ئەدەبىي ئىجادىيەتكەيېڭى كىرىشكەن ھەۋەسكار چاغلىرىمدا ئۆزۈم ياقتۇرغان بىر تۈركۈم شېئىرلارنى خاتىرەمگە كۆچۈرىۋېلىپ ساقلاپ، ئۆرنەك قىلغان ئىكەنمەن. بۇنىڭدىن كەڭ تورداش دوستلارنى بەھرلەندۈرۈش ئۈچۈن، مۇنبەرگە يوللاپ قويۇشنى لايىق كۆردۈم.
كۈندۈزى ئۇ مەغرۇر، لېكىن كېچىسى...
ئابلەت ئابدۇللا
ئىنسان دېگەن سىرلىق مۆجىزات،
ئىنسان يېشەلمەس ئىنسان سىرىنى.
بىر گۈزەلنى كۆرەتتىم ئۇزاق،
ئۇنى تۇنجى كۆرگەندىن بېرى.
ئۇ يېنىمدىن ئۆتەتتى مەغرۇر،
كۆرۈنۈشى بىپەرۋا، بىغەم.
لېكىن شائىر تەپەككۇرىدا،
ئايان ئىدى كۆڭلىدىكى غەم.
كۈندۈزى ئۇ مەغرۇر،
لېكىن كېچىسى،
يالغۇزلۇق ئۇنى قىلىدۇ قامال.
ياستۇق بويلاپ ئاقار كۆز يېشى،
تۈگىمەيدۇ ئۈمىد ۋە خىيال.
يىللار ئۆتتى، كۈندە ئۇشبۇ ھال،
تۈن يالغۇزلۇقنى قىلىدۇ قامال.
گۈلباھار
ئابلەت ئابدۇللا
گۈلباھارنى كۆردۈم،
ئارامىم
كەتتى، خىيال تۇتتى كوچىغا.
گۈزەل ئىدى ئاشۇ ياز چېغى،
ئاق ئۆستەڭدە ئالما شېخىدا.
گۈلباھاردەك گۈزەل باغ ئىدى،
باغنى كۆردۈم ــ باھارنى كۆردۈم.
ئۇ ئۆستۈرگەن يېڭى سورتلاردىن،
يېڭى ھايات زوقىنى سۈردۈم.
سۆھبەتلەشتۇق ئالما تۈۋىدە،
گۈزەل ئىدى خىيالى ــ ئويى.
ئۆتتى كۈنلەر...
لېكىن، نېمىشقا،
ئۇنتالمايدۇ يۈرىكىم ئۇنى.
ئۇنى سۆيدۈم، لېكىن ئىشەنچسىز،
ھەم يوشۇرۇن دەردلىك يۈرەكتە.
ئۇنى سۆيدۈم پاك ۋە غۇبارسىز،
شېرىن ئۈمىد ــ يېڭى تىلەكتە.
مەن يىراققا كەتتىم، گۈلباھار
كۆچىتىگە ئۇلاق ئۇلاپتۇ.
بۈگۈن كۆرسەم پىشانىسىدە،
پاك ئانىلىق نۇرى تاراپتۇ.
ئاھ ! گۈلباھار، بېغىڭغا ئەمدى
كىرەلمەيمەن، كۆرمەيمەن سېنى.
ئۆتمۈشىمدىن، خىياللىرىمدىن،
غەمكىن بولۇپ ئەسلەيمەن سېنى...
كۆرۈنمىگىن كۆزۈمگە زىنھار،
قوزغىمىغىن يۈرەك دەردىمنى.
چەكمەڭلار جۇۋاننىڭ دەرىزىسىنى
ئابلەت ئابدۇللا
چەكمەڭلار جۇۋاننىڭ دەرىزىسىنى،
خىيالىنى بۇزماڭلار ئۇنىڭ.
ھەي يىگىتلەر، ھەي ـ ھەي يىگىتلەر،
ئارىسىدا ئۇ ئىككى ئوتنىڭ.
ئارىسىدا ئۇ ئىككى ئوتنىڭ،
تەقدىر ئۇنى شۇنداق يەكلىدى.
ئۇ يىغلايدۇ كىمگە يېلىنىپ،
شۇنداق گۈزەل، لېۋەن قىز ئىدى.
گۈزەل ئىدى، ھەم مەغرۇر ئىدى،
ھايات، ئالەم كۆرۈنگەن گۈزەل.
قېنى ئۇ چاغ ؟ ...
شېرىن نەپەسنى،
ئېلىپ كەتتى ئەجەل بىمەھەل.
خىيالىدا ئۆتمۈش ئەلەڭگە،
بوسۇغىدا ساماۋىي قامەت.
تۈنلەر ئۇزۇن ...
ياندا بالىسى...
بىغەم ئۇخلار پۇشۇلداپ پەقەت.
مەنبە: «تارىم» 1986-يىللىق 7-سان
|