يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 685|ئىنكاس: 10

تېيىپجان ئېليىوپ چاقچاقلىرىدىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-12-19 22:56:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
                                                         تېيىپجان ئېليىوپ چاقچاقلىرىدىن


                                                                كادىر تاللىيالمىغان بىلەن


    تېيىجچان ئېليوپ كىسەلخانىدا يېتىپ داۋالىنىۋاتقاندا، ئىككى دوستى ئۇنى يوقلاپ كەلدى،ئىشىكتە تۇرغان گۈزەتچى ئۇلارنى تەستە ئىشىكتىن كىرگۈزدى.
    -تېيىججان ئاكا،ئىشىك باقىدىغان ئادىمىڭىز بەك چىڭ نىمىكەن جۇمۇڭ!-دىدى،ئاغىينىسىدىن بىرسى تېيىپجانغا چاقچاق قىلىپ.
    -ئۇنى بىر دىمەڭ،-دىدى تېيىپجانمۇ بېشىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ،-ھازىرقى باشلقلاركادىرنى ياخشى تاللىيالمىغان بىلەن،ئىشىك باقىدىغاننى ياخشى تاللايدۇ.
                      شىئېر يازغاندا
   بىر ھەۋەسكار تېيىپجاندىن سوردى؛-تېيىپجان ئاكا،سىز شىئېر يازغاندا بىرەر-ئىككى رۇمكا ئىچەمسىز؟
    تېيىپجان چاقچاق بىلەن جاۋاپ بەردى.
    -يازالمىغاندا، ئىچىم پۇشۇپ ئىچىمەن.  
                     
                                            قەنت


    ئوقۇتقۇچى؛ھەممەيلەن بىردىن جۈملە تۈزۈڭلار،جۈملىنىڭ ئىچىدە چوقۇم  قەنت دىگەن سۆز بولسۇن.
     ئوقۇغۇچى؛دادام چاي ئىچىۋاتىدۇ.
     ئوقۇقۇچى؛بۇ جۈملىدە قەنت دىگەن سۆز يوققۇ؟
     ئوقۇغۇچى؛چاينىڭ ئىچىدە بار.

                                  ساياھەت


   ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا تەتىل مەزگىلىدە بىر پارچىدىن ساياھەت خارىسى يېزىپ كىلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ.ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن خەۋەرنىڭ راسلىقىغا بەكمۇ سادىق بىر ئوقۇغۇچى ماقالە قەغىزىگە مۇنداق دەپلا يېزىپ قويوپتۇ؛‹دادام ماڭا
ساياھەت قىلىش ئۈچۈن پۇل بەرمىگەن ئىدى،شۇڭا مەن ساياھەت قىلالمىدىم›

                        چۈش ۋە كۆزەينەك


    ئا؛ بالام،كۆزەينىكىمنى تىز ئەكىلىپ بەرگىن.
    ب؛ بۇ يېرىم كىچىدە كۆزەينەكنى نىمە قىلىسىز؟
    ئا؛ مەن بەك پەيزى چۈش كۆەرگەنتىم،بىراق بەزى جايلىرى كۆزۈمگە سەل
تۇتۇقتەك كۆرۈنۈۋاتىدۇ،كۆزەينەك تاقاپ چۈشۈمنى قايتا ئوبدانراق بىر كۆرۈۋالاي.
                     يېرىمىنى كىسىۋەتتى
    تېيىپجان ئېلىيوپ كىسەلخانىدا داۋالىنىۋاتقاندا بۇرادەرلىرىدىن بىرى يوقلاپ كىرىپ گەپ ئارىسىدا ئىشارىلىق چاقچاق قىلدى؛
    -ئادىشۇي،ئۆپكىڭىزنى كىسىۋىتىپتۇ دەپ ئاڭلايمەنغۇ!
    - شۇنى دىمەمسىز،-دىدى تېيىپجان كۈلۈپ تۇرۇپ،-دوختۇر ئۆپكەڭ بەك يوغانكەن دە يېرىمىنى كىسىپ تاشلىۋەتتى.

                                            پەرق


     ئوقۇتقۇچى؛ سەن دەپ باقە،ئىسسىق بىلەن سوغوقنىڭ قانداق پەرقى بار؟
     ئوقوغۇچى؛ ھاۋا ئىسسىق بولسا جىسىملار ئۇزراپ كېڭىيدۇ،ھاۋا سوغوق بولسا
جىسىملار قىسقىراپ تارىيدۇ.
     ئوقوتقۇچى؛ قېنى مىسال ئېلىپ سۆزلەپ باق!
     يازدا ھاۋا ئىسسىق بولغاچقا كۈندۈز ئۇزۇن بولىدۇ،قىشتا ھاۋا سوغوق بولغاچقا
كۈندۈز قىسقا بولىدۇ.

                                 پۇتى قىسقا


   بالىسى؛دادا توخۇنىڭ پۇتى نىمە ئۈچۈن بۇنداق قىسقا بولىدۇ؟
   دادىسى؛ ھەي دۆت،ئەگەر توىۇنىڭ پۇتى ئۇزۇن بولسا،تۇخۇم تۇققاندا تۇخۇم
چېقىلىپ كەتمەمدۇ.


                          نىمە كىرەك


   بالىسى؛ ئاپا تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە نىمە سوۋغا قىلسام بولار؟
   ئانىسى؛ گەپ ئاڭلايدىغان بىر بالا بولسا بولىدۇ.
   بالىس؛ نىمە؟ ئۇ ۋاقىتتا ئىككى بالا بولوپ كەتمەمدۇق.


                        كىسەل كۆرسىتىش


          دوختۇر؛ نىمە بولدىڭىز؟
         كىسەل؛ كۆڭلۈم بەك بىئارام بولوپ كىتىۋاتىدۇ.
         دوختۇر؛ قاچاندىن باشلاپئ
          كىسەل؛ سىزنى كۆرگەندىن باشلاپ.


            مەنبە:مىسرانىم تورى.
   
   
               


                     
  











بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قۇرۇلچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-19 23:01  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-12-20 09:59:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ۋاقتى: 2013-12-20 11:35:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزىق چاخچاقلاركەن، مەرھۇم شائىېر تىيىپجان ئىلىيۇپنى ئەسلەپ بۇ چاخچاقلارنى يوللىغان قۇرۇلچىغا رەھمەتلەر بولغاي، شائېرغىمۇ ئاللاھ رەھمەتلەر ياغدۇرغاي!

ۋاقتى: 2013-12-20 23:10:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈلكە جاننىڭ ئۇزۇقى!

ۋاقتى: 2013-12-21 13:39:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك قىزىقارلىق چاخچاقلاركەن
مەرھۇم شائىرىمىز ماھىر قىززىقچىكەن ھە

ۋاقتى: 2013-12-21 19:31:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىرناق ئارىسىدىن كىر ئىزدىمەڭ
ئابلىپىز ئىدىرىس
بىر كۈنى دەرس ۋاقتىدا سىياسەت دەرىسى بىردىغان ياشانغان ئوقۇتقۇچى، مەن ئالدىنقى كۈنى دەرىستىن چۈشۈشتىن بۇرۇن سىلەرگە شەخسىي تازلىققا ئەھمىيەت بېرىش توغرىسىدا سۆزلىگەن ئىدىم، ھەم كېلەركى سائەتلىك دەرىستە شەخسىي تازلىق تەكشۈردىغانلىقىمنى، ئالدى بىلەن قولدىن باشلايدىغانلىقىمنى، تىرنىقىڭلارنى پاكىزە ئېلىپ كېلىشىڭلارنى ئېيتقان ئىدىم دىسە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئالاقىزادە بولۇپ كېتىپ تىرنىقىنى ئالمىغانلار بىر-بىرىدىن تىرناق ئالغۇچ سوراپ ئىزدىشىپ، تاپالمىغانلار قەلەمتىراچتا ئالىدىكەندە، ھېلىقى ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولىنى ئۈستەل ئۈستىگە قويدۇرۇپ بىردىن- بىردىن تەكشۈرۈپ كېلىۋاتسا بىر ئوقۇغۇچى تىرنىقىنى ئېلىش جەريانىدا ئالدىراپ كېتىپ قولىنىڭ ئۇچچىنى كېسىۋالدىكەندە، ئوقۇتقۇچى تەكشۈرۈپ كېلىپ شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ يېنىغا كېلىدىكەندە:-
-قولۇڭنى ئۈستەل ئۈستىگە ئال دىسە، ئوقۇغۇچى كېسىۋالغان بىر بارمىقىنى ئالقىنىنىڭ ئارسىغا يۇشۇرۋېلىپ قولىنى يېقىن جۈپلەپ قويۇپتۇدە. ئوقۇتقۇچى قاراپ تۇرۋېتىپ:-
-تىرناقلىرىڭ ئارسىدا ئازراق كىر بارىكەن، تىرنىقىڭنى ئېلىپ ئوبدان تازىلا دىسە، ئوقۇغۇچى قولىنى كىسىۋالغان ئاغرىقنىڭ دەستىدىن ئورنىدىن تۇرۇپلا:-
-تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدىمىسىلە مۇئەللىم دىگۈدەك.   

ۋاقتى: 2013-12-21 20:54:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈش ۋە كۆزەينەك دېگەم «چاقچاق»نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى نامى ئاستىدا ئېلان قىلىنغانىدىغۇ؟

ۋاقتى: 2013-12-22 16:04:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر كۈنى قەشقەردە شىنخۇا كىتابخانىسىدىن چىقىپ ھېلىقى چوڭ ھەيكەلنىڭ ئالدىغا كېلىپ ،بىر ئىككى چاقىلىق كىرا موتۇسىكىلىتىنى توستۇم.«يېڭى بازار قانچە پۇل »دەپ سورىسام «ئىككى يۇئەن»دېدى ،مەن «بىر يۇئەن بېرەي»دېدىم.ئوتتۇرا ياشلىق موتۇسىكىلىتچى خاپا بولغان قىياپەتتە«ئولتۇرۇڭ ،بىكارغا ئاپىرىپ قوياي»دېۋىدى دېگۈدەك گەپ تاپالماي جىممىدە ئۇ كىشىنىڭ موتۇسىكىلىتىدا ئولتۇرۇپ ،يېڭى بازارغا بېرىپ ئىككى يۇئەن بېرىپ يولۇمغا ماڭدىم.شۇ چاغدا بەزى مۇنبەرلەردىكى «قەشقەرلىكنىڭ سېسسىق گەپلىرى»ئېسىمگە كېلىپ كۈلگىم كېلىپلا تۇردى.

ۋاقتى: 2013-12-22 16:57:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ن.ھاشىم يوللىغان ۋاقتى  2013-12-22 16:04
بىر كۈنى قەشقەردە شىنخۇا كىتابخانىسىدىن چىقىپ ھېلىقى  ...

ما گېپىڭىزدىن مىنىڭمۇ دىۋالغۇم كەلدى.
مەكتەپكە يېڭى كېلىپ،يېڭى بازارغا كىرىپ كىيىم سېتىۋالماق بۇلۇپ ،سودىگەر ئاكاشتىن «ئاكا،ما كىيىمنى قانداق ساتقانلا ؟» دەپ سورىسام.ئولتۇرۇپ ساتتىم دېمەسمۇ.ئۇنداق سورىغىنىمغا تويۇپ ئاستا چىقىپ كەتتىم دۇكاندىن.
يەنە بىر قېتىم رەخت بازىرىدا ما رەختنىقانداق ساتتىلا دەپ سوراپتىمەن،ئۇمۇ رەختنى مېتىرلاپ ساتتىم دېمەسمۇ.
ئىشقىلىپ بەزى گەپلىرى ئالامەت.لىكىن ھازىر كۈنۈپ قالدۇق.

ۋاقتى: 2013-12-22 17:41:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزىقارلىق يۇمۇرلاركەن .تېما ئىگىسىنىڭ كۈلكە ئاتا قىلغىنىغا رەخمەت. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پەرىدە توختاخۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-22 17:42  


ۋاقتى: 2014-1-30 18:52:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېيىپجان ئېليىوپ چاقچاقلىرىدىن تاللانمىلارنى مىسرانىم تورىغا مەن يوللىغان ئىدىم،ئۆزلىرى بۇ تورغا يوللاپلا،شۇنداق توردىن تورغا يۆتكەپ يوللاۋەرسە بولامدىغاندۇ،سوراپ باقاي دىگەن ئىدىم.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش