ئېغىزىمدا سۆزلەۋاتقان كىم؟
جالالىدىن رۇمى
مەقسۇت ئەمىن ئەركيار تەرجىمىسى
خىيال سۈردۈم كېچەيۇ كۈندۈز،
نەدىن كەلدىم،نېمىگە كەلدىم؟
باشلىنىشىم يوق .
روھىم ئۇنىڭ يېنىدىن كەلگەن گۇمان يوق،
شۇنداق ئىكەن مەنمۇ ئاخىرى-
كەلگەن جايغا كېتىمەن قۇرۇق.
مەستلىكىم مەلۇم مەيخانىدا باشلانغان،
شۇ يەرگە قايتىپ
تەلتۆكۈس ئويغىنۇرمەن.
باشقا قۇرۇقلۇقتىن ئۇچۇپ كەلگەن قۇشمەن
قەپەسىدە مۈكچىيىپ تۇرغان،
ھامان بىركۈنى،قانات كېرىپ ئۇچۇرمەن؛ئەمما،
ھازىر مېنىڭ قۇلىقىمدا ئاڭلاپ
ئېغىزىمدا سۆزلەۋاتقىنى
كىم؟
كۆزۈم بىلەن كۆرۈۋاتقان كىم؟ئۇ روھ كىم؟
سۇئاللىرىمنى توختىتالمىدىم.
زەررە جاۋابقا مۇيەسسەر بولسام
بۇ مەستلىك قەپەسىدىن قۇتۇلار ئىدىم.
ئۆزۈمچە قايتالمايمەن،ئۇنداق قىلالمايمەن.
كىم باشلاپ كەلگەن بولسا شۇ مېنى ئۆيگە ئېلىپ كەتسۇن.
نېمە دېمەكچى بولغانلىقىمنى بىلمەيمەن،
ئويلىنىپ يۈرمىدىم.
قەلەم توختىغاندىن كېيىن،
پىنھان، ئېغىر سۈكۈتلەرگە چۈمۈلدۈم!
رۇمىنىڭ"باھاردا مېۋىلىك باغقا كىرىش"ناملىق كىتابىدىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا م.ئەمىن ئەركيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-22 02:03