يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 668|ئىنكاس: 10

لوپنۇر خەلق قوشاقلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-12-25 10:26:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
لوپنۇر خەلق قوشاقلىرى

ئۇجۇلۇقۇ ئۇيۇغۇ

دوستۇم مەن بىر چۈش كۆردۈم ،
شۇ قورام پايلاپ تۈزدۈم .
ئۇنۇتۇۋالدىڭ جاننى ،
ئارماڭلار بىرنى سۆيدۈم .
سۆيدۈم بىرنى ئىلغاراتىپ ،
تۇتتۇم كىمنى باتەنىڭ ،
سۇدەك ئېرىپ ئاتىڭغا ،
تۇتسام سىززى ئىتەۋىلەن ،
ئۆتكەن ئۇقار (1) شۇمۇچە ،
ئىدىۋىلى ئۇجۇلۇقۇ ئۇيۇغۇ ،
ياخشى كۆڭلۈممى بىلدى .

ئۇجۇلققۇ ئۇيۇغۇ ،
خۇدايىممى بۇيۇغۇ ،
يەلپۈنگەن قايا ساچىڭ ،
ئايغى ئاتتى قۇيۇغۇ .
قۇيۇلۇشادۇ ساچىڭ ،
قوينۇڭدا چۆلمەك(2) ياشىڭ ،
ئاغىز سالامى بىلەن ،
بىزگە بارىپتۇ خاتىڭ .
ئۆلتۈرتەر ئۇزامىغان ،
بەگلەرنىڭ ئاغاچاسى
بىزگە ئاسسىقاتامدۇ ،
بىۋاپانىڭ قوراسى .
ئاشىقى يۈزگە يېتىپ ،
ئوڭايتىشىپ ئاشى .
تار بويۇڭڭۇ خىلىغا ،
يىپ تاناسى ياراشىپ ،
ئالسا ياغىدىن تالاشىپ ،
مەن سېنى كۆردۈم تانىپ ،
كۆرمەدىم كۆزۈم غارىپ .


داۋامى بار ....

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-12-25 11:48:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لوپنور شىۋىسى بىلەن قومۇل شىۋىسىدىكى نۇرغۇن ئورتاقلىقلارنى كۆرگۈنۈمدە چەكسىز سۆيۈنۈپ كېتىمەن، بىراق، لوپنور شىۋىسىنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە ئويلانغىنىمدا قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا تەسۋىرلىگۈسىز ئازاپ غەليانلىرى چوقان كۆتۈرۈپ كېتىدۇ.
  مەسخىرىۋاز ئۇيغۇر جەمئىيتى قىسقىغىنە 20 يىل ئىچىدە نەچچە مىڭ يىللاردىن سۆزلىنىپ كېلىۋاتقان قەدىمى بىر ئۇيغۇر دېئالىكتىنى يوق قىلىۋەتتى. قەدىمى شىۋىلەر بىزنىڭ پۈتمەس-تۈگىمەس بايلىقىمىز. شىۋىمىزنى قەدىرلەيلى!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-25 12:18:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتتى توغرا ئېيتىسىز . يوقۇلۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان قەدىمىي شىۋە سۆزلۈكلىرىنى قەدىرلەش ، ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش بىز كېيىنكىلەرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى دەپ قارايمەن .

ۋاقتى: 2013-12-25 12:25:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەت توختى يوللىغان ۋاقتى  2013-12-25 12:18
ناھايىتتى توغرا ئېيتىسىز . يوقۇلۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان  ...

شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ھەرقانداق يەردە ساپ قومۇل شىۋىسىدە سۆزلەشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىۋاتىمەن. لوپنورلۇقلارمۇ شۇنداق قىلىشى كېرەك ئىدى....

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-25 12:33:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا مەن شۇنداق . بىراق 40 ياشنىڭ تۆۋىنىدىكىلەر بەك چۈشەنمەيدىكەن . بۇندىن كېيىن ‹‹لوپنۇر شىۋىسى سۆزلۈكلىرى ›› لۇغىتىنى پاتراق پۈتكۈزۈشكە تېخىمۇ تىرىشىشكە كەمەرنى چىڭ باغلايمەن .

ۋاقتى: 2013-12-25 12:37:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىرىشچانلىق بىزنى غەلبە داۋانلىرىدىن ئارتىلدۇرغۇسى!

ۋاقتى: 2014-4-19 10:11:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر تىلىمىزدىكى سۆزلەرنىڭ تەلەپپۈزدىكى ئۆزگىرىشى،ئىستىمالدىكى خورىشىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ.بۇنداق بولماسلىقى كېرەك ئىدى. تىل-يېزىق كومېتىتى ۋە تىلشۇناسلىرىمىز چارە-تەدبىر ئېلىشى كېرەك ئىدى.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-5 18:49:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر تىلىمىزدىكى سۆزلەرنىڭ تەلەپپۈزدىكى ئۆزگىرىشى،ئىستىمالدىكى خورىشىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ.بۇنداق بولماسلىقى كېرەك ئىدى......


-بەلكىم دىئالىكىت ، شىۋە دېگەنلەرنى بىلمەيدىغان ئوخشايسىز ، بىناۋا ...

ۋاقتى: 2014-5-5 19:51:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىز مۇھەممەتجان ،  لوپنۇرنىڭ  ناخشا _ قوشاقلىرىغا بەك قىزىقىمەن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئايشەم1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-5 19:52  


ۋاقتى: 2014-5-5 20:42:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىغا تەشنامەن. ئۇلاپ- ئۇلاپ يوللاپ تۇرغايسىز.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-7 11:13:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر سەل ئالدىراش بولۇپ قالدىم . نەچچە كۈندىن كېيىن داۋاملىق يوللايمەن .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش