يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 8118|ئىنكاس: 1

چېكىنىش يولى قالدۇرۇپ قويۇشنى بىلىۋېلىش لازىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-12-28 22:48:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
چېكىنىش يولى قالدۇرۇپ قويۇشنى بىلىۋېلىش لازىم
شىڭ يۈن
كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئالدىغا قاراشقا،ئىستىقبالىنى ئويلاشقا ئادەتلەنگەن؛بىراق ئالدىمىزدىكىسى پەقەت يېرىم دۇنيادىنلا ئىبارەت بولۇپ،يەنە بىر يېرىم دۇنيا ئارقىمىزدا بولغان بولىدۇ،شۇڭا كىشىلەر ئارقىسىدىكى يېرىم دۇنياغىمۇ تەڭ ئېتىبار بېرىشى كېرەك. ئارقىسىدىكى يېرىم دۇنياغا قانداق ئېتىبار بېرىشى كېرەك؟
ئادەم بولۇشتا چېكىنىش يولى قالدۇرۇش لازىم:پىيادە يول يۈرگەندە ئېھتىيات قىلىپ چەتتە ماڭغان تەقدىردىمۇ،ئارقا تەرەپتىن كەلگەن ئاپتوموبىلنى كۆرگىلى بولمىغاچقا بەزىدە قاتناش قائىدىسىگە رېئايە قىلماي ماڭغان ئاپتوموبىل سوقىۋىتىشى مۇمكىن،شۇڭا يول يۈرگەندە ئالدىمىزغىلا دىققەت قىلىپ قالماستىن،كەينىمىزگە دىققەت قىلىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم.بۇ خۇددى بىر ئۇلۇغ ھەربىي ئالىمنىڭ ئۇرۇشتا چوقۇم غەلبە قىلىدىغانلىقىغا،ئەمما ناۋادا غەلبە قىلالمىسا مۇقەررەر ھالدا ئالدى بىلەن كەينىگە چېكىنىشنى ئالدىن ئويلايدىغانلىقىغا ئوخشايدۇ.ئادەتتە كېچىدە يول يۈرگەندە ئارقىسىدىكى ئادەمگە ئازراق يورۇقلۇق قالدۇرۇپ قويىشى،شۇ ئارقىلىق يولدا توسالغۇ پەيدا بولغاندا ئارقىسىدىكى ئادەمنىڭ توسالغۇدىن ئۆتۈشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك.ھەتتا ئازگال ۋە ئېرىق-ئۆستەڭگە يولۇققاندا،ئۆزى ئۆتۈپ بولغان تەقدىردىمۇ،يەنە تاختاي قويۇپ ئارقىسىدىكى ئادەمنىڭ بىخەتەر ئۆتۈشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك،مانا بۇنداق ئادەم  يول يۈرۈشنى بىلىدىغان ئادەم ھېسابلىنىدۇ.
مۇسابىقىدە چىداشلىق بېرىش كۈچىنى ئالدىن مۆلچەرلەش لازىم:كالا،ئات،پىل،تۆگە قاتارلىق ئوتخور ھايۋانلاردا ئىنتايىن يۇقۇرى چىدامچانلىق بولغاچقا چىداشلىق بېرىش كۈچى يېتەرلىك؛ئەكىسچە يولۋاس،يىلپىز قاتارلىق گۆشخور ھايۋانلار يىرتقۇچ بولغىنى بىلەن،لېكىن ئۇلارنىڭ چىداشلىق بېرىش كۈچى ئاجىز.ھازىرقى تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىدە،ئالايلۇق بىر مەيدان ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىدە ئالدىنقى يېرم مەيدان ناھايىتى ياخشى ئوينالسىمۇ،كىيىنكى يېرىم مەيداندا ماغدۇرى يېتىشمەيدۇ.بىر مەيدان مارافۇنچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە،دەسلەپتىلا كۈچەپ كەتمەي،كىيىن كۈچەشكىمۇ مادار قالدۇرۇش لازىم.ئەمەلىيەتتە كىشىلىك تۇرمۇشمۇ شۇنداق،پەللىدىن چىققان ھامان كۈچەپ كەتمەسلىك لازىم،ئاخىرقى چىداشلىق بېرىش كۈچى ھەممىدىن مۇھىم.
مەبلەغ سېلىشتا كىيىنلىكنى مۆلچەرلەش لازىم:ھازىرقى ئادەملەر كەلگۈسىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى كۆزلەيدۇ،مەبلەغ سېلىشنى بىلىدۇ. مەبلەغ سېلىشتا ئالدى بىلەن نەتىجىسىنى ۋە كىيىنكى تەرەققىياتىنى مۆلچەرلەش لازىم.بەزى كىشىلەر بازارنى تەكشۈرمەي تۇرۇپلا قارىغۇلارچە مەبلەغ سالىدۇ،نەتىجىدە قاتمۇقات زىيان تارتىدۇ.
كىشىلىك ھاياتتا كىيىنكى ئىشلارنى ئالدىن تاپىلاش لازىم:جۇڭگولۇقلار ئەزەلدىن ھايات-ماماتلىق ئۈستىدە توختىلىشنى ئېغىر ئالىدۇ،لېكىن ئادەم تۇغۇلغان ئىكەن ھامان بىر كۈنى ئۆلىدۇ.ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن،نۇرغۇن ئىدىيە ۋە مال-مۈلۈكنى ئالدىن ۋەسىيەت قىلمىغاچقا،ئائىلە ئەزالىرى ئىچىدە بىرمۇنچە ئاۋارچىلىق تۇغۇلىدۇ.مۇبادا ئالدىن ۋەسىيەت قالدۇرۇلسا،ئۆلۈمدىن كىيىنىكى ئىشلار ئالدىن ئېنىق تاپىلانسا،ئۇرۇق-ئەۋلادلارمۇ《چوڭلارنىڭ ئىزىنى باسىدۇ》.
شۇڭا،كىشىلەر ۋەسىيەت قالدۇرۇشنى بىلىپلا قالماستىن،ئۆزىنىڭ كىيىنكى ئىشلىرى ئۈستىدىمۇ ئويلىنىپ بېقىشنى بىلىشى كېرەك،بولۇپمۇ خىزمەت،ئەخلاق ۋە سۆز-ھەركەتتە ئۈلگە بولۇپ،ئۆزىنىڭ مېھرىبانلىقى ۋە ئەقىل-پاراسىتىنى كىيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇرۇپ كېتەلىسە،مانا بۇ ھەقىقىي مەنىدىكى كىشىلىك ھايات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

译自《中国剪报》2013年12月17日第5版
伽师县气象局:尼加提•伊布拉音
2013-12-28


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-2-28 00:18:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئويلۇنۇپ قويغىدەك تېمىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇش كېرەك.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش