كۆرۈش: 737|ئىنكاس: 4

ئۆمەرجان سىدىق:توغراققا ئايلانغان ئادەملەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
2001-يىل، 11-نۆۋەتلىك«خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن ئەسەر



توغراققا ئايلانغان ئادەملەر



ئۆمەرجان سىدىق (مىسىكىن)



پايانسىز كەتكەن چۆللۈكنىڭ قاق ئوتتۇرىسىدا ئاۋات، باياشات، مەمۇرچىلىققا تولغان بىر يۇرت بار ئىدى. بۇ يۇرتنىڭ ھەممىلا جايىدا تارام-تارام ئېقىنلارنى ھاسىل قىلغان بۇلاقلار بار بولۇپ، بۇ بۇلاقلارنىڭ سۇ مەنبەسىنىڭ قەيەردىن كېلىدىغانلىقىنى، سۈيىنىڭ قەيەرگە سىڭىپ كېتىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيىتتى.

بۇ يۇرت بۆك باراقسان- ئورمانلار، ئېكىنزارلىقلار بىلەن ئورالغان بولغاچقا، ھەر ۋاقىت بۇلبۇللارنىڭ شوخ ناۋالىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. كۆز يەتكۈسىز قۇملۇقنىڭ مەركىزىدە خۇددى مۆجىزىدەك ئۈنۈپ قالغان بۇ بوستانلىق يۇرتىنىڭ يىراق قىرلىرى كېچىسى بوران ھوۋلاپ تۇرىدىغان، كۈندۈزى تونۇردەك ئىسسىقنىڭ دەستىدىن ئۇچار قۇشلارمۇ كاۋاپ بولۇپ قالىدىغان مۇدھىش، چېكى يوق چۆللۈك بولۇپ، تەلۋە بورانلار، دوزاخنىڭ ئوتىدەك كۆيدۈرگۈچى ئىسسىقلار خۇددى بىرسى ئەپسۇن ئوقۇپ قويغاندەكلا بۇ يۇرتنىڭ چېگرىسىدا ئۆز كۈچىنى يوقىتاتتى. گويا بىر كىشى رىۋايەت سۆزلەۋاتقاندەكلا بىر تەرەپتە ئورمانلار ياشىرىپ، سۇلار شارقىراپ ، بۇلبۇللار ناۋا قىلسا، يەنە بىر تەرەپتە، يېنىدىلا قۇملار كۆچۈپ، ئالۋۇنلار جىمىرلاپ، دوزاخ ئوتىنىڭ يالقۇنى لاۋۇلدايىتتى. ۋاھالەنكى، بۇ يۇرتنىڭ خەلقلىرى بۇ خىل مۆجىزىگە قىلچە قىزىقمايىتتى. بۇ خۇددى شۇنداق بولۇشقا تېگشلىكتەك قىلچە ھەيران قالمايىتتى. ئۇلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان بىرپارچە زېمىنىنىڭ تارىخىنى ئازراقمۇ بىلمىگىنىدەك، كەلگۈسى ھەققىدىمۇ قىلچە ئويلىمايىتتى. ئەلمىساقتىن تارتىپ ياشاپ كېلىۋاتقان بۇ تۇپراق ئۇلارنىڭ مۇقەددەس قىبلىگاھى بولۇپ، بۇيەردىن بىر قەدەممۇ سىرىتقا چىقمايىتتى. ئۇلار بوستانلىقنىڭ چېگىرىسىدا قۇملۇققا نەزەر تاشلاپ ھۆكۈم قىلاتتى: ئۇلارنىڭ نەزىرىدە پۈتكۈل ئالەمدىكى يۇرت،  يەرشارى پەقەت موشۇ بوستانلىقلا ئىدى. يەرشارىنى پايانسىز قۇم دېڭىزى ئوراپ تۇراتتى. ئۇلار «قۇملۇقنىڭ نېرىسىدا نىمە باردۇ؟» دېگەننى ئويلىمايىتتى.  ھەم قۇملۇقنىڭ ئېچىكىرسىگە قەدەم بېسىش خىيالىدىمۇ بولمايىتتى. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە قۇملۇق ھالاكەتتىن دېرەك بېرەتتى. قۇملۇققا قەدەم بېسىش ئاسىلىقتىن نىشان ئىدى.

بۇ يۇرتنىڭ كىشىلىرى 200-300يىل ياشايىتتى.  بۇيەردە نە پادىشاھ، نە پۇقرا، نە دۆلەت، نە ھاكىمىيەت دېگەن ئۇقۇملار يوق بولۇپ، ھەممە كېشى ئۆزى بەگ، ئۆزى خان  ئۆز-ئۆزىگە خوجا ئىدى. بۇيەردە ھېچكىم ھېچكىمنى باشقۇرمايىتتى. ھېچكىم ھېچكىمگە بويسۇنمايىتتى. ھېچكىم ھېچكىمدىن ئۈستۈنلۈك تالاشمايىتتى. قىسقىسى بۇيەر ئەركىن، ئازاد، ھېچقانداق سىياسەت، تۈزۈم بولمىغان جەمئىيەت ئىدى. ھەممە كىشى ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولۇپ، ئۆز كۈنىنى ئۆزى ئېلىپ ئىناق، ئىتىپاق، باراۋەر ياشايىتتى. ئەرلەر پايانسىز ئىكىنزارلىقلاردا بۇغداي، قوناق، پاختا، ئۈزۈم، تېرىق، ماش مەيدانلىرىدا ئىشلەيىتتى. ئات كالا، قوي باقاتتى. ئورمانلارنى پەرۋىش قىلاتتى ۋە كېسەتتى. ياغاچچىلىق، موزدۇزلۇق، تامچىلىق، نەققاشلىق قاتارلىق ھۆنەر-كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىناتتى. ئىپتىدائىي كانلاردىن مىتال ئېلىپ تاۋلايىتتى. ئاياللار ئەجداتتىن ئەۋلاتقا يەتكۈزۈپ، قولدىن-قولغا ئۆتۈپ، ئۆچمەي كىلىۋاتقان مۇقەددەس چوغلىرىدا تاماق ئېتەتتى. تۇقۇمىچىلىق، ھەرخىل قول ھۆنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىناتتى. ئەۋەتتە بۇيەردە مەدەنىيەت، تەرەققىيات، توك، مەكتەپ دېگەنلەردىن سۆز ئېچىش مۆمكىن ئەمەس ئىدى. كىشىلەر بالدۇر يېتىپ، سەھەر تۇرۇپ ئەمگەك-مېھنەت بىلەن كۈنلىرىنى ئۆتكۈزەتتى. ئۆزلىرى تىكىۋالغان يرىك ئەمما پۇختا كىيىملەرنى كىيەتتى. ئات-ئۇلاغلارنى قاتناش، ئىشلەپچىقىرىش قورالى قىلاتتى. ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان خام ۋە پىشۇرۇلغان مەھسۇلاتلارنى ئوزۇقلۇق قىلاتتى. بالىلار بوۋىلىرىدىن ئاجايىپ -غارايىپ رىۋايەتلەرنى ئاڭلاپ، تال چىۋىقنى ئات قىلىپ ئويناپ چوڭ بولاتتى. بۇ ئەل كىشىلىرى شۈنچىلىك ساغلام، بەختىيار، شاد-خورام ئىدىكى ئۇلار كېسەلنىڭ، ئازابنىڭ، باي –كەمبەغەللىكنىڭ، ئەخلاقسىزلىقنىڭ نېمىلىگىنى بىلمەيىتتى. ھېچنېمىنى بىر بىرىدىن قىزغىنمايىتتى. ھەممىسنىڭ ئۆزىگە يارىشا ئىكىنزارلىقى، نېسىۋىسى بار ئىدى. بۇيەردە ئوغۇرلۇق، زىناخۇرلۇق، تەمەخۇرلۇق، شاراپخورلۇق، غەيۋەتخولۇق، تۆھمەتخورلۇققا ئوخشاش ئىللەتلەر يوق ئىدى. ھېچكىم بىر بىرىنىڭ بەختىگە، مېلىغا، خوتۇنىغا كۆز قىزارتمايىتتى. چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەربىر كىشىدە ئوخشاش بارئىدى. بۇ يۇرتنىڭ كېشىلىرى تىرىقچىلىقنىڭ ئارسال مەزگىللىرىدە كۈنلىرىنى ھەرخىل مەشرەپ، باغ سەيلىسى، گۈلخان سەيلىسى، ئوغلاق تارتىشىش، چېلىشىش، توخۇ، قوشقار سوقۇشتۇرۇش، ئىت تالاشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن ئۆتكۈزەتتى.  بۇنداق كۈنلەردە يۇرتنىڭ ھەممە يېرىدە گۈلخانلار يېقىلىپ،  داش قازانلار ئېسىلىپ، نەچچە ئونلىغان قويلار سويۇلۇپ، ناخشا-سازلارنىڭ ناۋاسى، بوۋاي، مومايلار، قىز-يىگىتلەرنىڭ خۇشال كۈلكىلىرى پەلەكنى قۇچاتتى. ئاتلار بەيگىگە چۈشۈپ قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىگىچە باراتتى. قىز يىگىتلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ پىنھانلاردا يۈرەك سىرلىرىنى ئېيتىشاتتى. بۇ يۇرتنىڭ تويلىرىمۇ ئالاھىدە قىزىپ كېتەتتى. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان يۇرت ئىچىدە ئۆز ئارا تويلىىشپ كىلىۋاتقان خەلق بىر-بىرىگە ئىرماش چىرماش تۇققان بولۇپ كەتكەن بولۇپ، بارلىق يۇرت ئەھلى توي ئىگىلىرىنى پەتىلەپ بولغۇچە نەچچە ئايلاپ ۋاقىت كېتەتتى. كېچىلىك بەزمىلەر تاڭ ئاتقۇچە ئۈزۈلمەيىتتى. يېرىم يالىڭاچ، بەستى تۇرقىمۇ بىر بىرىگە ئوخشۇشۇپ كېتىدىغان پالىۋان يىگىتلەر گۈلخان ئەتىراپىدا كەسكىن، چەبدەس ھەركەتلەر بىلەن رىتىملىق ئۇسۇل ئوينايىتتى. خۇددى ئاچا-سىڭىللاردەك ئوخشاش زىلۋا، پاك، بىغۇبار،  گۈزەل قىزلار لەرزان دەسسەپ ئۇلارغا جۆر بولاتتى. بۇ يۇرتتىكى ئوخشاش پاسۇندا سىلىنغان ئۆيلەر، رەتلىك ئىېلىنغان كوچىلار، مەھەللىنىڭ ئوتىرسىدىكى نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە قېرى چىنار دەرىخىنى مەركەز قىلىپ، قوياشتىن چېچېلغان نورغا ئوخشاش ھەرقايسى تەرەپلەرگە  چېچېلىپ تاكى قۇملۇققا قەدەر تۇتىشاتتى. ياغاچتىن ئاستى-ئۈستى پىشايۋانلىق قىلىپ سېلىنغان  ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ھويلىسىدا رەڭدار گۈللەر، خۇشپۇراق چېچىپ تۇرغان گۈللۈكلەر كەينىدە ياپيېشىل ياشرىپ تۇرغان كۆكتاتلىقلار بار ئىدى. ئۆي-ئۆيلەردە دۇتتار، تەمبۇر، ناخشا-ساز، كۈلكە چاخچاقلارنىڭ ئاۋازى ئۈزۈلمەيىتتى. يۇرتنىڭ مەركىزىدىكى قېرى چىنار دەرخىنىڭ ئاستىدا ياز ئاخشاملىرى، ئاپتىپى خوش ياقىدىغان قىشنىڭ  چۈشلۈكلىرى سۆھبەتلەر قۇرۇلۇپ، پاراڭ قىزىپ كېتەتتى.

نىھايەتكى، ھېچقانداق ۋاقىت ھېسابلانمايدىغان بۇ يۇرتنىڭ مەلۇم يىل، مەلۇم ئاي، مەلۇم كۈنىدە بۇ يۇرتقا بىر ئادەم، يەرلىكلەرنىڭ تىلى بويىچە ئېيتىقاندا، بىر ئاجايىپ «مەخلۇق» كىرىپ كەلدى.  شۇنىڭدىن بۇيان بۇ يۇرتنىڭ تىنىچلىغى بۇزۇلدى. خەلقنىڭ ئۆرۈپ-ئادىتى، ئادەملەرنىڭ نىيەت-ئىقبالى بۇزۇلدى. قىسقىسى موشۇ ئادەتتىكى بىر كۈنى بۇ يۇرتنىڭ ھالاكىتىنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ قالدى. بۇ باشقا كۈنلەردىن ھېچقانداق پەرىقلەنمەيدىغان بىر كۈن بولۇپ، بۇۋايلار قېرى چىنار دەرىخىنىڭ سايىسىدا گۇڭۇر-مۇڭۇر مۇڭدىشىپ ئولتۇرۇشاتتى. تۇيۇقسىز دەسلەپتە غۇڭۇلدىغان، كېيىن «دۈت، دۈت» قىلغان ، بۇ يۇرت خەلقى ئۆمرىدە ئاڭلاپ باقمىغان ياڭراق بىر ئاۋاز بىلەن تەڭ كوچېنىڭ نىرىقى بېشىدىن تۆت پۇتى غىرىلداپ ئايلىنىپ ئاجايىپ تېز سۈرئەتتە ماڭىدىغان، ئالدىدا ئىككى «كۆزى» پارقىراپ تۇرىدىغان، ئۈستىدىكى ئورۇندۇقتا ئاجايىپ غەلىتە كىينىگەن بىر ئادەم ئولتۇرۇپ، بىر يۇمىلاق نەرسىنى ھەدەپ ئۇياق بۇياققا تولغىغان ھالدا كىرىپ كەلدى. دەل شۇ مىنۇتلاردا بۇ «مەخلۇق»نى كۆرگەن كىشىلەرنىڭ قورقۇنچ، ھەيرانلىقىنى تەسۋىرلەشكە قەلەم ئاجىزلىق قىلىدۇ. ھويلىلىرىدا ئۆي كارى بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقان ئاياللار قورققىندىن جايىدىلا ئولتۇرۇپ قېلىشتى ياكى ھوشىدىن كەتتى. كوچىدىكى بالىلار ئوۋچىغا ئۇچرىغان توشقاندەك ئۆزلىرىنى ھويلىلىرىغا ئېتىشتى. يىگىتلەرنىڭ يۈرەكلىرى پۇلاڭلاپ، تۇرغان جايىدا قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپلا قالدى. بۇۋايلار چىشسىز ئېغىزلىرىنى ئاچقىنىچە ئەس-ھوشىنى يوقاتتى. ھېلىقى غەلىتە «مەخلۇق» غىرىلداپ مېڭىپ چىنار تۈۋىدە غارتىلداپ توختىغىنىدا، پەقەت قېچىپ كېتەلمەي قالغان بىر نەچچە بوۋاي كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇپ، غالىلداپ تېترىگىنىچە تەسۋىيلىرىنى چىڭ سىقىمداپ نېمىلەرنىدۇر ئوقۇشقا چۈشكەن ئىدى. ھېلىقى «مەخلۇق» نىڭ ئۈستىدىكى كۆزلىرىگە يۇمىلاق قاپقارا نەرسە تاقىۋالغان، بېشىغا قاپقارا رەڭلىك چىلاپچىغا ئوخشاش بىر نەرسە كىيىۋالغان ئادەم ئالدىرىماي «مەخلۇق» ئۈستىدىن چۈشۈپ كۆزىگە تاقىۋالغان قاپقا بىر نەرسىنى قولىغا ئېلىۋىلىپ ، ئەتراپقا ھەيرانلىق بىلەن قارىدى ۋە بېشىدىكى چىلاپچىنى قولىغا ئېلىپ، بۇۋايلارغا قاراپ بىر خىل دوستانە ھېسىياتتا سالام بەرگەندەك ھەركەت قىلدى. ھەم كالدىرلاپ بىر نەرسىلەرنى دېدى. بۇۋايلار كۆزىنى ئېچىپ غەلىتە كىينكگەن ئادەمنىڭ ئۆزلىرىگە زىيان يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، ئۇ ئادەمنىڭ كەينىدە «ھومىيىپ» تۇرغان يوغان «مەخلۇققا» قورقۇنچ بىلەن قاراپ قويدى-دە، كەشلىرىنى كىيىشنىمۇ ئۇنتۇپ، پەشلىرىگە پۇتلۇشۇپ كۆزدىن غايىپ بولدى. ھېلىقى ئادەم ھەيران بولغاندەك ئەتىراپقا قارىدى. كوچىلاردا خۇددى بۇيەردە ئەزەلدىن ئادەم ياشىمىغاندەك ئىنسى-جىن كۆرۈنمەيىتتى.  بۇ ئادەم «مەخلۇق» نىڭ ئۈستىگە چىقىپ غۇڭۇلداپ ئاۋاز چىقارغىنىچە كوچىلارنى بىرەر قۇر ئايلاندى-دە، كەلگەن يولى بىلەن كېتىپ قالدى. شۇ كۈنى كەچ كىرىپ تاكى تاڭ ئاتقانغا قەدەر ھېچكىم سىرىتقا چىقىشقا جۈرئەت قىلالمىدى. ئەتىسى سەھەردە ئىشىكلەرنىڭ يۇچۇقلىرىدىن، ئەنجان تاملارنىڭ كەينىلىرىدىن باشلار كۆرۈنۈپ، سەل يۈرەكلىكلەرنىڭ باشچىلىغىدىكى ئەرلەر  بىر بىرلەپ، ئىككى ئىككىلەپ، بىر بېسپ، ئىككى بېسىپ چىنار تۈۋىگە يىغىلىشتى. بىردەمنىڭ ئىچىدە بۇيەر ۋاراڭ-چۇرۇڭ، تالاش-تارتىش دەستىدىن قايناۋاتقان قازانغان ئوخشاپ قالدى. «بۇ زادى  كىم؟ ئالۋاستىمۇ ياكى ئەزرائىلمۇ؟ ئۇ مىنىۋالغان مەخلۇق قانداق مەخلۇق، ئۇلار زادى قەيەردىن ، قانداق مەقسەتتە كەلگەن؟ » تالاش –تارتىشنىڭ تېمىسى موشۇ ئىدى. ئاخىرىدا نەچچە يۈز ياشقا كىرگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئېگىز، قاتاڭغۇر، ئاپئاق ساقاللىق يۇرت ئاقساقىلى ئەتىدىن باشلاپ بارلىق يىگىتلەر ئوقيا، قېلىچ، نەيزىلەر بىلەن قوراللىنىپ، ھويلىلىرىدا، تام كەينىلىرىدە مۇداپىيەدە تۇرۇش، قېرىلار، ئاياللار، بالىلار ۋاقتىنچە سىرىتقا چىقماسلىق، ھېلىقى غەلىتە ئادەمنىڭ دۈشمەنلىك غەرىزى بولسا دەرھال ھۇجۇمغا ئۆتۈش، بولمىسا چېقىلماسلىقنى جاكارلىدى. خاتىرجەملىكى، تۇرمۇش رىتىمى، روھى تىنىچلىغى بۇزۇلغان جامائەت تەشۋىش ئىلكىدە ئۆيلىرىگە قايتىپ ئەتىكى جەڭگە تەييارلىق قىلىشىتى. دېگەندەك ئەتىسى ئوخشاش ۋاقىتتا يۇرتنىڭ بېشىدىن ئاۋال غۇڭۇلدىغان، ئاندىن «دۈت، دۈت» قىلغان ھەيۋەتلىك ئاۋاز ئاڭلىنىپ ، ھېلىقى غەلىتە «مەخلۇق»قا مىنگەن غەلىتە ئادەم مەھەللىگە كىرىپ كەلدى ۋە چىنارنىڭ تۈۋىدە توختىدى. بۈگۈن ئۇ ئاغزىغا كىچىك نەيچىسىمان بىر نەرسە چىشلىۋالغان بولۇپ، بۇ نەرسىدىن ھەدەپ ئىس چىقىپ تۇراتتى. ئۇ ئاغزىدىكى نەرسىنى پات-پات شوراپ، ئىسىنى سىرىتقا پۈۋلەپ قوياتتى. ئۇ «غەلتە مەخلۇق»نىڭ ئۈستىدىن چۈشۈپ ئەتراپقا نەزەر تاشلىدى. كوچىلار بوپ –بوش ۋە جىمجىت بولۇپ، ئىنىس-جىننىڭ قارىسى كۆرۈنمەيىتتى. لېكىن تام ئارقىلىرىدا، دالدىلاردا نەچچە يۈزلىگەن جۇپ كۆزلەر بۇ ئادەمگە ھۇشيارلىق بىلەن تىكىلىپ، ئوقيالىرىنى بەتلەپ تۇراتتى. بۇ ئادەم ئۇيان بۇيان كىڭىپ ھويلىلارغا، ئۆيلەرگە بويۇنداپ قاراپ قويدى. بىرنەرسىلەرنى كالدىرلاپ ۋاقىراپ، ئۆيلەرگە قاراپ بىر كىملەرنى چاقىرغاندەك قوللىرىنى پۇلاڭلاتتى. ھېچقداق ئىنكاس بولمىغاندىن كېيىن ئەپسۇسلانغاندەك بېشىنى چايقاپ قويۇپ ھىلىقى مەخلۇق تەرەپكە قاراپ ماڭدىيۇ يەنە توختاپ ئاغزىدىكى ئىس چىقىۋاتقان نەرسىنى يەرگە تاشلاپ دەسسىۋەتتى. ئاندىن يانچۇقىدىن كىچىك تۆت چاسا نەرسىنى چىقىرىپ بېشىدىن ئىگىز كۆتۈردى. قارىغاندا ئۇ بۇ ھەركەتلىرىنى باشقىلار كۆرسۇن دەۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇ قولىدىكى نەرسىنى بارمىقى بىلەن بېسىۋىدى دەرھال «لاپپىدە» قىلىپ كىچىككىنە ئوت يالقۇنى پەيدا بولۇپ، پىلىلداپ كۆيۈشكە باشلىدى. مۈكۈنۇپ تۇرغان يىگىتلەر چۈچۈپ بۇنىڭ زادى قانداق نەرسە ئىكەنلكىنى ئاڭقىرالماي، قوراللىرىنى بەتلەشتى. ھېلىقى كىشى قولىدىكى نەرسىنى نەچچە قېتىم بېسىپ ئوت ياندۇرۇپ ئۆچۈرۈپ كۆرسەتكەندىن كىين يەدىن بىر تال ياغاچنى ئېلىپ ھېلىقى نەرسە بىلەن ئوت تۇتاشتۇرۇپ يەنە بىر قتىم كۆرسەتتى-دە، بۇ نەرسىنى چىنارنىڭ تۈۋىگە ئاستا قويۇپ قويۇپ، «مەخلۇق»قا مىنگىنىچە غۇڭۇلداپ كېتىپ قالدى. بۇ قېتىم يىگىتلەر خېلىلا يۈرەكلىك ھالدا دالدىدىن چىقىپ چىنار تۈۋىگە كېلىشىتى. لېكىن يەردە تۇرغان ھېلىقى كىچىك نەرسىگە يېقىنىشالماي ئۇنىڭغا يىراقتىن قاراپ بىر ھازا تۇرۇپ قېلىشتى.شۇ ئارىدا يۈرەكلىكرەك بىرى ئاستا-ئاستا سۈرۈلۈپ ، چىنارنىڭ ئاستىغا كەلدى-دە، بۇ نەرسىنى ئىھتىيات بىلەن قولغا ئالدى. باشقىلارمۇ ئۇنىڭ ئەتىراپىغا ئۇلىشىپ ھەممىسى قولدىن قولغا ئىلىپ كۆرۈشتى.  بۇ نەرسە زادى نېمىدۇ؟ ئارىدا بېرى ھېلىقى كىشىنى دوراپ، بۇ نەرسىنىڭ باش تەرىپىنى بېسىۋىدى «چارس» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ «لاپپىدە» ئوت ياندى. بۇ كىشى قورققىندىن ھېلىقى نەرسىنى ئىختىيارسىز يەرگە تاشلىۋەتتى. باشقىلارمۇ ۋارقىراپ بىرنەچچە قەدەم كەنىگە داجىشتى. لېكىن ھېچقانداق باشقىچە ئەھۋال كۆرۈلمىدى. ھېلىقى نەرسە يەردە جىمجىت ياتاتتى. ئۇلار يەنە يېقىنلاپ كېلىپ بۇ نەرسىنى ئالدى-دە، ئاستا-ئاستا بېسىپ ئوت چىقىرىشقا كۆنىۋالدى. ئەسلىدە بۇ ئوت تۇتاشتۇرىدىغان نەرسە ئىكەندە! بۇ نەرسە بولسا كۈنلەپ، ئايلاپ، يىللاپ، ئەسىرلەپ چوغ ساقلاشنىڭ ھاجىتى قالمايدىكەندە! ئۇلار بۇ مۆجىزىگە ھاڭ تاڭ قېلىشىتى. ۋەھەممىسى قوللىرىغا ئېلىپ ئوت ياندۇرۇپ سىناپ بېقىشتى. بىرقىسىملىرى غەلىتە ئادەم شوراپ، ئىس چىقرىپ تاشلىۋەتكەن نەرسىنى ئىلپ، پۇراپ، تىلىغا تەككۈزۈپ بېقىشىتى. ئىچىدە ئۇۋاقسىمان ئاچچىق بىر نەرسە بولغان بۇ سىرلىق نەرسىنىمۇ زادى بىلەلمىدى. چىنارنىڭ ئاستى يەنە پۇرۇقلاپ تۇرغان قازانغا ئوخشاپ قالدى. نورغۇن تالاش-تارتىش قىلىش ئارقىلىق كىشىلەر «بۇ ئادەم بىزگە دۈشمەنلىك قىلمايدىغان ئوخشايدۇ.ئككى كۈندىن بېرى ئۇنىڭ ھەركەتلىرىدىن دوستانىلىك چىقىپ تۇرىدۇ.ھەتتا بىزگە ئوت ئەكىلپ بەردى»دەپ ھېسابلاشتى. يۇرت ئاقساقىلى ئاخىرى ھۆكۈم چىقىرىپ «ئەتە بۇ كىشى يەنە كەلسە، كۆرۈشۈپ باقايلى. لىكىن يەنىلا ئېھتىياتچان بولۇپ، ھوشيار تۇرايلى» دېدى ۋە ھېلىقى ئوت ياندۇرىدىغان مۆجىزىنى ئىلپ ئۆيگە قاراپ ماڭدى. باشقىلارمۇ تارقاشتى. ئەتىسى يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا مەھەللىنىڭ بېشىدىن غوڭۇلدىغان كەينىدىن «دۈت، دۈت» قىلغان ئاۋاز ئاڭلېنىپ، ھېلىقى غەلتە «مەخلۇق»قا مىنگەن غەلىتە ئادەم مەھەللىگە كىرىپ كەلدى ۋە چىنار تۈۋىدە توختىدى. كوچىلار يەنىلا ئادەمسىز، جىمجىت بولۇپ، ئەتىراپتا نەچچە يۈزلىگەن يۇشۇرۇن كۆز بۇ ئادەمنى ھوشيارلىق بىلەن كۆزىتىپ تۇراتتى. ھېلىقى ئادەم ئالدىنقى كۈنلەر دىكىگە ئوخشاش ئاستا مېڭىپ كوچىلارنى ئارلىدى. تاملارنىڭ ئۈستىدىن ھويلىلارغا قاراپ باقتى. چىنار تۈۋىگە قايتىپ كېلىپ كالدىرلاپ ۋاقىراپ، قوللىىرىنى بىر كىمنى چاقىرغاندەك ھالەتتە ھەركەتلەندۈردى. ھېچقانداق ئىنكاس بولمىغاندىن كېيىن ئۆمىتسىزلەنگەندەك روھى ھالەتتە مۈرىسىنى قىسىپ قويۇپ، غەلىتە «مەخلۇق»نىڭ «قورسىقى»غا ئېڭىشىپ ئۇزۇنچاق قورسىقى بار، ئىچىدە قىپقىزىل سۇيۇقلۇق كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان شەكلى قاپاققا سەل پەل ئوخشاپ قالىدىغان بىر نەرسىنى، يەنە كىچىكرەك غىدىرغا ئوخشايدىغان لېكىن كىچىك پۇتى بار، سۈپ-سۈزۈك بىرنەرسىنى ئېلىپ، چىنارنىڭ تۈۋىگە كىلپ ئولتۇردى. ئۇ كېشى ھېلىقى «قاپاق»نىڭ ئاغزىنى چىشلەپ ئاچتى-دە، ئۇنىڭدىكى قىپقىزىل سۇيۇقلۇقنى كىچىك «غىدىر»غا قۇيۇپ ئالدىرىماي ئىچىشكە باشلىدى.  قارىغاندە بۇ كىشى بۇيەردىن ھازىرچە كېتىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. پىنھان جايلاردا مۈكۈنۈپ تۇرغانلار سەۋىرسىزلىك بىلەن ئۆز-ئارا مەسلىھەتلىشىپ، ئاخىرى چىقىپ بۇ كىشى بىلەن كۆرۈشۈپ باقماقچى بولۇشتى. «بىزنى ئاتا بوۋىلىرىمىز ئوغۇل بالا دەپ تۇغقان، كۈندە موشۇنداق ۋەھىمە ئىچىدە ياشايمىزمۇ؟ يا ئۆلۈم، يا كۆرۈم، ئادەمنى دەم تارتىدىغان يالماۋۇز بولسىمۇ بىر ئېلىشىپ باقمايمىزمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ غەلىتە ئادەمدە ھېچ دۈشمەنلىك غەرىزى باردەك قىلمايدۇ» دېيىشتى.ئۇلار شۇنداق قىلىپ ، بىر خەۋەرچىنىڭ تاملاردىن ئارتىلىپ سۈڭگۈچلەردىن ئۆتۈپ، خەۋەر يەتكۈزۈشى بىلەن مۆكۈنۈپ تۇرغانلار ھەممە تەرەپتىن تەڭلا چىقىپ چىنار تۈۋىگە ھېلىقى ئادەمنىڭ يىنىغا يىغىلماقچى بولۇشتى. ھېلىقى ئادەم قولىدىكى سۇيۇقلۇقنى شۇنداقلا ئېچىۋىتىپ بېشىنى كۆتۈردى-دە، ئاجايىپ مەنزىرىنى كۆردى: ھەممىلا كوچىلاردىن ئىگىز بوي، بەسىتلىك، ساقال-بۇرۇتلۇق، چىرايلىرى، بەدەن قۇرلۇشلىرى بىر-بىرىگە ئوخشۇشۇپ كېتىدىغان، ئۈستىگە ئوخشاش ماتا كىيىملەرنى، پۇتىغا ھەرخىل چورۇقلارنى، بېشىغا ئىگىز تەكىي بۆكلەرنى كىيىۋالغان، مەيدىسىدە قاپقارا تۈكلىرى كۆرۈنۈپ تۇرغان، قوللىرىدا نەيزە، قىلىچ، ئوقيا تۇتقان كىشىلەر بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ ئۆزى تەرەپكە كىلىۋاتاتتى. بۇ كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىدە بىر خىل خەۋىپسىرەش، ئەنسىرەش، سەل ئىككىلىنىش، يەنە جەسۇرلۇق، تەۋەككۈلچىلىك، قورقۇمسىزلىق ئىپادىلىرى چىقىپ تۇراتتى. ھېلىقى ئادەم قىلچە خاتىرجەملىكىنى بۇزمىغان ھالدا ئورنىدىن تۇردى ۋە قولىدىكى نەرسىلەرنى يەرگە قويۇپ خۇشال بولغاندەك بىر خىل قىياپەتتە، ئىككى ئالقىنىنى بىر بىرىگە ئۇرۇپ، قايتا-قايتا ئاۋز چىقاردى. يۇرت ئەھلى بۇ ئادەمنىڭ ئەتىراپىدا چەمبەر ھاسىل قىلپ توپلاندى. ئۇ ئالدىدا تۇرغان كىشىلەرگە دوستانىلىك بىلدۈرۈپ، ئوڭ قولىنى چىقرىپ ھەربىر كىشىنىڭ ئوڭ قولىنى سىقىپ، ھەممىسى بىلەن بىر قۇر كۆرۈشۈپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن ئىما ئىشارەت كالدىرلاشلار بىلەن «سۆلىشىش» باشلىنىپ كەتتى. بۇ يۇرتتىكىلەر ئالدى بىلەن ھىلىقى كالىغا ئوخشايدىغان غەلىتە «مەخلۇق»نىڭ نىمىلىكىنى سوراشتى. بۇ ئادەم قاقاھلاپ كۈلۈپ كېتىپ، غەلىتە «مەخلۇق»نىڭ يېنىغا كىشىلەرنى مەجبۇرى تارتىپ ئىلىپ كەلدى ۋە بىرنەرسىلەرنى دەپ كالدىرلاپ، غەلىتە «مەخلۇق»نىڭ باشلىرىغا ئۇرۇپ،  قوللىرىنى ئۇلاڭلىتىپ، ئۈستىگە چىقىپ، ئۇياق-بۇياققا ماڭدۇرۇپ بېقىپ ، بۇ نەرسىنىڭ جېنى يوق ئىكەنلىگىنى چۈشەندۈردى. يۇرت ئەھلى ئۇنىڭ گەپلىرىنى تولۇق بىلەلمىگەن بولسىمۇ بۇ «مەخلۇق»نىڭ ھېچقانداق خەتىرى يوقلىقىنى،  ئىگىسى ئۈستىگە چىققاندىلا «جان كىرىدىغانلىقىنى» ھېس قىلىشىتى. ئۇ كىشى يەنە بىلىكىگە تاقىۋالغان يۇمىلاق بىر نەرسىگە قاراپ قويغاندىن كىين چىنار تۈۋىگە قويۇپ قويغان قاپاقسىمان نەرسىنى ئېلىپ، ئىچىدىكى سۇيۇقلۇقنى تاۋاقسىمان بىر نەرسىگە قۇيدى-دە، ئالدى بىلەن ئۆزى ئازراق تېتىپ باققاندىن كېيىن، باشقىلارغا تەڭلىدى. باشتا ھېچكىم ئۇنىمىدى. كېيىن بۇ كىشى رەنجىگەندەك بولۇپ، سۇيۇقلۇقنى قايتا قايتا ماختىغاندىن كىينلا بىرنەچچە كىشى ھېلىقى سۇيۇقلۇقنى دەسلەپتە ئاستا پۇراپ باقتى. سۇيۇقلۇقتىن شېرىن، كىشىنى مەست-خۇش قىلدىغان بىر خىل پۇراق چىقىۋاتاتتى. بىرنەچچىسى تىلىنى تەككۈزۈپ تېتىپ بېقىۋىدى، تەمى سەل قاڭسىق ئەمما تاتلىق ۋە لەززەتلىك بىلىندى. بىر نەچچىسى ئاز-ئازدىن ئىچىپ باققاندىن كېيىن، روھى كۆتۈرۈلۈپ قالغاندەك، كاللىسىدىكى تەشۋىشلىك خىياللار تارقاپ كەتكەندەك، ئۆزلىرىنى يېنىكلەپ، ھاياجانلىنىپ قالغاندەك، قانلىرى قىزىۋاتقاندەك ھېس قىلىشتى.  ئەتىراپتىدىكىلەرگە بەس-بەستە ماختاپ بەردى ۋە يەنە ئىچىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ھېلىقى كىشى دەرھال غەلىتە مەخلۇقنىڭ يېنىغا بېرىپ بىر ساندۇققا قاچىلانغان ئچىملىكنى ئىلپ كەلدى ۋە ھەممىنڭ ئاغزىنى ئېچىپ بەردى. كىشىلەر ئۆيلىرىدىن ياغاچ تاۋاقلىرىنى، ساپال غېدىرلارنى ئېلپ چىقىپ ،قىپقىزىل سۇيۇقلۇقنى ئىچىپ تۈگىتىشتى. ھېلىقى ئادەم ھەرخىل شەرەتلەر ئارقىلىق ئەتە يەنىمۇ ياخشى نەرسىلەرنى ئىلىپ كىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ غەلىتە «مەخلۇق»قا مىنىپ، غۇڭۇلدىغىنىچە كېتپ قالدى. شۇ ئاخشىمى بۇ مۆرىۋەتلىك يۇرتتا ئاجايىپ-غارايىپ ۋەقەلەر يۈزبەردى.ھېلىقى سۇيۇقلۇقنى ئىچكەن كىشلەر ئۆزلىرىنى شۇ قەدەر ئەركىن، ھاۋادا ئۇچىۋاتقاندەك ھوزرۇلۇق ھېس قىلىشتىكى ئۇلارنىڭ موللاق ئاتقۇسى، ۋاقىرغۇسى، سەكرىگۈسى كىلەتتى. بەزىلىرىنىڭ قانلىرى قىزىپ كىملەر بىلەندۇر مۇشتلاشقۇسى كىلەتتى. بۇ يۇرتتىكى ھېلىقى سۇيۇقلۇقنى ئىچكەن ئەركەكلەر تۇنجى قىتىم باشقىلارنىڭ خوتۇنلىرىغا ئوغرىلىقچە كۆز تاشلاشتى ۋە باشقا ئاياللارنىڭ ئۆز ئاياللىرىدىن چىرايلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشتى. تۇنجى قىتىم ئۆزلىرىنڭ بايلىقىنى باشقىلار بىلەن سىلىشتۇرۇشتى. تۇنجى قىتىم ئۆز قەۋمىدىكىلەر بىلەن مۇشىتلاشتى. تۇنجى قېتىم ئەنئەنىۋى ئەخلاق رامكىلىرىنى بۇزۇپ رەسۋايى ئەزەم بولۇشتى ۋە ئەتىسى تۇنجى قېتىم ئورۇنلىرىدىن ئىنتايىن ۋاقچە تۇرۇشتى. ئەتىسى ئاش ۋاقتى بىلەن سالپايغان، باشلىرى ئاغرىپ تۇرغان ئەركەكلەر بىرلەپ، ئىككىلەپ  چىنار تۈۋىگە يىغىلىشتى ۋە بىر بىرىنىڭ چىرايىغا قارىيالماي، ئاخشام نىمە قىلىپ قويغانلىقىنى ئەسلەشتى. بىراق ھەممىسىلا ھېلىقى سۇيۇقلۇقنىڭ ئىنتايىن شېرىن ، ئادەمنى جەننەت  ھوزۇرىغا باشلىغۇچى سېھرى كۈچىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كېتىشتى ۋە گاللىرى قىچىشىپ يەنە ئىچىش ئىستىگىدە بولىۋاتقانلىغىنى ئىپادىلەشتى. تۈنۈگۈن كەچتىكى ھالەتلەرنى كۆرگەن مويسىپىتلار قانداقتۇر بىر خەۋىپنىڭ يۇرتقا باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقنى، ھېلىقى ئادەمنىڭ بۇ يۇرتقا ياخشىلىقتىن كۆرە يامانلىق ئېلىپ كېلىش مۆمكىنلىكنى ھېس قىلىشتى. ۋە ياشلارغا دەرھال نەسىھەت قىلىپ، بۇنڭدىن كىين ھېلىقى كىشى كەلسە ئۇنى قوغلېۋىتىشىنى ئىيتتى. بىراق بۇ چاغدا ئۇلار ئاللىقاچان كىچچىككەن ئىدى. بۇ يۇرتنىڭ ئوتتۇراياش، ياش ئەركەكلىرى ھېلىقى ئادەمگە شۈنچىلىك مەپتۇن  بولغان ئىدىكى، ئۇنى خۇددى بەخىت ئاتا قىلغۇچى «ئەۋلىيا» دەپ ئويلاشماقتا ئىدى. شۇڭا ئۇلار بۈگۈن قورساقالىرىغا بىر نەرسە يىيىشنىمۇ قايرىپ قويۇپ، چىنار تۈۋىگە يىغىلىپ بۇ «ئەۋلىيا»نى كۈتمەكتە ئىدى. ئوخشاش ۋاقىت، ئوخشاش ئاۋاز، ئوخشاش شەكىل بىلەن «ئەۋلىيا» چىنار تۈۋىگە كېلىپ توختىدى. يۇرت ئەھلى «دۇرددىدە» كىلىپ ئۇنى ئورىۋىلىشتى.ۋە ئۆزلىرىگە زادىلا ماس كەلمەيدىغان خوشامەتكويلۇق بىلەن ئۇنىڭدىن تىنىچلىق سوراشتى. ھاياتىدا زادىلا زاھىر بولۇپ باقمىغان تەمەخورلۇق بىلەن غەلىتە «مەخلۇق»نىڭ قورسىقىغا قاراپ بېقىشتى.  ئۇ يەنە نورغۇن نەرسىلەرنى ئىلىپ كەلگەن ئىدى. بۇ ئادەم ئالدى بىلەن تۆت چاسا كەلگەن، ئالدىدا نورغۇن كۇنۇپكىسى بار، بۇ يۇرت خەلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن يۇچۇن بولغان (ئەمىلىيەتتە باتارىيىلىك كومپىيۇتىر) بىر نەرسىنى ئالدى-دە، ئولتۇرۇپ كشىلەرنىڭ سۆزلىشىشىنى شەرەت قىلدى. توپلاشقان كىشىلەر بىر بىرىگە قارىشىپ، بۇ ئادەمدىن بەس بەس بىلەن ھەرخىل سۇئاللارنى سوراشتى. ئۇ ھېلىقى نەرسىننىڭ كۇنۇپكلىرىنى توختىماي بېسىپ،  تۆت چاسا نەرسىگە تىكىلىپ، ئىچىدە بىر نەرسىلەرنى پىچىرلاشقا باشلىدى. ئۇ خېلى ئۇزاق ھەپىلەشتى. ئىچىدە قايتا قايتا بىرنەرسىلەرنى ھەجلىدى. ئاندىن بىردىنلا بېشىنى كۆتۈرۈپ موشۇ خەلقنىڭ تىلىدا ناھايتى راۋان سۆزلەشكە باشلىدى. ئەتىراپتا تۇرغانلار ھاڭ تاڭ بولغاندىن ياقىلىرىنى چىشلىشىپ، كۆزلىرىنى كاماردەك ئېچىپ تۇرۇپ قېلىشىتى. شۇنىڭدىن كېيىن كەچ كىرگىچە سۆھبەت داۋاملاشتى. ئۇ ئادەم بۇيەردىن باشقا جايلاردىمۇ ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان ئادەملەرنىڭ ياشايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھاياتى، ياشاش شارائىتىنى بۇيەردىكىلەرنىڭ زادىلا تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغانلىقنى، ئۆزىنىڭ شۇ يەردىن كەلگەنلىكنى، قولىدىكى بۇ كۇنۇپكىسى بار نەرسىنىڭ «كومپىيۇتىېر»دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ تىلىنى موشۇ نەرسە ئارقىلىق تەرجىمە قىلىپ، ئېلىپبەسىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، سۆزلەشنى بىلىۋالغانلىقنى، ئارقىدىكى غەلىتە «مەخلۇق» نىڭ «ئاپتوموبىل» دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى، بېنزىننى يىقىلغۇ قىلىپ ماڭېىدىغانلىقنى، بېنزىننىڭ يەر ئاستىدىن چىقدىغانلىقىنى، ئاخشام ئىچكەن سۇيۇقلۇق ھاراق بولۇپ، ئادەمنى خوش كەيىپ قىلىدىغانلىقىنى، ئۇ قاچىلانغان نەرسىنىڭ «ئەينەك» دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى، چاقماقنى، تاماكىنى، كۆز ئەينەكنى، كىيىملەرنى، يەنە نورغۇن نورغۇن نەرسىلەرنى چۈشەندۈردى.بۇ يەردىكىلەر ئۈچۈن ئۇنىڭ ئېغىزىدىن چىقىۋاتقان ھەممىلا سۆز يېڭىلىق، يەنە كىلىپ تەسەۋۇر ۋە تەپەككۇردىن بەكلا يىراقتىكى يېڭىلىق، ئۇلار ئۈچۈن پۈتۈنلەي ناتونۇش ئىدى. شۇڭا ئۇلار بۇ كىشىنىڭ سۆزلىرىنى ئازراقمۇ چۈشەنمىدى. باشلىرى قاپاقتەك كولدىراپ، پەقەت بۇ كىشى نېمە دېسە باش لىڭشىتىپ ئۈندىمەي ئاڭلا ۋەردى. ئۇنىڭ دېگەن نورغۇن سۆزلىرى تەسەۋۇرغا سىغمىدى. لېكىن ئۇنىڭ سۆزلىرىگە، ئۇ دېگەن نەرسىلەرگە شۈنچىلىك قىزىقتىكى مۆمكىن بولسا شۇ نەرسىلەر بىلەن پاتراق ئۇچرىشىشىنى ئارزۇ قىلىشتى. شۇنداق قىلىپ كەڭ كىرگىنىنى تۇيماي قالغان بۇ كىشىلەر پۈتۈن بىر كۈننى ئۆزلىرىمۇ سەزمىگەن ھالدا ئاچ قورساق ئۆتكۈزىۋەتتى. ھېرىپ چارچىغان ھېلىقى «ئەۋلىيا»مۇ ئەتە كېلىدىغانلىقىنى ئىيتىپ، ئۇلارغا ئالغاچ كەلگەن يەنە نەچچە ساندۇق ھاراق، تاماكا قاتارلىق نەرسىلەرنى تاشلاپ قويۇپ كېتىپ قالدى. كەچتە بۇ يۇرت يەنە قىيامەت قايىم ئىچىدە قالدى...

ئەتىسى ھېلىقى «ئەۋلىيا» يەنە كەلدى ۋە چىنار ئاستىغا يىغىلغان چوڭ-كىچىك يۇرت ئەھلىگە نوتۇق سۆزلەپ ئۇلارنىڭ تۇغۇلغاندىن بۇيان قىلچە ئىنساندەك ياشىمىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئۇلارغا ئىنسانلارنىڭ قانداق ياشايدىغانلىقىنى ئۆگىتىدىغانلىقىنى، مەدەنىيەت تارقىتىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ مەۋھۇم ئۇقۇملارنى چۈشىنەلمەسلىگىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئېلىپ كېلىشكە بولىدىغان نەرسىلەرنى سىرىتتىن ئېلىپ كېلىدىغانلىقنى، ياساشقا بولىدىغان نەرسىلەرنى موشۇ يەردە ياسايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە مەكتەپ، تىل-يېزىق دىگەندەك گەپلەرنى قىلدى. ئۇ بۇ قېتىم كۆڭۈل ئىچىش بويۇملىرىدىن شاھمات، بىليارت، قەرت قاتارلىقلارنى ئالغاچ كەلگەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ «ئەۋلىيا» بۇ يۇرتنىڭ دائىملىق ۋە ئەتىۋارلىق مىھمېنى بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ ئەرلەرنى سەپەرۋەر قىلپ ئىپتىدائى ئۇسۇلدا ئۈزۈمدىن ھاراق ياساش، كەندىردىن تاماكا ياساش، سۇدىن توك چېقىرىش، كىيم –كىچەك تېكىش، ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىنى ياخشىلاش، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ياشلار-باللارغا تىل يېزىق ئۈگۈتۈش قاتارلىقلار بىلەن مەشغۇل بولدى. ھەركۈنى بۇ يۇرتنىڭ ھەممىلا كوچىلىرىدا ۋاراڭ-چۇرۇڭلار، غۇژمەكلىشىۋالغان كىشىلەر، نەچچە مىڭ قېتىملاپ ھاڭ-تاڭ قىلىشقان، ئۆز كۆزلىرىگە ئىشەنمەي قلىشقان ھالەتلەر كىشىنىڭ كۈلكىسىنى قىستايدىغان تاساددىبى ۋەقەلەر، كۈلكە-چاخچاق، سۈرەن–چۇقانلار، ۋارقىراشلار بولۇپ تۇردى. لىكىن بۇ ئەل خەلقنىڭ ھاياتى بەكلا ئىپتىدائىي، تەبئىي ھالەتتە بولغاچقا ھەربىر قەدەمنى بېسىشقا تەسۋىرلىگۈسىز ۋاقىت ۋە كۈچ كېتەتتى. غەلىتە يىرى بۇ ئەل خەلقى ھاراق، تاماكا، بىليارت، قەرت قاتارلىق ئويۇن تاماششا، كۆڭۈل ئېچىش، ئەخلاق رامكىسىغا يات نەرسىلەرگە شۈنچىلىك قىزىقتىيۇ، مەكتەپ، مەدەنىيەت، تەرەققىيات قاتارلىق ئۇقۇملار ۋە ھەركەتلەرگە قىلچە قىزىقمىدى. ئارىدىن قانچە كۈنلەر، ئايلار، يىللار ئۆتكەنلىكى نامەلۇم(چۈنكى بۇيەردە ۋاقىت ھېساپلانمايىتتى) ھېلىقى «ئەۋلىيا» بۇ «نادان » ئەلگە مەدەنىيەت تارقىتىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىگىنى ھېس قىلدىمۇ، ئەيتاۋۇر بىردىنلا بۇيەردىن ئۈن-تىنسىز كېتىپ قالدى ۋە ئىككىنچى ئاياق باسمىدى. ئەجەبلىنەرلىكى بۇ ئەل خەلقىمۇ ھېلىقى «ئەۋلىيا»نىڭ قاچانالاردا بۇيەردىن كەتكەنلىكىگە قىلچە دىققەت قىلمدى ۋە كارى بولمىدى. ھەتتا ئەزەلدىن بۇ يۇرتقا ئۇنداق ئادەم كېلىپ باقمىغاندەك ئۇنى پۈتۈنلەي ئەسلىرىدىن چىقىرىۋەتتى. چۈنكى بۇيەردىكى كىشلەر ئاللىقاچان «مەدەنىيەت»نىڭ نىمېلىگىنى چۈشىنىپ قالغان، «ئۆز يولىنى» تىپىۋالغان ئىدى. قورامىغا يەتكەن ئەرلەرنىڭ ھەممىسى كېچە –كۈندۈزلەپ چىنار ئاستىغا يول بويلىرىغا توختۇتۇلغان بىليارت تاختىلىرىغا چىۋىندەك ئولىشىۋېلىپ ، بىليارت ئوينايىتتى. غۇژمەك-غۇژمەك بولىشىۋىلىپ مال-دۇنيالىرىنى دوغا تىكپ ئوشۇق، قەرت بىلەن قىمار ئوينايىتتى. كېچىلەپ ھاراق ئىچەتتى. نەشە چېكەتتى. «مەدەنىيەتنىڭ ئالدىنقى سىپى»دە كېتىۋاتقان ئىشقىۋازخوتۇنلار بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلاتتى. ئۇلار بۇ ئىشلارغا شۈنچىلىك كىرىشىپ كەتكەن، مەپتۇن بولغان ئىدىكى، بۇرۇنقى «مەنىسىز» ئۆتكەن كۈنلىرى ئۈچۈن كىملەرنىدۇر قارغاپ، ئاچچىقلىناتتى. شۇ كۈنلەرنىڭ ئورنىنى تولدۇرېۋىلىش ئۈچۈن ئويۇن-تاماشىغا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلەتتى. بۇرۇنقى خۇشال-خورام، ئىناق-ئىتىپاق، غەرەزسىزئۆتكۈزۈلىدىغان مەشرەپلەر، ئوغلاق تارتىشىش، ئات بەيگېسى، چېلىشىش قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئويۇنلار ئاللىقاچان ئۇنتۇلغان، ھەتتا كىشىلەرنىڭ ئەستە ساقلاش تۇيغۇسىنىڭ ئەڭ بۇرجەكلىرىدىنمۇ كۆتۈرۈپ كەتكەن ئىدى. كۈنلەر، ئايلار، يىللار بىر بىرىنى قوغلىشىپ ئېقىن سۇدەك ئۆتمەكتە ئىدى. بۇ يۇرتنىڭ بۇرۇنقى ھالىتىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان بولۇپ، ئەل ئىچىنى ئىشرەتخورلۇق، بۇزۇقچىلىق، ھورۇنلۇق، كۆرەلمەسلىك، جېدەل-ماجرا، قاتىللىق قاتارلىق ئىللەتلەر قاپلىغان ئىدى. ھەركۈنى نەچچە ئونلىغان كىشى ئورۇنسىز جىدەل بىلەن پىچاق، قىلىچ، نەيزە زەربىسىدە ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلاتتى. بۇنى سورايدىغان، تەرتىپگە سالىدىغان ئادەم يوق ئىدى. كېسەلنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغان بۇ ئەلدە يېڭىدىن يېڭى كىسللەر پەيدا بولۇپ، قېرى-ياش دېمەي قوناق شېخىدەك قىرىلماقتا ئىدى.

تۇغۇلغان بالىلار ۋىجىك، ئورۇق، سۈپەتسىز ھەتتا بەزىلىرىنىڭ بىرقىسىم ئەزالىرى كەم بولۇپ، تەن قۇرۇلۇشى، چىرايىمۇ ئەجداتلىرىغا قىلچە ئوخشىمايىتتى. ئۇزۇن كۆرگەنلەر ئاران 60 يىل ياشىيالايىتتى.  ئەڭ موھىمى بۇ يۇرتتا قارا قانىتىنى سۆرەپ يۈرگەن ھورۇنلۇق ئالۋاستىسىنىڭ ھۇجۇمى ئارقىسىدا ئىشلەپچىقىرىش، تېرىلغۇ ئىشلىرى پۈتۈنلەي دېگۈدەل تاشلىنىپ ، ئېكىنزارلىقلار قۇرۇپ، قۇم ئەجدىھاسى ئاغزىنى يوغان ئېچىپ، قۇرۇشقا باشلىغان بوستانلىقلارنى تۆت تەرەپتىن قورشاپ كەلمەكتە ئىدى. يۇرتنىڭ كېلىماتىمۇ بۇزۇلغان بولۇپ، ھېلىدىن ھېلىغا بوران، قار-يامغۇر، مۆلدۈر ئۈزۈلمەيىتتى. ساپ ھاۋا، سۈزۈك ئېقىن، چاڭىداپ سايراپ تۇرىدىغان بۇلبۇللار پەقەت بىر چۈشكلا ئايلىنىپ قالغان ئىدى.

بۇ يۇرتتا ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ۋە ھېچقانداق ۋابا-كېسەل، خېيم –خەتەرگە ئۇچرىمىغان بىرلا كىشى مۆجىزىدەك ھايات قالغان ئىدى. ئۇ بولسىمۇ مويىسپىت يۇرت ئاقساقىلى بولۇپ، گەرچە قېرىپ نەچچە يۈز ، ھەييات نەچچە مىڭ ياشقا كىرگەنلىكىنى بىلىگىلى بولمايدىغان ھالغا يەتكەن، قاشلىرى ئۆسۈپ ئېڭەككىچە ساڭگىلىغان، ساقاللىرى يەرگىچە تىگىپ تۇرىدىغان بولسىمۇ، زېھنى، يەنىلا ئۆتكۈر، تەپەككۇرى جايىدا ئىدى. كۆزلىرى ئوتتەك يېنىپ تۇراتتى. ئۇ ئەيتاۋۇر بۇ يۇرتنىڭ ھالاكېتىنى، بۇ مۇقەددەس زېمىن بىلەن تەڭ ھالاك بولۇشنى كۈتىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇ تۇنجى قارارنى خاتا چىقارغانلىقىدىن يۇرت ئەھلىنى سىرىتتىن كەلگەن «ئەۋلىيا مىھمان»نى بۇ مۇقەددەس زېمىنغا يېقىن يولاتماسلىققا دەۋەت قىلمىغانلىقىدىن ئۆمۈر بويى پۇشايمان قىلىپ ئۆتتى. «ئاھ، پۇشايمان، تۈگىمەس پۇشايمان! ئادەم ئاتىنڭ جەننەتتە خاتالىشىپ بۇغداينى يەپ قويغانلىقىدىن باشلانغان پۇشايمان موشۇنداق ئەۋلادتىن ئەۋلاتقا داۋاملىشىپ ماڭارمۇ؟ موشۇنداق قىسمەتكە دۇچار بولۇش ئەسلى پىشانىمىزگە پۈتۈلگەن بولغىيمىتى» دەپ ئاھ ئۇرۇپ ئۆتكەن مويسىپىتنىڭ كۆز ياشلىرى نەچچە يىللاپ ئېقىپ قۇرۇپ كەتتى. ئۆز ئۆزىدىن ئېچىنىش، ئەيىبلەش تۇيغۇسىدىن بىر تېرە، بىر سۇڭەككە ئايلىنىپ قالدى. يۇرت ئەھلىنى، قېرىنداشلىرىنى مېڭىۋاتقان خاتا يولىدىن توسۇپ، تولا نەسىھەت قىلپ ھاردى. ئۇ ئاخىرى بىر ئىغىزمۇ زۇۋان سۈرمەس بولدى. ئۇ ھەممەئىشقا ئوتتەك چاقناپ تۇرىدىغان كۆزلىرى بىلەن، سوغۇق تىكىلىپ، ۋەزمىن تۈستە ئۈن –تۈنسىز ئولتۇراتتى. ئۇ ھەممىنى بىلىدىغاندەك، بۇكىشىلەرنىڭ تەقدىر ھارۋىسىنىڭ قاياققا بارىدىغانلىقنى، قايسى ئازگالغا تىقىلىپ قالىدىغانلىقىنى، ئالدىن بىلىدىغاندەك، ئاخىرقى نەتىجىگە ئاللىقچان تەييارلىنىپ قويغاندەك ئىدى. بۇيەردىكى كىشلەر بولسا يۇرتتا موشۇنداق بىر ئادەمنىڭ بولغانلىقىنى ئاللىقاچان ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدى.

يەنە قانچىلىك ئايلار، يىللار ئۆتكەنلىكى نامەلۇم، ئاخىر بۇ يۇرتتا ئىغىر ئاچارچىلىق ئاپېتى يۈزبېرىپ، يۇرت ئەھلىنىڭ يەيدىغان ھېچ نىمىسى قالمىدى. قۇم ئالۋاستىسى ئىتىزلىقلار، بوستانلىقلار، مەھەللىلەرنى ئاللىقاچان يۇتۇپ كەتكەن پەقەت چىنارنىڭ ئەتىراپىدىكى كىچىككىنە يەر ھاياتلىققا نىشان بولۇپ ساقلىنىپ قالغان ئىدى. قىرىلىدىغىنىنى قىرىلىپ، گويا ئاچ ئەرۋاھقا ، قۇرۇق ئىسكىلىتقا ئوخشاپ قالغان بىر قىسىم كىشىلەر ئەڭ ئاخىرقى ھاراق بوتۇلكىلىرىنى قۇچاقلاپ  چىنار ئەتىراپىدا سۇنايلىنىپ يېتىشاتتى. كۆكىرىپ تۇرغان يېگىلى بولىدىغانلىكى نەرسىلەرنى ئۆمىلەپ يۈرۈپ ئەكىلىپ ئۇلارغا ئازراق بولسىمۇ جان بېغىشلاۋاتقان بىر قسىم ئاياللارمۇ مانا ئەمدى ئاچلىق، زەئىپلىك تۈپەيلىدىن كوچا بويلىرىدا تۈگۈلۈپ يېتىپ قالغان ئىدى. بۇ بىچارە ئەرلەر ۋۇجۇدىدىكى ئاخىرىقى قۇۋەتلىرىنى ئۆمۈلەپ يۈرۈپ ھاراق ياساشقا بىغىشلىغان ھاياتىنى ھاراققا تېگىشكەن ئىدى. مانا ئەمدى ئۇلار پەقەت مۆلدۈرلەپ تۇرغان كۆزلىرىدىنلا ھايات ئىكەنلىگىنى ئىپادىلەپ، قۇرۇق بوتۇلكىنى قۇرۇق ئۇستىخانغا ئايلانغان قولىدا چىڭ سىقىمداپ، داق يەرگە لايدەك چاپلىشىپ ياتماقتا ئىدى. يەنە نەچچە كۈنلەر، ئايلارئۆتتى. چىنار ئەتىراپىدا ، قىسقا كوچىلارنىڭ ئۇدۇل كەلگەن يېرىدە ھەرخىل شەكىلدە ياتقان كىشلەرنىڭ تېنىدە بىردىنلا ئاجايىپ غەلىتە ھالەت روي بېرىشكە باشلىدى.  ئادەملەرنىڭ بەدىنىنى يەرگە تېگىپ تۇرغان قىسمىدىن ئاستا-ئاستا نوتىلار ئۈنۈپ، يۇقىرىغا قاراپ ئۆرلەشكە باشلىدى.  خۇددى بىرى ئەپسۇن ئوقۇپ قويغاندەكلا ھەممە ئادەمنىڭ بەدىنىدىن شاخلار ئۆسۈپ چىقىپ، سوڭەكلىرى دەرەخ غولىغا، قوللىرى شاخلارغا، قۇلاق–بۇرۇنلىرى يوپۇرماقلارغا ئايلىنىپ، ئادەم دەرەخلەر پەيدا بولۇشقا باشلىدى. شۇ ئارىدا تۇيۇقسىزلار بىرلا قۇيۇن پەيدا بولۇپ، قاتتىق بوران چىقىپ كەتتى. 7 كىچە كۈندۈزگەسوزۇلغان بۇ بوران شۈنچىلىك قاتتىق چىقتىكى خۇددى غايەت زور بىر مەخلۇق قايسىدۇر بىر ئشىتىن قاتتىق غەزەپكە كېلىپ، نەرە تارتىپ ئالەمنى مالەم قىلىۋاتقاندەك، زېمىننى كۆمتۈرىۋەتمەكچى بولىۋاتقاندەكلا ئىدى. 7-كۈنى بوران قانداق تۇيۇقسىز چىققان بولسا يەنە شۇنداق تۇيۇقسىز توختاپ قالدى. ئەمدى بۇيەردە نە مەھەللە، نە ھاياتلىقىنىڭ ئىزناسى قالمىغان پەقەت پايانسىز، چەكسىز، چەكسىز قوملۇقلار سوزۇلۇپ ياتاتتى. پەقەت قۇملۇقنىڭ ئوتىرسىدا بىر تۈپ قېرى چىنار دەرىخى، ئەتراپتا چوڭ –كىچىك ھەخىل شەكىلدىكى توغراقلار قۇملۇقنىڭ ئوتىرسىغا چاپلاپ قويغان رەسىمدەك جىمجىت تۇراتتى. ئادەمگە ئاجايىپ بىرخىل خىيالىي تۇيغۇ بىغىشلايدىغان ساپسېرىق قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ياپيىشىل دەرەخلەر كىشىنى تەكسىز ئويلارغا غەرق قىلاتتى. ھەركۈنى سەھەردە توغراقلارنىڭ ياپراقلىرىدا كۆز يېشىدەك تېزىلىپ كەتكەن شەبنەم دانچىلىرى قوياش نۇرىدا يالىلداپ چاقناپ كېتەتتى. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قۇملۇقتىن، توغراقلارنىڭ بويلىرىدىن تۆگىلىك، ئاپتوموبىللىق، ئايروپىلانلىق كارۋانلار ئۆتۈشتى. قۇملۇقنىڭ قاق ئوتتۇرسىدىمۇ ھاياتى كۈچىنى ساقلاپ تۇرغان توغراقلارغا ھەيران بولۇپ ، بۇيەردە ئارام ئېلىشىتى. چېدىر تىكىشىتى. لىكىن كەچ كىرىشى بىلەنلا مەيىن شامالدا شىلدىرلاۋاتقان، ئىغاڭلاۋاتقان توغراق شاخلىرىدىن خۇددى بىر كىملەرنىڭ ئىڭراۋاتقاندەك، ئوھ تارتىۋاتقاندەك، ئۆكسۈۋاتقاندەك، قىيا-چىيا قىلىپ يىغلاۋاتقاندەك غەلىتە، قورقۇنچلۇق ئاۋازلار چىقاتتى. ھەتتا بۇ ئاۋازلار قۇملۇقنىڭ نېرىقى قىرغاقلىرىغىچە ئەكىس سادا پەيدا قىلاتتى. بۇ ئاۋازلاردىن ساراسىمگە چۈشكەن، بۇ ئىشنىڭ سىرىنى يىشەلمىگەن كارۋانلار كۈدە-كۆرپىلرىنى يىغىشتۇرۇپ، بۇيەردىن بەدەر كېتىپ قالاتتى.



مەنبە: «تۇرپان» ژۇرنىلى، 2001-يىللىق 2-سان، 56-بەت




ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-4-27 12:09:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزگىچە بەدىئىي قۇرۇلما  ، ئۆزگىچە تەپەككۈر ئارقىلىق ھايات ، تەبىئەت ، ئەجداد ، ئەۋلاد ھەققىدە بىزنى ئويغا سالىدىغان چوڭقۇر ئىجتىمائىي تېما يورۇتۇپ بېرىلگەن ، تەربىيىۋى قىممىتى يۇقۇرى بولغان ئېسىل ھېكايە .   بۇ ھېكايىنىڭ « خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى » دىن ئىبارەت ئەڭ ئالىي شەرەپكە نائىل بولغانلىقى بىزنى سۆيۈندۈرىدۇ .  ئۆمەرجان سىدىقنىڭ  تېنىگە سالامەتلىك ، تۇرمۇشىغا بەخت ، ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ زور يۈكسىلىش تىلەيمەن !

ۋاقتى: 2012-4-27 12:09:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزگىچە بەدىئىي قۇرۇلما  ، ئۆزگىچە تەپەككۈر ئارقىلىق ھايات ، تەبىئەت ، ئەجداد ، ئەۋلاد ھەققىدە بىزنى ئويغا سالىدىغان چوڭقۇر ئىجتىمائىي تېما يورۇتۇپ بېرىلگەن ، تەربىيىۋى قىممىتى يۇقۇرى بولغان ئېسىل ھېكايە .   بۇ ھېكايىنىڭ « خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى » دىن ئىبارەت ئەڭ ئالىي شەرەپكە نائىل بولغانلىقى بىزنى سۆيۈندۈرىدۇ .  ئۆمەرجان سىدىقنىڭ  تېنىگە سالامەتلىك ، تۇرمۇشىغا بەخت ، ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ زور يۈكسىلىش تىلەيمەن !

ۋاقتى: 2012-4-27 12:24:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2013-6-20 19:33:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزگىچە  ئالاھىدىلىككە ئىگە  ئېسىل  ئەسەر ئىكەن    

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش