يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 480|ئىنكاس: 0

ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىغا قانداق ئىقتىدار كېرەك؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-12-29 14:21:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئەزىز تورداشلار!
       شىنجاڭ يازغۇچىلار تورىدا نۇرغۇنلىغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى كۆرۈپ مۇشۇنداق مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى يازغان ئاپتۇرلارغا ۋە ئۇلارغا توردا سەھىنە ھازىرلاپ بەرگەن شىنجاڭ يازغۇچىلار تورىغا ئالاھىدە رەھمەت ئىيتقۇم كەلدى، ئاپتۇرلارنىڭ قەلىمىگە بەرىكەت، يازغۇچىلار تورى كوللىكىتىۋىنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن!

       مەن نەچچە يىللار بۇرۇن ئاز تولا شېئىر ۋە ھىكايىلەرنى يېزىپ تۇراتتىم. دەۋرنىڭ تەلىۋىگە ماسلىشىپ ئوقۇش ۋە كەلگۈسىمنى يارىتىش يولىدا ئالدىراشلىقتا يىزىقچىلىق تاشلىنىپ قالدى. بەلكىم جەمئىيتىمىزدە ماڭا ئوخشاش ئەدەبىياتقا قىزىقسىمۇ يىزىش تۈگۈل ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ۋاقتىدا ئوقۇشقا بولسىمۇ قادىر بولالمايۋاتقانلار ئاز بولمىسا كېرەك. مەزكۇر يازمىنى ئەدەبىياتقا ئىشتىياق باغلىغان ياش قەلەم ئىگىلىرىنىڭ مۇشۇ تىما ئاستىدا يوللانغان تىما ۋە ئىنكاسلاردىن ئاز تولا ئۆز ئەمەلىيىتىگە باغلىيالايدىغان مەنىۋى ئوزۇققا ئىرىشەلىسە ئەجەپ ئەمەس دەپ يوللىدىم.

        «ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىغا قانداق ئىقتىدار كېرەك؟» بىرلىكتە مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى. پىكىرلىرىم ئاددى ۋە يۈزە بولسىمۇ كەڭ تورداشلارنىڭ پىكىر قاتناشتۇرۇپ ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى ئوقۇپ پايدىلانغۇدەك بىر يازما بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

       ئەدەبىيات تۇپراقتا ئۈنگەن مايسىغا ئوخشايدۇ. تۇرمۇش ئېتىزلىرىدا ئەدەبىيات مايسىلىرى ئەڭ كۆپ بولىدۇ. ئىنسانىيەت تۇرمۇش ئېتىزى چەكسىز بولۇپ بۇ ئېتىزدا كۆكلىگەن مايسىلارمۇ ئىنتايىن كۆپ ۋە رەڭگارەڭ. ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىنىڭ بىر قىسمى بۇ مايسىنى ئۈندۈرگەن ئۇرۇق بولسا يەنە بىر قىسمى بۇ مايسىلارغا قۇۋۋەت ۋە مادار ئاتا قىلغۇچىلاردۇر.
       ئۇرۇق بولماي مايسا، مايسا بولماي مېۋە بەرپا قىلىش ئەقىلگە سىغمايدۇ. شۇڭا ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىدىن ئىبارەت ئۇرۇقنى ياخشى پەرۋىش قىلغاندىلا ساغلام مايسا شۇنداقلا قىممەتلىك مېۋىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى تۆۋەندىكى تەرەپلەرگە ئالاھىدە دېھقەت قىلىشى زۆرۈر دەپ قارايمەن، كەم نۇقتىلىرىنى تورداشلار تولۇقلىغايسىزلەر!
       بىرىنچى، ئەدەبىياتقا قىزىقىشنى توغرا يولدا يېتەكلەش. ئەدەبىياتقا قىزىقىشمۇ شۇ كىشىنىڭ مېڭىۋاتقان قەدەملىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ياكى مەغلۇبىيەتلىك بولۇشىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرايدۇ. يەنى كۆپلەپ ئەسەر ئوقۇپ ئۇزۇن ۋاقىتقىچە مۇئەييەن خۇشاللىنارلىق نەتىجە بولمىسا ئەدەبىياتقا قىزىقىش سوۋۇشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ. ناۋادا ئەسەر ئوقۇش بىلەن يېزىشنى، باشقىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى، ئۆز ۋاقتىدا زور مۇۋەپپىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلمىسىمۇ كىچىككىنە مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئاساس بولالىسا، گىزىت-ژورناللاردا ئىلان قىلدۇرمىسىمۇ توردا بولسىمۇ ئىلان قىلدۇرۇپ تۇرسا، ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىن قىزىقىشنى كۈچەيتىدىغان ئامىللار قىزىقىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ئىچكى كۈچ پەيدا قىلىدۇ. ئەدەبىياتقا ئىنتىلدۈرىدىغان ئامىللار شۇ ھەۋەسكارنى تەبىئىي رەۋىشتە ئەدەبىياتقا بولغان قىزىقىشنى تاشلاپ قويماستىن قىزىقىشتىن ئارزۇ، ئارزۇدىن نىشان شەكىللەندۈرۈپ قىزىقىشتىن شەكىللەنگەن نىشاننى بەرپا قىلىپ كۈنلەرنىڭ بىرىدە شۇ كىشىنىڭ نەتىجە قازىنىشىغا ئاساس سالالايدۇ. تىرىشچانلىق ۋە ۋاقىتنىڭ سىناقلىرى شۇ ھەۋەسكارنى تاۋلاپ  ئوقۇرمەندىن يازارمەن، يازارمەندىن ھەقىقى يازالايدىغان ۋە ئىقتىدارلىق بىر ئەدەبىيات  ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق كىشىلەر قاتارىغا كىرگۈزەلىشى مۇمكىن.         
        ئىككىنچى، ئەدەبىياتقا قىزىقىش بىلەن ۋاقىتنى ماسلاشتۇرۇش. ئەدەبىياتقا زىيادە قىزىقىش شۇ كىشىنىڭ كۆپ ۋاقتىنى ھەتتا ئاساسلىق ۋاقتىنى ئىگەللىۋىلىشى مۇمكىن. ۋاقىت رىتىمىغا ماسلاشمىغان قىزىقىش ئۇزۇن بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. شۇڭا ئەدەبىياتقا قىزىققان كىشى ئەدەبىياتنىڭ نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتلىرىنى ۋاقىت ۋە شارائىتقا قاراپ، ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ تەڭشەش ئېلىپ بېرىشى زۆرۈر. نەزەرىيەنى ئۈگەنمەي بولمايدۇ، نەزەرىيە ئۇ تەييار تۇرغان قۇرال، تەييار قۇرالنى ئىشلەتمەي ياغاچتىن قۇرال ياساپ ئىشلىتىمەن دېيىش ئاۋارىچىلىق. ئەمەلىيەت بولسا شۇ كىشىنىڭ قولىدىكى قەلەم بىلەن ئىپادىلىنىپ چىقىۋاتقان ئەمەلىي ماھارەت. يىزىق پەقەت ۋاستىسى خالاس. ئەدەبىياتنىڭ نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتلىرىنى ئۆزىنىڭ شارائىتىغا قاراپ تولۇقلاش ھازىرقىدەك ئۇچۇر قۇلايلاشقان، رىقابەت كەسكىنلەشكەن، ھەممىنىڭ نەزەر دائىرىسى ئېچىلغان ۋە ئېچىلىۋاتقان دەۋردە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. شۇڭا ھەۋەسكارلار ئۇزاق مەزگىللىك قىزىقىشنى قانائەتلەندۈرىدىغان ئورۇنلايدىغان ھەرىكەت پىلانلىرىنى تۈزىۋىلىپ ۋاقىتنى مۇۋاپىق تەڭشىۋالغاندا تۇرمۇش، خىزمەت ۋە ئەدەبىيات ئارىسىدىكى مەسىلىلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالايدۇ.

(ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى ۋاقىت ئورۇنلاشتا دىققەت قىلىدىغان تەرەپلەر:
1. گىزىت-ژورنال ئەسەرلىرىنى ۋاقتى-ۋاقتىدا كۆرۈپ تۇرۇش، ئۆزى قىزىققان قىسىمنى ئەستايىدىل كۆرۈش ۋە خاتىرە قالدۇرۇش.
2. ئوتتورا مەكتەپلەردە ئۆتۈلىۋاتقان ئەدەبىيات نەزەرىيىلىرى بىلەن ئالى مەكتەپلەردە ئۆتۈلىۋاتقان ئەدەبىيات نەزەرىيەلىرىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈش، مۇھىم قىسىملىرىدىن خاتىرە قالدۇرۇش.
3. ئۆزى قىزىققان ژانىردا ئەسەر يېزىپ باشقىلارغا كۆرسىتىش ۋە ئامال بار ئىلان قىلدۇرۇپ بېقىش.  
4. مەخسۇس كىتابلارنى ۋە ئالاقىدار كىتابلارنى كۆرۈش ۋە خاتىرە قالدۇرۇپ تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش؛ ئۆزى قىزىققان ۋە شۇ كەسىپتىكىلەر ئالاھىدە تەۋسىيە قىلغان كىتابلارنى  كۆرۈش بىلەن خاتىرە قالدۇرۇش شۇنداقلا باشقىلار بىلەن ئۆز ۋاقتىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ ھېسسى بىلىملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش.
5. توردىن ۋە ئوقۇتقۇچىلاردىن ياخشى پايدىلىنىش. توردىن ئىبارەت قۇلايلىق ئۇچۇر ۋاستىسى ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىغا ھەرۋاقىت خىزمەت قىلالايدۇ. مۇھىمى شۇ ھەۋەسكارنىڭ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىدىغان ئەقىلنىڭ بار يوقلۇقى. ناۋادا ياخشى بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ياردىمىدە بىر ھەۋەسكار توردىن پايدىلانسا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭدا زور ئىلگىرلەش ھاسىل بولىدۇ. شۇڭا بۇلار ئۆز ئارا خىزمەت قىلىشى، ئۆزئارا بىر-بىرىنى تولۇقلىشى كىرەك.
قالغىنىنى تورداشلار تولۇقلاپ قويغايسىلەر...)

        ئۈچىنچى، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش. ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى نەچچە يىل ھەتتا نەچچە ئون يىل ھەۋەسكار بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئازتولا نەتىجىسى بولمىسا ئۇنىڭ ئەھمىيىتى بولمايدۇ. چوقۇم بىر ھەۋەسكار قۇمغا سۇ سىڭگەندەك ئەدەبىياتقا سىڭىپ كىتەلىسە سۇ سىمۇنت قانتماستا سىمۇنت ئۈستىدە لەيلەپ تۇرغاندەك ئەمەس، قۇم بىلەن بىللە سىمۇنت بولۇپ چىققاندەك مەۋجۇت بولىدۇ يەنى ئەدەبىيات بىلەن بىللە مەۋجۇت بولىدۇ دېگەنلىك.
...
       بىلىمىم يېتەرسىز، ئارتۇق يېزىۋەتكەن يەرلىرىم بولسا ئۇستازلارنىڭ ۋە تورداشلارنىڭ خاتالىقىمنى كۆرسىتىپ بېرىشىنى، ئۆزلىرىنىڭ ياخشى تەكلىپ-پىكىرلىنى ئايىماسلىقىنى، كەم قالغان نوقتىلارنى تولۇقلاپ ياخشى مەسلىھەتلەرنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

       -ھۆرمەت بىلەن : 7-كومپاس


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-29 21:47  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش