( 1273-1207 )
بۇلاق ژورنىلىنىڭ 1995-يللىق3-سانىدىن كۆچۈرۈپ كېلىندى
نەشىرگە تەيارلىغۇچى ؛جاپپار ئەمەت
ئەي،دىل كۆزۈڭنى ئاچ ،جاھان ئۆتكۈسىدۇر،
ئۆمرۈڭ بۇ جاھاندا يامان ئۆتكۈسىدۇر.
تەن مەنزىلىدە مەھبۇسۇ غاپىل قالما،
مەنزىل ئېشىپ مەنزىلكارۋان ئۆتكۈسىدۇر.
جانىمنى بىرەي، ئال ئۇنى ،جاندىن كەچمە،
دىلدىن كېچەي ،ئال ئۇنى،جاھاندىن كەچمە.
سەن ئوقسەن،مەن بولسام كامان تېخىچە،
ئەي ئوق، سەۋىر ئەيلە، كاماندىن كەچمە.
كۆڭلۈم دۇتى نىشان بويلاپ سەۋدا،ئەي دىل،
ھەر لەھزە ئۇ دۇت كۆڭۈلگە پەيدا ،ئەي دىل.
قانلار مەۋج ئۇرار قانچە باغرىمدا مېنىڭ،
تاشماسمىدى بولمىسا دەريا،ئەي دىل.
كۆڭلۈمنى سەنەمگە مۇپتەلا ئىستەرمەن،
جاىمغا قانچىلاپ ئوق-بالا ئېستەرمەن.
كويۇڭدا ئەگەر كەچمىسەم،ئەي سەنەم،
قانلار يۇتۇپ ،ئۆزۈمگە قازا ئىستەرمەن.
دېدىمكى؛كۆزۈم، دېدىكى؛جەيېھۇن ئەتكۈم،
دېدىم؛يۈرىكىم،دېدىكى؛پۇرخۇن ئەتكۈم.
دېدىمكى؛تېنىم،دېدىكى؛ئۈچ كۈندىن سوڭ،
رەسۋا قىلىبان،چەتلەرگە سۈرگۈن-ئەتكۈم.
سەندىنمۇ كېچىپ بىزار بولاي؟ ياق-ياق-ياق!
باشقا بىرسى بىلەن يار بولاي،ياق-ياق-ياق!
ۋېسالىڭنىڭ باغىدا پەقەت گۈل كۆردۈم،
گۈلدىن كېچىپ، تىكەن-خار بولاي،ياق-ياق-ياق!
ھەر پارىسى ئۆرتىنىپ،كاۋابدۇر ،كاۋاب.
دىلدارىم دەردىمگە بېقىپ خامۇشتۇر،
خامۇشلىقى ماڭا مىڭ جاۋابتۇر ،جاۋاب،
كۆڭلۈم ھەۋىسىڭ بىلەن راۋابتۇر،راۋاب.
مەجنۇنى پەرىشانىڭ ئۆزۈم ،قولۇم تۇت،
سەرگەشتە ۋۇ ھەيرانىڭ ئۆزۈم،قولۇم تۇت.
ھەر ھالى خارابىنىڭ بىر مەدەت كارى بار،
ئۇ سارغايغان ساماننىڭ ئۆزۈم ،قولۇم تۇت.
داۋامى بار....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرھات كازىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-23 17:02