ لەۋلىرى قېلىچقا ئايلاندى:
ــ ئاپا...
ئاپىسىنىڭ كۆزىدىن ئوت ئۇچقىنى چاقىنىدى:
ــ پاسىكىنلىرىڭنى كۆيدۈرىۋاتىمەن.
ــ ئاپا!
ــ سەن ئۇخلاۋەر.
ــ  ئاپا؟!
ـــ سەن كېچىچە ئېلىشىپ قالغاندەك ئولتۇرساڭ... ئەتىسى سەھەر ئويغانساڭ، ئاللا، نېمە گۇناھ قىلغىنىمغا سېنى ئاتا قىلغاندۇ؟
ئاپىسى ئۇنى ئىشقا بۇيرىدى:
ــ ماڭ، ئاتاڭنىڭ كەپتەرلىرىگە قوناق ئەكىلىپ بەر. بىر خالتا...
ئاھ، ئۇ بايا كۆيۈۋاتقان ئەسەرلىرىگە قولىنى سۇنالمىدى ـ ھە؟ئۆزىنى ئاتالمىدى، قولىنى كۆيدۈرەلمىدى... ئۇ نېمە دېگەن بىچارە، ئۇنىڭ كۆزىدىن ياش سىرغىدى.
يولدا بىر دوستى چاقچاق قىلدى:
ــ كېچىچە يازغان مۇھەببەت خەتلىرىڭنى ئەۋەتكىلى ماڭدىڭمۇ؟...
ــ ...
بىرى ھېجايدى:
ــ دوستۇم ھەي...
ــ ...
بىرى بالىسىنى ئۇنىڭغا كۆز –كۆز قىلدى:
ــ ئارزىگۈل قارىڭە...
يولدا بىر ھەۋەسكار ئۇچرىدى، ئارزىگۈل سۆيۈنۈپ خۇشال سالاملاشتى.
ــ ئارزىگۈل چارچاپ قالغاندەك تۇرىسەن، خېلى بىڭسىڭ بار جۇمۇ سېنىڭ. شۇنداقتىمۇ ئۆزۈڭنى ئاسرا.
ئۇ كۈلۈمسىرىدى.
ئاتىسى خالتىدىكى قوناقلارنى كەپتەرلەرگە بېرىۋىتىپ دېدى:
ــ توك پۇلى ئۆرلەپ كەتتى، چىراغنى...
ئارزىگۈل كەپتەر روق- شوق بىلەن يەۋاتقان دانلارغا ئەلەم بىلەن قاراپ قويۇپ كەينىگە ياندى. ھە! ئۇ تويۇقسىز چۆچىدى. يۈگۈردى. ئۇھ... ئاخشام يازغان ھېكايىسى جايىدا يەنە شۇ پېتى تۇراتتى. قارىغاندا ئاپىسى ئالدىراشلىقتا تۈگمە تېپىپتۇ- يۇ، تۆگىنى كۆرمەي قاپتۇ. ئۇ تىتىرەپ تۇرغان قوللىرىنى ئەسەرگە سۇندى.
.... دەرەخ ئۆز مېھرى بىلەن قارشى ئېلىپ، ئۆز تەنھالىقى بىلەن ئۇنى ئۇزۇتىپ قويدى. ئارزىگۈل دەرەختىن نېمىنى سىزىدىغاندۇ؟ نۇرغۇن - نۇرغۇن نەرسىلەرنى يات نەزەرلەر باسىدۇ، جىمىقتۇرىدۇ. ئەگەر ئىنسانلاردىكى پەسكەشلىك بولمايدىغان بولسا دەرەخلەرمۇ سىرىنى تۈككەن بۇولاتتى. پەسكەشلىك؟ ئۇ ئىنسانلارنىڭ نىقابلىنىشى، بۇنى دەرەخ دەپ بەردى. ئارزىگۈل چۈشەندى: ئىنسانلار بىر دۇنيا، تەبىئەت بىر دۇنيا.
ئارزىگۈل خېلى يېنىكلىشىپ قالدى. ئاپىسى ھەرگىز ئۇنىڭ يۈرىكىنى تەلتۈكۈس كۆيدۈرۈۋېتەلمەس.
خىرە شام يورۇقىدا قوليازمىلار كۆپىيىدۇ.
ئۇ پوچتىخانىدىن يەنە روھسىز قايتتى. ئۆيدە ئاپىسى قەھرى – غەزىپى بىلەن ھېكايە ئورىگىناللىرىنى چاڭگاللاپ تۇراتتى. تىترەپ تۇرغان ئورىگىنالدا «گۈل نېمىشقا خوۇش پۇراق» دېگەن ماۋزۇ كۆزگە چېلىقاتتى. ئارزىگۈلگە تىترەك ئولاشتى. شۇ دەقىقىدە ئۇنىڭ يۈرىكى ئاجايىپ بىر ۋەھىشىيلىكنى سەزدى.
ــ ھۇ نۇومۇسسىز!
ئاپىسى بارلىق سەسكىنىشى بىلەن شۇنداق دېدى. ئۇنىڭ نۇرى خىرەلەشكەن كۆزى، كاماك ئاغزى، ئىسكەتىنى يوقاتقان بۇرنى بەئەينى بىر ھاڭ ئىدى. ئارزىگۈل ئاشۇ ھاڭلاردا ئاللىقاچان نەچچە رەت ئۆلۈپ بولغان.
ـــ ئىي ي ي، نېمىدېگەن لاۋزىلىق!
ئاپىسى ئاغزىنى غەلىتە پۈرۈشتۈرۈپ، يۈزىنى تىترەتتى. ئارزىگۈل ھېچنېمىنى ئويلىيالماتتى. كۆڭۈل تۇيغۇنلىقى ئاللىقاچان ئۇنىڭغا بۇ ئاقىۋەتتىن بىشارەت بەرگەن. ئۇنىڭ زادى نېمە خاتالىقى بار؟ بۇ يەردە خاتالىق دېگەن نەرسە مەۋجۇتمۇ؟ ئەگەر مەۋجۇت دېيىسلە كىمگە مەنسۇپ؟
ئارزىگۈل ھالسىزلاندى. ئارزىگۈل بىر خىل ئىلاجىسىزلىق ئىلكىدە ئاستا قەدەم بىلەن ئاپىغا يېقىنلاشتى. ئانا – بالا ئوتتۇرىسىدا قانداق مېھىر ۋە سىھىر باردۇ؟ بالىدىكى ھەرقانداق جاسارەت، غالىبلىق، غەزەپ- نەپرەت مۇشۇ بوشلۇقتا ئاجىزلايدۇ. ئۆز تۈسى مۇھەببەتكە ئۆزگىرىدۇ. قانغا بويالغان قېلىچ مۇشۇ پاسىلدا سۇنىدۇ.ئۇلۇغلۇق شۇمىدۇ؟ لېكىن بۇ بۈيۈكلۈكنىڭ ئاقىۋىتى ئىلاجىسىزلىق.
ئارزىگۈلنىڭ كۆزىدىن ياش تېڭىرقىغاندەك سىرغىدى. خورلانغان كۆڭۈل خاھىشىىن بوغۇلۇپ تۆكۈلگەن بۇ ياش قەيەرگە تامىچىشىنى بىلمىدى. نېمىشقا ؟ نېمشقا ـ ھە؟ نېمىشقا؟ كۆڭۈل خاھىشىنى پەيدا قىلىش ۋە ۋەيران قىلىشقا ئادەملەر قادىر ئەمەس. ئۇ مەڭگۈ ئىچكى ئالەمدە ھەرىكەتلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ ھەرىكەتلىنىشتىكى بارلىق سىرلارنى ئىپادە قىلالايدىغان كىشى تەڭرىگە يېقىنلىشىدۇ. ئەپسۇسكى، ئاشۇ ھەرىكەتنى سېزىشمۇ چەكلەنسە؟
ئارزىگۈل ئاپىسىنىڭ كۆزىگە قارىدى. بۇ كۆزلەردە بىرەر نەرسىگە نىسبەتەن ئۇچقۇن چاقنىمغاندىمۇ؟ شۇ تاپتا ئاپا ئۈچۈن ئارزىگۈل پۈتۈنلەي گۇناھكار ئىدى.
ــ سەن ، سەن ئېشەك... سەتلىشىپ... ۋاي ئۆلەي....
ئاپا ئەمدى ئۆزىنى كاچاتلاپ يىغلاشقا باشلىدى، ئارزىگۈل بولسا ئىپادىسىز قاراپ تۇرىۋەردى.
ــ شۇنداق گەپلەرنىمۇ دەپتەرگە سىزامدۇ؟ نېمە جىن چاپلاشتى بۇنىڭغا. ۋاي، خۇدايىم... باشقىلار ئاڭلىسا نېمە دەيدۇ؟ مەھەللىگە قانداقمۇ چىقىمىز؟ يۈزىمىزنى قويمىدى. ئەقلى يوق رەسۋا... دوست ـ دۈشمەننىڭ ئالدىدا...
ئارزىگۈل ھەيران قالدى. نېمە قىلىق بۇ؟ نېمىگە شۇنچىلىك قىلىدۇ؟ ئۇنىڭ گۇناھى شۇنىڭغا ئەرزىمدۇ؟ «ئەگەر بىر نەرسە يېزىش گۇناھىم بولسا... »
ــ كۆر رەسۋا، كۆر... «سۆيىمەن»، «سېغىنىمەن»... كەچۈر ئاللا... بۇ پەسنىڭ سىزغان نېمىسىنى، سېنى شەيتان ئازدۇرۇپتۇ. ئېشەك سۈيدىكىدەك گەپ، يولدىن چىقىپتۇ بۇ پاسكىنا، قېرىغنا جېنىمدا... ئاھ خۇدا، بىگۇناھ ناراسىدىلەرنىڭ جېنىنى ئالغۇچە مۇشۇنداق پەسەندىلەرنىڭ جېنىنى ئالساڭچۇ؟! سەت، پوقيۈز...
ئاپا قولىدىكى قەغەزنى غەزەپ بىلەن ئارزىگۈلنىڭ يۈزىگە ئاتتى. ئارزىگۈل بۇنىڭغا ئىستىھزالىق كۈلۈپلا قويدى. ئۇنى بېقىپ مۇشۇ ياشقا ئەكەلگەن ئاپىسى شۇمۇ؟
ئاپا ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ، كالىچى بىلەن ئۇنىڭ كاسسىغا بىرنى سالدى:
ــ مەھەللىدىكى خوتۇنلار:«قىزلىرىغا نېمە خىيال كىردى؟ توسىمىسىلا يولدىن چىقىدۇ» دېسە، ئىشەنمەپتىكەنمەن. خەپ... سەن جوھۇتنى ئېرىڭ بىلىپ ھەيدىگەن...
ئەر!
ئارزىگۈل لەرزىگە كەلدى. ئەر دېگەن نېمە؟ ئارزىگۈل مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى ھېس قىلىدۇ. لېكىن، ئەرنى بىلمەيدۇ. يا مۇھەببەتنىڭ يەنە بىر پەللىسىدىكى ئىنسان شۇمۇ؟ لېكىن ئۇنىڭ «ئېرى» ئۇ پەللىدىن ئۇنىڭغا قول سۇنغان ئەمەس. ئەركەك ھايۋان چېغىدا چىشىسىنى ھېمايە قىلىدىغۇ. ئۇنىڭ يۈرىكى تىكەنلەشتى.
ئۆيگە ئېغىر قەدەملەر بىلەن ئاتىسى كىردى. ئۇنىڭ چىرايى غەزەپتىن سېسىغان ئالمىدەك تۈسكە كىرگەنىدى. ئۇمۇ مۇشۇ چاغقىچە بۇ ھەقتە ئېغىز ئېچىپ باقمىغان. ئارزىگۈل ئەندىكىپ ئاتىسىغا قارىغىنىچە ئۆزىنى ئەمەس، كەپتەرلەرنى ئويلىدى. ئاتا قەھرى بىلەن دېدى:
ــ ئۇنى ئەرگە بېرىۋەت!
ئاتا چىقىپ كەتتى.
ئەر!
ئارزىگۈل كۆزىنى يۇمىۋالدى. ئەر... ئارزىگۈل خۇددىي ئوق ئېتىلىش ئالدىدا تۇرغان جىنايەتچىدەك نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئويلىۋەتتى. ئەر؟! ئارزىگۈل شۇ ھامان ئەرگە ئەمەس، مۇھەببەتكە بەكمۇ تەشنا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.
ئاپىسىنىڭ بوغۇق ئاۋازى ئاڭلاندى:
ــ بۇ نەرسىلىرىڭنى يوقات! ئىككىنچى كۆزۈم كۆرمىسۇن.
مۇھەببەت ئارزىگۈلنىڭ قولىدىن سىرتقا سۆرىدى. ئارزىگۈل نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئېلىپ سىرتقا ئېتىلدى. ئاپىسى چۆچۈپ سۇس مېھرى بىلەن چاقىرىپ قالدى:
ــ قىزىم...
ئاپا ــ جادۇگەر بولسىمۇ ئاپا.
ناشتىدىن كېيىن ئارزىگۈل ئۇ ھېكايىنى ئاققا كۆچۈرۈپ بولۇپ، ئەۋەتىش ئۈچۈن پوچتىخاىغا ماڭغان، بىرىنچى قول ئورگىنالى كاڭدا شۇ  پېتى قالغان، ئاپا ئۇنى كۆرۈپ قېلىپ باشلانغۇچتا ئوقۇيدىغان نەۋرىسىگە ئوقۇتۇپ ئاڭلىغان، ساپ مۇھەببەت ھېسسىياتى بىلەن سۇغۇرۇلغان ئۇ ھېكايىدىن ئاپا تەسىرلەنمىگەن، سەسكەنگەن...
ئارزىگۈل دەرەخكە ئېسىلىپ ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتى. قولىدىن نۇرغۇن نەرسە سىيرىلىپ چۈشتى. نۇرغۇن نەرسە ــ بىر توپ ئورىگىنال قەغىزى بىلەن بىر قاپ سەرەڭگە.
ئۇ ئۆزىنى بەكمۇ ئامالسىز، بىچارە ھېس قىلدى. ئەر... ئۇ لېۋىنى چىشلىدى. ئۇنى ھاقارەتلەۋاتقان ئاپا، تاش يۈرەك ئاتا، يولدىكى يولۇچىدەك تۇيۇلىدىغان ئەر، مەھەللىدىكى غەلىتە چىرايلار...
ــ كۆيدۈرۈش كېرەك!
ئارزىگۈل نۇرغۇن بەدەللەرنى دەڭسىدى، يەر شارىدا ئۇنىڭ قولىدىن قەلەم چۈشسە كارايىتى نېمە؟ ئاددىيسى مەھەللىدە. بەلكىم ئازاب بولار، لېكىن تارتمىسىلا بولمايدىغان ئازابلار ئازمۇ؟
ــ كۆيدۈرۈش كېرەك...
ئارزىگۈل ئۆز ھاياتىغا قول سۇنغاندەك سەرەڭگىگە قول ئۇزاتتى. لېكىن، ئۇنى ئېلىشقا قۇربى يېتەمدۇ؟ ھېسسىياتى بەرداشلىق بېرەلەمدۇ؟ بۇرۇن ئۇ سەرەڭگىنى ھاياتلىقى ئۈچۈن ياندۇرغان بولسا، ئەمدى ئۇنىڭ ئەكسى ئۈچۈن ياندۇرىدۇ...
ھېچنېمىنى ئويلىماسلىق كېرەك.
ئۇ سەرڭگىنى شارتلا قىلىپ قولىغا ئالدى. شۇ ھامان سەرەڭگە يۈرەككە ئايلانغاندەك بولدى. ئۇ بېشىنى سىلكىپ ئالدىدىكى قەغەزگە ياۋۇزلارچە تىكىلدى. مۇشۇلارنى يوقاتسىلا ھەممە ئىش ئوڭشىلىدىغۇ؟ راست، ئۇ نېمە بىر پايدا ئالدى؟ تۆھمەت، ھاقارەت! ئۇ مۇڭلىنىپ تۇرغان قەغەزلەرگە سوغۇق نەزەر بىلەن قارىدى:«مەن بىر ئالۋاستى!»
ئۇ تەسلىكتە بىر تال سەرەڭگە ئالدى. ئۇنىڭ يۈرىكى قاتتى. ئۇنىڭدىن نېمە كېتىدۇ؟ ئۇ سەرەڭگىنى ياندۇردى. ئاھ، ئۇنىڭ يۈرىكىگىمۇ ئوت تۇتاشتى، كۆڭلى بۇزۇلدى، ئۆزىنى باسالمىدى، لېۋىدە چىشىنىڭ ئەلەملىك چوڭقۇر ئىزى قالدى. قەغەزگە ئوت تۇتاشسا... ئۇ كۆزىدىكى ياشنى باشقۇرالماي قالدى. ئەمما ئۇ ئامالسىز... كۆيۈۋاتقان سەرەڭگە ئاخىر ئۇنىڭ قولىنى كۆيدۈردى. ئۇ زور غەيرەت بىلەن باشقىدىن ياندۇردى. ئاستا ـ ئاستا قەغەزگە يېقىنلاشتۇردى. يېشى ئۈزۈلمەي تامچىدى، يۈرىكى ئۆلۈشكە باشلىدى. گەۋدىسى يىمىرىلدى، تىلى تەمسىز بىر پارچە گۆشكە ئايلاندى.
قەغەزگە ئوت تۇتاشتى.
خەير...
مەڭگۈلۈك ۋىدالىشىش ئۇنىڭ يۈرىكىنى تولغاپ سىقىپ قان سىرغىتىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ قولى قانغا بويالدى، قولى ئۆزىدىن ئاجراپ چىقىپ ئۆز يۈرىكىگە، ئەلەمگە تولغان يۈرىكىگە قاراپ ۋەھشىيلەرچە سوزۇلدى.
قەغەزلەر كۆيۈشكە باشلىدى. ئۇ چارچىدى، مېڭىسىنى كۆندۈرۈلمىگەن ۋەھشىي  بۇقا ئۈسۈشكە باشلىدى.
خەير ...
«خەير ئەمدى، قەلبىمدە بىر ۋىدا قالدى...»①
ئۇنىڭ ئۆلۈك قەلبى يەنە ئۆلدى. يىرتىلىپ بولغان كالېندارنىڭ چېچىلغان ۋاراقلىرىنى پىنھان پەسىلنىڭ چۈشىنىكسىز شامىلى ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇرۇپ كەتتى. ئۇ مۇشۇنداق ئۇچۇش ئۈچۈن تۆرۈلگەن بولسا... ئۇ ھەر ھالدا بۇنى بىلىۋالدى. ئىنسان ئۆزىنىڭ دۇنياغا نېمىگە كەلگەنىلىكىنى بىلمىسە. ئۇ بىلدىغۇ، پۈتۈن ئازان چېكىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى بىلدىغۇ، ئۇ ئەمدى بىلمىسۇن، بىلىۋالغان نەرسىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ئازاب ئېلىپ كېلىدىكەن. ئادەم نېمىگە ئىنتىلىپ، نېمىنى ئۇنۇتمىغان؟!
ئۇ كۆيۈۋاتقان قەغەرلەرگە تاقەت قىلىپ تۇرالمىدى.
ئۇ نېمىنى كۆيدۈردى ـ ھە؟
كۈل كۆپەيمەكتە، بىردىنلا ئۇ ئۆزىگە نەپرەتلەندى.  ئۇ نېمە قىلىپ قويدى؟ ئۇ ئامالسىز... لېكىن بىچارە ئەمەس ئىدى،
كەپتەرلەر ئېگىز ـ ئېگىزدە پەرۋاز قىلاتتى. ئۇلارنىڭ مېھرىگە بىر ئىنساننىڭ مېھرى يۆلەك.
ئارزىگۈل ھۆڭرەك ئېتىپ يىغلىۋەتتى. ھەمدە كۆيۈپ تۈگىدى. كۈلگە تۆكۈلگەن ياشلار ھېچنىمىگە ئېرىشەلمىدى، تۈگىدى. ھەممە تۈگىدى، ئۇ بىھوشلانغاندەك بولۇپ يۆلىنىپ قالدى. ئۆز ـ ئۆزىگە بولغان بۇ زەربە ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن ئېغىر كەلگەنىدى. بىرى ئۇنىڭ دۈمبىسىدىن يۆلەپ تۇراتتى. ئۇ بۇ نىڭدىن بىر ئاز بولسىمۇ تەسەللىي تاپتى. ئۇ نېمىنى كۆيدۈردى؟ قەغەز ئەمەس، قولغا ئېلىپ كۆرسەتكىلى بولمايدىغان بۈيۈك ئىستەكنى، ئۇنىڭ ئىپادىسى پۇتبولدا، بۇقا بىلەن ئېلىشقۇچىدا، قىياغا ياماشقۇچىدا... بار.
ئۇ ئەسلىگە كەلگەندەك بولدى، كۆزىنى ئاچتى: ئۇنى ئادەم ئەمەس،  دەرەخ يۆلەپ تۇراتتى. بايتىن بېرى ئارزىگۈل ئۇنى ئۇنتىغان ئىدى.
ئۇنىڭ تازا قېىنىپ بىر ئۇخلىۋالغۇسى كەلدى. شۇنداق دېسە ئاپىسى قانچىلىك خۇشال بولار؟ ئۇ ئۆيىگە ماڭدى. بىر ئاز مېڭىپ كەينىگە قارىدى. ئۇنىڭغا ئىپادىسىز قاراپ تۇرغىنى ھېسسياتسىز دەرەخ ئىدى.
ئۇ راستتىنلا قېنىپ ئۇخلىدى. لېكىن، ئويغۇنىشى بىلەنلا يۈرىكى ئاغرىپ كەتتى. ئاپىسى ئۇنىڭ قېشىغا كىردى:
ـ مانا، بىر ئوبدانلا بولۇپ قاپسەن.
ئۇ ئۆگزىگە چىقتى. يىراقلارغا قارىدى. رەتسىز ئۆيلەر، لېكىن مېھرى ئىسسىق، ئۇ نەزىرىنى پۈتۈش ئالدىدا تۇرغان چۈنجىسىگە تىكتى. بۇ يىل ئۇلارنىڭ ئۈزۈمدىن كۆپ ھوسۇل ئېلىشىدا گەپ يوق.
ئاكىلىرى ھەرە، پالتا كۆتۈرۈپ چىقىپ ياۋا جىگدە دەرىخىنى كېسىشكە باشلىدى. «چۈنجىنى يېپىش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ» دەپ ئويلىدى ئۇ. ئەجەپكى، باشقىنى ئويلىمىدى. ئەكسىچە، ئېڭىكىنى ئىككى قولىنىڭ ئالقىنى ئارىسىغا ئېلىپ دەرەخنىڭ ئۆرۈلۈشىگە مۇڭلىنىپقىنا قاراپ ئولتۇردى. ھېسسىياتسىز... ئۆلۈك ئادەم يەنە بىر ئادەمنىڭ ئۆلىۋاتقانلىقىنى بىلەمدۇ؟
ئۇنىڭ ئۇيقۇسى ياىشى بولمايدىغان بولۇپ قالدى. قولى ھەدەپ بوشلۇقتا سوزۇلاتتى. ئۈستەل ئۈستى ئاجايىپ سۆيۈملۈك كۆرۈنەتتى. ئۇ يەردە نېمىسىنى ئۇنتۇپ قالغاندۇ؟ قەلىمىنىڭ سىياھ خالتىسىدا ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ قالدۇقى قالغان. ئۇ بۇنى بىلىدۇ ئۇ شۇ يەردە تۇرۇۋەرسۇن. ئۇنىڭدا تۇرسا خارلىنىپ قالىدۇ. چۈشىمۇ قىزىق، شەكىلسىز نەرسىلەر ھە دەپ ئۇنى مەسىخىرە قىلىدۇ. ئويغانسا مەسخىرىلىك كۈلكە تۈۋىشى قۇلاق تۆۋىدە بار. لېكىن، نېمىنى كۆرگەنلىكىنى ھېچ ئېسىگە ئالالمايدۇ. يەنە ئۇخلايدۇ، يەنە شۇنداق. ئۇنىڭدا بىر ئەلەم بار.
ئاتا ـ ئانىسى ئۇنىڭدىن خۇشال.
ئۇ ئۇخلايدۇ، تاماق قىلىدۇ... ئۇخلايدۇ.
ئۇ خۇشياقماي كۆزىنى ئاچتى.  
ئۇنىڭدا بىر ئەلەم بار.
ھويلىدا بىرىنىڭ كىملەنىدۇر ئەپسانە ياغدۇرۇپ تىللىغان ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتاتتى، ئاتىسى...
نېمە ئىش بولغاندۇ؟
ئۇ ئالدىراپ كىيىنىپ سىرتقا چىقتى. ئاتىسى جايىدا تۇرالماي ھەدەپ تىپىرلايتتى. ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغان ئاپىسى، ئاكىلىرى زۇۋانسىز، ئارزىگۈل ئاتىسىغا قاراپ ھەيران قالدى. ئاتىسىنىڭ كۆزىدە ياش، بىر چاغدا ئاتىسى ئۆزىنى كونترول قىلالمىدى. ئۇ بىر تەرەپكە يۈگۈرۈپ ھۆڭرەپ يىغلىغىنىچە ۋارقىرىدى:
ـ كەپتىرىم...
ئۇ دەرۋاز تۈۋىگە بېرىپ توختىدى. ئارزىگۈلنىڭ بۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ كۈلگۈسى كەلسە، تۇرۇپ ئىچى سېرىلدى. ئاتىسى تارام ـ تارام ياش تۆككىنىچە ئەمدى ئۇ ياققا قاراپ يۈگۈردى:
ـ مېنىڭ كەپتەرلىرىم...
ئاتىسى كاتەك تۈۋىگە بېرىپ تىترىگىنىچە «ھەي ي» دەپ يوتىسىغا بىر شاپىلاقلىغاندىن كېيىن بۇ ياققا قاراپ يۈگۈردى:
ـ ئاھ، خۇدا...
ئارزىگۈل ئاپىسىنىڭ قېشىغا كەلدى. ئاپىسى غال ـ غال تىترەۋاتاتتى.
ـ ئاپا، نېمە ئىش؟
ئاپىسى چۆچۈپ قارىدى:
ـ جىم تۇر، يىگىرمە كەپتىرىنى ئوغرى ئاپتۇ...
ئاتىسى چار ساقاللىرىنى چىڭ سىقىمدىغىنىچە ئۇ ياققا يۈگۈردى:
ـ پۈتۈن جەمەتىڭ بىلەن ئۆلەرسەن ئىلاھىم...
ئاتىسى بىر سائەتتەك ئاشۇنداق يۈگۈرگەندىن كېيىن ئولتۇرۇپ قالدى. سۈپەتسىز ئورالغان موخۇركىسىنى كۈچەپ شوراشقا باشلىدى.
ئارزىگۈل نېمە ئىشلىقىنى ئۇقتى. كەچتە بىرلىرى كاتەكنىڭ كەينى تېمىنى ئۆرۈپ ئېسىل كەپتەردىن يىگىرمىنى ئوغرىلاپ كەتكەنىدى.
ئۆي پاتپاراق بولۇپ كەتكەنىدى. بىرلىرى ئاتىسىغا تەسەللىي بېرەتتى، بىرى ساقچىغا ماڭدى، بىرلىرى تىڭتىڭلاشقا چىقىپ كەتتى. ئاتىسى كەچكىچە چىرايىنىمۇ ئاچمىدى، تاماقمۇ يېمىدى. كاتەككە ھەسرەت بىلەن قاراپ ئولتۇرغىنى ئولتۇرغان. تۇرۇپ ـ تۇرۇپ قورۇق قاپلاپ كەتكەن يۈزىگە ياش سىرغىيتتى. ھېچكىمنىڭ گېپىگە ئىپادە بىلدۈرمەيتتى. ئاچچىق موخۇركىسىنى كۈچەپ شورايتتى، كاتەك تېمىغا يۆلەنگىنىچە ئۈنسىز، سوغۇق نەزەردە كەپتەرلەرگە تىكىلەتتى. ئۇلارغا ئىچىدىكىنى تۆكمەكچى بولغاندەك دەممۇ ـ دەم ئىنتىلەتتى. باچىكىلارنى قولىغا ئېلىپ مېھىر بىلەن سىلاپ كېتەتتى.
قاراڭغۇ چۈشكەندە ئاتىسى ھېچكىمنىڭ ئۆزىگە گەپ قىلىشىغا يول قويمىدى. ئۆيدىكىلەر ئۇنىڭ مىجەزىنى بىلگەچكە ئارتۇقچە سۆزلىمىدى.
شۇ ئاخشىمى ئاتىسى كاتەك تۈۋىدە تۈنىدى.
ئەتىسى ئارزىگۈل ئاتىسىنى كاتەك يېنىدا، ئۇيقۇسىز كۆزلىرىنى كاتەككە تىكىپ ئولتۇرغان ھالەتتە كۆرۈپ، باشقىچىلا بىر ھېسسىياتنىڭ مۇھاسىرىسىدە قالدى. يۈرىكى ئارامسىزلىنىپ بىر نەرسىگە تارتىشىپ ئۇنى بىئارام قىلدى.
چۈشتىن كېيىن ئىككى ساقچى كەپتەرلەرنى ساق ئەكىلىپ بەرگەندىلا ئاتىسىنىڭ چىرايىغا كۈلگە يۈگۈردى، تاماقنىمۇ ئىشتەي بىلەن يىدى. گاھىدا ماختىنىپمۇ قويدى:
ـ قاراڭلار كەپتەرلىرىمگە...
كەچلىكى ئارزىگۈل يەنە شۇنداق غەلىتە ھېسسىيات ئىلكىدە قالدى. خىياللىرى ئۈزۈلمىدى، نۇرغۇنلىغان مەھرۇملۇق، بوغۇلغان تۇيغۇلار، ئۇزاقتىن بۇيان يۈرىكىدە قىمىرلاپ تۇرغان تىۋىشلار، يەنە نۇرغۇن نەرسىلەر بىراقلا يوپۇرلۇپ كەلدى. ئىككى كۆزىگە ئىككى كۆرۈنۈش كۆرۈندى. بىر كۆزىدە، ئۆزى كۆيدۈرگەن ئورگىناللارنىڭ كۈلى ئۇنىڭ يۈزىگە تۈكۈرەتتى. يەنە بىر كۆزىدە بولسا كەپتەر كاتىكى يېنىدا تۈنەپ چىققان ئاتىسى ئۆزىنى نامايىش قىلاتتى.
ئەمدى ئۇ ئۆزىنى ھەقىقەتەن بىچارە ھېس قىلدى.
ـ راست... ئۇ بىچارە ئىكەن.
ئۇ ئۆزىگە ئېچىنىپ يىغلىدى. ئۇ ئۆزىنى نېمىلەردىن مەھرۇم قىلدى؟ تەسۋىرلىگىلى بولمايدىغان ئەڭ گۈزەل نەرسىلەردىن. ئۇ ئازابلىنىپ ئۇخلىيالمىدى. ئەلەمدىن بىردەم ـ بىر دەم يۈرىكى كېسىلىپ تۇردى. دېمى ئىچىگە چۈشۈپ ئۆز قولىنى چىشلەپ ئۈزىۋالغىلى تاس قالدى. ئەنە، ئۆزى ئاددىيسى ھېسسىيات يوق، ئاتىلىق مېھرى يوق، دەپ يۈرگەن ئاتىسى تۇرۇپتۇ. ئاتىسى ئۇنىڭغا نېمىنى ئۆگەتتى؟ نېمىنى كۆرسىتىپ قويدى؟ نېمىنى ھېس قىلدۇردى؟ نېمىنى تونۇتتى؟ ياشاشنى، يۈرەكنى، مۇھەببەتنى، ئۆزىنى. ئارزىگۈل ئۆزىدىن نومۇس قىلدى. شۇنداقلا پۈتكۈل پۇشايماننىڭ كەينىدە بىر يېڭى ئىستەك، بىخلىنىۋاتقان غەيرەت. ئارزىگۈل ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ كېلەتتى.
ئەتىسى ئۇ ئۆزگىچە كەيپىياتتا ئورنىدىن تۇردى. كۆزىگە ھەممىلا نەرسە گۈزەل كۆرۈنەتتى. كۆزىگە چېلىققانلا نەرسىدىن بىر مەنە ئوخچۇپ چىقىپ ئۇنىڭ يۈرىكى بىلەن چېقىندىشاتتى. ئۇنىڭدا مېھىر ـ مۇھەببەت قايناپ تاشاتتى. ئارزىگۈل قەلىمىنى ئېلىپ ئۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ قالدۇقىنى ئىزدەۋاتقاندەك ئۇزاق تىكىلىپ قارىدى.
يەنىلا ئۇنىڭدا بىر ئەلەم بار ئىدى.
ناشتىن كېيىن ئۇ قەغەز تەييارلاۋاتاتتى. پوچتالىيون بىر ئۇزۇنچاق كونۋېرت بىلەن بىر پارچە گېزىتنى بېرىپ كېتىپ قالدى. ئارزىگۈل بۇنىڭدىن ھۇدۇقتى، بىر خۇشاللىقنىڭ بولۇشىنى تىلىدى.
ئىككىلىسى گېزىت ـ ژۇرنال ئىدى. گېزىتتە ئارزىگۈلنىڭ ياشلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن يازغان شېئىرى ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئارزىگۈل چەكسىز خۇشاللاندى. ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە مەلۇم تۈردە چىمپىيون بولغان كىشىنىڭ ھېسسىياتى قانداق؟ ئارزىگۈلنىڭ ئۇنىڭكىدىن قېلىشمايتتى. ئۇ گېزىتتىكى شېئىرنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىسمىغا قايتا ـ قايتا قارىۋەتكەندىن كېيىن كونۋېرتنى ئاچتى. ئىچىدىن بىر ژۇرنال بىلەن بىر پارچە خەت چىقتى. خەت مۇھەررىردىن كەلگەن ئىدى:
«سىڭلىم ئارزىگۈل:
سىرنى قۇتلۇقلايمەن.
خېتىڭىز بىلەن ئەسىرىڭىزنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. ھېكايىڭىزدىن تەسىرلەنگەن بولسام،  خېتىڭىزدىن سىزگە ھېسداشلىقىم كەلدى. ھېكايىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ. يەنىمۇ تىرىشىڭ. خېتىڭىزدە دېيىلگەن، يېزاڭلاردىكى سىزنى چۈشەپ قويۇۋاتقان ئىدىيەلەرگە كەلسەك، ئۇنىڭ يىلتىزى ھەققىدە يەنىمۇ چوڭقۇر ئىزدىنىپ كۆرۈڭ. ئۇ سىزگە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىتىدۇ. سىزگە ئامەت تىلەيمەن... »
ئارزىگۈل ئالدىراپ ژۇرنالنىڭ مۇندەرىجىسىگە كۆز يۈگۈرتتى. ئەنە ئۇنىڭ ھېكايىسى! مانا ئۇنىڭ ئىسمى!
ــ ئۇھ...
ئۇنىڭ ھوزۇر سۈرۈشىگە كاشىلا قىلىپ، ئاپىسى خىرىلداپ كۈلگىنىچە كىرىپ كەلدى:
ــ خەت توشۇيدىغان بالا بىر نەرسەڭنى ژۇرنالغا يېزىپتۇ، دەيدىغۇ؟ كۆپ پۇل كەلگۈدەك، راستمۇ؟ باشتىلا مۇشۇ گەپنى قىلمامسەن، بىكارلا كۆڭۈل ئاغرىتىشىپ. ئاتاڭ ئاڭلىسا قانچىلىك خۇش بولار.
ئارزىگۈل ژۇرنالنى كۆتۈرۈپ سىرتقا ماڭدى.
ــ راست ئېيتە، پۇل كېلەمدۇ؟
ئارزىگۈل جاۋاپ بەرمەي چىقىپ كەتتى. ئۇ ھېلىقى جايغا كەلدى. ئۇنىڭغا ھېچكىم دەخلى قىلمىسۇن، خىيالىنى بۆلمىسۇن، خۇشلىقىغا تەسىر يەتكۈزمىسۇن. ھاشارەتلەر، شاماللار... كېتىڭلار!
جەزمەنكى، دەرەخ يوق. لېكىن ئۇ يەردە بىر تۈپ ياۋا جىگدە ئۈنۈپ چىققانىدى. ئارزىگۈل ژۇرنالنى ئېچىپ «گۈل نېمىشقا خۇشپۇراق» دېگەن ھېكايىسىنى ئۇنىڭغا ئوقۇپ بەردى.
يېگانە ئادەم، يېگانە دەرەخ.
خەير، تۆنۈگۈندىن بۈگۈن ياخشى، ئەتە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
بۇ مىسرا ئابدۇللا ئارىپوۋنىڭ

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-4-25 12:34:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇتنىڭ ئىجىدىيىتىگە ئۇتۇق تىلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا  ئەيبۇ ياقۇپنىڭ مۇشۇنداق نادىر تېمىنى يوللىغىنىغا مىننەتدارمەن

ۋاقتى: 2015-9-2 16:37:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرنى كۆرمەي قالغىلى تاس قاپتىمەن.ئەرقۇت ئەپەندىنىڭ«تاشقا ئايلانغان كۆز يېشى»«كۆز يېشىدا ئېچىلغان گۈل»ناملىق رومانىنى ئوقۇغان چاغدىمۇ خېلى ئۇزۇنغىچە ھاياجىنىم بسىلمىغانىدى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش