يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 618|ئىنكاس: 3

توقسۇن خەلقىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە توي-تۆكۈن ئۆرپ- ئادەتلىرى ۋە توي بىيى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-12-23 13:07:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
توقسۇن خەلقىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە توي – تۆكۈن ئۆرپ ئادەتلىرى ۋە توي بىيىتلىرى

توقسۇن بوستانلىقى قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپ يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئۆتكەل بۇلۇپ ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي رايونلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان قاتناش تۈگۈنى ئىدى. بۇ يەرگە گەرچە ھەر خىل مەدەنىيەتلەر تەسىر كۆرسىتىپ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ جايدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزىگە خاس يەرلىك مەدەنىيەت ياراتقان ھەم ئۇنى ھازىرغىچە ساقلاپ كەلگەن. ئۇلار ئومۇمي ئۆرپ – ئادەتلەرگە ۋارسلىق قىلىش بىلەن ئۆزگىچە بولغان ئادەتلىرىنىمۇ داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە . نىكاھ توي ئادىتى ئەنە شۇ ئۆرپ- ئادەتلەرنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ .
لايىق تاللاش
1) ئاتا – ئانىسىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە لايىق تاللاش ، ئاتا- ئانا ئالدى بىلەن مەھەللە ، خولۇم – خوشنا، يار – بۇرادەرلەر ، يىراق ئۇرۇق- تۇققانلار ئارىسىدىن ، ئۇنىڭدىن قالسا يىراقراق يەرلەردىن لايىق كۆزىتىدۇ.ئاندىن ئوغلىنىڭ بىرەر يېقىن دوستىنى ئارىغا سېلىش ئارقىلىق رايىنى ئاڭلايدۇ .ئوغلىدا باشقىچە پىكىر بولمىسا تاللىغان ئاشۇ لايىق مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ.ئەگەر ئوغلى ياقتۇرۇپ سۆزلىشىپ يۈرگەن لايىقى بولسا ھەمدە بۇ لايىقنى ئوغۇلنىڭ ئاتا- ئانىسى مۇۋاپىق كۆرسە شۇ لايىق تاللىنىدۇ .
2) تونۇش – بىلىش ، ئۇرۇق تۇققانلار ئارىسىدىن لايىق تاللىغاندا مەلۇم بىر ئائىلە بىرسىنى قىزى (ئوغلى )نى ياقتۇرۇپ قالسا ، گەپ ئارلىقىدا ھەر خىل پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ ‹‹ قىزىمىز ( ئوغلىمىز ) ھەجەپمۇ ئوبدان چوڭ بوپتۇ، بالا قىلىۋالسام بولغىدەك›› دەپ قۇدا بۇلۇش ئارزۇسىنى ئىپادىلەيدۇ .
3) بەزى ئائىلىلەردە قەدىمدىن تارتىپ داۋاملاشقان بايلار بىلەن ئادەتتىكى ئائىلىلەرنىڭ قۇدىلىشىشقا قوشۇلماسلىق خاھىشىمۇ بار .بۇ يەردە مال – مۈلۈك ، ئائىلە نەسەبى،ئاتا – ئانىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى دىگەندەك بىر قاتار شەرتلەر ئاستىدا ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى، شەھەرلىك ،ئىناۋەتلىك ئائىلىلەر بالىلىرىنىڭ ئادەتتىكى دېھقان پەرزەنتلىرى،ياكى تۆۋەن كىرىملىك يەرلەردىن لايىق تېپىشىنى قاتتىق چەكلەيدۇ .لېكىن بالىلار ئاتا- ئانىسىنىڭ رايى بىلەن توي قىلىشقا رازى بولىدۇكى ھەرگىز ئۆزى ياخشى كۆرگەن يىگىت ( قىز )بىلەن قاچىدىغان ئىش بولمايدۇ .
4) بەزى ئائىلىلەردە قىز كۆپ بۇلۇپ ئوغۇل يوق بولسا ، ئائىلىنىڭ يۈكىنى كۆتۈرۈشكە ياردەملىشىىش ئۈچۈن ، بەزى ئوغۇللار قىزنىڭ ئۆيىگە ئىچ كۈيئوغۇل بۇلۇپ كىرىدىغان ئادەتمۇ بار .بۇلۇپمۇ يېزىلاردا ئەمگەك كۈچى يېتىشمەيدىغان ئائىلىلەردە بۇنداق ئىش خېلىلا جىق .
ئەلچى قويۇش
لايىق مۇقىملاشقاندىن كېيىن ئوغۇل تەرەپ  گەپكە ئۇستا، ئىككى تەرەپنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولغان ،                                                      توي  ئىشلىرىنى  قاملاشتۇرىدىغان  بىر كىشىنى ئەلچىلىككە تەيىنلەيدۇ . ئەلچىلىككە  بارغان ئادەم ئادەتتە ‹‹ مىرىن ››  دەپ ئاتىلىپ ئوغۇل تەرەپنىڭ تلۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى سۈپىتىدە قىز تەرەپكە ئەۋەتىلىدۇ . ئەلچى قىز تەرەپكە داستىخان ئۈستىدە  سىلىق- سىپايە گەپلەر بىلەن مەقسىتىنى يەتكۈزىدۇ . قىز تەرەپ ئوغۇل تەرەپنى مۇۋاپىق كۆرسە ياكى تەلىپىگە قوشۇلسا، ‹‹ قىزىمىزنى ئايىمايمىز ›› دەيدۇ . ناۋادا لايىق كۆرمىسە ‹‹ قىزىمىز كىچىك ئىدى،ياكى دىيىشىپ قويغان ئادىمى بار ›› دەپ ئۆزرىخالىق ئېيتىدۇ .بىر قارارغا كېلەلمىگەن بولسا ، ئازراق ئويلىشىش ۋاقتى تەلەپ قىلىدۇ.بۇ ۋاقىتتا ئەلچى داۋاملىق قىزنىڭ ئۆيىگە كېلىپ تۇرىدۇ، ئىككى تەرەپ يۈزمۇ- يۈز دىيىشەلمىگەن گەپ – سۆزلەر مۇشۇ ئەلچى ئارقىلىق قارشى تەرەپكە يەتكۈزىلىدۇ.
تونۇشۇش چېيى
بۇ ئادەتتە ‹‹ ماقۇل چاي ›› ياكى《تازىم》دەپ ئاتىلىدۇ .
قىز تەرەپ رەسمىي ماقۇللۇق بىلدۈرگەندىن كېيىن ئوغۇل تەرەپ ئەلچىنىڭ گېپى بويىچە قىز تەرەپكە قائىدە بويىچە تازىمغا كېلىدۇ .ئوغۇل تەرەپ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ يۇرت ئىچىدە ئېقىۋاتقان رەسمىيەتلەر بويىچە قىزنىڭ ئاتا- ئانىسىغا رەخت–پىچەك،قەن – گېزەك، بىر تاختا چاي، ناۋات ، قەنت قاتارلىق لازىمەتلىكلەرنى تەييارلاپ ئوغۇل ئاپىسى ئۇرۇق- تۇققانلارنىڭ ھەمراھلىقىدا قىزنىڭ ئۆيىگە بارىدۇ ،قىز تەرەپ ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ ، داستىخان تارتىلىپ ئوغۇل تەرەپ ئېلىپ بارغان لازىمەتلىكلەرنى قويۇپ بولغاندىن كېيىن، كېيىنكى قېتىم كەلگەندە ئېلىپ كېلىدىغان نەرسىلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئېلىپ كېتىدۇ ياكى ئەلچى ئارقىلىق يەتكۈزىدۇ .
يوقلاش
ئوغۇل تەرەپ قىز تەرەپ ئەۋەتكەن تىزىملىك بويىچە قىزنىڭ ئاتا- ئانىسى ، ئاتا- ئانىسىنىڭ قېرىنداشلىرى ، قىزنىڭ قېرىنداشلىرىغا چوڭ – كىچىكلىك تەرتىپى بويىچە  پۇل، بىر كىيىملىكتىن رەخت ئاپىرىدۇ .
ئاش ئاپىرىش
بۇ ئادەتتىكى چوڭ چاي ھېساپلىنىدۇ ، بۇ كۈنى قىزنىڭ ئۆيىدىكىلەر خۇلۇم – خوشنىلارنى يىغىپ تەييار بۇلۇپ تۇرىدۇ، ئوغۇل تەرەپ، قىز تەرەپنىڭ تەلىپى بويىچە نەق پۇل، يەنە قىممەت باھالىق رەخت، تويغا كېتەرلىك قوي، گۆش ، سەۋزە، سۇ ماي،مىۋە- چىۋە، پىچىنە- پىرەنىك،دىگەندەك لازىمەتلىكلەرنى ئېلىپ قىزنىڭ ئۆيىگە بارىدۇ. قىز تەرەپمۇ شۇنىڭغا يارىشا قىلىپ بولغۇسى قۇدىلارغا بىر كىيىملىك رەخت قويىدۇ.ئاندىن توي كۈنى بېكىتىلىدۇ .
ئەتىسى ئوغۇل تەرەپ ئەلچىنى قىزنىڭ ئۆيىگە ئەۋەتىپ ‹‹ ئاش سىڭىپتۇمۇ ›› دەپ گەپ يەتكۈزىدۇ، ئەگەر تويلۇقلار دىگەندەك بولماي قالسا ‹‹ سىڭمەي ›› قايتىدىن تۇلۇقلايدىغان ئىشلارمۇ چىقىپ قالىدۇ .
توي
توينىڭ بىرىنچى كۈنى سەھەردە نىكاھ ئوقۇلىدۇ .
قىز كۆچۈرۈش
نىكاھتىن كېيىن ئەرلەر ئۇزايدۇ .ھەر ئىككىلا تەرەپتە چۈشكىچە مىھمان ئۇزايدۇ .چۈشكە يېقىن ئوغۇل ئانىسى مەھەللىدىكى خۇلۇم- خوشنا ، ئۇرۇق – تۇققانلارنى باشلاپ قىز كۆچۈرگىلى بارىدۇ . بۇ چاغدا كەلگەن مىھمانلار چوڭ ئۆيگە باشلىنىدۇ .قىز تەرەپ ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ ، گۆش بېسىلغان پولۇ ھەر خىل قۇرۇق مىۋە – چىۋا تىزىلىپ داستىخان ھازىرلايدۇ .داستىخان يىغىلغاندىن كېيىن قىز تەرەپ ۋەكىلى ساندۇق ئېچىپ ئاز بولغاندا بەش دانە ئەينەك ۋە بىر قانچە ياغلىقلارنى يىگىت تەرەپنىڭ ئاپىسى باشچىلىقىدىكى بىر قانچە يىقىن تۇققانلىرىغان تۇتىدۇ .قىز تەرەپ ئەينەك تۇتقاندا مۇنۇ بېيىتنى ئېيتىدۇ :
ئالتۇن بەردۇق ئالسىلا،
گۆھەر بەردۇق ئالسىلا .
قولىڭىزدىكى جاھان ئەينىكىنى ،
يۈرىكىڭىزگە ياقسىلا .

يىگىت ئاپىسى ئەينەكنى قولىغا ئېلىپ مۇنۇ بېيتىنى ئېيتىدۇ .
يىگىت ئاپىسى  ئەينەك تۇتۇپ ئېيتىدۇ :
ئەينەك دىگەن جىڭ ئىكەن ،
كىملا قارىسا ئۆزىكەن .
ئەينەكتىكى بۇ قىزىم ،
ئون بەش كۈنلۈك ئاي ئىكەن .

سۆزلىرى بالدەك قىز ئىكەن .
قاشلىرى قەلەمدەك قىز ئىكەن .
بويلىرى تالدەك قىز ئىكەن .
يۈزلىرى ئايدەك قىز ئىكەن،

بارنىڭ غېمى مىڭ ئىكەن ،
يوقنىڭ غېمى بىر ئىكەن .
نىكاھ چۈشكەن بۇ قىزىم ،
باغدا ئېچىلغان گۈل ئىكەن .

قاشلىرى قارا ئىكەن ئوسما قويغاندىمۇ؟
كۆزلىرى شەھلا ئىكەن ،سۈرمە سۈرگەندىمۇ ؟
يۈزلىرى نۇرلۇق ئىكەن 15 كۈنلۈك ئايدىمۇ ؟
نىمانداق چىرايلىق بۇ قىزىم ، باغدا ئېچىلغان گۈلدىمۇ؟

مانا بۇ توينىڭ ئەڭ قىزىيدىغان يېرى.چۈنكى بۇ چاغدا ئىككى تەرەپتىن ساندۇق ئېچىلىدۇ .ئىككى تەرەپ قىزغا ئاتىغان نەرسىلەرنى خالايىققا كۆرسىتىدۇ .گەپكە ئۇستا ئىككى ئايال بىر – بىرىگە ئۇدۇلمۇ – ئۇدۇل ئولتۇرىدۇ .قىزىقارلىق بېيىت – قوشاقلار مانا شۇ چاغدا باشلىنىدۇ .
ساندۇقنىڭ ئەڭ ئۈستىگە بىر دانە قۇرئان، بىر دانە جايناماز،بىردانە باش ياغلىقى چوقۇم سېلىنىدۇ .ئاندىن بىر – بىرلەپ قىز تەرەپ قىزغا ئاتىغان زىبۇ – زىننەت، كىيىم – كىچەك، ئاياغلارنى قېپىدىن چىقىرىپ ھەممەيلەننىڭ كۆز ئالدىغا قويىدۇ.قىز تەرەپنىڭ ساندۇقى ئېچىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوغۇل تەرەپتىكىلەر ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ ھەشقاللا بىلدۇرىدۇ .نۆۋەت ئوغۇل تەرەپكە كېلىدۇ .ئوغۇل تەرەپ ساندۇق ئاچقاندىمۇ قىز تەرەپكە مىۋە – چىۋە، قەنت – گېزەكلەرنى تارقىتىدۇ . بۇ چاغدا مۇنۇ بېيىت ئوقۇلىدۇ .
ئالتۇن ئەكەلدۇق سىزگە ،
گۆھەر ئەكەلدۇق سىزگە .
قىزىل گۈلدەك قىز بەردى دەپ،
كېسەك ئالتۇن ، شايى – دۇردۇنلارنى ،
پەتنۇستا ئەكەلدۇق سىزگە .

رەڭمۇ رەڭ كىيىم سالدۇق،
كېلىن قىزنىڭ تويىغا .
دوسلىرى كەيدۈرۈپ باقسۇن،
قاملىشىدۇ ، تال چىۋىقتەك بويىغا .

قىز تەرەپ ئېيتىدۇ :
قىرچىن تالنى كەسلەپ قويغان ، قۇرۇغاندا قالاي دەپ.
ئاش ،چايلاردا جىدەل قىلمىدۇق،
بۇ سوۋغاتلارنى  توي كۈنى ،
شايى دوردۇن ، كېسەك ئالتۇن بىلەن ئالاي دەپ.

ئالما گۈلىدەك قىز بۇ ،
خىنە گۈلىدەك قىز بۇ .
شۇنچە خالايىق كېلىپمۇ ،
ئالالمىغان قىز بۇ .

ئادەمدە بار ئالەمدە يوق ،
كۆڭۈلدە بار ، بازاردا يوق ،
بىزنىڭ قىزدەك چىرايلىق،
ئۆيدىلا بار ،دۇنيادا يوق .

باغنىڭ ئىشىكى چاخسا ،
يېپىلسا ئېچىلمايدۇ.
بىزنىڭ قىزدەك ئايتۆرۈك ،
شىنجاڭدىن تېپىلمايدۇ .

يازدا سايرىغان بۇلبۇل،
قىشتا سايرىماس بولدى .
قىزىمىزنى ئالالمىغانلار ،
بىزگە قارىماس بولدى .
  
  ئوغۇل تەرەپمۇ يۇقىرىقىدەك ئۇسۇل بىلەن ساندۇقتىكى كىيىملەرنى بىر – بىرلەپ مىھمانلارغا كۆرسىتىدۇ .قىزنىڭ ئانىسى ۋە خۇلۇم – خوشنىلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ رەھمەت ھەشقاللا ئېيتىشىدۇ . قىزنىڭ ئاپىسى يىگىت ئاپىسىغا قۇدا كۆرپىسى، بىر جۈپ تۇلۇق ياستۇق،قولىغا بىر تال قويما ئالتۇن ئۈزۈك سېلىپ قويىدۇ . بۇ چاغدا ئوتتۇرىدىكى مىھمانلاردىن بىرەرسى تۇرۇپ مۇنۇ بېيىتنى ئوقۇيدۇ :
ھەممە ئۆيدە بىردىن جۈمەك ، سۇلىرى سۈزۈك ،
قۇدىڭىز سىزگە يادىكار قىلدى ، جىڭ ئالتۇندىن ئۈزۈك.
ئوڭ قولىڭىزغا سالسىڭىزمۇ يارىشىدۇ بۇ ئۈزۈك،
سول قولىڭىزغا سالسىڭىزمۇ يارىشىدۇ بۇ ئۈزۈك.
ماڭا سەپ قويسىمۇ يارىشىدۇ بۇ ئۈزۈك .(كۈلكە)

ساندۇق ئېچىش ئاياقلاشقاندىن كېيىن ، ئوغۇل تەرەپتىن كەلگەن بىر نەچچە ياشقا چوڭراق ئايال قىز ئولتۇرغان ئۆيگە ئۈچ قېتىم كىرىپ قىزنى سورايدۇ .تويى بولغان قىز دوسلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا چىقىپ ئاپىسى بىلەن يىغلاپ خوشلىشىدۇ .ھەممەيلەن دۇئاغا قول كۆتۈرگەندىن كېيىن قىزنى يۆتكەپ ماڭىدۇ . ئاڭغىچە يىگىت ئاپىسى قىز تەرەپتىكى ئۇرۇق تۇققانلارنى يۈز ئاچقۇغا بېرىشقا تەكلىپ قىلىدۇ .

    قىزنى ئۆيگە كۆچۈرۈپ كەلگەندىن  كېيىن يىگىت ئاپىسى قىزدىن ۋە دوسلىرىدىن ھاردۇق سورايدۇ، ھەمدە ناۋات چاي تۇتىدۇ .ئاندىن قائىدە بويىچە قىزنىڭ يۈزىدىكى پۈركەنجىنى ئېلىپ ، پىشانىسىگە سۆيۈپ قويۇپ، قولىغا ئۈزۈك سالىدۇ ؛ بۇ چاغدا مۇنۇ بېيىت ئوقۇلىدۇ.

قىزىمنىڭ يۈزىنى ئاچسام ،
ئىپار پۇرىقى كەلدى .
پىشانىسىگە سۆيۈپ قويسام ،
ئەتىر پۇراقى كەلدى .
40 ماشىنىدا كۆچۈرۈپ كەلسەم ،
گۈلدەك دوسلىرى بىللە كەلدى .

ئاتنىڭ بالىسى تاي ئىكەن ،
كۈننىڭ بالىسى ئاي ئىكەن .
بىزگە نىسىپ بولغان قىزىمىز ،
15 كۈنلۈك ئاي ئىكەن .

يۈزىنى ئېچىپ بولغاندىن كېيىن يىگىتنىڭ دوستلىرى ، قوينىڭ پىشۇرۇلغان دولوسى ۋە بىر نەچچە تۈگۈچ قىلىپ چىگىلگەن مىۋە – چىۋىنى كۆتۈرۈپ كىرىپ قىز تەرەپ بىلەن ئالماشتۇرىدۇ.قىز تەرەپتىن بارغان يەڭگىلەر چالا پىشۇرۇلغان قوينىڭ تۆشىنى ئۇلارغا بېرىدۇ .بېرىشتىن بۇرۇن ئازراق يېرىنى كېلىنچەككە يىگۈزىۋېتىدۇ. بۇ چاغدا قىز تەرەپتىن بارغان يەڭگىلەر تۆۋەندىكى بېيىتنى ئوقۇيدۇ.

ئالتۇن ئەكەلدۇق سىزگە ، گۆھەر ئەكەلدۇق سىزگە ،
يەر شارىدىن تېپىلمايدىغان پەرى ئەكەلدۇق سىزگە.
دولونى پۈتۈن ئەكىرسىڭىز، تۆشنى پۈتۈن بېرىمىز سىزگە.

بۇنداق بېيىتلار ئاھاڭدارلىقى ، ھازىر جاۋابلىق خاراكتېرى، قىزىقارلىقلىقى بىلەن ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ ھەم باشقا يۇرتتىكى توي قوشاقلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە توي – تۆكۈنلەردە دائىم ئېيتىلىدىغان توي بېيىتلىرىدىن يەنە تۆۋەندىكىلەر بار.
مىھمانلار ئېيتىدۇ:
دوپپا كەيسەم بېشىمغا شۇنداق ياراشتى،
ئوسما قويسام قېشىمغا ھەجەپ ياراشتى.
چاچ تەڭگە ئاسسام چېچىمغا ھەممە ئادەم قاراشتى،
ئىككى  قۇدا تويلۇشۇپ بىر- بىرىگە ياراشتى .

يىگىت ئاپىسى
قىزىم كۆينەك كىيىۋاپتۇ،
گۈلى چوڭ- چوڭ تاۋاردا.
كۆز تەككىدەك بۇپقاپسىز قىزىم،
تۇرۇپ قالماڭ تالادا .

گۈلى غۇنچىدىن چىقتى ،
كۈن شەرقتىن چىقتى ،
بۇ توينى قىلىۋېلىپ،
ئەمدى ھاردۇقۇم چىقتى .

ئوغۇل تەرەپ
ئالتۇن بەردىلە بىزگە،گۆھەر بەردىلە بىزگە ،
تولۇن ئايدەك بىر قىزنى يادىكار قىلدىلا بىزگە.
چىن قەلبىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز سىزگە.

مىھمانلار ئېيتىدۇ
سۇمبۇلغا ئوخشاش چاچلىرى،
گۈلگە ئوخشاش بويلىرى .
نىمانداق قىزىپ كەتتى ،
ئىككى ياشنىڭ تويلىرى .

يىگىت ئانىسى
ئالتۇن دوپپام بېشىمدا ،
باغ ئوسمىسى قېشىمدا.
تولۇن ئايدەك كېلىنىم،
ئەمدى مىنىڭ قېشىمدا .

مېنىڭ ئوغلۇم مۇلايىم،
كېلىن قىزىم تولۇن ئايىم.
كېچە – كۈندۈز تىلىۋىدۇق،
ئەمدى بەردى خۇدايىم .

چىشىنى ئۈنچە دەرمەن،
بويىنى غۇنچە دەرمەن.
سەھەرلەردە سالامغا كىرسە،
بىھىشنىڭ گۈلى دەرمەن .

مىھمانلار ئېيتىدۇ
بازار ئالدى چوڭ كۆۋرۈك ،
ئىشىك ئالدى دۆڭ كۆۋرۈك .
بۇ دۇنيادا بارمىدۇ ،
كېلىن قىزدەك ئايتۆرۈك .

قىز تەرەپ ئېيتىدۇ
ھاۋادا ئۇچۇپ يۈرگەن لاچىن بالاسى،
ئۆزلىرىنى خالاپ چۈشتى كۆزۈم قاراسى.
ئوڭ قولىدا ئالما قىلسۇن جېنىم ئاپاسى،
سەھەر قوپۇپ دۇئا قىلسۇن ئاخۇن ئاتاسى .
ئەتە –ئاخشام قاراپ قويسۇن خولۇم – خوشناسى.

قىز ئېيتىدۇ
بىدە كۆكى ، بىدە كۆكى بىدە يەمدىلا،
بىزنىڭ ئۆيلەر سۇ ياقىسى ، ئۆتەلەمدىلا.
ئاتام كۆڭلى ئىگىز دالان چىقالامدىلا ،
ئاپام كۆڭلى ئالتۇن غۇلۇپ ئاچالامدىلا.
مېنىڭ كۆڭلۈم مىڭ سەر ئالتۇن ئالالامدىلا.

يىگىت ئېيتىدۇ
بىدە كۆكى ، بىدە كۆكى ، بىدەنى يەرمىز،
ئۆيلىرىڭىز سۇ ياقىسى ، كۆۋرۈك سالۇرمىز.
ئاتا كۆڭلى ئىگىز دالان ، تاتما قويارمىز ،
ئاپا كۆڭلى ئالتۇن غۇلۇپ ، كىلىت سالۇرمىز.
سىزدەك قىزنى جاننى قويۇپ بىر كۈن ئالارمىز.



مىھمانلار ئېيتىدۇ :
ئىككى قۇدا بىر بولغاندا ئايرىلماس بولسۇن،
بىرى گۆھەر ، بىر ياقۇت مۇبارەك بولسۇن .

يىگىت ئاپىسى :
ئوڭ قولۇمدىن قارس چىقتى،
سول قولۇمدىن قارس چىقتى.
چىرايلىق قىزنى كېلىن قىۋەلىپ،
ھاردۇقۇم ئەمدى چىقتى.


تىلەك بېيىتلىرى :
قىلغا – قىل قوشولسا ساقال بۇلۇر،
يەرنى سۇغۇرۇپ چىڭدىۋاتسا خامان بۇلۇر.
ئىككى ياخشى بىر بۇلۇپ قالدى.
100 ياشقىچە ئامان بۇلۇر .

قۇدىلارغا ھۆرمەت بېيىتلرى (قىز تەرەپ )
كۆۋرۈكى يوق ئېرىقتىن ،
ياپىرىم دەپ ئاتلىدۇق .
قىزىمىزىنى يامانلارغا كەتمىسۇن دەپ،
ئۆزلىرىلەگە ساقلىدۇق .

ئوغۇل تەرەپ:
ئارغى بۇلاق ئوبدان تاغ، ئات – ئۇلاققا سامان يوق،
ئىككى قۇدا تويلىشىۋالدۇق، ئەمدى بىزدە ئارمان يوق،

مۇشۇنداق قىزىقارلىق بېيىتلار بىلەن بىلەن توي ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئاياقلىشىدۇ. يۇقىرىقىدەك بېيىت – قوشاقلاردا قۇدىلارنىڭ، خولۇم – خوشنا ۋە ئۇرۇق – تۇققانلارنىڭ سۆزلىرى ، تىلەكلىرى ئىزھار قىلىنىپ، تويغا قاتناشقۇچىلارنىڭ قەلبىگە ياخشى ئادەتلەرنى سىڭدۈرىدۇ، بۇ قوشاقلار زامانلاردىن بېرى ئېيتىلىپ تا ھازىرغىچە رولىنى يوقاتمىغان.


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-12-23 18:14:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلەمدىشىمىز ئايجامالنىڭ قەدىمكى مەدەنىيەت تۈگۈنلىرىنىڭ بېرى توقسۇندا ياشاۋاتقان ئەمگەكچان خەلقنىڭ ئۆزگىچە بولغان  توي - تۈكۈن ،مۇراسىم مەدەنىيەتلىرىنى قەلەمگە ئېلىپ ، فولىكلور ئەدەبىياتىمىزغا كۈچ قوشىۋاتقانلىقىدىن مەمنۇن بولدۇم. ئاپتورنىڭ قەلىمىگە تېخىمۇ  جەزبىدارلىق تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2013-12-23 21:27:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  يۇرتۇمنىڭ  توي – تۆكۈن ئۆرپ ئادەتلىرى ۋە توي بىيىتلىرى توغرىسىدا خەۋەردار قىلغانلىقىڭىزغا تەشەككۇر ! بۇندىن كېيىنىكى ئىجادىيەتلىرىڭىزگە يەنىمۇ زور بەرىكەتلەر يار بولغاي !

ۋاقتى: 2013-12-24 16:34:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇرتنىڭ نامىنى ئۇنۇتساڭمۇ ،دەستۇرىنى ئۇنۇتما دەيدۇ ئاتىلار،قەلىمىڭىز بەرىكەتلىك بولغاي قېرىندىشىم...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش