مەمەت ئۆمەر مەتتۇرسۇن خەتەر
بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزدا
ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ بىر تۈرى. پولۇ، سامسا، سۇيۇقئاشقا ئوخشاش ئىستىمال بۇيۇمى. ئەدەبىي تەنقىد شۇ بۇيۇمنى ئىستىمال قىلغۇچى ۋە ئۇنىڭ تۈز-تەمىنى بىكىتكۇچى. ئەدەبىي تەنقىد ئەدەبىياتنىڭ بىر قىسمى ئەمەس، ئۇلار بىرلىككە كەلگەن ئۈمۈمىي گەۋدىمۇ ئەمەس، ئۇ بىر مۇستەقىل پەن.
بىزدە يازغۇچىلار جەمىئىيتى بار، لېكىن ئەدەبىي تەنقىدچىلەر جەمىئىيىتى يوق.
چەتئەللىك يازغۇچىلار ئۆز ئەسەرلىرىدە پىرسوناژلارنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدۇ. پىرسوناژلارنىڭ ئەدەبىي ئەسەر مۇھىتىدا ئۆزى خالىغانچە ھەرىكەت قىلىشىغا، پىرسوناژلارنىڭ خارەكتىر مەنتىقىسىغا ھۆرمەت قىلىنىدۇ. بىراق، بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزدا يازغۇچىلار ھە،دېسىلا چاپاننىڭ ئالدى پېشى بۇلۇۋېلىپ، پىرسوناژلارنىڭ ئالدىغا چىقىۋالىدۇ. يازغۇچىلار خۇددى خۇدادەك پىرسوناژلىرىنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى، ئەتىسى ۋە كەلگۈسى توغرىسىدا ئالدىن بىشارەت بېرىدۇ. ئۆزى ياراتقان ئوبرازنى ئۆزى دەپسەندە قىلىپ، ئەسەرنىڭ چىنلىق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.
چەتئەللىك يازغۇچىلارنىڭ قەلىمى ئاستىدا يارىتىلغان ئوبرازلار ھەم گۈزەللىككە ھەم خۇنۇكلىققا تولغان ھەقىقىي مەنىدىكى ئادملەر ئوبرازىدۇر. بىراق، بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزدا يارىتىلغان ئوبرازلار ئېۋەن-نۇقسانسىز بىر تەرەپلىمە ھالدىكى ئادەمگە ئوخشايدىغان ئادىمىي پەرىشتىلەردۇر..
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mamat omar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-25 11:06