بۆرە
(ھېكايە)
لىف. تولىستۇي(رۇسىيە)
ئىلگىرى بىر ئوغۇل بالا بار ئىكەن،ئۇ چۈجە گۆشىگە قەۋەتلا ئامراق ئىكەن، بىراق ئۇ بۆرىدىن بەكلا قورقىدىكەن. بىر كۈنى بۇ بالا ئۇخلاپ چۈشىدە كۆرۈپتۇ، چۈشىدە ئۇ بىر ئورمانلىقتا گۇمبەمەدەك يىغىپ يۈرگۈدەك، توساتتىن بىر بۆرە ئورمانلىق ئىچىدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ ئۇنىڭغا ئىتىلىپتۇدەك. ئوغۇل بالا قۇرقۇپ ، ۋايجان، ۋايجان، بۆرە مېنى يەۋىتىدىغان بولدى دېگۈدەك. بۆرە ئۇنىڭغا ئادەمدەك گەپ قىلىپ دېگۈدەك:
--- توختا، مەن سېنى يىمەيمەن، مەن سىنىڭ بىلەن پاراڭلاشماقچى، سەن مېنىڭ سىنى يەپ كېتىشىمدىن ئەنسىرەيسەن، بىراق ئۆزۈڭ نىمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟ سەن چۈجە گۆشىگە ئامراقمۇ؟
--ئامراق
--ئۇنداقتا، سەن نېمىشقا چۈجە گۆشىنى يەيسەن، بىلىشىڭ كىرەككى، ئەشۇ چۈجىلەرمۇ ساڭا ئوخشاشلا شوخ ۋە كەپسىز،بىرەر كۈنى سەھەردە بىرىپ قاراپ باققىن، ئاشپەزلە رقانداق قىلىپ ئۇلارنى ئاشخانىغا ئىلىپ كىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بېشىنى قانداق ئۈزۈپ تاشلايدىغانلىقىنى، ھەم مىكيانلارنىڭ قانداق قاقاقلاپ كىتىدىغانلىقنى كۆرەلەيسەن،چۈنكى ئۇلارنىڭ چۆجىلىرى تۇتۇپ كېتىلگەن. سەن شۇنداق مەنزىرىنى كۆرۈپ باققانمۇ؟
-كۆرۈپ باقمىغان دەپ جاۋاپ بەرگۈدەكمىش بالا.
--كۆرۈپ باقمىغان بولساڭ، ئۇنداقتا بېرىپ كۆرۈپ باققىن، بىراق ھازىر سېنى يەۋىتىشىم كىرەك، سەنمۇ بىر چۈجە، مەن ھازىر سېنى يەيمەن.
بۆرە بالىغا ئېتىلغانمىش، بالا قۇرۇققىنىدىن ۋاقىراپتۇ: ۋايجان، ۋايجان.
بالا توۋلىغىنچە ئۇيقۇسىدىن ئويغۇنۇپ كېتىپتۇ.
شۇنىڭدىن كىيىن بۇ ئۇغۇل بالا قايتا گۆش يىمەيدىغان، كالا گۆشى، موزاي گۆشى، قوي گۆشى ھەم توخۇ گۆشىمۇ يېمەيدىغان بوپتۇ.
ئاپتۇرنىڭ <<ھاجى مۇرات >> ناملىق ھىكايىلەر توپلىمىدىن تەرجىمە قىلىندى
|