يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 406|ئىنكاس: 1

ئوقۇغۇچىلاردا ساغلام پىسخىكىلىق ھالەتنى يېتىلدۈرەيلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-12-24 11:54:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئوقۇغۇچىلاردا ساغلام پىسخىكىلىق ھالەتنى يېتىلدۈرەيلى
ئازادجان ئىبراھىم
    ئوتتۇرا–باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەن-مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىتىشكىلا ئەھمىيەت بېرىپلا قالماستىن، ئەڭ مۇھىمى، ئۇلارنىڭ ساغلام پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكىنى يېتىلدۈرۈشكىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئوقۇغۇچىلار پەن–مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ياخشى ئۆگىنىپ، پىسخىكىلىق جەھەتتىن تەربىيەگە ئىگە بولمىسا، كەلگۈسىدە ئۆزىنىڭ نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەت، ئۆگىنىش، تۇرمۇش ۋە باشقا جەھەتلەردە نەتىجە يارىتىپ كېتەلمەسلىكى، قىسقىسى ئوقۇش تارىخىىنىمۇ مۇۋاپىقىەتلىك ئاخىرلاشتۇرالماسلىقىمۇ مۇمكىن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك ۋە ئەمگەك قاتارلىق جەھەتلەردىن ئەتىراپلىق يېتىلىشىمۇ ئۇلاردا ساغلام پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكىنىڭ يېتىلگەن–يېتىلمىگەنلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىرىشىپ ئۆگىنىش روھى، چوڭلارنى، ئاتا-ئانىلارنى، ئۇستازلارنى، ساۋاقداشلىرىنى ھۆرمەتلەش روھى، كوللېكتىپنى سۆيۈش روھى، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش روھى، ۋاپادارلىق، كەمتەرلىك، سەمىمىيلىك، راستچىللىق، مېھرىبانلىق قاتارلىقلارمۇ ساغلام پىسخىك ئالاھىدىلىك ھېساپلىنىدۇ.
    ئوقۇغۇچىلاردا يۇقىرىقىدەك پىسخىك ئالاھىدىلىكنى يېتىلدۈرۈش ئانچە ئوڭاي ئەمەس. ئۇنى پەقەت ئائىلە، مەكتەپ ۋە جەمئىيەتتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ تەربىيەسى ئارقىلىقلا يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. بۇ ئۈچ تەرەپنىڭ تەربىيەسى ئۆزئارا زىچ بىرلەشتۈرۈلگەندىلا، ئۆز ئارا ماسلاشتۇرۇلغاندىلا ئوغۇچىللاردا ساغلام پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. ئائىلە تەربىيەسى ياخشى بولۇپ مەكتەپ تەربىيەسى ياخشى بولمىسا ياكى ئائىلە تەربىيەسى بىلەن مەكتەپ تەربىيەسى ياخشى بولۇپ جەمئىيەت تەربىيەسى ياخشى بولمىسا ئوخشاشلا ئوقۇغۇچىلاردا ساغلام بولغان پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكنىڭ يېتىلىشى ناتايىن. نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە ۋە مەكتەپتىكى ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولسىمۇ، ئۇلار جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم چىرىك، نامۇۋاپىق، ساغلام بولمىغان يامان ئىللەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ھاياتىنى نابۇت قىلىدىغان، جەمئىيەتكە، خەلققە زىيان كەلتۈرىدىغان قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئېغىر جىنايەت سادىر قىلىپ، جەمئىيەتكە ئېغىر بالايى ئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغاىن ئەھۋلللارمۇ ئاز ئەمەس. شۇڭا، ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئۈچ تەرەپ تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ ئوقۇغۇچىلاردا ساغلام پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكنى يېتىلدۈرشكە كۈچ چىقىرىپ، كەلگۈسىگە ياراملىق ھەقىقىي ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.
    بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك:
    1. ئائىلە تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك
    ئوقۇغۇچىلاردا ساغلام پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكنى يېتىلدۈرۈپ، كەلگۈسىگە ياراملىق ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن كەڭ ئاتا-ئانىلار ئائىلە تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئائىلە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلىم-تەربىيە ئالىدىغان تۇنجى مەكتىپى. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئاتا-ئانىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇنجى ئۇستازى ھېسابلىنىدۇ.بۇ چاغدا ئاتا-ئانىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا بولغان تەسىرى زور بولىدۇ. بىزدە ‹‹قۇش ئۇۋىسىدا نېمىنى كۆرسە، ئۇچقاندا شۇنى ئالىدۇ›› دەيدىغان گەپ بار. خۇددى مۇشۇنىڭدەك ئوقۇغۇچىلارمۇ ئائىلىدە قانداق تەربىيەگە ئىگە بولسا كەلگۈسىدە شۇنداق ئادەم بولۇشى بەرھەق. شۇڭا، ئاتا-ئانىلار ئائىلىدە يۈرۈش-تۇرۇش، سۆز-ھەرىكەتتە پەرزەنتلىرىگە ئۈلگە بولۇش كېرەك. قوپال، سەت گەپ-سۆزلەرنى ئىشلەتمەسلىكى، باشقىلارنىڭ يامان گېپىنى قىلماسلىقى، پاكىز، رەتلىك بولۇشى، كىيىنىشكە ئەھمىيەت بېرىشى، سۆلەتۋاز، ھەشەمەتخور بولماسلىقى لازىم. ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ئوقۇغۇچىلار كۆرۈشكە مۇناسىپ ئەمەس كىنو، سىنئالغۇ لېنتىلىرىنى كۆرسەتمەسلىكى، ھەددىدىن زىيادە ئەركىلەتمەسلىكى، ئورۇنسىز پۇل بەرمەسلىكى، بازاردىن نەرسە كېرەك ئېلىشقا بۇيرۇماسلىقى، پەرزەنتلىرىنىڭ يېتىش، ئۆگىنىش ئۆيلىرىنى ئايرىم قىلىپ بېرىش، باشقىلارنىڭ ئۆيىدە قونۇشقا ئادەتلەندۈرمەسلىكى ھەم يول قويماسلىقى لازىم. ئوقۇغۇچىلارغا ئۆز ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۈلگە بولۇش بىلەن بىللە، يەنە ئۇلارغا ئەدەپلىك بولۇش، مەدەنىيەتلىك بولۇش، يالغان گەپ قىلماسلىق، باشقىلار بىلەن ئۇرۇش-جېدەل قىلماسلىق ھەققىدە ئىدىيەۋى تەلىم–تەربىيە ئېلىشپ بېرىش لازىم. ئەدەپ–ئەخلاق، قائىدە–يوسۇن تەربىيەسىنى ئەنئەنىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا، ئوقۇغۇچىلارغا ساغلام بولغان پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ساغلام، ئەخلاقلىق، مەدەنىيەتلىك ئىنتىزامچان بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىغا پۇختا ئاساس سالغىلى بولىدۇ.
    2. مەكتەپ تەربىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك
    مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەن-مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىدىغان سورۇنى. مەكتەپ تەربىيەسىنى كۈچەيتكەندىلا، ئوقۇغۇچىلارنى پەن–مەدەنىيەت بىلىملىرىگە ئىگە قىلىش بىلەن بىللە يەنە، ئەڭ مۇھىمى ئۇلارنىڭ بىلىملىك، قابىلىيەتلىك ۋە ئىنتىزامچان بولۇشتەك ساغلام پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكىنى يېتىلدۈرۈشكىمۇ پۇختا ئاساس سالغىلى بولىدۇ. شۇڭا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن مەكتەپ تەربىيەسىنى ھەقىقىي ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىش لازىم. يەنى بۇنىڭدا ئالدى بىلەن مەكتەپنىڭ تۈرلۈك تۈزۈم، قائىدىلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دەرسخانا تەرتىپىنى ياخشىلاپ، ساغلام بولغان ئوقۇتۇش مۇھىتىنى يارىتىش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار مەدەنىيەتلىك بولۇش، سىنىپ تازىلىقى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەخسىي تازىلىقى ياخشى بولۇش، ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى تولۇق ۋە رەتلىك بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەكتەپ رەھبەرلىرى ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنى تىللىماسلىقى، ئۇرماسلىقى، تاماكا چەكمەسلىكى، ھاراق ئىچمەسلىكى، ئوقۇغۇچىلارغا كەلسە-كەلمەس سۆزلەرنى قىلماسلىقى، باشقىلار بىلەن جېدەل قىلماسلىقى، دەرس ۋاقتىدا ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا بۇيرۇماسلىقى، مەدەنىي پائالىيەتلەرنى مۇۋاپىق، ئەھمىيەتلىك، ئۈنۈملۈك ئۆتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى، تاپشۇرۇقنى ۋاقتىدا بېرىپ ۋاقتىدا تەكشۈرۈشى، تاپشۇرۇق ئورۇنلىماسلىققا قەتئىي يول قويماسلىقى، مال-مۈلۈكنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈشى، كېلىپ-كېتىش، ئۆگىنىش، تۇرمۇش ۋە ئىنتىزامدا نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا شۇ ھەقتە تەلىم-تەربىيە بېرىشى، شۇنداقلا ‹‹ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى››، ‹‹ئوقۇغۇچىلار ھەرىكەت ئۆلچىمى›› ھەققىدە تەربىيە بېرىپ، ئۇنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈشى لازىم. تۈرلۈك ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، مەكتەپ تەلىم-تەربىيىسىنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۇلارنى ئەتراپلىق تەربىيەگە ئىگە قىلىش كېرەك. بۇنداق بولغاندا ئوقۇغۇچىلاردا ساغلام پىسخىك ئالاھىدىلىكنى يېتىلدۈرۈپ، كەلگۈسىگە ياراملىق ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
    3. جەمئىيەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك
    ئوقۇغۇچىلار ئائىلە ۋە مەكتەپ تەربىيەسىگە ئىگە بولۇش بىلەن بىللە يەنە ئەڭ مۇھىمى جەمئىيەت تەربىيەسىگىمۇ ئىگە بولۇشى كېرەك. تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەمممىسى دېگۈدەك ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتۈپ، ئالىي بىلىم يۇرتىدا ئوقۇپ كېتەلىشى، خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ كېتەلىشى ناتايىن. ئۇلارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى ئائىلىسىدە ئىشسىز قېلىشىمۇ مۇمكىن. ئوقۇغان ئادەمنىڭ ھەممىسىمۇ كادىر بولۇشىمۇ ناتايىن. بەزىلىرى كادىر، بەزىلىرى دېھقان، بەزىلىرى چارۋىچى، بەزىلىرى ئىشچى، بەزىلىرى تىجارەتچى بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، مۇشۇ خىل كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشتا بەلگىلىك بىلىم، قابىلىيەت بولمىسا، ئۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىشى تەس. مانا مۇشۇ خىل كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۇنىڭدىن ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلاردا داۋاملىق ئىزدىنىدىغان، جاپا-مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان، تەرتىپ، ئىنتىزامغا ئاڭلىق رېئايە قىلىدىغان، يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان ساغلام پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشى كېرەك. مانا بۇ خىل ساغلام پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىك ئۈنۈملۈك بولغان جەمئىيەت تەربىيەسى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. بۇ خىل ساغلام پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار تەربىيەلىنىدىغان ساغلام ئىجتىمائىي مۇھىت بولۇشى كېرەك. يەنى مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار دائىم پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان مەدەنىي پائالىيەت ئورۇنلىرى، گۈزەل سەنئەت ئۆيلىرى، كەسپىي مەكتەپلەر (دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىلىملىرىنى ئۆگىتىدىغان، ئاشپەزلىك، تامچىلىق ۋە باشقا كەسىپلەرنى ئۆگىنىدىغان) بولۇشى كېرەك.
    ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى، قانۇن ئورۇنلىرى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا بولغان قانۇن-تۈزۈم تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئۇنى كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئۇلارنىڭ مۇۋاپىق ئىش ئورنىغا ئىگە بولۇپ، ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىغا، جەمئىيەتكە ھەسسە قوشۇشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئەتىگەندىن كەچكىچە بىكار يۈرۈپ، جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم يامان ئىللەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ھاراق ئىچىش، ئۇرۇش–جېدەل قىلىش ئوغۇرلۇق قىلىش ۋە باشقا قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، جىنايەتچىلەرگە ئايلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ ياشلىق باھارىنى ۋاقىتسىز نابۇت قېلىۋېتىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا، ئوقۇغۇچىلارغا بولغان جەمئىيەت تەربىيەسىنى كۈچەيتپ، ساغلام ئىجتىمائىي مۇھىتتا بەلگىلىك تەربىيەگە ئىگە بولغاندىلا، ئوقۇغۇچىلاردا ساغلام پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكنى يېتىلدۈرۈپ، كەلگۈسىگە ياراملىق ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-1-22 21:02:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچى بولغان ئىكەنمىز چوقۇم بۇ مەسىلىگە كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش