كۆرۈش: 930|ئىنكاس: 0

ناقىس لىرىكىلىرىدىكى «12 مۇقام» تەسۋىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-12-27 12:57:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

ناقىس لىرىكىلىرىدىكى «12 مۇقام» تەسۋىرى

غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر

ناقىس (1843 — 1922) تەخەللۇسلۇق شائىرنىڭ تولۇق نامى موللا سابىر بىننى ئابدۇقادىر يېڭىسارى. ئۇ ناقىس (كەمتۈك) دېگەن تەخەللۇستىن باشقا ئۆز يۇرتىنىڭ ئىسمى «يېڭىسار» دېگەن سۆزنىمۇ تەخەللۇس قىلغان. ناقىس ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا ئۆتكەن داڭلىق شائىرلاردىن بىرى بولۇش بىلەن بىرگە، مۇسقا (مۇزىكا)، مۇقامدىن خەۋىرى بار، ھەتتا مۇقام مۇزىكىلىرىنى توپلاش، رەتلەش، مۇقام تېكىستلىرىنى تەرتىپكە سېلىشقا كۆپ زېھنىنى سەرپ قىلىپ مۇئەييەن ئۇتۇق قازانغان مەدەنىيەت ئەربابى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. «12 مۇقام»نىڭ زامانىمىزغا تولۇقى بىلەن يېتىپ كېلىشىدە ناقىسنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ مۇقامغا مۇناسىۋەتلىك بايانلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش مەقسىتىدە مەزكۇر ماقالىنى يېزىپ چىقتىم.
ناقىس شېئىرىيەت ۋە مۇسىقا ساھەسىدە مۇھىم ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ بۇنداق بولۇشى چوڭقۇر تارىخىي ئاساس ۋە قويۇق مەدەنىيەت ئاساسىغا ئىگە. يەنى ناقىس (سابىر) يېڭىسار ناھىيە بازىرىدىكى مەكتەپ – مەدرىسلەر ئۇرون ئالغان مەدرىس كۆل بېشى مەھەللىسىدە بىر مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە تۇغۇلغان. دەسلەپ يېڭىسار ناھىيە بازىرىدىكى مەدرىسلەردە ئوقۇپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەلۇماتنى ئالغاندىن كېيىن، ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ 1867 – يىلىدىن 1877 – يىلىغىچە كاشىغەر شەھىرى ئەتراپىدىكى ئاپپاق خوقا مەدرىسىدە ئوقۇغان. 1877 – يىلى ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ ئەدەبىي تەرجىمە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 1881 – يىلىدىن 1884 – يىلىغىچە كاشىغەر شەھىرىدىكى خانلىق مەدرىستە ئوقۇغان. ئۇ بۇ جەرياندا ئىسلامىيەت ئىلمى، ئىلمىي تەقۋىم (كالېندارچىلىق)، ئەرەب، پارس تىللىرى، ئەرەب، پارس ئەدەبىياتى بويىچە مۇنتىزم بىلىم ئالغان ھەمدە ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆتكەن ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇپ ئۇلارنىڭ تەسىرىدە شېئىرىي ئىجادىيەتكە كىرىشىدۇ. ناقىس (سابىر)نىڭ كاشىغەر شەھىرىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلى چوڭ بىر داۋالغۇش يىللىرىغا توغرا كەلگەن، يەنى چەت ئەل باسقۇنچىلىرىدىن ياقۇپبەگ جەنۇبىي شىنجاڭغا باستۇرۇپ كىرىپ، ئاتالمىش «يەتتە شەھەر خانلىقى» (1864 — 1877) نى تىكلىۋېلىپ، زورلۇق – زۇمبۇلۇق قىلىۋاتقان، دىنىي ئەسەبىيلىكنى بازارغا سېلىپ، ئەمگەكچى خەلقنىڭ روھىي دۇنياسىنى قۇرۇقدىتىپ قويۇشقا يۈزلەنگەن، دىنىي ئەسەبىيلىكنى بازارغا سېلىپ، ئەمگەكچى خەلقنىڭ روھىي دۇنياسىنى قۇرۇقدىتىپ قويۇشقا يۈزلەنگەن، بۇنىڭ تەسىرىدە، خوجىلارنىڭ ئىشانلىق مەزھىپى ئۆزلىرىنىڭ كۈچىنى ئۈزۈكسىز زورايتىپ، قوشلاپ روھىي ۋەھىمە پەيدا قىلىۋاتقان بىر چاغدا توغرا كەلدى. مەلۇمكى بىر قىسىم تەقۋادار روھانىي كۈچلەر ۋە خوجا، ئىشانلار خەلقنىڭ مۇسىقا كۈيلىرى، نەغمە – ناۋالىرىغا قىزىقىپ كەتمەيتىت. ھەتتا ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئامالنىڭ بارىچە مۇسىقا – مۇقاملارغا چەكلەش پوزىتسىيەسىنى تۇتاتتى ياكى ھاپىزلار ۋە مۇقامچىلارغا سوغۇق مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنى چەتكە قاقاتتى، يەنە زىيانكەشلىكمۇ قىلاتتى. ناقىس (سابىر) تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان مەھەللە مەدرىست كۆل بېشى مەھەللىسى بىلەن مۇقامشۇناس تۇردى ئاخۇن ئاكا (1881 — 1956)نىڭ دادىسى تەۋەككۈل ئاخۇن ياشلىق دەۋرىدە ئولتۇراقلاشقان ئوردا ئالدى مەھەللىسى بىلەن قوشنا مەھەللە بولۇپ، بۇ ئىككى مەھەللىدە ماكان تۇتقان ناقىس (سابىر) بىلەن تەۋەككۈل ئاخۇن تەڭتۈش بولۇپ قالماستىن، ئۇلار يەنە نەغمە – ناۋا، جۈملىدىن مۇسىقا – مۇقامغا ھېرىسمەن ئادەملەردىن بولغان. مۇقامشۇناس تۇردى ئاخۇن ئاكىنى يېتىشتۈرۈپ چىققان تەۋەككۈل ئاخۇن ھەم ئىقتىدارلىق مۇقامچى ئىدى. كاسىپ ئۆز كەسپىنى قەدىرلەيدۇ دېگەندەك، تەۋەككۈل ئاخۇن ئاتا – بوۋىلىرىدىن مىراس شەكلىدە داۋام قىلدۇرۇلۇۋاتقان مۇقامچىلىق كەسپىنى قىزغىن سۆيۈپ، ئۇنىڭ تەقدىرى توغرۇلۇق قايغۇرۇۋاتقان چاغلاردا، ئۆز خەلقىنىڭ مەدەنىيىتىگە قىزغىن ئىشتىياق باغلىغان ناقىس (سابىر) بۇرادىرى بىلەن بىرلىكتە، مۇقامنىڭ ئىستىقبالى توغرۇلۇق ئويلانغان. بولۇپمۇ ناقىس (سابىر) يۇقىرى دەرىجىلىك مەدرىس تەربىيەسى كۆرگەن، ئەدەبىياتقا قىزىققان، شېئىرىي ئىجادىيەتتە ئۇتۇق قازانغان ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدى بىلەن ئوي – پىكرىنى ئۆزىگە تارتقان نەرسە مۇقامنىڭ تېكىستلىرى بولغان. چۈنكى ئۇ مۇقام تېكىستلىرىنى ئوقۇپ تولۇق چۈشىنەلەيدىغان ئادەم ئىدى. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ناقىس مۇقام تېكىستلىرىنى رەتلەشتە تەۋەككۈل ئاخۇنغا يېقىندىن ياردەمدە بولغان. بەزىلەرنىڭ يېقىنغىچە ھايات بولغان ناقىس (سابىر)نىڭ مۇقامچىلىق ساھەسىدىكى شاگىرتلىرىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، تۇردى ئاخۇن ئاكا دادىسى تەۋەككۈل ئاخۇندىن ئۆگىنىپ ساقلاپ قالغان «12 مۇقام» تېكىستلىرىنىڭ بەزىلىرىنى ناقىس (سابىر) رەتلىگەن. بىزگە مەلۇمكى، يەكەن خانلىقى (1514 — 1680) دەۋرىدە ئاماننىساخان ۋە قىدىرخانلار تەرىپىدىن بىر قېتىم رەتلەنگەن مۇقام تېكىستلىرىنىڭ بەزى ئاپتورلىرى ئاماننىساخانا ۋە قىدىرخانلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن ياكى زامانداش شائىرلاردىن بولغان بولسا، بەزى تېكىستلەرنىڭ ئاپتورلىرى 17 -، 18 -، 19 – ئەسىرلەردە ئۆتكەن شائىرلار ھېسابلىنىدۇ. ئىلگىرى، يەكەن خانلىقى دەۋرىدىن كېيىن ئۆتكەن شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنىڭ مۇقام تېكىستلىرىگە قانداق قىلىپ، كىملەر تەرىپىدىن كىرگۈزۈلگەنلىكى توغرۇلۇق ئۇچۇر يوق ئىدى. ناقىسنىڭ ھاياتى توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلەر بۇ مەسىلىگە مۇئەييەن دەرىجىدە جاۋاب بېرىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بەردى. بۇنىڭغا: بىرىنچىدىن، ناقىس (سابىر)نىڭ «12 مۇقام»دىن خەۋىرى بارلىقى؛ ئىككىنچىدىن، شېئىرىيەتكە قىزىققانلىقى ۋە بۇ ساھەدە مول ئىجادىي ئەمگەك قالدۇرغانلىقى، جۈملىدىن، مۇقام تېكىستلىرىگە شېئىرلىرى تاللانغان شائىرلارنى ئوبدان چۈشىنىدىغانلىقى؛ ئۈچىنچىدىن، تەۋەككۈل ئاخۇن، تۇردى ئاخۇن ئاكىلارنىڭ شەخسىي ھاياتى، جەمەتنىڭ ئەنئەنىسىگە ئاساسلانغاندا، بۇ جەمەت ئاساسەن مۇقام كۈيلىرىنى يادلاشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، مەكتەپ – مەدرىسلەردە كۆپ تەربىيە كۆرمەي، ئەسكە ئالغان مۇقام تېكىستلىرىنىڭ مەزمۇنى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمىغانلىقىدەك ئەھۋال بارلىقى؛ تۆتىنچىدىن، ناقىس (سابىر)نىڭ يېڭىسار ناھىيە بازىرىدىكى مەدرىستە مۇددەرس بولۇپ ئىلىم – مەرىپەت بىلەن تالىپلارنى تەربىيەلىگەندىن باشقا، بىر قىسىم ياشلارنى مۇقامچى قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىققانلىقى؛ بەشىنچىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ شائىرلىرى ئىچىدە «12 مۇقام» ناملىرىنى ئۆز شېئىرلىرىدە ئەڭ كۆپ ۋە تولۇق تىلغا ئالغان يېگانە شائىر بولغانلىقى قاتارلىق تەرەپلەردىن چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ.
ناقىس (سابىر)نىڭ «12 مۇقام» تەتقىقاتىغا قوشقان تۆھپىسى مۇقام ناملىرىنى تارىخنىڭ باش – ئاخىرىغا ماسلاشقان ھالدا شېئىرىي ئەسىرىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنلىكى ھەم ئۇنىڭ ئۆلچەملىك تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ بەرگەنلىكى ساھەسىدە گەۋدىلىك ھالدا كۆرۈلىدۇ.
مۇقام ناملىرىنى تارىختا ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەت مۇئەللىپلىرى ھەر خىل شەكىلدە تىلغا ئېلىپ، خاتىرىگە چۈشۈرگەن. مەسىلەن، ئەل فارابى (870 — 950) نىڭ شاگىرتى ئىبىنسىنا (981 — 1037) مۇقام ساھەسىدە 12 كۈي شەكلى نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇنىڭ نامى مۇنداق بولغان:
1) رەماۋى، 2) ھۈسەينى، 3) راست، 4) ھىجاز، 5) ئابۇچەشمە، 6) بۈزرۈك، 7) ئىراق، 8) ئىسفۇئان، 9) ناۋا، 10) ئۇششاق، 11) زەنگۈلە، 12) سەلىقە.
13 – ئەسىردىكى سەفىيئۇددىن دەۋرىدىكى مۇقام ناملىرى مۇنداق بولغان:
1) ناۋا، 2) ئۇششاق، 3) ئىراق، 4) رەماۋى، 5) ھۈسەينى، 6) راست، 7) ھىجاز، 8) ئابۇچەشمە، 9) بۈزرۈك، 10) ئىسفۇئان، 11) زەنگۈلە، 12) سەلىقە.
تۆمۈرىلەر خانلىقى (1370 — 1507) دەۋرىدە ئۆتكەن سەنئەتكار ۋە مۇئەللىپ ئابدۇقادىر مەرغالى «مەقاسىددۇل ئەلخۇئان» (ناخشا – مۇسىقىنىڭ مەقسىتى ۋە نىشانى، 1418 – يىلى يېزىلغان) ناملىق ئەسىرىدە تۆمۈرىلەر ئوردىسىدا ئورۇندىلىپ تۇرغان «12 مۇقام»نىڭ ناملىرىنى مۇنداق يازغان:
1) ئۇششاق، 2) ناۋا، 3) بۇسەلىك، 4) راست، 5) ھۈسەينى، 6) ھىجاز، 7) رەماۋى، 8) زەنگۈلە، 9) ئىراق، 10) ئىسفۇئان، 11) زىرئەفكەند، 12) بۈزرۈك.
ئەلىشىر نەۋائى (1441 — 1501) غەزەللىرىدە مۇقامنىڭ بۇنداق ناملىرى تىلغا ئېلىنغان:
1) راك، 2) راست، 3) ھۈسەينى، 4) ھىجاز، 5) بايات، 6) ئىراق، 7) ئەجەم، 8) نەۋرۇز، 9) ئۇششاق، 10) ناۋا.
بايا رېھىم مەشرەپ (1640 — 1711) شېئىرلىرىدا مۇقامنىڭ مۇنداق ناملىرى تىلغا ئېلىنغان.
1) بايات، 2) چەببىيات، 3) ئابۇچەشمە، 4) ناۋا، 5) ھۈسەينى، 6) ئەجەم، 7) پەنجىگاھ، 8) ئۇششاق، 9) راك، 10) مۇشاۋىرەك.
ھىندىستاننىڭ مۇستاپا ئاباد شەھىرىدە غىياسىدىن بىننى شېرىپىدىن تۈركىي تىلدا 1823 – يىلى تۈزگەن «غىياسۈللۇغەت» ناملىق كىتابتا مۇنداق تىزىملىك بېرىلگەن:
1) رەماۋى، 2) ھۈسەينى، 3) راست، 4) ھىجاز، 5) كۈچەك، 6) بۈزرۈك، 7) ئىراق، 8) ئىسفۇئان، 9) ناۋا، 10) ئۇششاق، 11) زەنگۈلە، 12) بۇسىلىك.
خوتەندە ياشاپ ئۆتكەن مۇئەللىپ ئىسمەتۇللا بىننى موللا نىمەتۇللا مۇجىزى 1854 – يىلى يازغان «تەۋەرىخىي مۇسقىييۇن» ناملىق ئەسىرىدە خاتىرىلەنگەن مۇقام ناملىرى مۇنداق:
1) راك، 2) چەببىيات، 3) چارىگاھ، 4) پەنجىگاھ، 5) ئۆزھال، 6) ئەجەم، 7) ئۇششاق، 8) بايات، 9) ناۋا، 10) سىگاھ، 11) ئىراق، 12) دۇگاھ، 13) ۋىسال، 14) ئىشرەت ئەنگىز.
ناقىس (سابىر) 1894 – يىلىنىڭ ئالدى – كەينىدە توپلام قىلغان «دىۋانى ناقىس»قا كىرگۈزۈلگەن «مۇغەننى چەك مەقامى راكنى بەزم ئىچرە مەستانە»، «راك ئىلە چەببىياد داغى سىگاھ» ناملىق شېئىرلىرىدا تىلغا ئالغان مۇقام ناملىرى مۇنداق:
1) راك، 2) سىگاھ، 3) چەببىيات، 4) ئۇششاق، 5) چارىگاھ، 6) پەنجىگاھ، 7) بايات، 8) ناۋا، 9) ئەجەم، 10) ئىراق، 11) ئۆزھال، 12) نىشى ئاۋىرەك.
تۇردى ئاخۇن ئاكا ساقلاپ قالغان «ئابۇچەشمە» ناملىق مۇقام ئارىيەلىرى تىزمىسىدا تۆۋەندىكى مۇقام ناملىرى كۆرسىتىلگەن:
مۇشاۋرەك، پەنجىگاھ، چەببىيات، ئۇششاق، ئۆزھال، راك، ناۋا.
تۇردى ئاخۇن ئاكا ساقلىغان ۋە 1950 — 1955 – يىللىرى ئېيتىپ بېرىپ لېنتىغا ئېلىنغان مۇقام تېكىستلىرى مۇنداق:
1) راك، 2) چەببىيات، 3) مۇشاۋرەك، 4) چارىگاھ، 5) پەنجىگاھ، 6) ئۆزھال، 7) ئەجەم، 8) ئۇششاق، 9) بايات، 10) ناۋا، 11) سىگاھ، 12) ئىراق.
يۇقىرىقىلاردىن باشقا ئوتتۇرا ئاسىيالىق شائىر مۇھەممەد خارەزمى «مۇھەببەتنامە» (1353 — 1354 – يىللىرى يېزىلغان) ناملىق ئەسىرىدە، سەئىد ئەھمەد ئىبىن مىرانشاھنىڭ «تەئەششۇقنامە» (1435 — 1436 – يىللىرى يېزىلغان) ناملىق ئەسىرىدە مەۋلانە لۇتفى (1366 — 1465)، مۇھەممەد سىدىق زەلىلى (1676 — 1755) قاتارلىق شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىدە «12 مۇقام»نىڭ تولۇق بولمىغان ناملىرى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن.
يۇقىرىدا بىر – بىرلەپ ساناپ ئۆتۈلگەن مۇقام ناملىرى ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەرنىڭ ئىنكاسى بولۇپ، بۈگۈنكى قاراش بويىچە ئۇلارنىڭ توغرا – خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ. پەقەت كېيىنكىلەرنىڭ ئۇلارنى مۇۋاپىق پايدىلىنىش ماتېرىيالى دەپ بىلىشكىلا بولىدۇ. ناقىس (سابىر) تىلغا ئالغان مۇقام ناملىرى مەسىلىسىگە كەلسەك، ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى تىزىملىك مۇجىزى 1854 – يىلى تۇرغۇزغان تىزىملىك بىلەن تۇردى ئاخۇن ئاكا ساقلاپ قالغان تىزىملىكتىكى ناملارنىڭ تولىمۇ ماس بولغالىقى جەھەتتىن قىممەتلىك ئۇچۇر ھېسابلىنىشى كېرەك. مۇجىزى «تەۋارىخىي مۇسقىييۇن» دا «ۋىسال» بىلەن «ئىشرەت ئەنگىز» مۇقامىنى قىدىرخان بىلەن ئاماننىساخان ئىجاد قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن بولۇپ، بۇلاردىن باشقا مۇقاملار تەركىبىدە «12 مۇقام» نامى قالغان بولىدۇ. مۇجىزى خاتىرىلىگەن نۇسخا بىلەن تۇردى ئاخۇن ئاكا ساقلىغان نۇسخىدىكى «مۇشاۋرەك» دېگەن نامنى ناقىس «نىش ئاۋرەك» دەپ ئاتىغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا بۇ ئۈچ ئادەمنىڭ ئەمگىكى ئارقىلىق ساقلىنىپ قالغان مۇقام ناملىرى ئوخشاش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇلارنىڭ تەرتىپىدىمۇ خېلىلا بىردەكلىك ئىپادىلەنگەن. بۇ ھال «12 مۇقام»نىڭ تارىخىي تەرەققىياتىدا 19 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمى، 20 – ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغا كەلگەندە زور دەرىجىدە قېلىپلىشىش، سىستېمىلىشىش، ئۆلچەملىشىش ھادىسىسى كۆرۈلگەنلىكىنى جەزملەشتۈرگىلى بولىدۇ. 1850 – يىللاردىن 1950 – يىللارغىچە بولغان 100 يىل ئىچىدە مۇقامدىن خەۋىرى بار بۇ ئۈچ ئەربابنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىدە مۇقام ناملىرىغا دائىر تىزىملىكتىكى ئاجايىپ چوڭ، ئوخشاشلىق ھادىسىنىڭ كۆرۈنۈشىنى مانا مۇشۇنداق مۇقام تەرەققىياتىنىڭ توغرا ئىنكاسى دېيىشكە توغرا كېلىدۇ، ئەلۋەتتە، ناقىس شېئىرلىرىدا ئىپادىلەنگەن «12 مۇقام» تەسۋىرى مۇجىزىنىڭ 1854 – يىلى خاتىرىگە چۈشۈرگەن نۇسخا بىلەن تۇردى ئاخۇن ئاكا 1950 — 1955 – يىللىرى لېنتىغا بېرىپ قالدۇرغان نۇسخىنى بىر – بىرىگە باغلاشتا قىممەتلىك ماتېرىيال. ئۇ مۇقام تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا، ئۇنىڭدىكى ئىزچىللىق ۋە بىردەكلىك مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمىگە قويۇشتا پايدىسى چوڭ.
يېڭىسار ناھىيەسى مۇقام ئۇستازى تۇردى ئاخۇن ئاكا بىلەن ئۇنىڭ بىرقانچە ئەۋلاد مۇقامچى ئاتا – بوۋىلىرى پائالىيەت ئېلىپ بارغان تەۋەررۈك يۇرت. ئۇنىڭ «12 مۇقام»نى مۇكەممەل ئىگىلەپ، يادقا ئېلىشىدا دادىسى تەۋەككۈل ئاخۇن قاتارلىقلارنىڭ تەسىرى چوڭ بولغاندىن باشقا، ناقىس (سابىر)نىڭ تەسىرىمۇ بولغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك، ناقىس (سابىر) يېڭىسار ناھىيەسىدە سەيدىن ئاخۇن، ۋارىس ئاخۇن، سەلەي قازى، يۇنۇس ئاخۇن، شېرىپ ئاخۇن، ھېلىم ئاخۇن، تۇردى ئاخۇن (ئۇچار يېزىسىدىن) قاتارلىق مۇقامچىلارنى (بۇلاردىن ھېلىم ئاخۇن ئۆلىما، شائىر ئادەم بولغان) تەربىيەلەپ چىققان يەردە مۇقامچى تەۋەككۈل ئاخۇننىڭ ياخشى بۇرادەرلىرىدىن بولغان ناقىسنىڭ تۇردى ئاخۇنغىمۇ مۇقام مۇزىكىلىرى، بولۇپمۇ مۇقام تېكىستلىرىنى توغرا يادقا ئېلىش جەھەتتە ياردەم قىلمىغان دېيىشكىمۇ بولمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ناقىس مۇددەرس بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆز يۇرتىدىكى كۆزگە يېقىن باشلارنىڭ ياخشى ۋە ئىقتىدارلىق بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلمەسلىكى ئەقىلگە دېگەندەك سىغمايدۇ.
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ناقىس (سابىر)نىڭ مۇقاملارنىڭ تىزىملىكى توغرىسىدىكى بىرقانچە پارچە شېئىرى، 10 نەچچە خىل چالغۇ ئەسۋابىنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ يازغان شېئىرلىرى، «گۈلزارى بىنىش» ناملىق ئەسىرىدە ئۆزىنىڭ ساتار، دۇتار، مەبۇر، راۋاب، نەي چالىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېيتقان بايانلىرى، باربەد ئىسىملىك بىر (سازەندىنىڭ) نامىنى تىلغا ئالغانلىقى، مۇقامچى شاگىرتلارنىڭ يېتىشتۈرۈپ چىققانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللار، ئۇنىڭ مۇقامدىن خەۋەردار ئادەم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى مۇقام ناملىرى «12 مۇقام» نىڭ توغرا نامىنى تىكلەشكە زۆرۈرىي ياردەم كۆرسىتىپ، مۇقام تارىخىنىڭ ئىزچىللىقىنى، ۋارىسچانلىقىنى، تارقىلىش ئەھۋالى ۋە تەرەققىياتىنى ئۆگىنىشكە ياردىمى بولىدۇ. يەنە مۇقامچى تۇردى ئاخۇن ئاكىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە شەخسىي ھاياتىنى ئۆگىنىشكىمۇ پايدىسى تېگىدۇ. مانا بۇلار، ناقىسنىڭ «12 مۇقام» ناملىرىنى تەسۋىرلەپ يازغان شېئىرلىرىدىن ئىلھاملىنىپ يېزىلغان قىسقىچە مۇلاھىزە بولۇپ، كەسىپداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتىشنى تەقەززا قىلىدۇ.


قوشۇمچە:
ناقىسنىڭ «12 مۇقام»نىڭ ناملىرى تىلغا ئېلىنغان ئىككى پارچە شېئىرنىڭ تېكىستى:

مۇغەننى چەك مەقامى راكنى بەزم ئىچرە مەستانە،
ساچىپ ئەربابى مەئىنى لەفرىدىن مەجلىسىغە دۇردانە.
سېنى ياد ئەيلە بەن مۇڭلۇغ كۆڭۈللەر ئەسرۇ مەھزۇندىن،
كى سەن ھەم ياد ئېتىپ تۈز چەببەيادىڭ، بولمە بىگانە.
چىقىپ قاتىپ نەقەس چىقماقغە بائىس بىلمەسەك نېدۇر،
تەرەننۇم قىل سىگاھ ئاھاڭگى بىرلە نەغمە زىندانە.
كۆڭۈل چۈن مۇز تەربىدۇر تۆرت مەزھەبدىن نىدۇر مەقسەد،
ئىشتگىل چارىگاھنى فەھىم قىلغىل سىررى مەيخانە.
كۆڭۈل مۈلكىنى شاھىنشاھى ئىشقىڭ چۈن مەقام ئەتتى،
ئاچىپ يۈز پەنجىگاھ نەققارەسىن ئۇرغۇلكى فەرزانە.
ئىرور ئىشىق ئەھلى كۆپ مەھزۇن باقىپ پەرگارى لەئىلىڭغە،
چېكىپ ئۇششاق ناخۇن بىرلە قىلغىل راست دىۋانە.
زىلەيخائى جۈنۈن لەشكەر چىكىپ ئەيلەر سىياسەت كۆپ،
بەياد ئاھەڭگىدىن تاشلارمۇ سەن كۆڭلۈمنى زىندانە.
بۇ بەزىم ئەھلىگە غەفلەت لەشكەرى يەغما تەرەننۇمدۇر،
كېرەك نىش ئاۋرەك تېغى بىلەن چەۋلانى مەردانە.
تەكەللۇم ئىستەبان شېرىن لەبىڭدىن بىنەۋا بولغاچ،
كۆيەرمىز بىر نەۋا ئۈممىدىدە بىر جەمئى پەرۋانە.
دېسۇن كۆڭلۈم مەقامى ئەجر ئارا ئۈزھالىنى، ناقىس،
ئەجەم بىرلە ئىراقى ئەھلى بۇ سىرنى بىلمەسۇن يانە.


راك ئىلە چەببەياد غداغى سىگاھ،
بىر تۈزۈپ قىلماغىل ھەزەر ھەرگىز.
داغى ئۇششاق ئىلە بەياد ئايتۇر،
قاچمە، ئەي چارىگەھ – نەۋا، ھەرگىز.
پەنجىگاھۇ نىش ئاۋەرەك تۈزسەڭ،
بارمۇ ئۆز ھالىدىن غەنا ھەرگىز،
كىم ئەجەم مۈلكىنى ئىراق دېسۇن،
قىلمايىن ئۆزلۈكىن فەنا ھەرگىز.

پايدىلانمىلار
△ «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى قوليازمىلىرى كاتولوگى»، ش ئۇ ئا ر مۇزېيغا تەييارلىق قىلىش باشقارمىسى 1957 – يىلى باستۇرغان.
△ «دىۋانى ناقىس» ي. ئىمىن، ت. تۇراخۇنلار تەييارلىغان «بۇلاق» ژۇرنىلى 1988 – يىللىق 1 -، 2 – سانلار.
△ «دىۋانى ناقىس» (م. مىرزىئەخمەت تەييارلىغان) شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1995 – يىلى نەشرى.
△ ئا. م. ئىمىن «ئۇيغۇر خەلق كىلاسسىك مۇزىكىسى ‹12 مۇقام› ھەققىدە» مىللەتلەر نەشرىياتى 1980 – يىلى نەشرى.
△ جۇۋ چىڭباۋ «جۇڭگو ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ بارلىققا كېلىش، تەرەققىي قىلىش تارىخى ھەققىدە قىسقىچە بايان»، «ئۇيغۇر 12 مۇقامى ھەققىدە» ناملىق كىتابقا كىرگۈزۈلۈپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن، 1992 – يىلى ئۇيغۇر، خەنزۇ تىللىرىدا نەشر قىلىنغان.
△ ئا. م. ئىمىن «ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1997 – يىلى نەشرى.
① △  ئابلىز مەسۈم «ئەدىب ناقىسنىڭ تەسەبى توغرىسىدا قىسقىچە بايان»؛
② ئابدۇسەمەت ئىسمائىل «12 مۇقام تېكىستىنى ئاخىرقى قېتىم رەتلەپ يۈرۈشتۈرگەن ئەدىب ۋە سەنئەتكار»؛
③ ئەدىب ناقىس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 155 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى يېڭىسار ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى.

مەنبە: شىنجاڭ تارىخ مەدەنىيىتى ژۇرنىلىنىڭ 2004-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان.
  

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش