كۆرۈش: 1521|ئىنكاس: 11

گۈزەلنۇر مۇتەللىپ:كەچۈرۈڭ سۆيەلمەيمەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
« 9-نۆۋەتلىك خانتەڭرى ئەدەبىياتى مۇكاپاتى » غا ئېرىشكەن ئەسەر



كەچۈرۈڭ سۆيەلمەيمەن



( ھېكايە)



گۈزەلنۇر مۇتەللىپ



-شەربەت، ياخشىمۇسىز ، مەن سىزنى بەكمۇ سېغىندىم. لېكىن سىزنى كۆرۈشكە نائىلاج.مانا، دۆلىتىمگە قايتىدىغىنىمغىمۇ بىر ئايلا ۋاقىت قاپتۇ.شۇنى ئويلىسام كۆڭلۈم بەكمۇ يېرىم بولىدۇ، شۇ تاپتا مەن ياپۇنىيەگە بارسام قانداق بولار،دەپ ئەنسىرەۋاتىمەن. چۈنكى مەن شىنجاڭدا 2يىل تۇرۇپ ئاللىقاچان شىنجاڭنىڭ مۇھىتىغا ئادەتلىنىپ قالدىم. بولۇپمۇ تاماقلار دەڭە! پولو، لەڭمەن، نارىن چۆپ، چۆچۈرە، قولداما، ئۆپكە....بۇلار ھەممىسى مېنىڭ ياخشى كۆردىغان تاماقلىرىم. لېكىن بۇلار ياپۇنىيەدە يوق ئەمەسمۇ؟ شۇنداقتىمۇ ئامال يوق.كەتمىسەم بولمايدۇ.

   ھە،راست،سىز ھازىر قايسى كىتابلارنى كۆرۈۋاتىسىز؟ مەن « مەلىكە ئاماننىساخان» ۋە « قۇم باسقان شەھەر» نى ئاللىقاچان ئوقۇپ بولدۇم. ھازىر « ئىزدىنىش» ، « مەھمۇد قەشقىرى»، « قۇرتلاپ كەتكەن كۆل» نى ئوقۇۋاتىمەن.يەنە قازاقچە ئۈگۈنىشنىمۇ باشلىدىم.تەلەپپۇزى بىر ئاز تەس ئىكەن. شۇندىمۇ چوقۇم ياخشى ئۆگىنىمەن. تۈ*رك تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلى ئاساسىىم بۇنۇڭغا ئاساس بولۇپ قالار دەيمەن. قەدىرلىك شەربەت، مەن سىزنى بەكمۇ سېغىندىم. كېلەر ئاينىڭ 15- كۈنى مەن دۆلىتىمگە قايتىىش ئۈچۈن پويىزغا ئولتۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭدىن ھەم سىزدىن ئايرىلىمەن. بۇ قېتىم كەتسەم ئەمدى قاچان، قايسى كۈنى كۆرۈشىدىغىنىمىزنى ھەتتا ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. ئۇ چاغقىچە كىم بار، كىم يوق بۇنىسى ماڭا نامەلۇم. سىزدىن بىر نەرسىنى ئۆتۈنگۈم كەلدى. ئامال قىلىپ كېلىپ مېنى ئۇزىتىپ قويسىڭىز. ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئوماق چىرايىڭىزنى بىر كۆرۈۋالغان بولسام! كەچۈرۈڭ ، سىزدىن تەلەپ قىلغان نەرسەم ھەقىقەتەن كۆپ بولۇپ كەتتى.بىراق، بۇ تەلەپنى قويماسلىققا ئامالسىز قالدىم. بەلكىم مېنىڭ سىزدىن كۈتكەن ئەڭ ئاخىرقى تەلىپىم بولۇپ قالار!

سىزنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپ ھەم چەكسىز سېغىنىپ دوستىڭىز:

                                               تاناكادىن

   ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن رەتلىك يېزىلغان بۇ قۇرلارغا قارىغىنىمچە ئولتۇرۇپ قالدىم.« ئۇنى ئۇزىتىپ قويۇشىم كېرەكمۇ، ياكى....» شۇ تاپتا بىر تالاي مەسىلىلەر مەندىن جاۋاپ تەلەپ قىلماقتا ئىدى.

ۋاقىت نېمە دىگەن تېز ئۆتىدۇ- ھە! مېنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتىقىنىمغىمۇ بىردەمدىلا يېرىم يىل بولاي دەپ قاپتۇ. بالىلارنىڭ ئارسىدا يۈرۈپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ۋاقىتىنى، يىراقتىكى دوستۇمنىڭ قايتىش ۋاختى بولۇپ قالغانلىقنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.

-نىمە خيال قىلىۋاتىسىز؟- سۇباتنىڭ ئاۋازى مېنىڭ خىيالمنى بۆلۈپ تاشلىدى.

خىيال بىلەن ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ قاچانلاردا يېنىمدا پەيدا بولۇپ قالغانىلىقىنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن. مەن قولۇمدىكى خەتنى ئۇنىڭغا سۇندۇم.

-قانداق قىلاي دەيسىز؟- سورىدى ئۇ خەتنى كۆرۈپ چىقىپ.

- راستىنى دىسەم ئۆزۈممۇ بىلەلمەي قالدىم. سىزنىڭچە قانداق قىلسام بولار؟- مەن ئۇنىڭغا ئۈمىد بىلەن تىكىلدىم.

- مېنىڭچە بىز بارايلى، مەن سىزنى بىرگە ئېلىپ باراي. ئاخىرقى قېتىم ياخشىراق خوشلىشىپ قويۇڭ. مېھماننى ياخشى ئۇزىتىش ساھىپخاننىڭ بۇرچى،- مەن ئۇنىڭ جاۋابىدىن قاتتىق سۆيۈنۈپ كەتتىم.

  توغرا، مەن بېرىشىم كېرەك،بىر ئاي،پەقەت بىر ئايلا ۋاقىت قاپتۇ.ئۇنىڭدىن كېيىن مەن ئۇنى كۆرەلمەيمەن.بەلكىم مەڭگۈ كۆرەلمەسلىكىم مۈمكىن.مەن قەتئىي نىيەتكە كەلدىم.مەن ئۇنى ئۇزىتىپ قويۇشىۇم كېرەك.راست،مەن ئۇنى ئۇزىتىشىم، ئۇنىڭغا ئامانلىق تىلىشىم كېرەك.مەن دەرھال كىيمىمىنى كىيىپ،پوچتىخانىغا ماڭدىم.

  قولۇمدا يەنە بىر پارچە خەت، يەنە بىر مۇنچە سۈرەت. راست بىز بۇ سۈرەتلەرنى دوستلۇقىمىزنىڭ يالدامىسى ئۈچۈن چۈشكەن ئىدۇق.مانا بۈگۈن تاناكا بۇنى خاتىرە ئۈچۈن يوللاپتۇ. نىمە دېگەن ھەسرەتىلىك ئىش، يەنە، يەنە ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇ ...ئۇ يۇرتتىن – گۈزەل شىنجاڭدىن

ئايرىلىپ، ئانا يۇرتى ياپۇنىيەگە ماڭماقچى. ئانا دېگەن نېمە دېگەن ئۇلۇغ-ھە! ئۇنىڭ مىھرى ھەر قانچە يىراقتىكى پەرزەنتىنىمۇ قايتتۇرۇپ كېلەلەيدۇ.

  تېزراق ماڭاي دەيمەن.بىراق بېكەتكە قاراپ ماڭغان پۇتلىرىم شۇنچە جانسىز، شۇنچە كالۋا. خىياللىرمدا ئۇ، ئۇنىڭ چىرايى نامايەن بولماقتا.بېشىمدىن ئۆتكەن قىسمەتلەر بىر-بىرلەپ كۆز ئالدىمدىن ئۆتۈپ، كۆڭۈل ئارامىمىنى بۇزماقتا.

  ئۇ قاچان؟ ھە راست، ئۇ مېنىڭ غەمسىز، ھەممىگە قىززىقىدىغان ،ھەممىنى ئۈگەنسەم دەپ ئويلايدىغان چاغلىرىم ئىدى.مەن شۇ چاغدا بىردىنلا ياپۇن تىلىغا قىززىقىپ قالدىم. ياشلىق مۇھەببەت ئۇرغۇپ تۇرغان مەزگىل،دەپ چوڭلار توغرا ئېيتىپتىكەن. مەندىمۇ ياپۇن تىلىغا نىسبەتەن چەكسىز مۇھەببەت شەكىللەنگەچكە ئۇنى كۆڭۈل قويۇپ ئۆگۈنىشكە نىيەت باغلىدىم. لېكىن ئۆزۈم ئۆگۈنىش بولۇپمۇ سۆزلىشىش مەن ئۈچۈن ناھايىتى تەس توختىدى.ئۇنىڭ ئۈستگە كىمگە سۆزلەيمەن؟ شۇنداق مەزگىللەردە بىر ساۋاقدىشىم تاسادىبىي پۇرسەتتە مېنى تاناكاغا تونۇشتۇرۇپ قويدى. مەن تاناكانىڭ ياتىقىغا كىرىپلا ئاغزىمنى ئاچقىنىمچە تۇرۇپ قالدىم.ئۇنىڭ ياتىقىغا ئەپچىل ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىككى كىتاب جازىسى كىتاب بىلەن لىق تولدۇرۇلغان ئىدى.ئۇ كىتابلارنىڭ ئارسىدا « قۇتادغۇبىلىك» تىن تارتىپ « ئىز» رومانىغىچە بولغان خەلق ئىچىدە كەڭ تارقالغان داڭلىق ئەسەرلەر، تۈرلۈك لۇغەتلەر بار ئىدى.بىر چەتئەللىكنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە بولغان بۇ خىل قىزىقىشى مەندە ھەيرانىلىق تۇيغۇسىنى پەيدا قىلدى،ھېلىمۇ ئېسىمدىن چىقمايدۇ مەن ئۇ چاغدا  پەقەتلا:

كونىچىۋا!-دىگەن سۆزنى ئارانلا دىيەلەيتتىم.لېكىن   تاناكا ئۆزىنىڭ شىنجاڭغا كەلگىنىگە نەچچە ئايلا بولغىنىغا قارىماي، خېلى كۆپ ئۇيغۇرچە گەپلەرنى  بىلەتتى.      

     مانا شۇنىڭدىن باشلاپ، مەن ئۇنىڭغا ئۇيغۇر تىلى ئۆتىدىغان بولدۇم.بىزدىكى تىل ئالماشتۇرۇش شۇنىڭدىن باشلاندى.

  ئۇ دەيتتى:

-سىز ياپۇنچىنى بەك تاتلىق سۆزلەيسىز.

  مەن دەيتتىم:

-سىىز ئۇيغۇرچىنى بەك ئۇماق سۆزلەيسىز.

    ئۇنىڭ ئەمدىلا تىلى چىققان بالىلاردەك ئۈزۈپ-ئۈزۈپ قىلغان تاتلىق سۆزلىرى مېنىڭ، مەستلىكىمنى كەلتۈرەتتى.ئۇ تىرىشچان، ئىرادىلىك، ئۆز ئىشىغا پۇختا يىگىت ئىدى. تۇختىماي سۇئال سورايتتى.ھەر بىر قېتىم يېڭى بىر سۆزنى ئاڭلىغاندا كىچىككىنە يانچۇق خاتىرسىنى چىقىرىپ دەرھال خاتىرلىۋالاتتى.قايتا-قايتا ئوقۇپ باقاتتى.ئۇ ھېكايە كىتاب ئوقۇشقا بەكمۇ ھېرىسمەن ئىدى.بولۇپمۇ « نەسىردىن ئەپەندى» ھەققىدىكى ھىكايىلارنى ھەر بىر كىرگەن مېھمانغا ئوقۇپ بەزىلەرنى ھەيران قالدۇرسا بەزىلەرنى كۈلدۈرەتتى. مەن دائىم ئۇنىڭ سۆزىنى ئۈزۈۋېتىپ ئۇنى جىلە قىلاتتىم. ئۇ قوشما قاپاقلىرىنى سوزۇپ رەنجىپ قالاتتى-دە،بىردەمدىن كېيىنلا يەنە ئوقۇشقا باشلايتتى.ئوقۇغان كىتابلىرىدا ئۇچراتقان يېڭى سۆزلەرنى ئېرىنمەي سىزىپ، كۆچۈرۈپ، مەنىسىنى يېشىپ ماڭاتتى.بەزى چاغلاردا مەندىن سورايتتى.بەزىبىر كونا سۆزلەرنى مەنمۇ بىلمەي تىڭرىقاپ قالاتتىم. ئۇ كۈلۈپ كېتەتتى-دە، « ياپۇنچە- ئۇيغۇرچە لۇغەت»نى ئېچىپ ماڭا مەنىسىنى يېشىپ بېرەتتى.ھەر قېتىم شۇنداق ئەھۋالغا يولۇققىنمدا پوكۇنىمغىچە قىزىرىپ كېتەتتىم. ياپۇنىيەدە تۈزۈلگەن بۇ لوغەتنىڭ مۇكەممەللىكىگە ھەيران قالاتتىم. ئېھتىمال شۇنداق تىرىشچانلىقتىن بولسا كېرەك، يېرىم يىل ئىچىدە ئۇ ئۇيغۇر تىلىنى بىمالال سۆزلىيەلەيدىغان ھالغا كەلدى. مەن ياپۇن تىلىدا گەرچە ئۇنچىلىك دەرىجىگە يېتەلمىسەممۇ ئەمما ھەر ھالدا ئۆز مەقسىتىمنى ئۇقتۇرالىغۇدەك بولدۇم. لېكىن بىلمەيدىغان نەرسەم شۇنچە كۆپ تۇراتتى.

-بىر تىلنى بىر باشقا ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن، ئۇنى كۈندە تەكرار قىلىپ بېرىش-سۆزلەش كېرەك،- دەيتتى ئۇ ماڭا ئىلھام بېرىپ، توغرا، ئەسلىدە شۇنداق بولۇشى كېرەك ئىدى. لېكىن، ئۇنۇڭدا بار غەيرەت مەندە يوق ئىدى.شۇڭلاشقىمۇ مەن ئۇنىڭچىلىك مول نەتىجىگە ئېرىشەلمىدىم.

  چىقىۋاتقان سوغۇق شامال قىسقا چېىچىمنى ئالدىمغا ئۇچۇرۇپ خىيالىمنى بۇزىۋەتتى.راسىت، ئۇ قىشتىمۇ شۇنداق شامال چىققان ئىدى.ئۇ مەندىن رەنجىگەن ئىدى.نېمە ئۈچۈن رەنجىگەن بولغىيتتى.ھە، ئەمدى ئويلاپ تاپتىم.شۇ كۈنلەردە ئۇ بىردىنلا ئەسلىدىكى ھەپتىگە ئىككى سائەت دەرس ئۆتۈشنى تۆت سائەت ئۆتۈشكە ئۆزگەرتىپ، ئۆز-ئارا ياردەمنى كۈچەيتىش تەكلىپىنى بەردى. مەن كۆپ ئويلانمايلا ماقۇل بولدۇم. بىز بەزى چاغلاردا بىرلىكتە تاماققا باراتتۇق. ئۇ دەيتتى:

-نارىن چۆپ يەيلى، مەن بۇ تاماقنى بەك ياخشى كۆرىمەن.

  مەن دەيتتىم:

-ياق، نارىن چۆپنى مەن يېمەيمەن. مەن بۇ تاماقنى ئەزەلدىنلا خالىمايمەن.

-بوپتۇ ،ئەمىسە، يەنىلا بۇرۇنقىدەك لەغمەن يەيلى،بولدىمۇ؟- ئۇ ئاخىرى يەنىلا ماڭا يول قوياتتى.

  ئۇنىڭ ۋاقىت كۆز قارىشى ناھايتى كۈچلۈك ئىدى.بىر مىنۇت ۋاقىتىنىمۇ ناھايىتى چوڭ بىلەتتى. ھېلىمۇ ئېىسىمدىن چىقمايدۇ. بىر كۈنى ئىككىمىز بىرگە تاماق يەيدىغان بولدۇق. نىمە ئۈچۈندۇر كاللامدا ئۇنى ئارتۇقچە ئاۋارە قىلماسلىق تۇيغۇسى شەكىللىنىپ قالدى.شۇڭا دوستۇم بىلەن تاماق يەپ دەرىسكە ئۈلگۈرۈپ كەلدىم. ئېھتىمال، بۇ ۋاقىتتا تاماقلىرىنىمۇ يەپ بولغاندۇ دېگەن خىيال بىلەن كىرىدىم.لېكىن، ئىش ئويىغىنىمنىڭ ئەكىسىچە چىقتى. ئۇ ماڭا ئارقىسىنى قىلىپ تېلۋۇزۇر كۆرۈپ ئولتۇرۋالدى.

-كەچۈرۈڭ، ئىشىم چىقىپ قالدى،-دېدىم مەن ئۆزرىخالىق ئېيتىپ.

-بىلەمسىز، مەن تا ھازىرغىچە سىزنى ساقلاپ تاماق يېمەي ئولتۇردۇم. مېنىڭ قورسۇقۇم ئاچ تۇرسا قانداقمۇ دەرس ئۆگەنگىلى بولسۇن. قاراڭ، سىزنىڭ ۋاقىت كۆز قارىشىڭىزنىڭ ناچارلىقىنى،- مەن تۇنجى قېتىم شۇنداق زور نومۇسىنى ھېس قىلدىم. ئۇنىڭ ۋاقىتنى ئالتۇندىن قىممەت بىلدىغان كۆز قارشىنى تۇنجى قېتىم ئۆزگەرتكەن كىشى بولۇپ قالغانلىقىمنى كېيىنچە بىلدىم.

-كەچۈرۈڭ،- مەن ئەپۇ سورىدىم.

-بولدى، ھازىر مەن بىلەن تاماققا چىقىشىپ بېرىڭ، ئاندىن دەرس ئۆگۈنەيلى،- دېدى ئۇ ئۇيغۇرچە چۈچۈك تىلى بىلەن مۇلايىم قىياپەتتە.مەن ماقۇل بولدۇم.

  دېرىزىنىڭ ئەنسىز تارقلىشى بىلەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم. يەنە شۇ شامال.ئىككى كۈندىن بۇيان توختىماي چىقىۋاتقان بۇ سوغاق شامالدىن مەنلا ئەمەس باشقىلارمۇ زېرىككەندۇ، بەلكىم.غەشلىككە تولغان كەيپىياتىمنى ئۇنئالغۇدىن چىقىۋاتقان بېتخۇۋېننىڭ مەشھۇر مۇزىكسى «تەقدىر» ئوڭشىدى. راست،تەقدىر دېگەن يامان نەرسە، ئادەم كۆپ ئىشلارغا ئالدىن ھۆكۈم قىلالايدۇ-يۇ، لېكىن ئۆز تەقدىرى ئالدىدا يەنىلا بىر ئاجىز قۇل، خالاس.

  ۋاقىتنڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، مېنىڭ ئارلىشىدىغان ياپۇنىيىلىك دوستلىرىممۇ كۆپىيىپ كەتتى.ياپۇنچە ئۆگىنىدىغان،ئۆگىتىدىغان قىز-ئوغۇل بولۇپ چوڭ بىر قوشۇننى بەرپا قىلدۇق.بىرەرسىنڭ دوستى كەلسە، تۇغۇلغان كۈنى بولسا ياكى بايرام كۈنلىرى بولسا ھەممىمىز بىر يەرگە يىغىلىپ بۇ قۇتلۇق كۈنلەرنى بىرگە ئۆتكۈزىدىغان بولدۇق. ئۆزىمىز گۆش ئەكىلىپ، ئۆزىمىز توغراپ، قىيما قىلىپ تۈگۈر تۈگۈپ يېگەن چاغلىرمىز، قەلبىمىزدىن ئۇرغۇپ چىققان تەبىئىي كۈلكىمىز مەڭگۈ يادىمدىن چىقمىغۇسى.

  شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر ياپۇنىيىلىك قىز دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولدى.بىز 20 نەچچە ئادەم يىغىلىپ ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزدۇق.سورۇن قايناۋاتقان چاغدا ئىشىكتىن بىر سېرىق بالا كىرىپ كەلدى. مەن ئەزەلدىنلا كۆك كۆز ئادەمنى ياقتۇرمايتتىم. بىراق....بىراق بۇ قېتىم ئۇ كۆك كۆز يىگىت مېنىڭ كۆزۈمگە باشقىچە ئىسسىق كۆرۈندى.ئۆزۈمنىڭ نېمە ئۈچۈن كۆك كۆز ئادەمنى ياقتۇرمايدىغانلىقىمنىڭ سەۋەبىنى بىلمىگەندەكلا نېمە ئۈچۈن بۇ بىر جۇپ كۆك كۆزنىڭ ئىسسىق كۆرۈنگەنلىكىنىمۇ بىلمەيلا قالدىم.ھەممە ئىش شۇنچە سەۋەبسىز.

-  ھا...ي سۇبات سان-ياپۇنىيەلىك بىر قانچە دوستۇم چۇقىرشىپ كەتتى.ئۇنى نەدىدۇر كۆرگەندەك قىلدىميۇ،بىراق زادىلا يادىمغا ئالالمىدىم.بەلكىم يىراقتىن كۆرگەندىمەن.

ياخشىمۇسىلەر!-ئۇ ھەممىمىزگە قاراپ قولىنى كۆكسىگە قويۇپ ئۇيغۇرچە سالام بىجا كەلتۇرگەندىن كېيىن يېنىمىدىكى بوش ئورۇنغا ئورۇنلاشتى.بۈگۈنكى بۇ سورۇندا ياپۇنىيەلىك، ئامىرىكىلىق، يەمەنلىك، ئىتالىيىلىك، روسىيەلىك،شىنجاڭلىقتىن ئىبارەت ئوخشىمىغان دۆلەت، ئوخشىمىغان ئېرىقتىكى كىشىلەر بولغاچقىمىكىن داستىخانغىمۇ پاكىستان، ياپۇن ۋە شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك تائاملىرى كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، داستىخان ھەقىقەتەن مول ئىدى.مەن پاكىستان تامىقىدىن بىر قاچا ئۇسۇپ سۇباتقا سۇنماقچى بولدۇم.

-ئەكىلىڭ، مەن ئېلىپ بېرەي،-تاناكا قولۇمدىن قاچىنى ئالدى.

كېيىنكى كۈنلەردە سۇبات ئىككىمىز تولا ئۇچىرشىدىغان بولۇپ قالدۇق. ياپۇن تىلى ئۈگىنىشتىن ئىبارەت بۇ مەيدان، يىغىلىش سورۇنى بىزگە كۆپ ئۇچىرشىش شارائىتىنى ھازىرلاپ بەردى.ئۇ تارىخ فاكولتېتىدا ئوقۇيدىكەن ھەم مېنىڭ ماتىماتىكىدا ئوقۇيدىغىنىمنىمۇ بىلىدىكەن، ئورتاق غايە،ئورتاق نىشان بىزنى يېقىنلاشتۇردى.

-رەسمىيىتىڭىزنى بىرنى بېرىڭ،-دېدى تاناكا بىر كۈنى.

- نېمە قىلىسىز؟-سورىدىم مەن كۈلۈمسىرەپ.

-جازىغا ئېلىپ،ئۈستىلىمگە قويۇپ قويىمەن.

- ياق بولمايدۇ.ئۇنداق قىلسىڭىز بولمايدۇ.

-شەربەت،سىز بەك ئوماق،سىزنىڭ ئىسمىڭىز بەك چىرايلىق،ئۇنىڭدىن بال، تاتلىق دېگەن مەنا چىقىدۇ. مەن سىزگە بەك ئامراق، رەسىمىڭىزنى كۆرۈپ تۇرسام دەيمەن،- ئۇنىڭ سۆزلىرى يەنىلا شۇنچە چۈچۈك ئىدى.

-مېنىڭ يالغۇز چۈشكەن سۈرىتىم يوق. كۆپچىلىك بىلەن چۈشكەننى جازىغا ئالسىڭىز چىرايلىق تۇرىدۇ،-مەن كوللېكتىپ چۈشكەن بىر پارچە سۈرەتنى ئۇنىڭ ئالبۇمىدىن تېپىپ چىقتىم.ئۇ ماڭا نارازىلىق نەزىرى بىلەن قاراپ قويدى-دە،ئۇ رەسىمنى جازىغا ئالدى.

- قاراڭ،ھەممىسى يېلىڭ كىيىنىپ ئاغىرىپ قالدى، پەقەت مەنلا قېلىن كىيىنگەچكە ئاغرىمىدىم،- ئۇ كىشىگە سەبىي بالىلارنى ئەسلىتىپ قوياتتى.

- مەن غۇلجىنى ياخشى كۆرىمەن، غۇلجىدا جىىق ئالما بار، يەنە جىق چىرايلىق قىزلار بار،-دىدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ.

-ئۇنداق بولسا، سىزگە غۇلجىلىق قىزدىن بىرنى تونۇشتۇرۇپ قوياي،- دېدىم مەن چاخچاق قىلىپ.

- ھە،بولىدۇ.چاققانراق تونۇشتۇرۇپ قويۇڭ، لېكىن ئۇ چوقۇم سىزدىنمۇ ئوماق بولسۇن،-بىز بىرلىكتە كۈلۈپ كەتتۇق.

قولۇمدىكى سۈرەتلەرنى ئالبۇمغا قوندۇراي دەپ ئالبۇمنى ئاچتىم.ئۇ رەسىمگە كۆزۈم چۈشتى.ئۇ چاغدا مەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلغان ئىدىم.

بىر كۈنى نوبۇكو( ياپۇنىيەلىك قىزنىڭ ئىسمى)، تاناكا ئۈچىمىزبىرلىكتە تاماققا چىقتۇق.مەن نوبۇكونى ئۆيۈمگە تەكلىپ قىلدىم.

-مېنىچۇ؟ مېنى تەكلىپ قىلمامسىز؟- تاناكا سۇئال نەزىرىنى ماڭا تىكتى.

-ياق، سىزنى تەكلىپ قىلمايمەن،-دېدىم مەن چاخچاق قىلىپ.

-بىلدىم، سىز مېنى ياخشى كۆرمەيدىكەنسىز،بوپتۇ، مەنمۇ سىزنى ياخشى كۆرمەيمەن،- ئۇ ئاغزىنى پۈرۈشتۇردى.

بوپتۇ ياخشى كۆرمىسىڭىز،- مەنمۇ ئاغزىمنى ئۆمچەيتتىم.

-ياق، مەن سىزنى ياخىشى كۆرىمەن،- ئۇ نۇرلۇق كۆزىنى ماڭا تىكىپ كۈلۈمسىرىدى.

-مەن ياخشى كۆرمىسەممۇ ياخشى كۆرۈۋېرەمسىز؟-مەن چاقچاق ئارىلاش سۆز قىستۇردۇم.

-شۇنداق، ياخشى كۆرىمەن،- ئۇنىڭ كۆزەينەك ئىچىگە يوشۇرۇنغان بىر جۈپ كۆزىدە بىر خىل سەمىمىي مۇھەببەت چاقناپ تۇراتتى.

-چاقچاق قىلدىم، مەنمۇ سىزنى ياخشى كۆرىمەن. خۇددى ئاكامدەك،- مەن ئارىدىكى تىڭىرقاشنى يوقاتتىم.

-راستما؟!-ئۇ كىچىك بالىلاردەك سەكرەپ كەتتى.

  سۇبات ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋېتى تېخىمۇ قويۇقلاشتى. ئۇنىڭ ئىككى پارچە ئىلمىي ماقالىسى مۇكاپاتقا ئېرىشتى. بىزنىڭ شادلىقىمىز ئەۋجىگە چىقتى. ئۇنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى مېنىڭ يىگانە قەلبىمگە مۇھەببەت ئېقىنىنى باشلاپ كىردى. تاناكامۇ مېنى كۆپ ئىزدەيدىغان بولۇپ قالدى.ئەڭ يامان يېرى ئۇ مەندىن باشقا ئادەم بىلەن گەپ قىلىشنى خالىماس بولۇپ قالدى. بىر كۈنى ئۇنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولدى. ئۇ مېنى سوۋغات سېتىۋېلىشقا بىللە چىقىشىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. بىز بىر مۇنچە نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ مەكتەپكە قايتتۇق. ئۇ يول بويى گەپ قىلمىدى.

-سىزگە نېمە بولدى،- سورىدىم مەن.

-كۆڭلۈم بەكمۇ يېرىم،-ئۇ سۆزىنى ناھايىتى تەستە تەلەپپۇز قىلدى. ھەم ئارقىغا،-كەچۈرۈڭ،تۈنۈگۈن بىر كۈن ئۇيغۇرچە مەشىق قىلماي، ئازراق كالۋالىشىپ قاپتىمەن،-دىگەننى قىستۇرۇپ قويدى.

-نېمىشقا كۆڭلىڭىز يېرىم،- سورىدىم مەن.

-شەربەت، سىز مەن بىلەن بىللە كېتىڭ!-قەدەملىرىم ئىختىيارسىز توختاپ قالدى.

-نېمە دەيدىغانسىز تاناكا، چاخچاق قىلىۋاتامسىز؟-مەن ھۇدۇقۇپ كەتتىم.

-سىز بەك ئوماق، سىزنىڭ ئىسمىڭىز شەربەت يەنى تاتلىق، مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن، ئۆتۈنۈپ قالاي، مەن بىلەن كېتىڭ،-مەن ئۇنىڭ كۆزىدە تۇنجى قېتىم بىر خىل ھەسرەتنى كۆردۈم.

-ياق، تاناكا، بۇ مۈمكىن ئەمەس، بۇنداق گەپلەرنى قايتا ئېغىزغا ئالماڭ،- مەن بېشىمنى تۆۋەن سالدىم.

-بۇ نېمە ئۈچۈن، سىز مېنى ياخشى كۆرمەمسىز ياكى ياراتمامسىز؟- ئۇ بەك جىددىيلىشىپ كەتكەچكىمۇ سۆزلىرى بىر-بىرىگە پەقەتلا باغلانماي قالدى.

-سىز ياپۇنىيەنى سۆيەمسىز؟- سورىدىم مەن ئۇنىڭدىن.

-ئەلۋەتتە سۆيىمەن. مەن شۇ تۇپراقتا ئۆسۈپ-يېتىلگەن تۇرسام،- ئۇ بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك توختاپ قالدى.

-شۇنداق تاناكا، سىزمۇ ۋەتىنىڭىزنى سۆيىسىز، شۇ سۆيۈش ۋەجىدىن يۇرتىڭىزغا قايتماقچى بولىۋاتىسىز، ئەجىبا، مېنىڭ ۋەتىنىم ۋەتەن ئەمەسمىدۇ؟ مەن ۋەتىنىمنى سۆيمەسمەنمۇ؟......مەن ھاياجان ئىلىكىدە سۆزلەشكە باشلىدىم.

-ئۇغۇ  شۇ، لېكىن مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن. سىزنىڭ ياخشىراق ئويلىنىپ بېقىشىڭىزنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىمەن،- ئۇنىڭ كۆزىدە ئازاپ ئەكىس ئەتتى.

-كەچۈرۈڭ تاناكا، مەن سىز بىلەن كېتەلمەيمەن،- مەن بېشىمنى تۆۋەن سېلىپ جاۋاب بەردىم. ئۇ مېنىڭ ھەسرەتلىك چىرايىمنى بايقىدى بولغاي:

-شەربەت،خاپا بولماڭ، مەن سىزنىڭ قايغۇلۇق چىرايىڭىزنى كۆرۈشنى خالىمايمەن، سىزنى ھەسرەتكە سالىدىغان ئىش بولسا ئازابنى ئۆزۈملا تارتاي،- دىدى.

            كېيىنكى كۈنلەردە بىز يەنىلا دوست بولۇپ ئۆتىۋەردۇق. لېكىن ئۇنىڭ ماڭا قىلىدىغان سۆزلىرى ئازلاپ قالدى.« ئاغرىقىنى يوشۇرساڭ ئۆلۈمى ئاشكارا» دېگەندەك بۇ زەنجىرسىمان مۇھەببەت ئەتراپتىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماي قالمىدى. مەن ئاخىرى سۇباتنى مەڭگۈلۈك جۆرەم قىلىپ تاللىدىم. بىزنىڭ سۆيگۈ سەپىرىمىز باشلاندى. ماڭا ئايانىكى مېنىڭ بۇ تاللىشىم تاناكاغا زور ھەسرەت بېغىشلايتتى، بەزىلەر مېنى ئەخمەق دەپ تىللاشتى. ھەتتا يۈزۈمدىن-يۈزۈمگە:

-ئاشۇنداق ياخشى ھەم باي بىرسى سېنى ئېلىپ چىقىپ كېتەي دېسە ئۇنىمغىنىڭ نېمىسى، سەن راستىنلا بەك ئەقىلسىز ئىكەنسەن،- دەپ ئەيىپلەشتى. مەن كۆپ گەپ قىلمىدىم. چۈنكى ئۇلارغا گەپ ئارتۇقچە ئىدى. مەن تاناكانىڭ مېنى توغرا چۈشىنىشىنى كۈتەتتىم.

ئىشىك ئېچىلىپ سۇبات كىرىپ كەلدى.

-نەرسە-كېرەكلىرىڭىزنى يۇغۇشتۇرۇپ بولدىڭىزمۇ؟- ئۇ مېنىڭ خىيالچان كۆزۈمگە تىكىلدى.

- ئىككىمىز ئۇنى ئازاپقا سالدۇق.شۇنداقمۇ سۇبات،-مەن ئۇنىڭغا قاراپ كۆزۈمگە ياش ئالدىم.

- سىز مېنى تاللىغىنىڭىزغا پۇشايمان قىلىۋاتامسىز؟-سۇبات مۇھەببەتلىك كۆزىنى ماڭا تىكتى.

- ياق،سۇبات مەن سىزنى تاللىغىنىمدىن مەڭگۈ پۇشايمان قىلمايمەن،- مەن ئۇنىڭ پىشانىسىنى يېپىپ تۇرغان سېرىق ماڭلاي چاچلىرىنى ئارقىغا قىلىۋەتتىم.

ئاپتۇبۇس بىر خىل رېتىمدا ئالغا قاراپ ماڭماقتا.مېنىڭ خىيالىم يىراققا قاراپ قانات قاقماقتا.

شۇنداق قىلىپ سۇبات ئىككىمىز يۈرۈپ قالدۇق ھەم تاناكادىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرىدۇق. ئەمما ئىش باشقىچە بولدى.بىر كۈنى تاناكا مېنى چاقىردى.

-سىز سۇباتنى ياخشى كۆرەمسىز؟- سورىدى ئۇ.

- شۇنداق،- مەن قىسقىلا جاۋاب بېرىپ بېشىمنى لىڭشىتتىم.

- ئۇممۇ سىزنى ياخشى كۆرەمدۇ؟- ئۇ يەنە سورىدى.

- شۇنداق،- مەن بېشىمنى تۆۋەن سالدىم.

-راستىنلا خۇدا قوشقان بىر جۇپ ئىكەنسىلەر، مەن سىلەرنى تەبرىكلەيمەن.سىلەرگە بەخت تىلەيمەن،-دېدى ئۇ ئېغىر- بېسىقلىق بىلەن.

- مەندىن رەنجىمەمسىز؟-سورىدىم مەن خىجالەت ئىلىكىدە.

- ياق، ھەر كىشىنىڭ ئۆزى خالىغاننى تاللاش ھوقۇقى بار، بەلكىم مەن بىلەن ياپۇنىيەگە چىقىپ كەتكەن بولسىڭىز، راھەت-پاراغەتتە ياشىغان بولاتتىڭىز.لېكىن كۆڭلىڭىز بۇ يەردە بولغاچقا مەن سىزگە سۇبات ئاتا قىلغان بەخىتنى ئاتا قىلالماسلىقىم مۈمكىن ئىدى.شۇڭا، مەن سىزدىن رەنجىمەيمەن.بۇنىڭدىن كېيىن ھەر قانداق قىيىنچىلىقىڭىز بولسا مېنى ئىزدەڭ، مەن سىزگە ياردەم بېرىمەن.بىز يەنىلا دوست.تويۇڭلار بولغان چاغدا مېنى تويغا ئېيتىشنى ئۇنتۇپ قالماڭلار، مەنمۇ سىلەرنى ياپۇنىيەگە تويۇمغا تەكلىپ قىلىمەن.

- تاناكا،سىز نىمە دېگەن ياخشى،- مەن تاناكانىڭ قولىنى سىقتىم.ئۇ ياش تامچىغان كۆزەينىكىنى ئېلىپ ئاستا سۈرتتى.

كېيىنكى كۈنلەردە بىز ناھايىتى ياخشى ئۆتتۇق. ئۇزۇن ئۆتمەي سۇبات ئىككىمىز ئوقۇش پۈتتۈرۈپ يۇرتىمىزغا قايتتۇق. ئۇ بىزنى بېكەتكىچە ئۇزىتىپ چىقتى.

مانا پويىز ئۈرۈمچىدىن قوزغىلىدىغانغا يەنە 10 مىنۇتلا ۋاقىت قالدى.10 مىنۇتتىن كېيىن ئۇ كېتىدۇ. بىزدىن ئايرىلىدۇ.خىيالىم، مېنىڭ خىيالىم يەنىلا شۇ ئۆتمۇشتە. كېيىنچە ئۇ ماڭا خەت ئەۋەتتى ھەم مېنىڭ ئەھۋالىمنى سورىدى، ئۇ خېتىدە مېنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلاشقان ئورۇنلاشمىغانلىقىمنى،خىزمەت ئورنۇمنىڭ ئۆيگە يىراق-يېقىنلىقىنى،قانچىلىك مائاش ئالىدىغانلىقىمنى، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىققا ئۇچىرىغان-ئۇچىرمىغانلىقمنى سوراپتۇ. مەن ئۇنى خاتىرجەملەندۇرۇپ خەت يازدىم ھەم ئىختىيارسىز يىغلاپ تاشلىدىم. راست،ئۇ ماڭا ھەقىقەتەن تۇققىنىمدەك كۆيۈنەتتى.

خەير،شەربەت،مەن سىزنى مەڭگۈ ئەسلەپ قالىمەن. قاراڭ، بۇ يەردە بىر ئۇماق مېنىڭ يېنىمدا كۈلۈپ تۇرىدۇ،قارىڭە!-ئۇ ماڭا يەنە بىر پارچە سۈرئەتنى كۆرسەتتى. مەن ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي تارام-تارام ياشلىرىمنى تۆكتۈم. ئۇنىڭ كۆزلىرىمۇ خىرەلىشىپ ئىككى تامچە ياش مەڭزىنى بويىدى.

خوش،خەت يېزىشىپ تۇرايلى، كىتاب ئالماشتۇرايلى. مەدەنىيەت ئالماشتۇرايلى...

مەن قولۇمدىكى تىنچلىقنىڭ سىموۋولى بولغان سېرىق ئەتىر گۈلنى ئۇنىڭغا سۇندۇم.

بۇ كۆز مونچاقنى ئېسىۋېلىڭ، خەقلەرنىڭ كۆزى تەگمىسۇن،-ئۇ قولۇمغا بىر دانە كۆز مونچاقنى تۇتقۇزدى-دە، ئۆزىنى ئاران بېسىپ پويىزغا چىقىتى.

خەير، تاناكا، ئامان بولۇڭ،خەت يېزىڭ،- مەن نىپپىز گىرىپ قولياغلىق بىلەن كۆزۈمنى سۈرتتۈم.

تاناكا!-سۇباتنىڭ ئاۋازى بىلەن تاناكا پويىزدىن يۈگۈرۈپ چۈشتى.

بۇنى ئېلىۋېلىڭ. بۇ پىچاققا ئۈچىمىزنىڭ ئىسمى ئويۇلغان، بۇنى ئۆزىڭىزگە ھەمراھ قىلىۋېلىڭ،-سۇبات قولىدىكى كىچىك بەكىنى تاناكاغا ئۇزاتتى.

بۇنى چوقۇم ياخشى ساقلايمەن. رەھمەت سىزگە، شەربەتكە چوقۇم ياخشى قاراڭ، ئۇ ياخشى قىز، راست، ئۇ مەن ئۇچراتقان ئەڭ ياخشى قىز،- مېھرى-مۇھەببەت زەنجىرى بىلەن باغلانغان ئىككى جۈپ قول بىر-بىرىنى مەھكەم سىقىشتى.

            پويىزنىڭ مېڭىش سىگىنالى ياڭرىدى.

سايونالا !، - تاناكا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ماڭا قىيماسلىق نەزىرى بىلەن تىكىلدى-دە،پويىزغا چىقىپ كەتتى.

سايونالا ، تاناكا!-سۇبات ئىككىمىز تەڭلا ۋاقىرىدۇق.

           پويىز ئاستا-ئاستاا قوزغالماقتا. ئۇ بىر مۇنچىلىغان ئادەملەرنى ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ.لېكىن، ئۇ ماڭا گوياكى بىر قېرىندىشىمنى مەندىن مەڭگۈلۈك ئېلىپ كېتىۋاتقاندەك تۇيۇلماقتا. يۈرىكىم ئىختىيارسىز ئېچىشماقتا. مەن پويىزنىڭ ئارقىسىدن يۈگۈرۈشكە باشلىدىم. پويىز بارغانچە يىراقلاشماقتا. تاناكانىڭ قولىدىكى تىنىچلىق ئەتىرگۈلى توختاۋسىز پولاڭلىماقتا ئىدى.

ئۇ كەتتى ئەمدى يېتىشەلمەيسىز، بولدى قىلىڭ شەربەت !- سۇبات مېنىڭ بىلىكمنى چىڭ تارتىپ ئارقىغا قايتۇرۇپ كەلدى.

سۇبات، مەن ئۆزۈمنى ئۇنىڭ قوينىغا ئېتىپ خۇددى ئانىسنى يوقۇتۇپ قويۇپ، قايتا تاپقان بالىلاردەك ئۈن سېلىپ يىغلاشقا باشلىدىم.

   -بولدى قىلىڭ، سەۋرى قىلىڭ،-ئۇ مېنى ئۆزىگە قارىتىپ كۈلۈپ كەتتى.

  - نىمىگە كۈلىسىز،- مەن ئاچچىق بىلەن ئالايدىم.

- ھەي، ئوماق قىز، قارىڭە سىزنى، چىرايىڭىز خۇددى بىر سېرىكچىگە ئوخشاپ قاپتۇ. سۈرمىنى ئاز سۈرۈڭ دىسەم ئۇنىمايسىز، مانا ئەمدى يۈز- كۆزىڭىز سۈرمە بىلەن لاكقا بويىلىپ، كۆمۈرچىنىڭ ئۆزى بوپسىز،-ئۇ كۈلۈپ كەتت. راست ، ئۇ ئەزەلدىن رەنجىشنى بىلمەيدۇ. مانا مۇشۇنداق كۈلگىنى كۈلگەن.

شۇنداق قىلىپ ئۇ كەتتى. قولۇمدا پەقەت ئۇ بەرگەن كۆز مونچاقلا قالدى خالاس. ئىشىنىمەن، بۇ كۆز مونچاق ھەممىمىزنى ئامان قىلىدۇ.

                                                                                                         

ئىزاھات:سان- ياپۇنىيەدە ئەرلەرنىڭ ئىسمىنىڭ ئارقىغا «سان» نى قوشۇپ ئىشلىتىدۇ.

2.سايونالاـ ياپۇنچە خەير- خوش دېگەن مەنىدە.







بۇ ھېكايە « مايبۇلاق» ژورنىلىنىڭ 98- يىل 2-سانى ۋە « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1999- يىل 3- سانىدا ئېلان قىلىنغان.




ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-4-25 15:38:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز.

ۋاقتى: 2012-6-4 02:25:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايەمنى ياقتۇرغانلىقىڭىزغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت.بۇ ھېكايىگە گەرچە ئۇزاق يىللار بولغان بولسىمۇ ئۆزەم ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن.

ۋاقتى: 2012-6-4 02:33:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈزەلنۇر مۇتەللىپنىڭ ئىجادىيەت يوللىرى پالاق بولغاي!بۇ ئەسەر ھەقىقەتەن مۇكاپاتقا نائىل بولغىدەك ياخشى ئەسەركەن،بەك ياقتۇردۇم!

ۋاقتى: 2012-6-5 18:28:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زۆھرەگۈل، سىزنىڭ پىروزا ئەسەرلىرڭىزمۇ بەك ياخشى.ئەسىرىمىنى ياقتۇرغىنىڭغا رەھمەت!

ۋاقتى: 2013-4-28 19:07:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپتىكەنسىز.

ۋاقتى: 2013-4-29 00:35:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئە.خ.ئەرتېكىن يوللىغان ۋاقتى  2013-4-28 19:07
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپتىكەنسىز.

بۇ ھېكايەمنىڭ 15يىلدىن كېيىنمۇ باشقىلارنىڭ ياقتۇرشىغا نائىل بولغىنىدىن چەكسىز شادلاندىم.بۇ ھېكايەمنى ياقتۇرۇپ ئوقۇغان ھەر بىر دوستقا تەشەككۇر.

ۋاقتى: 2013-4-29 12:07:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇتۇقلۇق  چىققان ئەسەر  ئىدى بۇ ، قايتا كورۇشكە  مۇيەسسەر  بولغۇنۇمدىن خۇرسەنمەن . يوللىغۇچى ئۇستازغا تەشەككۇرلەر بولسۇن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گۈزەلنۇر ھېيت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-29 12:10  


ۋاقتى: 2013-4-29 21:05:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈزەلنۇر ھېيت يوللىغان ۋاقتى  2013-4-29 12:07
ئۇتۇقلۇق  چىققان ئەسەر  ئىدى بۇ ، قايتا كورۇشكە  مۇيەسس ...

گۈزەلنۇر قەدىمىڭىزگە مەرھابا!ئىسمىمىزمۇ ئوخشاش ئىكەن.ئىجادىيەت گۇلزارلىقدا تەڭ ئېچلغايمىز.

ۋاقتى: 2013-6-20 19:45:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ياخشى يىزىلىپتۇ  !  قەلەم تۇتقان قوللىرىڭىزدىن قىپقىزىل ئەتىر گۈللەر ئۈنسۇن !

ۋاقتى: 2013-8-5 19:11:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارچۇغا يوللىغان ۋاقتى  2013-6-20 19:45
شۇنداق ياخشى يىزىلىپتۇ  !  قەلەم تۇتقان قوللىرىڭىزدىن ق ...

رەھمەت،دېگىنىڭىز كەلسۇن.سىزنىڭمۇ ئىجادىيىتىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن!

ۋاقتى: 2014-2-25 16:09:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھېكايىنى 1998- يىلى «مايبۇلاق» ژۇرنىلىنىڭ 2- سانىدا ئوقۇغاندىم ، ئوبدان يېزىلغان ئەسەر ئىدى، ئوقۇرمەنلەرگەىمۇ ياخشى تەسىر بەرگەنىدى، ھازىرقىدەك ئىسىمدە تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ بىرقانە ئەسىرىنى ئۇقۇدۇم، ياخشى يازىدان يازغۇچى ئىكەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش