يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 511|ئىنكاس: 7

پۇل(بالىلار دراممىسى)...بۇژغۇن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-12-25 02:49:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

پۇل

(بىر پەردە ئىككى كۆرۈنۈشلۈك بالىلار دراممىسى)


بۇ مەمتىلى زۇنۇننىڭ«قەدىرلىك ئىنسان» ناملىق بىر پەردىلىك مۇزىكىلىق
بالىلار ئوپىراسىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن درامما.
ئۆزگەرتىپ ئىشلىگۈچىلەر:ھەلىمە ئابدۇللا(شىنجاڭ ئوپىرا ئۆمىكىدىن)
تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن(ئۈرۈمچى شەھەرلىك 37-ئوتتۇرا مەكتەپتىن)
رىجىسورى:تۇرسۇنجان زۇنۇن(شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى مۇزىكا پاكۇلتىتىدىن)


رول ئالغۇچىلار:


ئابدۇللا بوۋاي.........65ياشلاردا..........................
ئالىمجان...........13ياشلاردا....بوۋاينىڭ نەۋرىسى...ئوقۇغۇچى
مۇئەللىم........37ياشلاردا..............................
ئوغۇل-قىز ئوقۇغۇچىلار.......14ياشلاردا...ئالىمجاننىڭ ساۋاقداشلىرى

1.كۆرۈنۈش


ۋاقتى     : 6-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى چۈشتىن كىيىن
ئورنى     :ئابدۇللا بوۋاينىڭ ئۆيى،(ئۆينىڭ يىرىمىغا مىللىيچە گىلەم ئىسىلغان،
          يەرگىمۇ گىلەم سېلىنغان،ئۈستىدە بىر تاماق ئۈستىلى،ئۈستەل ئۈستىدە
         داستىرخان،نان،قەنت-كىزەكلەر؛پەتنۇس ئۈستىدە بىر چەينەك چاي
          قويۇلغان،بوۋاي ئۈستەل يىنىدا بىر نېمىلەر قىلىۋاتقاندا پەردە ئىچىلىدۇ.)
ئابدۇللا بوۋاي: (بىر پىيالە چاي قۇيۇپ،بىر ئوتلام ئوتلاپ قويۇپ،قولىدا ساناۋاتقان
            پۇلنى ساناشقا باشلايدۇ،ھەش-پەش دېگۈچە يىنىدا ئاللىقاچان ساناپ،
           قاتلاپ،پىچەتلەپ قويغان ئون يۇئەنلىك....پىچەت پۇلنىڭ ئۈستىگە
           قولىدىكى{8-10.....}...دەپ بولۇپ قاتلاپ قويىدۇ...)-مانا،
          ھەرەمگە ھەجىگە بارىدىغان پۇل ئەمدى توشتى،خۇدا بۇيرىسا-قۇربان
          ھېيت نامىزىنى ھەرەمدە ئۆتكۈزۈپ،مەككە-مەدىنەمنى بىر تاۋاپ قىلىپ،
          ساۋاپ ئېلىپ كىلىۋالسام،ئۆلسەممۇ ئارمىنىم يوقتە...!(بوۋاي ساقىلىنى
          بىر سىيلىۋىتىپ...)-شۈكرى خۇدا..!(پۇللارنى يىغىشتۇرۇشقا باشلايدۇ.
         دەل شۇ پەيتتە سىرتتىن؛-بوۋا...بوۋا...دەپ ئىشىكنى ئۇرغان ئاۋاز ئاڭ-
         لىنىدۇ.بوۋاي دەرھال پۇللارنى بىر كېچىك ساندۇققا سېلىپ،تىزلىك بىلەن
          كارۋات ئۈستىدىن چۈشۈپ،كالىچىنى سۆرەپ بېرىپ،ئىشىكنى ئاچىدۇ.
          13ياشلار چامىسىدىكى نەۋرىسى ئالىمجان كىرىپلا،كىيىملىرىنى بىر-بىر-
          دىن يىشىپ تاشلايدۇ-دە،ئاياغلىرىنى سىلىپ،كارۋاتقا چىقىپلا،پۇتىنى
          بىر كۆرپىگە ئورايدۇ...)
ئالىمجان  : -بوۋا،چاققانراق بولە،ماڭا ئىسسىققىنە بىر پىيالە چاي بىرە...!
           مۇزلاپ،توڭلاپ قالغىلى تاسلا قالدىم...!
بوۋاي     :-بالام،نېمە بولدى ساڭا...؟
ئالىمجان   :سەنزە كەچكىچە پۇلۇڭنى ساناپ ئولتۇرۇشنىلا بىلىپ،تالاغىمۇ قاراپ
           باقماپسەن-ھە...؟ قارا،يامغۇر ئارىلاش مۆلدۈر يىغىۋاتىدۇ...يامغۇر
           دېگەن قۇيۇۋەتتىغۇ...!؟
بوۋاي      : -ۋاي جىنىم بالام،راستىنلا تالاغا قاراپ باقماپتىمەن...!(بوۋاي دەر-
           ھال چېنىگە چاي قۇيۇپ،ناۋات سىلىپ،ناننىئالدىغا قويۇپ...)-ئىچە
          بالام...!ئىچە...!قانداقمۇ كەلگەنسەن...!؟مۇئەللىم يامغۇر يېغىۋات-
          قاندىكىن بالدۇرراق قويۇۋەتسە بولمامدۇ...؟
ئالىمجان   : نېمە دەيدىغانسەن بوۋا...!؟مۇئەللىم دەرس سۆزلەۋاتقانىدى،يامغۇر
           شاقىراپ يىغىپ،سىنىپنىڭ ئۆگزىسىدىن ھەر يوغان لاي-لاتقىلار چۈشۈپ،
          پارتىلارنى ساپلا  لاي قىلىۋەتتى،مۇئەللىم بىچارىنىڭ دەرس سۆزلەۋاتقان
           يىرىدىن يامغۇر دېگەن سۇدەك قۇيۇلۇپ،لايلارمۇ چۈشۈپ كەتتى.بىچارە
            مۇئەللىم-بالىلارنى سىنىپتىن تىز چىقىڭلار...!دەپ ئۆزىنىڭ ياتىقىغا
            چېقىرىۋەتتى.ئۆزى چوڭراق بالىلارنى يىغىپ،مەكتەپ ئاشخانىسىنىڭ
            ئالدىدىن كۈللەرنى داسلارغا ئېلىپ،ئۆگزىلەرگە تۆكىۋاتىدۇ.بىزمۇ
            قىلايلى مۇئەللىم دېسەك،-ياق،سىلەر كىچىك،دەرھال ئۆيۈڭلارغا
            قايتىڭلار،ئاتا-ئانىلىرىڭلار ئەنسىرەپ قالىدۇ...!دەپ ئۇنىمىدى..!
            مۇئەللىمنىڭ كىيىمى چۆپ-چۆپ،سۇ،لاي.ئۆزى تىترەپ كىتىۋاتىدۇ.
           شۇنداق بولسىمۇ،ئىشلەۋاتىدۇ...!ھەي،بىزنىڭ مۇئەللىم قالتىس جۇمۇ
           بوۋا...!( بوۋاي نەۋرىسىنىڭ گىپىنى ئەستايىدىل ئاڭلايدۇ ۋە دەرھال
           ھېلىقى ساندۇقنى كۆتۈرۈپ چېقىپ...)
بوۋاي      : -بالام،مۇئەللىمىڭ ھازىرمۇ بارمىدۇ...؟!
ئالىمجان    : -بولمايچۇ...!تازا ئىشلەۋاتىدۇ دېگىنە...!(بوۋاي نەۋرىسىنىڭ
            قۇرۇق كىيىملىرىنى كىيدۈرۈپ،ساندۇقىنى قولتۇقلاپ...)
بوۋاي       : جۆر بالام،تىز بارايلى...!(ئىشىك تۈۋىگە چېقىدۇ،چىراق بىر
            پىلىلداپ پەردە يېپىلىدۇ...)


2.كۆرۈنۈش


ۋاقتى       : ئالدىنقى كۆرۈنۈشتىن 2سائەت كىيىن
ئورنى       :مەلۇم مەكتەپ(بىر تەرىپى سىنىپ بىناسى،ئۇنىڭغا يانداش ئىشخانا
            بىناسى،مۇئەللىمنىڭ ئۈستى-بېشى لايغا مىلەنگەن،ھە-دەپ داس
            بىلەن كۈل توشۇۋاتقان10دەك ئوقۇغۇچى،سىرتتىن بوۋاي قولىدا ساندۇق
            ۋە يامغۇرلۇق،نەۋرىسىنى ئەگەشتۈرۈپ كىلىپ كېلىدۇ.نەۋرىسى
            مۇئەللىمنى كۆرۈپ ،يۈگۈرۈپ مۇئەللىمنىڭ يېنىغا كېلىدۇ...)
ئالىمجان    : مۇئەللىم...مۇئەللىم...!بوۋام سىزنى ئىزدەپ كەلگەنىدى...!
مۇئەللىم     :نېمە ئىشى بارئىكەن؟(داۋاملىق ئىچكىرىگە ماڭىدۇ...)
ئالىمجان     : مۇئەللىم،بوۋامنىڭ سىزگە مۇھىم گىپى بارئىكەن...!
بوۋاي        :ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم...!؟
مۇئەللىم      : (دەرھال كەينىگە بۇرۇلۇپ،قولىدىكى داسنى يەرگە قويۇپ،
              قوللىرىنى كىيىمىگە سۈرۈتۈۋىتىپ...)-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام بوۋا.
              يامغۇر يىغىۋاتسا،بۇ يەرگە كىلىپ قاپتىلىغۇ؟مۇھىم ئىش بارمىدى؟
بوۋاي        :بالام،مەن بۈگۈن- نەچچە ۋاقىتتىن بىرى بۇ مەكتىۋىڭلارغا بىر
             كىلىپ باقمىغانلىقىم ئۈچۈن خىجىل بولۇۋاتىمەن،سىلەردە شۈنچىلىك
             قىيىنچىلىق تۇرسا،مەن قولۇمدا شۈنچە پۇلنى ساۋاپ ئىزدەپ يۈرۈپ،
             سىرتلاردا يوقۇتۇپ قويغاندىن كۆرە،مۇشۇ نەۋرىلىرىم ئۈچۈن بولسىمۇ،
            خاتىرجەم بىلىم ئىلىشىغا تەقدىم قىلغىنىم ھەممىدىن ئەۋزەلدەك تۇرىدۇ.
            مانا بۇ 10مىڭ يۇەن پۇلنى سىلەرنىڭ قىيىنچىلىقىڭلار ئۈچۈن ئىئانە
             قىلىمەن...!(بوۋاي سۆزلەۋاتقاندا،بالىلار داسلىرىنى قويۇشۇپ،بىردىن
             -بىردىن يىغىلىپ،بوۋاينىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ،ئوغۇل-قىزلار بىردەك:
ئوغۇل ۋە قىز بىرلىكتە:-رەھمەت بوۋا...!(مۇزىكا شوخ ھەم تىتىك ئەۋجىگە كۆتۈ-
              رۈلىدۇ...ئوغۇل-قىزلار بوۋاينىڭ بۇ ئىشىدىن چۇڭقۇر مىننەتدار
              بولىدۇ.بوۋاي ساندۇقىنى مۇئەللىمگە سۇنىدۇ.بوۋاي بىلەن مۇئەللىم
             ئوتتۇرىسىدا ساندۇقنى ئىگىز كۆتۈرۈپ تۇرىشىدۇ.ئوغۇل-قىزلار ئۇلارنى
             ئوراپ ناخشا ئېيتىدۇ...)
(ناخشا)

ئەۋلادىنى سۆيگەنلەر،
كۆيۈنگەنلەر-كۆيگەنلەر.
جاندىن ئەزىز بىلگەنلەر،
ئەڭ قەدىرلىك ئىنساندۇر.

مۇئەللىم        :
رەھمەت بوۋا ھىممەتلىرىگە،
چەكسىز مېھرى-شەپقەتلىرىگە.
قايتۇرىمىز ئەمەلىي جاۋاپ،
ئۇشبۇ مەدەت-رىغبەتلىرىگە.
بوۋاي          :
ئەۋلات سۆيۈش شەرەپتۇر،
گۈزەل ئەخلاق،ئەدەپتۇر.
ئەۋلادلارغا كۆيۈنمەك،
ئەجدات كۈتكەن تەلەپتۇر.
كۆللىكتىپ:
نەسلىم، بەختىم-باھارىم،
مىراسخور ئىز باسارىم.
غۇرۇرۇم،ئىپتىخارىم،
ئەڭ قەدىرلىك ئىنساندۇر.

نائىناقلىق خاراپلىق،
بىلىمسىزلىك ئازاپلىق.
ئەۋلاد سۆيۈش ساۋاپلىق،
دېگەنلەر چىن ئىنساندۇر.

بىزنى ئەزىز بىلگەنلەر،
كۆيۈنگەنلەر-كۆيگەنلەر.
سۆيۈنگەنلەر سۆيگەنلەر،
ئەڭ قەدىرلىك ئىنساندۇر.





مەكتىۋىمىز ئوقۇغۇچىلىرى ئورۇنلىغان بۇ درامما 1989-يىلى 12-ئايدائۆتكۈزۈلگەن
ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ درامما-ئىتوت مۇسابىقىسىدە ئاپتونۇم
رايۇن دەرىجىلىك ئورۇنلاش مۇكاپاتىغا،ھەم 2-دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا
ئىرىشكەن....!

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ئېلى ياسىن بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2013-12-25 13:12:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-27 15:49:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت...!

ۋاقتى: 2014-1-11 19:05:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بالىلار ئۈچۈن يېڭىلىق ئىكەن، داۋاملىق كۈچىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-7 11:20:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەكلىپ بىرىپ،ئىلھاملاندۇرغانلىقلىرىغا ئالاھىدە تەشەككۈر....!

ۋاقتى: 2015-1-7 12:21:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇژغۇن ئەپەندىنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر، بۇ تۈردىكى ئەسەرلەر ئازلاپ كەتتى، بالىلار ئەمەلىي نەپكە ئېرىشەلمەيلا قالماستىن، كۈسايىن ئۆز خاراكتېرىنى يوقۇتۇپ قويۇۋاتىدۇ...ئۆزىمىزنىڭ سەھنىمىزدە ئوينىلىدىغان بۇ درامىدىن سۆيۈندۈم!

ۋاقتى: 2015-1-7 15:29:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
89.يىلدىكى ئىجادىيەتكەندە؟ ياخشى يىزىلپتىكەن مۇشۇنداق نادىر ئەسەرلەرنى كۆپلەپ ئىجاد قىلشىڭىزغا تىلەكداشمەن

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-25 14:36:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارلىق قەلەمكەش ئۇستازلارغا ۋە دوستلارغا رەھمەت....!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش