كۆرۈش: 515|ئىنكاس: 1

ئايگۈل ھەمدۇللا:ياشلىق كۈيلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
شائىرە ئايگۈل ھەمدۇللا (قېقىنۇس) نىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى:

شائىرە 1967-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى قاراماي شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن، باشلانغۇچى، تولۇقسىز، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قاراماي شەھىرىدە تاماملاپ، 1984-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان، 1989-يىلى ئۇنىۋېرسىتېتنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ ئانا مەكتىپى قارامايشەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپكە خىزمەتكە ئورۇنلاشقان، شۇنىڭدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە مەزكۇر مەكتەپتە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.

شائىرە ئايگۈل ھەمدۇللا (قېقىنۇس) 1999-يىلى قازاقىستان دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئەدەبىيات-سەنئەت ئىنىستىتۇتىغا دوكتور ئاسپرانتلىق ئوقۇشقا كىرىپ 2006-يىلى دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

     شائىرە 1981-يىلى « قاراماي ئەدەبىياتى» (ھازىرقى «مايبۇلاق» ژۇرنىلى) دا ئېلان قىلىنغان «تىرىشىپ ئوقۇيمەن» ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قەدەم قويغان. شۇنىڭدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەتبۇئاتلاردا، شۇنداقلا قازاقىستان، ئۆزبېكىستاندا نەشر قىلىنىدىغان مەتبۇئاتلاردا 200 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر ئېلان قىلغان.

      شائىرە كۆپ قىرلىق تالانت ئىگىسى بولۇپ، ئۇ ھازىرغىچە ئون پارچىدىن ئارتۇق ناخشا-مۇزىكا ئىشلەپ رادىيو-تېلېۋىزورلاردا ئېلان قىلىغان.

    شائىرەنىڭ «ياشلىق كۈيلىرى» ناملىق بۇ شېئىرى 1992-يىلى 4-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن.

ياشلىق كۈيلىرى

( سېكىل )

گۆھەر

ئىنساننىڭ ياشلىقى بىباھا گۆھەر ،

شۇنچە تېز ھەم ئۇنىڭ كېلىپ – كېتىشى.

گويا سەن كۆزۈڭنى يۇمۇپ ئاچقۇچە،

چېھرىڭدە  قالماس ھېچ ياشلىقنىڭ ئىزى.

شەبنەم

سەھەردە قارىسام گۈلنىڭ بەرگىگە،

تۇراتتى نۇرلىنىپ شەبنەم ئۈنچىدەك .

زوقلىنىپ، سۆيۈنۈپ قايتا بىر باقسام،

نە شەبنەم، نە ئۈنچە كۆرۈنمىگىدەك .



ياشلىقمۇ گوياكى گۈللەر بەرگىدە،

سۈبھىدە چاقنىغان شەبنەم جۇلالىق.

كۈن چىقسا شەر*قتىن ئۆتكۈر نۇر چېچىپ،

قۇرۇيدۇ شەبنەممۇ، كېتىدۇ ياشلىق .

تامچە

ساپ مەيىن شامالدا دولقۇنلاپ دېڭىز،

ھەر ۋاقىت ئۈنچىلەر چاچتى قىرغاققا.

چاچرىدى تۈمەنلەپ زۇمرەت تامچىلار،

ۋە لېكىن بىر دەمدە  سىڭدى تۇپراققا.



ھاياتتۇر بەئەينى بىپايان دېڭىز،

ياشلىقتۇر دېڭىزنىڭ مىسال تامچىسى.

چاچرىغان تامچىلار قاينام ئەۋجىدە،

خىيالچان شائىرنىڭ ئىلھام قامچىسى.

باھار

ياشلىق–ئۇ ئۆمۈرنىڭ كۆركەم باھارى،

باھاردا جەنۇبتىن قۇشلار كېلىدۇ.

ئېيتقىنا، بۇرادەر پەرۋازى قۇشتەك،

ياشلىقتا كىملەرمۇ يازلاپ قالىدۇ؟



شۇ باھار- قىممەتلىك ئالتۇن دەۋرىدە،

بەزىلەر قۇچىدۇ ئۇتۇق ۋە شەرەپ.

ۋە يەنە بەزىلەر قەدرىگە يەتمەي،

توزىتار گۈلىنى چېچىپ ھەر تەرەپ.

پۇشايمان–ئىبرەت

ئاقىبەت بەزىلەر قىلىدۇ پۇشمان،

ۋاقىتسىز شۇ يۇمران گۈلى سۇنغاندا.

زارلايدۇ، قاخشايدۇ ئاھ- ھەسرەت چېكىپ،

يۇلتۇزمۇ، شەبنەممۇ كۆچۈپ بولغاندا.



نە ھاجەت ئورۇنسىز پۇشمان ئەيلىمەك،

دۇرۇستى باشتىلا قەدرىگە يەتمەك .

نەدە بار، ئارقىغا يانغىنى ئوقنىڭ،

ۋە ياكى مىراسمۇ، نادامەت چەكمەك؟!



بۇ سۆزلەر ھەقىقەت قىل سىغماس ئاڭا،

بىھۇدە زارلاشتىن قۇچاقلار قۇرۇق.

بۇ گۆھەر ساۋاقلار نۇرانە چىراغ،

داۋانلىق يوللارنى كۆرسىتەر يورۇق.

ياشلىق ناخشىسى

باھارنىڭ ئەۋرىشىم مەجنۇن تېلىدەك،

ياشلىقتۇر ھاياتنىڭ گۈزەل باھارى.

گۈل كەبى خۇشپۇراق ھىدلارنى چاچقان ،

پەسىلدۇر ئۆمۈرنىڭ ئېسىل چاغلىرى.



ياڭرايدۇ كۆكتە، پۈتۈن ئالەمدە،

ياشلىقىنىڭ جەڭگىۋار شوخ ناخشىلىرى.

ئۆركەشلەر شادلىنىپ قەلبتە ھېسلار،

چاچقاندا خۇشپۇراق ياشلىق گۈللىرى.

خاتىمە

باھاردا چېچەكلەر مېۋىلىك دەرەخ،

ھاياتلىق يولىغا بۇ تەمسىل پەقەت.

پەسىللەر باھارى كۈيلەنگىنىدەك،

ياشلىقمۇ كۈيلىنەر ئەبەدىل–ئەبەت!

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-26 20:16:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش