«‹تارىم غۇنچىلىرى› بالىلار ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»غا ئەسەر تەۋسىيە قىلىش ھەققىدە بىلدۈرگۈ
# t0 `7 j5 S: t
ھەرقايسى نەشرياتلار، گېزىت- ژۇرنال تەھرىر بۆلۈملىرى، ئەدىب-قەلەمكەشلەر ۋە كەڭ ئوقۇرمەن- تورداشلار:
# V3 X0 ^' f- u4 d* }5 o4 E$ o9 W
% w! v7 C9 |9 F% F: D4 B8 aجۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتىتىنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلىشى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەمكارلىشىشى ئاستىدا «تارىم غۇنچلىرى»نى ئاساس قىلىپ ئېلىپ بېرىلىدىغان «‹تارىم غۇنچىلىرى› بالىلار ئەدەبىياتى مۇكاپاتى» 2014- يىلى 6- ئايدا ئېلىپ بېرىلىماقچى. مۇكاپاتلاشتا ھەرقايسى گېزىت – ژۇرناللاردا، نەشرىياتلاردا ئېلان قىلىنغان ھەرخىل ژانىرلاردىكى بالىلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەدەبىي ئەسەرلەر، ئوبزورلار ۋە نەشرىياتلارنىڭ بالىلار ئوقۇشلۇقلىرى ئاساس قىلىنىدۇ. يەنى، ژانىر چەكلىسىمى قويۇلمايدۇ. ئالاقىدار ئىشلارنى تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرىمىز:
1. مۇكاپاتقا تەۋسىيە قىلىنىدىغان ئەسەرلەرگە قويۇلىدىغان تەلەپ مۇنداق: 1) ﻳﯧﯖﻰ ﭘﯩﻜﯩﺮ، ﻳﯧﯖﻰ ئىدﯨﻴﻪ ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎن، ﺑﺎلىلارﻏﺎ ﺋﯜﻣﯩﺪۋارﻟﯩﻖ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن بولۇش؛ 2) تىل ۋە بەدىئىيلىك جەھەتتە ۋايىغا يەتكەن بولۇش؛ 3) بەلگىلىك پەلسەپىۋىيلىككە ئىگە بولۇش؛ 4) ئۆسمۈر ئاپتورلار ئەسەرلەرنى چوقۇم ئۆزى يازغان بولۇش(ۋاقتى كەلگەندە بۇ مۇۋاپىق يول بىلەن تەكشۈرۈلىدۇ).
2. تەۋسىيە قىلىنىدىغان ئەسەرلەر 2012- يىلى 6- ئايدىن تارتىپ، 2014- يىلى 6- ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ئېلان قىلىنغان بولۇشى كېرەك.(ئىچكى نومۇر بىلەن بېسىلىۋاتقان ژۇرناللاردىكى ئەسەرلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئەسەرلەرنىڭ سانىغا چەك قويۇلمايدۇ.
3. ئەدىپ – يازغۇچىلار، ئوقۇرمەنلەرنىڭمۇ ئۆزلىرى ئەڭ ياخشى دەپ قارىغان ئەسەرلەرنى تەۋسىيە قىلىشىنى قارشى ئالىمىز.
4. ئەسەر تەۋسىيە قىلىش مۇددىتى 2014- يىلى 4- ئاينىڭ 1- كۈنىگە قەدەر بولىدۇ.
8 F1 P5 y) o6 z5 t% r" K
ئەسەر تەۋسىيە قىلىش ئادرىسى: tewsiye@126.com
بۇ ئادرىسقا ئەسەرلەرنىڭ تېمىسى، ئاپتورى، ئاپتورنىڭ تېلېفون نومۇرى، ئېلان قىلىنغان مەتبۇئاتنىڭ نامى قاتارلىقلار تەۋسىيە قىلىنسا بولىدۇ.
: p. `! u d U! lئالاقىلاشقۇچى: روزىمۇھەممەت مۇتەللىپ
تېلېفون: 0991- 2817081
$ ?+ r1 G1 e s) l( A
كەڭ ئوقۇرمەن – تورداشلارنىڭ ئاكتىپ پىكىر قاتناشتۇرۇشىنى ۋە ئەسەر تەۋسىيە قىلىشىنى قارشى ئالىمىز.
2 j3 h6 N/ `* Kھۆرمەت بىلەن: «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرناللار نەشرىياتى
«تارىم غۇنچىلىرى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى
6 h( ?, L' u! q. `2 B: m5 z/ F
2013- يىل 25- دېكابىر