يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 8203|ئىنكاس: 1

ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرىدىكى 62 خىل تەربىيە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-12-24 12:18:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرىدىكى 62 خىل تەربىيە

    1. ياشانغانلارنى، چوڭلارنى، يۇرت مۆتىۋەرلىرىنى، ئۇستازلارنى كۆرگەندە ئىككى كولنى مەيدىسىگە ئېلىپ <ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!> (تەڭتۇش، تونۇش-بىلىشلەر ئوڭ قولىنى كۆكسىگە ئېلىپ سالام دەيدۇ) دەپ ھۆرمەت بىلدۈرۈش لازىم. سالام بەرمەسلىك ئەدەپسىزلىك، ھاكاۋۇرلۇق قىلغانلىق دەپ يامان ئېلىنىدۇ.
2. چوڭلارنىڭ، ئاتا-ئانىلارنىڭ، كۈي ئوغلى(كېلىن)، قېيناتا، قېينانىنىڭ ئالدىدىن توغرا كېسىپ ئۆتۈشكە بولمايدۇ.
3. ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئالدىدىن توغرا كېسىپ ئۆتۈشكە بولمايدۇ. ئەرلەر تۇرغان يەردىن ئۆتۈشكە توغرا كەلسە، ئەرلەرنىڭ كەينىدىن ياكى ئۇلارنى يانداپ ئۆتۈشى لازىم.
4. چوڭلار كىچىكلەرنى <بالام، ئوغلۇم(قىزىم)>دەپ ئاتىشى لازىم، بولمىسا "ئالجىغان"، "قېرىغىنىنى تۇيمىغان"، دەپ ئەيىپلىنىدۇ. كىچىكلەر چوڭلارنى <دادا>، <بوۋا>، <موما>، <ئانا>، <ئاكا>، <ئاچا>(ھەدە) دەپ ئاتىشى لازىم. بولمىسا، "ئەدەپسىز"، "تەربىيە كۆرمىگەن" دەپ كارىلىدۇ.
5. كۆرۈشمىگەن ئۇرۇق-تۇققان، دوست-ئاغىينىلەر كۆرۈشكەندە، چوڭلار تەڭتۇشلار قۇچاقلىشىپ مەڭزىنى-مەڭزىگە يېقىپ كۆرۈشىدۇ، كىچىكلەر بولسا، بېشىنى باغرىغا بېسىپ پىشانىسىگە سۆيىدۇ. ئاياللار-چوڭلار، تەڭتۇشلار مۈرىلىرىنى تۇتۇشۇپ يۈزلىرىنى يۈزىگە يېقىپ كۆرۈشىدۇ. كىچىكلەرنى باش-كۆزىنى سىيلاپ كۆرۈشىدۇ. بولمىسا "كۆيۈمسىز"، "مېھرى يوق"، "باغرى قاتتىق"، "كۆڭلى بۆلۈنۈپ كەتكەن" دەپ ئەيىپلىنىدۇ.
6. سىرداش دوست-ئاغىينىلەردىن باشقىلار ئادەتتە بىر-نىرىنى <سىز>، <سىلى>... دەپ ئاتىشى لازىم. "سەن" دىيىلسە "كۆزگە ئىلمىغانلىق"، "پەس كۆرگەنلىك" دەپ يامان ئېلىنىدۇ.
7. ئىشىك ئالدى ياكى ئۆيگە يېقىن ئارىلىقتا تونۇش-بىلىشلەر ئۇچرىشىپ قالغان تەقدىردە، سالاملاشقاندىن كېيىن، <ئۆيگە باشلاي>، <خىزمەتتە بولاي>دىيىش لازىم. بولمىسا "قىزغانچۇق، ئادەمگەرچىلىكى يوق" دەپ ئەيىپلىنىدۇ.
8. مېھمان ياكى بىرەر ئىش بىلەن كەلگەن ئادەم ئۆيگە <ئەسسالام> دەپ كىرىپ ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن <ئاللاھۇ ئەكبەر> دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ (ياكى يېرىم تۇرۇپ) ئاندىن ئولتۇرۇش لازىم. بۇ بېرىش-كېلىشتە بىلىشكە تېگىشلىك ئاساسلىق قائىدە، بولمىسا "قائىدىسىز"، "ھاكاۋۇر" دەپ ئەيىپلىنىدۇ.
9. تاماقتىن بۇرۇن ۋە كېيىن، چوڭ-كىچىك تەرەتتىن كېيىن، قول يۇيۇش لازىم، بولمىسا "تەبىئىتى يوق، مەينەت" دەپ ئەيىپلىنىدۇ.
10. قول يۇغاندا، بولۇپمۇ ساھىپخان مېھمان قولىغا سۇ ئالغاندا، قولىنى سىلكىمەي لۆڭگە ياكى قول ياغلىققا ئېرتىشى لازىم.
11. مېھمانغا چاي، تاماق قويۇلۇپ ساھىپخان <قېنى باقايلى> دەپ تەكلىپ قىلمىغىچە ئالدىراپ چايغا ياكى تاماققا قول ئۇزىتىشقا بولمايدۇ.
12. مېھمانغا چاي، تاماق سۇنغاندا، قوش قول بىلەن سۇنۇش لازىم. بولمىسا "كۆزگە ئىلمىغانلىق" دەپ قارىلىدۇ.
13. ئادەتتە مېھمان ئالدىغا قويۇلغان تاماقنى ئاشۇرۇپ قويماسلىقى، تاماق ئاغزىغا تېتىمىغان تەقدىردىمۇ، "ۋاي مەززىلىك بوپتۇ، ئوخشاپتۇ" دەپ مەمنۇنىيەتلىك بىلدۈرۈش لازىم. بولمىسا، ئۆي ئىگىسىنى ياراتمىغانلىق بولىدۇ.
14. مېھمان پۇتىنى ئارۋاڭ-سارۋاڭ سۇنۇپ ئولتۇرماسلىق، بولۇپمۇ داستىخانغا قارىتىپ پۇتىنى سۇنۇپ ئولتۇرماسلىقى لازىم. ئۇنداق قىلىش ساھىپخانغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىق بولىدۇ. چوڭلار ئالدىدا پۇتىنى ئارۋاڭ-سارۋاڭ قىلىپ، مىڭگۈشتۈرۈپ ئولتۇرۇشمۇ ئەدەپسىزلىك ھېسابلىنىدۇ.
15. مېھمان ساھىپخاننىڭ ئۆيىدىكى نەرسىلەرنى قالايمىقان تۇتماسلىقى، ئۇ ئۆيدىن بۇ ئۆيگە مېڭىپ يۈرمەسلىكى، بولۇپمۇ قىز-ئاياللار يېنىغا، قازان بېشىغا بېرىۋالماسلىقى لازىم. بۇ يات قىلىق دەپ يامان ئېلىنىدۇ.
16. مېھمان داستىخان يىغىلماستىن بۇرۇن، ئالدىراپ تۇرۇپ كەتمەسلىكى لازىم، تالاغا چىقىش زۆرۈرىيىتى بولغاندا، داستىخاننى دەسسەپ ياكى ئاتلاپ ئۆتۈشكە، مېھمانلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق قىلىش ساھىپخاننى، مېھمانلارنى كۆزگە ئىلماسلىق بولىدۇ.
17. مېھماندارچىلىق سورۇندا، تاماق ئۈستىدە بۇرۇن تارتىش، بۇرۇن-قۇلاق كولاش، مىشقىرىش، تۈكۈرۈش، تىرناق ئېلىش، جۈملىدىن ئاممىۋى سورۇنلاردا شۇنداق قىلىش تەبىئەتسىزلىك ۋە ئەڭ ئەدەپسىزلىك ھېسابلىنىدۇ.
18. مېھمانلار، جۈملىدىن باشقىلار پاراڭلاشقاندا ئىشىك مارىماسلىق، چوڭلار گەپ قىلغاندا لوقما سېلىپ ئېغىز غېرىچلىماسلىق لازىم. ئۇنداق قىلىش ئەڭ يامان قىلىق، ئاقساقاللىق، ئاتىكاچىلىق ھېسابلىنىدۇ.
19. مېھماندارچىلىق ئۈستىدە ۋە ئادەتتە غەيۋەت-شىكايەت قىلىش يامان ئېلىنىدۇ، چۈنكى كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى بەزى ئاداۋەتلەر ئاشۇنداق غەيۋەت-شىكاۋەتتىن كېلىپ چىقىدۇ.
20. مېھماندارچىلىقتا بالا ئەگەشتۈرۈپ بېرىش يامان ئېلىنىدۇ. چۈنكى بالىلارنىڭ جوداسىدا مېھماندارچىلىقمۇ كۆڭۈللۈك بولمايدۇ. بالا ئاپارغۇچىمۇ ئارام خۇدا يەپ-ئىچىپ ئولتۇرالمايدۇ. "تويغا بارساڭ تويۇپ بار، بەش بالاڭنى قويۇپ بار" دېگەن ماقال شۇنداق ئادەتكەقارىتا مەيدانغا چىققان.
21. مېھمان داستىخان يىغىلغاندىن كېيىن <ئاللاھۇ ئەكبەر> دەپ دۇئا قىلىپ، <رەھمەت> دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ ياكى يېرىم تۇرۇپ ساھىبخانغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش لازىم.
22. مېھمانغا ئېيتقان يەردىن قالماسلىق لازىم، چاقىرىلمىغان يەرگە بارماسلىق لازىم. چۈنكى سىزنى مېھمانغا چىللىغانلىق سىزنى ھۆرمەتلىگەنلىك، بارمىغانلىق قارشى تەرەپنى كۆزگە ئىلمىغانلىق. ئېيتمىغانلىق يەرگە بېرىش قېلىنلىق ۋە تەمەخورلۇق قىلغانلىق بولىدۇ. "ئېيتقان يەردىن قالما، ئېيتمىغان يەرگە بارما"دېگەن ئىدىيوم شۇ ئاساستا شەكىللەنگەن.
23. يالاڭباش ۋە ئۆرە تۇرۇپ تاماق يىيىش يامان ئېلىنىدۇ.
24. غىزا-تاماقنى چاچماي، پاكىزە يىيىش، ئاش ئەۋلادىنى بۇزۇپ-چېچىپ، ئىسراپ قىلماسلىق لازىم، بولمىسا "ئادەمنىڭ رىسقى قالىدۇ"، "ئادەمنىڭ رىسقى كالتە بولىدۇ" دەپ يامان ئېلىنىدۇ.
25. مېھمان، جۈملىدىن بىرەر ئىش بىلەن كەلگەن ئادەم ئۆي ئىگىسىنىڭ ئالدىدا كىچىك بالا ۋە باققان مال-جاندارىنى "ئەجەپمۇ چىرايلىق ئەت ئاپتۇ"، "ھەجەپمۇ چىرايلىق سەمىرىپتۇ"... دەپ تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ ماختىماسلىقى شەرت، ماختىسا "كۆز تېگىدۇ" دەپ يامان ئېلىنىدۇ. ئاشۇنداق ماختاش بولسا، قارشى تەرەپ ئىچىدە "ئاغزىڭغا تاش" دەپ قارغايدۇ.
26. بىرى بىر نەرسە يەۋاتقاندا، ئۇنىڭغا قاراپ مەسلەنمەسلىك لازىم، مەسلىنىپ قارىسا "ئېچى كىرىپ قالىدۇ" دەپ يامان ئېلىنىدۇ.
27. تاماق ئۈستىدە بىرى كىرىپ كەلسە، ئۇنىڭغا تاماق قويماسلىق "قىزغانچۇقلۇق"، "ئاچكۆزلۈك" دەپ يامان ئېلىنىدۇ.
28. مەيلى ئورۇق-تۇققان، دوست-ئاغىنە بولسۇن، تالادىن كىرگەندە، بولۇپمۇ سەپەر ئۈستىدىن كەلگەندە شۇ ئۆيدىكى كىچىك بالىنى ئالدىراپ قولىغا ئېلىنسا "يول ئىسسىقى ئۆتۈپ ئۇچۇنۇپ قالىدۇ" دەپ يامان ئېلىنىدۇ.
29. يۈگۈرۈپ، ھەسىرەپ-ھۆمۈدەپ ئالاقزادىلىكتە، ئۆيگە كىرمەسلىك لازىم. چۈنكى ئۆي ئىگىسى بىرەر كۈتۈلمىگەن ئەھۋال تۇغۇلغانمىدۇ؟ دەپ غەم-غۇسسىگە قالىدۇ.
30. ئۆيدە ئەىلەت قالدۇرماسلىق لازىم. ئەخلەت قونۇپ قالسا "بەرىكەت قاچىدۇ" دەپ يامان ئېلىنىدۇ.
31. ئىشىك ئالدىدا كىر سۈيى ۋە يۇندا تۆكمەسلىك لازىم. كىر سۈيى تۆكسە ئادەمنى مەينەت باسىدۇ، ئادەمنى سوغۇق تەلەت قىلىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.
32. يۈز-كۆزنى سۇنى ئېقىتىپ تۇرۇپ يۇيۇش لازىم. بولمىسا يۇندىدا يۈز يۇغانغا باراۋەر دەپ قارىلىدۇ.
33. ئوچاق بېشى، قۇدۇق بېشىغا كىر ۋە قول چايقايدىغان داس قاتارلىق نەرسىلەرنى قويۇشقا، قۇدۇققا، سۇ ئىدىشقا، چېلەك، ساپلىق-نوگايدىن باشقا نەرسىلەرنى سېلىشقا بولمايدۇ.
34. ئىشىك ئالدىغا، جۈملىدىن ئۆيگە ۋە ئۇدۇل كەلگەن يەرگە چوڭ-كىچىك تەرەت قىلسا تەبىئەتسىزلىك، ھاياسىزلىق دەپ يامان ئېلىنىدۇ.
35. كۈن، ئايغا قاراپ چوڭ-كىچىك تەرەت قىلىش، سۇغا سىيىش، ئاسمانغا قاراپ تۈكۈرۈش، ئەتتىگەندە يۈز يۇماي تۇرۇپ كۈنگە قاراش يامان ئېلىنىدۇ. "ئاسمانغا قاراپ تۈكۈرسەڭ يېنىپ چۈشەر ئۆزۈڭگە" دېگەن ماقال شۇ ئادەتتىن كېلىپ چىققان.
36. زىرائەت ۋە يۇمران چۆپلەرنى دەسسەپ يۇلۇنسا، ئۇستىگە سىيسە ئۇلار "يورۇقلۇقتىن مەھرۇم بولىدۇ" دەپ قارىلىدۇ.
37. تۇزغا، ئوتقا تۈكۈرۈش يامان ئېلىنىدۇ.
38. نان پارچىلىرىنى، تۇزنى دەسسەشكە، نان سالغان ساندۇق ۋە تۇز خالتىسىنىڭ ئۇستىدە ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ، بۇنداق قىلىش نانغا، تۇزغا ھۆرمەت قىلمىغانلىق دەپ يامان ئېلىنىدۇ. چۈنكى نان، تۇزنى ئەجداتلىرىمىز جاندەك ئۇلۇغلاپ كەلگەن، يېڭى توي قىلغان ئىككى ياشقا، تۇزغا چىلانغان نان يىگۈزۈش ئادىتى، ۋاپاغا جاپا قىلغۇچىنى يۇرت-جامائەتتىن يۇز ئۆرىگەن كىشىنى "تۈزۈم ئۇرسۇن"، "تۇز كور" دەپ قارغاش ئادىتى ئەنە شۇ ئەقىدە ئاساسىدا كېلىپ چىققان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەتتە شۆھرەت، ھارام دۇنيا، ھوزۇر-مەئىشەت قوغلۇشۇپ ۋەتەنگە، خەلققە، دوست-يارەنلىرىگە خائىنلىق قىلغانلار "تۇز كور" دەپ قارىلىدۇ.
39.ئۆيدىن خوشلۇشۇپ چىققاندىن كېيىن، ئارقىسىغا قارىماسلىق لازىم. ئارقىسىغا يانسا "سەپەر ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ" دەپ قارىلىدۇ.
40. قۇلۇم-قوشنا ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈش، ئۆز-ئارا ياردەم بېرىش، ئۆز-ئارا ئىشىنىش، ئىتتىپاق ئۆم بولۇش، باشقا مىللەتلەر بىلەن ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈش ئۆز-ئارا ياردەم بېرىش، ئۆز-ئارا ئىشىنىش، ئىتتىپاق ئۆم بولۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش كېرەك، دەپ قارىلىدۇ.
41. چارۋا-مالنى، بولۇپمۇ قوينى ئۇرماسلىق تەپمەسلىك لازىم. چۈنكى قوي ئامەت، بەختنىڭ سىمموۋولى دەپ قارىلىدۇ. ئەتتىگەندە قوي ئۇچرىسا "ئامەت كېلىدۇ" دىيىش ئاشۇ ئەقىدە ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن. شۇڭا قوينى ئۇرۇش، تېپىش يامان ئېلىنىدۇ.
42. ئاياللار كىر سۈيىنى ئاتلىماسلىق كېرەك.
43. يېڭى تۇغۇتلۇق ئۆيگە يات كىشى كىرىشكە بولمايدۇ، شۇڭا ئىشىك بېشىغا قىزىل لاتا ئېسىپ قويۇلىدۇ. ئادەتتە، تۇغۇت يوقلاپ كېلىدىغانلارمۇ، 12 ئىدىرىدىن كېيىن يوقلايدۇ.
44. كىشىگە قول شىلتىپ تۇرۇپ، گەپ قىلىش يامان ئېلىنىدۇ. چۈنكى، ئۇنداق قىلىش كىشىنى كۆزگە ئىلمىغانلىق، پەس كۆرگەنلىك بولىدۇ.
45. ئوينىشىپ بولسىمۇ كىشىگە تىغ تەڭلەشكە بولمايدۇ، چۈنكى تىغ شەرتلىك، شۇڭا يامان بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.
46. چوڭلارنىڭ، جۈملىدىن ئۇستازلارنىڭ ئالدىدا، تاماكا چەكمەسلىك، ئىسپىرتلىق ئىچىملىك ئىچمەسلىك لازىم. ئۇنداق قىلىش ھۆرمەتسىزلىك بولىدۇ.
47.كىشى ئوتتۇرسىدا گەپ توشۇش تولىمۇ يامان ئېلىنىدۇ،گەپ توشىغۇچى "سۇخەنچى،
تەخسىچى..."دەپ ئەيىپلىنىدۇ.
     48.ئەتىگەندە ۋە ياتاردا چۈش ئۆرۈشكە بولمايدۇ،بۇنداق چاغدا ئۆرۈلگەن چۈش ئوڭىغا تارتمايدۇ.دەپ قارىلىدۇ.
      49.ئەتتىگەندە يىغلاش ۋە قايغۇ،قورقۇنچ ئۇقۇمىدىكى سۆزلەرنى قىلىش يامان ئىلىنىدۇ.
چۈنكى،ئەتىگەندە يىغلاش،ئۇنداق سۆزلەرنى قىلىش پىشكەللىك ئېلىپ كېلىدۇ.دەپ قارىلىدۇ.
      50.پۇتنى قىبلىگە سۇنۇپ يېتىش يامان بولىدۇ،دەپ قارىلىدۇ.
      51.چاچ-ساقال،بۇرت،تىرناقنى ۋە ئەۋرەت،قولتۇق مويىنى زىيادە ئۆستۈرۋېتىش يامان بولىدۇ،دەپ قارىلىدۇ.
       52.ئەر-ئاياللارنىڭ غۇسلى قىلماسلىقىنى "پالاكەت باسىدۇ"-دەپ قارىلىدۇ.
       53.ئات،كالا،قوي،تۆگە،جەرەن-كىيىك قاتارلىق ھايۋانلار،غاز-ئۆردەك،توخۇ،كەكلىك
قاتارلىق ئۇچار-قاناتلاردىن باشقا چوشقا،ئىشەك...لەرنى ئۆز ئېچىگە ئالغان يىرتقۇچ ھايۋانلارنى
ھارام دەپ يېمەيدۇ.قوي-كالىلارنىڭمۇ رەسمىي بوغۇزلانغانلىرىنى يەيدۇ،قېنىنى ئېچمەيدۇ،ئۆزى
ئۆلۈپ قالغانلارنى ھارام دەپ يىمەيدۇ.
       54.ناماز ئوقۇغاندا ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىش،ئەرزان توۋلىغاندا پاراڭ سېلىش يامان بولىدۇ،
دەپ قارىلىدۇ.
       55.ناماز ئوقۇۋاتقاندا سەپنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشكە بولمايدۇ.
       56.زاراتلىققا قالايمىقان كىرىش مەنئىي قىلىنىدۇ.
       57.ناماز ئوقۇيدىغان ئۆيگە بولۇپمۇ قىبلە تامغا ئادەم سۈرىتى ئېسىشقا بولمايدۇ.
       58.ئىسلام دىنىدىن غەيرىي دىندىكىلەرنىڭ مەسچىتكە كىرىشى،مەسچىت ئەتراپى ۋە ئىچىدىغان سۇ بويىدا چوشقا بېقىشى يامان بولىدۇ.
       59.كىشىنى تىللاش،بولۇپمۇ بىراۋنىڭ ئايالىنى ئاتاپ تىللاش بەك ئېغىر ئېلىنىدۇ.
       60.كەيپخورلۇق،قىمارۋازلىق پۈتۈن قەۋمنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرايدۇ.
       61.قۇدۇق،ئېرىق،ئۆستەڭ،دەريا،كۆل بويلىرىغا ھاجەتخانا،ئېغىل-قوتان سېلىش مەنئىي قىلىنىدۇ.
       62.زىناخورلۇق قىلىش،كىشىگە قارا ساناش،كىشى (يىتىم) ھەققىنى يېيىش،ئوغرىلىق،
بۇلاڭچىلىق،ئادەم ئۆلتۈرۈش قاتارلىق ئىشلارغا پۈتۈن جەمئىيەت لەنەت-نەپرەت ياغدۇرىدۇ.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-3-7 21:03:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئېسىل تېمىنى نىمىشقا كۆرمىگەن بولغۇيتۇق.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش