يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 14272|ئىنكاس: 7

ئەركىم: مايتىرىسىمىت ھەققىدە يېڭى رىۋايەتلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-12-24 12:10:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
«مايترى سىمىت»ھەققىدە يېڭى رىۋايەتلەر

(قومۇل ئەدەبىياتى ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان)

مۇجىبۇل راخمان ئەركىم



   2013-يىلى1-ئاينىڭ4-كۈنى كەچتە، گېرمانىيە گۆتتىنگىن ئۇنىۋېرسىتىدا خىزمەت قىلىدىغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتچىسى ئابلەت سەمەت نەچچە مىڭ كىلومېتىر يولنى بېسىپ، قىتئە ئاتلاپ قومۇلغا قەدەم باستى. 2012-يىلى نېرناسىدىن تېپىلغان «مايتىرى سىمىت»ياپراقچىلىرى تېپىلغان يۇرتنى، ئالەمشۇمۇل مۆجىزىلەر ۋە سىرلار يوشۇرۇنغان ياپراقچىلارنى تاپقۇچىلارنى كۆرۈپ كېتىش ئىستىكىدە قومۇلغا كېلىشى ئىدى.
   1 -ئاينىڭ5-كۈنى سەھەردە مەن ئۇلار چۈشكۈن قىلغان قومۇل مۇقام سارىيىغا باردىم. «قومۇل ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ 6-سانىدىكى ئابلېز ئورخۇننىڭ «جاھان تۈركىلوگىيەسىگە سۇنۇلغان يېڭى سوۋغا» دېگەن ماقالىسىدىكى ئۇچۇردىن بىلىشىمچە، ئابلەت سەمەت تاكى قومۇلغا قەدەم باسمىغۇچە، نېرناسىغا يەتمىگۈچە ساقىلىنى چۈشۈرمەسلىككە ۋەدە قىلغان ئىدى. بىراق، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە تەسەۋۇرۇمدىكى يۈز-كۆزىنى ساقال باسقان ئابلەت سەمەتنى كۆرەلمىدىم. كېيىن بىلسەم، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ساقىلىنى ئېلۋېتىپتۇ.
   قومۇل شەھەرلىك غەيرى ماددىي مەدەنىيەت    يادىكارلىقلىرىنى قوغداش مەركىزىدىكى يۇنۇس ئىبراھىم  ئۇلارنى ئالدىنقى ئاخشىمى كۈتۈۋېلىپ، مۇشۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇرغان ئىكەن. ھەمدە ئۇلارنى ئۇدۇللا شارلار تېغى تەرەققىيات رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن 2013-يىللىق تۇنجى قېتىملىق كۆك مەشرىپىگە ئةپچىقىپتۇ. مەن نەق مەيداندا بولالمىغان بولساممۇ لېكىن ئابلەت سەمەتنىڭ قومۇلدىكى تۇنجى سەپىرىنىڭ نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان كۆك مەشرىپىنى كۆرۈپ قاتتىق ھاياجانلانغانلىقىنى، مەشرەپتىكى كۆرۈنۈشلەرنىڭ تېخىچە كۆز ئالدىدىن كەتمەيۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم.
   ئابلەت سەمەتنىڭ ۋاقتى قىس بولغاچقا، يۈنۈس ئىبراھىمنىڭ باشلىشى بىلەن كىتاب ياپراقچىلىرى تېپىلغان نېرناسىغا ئاتلاندۇق. سەپەر جەريانىدا ئابلەت سەمەت بىزنىڭ يەرلىك شىۋىمىزدە سېلىشقان پاراڭلىرىمىزدىن قەدىمكى ئۇيغۇرچە مەڭگۈ تاش، يېزىق، يازما ھۆججەت-ۋەسقىلەردە ئۇچىرايدىغان سۆزلەرنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ بەك ھاياجانلىنىپ كەتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، خەلقارادىكى ئۇيغۇرشوناس ئالىملارنىڭ نەزىرىدە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ بىۋاسىتە داۋامى ئەمەس، دەيدىغان خاتا ھۆكۈملەرمۇ باركەن. ئەمما، ئۇ قومۇلغا كېلىپ تۇنجى كۈنىلا شىۋىمىزدىن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ نۇرغۇن فونتىكىلىق، لىكسىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايقاپتۇ. بۇمۇ بىز زور بايقاش بولۇپ ھېساپلىنىدىكەن. ئۆمۈر مۇساپىسىنىڭ 43 مەنزىلىگە يەتكەن ئابلەت سەمەت قومۇلنىڭ ئۆز نەزىرىدىكىدىنمۇ سىرلىقلىقىنى ھېس قىلغانچە، قومۇل ھەققىدە ئەتىراپلىق تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى يازدا يەنە قومۇلغا كېلىش مەقسىدىنىڭ بارلىقىنى قايتا-قايتا ئەسكەرتىپ ماڭدى. بىز تەڭرىتاغلىرىغا ئەجدىھادەك سوزۇلۇپ كىرىپ كەتكەن ئاسفالىت يولدا كېتىۋېتىپ، ئابلەت سەمەتكە تېخىمۇ كۆپ قەدىمكى سۆزلىكلىرىمىزنى دەپ بېرىش ئىستىكىدە پالۋانلار ماكانى قورايغا كەلگەنلىكىمىزنىمۇ تۇيماپتىمىز. ئابلەت سەمەت ماشىنىدىن چۈشۈپ، ئۆزىنى كېچە-كۈندۈز تەلپۈندۈرگەن مۇقەددەس زىمىننىڭ ھاۋاسىنى تويماي سۈمۈرەتتى. ئۇچىرىغانلا ئادەم بىلەن خۇددى ئۆز تەسەۋۇرىدا مىڭ يىل بۇرۇنقى ئەجداتلىرىمىزنىڭ سىماسىنى كۆرگەندەك قىزغىن سالاملىشىپ كېتەتتى. ئەلۋەتتە، ھەقىقى ئىلىم ئەھلىلا بۇ سىرلىق زىمىنلاردا كۆمۈلگەن قەدىمىي سەلتەنەت ۋە ھېكىمەتنى ھېس قىلىپ يېتەلەيدۇ. ھەمدە بۇ ئۇلۇغ ئەجدادىمىزدىن قالغان مۇقەددەس تاغلارنىڭ مەڭگۈلۈك پۇقرالىرىنى چىن دىلىدىن ھۆرمەتلەشنى بىلىدۇ.
بىز قورايدىن داۋاپ ئالاھىزەل ئىككى سائەتلەر ئەتىراپىدا، نېرناسىدا ئۈندۇق. ئابلەت سەمەت قومۇلغا، نېرناسىغا كېلىش ئىستىكىدە ۋەتەن سىرتىدا پۇچۇلۇنۇپ يۈرگەن كۈنلىرىدە، قەلىب غەليانلىرىنى ئازراق بولسىمۇ بېسىش ئارمانىدا گۇگېل ۋە مۇناسىۋەتلىك خەرىتە، ماتىرىياللاردىن نېرناسى دېگەن ئىسىمنى ئىزلەپ تاپالماپتىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئەگەر 2006-يىلى4-ئايدا نېرناسىلىق بۇرھان بەكرى، موسا شاكىر، ئاقنۇر ئاقمول( نەق مەيداندا بولمىسىمۇ 2009-يىلى5-ئايلاردىن باشلاپ قوليازمىنى ئۆيىدە ساقلاپ، بىزگىچە يېتىپ كېلىشىگە سەۋەپچى بولغان بۇرھان ئاسىپ) قاتارلىقلارنىڭ نېرناسى تۇڭگۇز جىلغىسىدىكى بىر تاغ ئۆڭكىرىدىن كىتاپ ياپراقچىلىرىنى تېپىپ، 2012-يىلى10-ئايلاردا دۇنيا جامائەتچىلىكى، ئىلىم دۇنياسىغا، جاھان ئۇيغۇرشوناسلىقىغا تۇتۇلغان قىممەتلىك سوۋغىسى سەۋەبىدىن، ئۇشبۇ ئەزىمەتلەرنىڭ نامىمۇ نەچچە مىڭ يىللارغىچە ئۇشبۇ سوۋغىتى شەرىپىگە قامۇسلارغا كىرگۈزۈلۈپ تىللاردا داستان بولغۇسى. دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىن ئۇيغۇرشوناس، يېزىقشوناس، تەتقىقاتچىلار، سەيياھ-ساياھەتچىلەر قومۇلغا كەلسە، چوقۇم نېرناسىنى يوقلاپ ئۆتىدىغان ياخشى ۋەزىيەت شەكىللىنىپ، خىلۋەتتىكى كىچىككىنە كەنت نېرناسىنىڭ نامىنى يىراق-يېقىنغا تاراتقۇسى.
نېرناسى بۇلتۇرقىدىنمۇ قاتتىق سۈكۈناتقا چأمۈپتۇ. ئۇنىڭ ھەقىقى بىر تاشلاندۇق خارابىلىككە ئايلىنىدىغىنىغا ساناقلىق كۈنلەرنىڭ قالغانلىقىنى تەسەۋۇر قىلىشنى خالىمايمەن. تاشلىنىپ ئىگە-چاقىسىز قالغان، نەچچە ئون يىللاردىن بوش تۇرغان ئۆيلەردىن بىرەرسىگە كىرىۋالغۇم كەلدى. ئابلەت سەمەتمۇ شۇنداق تۇيغۇغا كەلدىمكىن. ئۇنىڭ ئويچان كۆزلىرىدىن، يىراقلارغا قانماي نەزەر تاشلاشلىرىدىن بۇ يەرگە كەلگەنلىكتىكى خۇشاللىقنى ئەمەس بىر خىل ۋىدالىشىش ھالىتىنى كۆرگەندەك بولدۇم. بىز تاغ چوقىسىغا ياماشتۇق. بۇ دېڭىز يۈزىدىن 4888 مېتىر ئىگىزلىكتىكى قارلىق چوققا بىلەن تۆمۈرتى چوققىسىنىڭ تۈۋىدىكى چوققا بولغاچقا ھاۋانىڭ شالاڭلىقىدىن دەم سىقىلاتتى. شۇ دەۋىردىكىلەرنىڭ ياپراقچىلارنى بۇ يەرگە ئېلىپ چىققانلىقىغا قايىل بولماي تۇرالمايمىز. بىرىنچى چوققىدىن پەسلەپ، ئالدىمىزدىكى كۆندۆدىن (كىچىك تاغ جىلغىسى)ئۆرلەپ يۇقىرىغا ياماشتۇق. يولدا ئېچىۋېتىلگەن ئىككى قەبرە ئۇچرىدى. ئالدىمىزدىكى پۈتۆگە (تاغنىڭ يول يوق تىك يېرى) چىققۇچە بىر سائەتتەك ۋاقىت ئۆتۈپتۇ. ئورىدىكى(تاغنىڭ كۈن چۈشمەس تەرىپى) خادا (چوققا)بەكمۇ خەتەرلىك ھەم تىك ئىدى. 15 مىنۇتلار ھەپىلىشىپ «مايتىرى سىمىت»نىڭ يۈتكەن ياپراقچىلىرى تېپىلغان غار ئېغىزىغا يەتتۇق. غار ئالدىدا ئىككى ئادەم ئاران دەسسەپ تۇرغىدەك بوشلۇق باركەن. بىز چوققىغا چىققانلار ئابلەت سەمەت، يۈنۈس ئىبراھىم، مەن ۋە شوپۇر ئېلىجانلار بولغاچقا بۇ تار بوشلۇققا پاتمىدۇق. ئېلىجان تاغنىڭ ئېرسىدىكى(ئۇدۇلى)ئۆۋەردە(تاغنىڭ كۈن چۈشىدىغان تەرىپى) پىچاقتەك تىك خادىلارغا يامىشىپ بىزنى سۈرەتكە تارتىدىغان بولدى. ئابلەت سەمەت ئاپراتلىرىنى ئېلىپ غارنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى. غار ئىچى يانتو بولۇپ، بىر ئادەم ئۆرە تۇرالمايتتى. لېكىن، بىر ئادەم باداشقان قورۇپ كەڭتاشا ئېتىكاپ قىلغۇدەك ئورۇن باركەن. ئابلەت سەمەت غارنىڭ ئىچىگە كىرىپ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىنىمۇ ئالا قويماي ئىزلەپ چىقتى. بىراق قوي مايىقى، قۇش ماياقلىرى ئارلىشىپ كەتكەن، ئۆچكە يۇڭلىرىدىن باشقا ھېچنىمە تاپالمىدى. بىر چاغدا، ئابلەت سەمەت  غارنىڭ قىراۋ بېسىپ كەتكەن يۇقىرى تەرپىدىن بىر ئوغلاقنىڭ مۈڭگۈزلۈك يېرىم باش سۆڭىكىنى تېپىپتۇ. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئىلگىركىلەر بۇددا دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى بولغان«مايتىرى سىمىت»پارچىلىرىنى بۇ يەرگە يوشۇرۇپ قويغىچە، ئېلىپ چىقىشقا ئاسان بولغان ئوغلاقنى بوغۇزلاپ قان قىلغان بولىشى مۇمكىن. بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلاردا قان قىلىدىغان ئادەت بارمىش. يەنە مۇقەددەس كىتابلار ۋە يۈزلۈك راھىبلارنىڭ جەسىتى ساپ ھاۋالىق، ئىگىز تاغ چوقىلىرىغا دەپنە قىلىنىدىكەن. ئابلەت سەمەت غار ئىچىنى ئالا قويماي سۈرەتكە تارتىپ بولۇپ، غارنىڭ ئالدىغا چۈشتى ۋە بىزگە ئۆزرىخاھلىق ئېيتىۋېتىپ، پات ئارىدا ئۆزىنى تەربىيىلىگەن گېرمانىيىلىك ئۇستازىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە مۇشۇ بايقاشنى سىنغا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى دەپ، ئۆزى سىنئالغۇغا قاراپ ئۇيغۇر تىلىدا ئۇستازىغا قۇتلۇق تېلەكلىرىنى ئېيتتى. كەينىدىنلا سىنئالغۇنى ئېتىۋېتىپ تىك ھەيۋەتلىك چوقىلارغا قاراپ، يۇقىرى ئاۋازدا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا سۆز قىلدى. تاغدىن يانغان ئەكىس سادالاردىن يۈرەك-باغرىم لەرزىگە كەلدى. خۇددى نەچچە مىڭ يىللارنىڭ ئالدىدىكى سەلتەنەتلىك ئەجداتلىرىمنىڭ ساداسىنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم.
بىز ئۈرۈمچى ۋاقتى1:00 بولغاندا قىيالمىساقمۇ، قارلىرى تېخىچە ئېرىمىگەن تاغدىن پەسكە سېرىلدۇق. ماشىنا بىلەن داۋاملىق شەرققە ئىلگىرىلەپ يېرىم سائەتتە تۆمۈرتىگە يەتتۇق. بىر كىچىك بالىنىڭ يول باشلىشى بىلەن تۆمۈرتى كەنتىنىڭ شۇجىسى موسا ئاكىنىڭ ئۆيىنى تاپتۇق. ئۇ كىشى بىزنى «مايترىسىمىت»نىڭ تۆمۈرتى نۇسخىلىرىنى تاپقان مەرھۇم يەھيا رېھىم بوۋىنىڭ ئوغلى ئەيسا يەھيانىڭ ئۆيىگە باشلاپ كىردى. بۇددا مىڭ ئۆي سىزمىلىرىدىكى چىرايلارغا ئوخشايدىغان بىر ئايال تاماققا تۇتۇش قىلغان ئىكەن. ئەيسا ئاكا ماللارغا قارىغىلى چىقىپ كەتكەن ئىكەن. تۆرىلەپ تۇرۇشىمىزغا ئۇ كىشىمۇ پەيدا بولدى ۋە بىز بىلەن قىزغىن سالاملاشتى. بىز كېلىش مەقسىدىمىزنى دىدۇق. «مايتىرى سىمىت»نىڭ زادى قانچىنىچى يىلى تېپىلغانلىقىنى، كىم تەرپىدىن تېپىلغانلىقىنى، تۆمۈرتىنىڭ قايسى يېرىدىن تېپىلغانلىقىنى بىلگۈمىز بارلىقىنى ئېيتتۇق. خۇشچاقچاق ئەيسا ئاكا كۈرسىدە يۈكۈنۈپ ئولتۇرغىنىچە ئۆزىنىڭ كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىنى بىرمۇ بىر سۆزلەپ ئۆتتى. ئايالى ۋە موسا ئاكىلارمۇ بىلىدىغان ئىشلىرىنى يانداش بايانلىدى. ئارىلىقتا ئوخشىتىپ دەملەنگەن قايماقلىق سۈتچاي ۋە ئەت-شورپىلار كەلتۈرۈلدى.
سۆھبەت جەريانىدا «مايترىسىمىت»نىڭ تېپىلىش جەريانىغا ئائىت ئىلىم ئەھلىگە تېخىچە مەلۇم بولمىغان بەزى تەپسىلاتلار مەلۇم بولدى. ھەممىمىزگە مەلۇمكى، مەملىكەت ئىچى-سىرتىدىكى مەلۇماتلاردا «مايترىسىمىت» نىڭ 1959-يىلى تېپىلغانلىقى خۇددى تاشقا مۆھۈر بېسىلغاندەك مۇقىملىشىپ كەتكەن. بىراق، بۇ قېتىم ئىشنىڭ ھەقىقىتىدە ئۆزگىرەش بولدى.
ئەيسا ئاكا بىلەن بولغان سۆھبەتتىن مەلۇم بولۇشىچە، 1980-يىللارنىڭ بېشىدا بۇ تەۋەررۈك قوليازمىنى تاپقۇچىلارنى ماددىي جەھەتتىن رىغبەتلەندۈرۈش مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغاندا ئويلىمىغان يەردىن قوليازمىنى تاپقۇچى يەنە بىر كىشى ئوتتۇرىغا چىققان. 30يىل ئۆتكەندە تۇيۇقسىز پەيدا بولغان بۇ كىشى شان-شەرەپ تۇيغۇسى ياكى مۇھتاجلىق سەۋەبىدىنمۇ ئەيتاۋۇر «مايترى سىمىت»نىڭ بايقىلىشىغا ئائىت تەپسىلاتلارنى چىگىشلەشتۈرۈپ قويغان ھەمدە ئۇ كىشى خاتا مەلۇم قىلغان دەرەخ قوۋزىقىغا قىستۇرۇپ قويۇلغان ياكى قاچۇرىغا ئېسىپ قويۇلغان دېگەندەك مەلۇماتلار ئىلىم ساھەسىنى قايمۇقتۇرۇپ قويغان. ئۇ كشىنىڭ «ئەينى چاغدا مەن كەنت كادىرى بولغىنىم ئۈچۈن كىتابنى مەن تېپىۋالدىم دېيىش ماڭا ئەپسىز بولۇپ قېلىپ، يەھيا رېھىمغا ئۆتۈنگەن»دېيىشى تۆۋەندىكى تەپسىلاتلارغا پۈتۈنلەي زىت بولۇپ چىقتى.
قوليازمىنى تاپقۇچى بىردىنبىر شاھىت يەھيا رېھىم بوۋا 1977-يىللاردىلا ۋاپات بولۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، رەھمەتلىكنىڭ ئايالى بۇ ئىشقا گۇۋاھلىق بەرگەن. موماي، ئوغلى ئەيسا يەھياغا «بالام داداڭنىڭ ئۇ كىتابى سەن بۆشۈكتە چاغدىلا(1956-يىلى) ئاقئۆينىڭ تەرمىسىگە ئېسىقلىق تۇراتتى. قوليازمىنى مەن تاپتىم دېگۈچى 1966-يىللاردا كەنتتە خىزمەت قىلغان تۇرسا...»دېگەن.
دېمەك، قوليازما 1956-يىلىلا يەھيا رېھىم بوۋىنىڭ ئۆيىدىكى تەرمىدە ئېسىقلىق تۇرغان ئىكەن، كىتابنىڭ 1956-يىلىدىن ئىلگىرى تېپىلغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. بىراق مەرھۇمنىڭ كىتابنى ئۆز ئۆيىدە قانچە يىل ساقلىغانلىقى، ئۇنى ئۆزىنى دىندا ئوقۇتقان ئۇستازىنىڭ كۆرۈپ بېقىشىغا قاچان بەرگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. 1959-يىلى قومۇل شەھەرلىك مەدەنىيەت پونكىتىنىڭ خادىمى ئىسمايىل ئىبراھىم خىزمەت سەۋەبى بىلەن تۆمۈرتىگە چىققىنىدا بۇ قوليازمىنى موللىنىڭ قولىدا كۆرۈپ قېلىپ قومۇلغا ئېلىپ كەتكەن ۋە ئاپتونوم رايونغا مەلۇم قىلغان. ئۇزاق ئۆتمەي ئاپتونوم رايوندىن سابىت ئەخمەت قاتارلىق ئىككى كىشى كېلىپ قوليازمىنى ئىلىگدەپ ئالغان. ئۇزاق ئۆتمەيلا باشلانغان سىياسىي داۋالغۇشلار تۈپەيلىدىن «مايترىسىمىت»نىڭ ھېكايىسى ئۈزۈلۈپ قالغان. بۇ ھەقتىكى خاتىرىلەرمۇ سۇسلاشقان، مەدەنىيەت ئىنقىلابى ئاخىرلىشىپ بىر يىل ئۆتەر-ئۆتمەيلا يەھيا رېھىم بوۋىمۇ ۋاپات بولۇپ كەتكەن.
1982-يىلى دىيارىمىزدا يېتىشىپ چىققان تۇنجى ئاخېئولوگ، تارىخچى ئوسمان تۆمۈر «مايترىسىمىت»نىڭ تېپىلىش جەريانى ۋە تېپىلغان ئورۇننى ئېنىقلاش ئۈچۈن مەخسۇس تۆمۈرتىگە چىققان، شاھىت يەھيا رېھىم ۋاپات بولۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئاكىسى سوپا رېھىم بەزى يىپ ئۇچلىرىنى تەمىنلىگەندىن سىرت، ئۇلارنى قوليازما تېپىلغان تېرەك جىلغىغا باشلاپ چىقىپ بىر كۆتەكنىڭ ئورنىنى كۆرسىتىپ قويغان. چىراق تۈۋى قاراڭغۇ دېگەندەك تېخى نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىلا ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئوسمان تۆمۈر بوۋىمىزدىن بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى ھېچكىم سورىمىغان. مۇھتاجلىقتا يۇقىرى-تۆۋەن قاتراپ يۈرگەن ئەيسا يەھيامۇ مەرھۇم ئوسمان تۆمۈردىن قوليازمىنى ھەقىقىي تاپقۇچى كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكى، ئورنى قاتارلىقلار ھەققىدە ئىككى بەتلىك ئىسپات خېتى ئېلىۋالغان ئىكەن.
قوليازمىنىڭ تېپىلغان ۋاقتىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولغان بولسىمۇ لېكىن تېپىلغان ئورۇن يەنىلا سىر بولۇپ قالدى. چۈنكى، مەرھۇم سوپا رېھىمنىڭ ئۇكىسى يەھيا رېھىمنىڭ قوليازمىنى تېپىش جەريانى ۋە ئورنىغا شاھىتلىق قىلغان- قىلمىغانلىقى بىزگە قاراڭغۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئابلەت سەمەتنىڭ دېيىشىچە، بۇددا ئەقىدىسىنىڭ تەۋەررۈك كىتابلارنى ساقلاش ئادىتىگە ۋە كىتابنىڭ ئۇزۇن مۇددەت زىيان-زەخمەتسىز زامانىمىزغا يېتىپ كېلىشىگە پايدىلىق جۇغراپىيىلىك شارائىتلار نۇقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ، يۇقىرىقى بىر نەچچە خىل قاراشنىڭ تازا پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقى ئېنىق. بۇ قېتىمقى «مايترىسىمىت» پارچىلىرىنىڭ  نېرناسىنىڭ ئېگىز تاغ چوققىسىدىكى ھۆل-يېغىندىن ۋە باشقا بۇزغۇنچىلىقلارىن خالى قۇرغاق ئورۇندىن تېپىلىشىمۇ بۇ گۇمانلىرىمىزنى قۇۋۋەتلەيدۇ. دوكتور ئابلەت سەمەت مانا مۇشۇ سەۋەبلىك قوليازمىنىنڭ ھەقىقىي ساقلىنىش ئورنىنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى يازلاردا كېلەلىسە ئاندىن ئېنىقلىماقچى بولدى.
قايتىش ئالدىدا ئابلەت سەمەت ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەۋەررۈك ئەسىرى«مايترىسىمىت» تۆمۈرتى نۇسخىسىنى تېپىپ زامانىمىزغا يەتكۈزگەن ئۇلۇغ ھەم مەڭگۈلۈك شەرەپ ئىگىسى مەرھۇم يەھيا رېھىمنىڭ ئوغلى ئەيسا يەھياغا ئۆزىنىڭ «كىچىككىنە»كۆڭلىنى ئىزھار قىلدى.
قاش قارىيىپ قېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئەيسا يەھيا، موسا ئاكىلار بىلەن خوشلۇشۇپ قايتتۇق. يول ياقىسىدا يەھيا رېيىم بۇۋىنىڭ ئادەتتىكىدەك قەبىرىسى ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. چۈنكى بىر تۈپمۇ گىياھ ئۈنمەيدىغان قەبىرىستانلىقتىن، پەقەت يەھيا رېھىم بوۋىنىڭ قەبىرىسى ئىچىدىن مۆجىزىلەردەك بىر تۈپ ئاقتېرەك ئۈنۈپ چىقىپتۇ. ئاشۇ بىر تۈپ ئاقتېرەك ئۇنىڭ خەتلىرى ئۆچۈپ كەتكەن قەبرىسى ئۈچۈن مەڭگۈ تاشتەك قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. بىز ئۇنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلدۇق، قۇياش ئاللىمۇقاچان كۆكنى سۆيگەن تاغلارنىڭ كەينىگە مۆككەن ئىدى. ئىشىنىمەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇنىڭ ئۈچۈن مەخسوس مەڭگۈ تاش ئورنىتىمىز.
19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا جاھان تەرپىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن دىيارىمىزغا ھەرخىل مەقسەتلەر يوشۇرۇنغان ئېكىسپىدېتسىيە ئەترەتلىرىنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەي كېلىشكە باشلىدى. ئۇلار ئېلىپ كەتكەن قىممەتلىك بايلىقلىرىمىزدىن ئۇيغۇر تارىخىنىڭ بىزگە سىرلىق بولغان قىسىملىرىنى بىلىشكە مۇيەسسەر بولدۇق. گېرمانىيە، شىۋىتسىيە، فىرانسىيە، ئەنگىلىيە، ياپونىيە ۋە ئورۇس ئېكىسپىدىتسىيىچىلىرىنىڭ قىدىرىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى جاھان ئۇيغۇرشوناسلىقىنى بارلىققا كەلتۈردى. شۈكرىلەر بولسۇنكى سېۋىن ھېدىن، ئالبىرت لىكوك، مالوپ، سىتەيىنلەر... بولمىغان بولسا مىللىتىمىز ئۇ بايلىقلاردىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ قالغان بولاتتى. بىزچۇ؟! ئاشۇ تەۋەرۈكلىرىمىزنىڭ چەتئەللەردە گۆھەرگە ئايلانغانلىقىنى، بىزدە بىرەر يېرىم تېلىنىڭ يوقلىقىنى بىلگىنىمىزدىمۇ يىغلىيالمايمىز. ئەگەر كىم بىرەر پارچە كىتاب تېپىۋالسا، ئۇنى سېتىپ پۇل قىلىشقا ئالدىرايدۇكى، تۆمۈرتىدىكى يەھيا رېيىم بوۋىدەك، نېرناسىدىكى بۇرھان بەكرى، موسا شاكىر، ئاقنۇر ئاقمول قاتارلىق يىگىتلەردەك مۇناسىۋەتلىك ئورۇن يا تەتقىقاتچىلارغا تاپشۇرۇپ بېرىشنى ئەسلا ئويلىمايمىز. شانلىق تارىخىمىزدا نۇرغۇنلىغان خاندانلىقلىرىمىز ئۆتكەن بولسىمۇ  ئاشۇ قاغانلىرىمىزنىڭ قەبرىسىنىڭ نەدىلىكىنى بىلىش بىزگە نىسىپ بولماي تۇرۇپ، رەھىمسىز كېپەن ئوغرىلىرى تەرپىدىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىدۇ. ئۆزىمىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبرىلىرىنى، ياسىغان شەھەرلىرىنى قالماقنىڭ دەپ قېزىپ، سېتىپ تۈگەتتۇق. بەلكىم، شۇ سېتىۋېتىلگەن، چۆل-جەزىرە، تاغ-تېمىزلاردا ھەريان سىپىۋېتىلگەن سۆڭەكلەر بىزنىڭ ئۇرۇق-قەبىلە،ئارىسلان-قاغانلىرىمىز،ئالىم-دانالىرىمىزنىڭ بولىشى مۇمكىن ئىدى. بەشبالىق (جىمسار)دا ياشاپ ئۆتكەن بۈيۈك تەرجىمان بوۋىمىز سىڭقۇسەلىنىڭ قەبرىسىمۇ قالماقنىڭ دەپ قېزىپ سېتۋېتىلگەنمىدۇ؟! ئۆز ئەركى ئۈچۈن كۈرەشكەن ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانى قوچقار تېكىننىڭ قەبرىسى قومۇلنىڭ نەرىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىراپ يوقالغاندۇ؟! كاللامدىن يۇقىرقىدەك خىياللار كەچسە، يۈرەك باغرىم لەختە قانغا تولۇپ كېتىدۇ.


ئۇيغۇر چوققا ئېتەكلىرىدە...



2013-يىلى1-ئاينىڭ6-كۈنى مۇقام سارىيىنىڭ ئالدىدا جەم بولۇپ، ئۈرۈمچى ۋاقتى9:30 دا ئارتام ئۇيغۇر چوققا ئېتەكلىرىگە يۈرۈپ كەتتۇق. يېرىم سائەتتە كۆزلىگەن مەنزىلگە يەتتۇق. ئارتامنىڭ قىشتىكى گۈزەل مەنزىرىسىنى بۇرۇن كۆرمەپتىكەن. ئۇيغۇرچوقىسى ۋە ئۇيغۇر ئۆيىنى ئاپپاق قار بېسىپ ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرە شەكىللەنگەنتى. رەھمەتلىك بوۋامنىڭ دېيىشىچە، بۇۋام كىچىك ۋاقتىدا ئارتام تاغلىرىدا قىش- ياز قار تۇراتتىكەن. بۇنداق مەنزىرىنى ئەمدى بىز مەڭگۈ كۆرەلمەسلىكىمىز مۇمكىن. بىز ئۇيغۇرئۆيلىرىنى تېزلىكتە ئايلىنىپ كەينىمىزگە قايتىپ، بۈرگۈت جىلغىسىنىڭ ئاستىدىكى ئاسقىلىقتاش ئەتىراپىدىكى خەتلىك تاشنىڭ يېنىغا كەلدۇق. تاشنىڭ خەت بار يۈزى قار بىلەن يېپىلغان ئىدى. مەن ئۇنى ئاۋايلاپ ئېچىپ بەردىم، ئەتىراپتىكى ئابلەت سەمەت قاتارلىقلار ھاياجان ئىچىدە تاشنى سۈرەتكە تارتىشىپ كەتتى. ئەلۋەتتە، بىزگە ئون نەچچە يىلدا نىسىپ بولغان خۇشاللىق، ئابلەت سەمەتكە ئىككى كۈندىلا نىسىپ بولغان تۇرسا، ئۇ ھاياجانلانماي كىم ھاياجانلانسۇن. بىز بۇ خەت بايقالغاندا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى داڭلىق تىلشوناس مىرسۇلتان ئوسمانوف ئەپەندىمگە ئوقۇتساق پەقەت بىر تال خەتنى«سوقا»دەپ ئوقۇشقا بولىدىغانلىقىنى، يەنە بىر خەتنى ئوقۇيالمىغانلىقىنى ئېيتقانتى. 2011-يىلى تۈركىيەلىك دوكتور، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتچىسى خاقان ئايدەمىر بۇ تاشنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنى «ساقا سۈيى» دەپ ئوقۇغىنىدا قانچىلىك خۇش بولغانلىقىمنى تەسەۋۇر قىلالمايمەن. ئەگەر بۇ خەت«ساقا سۈيى» دەپ ئوقۇلسا، مەن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتۇمنىڭ تارىخىنىڭ شۇ قەدەر ئۇزاقلىقىغا يۈتمەس شاھىد، يىقىلماس پاكىت تاپقان بولاتتىم. بىراق، مىرسۇلتان ئوسمانوفنىڭ ئىز باسار كۈيۆئوغلى ئابلەت سەمەت بۈگۈن بۇ تاشتىكى يېزىقنى «ساقا سۈيى» دەپ ئوقۇش مەنتىقىگە ئۇيغۇن بولسىمۇ لېكىن، ھازىرقى تىلىمىزدىكى «سۇ» سۆزىنىڭ قەدىمدە «سۇۋ» دەپ يېزىلىشىدىن يۇقىرىقىدەك ئوقۇش ئىمكانىيىتىنىڭ ئازلىقى، ھەرپلەرنىڭ قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن«سوقا سىتۇۋا» ياكى بولمىسا«سوقا سىتۇفا» دەپ ئوقۇلۇش ئېھتىماللىقىنىڭ چوڭلۇقى، بۇنى يەنە داۋاملىق ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى. كەسكىن ھۆكۈم چىقارمىدى. ئەلۋەتتە، ئۇ دېگەن قەدىمكى ئۇيغۇرچە يازما، ھۆججەت، ۋەسىقىلەرنى تەتقىق قىلىدىغان بۇ خەتنى ئوقۇشقا سالاھىيتى توشىدىغان، خەلقارادا نام قازانغان ياش تەتقىقاتچى. ئابلەت ئاغامنىڭ دېيىشىچە، «سوقا سىتۇفا»دىكى «سىتۇفا» ياكى «سىتۇۋا» بولسا، بىرخىل بۇددا مۇنارىنىڭ ئاتىلىشى بولىدىكەن. ئارتامدىكى بۇددا خارابىلىرىمۇ ئۇنىڭ بۇ كۆز قارىشىنى دەلىلەپ تۇراتتى. مەنمۇ ئاددىي كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تىلىمىزدىكى «ئا» بىلەن «ئو» نىڭ نۆۋەتلىشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، مىسال ئېلىپ:- ئاقتاشتىكى بىر كەنتىنى چوڭلار «تاشو» دەيدۇ. ياشلار بولسا، «توشو» دەپ ئاتايدۇ(تاش ئوۋا ياكى تاش ئوبادىن كەلگەن). بەلكىم، بۇ خەتمۇ «سوقا» ئەمەس «ساقا» بولىشى مۇمكىنمىدۇ؟ دەپ باقتىم. خەتلىك تاش تۈۋىدە ئابلەت سەمەت قەدىمكى ئۇيغۇرچە «شۆەنزاڭ تەرجىمىھالى»نىمۇ تەتقىق قىلىپ، ئۇنىڭدىكى قامىل بالىق قا مۇناسىۋەتلىك قىممەتلىك ئۇچۇرلارنى كۆرگەنلىكىنى دەپ ئۆتتى. بۇ ھەقتىكى تەتقىقات نەتىجىسىنى گېرمانىيەدە گېرمان تىلىدا چىقىدىغان بىر ژۇرنالدا ئېلان قىپتۇ. شۈەنزاڭ (تاڭ سىڭ) غەرىپكە نوم ئالغىلى ماڭغاندا، قومۇلدا بىر ئاي توختاپ، ئارتامدىكى بۇددا ئىبادەتخانىسىدا بۇددا دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرىدىن « يوگاچارى» نى ئۆگۈنۈپ قوچوغا بارغان ئىكەن.
ئابلەت سەمەتنىڭ بۇ قېتىملىق قومۇل سەپىرىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر سەھىپە «مايتىرىسىمىت»نىڭ ياپراقلىرىنى تاپقان ئەزىمەتلەر بىلەن كۆرۈشۈش ئىدى. يۈنۈس ئىبراھىم ئاقنۇر ئاقمول، بۇرھان بەكرى، موسا شاكىرلارغا تېلېفۇن قىپتىكەن، ئاقنۇر ئاقمول ئاراتۈرك ناھىيسى تۈركۆل يېزىسىغا مال باققىلى كەتكەن بولغاچقا، كېلەلمىگەندىن سىرت قالغان ئەزىمەتلەر كېلىدىغان بوپتۇ. بىز ئالتۇنلۇقنىڭ ئالدىغا كەلسەك، موسا بىلەن بۇرھان ئالتۇنلۇقنىڭ ئالدىدا بىزنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ. ئابلەت سەمەت بۇ سۆيۈملۈك تاغ پەرزەنتلىرى بىلەن خۇددى يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلاردەك قىزغىن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ كەتتى. بىز ھەممىمىز بىرلىكتە ئالتۇنلۇقتىكى ھېيتگاھنىڭ تېمىغا ئورناتقان مەڭگۈ تاشنى ۋە شۇ يەردىكى قومۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىرىنىڭ قەبرىگاھى قاتارلىق ئورۇنلارنى زىيارەت قىلدۇق. يول ئۈستىدە مەن بۇرھان مۇئەللىمگە تېلېفۇن قىلدىم، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تازىمۇ ئۆزلە؟مېنى تونىدىلامۇ؟ مەن مۇجىبۇل، نەدىدۇ ئۆزلە؟ قاچان ئېرالايلا؟ ئابلەت سەمەت كىپتىكە، ئۆزلىرلەر بىلەن كۆرۈشۈۋاسام دىيدۇ. دېگەن سۆزلەرنى قىلدىم، ئابلەت سەمەت ھەر قېتىملىق پاراڭلىرىمىزدىن، بىزگە بىلىنمەيدىغان ئەمما قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتچىسىى بولغان ئۆزىگە يېڭى-يېڭى ھېساپلىنىدىغان قەدىمىي ئۇيغۇرچە سۆزلۈكلەرنى سىزىۋالاتتى، دېسەم دىمىسەم بۇ پاراڭلىرىمدىنمۇ بىرەرسى ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولىشى مۇمكىن. تېخى مۇشۇ «مايتىرىسىمىت»تىكى يوقالدى، دەپ قارىلىۋاتقان سۆزلەرمۇ، قومۇل شىۋىلىرىمىزدىن بايقالغان بولدى. مەسلەن: يۇقىرىدىكى پاراڭ مەزمۇنىدا «قاچان ئېرالايلا؟» دېگەن سۆز تىلشوناسلار تەرپىدىن قەدىمكى يوقالغان سۆز دەپ قارالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسلى ئاتىلىشى «ئەرمەك، ئەرتمەك» سۆزىدىن كەلگەنكەن. مەنىسى «قاچان بىكار بولىسىز؟» بولىدىكەن. بۇ سۆز قومۇل شىۋىسىدە ھازىرغىچە ھاياتلىقىنى ساقلاپ كەلگەن قەدىمكى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرىنىڭ پەقەت ئىنتايىن كىچىك زەرىچىسىلا خالاس. ئابلەت سەمەت شۇ كۈنىدىن باشلاپ خاتىرىسىنى قولىدىن چۈشۈرمەي، ئاغزىمىزدىن چىققان ئۇيغۇرشوناسلار تەرپىدىن يوقالغان، ئۆلگەن دەپ ھېساپلانغان نۇرغۇنلىغان قەدىمىي سۆزلۈكلەرنى خاتىرلىۋالدى. بىز قاش قارىيىشىنىڭ ئالدىدا شەھەر ئىچى يېزىسىدىكى كونا مەدىرىسكە كەلدۇق. باشقىلار سۈرەتكە تارتىۋاتقاندا تامدىكى قارا-قۇرا يېزىقلارغا كۆزۈم چۈشتى، بەزىلىرى بۇنىڭدىن ئىككى يۈز يىللار بۇرۇن يېزىلغانكەن. تېخى تامنىڭ شىمال تەرپىدە تىغ بىلەن ئويۇلغان بىر قۇر خەت بولۇپ: قەشقەرنىڭ ھاكىم بېگى كېلىپ تۇرغان، دەپ يېزىلىپتۇ. پۇرسەت چىقىرىپ تامدىكى بارلىق غەزەل ۋە يازمىلارنى تەرجىمە قىلىپ، جامائەتچىلىككە سۇنساق ياخشى بولغۇدەك، دەپ ئويلاپ قالدىم.
بىز بۇ قەدىمىي ئىزنالارنى كۆرۈپ بولۇپ، قومۇل ۋىلايەتلىك غەيرى مەدەنىيەتلەرنى قوغداش مەركىزىنىڭ مۇدىرى سەمەت ئەسرا تۇرا سالغان داستىخان ئەتراپىغا يىغىلدۇق. سورۇنىمىزنىڭ تۆرىگە لايىق ئەزىمەتلىرىمىز بۇرھان بەكىرى، موسا شاكىر ۋە بۇرھان ئاسىپلاردىن باشقا «قومۇل ئەدەبىياتى»تى باش مۇھەرىرى، داڭلىق شائىر سەمەت ئابدۇراخمان قۇچىغۇن، ئەخمەت ھەمدۇللا، ئۇچقۇن راخمان، «قومۇل گېزىتى»دىن شائىر ئابلېز ئۆمەر ھاجىلارمۇ كەلگەن ئىدى. قومۇلنىڭ داڭلىق مۇقامچىسى، داستانچى ئىبراھىمگاڭمۇ غىرجىكىنى كۆتۈرۈپ كەپتۇ. سورۇن ئىنتايىن قىزغىن كەيپىياتتا، تۆرت سائەتتىن ئارتۇقراق داۋاملاشتى. بۇ جەرياندا ئابلەت سەمەت «مايتىرىسىمىت» نېرناسى نۇسخىسىنىڭ ئۇيغۇر تارىخىغىلا ئەمەس، دۇنيا يېزىق تارىخىغا قوشقان تۆھپىسىنى ئالاھىدە شەرھىلەپ ئۆتتى. ئەگەردە، ئاشۇ قوليازمىلارنىڭ ياپراقلىرى تېپىلمىغىنىدا، خەلقارادىكى «مايتىرىسىمىت» تەتقىقاتى يېڭى مەنبەنىڭ تېپىلىشىدىن ئۈمىد ئۈزۈپ تاماملانغان بولاتتىكەن. ياپراقچىلارنىڭ قىممىتىنى پۇل، بايلىق بىلەن تەرىپلەشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ، قومۇلدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ «مايتىرىسىمىت»نىڭ نېرناسى ياپراقلىرىنى تاپقان، ساپ دىللىق تاغ ئەزىمەتلىرىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىشىنى، ماددىي جەھەتتىن رىغبەتلەندۈرۈشىنى چىن دىلىدىن ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، ئەزىمەتلىرىمىزنىڭمۇ ئۆز قەددىنى تىك تۇتۇپ مەردانە ياشىشنى تەكىتلەپ ئۆتتى. يۈنۈس ئىبراھىم قاتارلىقلارمۇ ئابلەت سەمەتنىڭ گەپلىرىنى قۇۋەتلەپ، بۇرھان قاتارلىق ياش يىگىتلەرنىڭ جۈملىدىن قومۇلغىلا ئەمەس پۈتكۈل ئۇيغۇر ھەتتا دۇنيا ئۇيغۇرشوناسلىقىغا تۇتقان سوۋغىسى بەدىلىگە ئەلنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ قەدىرلىشىدىن بەھىرلىنىدىغانلىقىنى بايانلدى.
«مايتىرىسىمىت»نىڭ نېرناسى ياپراقچىلىرىنىڭ تېپىلغان يىل، ئاي، كۈنىدە مۇجىمەللىك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئابلەت سەمەتنىڭ تەلىپى بىلەن، بۇرھان بەكرى، موسا شاكىرلار ياپراقچىلارنى تاپقان ۋاقىتلىرىنى بىر قۇر ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇلارنىڭ سۆزىچە، شۇ كۈنى 2006-يىللىرىنىڭ 4-ئايلىرى بولۇپ، نېرناسىدا توڭ كۆتۈرۈلگەن چاغلار بولغاچقا جاھان ئىلىپ قالغانكەن. ئادەملىرى تۈزلەڭگە كۆچۈپ، ئادەمسىراپ كەتكەن تاغلىق كەنىتتە، كۈندە ئۆيىدە بىكار ئولتۇرغان ئۈچ دوسىت مەسلىھەتلىشىپ، نېرناسىدىكى چوڭلارنىڭ كەچلەردە سالغان ئاجايىپ-غارايىپ پاراڭلىرىنىڭ قىزقتۇرىشىدا، نېرناسى تاغلىرىدىكى پالانچى خاننىڭ بايلىقىنى، پۇستانىچى باينىڭ كۆمۈپ قويغان ئالتۇنىنى ۋە قاچانلاردىدۇر غار، تۆشۈكلەرگە تېقىۋېتىلگەن كىتاپلارنى ئىزلەپ بېقىش نىيىتىدە تاغقا چىقىپتۇ. چۈشتىن كېيىن، تۇڭگۇز جىلغىسىدىكى تاغ چوققىسىنىڭ ئالدىدىن مال قىغلىرىغا ئارلىشىپ چېچىلىپ ياتقان، يەرلىكلەرنىڭ تىلىدا «قارا خەت» دەپ ئاتىلىدىغان، قەغەز پارچىلىرىنى تېرىپ ئۆيىگە ئەكىرىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراش كۈنلەردە، ئۇلار ئۈچەيلەن شەھەرگە كىرىپ ھۈنەر ئۆگىنىپ، ئۇ يەر، بۇ يەرلەردە ئىشلەپ يۈرۈپتۇ. يېزا-كەنت رەھبەرلىرىنىڭ ھەر يىلى، ئەتىيازدا نېرناسىنى كۆچۈرىمىز، كۆچۈڭلار! دەيدىغان يارلىقلىرىدىن ئۈركۈپ، 2009-يىللىرى 5-ئايلاردا، تاغدىكى ئۆيىدە يوشۇرۇپ قويغان قەغەزلەرنى ئېلىپ شەھەرگە كەپتۇ. موسا شاكىر خەتنىڭ گېپىنى ئاكىسى بۇرھان ئاسىپقا دېگەندىن كېيىن، بۇرھان ئاسىپ بۇ خەتلەرنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلىپ، يوقۇتۇپ قوياماسلىقنى كۆڭلىگە پۈكۈپ تاكى مەن بۇھان بەكرى بىلەن ئۇچىراشقىچە ئۇنىڭ قولىدا تۇرۇپتىكەن. ئالدىدا بىز ئاڭلىغان بايانلاردا، ئۇلار زېرىكىشلىكتە تاغقا چىقىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەندە تېپىۋالدۇق، دېگەندەك بىر نەچچە خىل پاراڭلار چىققان ئىدى. بىز زارىقىپ كۈتكىلى ئەسىرلەر بولغان تەۋەرۈك يېزىق ھەققىدە بۇنچىلىك ئىشلارنىڭ چىققانلىقىغا ئۇنچە ھەيران قالمىساقمۇ بولىدۇ. يۇقىرىدىكى «مايتىرىسىمىت»نىڭ تۆمۈرتى نۇسخىسى ھەقىدىكى سىرلىق رىۋايەتلەر تېخى تۈگىگىنى يوق. نېرناسى نۇسخىسىنىڭ رىۋايەتلىرى بىلەن قوشۇلۇپ تېخىمۇ رەڭدار سەھىپىلەرگە يول ئېچىلغۇسى.
سورۇن تارقىلىش ئالدىدا تولىمۇ كەمتەر، كىچىك پېئىل ئابلەت سەمەت  ئابلىز ئورخۇننىڭ دەۋىتى بىلەن ئومۇمىي ئۇيغۇر خەلقىگە بىر خۇشخەۋەرنى يەتكۈزۈشكە مەجبۇر بولۇپ قالدى.
-ئەسلىدە دېمىسەممۇ بولاتتى، چۈنكى بۇ بىزنىڭ بۇرچىمىز ھەم قەرزىمىز، يېقىنقى يىللاردىن بېرى مەن قەدىمكى ئۇيغۇرچە يادىكارلىقلارنى تەتقىق قىلىپ ھارغىنىمدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ئۆزۈممۇ ئۆگەنگەچ دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە مەرھۇم يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈز ئەپەندىنىڭ بارلىق ئەسەرلىرىنى ئۆگىنىپ، شۇنىڭ ئىچىدىكى«تاڭ شاماللىرى»ناملىق شېئىرىنى نېمىس تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، ئۆزىنىڭ تەتقىقات، شەرھىلىرىمنى قوشۇپ گېرمانىيەدە چىقىدىغان بىر ژۇرنالدا ئېلان قىلدىم. ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ ئىدىيىسى ماڭا بەك تەسىر قىلدى، مۇشۇ قىسقىغىنە ئىككى كۈندە قومۇلدا ئالغان ھاياجانلىق، ئۇنتۇلماس تەسىراتلىرىم بىلەن قوشۇلۇپ كېيىنكى ھاياتىمنىڭ كۆپ قىسمى قومۇل بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالىدىغان ئوخشايدۇ. ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ «ئىز» رومانىنى بىر كەسپداش دوستوم بىلەن بىرلىشىپ نېمىس تىلىغا تەرجىمە قىلىۋاتىمىز. ئەمدى مەن روماندا ئەكس ئەتكەن تىل، مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەتلەرنى نېمىس تىلىدا دەل جايىدا، توغرا ئىپادىلەش ئۈچۈن قومۇلنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەنمىسەم، تەتقىق قىلمىسام بولمايدىغان بولدى، بۇ ئەلۋەتتە خەلقىم، يۇرتۇم ئۈچۈن مەن قىلىپ بېرەلەيدىغان كىچىككىنە بىر ئىش، قۇربىم يەتسە ئۇنىڭدىنمۇ ئۇلۇغراق خىزمەتلەرنى قىلغۇم بار_دەپ سۆزىنى تۈگەتكىنىدە، سورۇن ئەھلىدىكى ھاياجاندىنمۇ ۋە ياكى باشقا سەۋەپتىنمۇ سورۇننى ئېغىر سۈكۈنات قاپلاپ كەتتى.
ئاڭلىسام، ئابلەت سەمەت بۈگۈنمۇ قوليازمىنى تاپقان يىگىتلەرگە ئازراق كۆڭلىنى بىلدۈرۈپتۇ. ئۇيغۇر خەلقى قەدىمكى ئاتا-بوۋىلىرىدەكلا مەدەنىيەتكە ئىنتىلىدىغان، ئۆز قەدىر-قىممىتىنى، ئىززىتىنى بىلىدىغان خەلق. بۇ ئەزىمەتلەرگە خەلق ھەر خىل يوللار بىلەن رەھمەت-تەشەككۈرلىرىنى، كۆڭلىنى ئىزھار قىلالايدۇ.
يەرلىكلەردىن ئاڭلىساق، قەدىم زامانلاردا كىشىلەر نېرناسى، تۆمۈرتىلەرگە ئات-ئۇلاقلىق نەچچە كۈنلەردە چىقاتتىكەن. تېخى تاغلار ئارىسىدىكى قوراينىڭ يەرلىكلىرى ئۆزلىرىنى بازارلىق، شارلىق دەپ ھېساپلاپ نېرناسى، تۆمۈرتىلىكلەرنى تاغچىلار دەپ قويىدىغان ئادەتمۇ باركەن. بۇ قاراشلاردىن بىز شۇ ھېس قىلىۋالالايمىزكى، تارىختىن بۇيان تۆمۈرتى، نېرناسىلارنىڭ يولى ناچار، قاتنىشى قولايسىز بولغان. ئۇلار ئۆزىگە لازىملىقلارنى پەقەت قورايدىكى كىچىك دۇكانلاردىن ئېلىپ قايتىشقا مەجبور بولغان. ھېلىغىچە ماي يول يېيىتىلمىغان قىڭغىر-سىڭغىر تاغ يوللىرىنىڭ ئاسارىتىدە، بىكىنمە ھالەتتە ياتقان نېرناسى ۋە تۆمۈرتىلەرنىڭ قومۇلنىڭ ساپ يەرلىك مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. ئۇلارنىڭ شىۋىلىرىدىن بىز ئورخۇن مەڭگۈ تاشلىرىدىكى سۆزلۈكلەرنى ھەم تاپالايمىز. ئۇ يەردىكى قەدىمىي ئۆيلەردىن ئۇلۇغ ئەجداتلىرىمىز ئولتۇرغان ئۆيلەرنىڭ سىماسىنى كۆرەلەيمىز! ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ تېزلىشى بىلەن يەرلىك مىللەت، قەۋىملەرنىڭ تۇرمۇش شەكلىدە نۇرغۇنلىغان ئۆزگۈرەشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. ئۇلارنى قاتنىشى قولايلاشتى، تۇرمۇشى ياخشىلانغانمۇ بولدى. بىراق، تەرەققىياتنىڭ پايدىلىق تەرپىمۇ كۆپ، پايدىسىز تەرپىمۇ كۆپ بولدى. يەرلىك مەدەنىيەت قاتتىق خىرىسلارغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى بىلەلمەي ھەريان تىپىرلىماقتا. بىز مانا ئاشۇنداق تەرەققىياتلارنىڭ ئالدىدا ئامالسىز قالغان گۇۋاھچى بولۇپ قالىمىز خالاس.
ئەتىكى سەپەر قومۇلنىڭ بەش شەھىرىدىن ئاستانە، توغۇچى، لاپچۇق، قارادۆۋە، سۇمقاغىلاردۇر.  ئەلۋەتتە، ئەلۋەتتە غەرىپتىن نوم ئالغىلى ماڭغان تاڭشۈەنزەڭ شۇ زامانلاردىكى بۇددا دىنى ئەڭ يۈكسەلگەن لاپچۇق، بۈگۈر تەرەپلەردىنمۇ ئىلىم ئۆگۈنۈپ ئۆتۈشى كېرەك. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، شۈەنزاڭنىڭ تارىخى پائالىيەتلىرىدىن خەۋەردار بولغان ئابلەت سەمەت بۇ ئورۇنلارغا بىزدىنمۇ بەكرەك قىزىقىدۇ.



قارلۇقغول بويلىرىدا...



بىز 2013-يىلى1-ئاينىڭ7-كۈنى سەھەردە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 13-دېۋىزىيە توغۇچى دېھقانچىلىق مەيدانى تەۋەلىكىدىكى دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىنىدىغان بۈگۈر بۇددا خارابىلىكىگە قاراپ ئاتلاندۇق. يېڭىدىن قوۋۇق قوپۇرۇلۇپ، ئەتىراپى سىملار بىلەن چىتلانغان، ئاپپاق قارلاردىن لىباس كەيگەن ھەيۋەتلىك خارابىلىكنىڭ كۈنچىقىش تەرپىدە ئاپئاق ھور كۆتۈرۈلۈپ شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان قارلۇقغول سۈيى ئاز بولسىمۇ، كۆزىمىزگە بۆلەكچىلا ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى. ئاپپاق قىراۋ باسقان غول بويىدىكى خىلمۇ خىل گىياھلار، ھۈپپىدە چېچەكلەپ كەتكەن باھار پەسلىنى ئەسلەتسە، سۇدىن كۆتۈرۈلىۋاتقان ئاقۇش تۇمان كىشىگە ئاجايىپ بىر خىل سىرلىق تۇيغۇلارنى ئاتا قىلىپ، بۇ قەدىمىيەتلەر كۆمۈلگەن زىمىننى تېخىمۇ سىرلىق كۆرسىتىۋاتاتتى. بۇ يەرگە قار ياغقاندىن بېرى، تېخى ئادەم ئاياق دەسسەپ باقمىغان قارلارنى غاراسلىتىپ دەسسەپ مېڭىشلىرىمىزدىن دان ئىزلىشىپ يۈرگەن بىخىرامان قۇشلار ئالدىمىزدىكى يانتاقلارنىڭ ئارىسىدىن پۇرۇلداپ ئۇچۇشۇپ نەلەرگىدۇر غايىپ بولاتتى. قار يۈزىدە كىيىك، توشقان، بورلاڭ(كۈسۆرتكە)، چاشقان ۋە ھەر خىل قۇش ۋە كىشى بىلگىلى بولمايدىغان جاندارلارنىڭ ئىزلىرى ئۇچىرايتتى.
2011-يىلى 4-ئايلارنىڭ ئاخىرىدىغۇ دەيمەن، لاپچۇق قارلۇقغول بويىدىكى ئابدۇل قارلۇق بوۋاينىڭ(قارلۇقغول بويدىكى قارلۇق جەمەتى) ئۆيىدە بۈگۈر ھەققىدە مۇنداق بىر رىۋايەت ئاڭلىغانتىم:-ئاتا-بوۋىلىرىمىز باركۆلنىڭ كۈيسۇ دېگەن يېرىدە دۈشمەن تەرپىدىن قاتتىق يېڭىلىپتۇ. ئۇلار دۈشمەندىن قېچىپ يېڭى زىمىن ئىزلەپ بۈگۈر ئەتىراپىغا كېلىپ، سۇلىرى ئەلۋەك ئىنتايىن مۇنبەت زىمىننى بايقاپتۇ. بۇ يەردە بۇلاقمۇ بەك كۆپ ئىكەن. شۇ يەردە بىر بۇلاقنىڭ كۆزى جىق بولۇپ، سۈيى بەك ئۇلۇغ بولغاچقا، ئۇنى باشقۇرۇش ئۈچۈن يوغان بىر جىمبىل (قومۇلچە جىمبىر)بىلەن بۇلاقنى باستۇرۇپ قويۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ يەر جىمبىر بۇلاق دەپ ئاتىلىپ قالغانمىش. كېيىنچە ئۇلار داۋاملىق سۈرۈلۈپ، ھازىرقى لاپچۇق گۆدەگە كەنت تەۋەلكىدىكى زىمىنلارغا كېڭەيگەن ئىكەن. قارلۇقغول ئەنە ئاشۇنداق نۇرغۇنلىغان كىچىك بۇلاقلارنىڭ قوشۇلىشىدىن ھاسىل بولغانكەن. قارلۇقغول بويىدا نەچچە مىڭ يىللىق سەلتەنەتلىك تارىخقا ئىگە بۈگۈر، توما، چاپ، قۇمتۇر،تەيزاڭ،جاراڭ-جۇرۇڭ بۇددا خارابىلىكىرى ۋە لاپچۇق قەدىمكى شەھەر خارابىلكى بار.
ئابلەت سەمەت خارابىلىككە نەزەر ئاغدۇرغاچ، ھاياجان ئىچىدە، بۇ يەرنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى قىياسەن تەسۋىرلەپ چىقتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، مەيلى كۇچا، تۇرپان، قارا شەھەرلەردىكى بۇددا خارابىلىرى بولسۇن ۋە مەيلى قومۇل بۈگۈر، ئارتامدىكى بۇددا خارابىلىكى بولسۇن ھەممىسىدىكى ئورتاق بىر ئالاھىدىلىك شۇكى، بۇ غايەت زور قۇرۇلۇشلار غول (دەريا) بويلىرىغا، ساپ ھاۋالىق گۈزەل تاغ ئېتەكلىرىگە جايلاشقان بولىدىكەن. قەدىمدە ئاتا-بوۋىلىرىمىز مىڭ يىللاردىن ئارتۇق ئېتىقاد قىلغان بۇددا دىنى دەۋرىدە ياسالغان ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇشلاردىن، بىز ئاشۇ دەۋىردىكىلەرنىڭ نەقەدەر تەرەققىي قىلغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز. بۇددا دىنىنىڭ قائىدىسىدە ئىلىم تەھسىل قىلغاندا، ئېتىكاپتا ئولتۇرغاندا ۋە بۇددا نوم بىتىكلىرىنى كۆرگەندە چوقۇم جىمجىتلىق تەلەپ قىلىنىدىغان بولۇپ، ئاشۇ جاينىڭ تىنىچ، ئازادە بولىشى، ئەتىراپىدىكى غول-ئېقىنلاردا سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرىشى، قۇشلار لەرزان سايراپ تۇرىشى تەلەپ قىلىنىدىكەن. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بۇ قەدىمكى يادىكارلىقلارنىڭ ساقلىنىشى ياخشى بولمايۋېتىپتۇ.
بىز بىر نەچچە خارابىلىكلەرنى كۆرۈپ بولۇپ، ئېچىلىپ قالغان ئۈچ بۇددا غارىغا كىردۇق، غاردىكى تام رەسىملىرى يوقالغان، بۇتلاردىن ئەسەرمۇ قالمىغان بولۇپ، تام-تورۇسلىرى قاپقارا ئىسلىشىپ، ئۈستى گۆمۈرلۈپ كېتىپتۇ. ئۈچىنچى غاردا قانداق شەكلىك ئىكەنلىكىنى ئىلغا قىلغىلى بولىدىغان ئازغىنە تام رەسىملىرى قېلىپتۇ. يۈنۈس ئبراھىمنىڭ دېيىشىچە، بۇ يەردە يەنە ئېچىلمىغان غارلارمۇ بارمكەن. قۇتقۇزۇش مەبلىغىمۇ ھەل بولۇپتۇ. ئەتىراپتىكى بۇزغۇنچىلىقلارنى كۆرگەن ئابلەت سەمەت ئېغىر ئۇھسىنىدى.
ئەسلىدىكى پىلانچە، بۈگۈر خارابىلىكىنى بىرەر سائەتتە كۆرۈپ بولماقچىتۇق. كۆرىدىغان، چۈشىنىدىغان، تەتقىق قىلىدىغان يېڭىلىقلارغا قانمىغان ئابلەت سەمەت بۇ يەردىلا ئۈچ سائەتنى خۇددى ئۈچ مىنۇتنى ئۆتكۈزگەندەكلا ئۆتكۈزىۋەتتى. ۋاقىت ئېتىبارى بىلەن باشقا جايلارنى ماشىنا ئىچىدىنلا كۆرۈپ قومۇلغا قايتىپ كەلدۇق. كەچتە، «قومۇل ئەدەبىياتى» ژورنىلىدىكى سەمەت ئابدۇراخمان قۇچىغۇنلار بىلەن جەم بولدۇق. مېھمانلار ئۈرۈمچى ۋاقتى 8 دە قايتىدىغانلىقى ئۈچۈن ھەممىمىز ئابلەت ئاكىنىڭ«مايترىسىمىت» ۋە باشقا قەدىمكى ئۇيغۇرچە قوليازمىلار، خەلقئارادىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى ھەققىدە كۆپرەك پاراڭ سېلىشىنى ئىستەپ جىم ئولتۇردۇق. ئابلەت سەمەت ھاياتىدىكى تۇنجى قېتىملىق قومۇل سەپىرىنىڭ ئۆز ھاياتىدىكى يېڭى بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغانلىقىنى، قومۇلغا كېلىپ گويا يېڭىدىن دۇنياغا كۆز ئاچقان بوۋاقتەك تۇيغۇغا كەپ قالغانلىقىنى، قومۇلنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئېچىلمىغان بوز يەر ئىكەنلىكىنى، قومۇل ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ تەتقىقاتلارنى قىلغۇسى بارلىقىنى دەپ ئۆتكەچ، قومۇلدىكى زىيالىيلارنىڭ مەسئولىيەتچانلىقى، يۇرت سۆيگۈسىنىڭ چوڭقۇرلىقى، زىممىسىدىكى ۋەزىپىلىرىنىڭ بەكمۇ ئېغىرلىقىنى گۈزەل-پاساھەتلىك تىللاردا تەرىپلىدى. تۈگىمەيدىغان توي يوق، كەتمەيدىغان مېھمان، دېگەندەك ئابلەت سەمەت خوشلۇشۇپ مېڭىشنىڭ ئالدىدا، قومۇلدا ئۆتكەن تۆرت كۈن مېنىڭ ھايتىمدىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئۆتكەن كۈنلىرىم، ماڭا ۋە مېنىڭ ئائىلەمگە، دۇنيا ئۇيغۇرشوناسلىقىغا يېڭىچە ھاياتىي كۈچ ۋە شۇ قەدەر ئۇزۇنغىچە داۋاملىشالايدىغان خوشاللىق ئاتا قىلغان نېرناسى ئەزىمەتلىرىگە ۋە ئاقكۆڭۈل قومۇل خەلقىگە چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن...دىدى.
ئابلەت سەمەت كەتتى، مۇشۇ نەچچە كۈندى بۇيان تەگسىز خىياللار دېڭىزىغا غەرق بولدۇم. كاللامدا مەيلى بۇرۇنلاردا بولسۇن ياكى ھازىردا بولسۇن نىمىشقا ئۇيغۇرنى ئۇيغۇر تەتقىق قىلالمىغاندۇ؟! نىمىشقا ئۇيغۇرنى گېرمان، ئىنگىلىز، ئورۇس...لار تەتقىق قىلىپ دۇنيادا ئۇيغۇرشوناشلىقنىڭ يېڭى سەهىپىسىنى ئاچقان بولغىيدى؟ دېگەن سوئاللار پەيدا بولۇپ قالدى. دېمىسىمۇ، مەڭگۈ تاشلىرىمىزنى چەتئەللىكلەر ئوقۇپ بەردى! قىممەتلىك مەدەنىيەت بايلىقلىرىمىز يەنىلا چەتئەلدە...بىز نىمىشقا ئۇلارنى تەتقىق قىلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدۇق؟! بۇنى دەپ كەلسەك گەپ ئۇزىراپ كېتىدۇ. چىراق تۈۋى قاراڭغۇ. بىراق، ئاشۇ چىراق تۈۋىدىكىلەر يەنىلا ئۆزىنى ئەڭ ئېنىق كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر.


2013 -يىلى1-ئاينىڭ29-كۈنى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەركىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-24 12:17  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-25 10:16:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمامنى دەل ۋاقتىدا تەستىقلىغان باشقۇرغۇچىلارغا چىن دىلىمدىن رەھمەت، ھەشقاللا!

ۋاقتى: 2013-12-25 10:40:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈر خارابىلىكى ھەققىدە تىخىمۇ تەپسىلىي چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز،تولىمۇ  خۇرسەن بولغان  بولاتتىم.   چۈنكى مەن بۈگۈر ناھىيىسىدىن.   سىز  دىگەن بۈەۈر خاررابىيلىكى بىلەن بۈگۈر ناھىيىسىنىڭ بىرەر باغلىنىشى بارمىدۇر؟.......مۇشۇلارنى  تولىمۇ  بىلگۈم بار.

ۋاقتى: 2013-12-25 10:54:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بۇ خىل ئىزدىنىشلىرىڭىز  كىشىنى خوشال قىلىدۇ . مۇشۇ خىلدىكى ئەسەرلىرىڭىزنى ئوقۇسام سۆيۈنىپ كېتىمەن سىزدىن. ئويۇن-تاماشىنى نېرى ئىتتىپ قاتتا ئەمگەكلەرگە ۋاقىت ئاجراتقان روھ نېمە دېگەن قىممەتلىك. ئېچىلمىغان بوزلۇقلار توغرىلىق داۋاملىق قەلەم تەۋرىتىشىڭىزگە تىلەكداشمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-25 11:10:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساھىبقىران يوللىغان ۋاقتى  2013-12-25 10:40
بۈگۈر خارابىلىكى ھەققىدە تىخىمۇ تەپسىلىي چۈشەنچە بەرگ ...

بۈگۈر-ھەققىدە بىلىدىغانلىرىم بەكمۇ كۆپ ئەمەس. بىراق قومۇلدىكى نۇرغۇن يەر -جاي ناملىرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھارقايسى ۋىلايەت، ناھىيە، ئوبلاسىت،شەھەرلىرىدىكى قىسمەن يەر -جاي ناملىرى بىلەن ئوخشايدۇ. مەسلەن: مەن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ساقا. ئاڭلىسام قەشقەر بەشكېرەمدە ساقا دەپ يۇرت باركەن، ساقا دەپ پىچاندىمۇ بىر كەنىت بار. بۇنداق مىساللار بەك كۆپ، باي دەپ يېزىمىز بار، قاراسۇ، لەڭگەر، قىزىلسۇ، يامانسۇ،ئاستانە، ئالتۇنلۇق، يارباغكۆۋرۈك...بۇنداق مىساللار بەك كۆپ. چۈنكى بۇ زىمىنلار تارىخى ئەزەلدىن ئۇيغۇرنىڭ زىمىنى بولغاچقا ئىسىم جەھەتتىن ئوخشاشلىقلارنىڭ كۆرۈلىشى تەبىئىي ئەھۋال. بەلكىم، بۇ ھەقتە مەخسوس توختالساق نۇرغۇنلىغان قەمىممەتلىك ئۇچۇرلار يورۇقلۇققا چىقىشى مۇمكىن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-25 11:11:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەروزان يوللىغان ۋاقتى  2013-12-25 10:54
بۇ خىل ئىزدىنىشلىرىڭىز  كىشىنى خوشال قىلىدۇ . مۇشۇ خى ...

رەھمەت پەرزون ئاغا، رىغبەتلەردىن غەلبە نۇرى بىزگە نىسىپ بولغاي.

ۋاقتى: 2015-3-22 23:15:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركىم ئەپەندىمنىڭ ئۆزىگە خاس ئىزدىنىش يولى تېخىمۇ راۋان بولغاي.

ۋاقتى: 2015-3-22 23:15:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركىم ئەپەندىمنىڭ ئۆزىگە خاس ئىزدىنىش يولى تېخىمۇ راۋان بولغاي.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش