كۈمۈلگەن ئىز لىرىكىسى
ئادىلجان ئىمىن سەبۇرى
ماڭماقتىمەن ئاستا بەك ئاستا ،
قار كۆممەكتە باسقان ئىزىمنى .
ھىس قىلالماس باشقىلار بەلكىم ،
مەن ھىس قىلغان بۇ خىل سىزىمنى.
رەت-رەت چىراق يولنىڭ قىرىدا ،
ماشىنىلار ھەريانغا چاپار .
قار گۈللىرى چىراق نۇرىدا ،
ئوخشىمىغان رەڭدە نۇر چاچار .
نەچچە سائەت يۈردۈم ئايلىنىپ ،
سىرتنى سۇغۇق قاپلىسىمۇ لىق .
ياشنىتاركەن دىلنى يەنىلا ،
تەبىئەتتىن كەلگەن خوشاللىق .
2013-يىل 12-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۈرۈمچى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ھەبىبۇللا مىجىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-29 21:44